رامازاندىكى قەلبىڭىز

قۇلاق ۋە كۆزنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا مەسئۇلىيىتى بولغىنىدەك، قەلبنىڭمۇ ھەم مەسئۇلىيىتى باردۇر. بىزلەر پات ئارىدا قۇلىقىمىز ئاڭلىغان، كۆزىمىز كۆرگەن نەرسىلەردىن سورالغاندەكلا، دىلىمىزدا ئورۇنلاشقان ۋە قەلبىمىزدە قارار بەرگەن نەرسىلەردىنمۇ سورىلىمىز. ﴿(ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال – سوراق قىلىنىدۇ﴾(ئىسرا: 36). يەنى شۇ ئەزالاردىن ۋە شۇ ئەزالارنىڭ قىلمىشلىرىدىن سوراققا تارتىلىمىز. قەلبنىڭ باشقا ئەزالارغا قارىغاندا ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى باردۇر. چۈنكى، قەلب رەسۇلۇللاھ ئېيتقاندەك: «ئۇ تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدىغان، ئۇ بۇزۇلسا، پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدىغان بىر چىشلەم گۆشتۇر»(1).

رامازان ئېيىدا پۈتۈن بەدەن ئەزالىرى قاتارىدا قەلبنىڭمۇ ئالاھىدە ئىبادىتى باردۇر. قەلب بەدەن ئەزالىرىنىڭ رەھبىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىبادەتلەرنىڭ باشلامچىسى بولغان ئىخلاس بىلەن خاس قىلىنغاندۇر. ئىبادەتلەر ئىچىدە ئىخلاسقا — بەندە بىلەن رەببىنىڭ ئارىسىدىكى ئىبادەت بولغان — روزىدىنمۇ يېقىنراق ئىبادەت بولمىسا كېرەك، روزىنىڭ ئىخلاسسىز بىر ئىتائەت بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بەلكى بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالادىن رىۋايەت قىلغان سۆزىنىڭ مەنىسى بولۇشى مۇمكىن: «ئادەم ئەۋلادىنىڭ روزىدىن باشقا قىلغان پۈتۈن ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈندۇر، روزا ئۇنىڭ سىرتىدا، روزا پەقەت مەن ئۈچۈن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەجرىنى مەن بېرىمەن»(2). ئىمام قۇرتۇبىي(3) مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە پۈتۈن ئىبادەتلەر ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قىلىنىدىغان بولسىمۇ، روزىنى باشقا ئىبادەتلەردىن پەرقلىق قىلغان ئىككى سەۋەب تۈپەيلى ھەقتائالا روزىنى ئۆزىگە خاس قىلدى:

1. روزا باشقا ئىبادەتلەردە چەكلەنمەيدىغان نەپسانىي ئارزۇ ۋە شەھۋەتلىرىنى چەكلەپ قويىدۇ؛

2. روزا ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىمگە ئاشكارا بولمايدىغان بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىردۇر. روزىدىن باشقا ئىبادەتلەر ئاشكارا بولغانلىقى، بەزى ۋاقىتتا ياسالمىلىق ياكى رىيا بىلەن قىلىنىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، روزا ئاللاھقا خاس قىلىندى. شۇڭلاشقا روزا باشقا ئىبادەتلەرگە قارىغاندا ئەڭ خاس ئىبادەتكە ئايلاندى»(4).

كىشى رامازان ئېيىدا قەلبىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى ۋە رامازاندىن ئىلگىرىكى ئەھۋالىغا قىياس قىلىپ بېقىشى كېرەك. شۇندىلا ئۇ قەلبىنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىز نۇقتىلىرىنى تونۇيالايدۇ ھەمدە بۇ قىياس بىلەن رامازان ئېيىدا ۋە قالغان 11 ئايدا ئاللاھقا بولغان قۇللۇقى بىردەكمۇ – ئەمەسمۇ، رەببىگە بولغان مۇئامىلىسى رامازاندا ئالاھىدە ئۇلۇغلاش قوشۇلۇپ، يىلنىڭ باشقا ئايلىرىدا سەل قاراش بارمۇ – يوقمۇ بىلىپ يېتەلەيدۇ.

ئەسلىدە ئاللاھقا بولغان قۇللۇقىمىز ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۈستۈن بىلىش ئاساسىدا بولۇشى، بۇ خىل ئۇلۇغلاش رامازاندا ۋە رامازاندىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئوخشاش بولۇشى كېرەك. دەرھەقىقەت، روزا ئاللاھ تائالاغا قارشى كېلىشتىن قورقۇش، شۇنداقلا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەر يەردە ئۇ زاتتىن ھايا قىلىش ئۈستىگە تۇرغۇزۇلغان بىر ئىبادەت بولغانلىقى ئۈچۈن، رامازاندا بۇ خىل ئۇلۇغلاشنى قەلبلىرىمىزدە ئاشۇرۇشقا قادىر بولالايمىز. ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاشنىڭ يولى ئۇ زاتنىڭ ۋە پەيغەمبىرىنىڭ ھەربىر سۆزىنى ۋە شۇ سۆزلەردىكى بۇيرۇق – چەكلىمىلىرىنى ئۇلۇغلاش بىلەن بولىدۇ.

قۇرئان ۋە سۈننەتنى تەپەككۇر قىلىپ ئويلىنىش ۋە ئۇ ئىككىسىگە ئەمەل قىلىش، شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنى، يارىتىشىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، ياراتقان نەرسىلەرنىڭ ئىنچىكىلىكىنى ئويلاش ئۇلۇغلاشنى ئاتا قىلىدۇ. كىمكى ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ ۋە ئۆرنەك – تەقلىدسىز يارىتىشنىڭ كارامەتلىرىنى قەلبىگە ئورۇنلاشتۇرغان ۋاقتىدا، مەزكۇر قەلب بىلەن ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەنىڭ ئۇلۇغلاشنى، ئىماننى ۋە ئىتائەتنى ۋاجىپ قىلىدىغان بۈيۈكلۈكىنى كۆرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ﴿نېمە ئۈچۈن سىلەر ئاللاھنىڭ بۈيۈكلىكىدىن قورقمايسىلەر؟﴾(نۇھ: 13) دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى بولسا: «يەنى نېمە ئۈچۈن ئاللاھنى ھەقىقىي ئۇلۇغلاشتا ئۇلۇغلىمايسىلەر؟»(5) دەيدۇ. ئۇلۇغلاشنىڭ ھەقىقىتى قەلب بىلەن ئۇلۇغلاشتۇر. قەلب بىلەن ئۇلۇغلاشنىڭ ھەقىقىتى ئەزالار بىلەن ئىتائەت قىلىشتۇر.

ئىمام ئىبنۇلقەييىم مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر كىشىلەر ئاللاھ ئۇلۇغلانغان ئۇلۇغلۇقنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە چەكلىمىلىرىنى بىلگەن بولسا ئىدى، ئىتائەت قىلغان ۋە شۈكۈر ئېيتقان بولاتتى. ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ۋە ئۇ زاتتىن ھايا قىلىش قەلبتىكى ئۇلۇغلاشنىڭ مىقدارىغا قارىتا بولىدۇ»(6).

لېكىن، ئاللاھنى قەلبەن ئۇلۇغلاش – تەۋھىد كەلىمىسىنى ھەقىقىي شەكلىدە بىلىش، ئۇنى تەقەززالىرى بىلەن ئېتىقاد قىلغان ئاساستا تەستىقلاش، تىلدا ئىقرار قىلىش، ياخشى كۆرگەن ۋە بويسۇنغان ھالدا ئۇنىڭغا ئەگىشىش، مەنىۋى ۋە ماددىي جەھەتتىن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش بىلەنلا مۇكەممەل بولىدۇ. بۇنىڭسىز قەلب ساغلام بولمايدۇ. قەلبنىڭ ياخشى بولۇشى ياكى بۇزۇلۇشى بويسۇنۇش ۋە ئەگىشىشتىن ئىبارەت قەلبكە ئورۇنلاشقان ئىخلاسنىڭ مىقدارى بويىچە بولىدۇ.

قەلبتىكى ئىخلاس ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدۇ ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن كۈچەيتىلىدۇ. مۇسۇلمان ئىمان ئېيتىش ۋە دىننىڭ باشقا ئاساسلىرىنى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلغاندەك، ئىخلاس قىلىشقىمۇ بۇيرۇلدى. ئاللاھ تائالا: ﴿دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ؟﴾(غافىر: 14) دەيدۇ. ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى ھەققىدە: «ئىبادەت ۋە دۇئانى يالغۇز ئاللاھقىلا خالىس قىلىڭلار. مۇشرىكلەرگە يۈرۈش – تۇرۇش، تائەت – ئىبادەت ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىدە قارشى ئىش قىلىڭلار!»(7) دەيدۇ.

 ئى روزىدار دوستۇم! قەلبىڭىز ئەزالىرىڭىزنىڭ رەھبىرى ۋە قوماندانىدۇر. ئۇنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ، چۈنكى ئۇ داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پات – پات «ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتكۈچى! قەلبىمنى دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلاتتى(8). رەسۇلۇللاھ يەنە دۇئالىرىدا ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىدىغان ئىخلاسنىڭ جەۋھىرىنى يېڭىلاپ، ھەربىر نامىزىدا سالام بەرگەندىن كېيىن مۇنداق دەيتتى: «يېگانە ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، ئۇ پۈتۈن نەرسىلەرنىڭ ساھىبىدۇر، پۈتۈن ھەمدۇسانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ زات ھەرنەرسىگە قادىردۇر، ئۆزگىرىش ۋە كۈچ – قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ (نىڭ ياردىمى) بىلەنلا بولىدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ زاتتىن باشقا ھېچكىمگە ئىبادەت قىلمايمىز، پۈتۈن نېئمەت، پەزىلەت ۋە ئەڭ گۈزەل مەدھىيەلەر ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار». بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ساھابە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەربىر نامازنىڭ ئارقىسىدىن مۇشۇلار بىلەن تەسبىھ ئېيتاتتى» دەيدۇ(9).

 قەلب ياخشىلانغان ۋاقىتتا: «رەببىڭلار ئۈچۈن توغرا يولدا بولۇڭلار، مەنمۇ توغرا يولدا بولدۇم. شېرىكتىن ۋە رىيادىن ساپ ھالدا ئۇنىڭغا خالىس ئىبادەت قىلىڭلار، مەنمۇ خالىس ئىبادەت قىلدىم» دەپ قالغان ئەزالارغا بۇيرۇق يوللايدۇ. مانا بۇ قىيامەت كۈنىدىكى نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ ئۆزىدۇر: ﴿ئۇ كۈنى (ھېچ كىشىگە) مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. پەقەت (ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا) پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ﴾(شۇئەرا: 88 – 89). رامازان ئېيىدا قەلب ۋە بەدەن ئەزالىرى ئاللاھتىن قورقۇش ۋە بويسۇنۇشقا ئەڭ يېقىندۇر. بۇ ئايدا ئىلاھىي رەھمەتلەر كۆپلەپ چۈشىدۇ، بەندىلەرنىڭ راھمانىي رىزىق – نېئمەتلىرى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، قەلبلەر ئاللاھتىن تېخىمۇ قورقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەن ئەزالىرى توغرا يولدا بولۇشنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن ھەقىقىي بىر شەكىلدە تەييارلىنىدۇ. رامازان ئېيىدا ئاللاھقا يۈزلىنىشنى مەقسەت قىلغانلار بۇنى غەنىيمەت بىلسۇن. بۇ غەنىيمەت بىلىشنىڭ باشلىنىشى بەدەن ئەزالىرى ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ قەلبنىڭ روزا تۇتۇشقا يۈزلىنىشى بىلەن بولىدۇ. قەلبنىڭ دائىم بولۇشقا تېگىشلىك روزىلىرى باردۇر، ئۇ بولسىمۇ يامان نىيەتلەردىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ۋە باتىلغا رازىلىق كۆرسەتمەسلىكتۇر.

ئىنساننىڭ قەلبى روزا تۇتقان ۋە توغرا يولدا بولغان ۋاقتىدا بەدەن ئەزالىرىنى رامازان ئېيىدا گۇناھ ئىشلارنى قىلىپ سېلىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.

ئىمام ئىبنۇل جەۋزىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «روزىدار ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزغان كىشىنىڭ تىلىغا: ‹سەن بۈگۈن يالغانچىلىقتىن، سۇخەنچىلىكتىن يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن، باتىل گەپ – سۆزلەردىن ۋە غەيۋەتتىن روزا تۇتتۇڭ›؛ ئىككى كۆزىگە: ‹ئىككىڭلار ھالال قىلىنمىغان نەرسىلەرگە قاراشتىن روزا تۇتۇڭلار›؛ ئىككى قۇلىقىغا: ‹سىلەر رەببىڭلار يامان كۆرىدىغان نەرسىنى ئاڭلاشتىن روزا تۇتۇڭلار›؛ ئىككى قولىغا: ‹سىلەر ئىككىڭلار سىلەرگە ھارام قىلىنغان نەرسىنى تۇتۇشتىن، ئېلىم – سېتىمدا ۋە ئالدى – بەردىدە ئالدامچىلىق قىلىشتىن روزا تۇتۇڭلار›؛ قورسىقىغا: ‹سەن بۈگۈن يېمەك – ئىچمەكتىن روزا تۇتتۇڭ، نېمە بىلەن ئىپتار قىلىدىغانلىقىڭغا قارا ۋە سەن چاقىرىلغان نىجىس يېمەكلىكلەردىن ساقلان، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پاكتۇر، پەقەت پاكنىلا قوبۇل قىلىدۇ›؛ ئىككى پۇتىغا: ‹سىلەر ئىككىڭلار بۈگۈن گۇناھ يېزىلىدىغان نەرسىلەرگە مېڭىشتىن روزا تۇتۇڭلار› دېيىشى كېرەك. ئادەم ئوغلىنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نەرسىلەر بىلەن ئەزالىرىغا خىتاب قىلىشى ھاياتلا بولىدىكەن، روزىدار كۈنلىرى ۋە باشقا كۈنلەردە ۋاجىپتۇر»(10).

ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتكۈچى ئاللاھ! قەلبلىرىمىزنى دىنىڭنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلغىن. ئى قەلبلەرنى باشقۇرغۇچى ئاللاھ! قەلبلىرىمىزنى ئىتائىتىڭگە بويسۇندۇرۇپ بەرگىن. بىزگە سېنى ئەسلەشكە، ساڭا شۈكۈر ئېيتىشقا ۋە ئىبادىتىڭنى گۈزەل قىلىشقا ياردەم قىلغىن… ئامىن!

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

 

—————————————————————

1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 52 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1599 – ھەدىس.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 5927 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1151 – ھەدىس.
3. ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ شەمسۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەلئەنسارىي ئەلقۇرتۇبىي (الإمَامُ شَمْسُ الدِّيْنِ مُحَمَّدُ بنُ أَحْمَدَ الأَنْصَارِيُّ القُرْطُبِيُّ) (ھ. 600 – 671 / م. 1204 – 1273) _ ئاتاقلىق مۇفەسسىر ۋە ھەدىسشۇناس، مالىكىي مەزھەب فەقىھى. «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي» (ئەلجامىئۇ لىئەھكامىل قۇرئان) ناملىق تەفسىرىدىن باشقا «ئەتتەزكىرە»، «ئەلئەسنا» ۋە «ئەلئىئلام» فاتارلىق ئەسەرلىرى مەشھۇردۇر. _ ت.
4. «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 1 – توم، 274 – بەت.
5. «تەپسىر تەبەرىي»، 29 – توم، 95 – بەت.
6. ئىبنۇلقەييىم: «فەۋائىد»، 187 -، 188 – بەتلەر.
7. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 4 – توم، 74 – بەت.
8. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 25364 – ھەدىس. ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 4801 – ھەدىس): «سەھىھ» دېگەن.
9. «مۇسلىم»، 945 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان
10. «بۇستانۇل ۋائىزىن»، 313 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز