رامازاندىكى ئىخلاسىڭىز

رامازاندىكى ئىخلاسىڭىز

ئاللاھقا بولغان قۇللۇقىڭىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەنىڭ رازىلىقى ۋە ساۋابىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا ئاللاھقا ھەقىقىي يۈزلىنىشىڭىز ۋە نىيىتىڭىزنى خالىس قىلىشىڭىز ئەمەللەردە شەرت قىلىنغان ئىخلاسنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىخلاس دېگەن، ئەمەل ئۇنىڭسىز قوبۇل قىلىنمايدىغان بۈيۈك بىر مەنىگە ئىگە سۆزدۇر، بەلكى ھەرقانداق بىر ئەمەلدە ئىخلاس قىلىش ۋە «قۇرئان»، سۈننەتكە ئەگىشىش شەرتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلدە ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر﴾(تەبارەك: 2). فۇزەيل ئىبنى ئىياز ــ ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي ــ ﴿أحسن عملا (ئەڭ ياخشى ئەمەل) ﴾ دېگەن ئىبارەنىڭ مەنىسى ھەققىدە: «ئەڭ خالىس ۋە ئەڭ توغرىسى دېگەنلىكتۇر. ئەمەل ئىخلاس بىلەن قىلىنىپ توغرا بولمىسا قوبۇل بولمايدۇ، توغرا بولۇپ ئىخلاس بولمىسا يەنىلا قوبۇل قىلىنمايدۇ. بىر ئەمەلنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەر ئىككى شەرت تېپىلىشى كېرەكتۇر. خالىسلىق ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولغىنى، توغرىلىق سۈننەتكە ئاساسەن بولغىنىدۇر»([1]) دېگەن.

ئەمەل قىلىش ئىرادىمىزنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ۋە ئۇ زاتتىن ئەجىر تىلەش نىيىتى بىلەن ئىخلاسنى قولغا كەلتۈرۈشكە يۈزلەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئۆتكۈنچى دۇنيانىڭ ئەرزىمەس ماتالىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقىنى كۆزلەش قەلب ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ناچىرى بولغىنىدەك، ئاللاھنى ۋە ئاخىرەتنى كۆزلەش قەلب ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى ھېسابلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەيدۇ: ﴿كىمكى (ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى زىيادە بېرىمىز، كىمكى (ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىسە، (ئۇنىڭ تىلىگەن) مەنپەئىتىنىڭ بەزىسىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ساۋابتىن) ھېچ نېسىۋە يوقتۇر﴾(شۇرا: 20).

﴿(قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت) ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇ زىننىتىنى (يەنى دۇنيانىڭ نېئمەتلىرىنى) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ﴾(ھۇد: 15 ــ 16).

 ئەزىز ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۇئمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمەلى (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) قوبۇل بولىدۇ﴾(ئسرا: 19).

بۇ ئايەتلەر ۋە بۇ ئايەتلەرگە ئوخشىغان باشقا ئايەتلەر كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ھەرقانداق بىر ئەمەلدە ئىرادە ۋە نىيەت ناھايىتى مۇھىمدۇر. چۈنكى، ئەمەللەر نىيەت بىلەن ھېسابقا تارتىلىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى نىيەتكە كۆرە تارازىغا قويۇلىدۇ. بۇ ھەقتە مەشھۇر بىر مۇتەۋاتىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن ئەمەللەر پەقەت نىيەتلەرگە باغلىقتۇر. ھەر كىشىگە پەقەت نىيەت قىلغىنى بولىدۇ، كىمكى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ھىجرەت قىلىدىكەن، كۆزلىگىنىگە ئېرىشىدۇ. كىمكى ئازغىنە دۇنياغا ئېرىشىش ياكى بىر ئايالغا ئۆيلىنىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولسا، پەقەت شۇنىڭغىلا ئېرىشىدۇ»([2]).

ئەمەل قانچىلىك ئاز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خالىس نىيەت بىلەن قىلىنغان بولسىلا ئاللاھ رەسۇلى ئېيتقاندەك كاتتا مۇكاپاتلىنىپ نەچچە ھەسسە ئەجىر بېرىلىدۇ. ھەدىستە: «سەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ سەرپ قىلغان ھەرقانداق خىراجىتىڭگە، ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا سالغان نەرسىگىمۇ چوقۇم ئەجىر ئالىسەن»([3]) دېيىلگەن. دېمەك، ئەمەللەرنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ ئۈستۈن دەرىجىلەرگە كۆتۈرۈدىغىنىمۇ ۋە ياكى جەھەننەمنىڭ قەرىگە چۈشۈرۈۋېتىدىغىنىمۇ دەل شۇ نىيەتتۇر.

ئەمەل گەرچە يۈكسەك بولسىمۇ ئىخلاس بولمىسا، ئىنساننى ھالاكەتكە باشلايدۇ، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت كۈنى ئەڭ ئەۋۋەل ھېساب ئېلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ بىرىنچىسى شەھىدلەردۇر. بىر شەھىد ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇ كىشىگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى تونۇتىدۇ، ئۇ كىشىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇ كىشىدىن:

–        بۇ نېئمەتلەر بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟ ــ دەپ سورايدۇ، ئۇ كىشى:

ــ ئەي رەببىم! سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن شەھىد بولغانغا قەدەر ئۇرۇش قىلدىم، ــ دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئاللاھ تائالا:

–     سەن يالغان سۆزلىدىڭ، پالانى جاسارەتلىك كىشى ئىكەن دېيىلسۇن دەپ ئۇرۇش قىلدىڭ، سېنىڭ ئارزۇ قىلغىنىڭ بويىچە شۇنداق دېيىلدى، ــ دەيدۇ. ئاندىن ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇ كىشى يۈزىچىلاپ سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىشىقا بۇيرۇلىدۇ؛

ئىككىنچى بولۇپ، ئىلىم ئۆگەنگەن، ئۆگەتكەن ۋە ‹قۇرئان كەرىم› ئوقۇغان بىر كىشى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئاللاھ ئۇ كىشىگە نېئمەتلىرىنى تونۇتىدۇ، ئۇ كىشىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇ كىشىدىن:

–   بۇ نېئمەتلەر بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟ ــ دەپ سورايدۇ، ئۇ كىشى:

ــ ئىلىم ئۆگەندىم ۋە ئۆگەتتىم، سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن «قۇرئان» ئوقۇدۇم، ــ دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇ كىشىگە:

–       يالغان سۆزلىدىڭ، سەن ئىلىمنى پالانى كىشى ئالىمكەن ۋە قۇرئان ئوقۇيدىغان قارىي ئىكەن دېسۇن دەپ ئۆگەندىڭ، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق دېيىلدى، ــ دەيدۇ. ئاندىن ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇ كىشى يۈزىچىلاپ سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىشقا بۇيرۇلىدۇ؛

ئۈچىنچى بولۇپ، ھەرخىل مال – دۇنيا بېرىلگەن بىر باي ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇ كىشىگە نېئمەتلىرىنى تونۇتىدۇ، ئۇ كىشىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇ كىشىدىن:

–        بۇ نېئمەتلەر بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟ ــ دەپ سورايدۇ، ئۇ كىشى:

ــ بۇ ماللارنى سەن سەرپ قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدىغان يوللارغا سەرپ قىلدىم، ــ دەيدۇ، ئاللاھ ئۇ كىشىگە:

يالغان سۆزلىدىڭ، سەن پالانى سېخىي ئىكەن دېيىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭ، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق دېيىلدى، ــ دەيدۇ. ئاندىن ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇ كىشىنىڭ يۈزىچىلاپ سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىشىغا بۇيرۇق قىلىنىدۇ»([4]).

ئەي قىيامدا تۇرغۇچى ۋە روزىدار قېرىندىشىم! ئىخلاسنى ئاددىي بىر ئىش دەپ ئويلاپ قالماڭ، ئۇ ئەمەللەرنىڭ تايانچىدۇر، بەندىلەرنىڭ ياخشى ياكى يامان ئاقىۋەتلىرى ئىخلاسقا باغلىقتۇر. نىيەتنى خالىس قىلغان كىشى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ، نىيىتىنى دۇنياغا قاراتقان كىشى ھالاك بولىدۇ. شۇ جۈملىدىن:

سەھل ئەتتەستۇرىي([5]): «نەپس ئۈچۈن ئىخلاستىنمۇ مۇشەققەتلىكرەك بىر ئەمەل بولمىسا كېرەك. چۈنكى، ئىخلاستا نەپسنىڭ نېسىۋىسى بولمايدۇ» دەيدۇ؛

يۈسۈف ئىبنى ھۈسەين ئەررازىي([6]) مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئىخلاستۇر، مەن قەلبىمنى رىيادىن تازىلاش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم، لېكىن ئۇ يەنىلا قەلبتە شەكىل ئۆزگەرتىپ ئۈنۈپ چىقىۋاتقاندەك قىلاتتى»؛

مۇتەررىف ئىبنى ئابدۇللاھ([7]) دۇئا قىلىپ: «ئى ئاللاھ، مەن ساڭا تەۋبە قىلىپ، يەنە قايتا سادىر قىلىپ سالغان گۇناھلىرىمدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىمەن، سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن قىلىمەن دەپ ۋەدە بېرىپ، ۋەدەمدە تۇرالمىغان ئىشلاردىن مەغپىرەت تىلەيمەن، سېنىڭ رازىلىقىڭنى كۆزلەپ قىلغان، ئاندىن ئۇ ئىشلارغا (سەن ياخشى بىلىسەن) يامان نىيەتلەر ئارىلىشىپ قالغان بولسا سەندىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىمەن» دەيتتى؛

سۇفيان ئەسسەۋرىي([8]): «ھېچبىر ئىش بىلەن نىيىتىمنى تۈزىتىشكە ھەپىلەشكەندەك ھەپىلىشىپ باقمىدىم، چۈنكى ئۇ داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ» دېگەن؛

يۈسۈف ئىبنى ئەسبات([9]) مۇنداق دەيدۇ: «نىيەتنى بۇزۇقچىلىقتىن پاكلاش كۆپ تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەمەل قىلغۇچىلارغا ئەڭ قىيىن ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ»([10]).

 سەلەف – سالىھلەر ئىخلاسنىڭ كەم بولۇشىنىڭ ئەمەللەرنى يوق قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ ھەرقانداق ئىشتا ئىخلاسمەن بولۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتەتتى. بىر كىشى ناﻓﯩﺌ ئىبنى جۇبەير([11])گە: «جىنازىغا قاتناشمامسەن؟» دېگەنىدى. ئۇ جاۋابەن: «سەن نىيەت قىلغاندەك نىيەت قىلىۋالاي» دېدى ۋە بىرئاز تۇرۇۋېلىپ: «ئەمدى ماڭايلى» دېدى([12]).

ئۇلارنىڭ بۇ خىل ھوشيارلىقىدىن ھەيران قالماڭ، چۈنكى ئۇلار ئەمەللەردە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئىخلاس روھىنى ھازىر قىلىشنىڭ ساۋابنى ھەسسىلەندۈرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇلار ھەسسىلەپ ساۋاب ئېلىش ئۈچۈن نىيەتنى خالىس قىلىشقا قاتتىق ھېرىسمەن ئىدى. جۈملىدىن:

يەھيا ئىبنى ئەبى كەسىر: «ئاللاھ تائالاغا ئەمەلدىنمۇ تېزراق يېتىپ بارىدىغان نىيەتنى ئۆگىنىڭلار» دېگەن.

داۋۇد ئەتتائىي([13]): «پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ نىيەتنىڭ گۈزەل بولۇشىغا مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى كۆردۈڭ، گەرچە ئەمەلگە ئاشۇرالمىساڭمۇ، نىيىتىڭنىڭ ياخشى بولۇشى يېتەرلىكتۇر» دەيدۇ.

ئىبنى مۇبارەك([14]): «بەزى كىچىك ئەمەللەرنى نىيەت چوڭايتىپ بېرىدۇ، بەزى چوڭ ئەمەللەرنى نىيەت كىچىكلىتىۋېتىدۇ»([15]) دېگەن.

ئەي روزىدار قېرىندىشىم! رامازان ۋە رامازاندىن باشقا ۋاقىتلاردىكى پۈتۈن ئەمەللىرىڭىزنىڭ قوبۇل بولۇشى قىلىنغان نىيەت ۋە ئۈمىد ئېتىلگەن ساۋاب بىلەن ئوڭ تاناسىپتۇر. خالىس نىيەت ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلىش ئىخلاسنىڭ ئۆزىدۇر. روزا تۇتۇش، كېچىدە قىيامدا تۇرۇش، قەدر كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش، «قۇرئان» تىلاۋىتى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق دىنىي ئەمەللەردە ئىخلاس ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلىش شەرتتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى)، ئەنە شۇلار (يەنى ئىبادەت، ئىخلاس ناماز، زاكاتلار) توغرا دىندۇر﴾(بەييىنە: 5). بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق دەيدۇ: «كىمكى رامازاندا چىن ئىخلاس بىلەن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»([16]). يەنە بىر ھەدىستە: «كىمكى قەدر كېچىسى چىن ئىخلاس بىلەن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. كىمكى رامازاندا چىن ئىشىنىش بىلەن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»([17]) دېگەن. «چىن ئىشىنىش بىلەن» دېگەننىڭ مەنىسى «بۇ ئىلاھىي تەكلىپ ھەقتۇر» دەپ ئېتىقاد قىلغان دېگەنلىك بولىدۇ، «ساۋاب ئۈمىد قىلىپ» دېگەن سۆز ھەققىدە ئىمام خەتتابىي([18]) مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئارزۇ قىلغان ھالدا، روزىنى ئېغىر كۆرمەي ۋە كۈنلەرنى ئۇزۇن سانىماي كۆڭۈلدىن رازى بولۇپ تۇتۇشتۇر»([19]). ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «خالايىققا كۆرسىتىشنى ۋە ئىخلاسقا زىت كېلىدىغان ئىشلارنى مەقسەت قىلماي، بىر ئاللاھنىلا مەقسەت قىلىشتۇر»([20]).

ئەي روزىدار قېرىندىشىم! ئىبادىتىڭىز ۋە ئىتائىتىڭىزنى قوغداشقا، ئۇلارنى رىيا، ماختىنىش ۋە كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى جەلپ قىلىشقا زورۇقۇشتىن پاك تۇتۇشقا تىرىشىڭ. رەﺑﯩﯿﺌ ئىبنى خۇسەيم([21]) مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ رازىلىقى مەقسەت قىلىنمىغان ھەرقانداق ئىش يوقىلىشقا مەھكۇمدۇر»([22]).

ئىبنۇل جەۋزىي([23]) مۇنداق دەيدۇ: «ئەي مىسكىن! سەن كۈندۈزنى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق بىلەن، كېچىنى ئۇزۇن رۇكۇ – سەجدىلەر بىلەن ئۆتكۈزگىنىڭگە قاراپلا ئۆزۈڭنى روزا تۇتقۇچى ھېسابلامسەن؟! چۆچۈرىنى خام ساناپسەن. سەن قانچىلىك كەمتەر بولالىدىڭ؟ ئاللاھتىن قانچىلىك ئەيمەندىڭ؟ ئۆزۈڭنى رامازان ئېيىدا غەلىبە قازانغۇچى روزىدارلاردىن ھېسابلاشقا ئالدىرىما! سەن نىيىتىڭنى خالىس، قەلبىڭنى پاكىز قىلىپ، پۈچەك ئەمەللەردىن ساقلىنىدىغان ۋە ئۇلارنى ئارزۇ قىلمايدىغان ھالغا كەلمىگۈچە ھەرگىزمۇ نىجاتلىققا ئېرىشكەنلەر قاتارىدىن بولالمايسەن»([24]).

ئى ئاللاھ! پۈتۈن ئەمەللىرىمىزنى سالىھ ئەمەللەردىن قىلىپ بەرگىن! كىشىلەر ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن بولغان خالىس ئەمەللەردىن قىلىپ بەرگىن! بۇ مۇبارەك ئايدا ئىمان ئېيتقان ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا روزا تۇتۇشىمىزغا ۋە قىيامدا تۇرۇشىمزغا ياردەم قىلغىن!… ئامىن!

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

——————————————
([1]) «تەفسىرۇ بەغەۋىي»، 4 – توم، 369 – بەت.
([2]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1907 – ھەدىس.
([3]) «بۇخارىي»، 56 – ھەدىس.
([4]) «مۇسلىم»، 1905 – ھەدىس.
([5]) ئەبۇ مۇھەممەد سەھل ئىبنى ئابدۇللاھ ئەتتۇستەرىي (سَهْلُ بنُ عَبْدِ اللهِ التُّسْتَرِيُّ، ھ. 203 – 283 / م. 818 – 896) ــ بۈيۈك مۇتەسەۋۋىف، مۇفەسسىر. «تەفسىرۇل قۇرئانىل ئەزىم» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەر قالدۇرغان زات. ــ ت.
([6]) ئەبۇ يەئقۇب يۇسۇف ئىبنى ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى ئەررازىي (أَبُو يَعْقُوْبَ يُوْسُفُ بنُ الحُسَيْنِ بنِ عَلِيِّ الرَّازِيُّ، ۋاپاتى ھ. 304 / م. 917) ــ مۇھەددىس، زاھىد. زامانىدىكى رەي مۇتەسەۋۋىفى. ئىمام ئەھمەدتىن ۋە زۇننۇن ئەلمىسرىيدىن تەلىم ئالغان. جاھان كېزىپ زاھىدلىقنى يايغان زات. ــ ت.
([7]) ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇتەررىف ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەششىخخىر ئەلئامىرىي ئەلبەسرىي (مُطَرِّفُ بْنُ عَبْدِ اللهِ بْنِ الشِّخِّيرِ العَامِرِيُّ البَصْرِيُّ، ھ. 2 – 95 / م. 624 – 714) ــ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانىدا تۇغۇلغان كاتتا تابىئىن. نۇرغۇن ساھابەلەردىن ئىلىم ئالغان. مۇھەددىس، زاھىد ئالىملاردىن. ــ ت.
([8]) ئەبۇ ئابدۇللاھ سۇفيان ئىبنى سەئىد ئىبنى مەسرۇق ئەسسەۋرىي ئەلكۇفىي (سُفْيَانُ بنُ سَعِيْدِ بنِ مَسْرُوْقٍ الثَّوْرِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 97 – 161 / م. 715 – 778) ــ خۇراساندا تۇغۇلۇپ، بەسرەدە ۋاپات بولغان. شەيخۇلئىسلام، مۇھەددىسلەر پېشۋاسى، مۇجتەھىد، مۇستەقىل مەزھەب ساھىبى بولۇپ، مەزھىبى ھىجرىيە 7 – ئەسىرلەردىن كېيىن يوقالغان. تەقۋادارلىقى ۋە زاھىدلىقى بىلەن تونۇلغان زات. ھەقنى سۆزلىگەنلىكتىن خەلىپە مەھدىي (م. 775 – 785) دىن قېچىپ يوشۇرۇنغان ھالدا ئالەمدىن ئۆتكەن. «ئەلجامىئۇل كەبىر»، «ئەلجامىئۇسسەغىر» قاتارلىق ھەدىس توپلاملىرىنى قالدۇرغان. ــ ت.
([9]) ئەبۇ مۇھەممەد يۇسۇف ئىبنى ئەسبات ئىبنى ۋاسىل ئەششەيبانىي ئەلكۇفىي (يُوْسُفُ بنُ أَسْبَاطِ بنِ وَاصِلٍ الشَّيْبَانِيُّ، ۋاپاتى ھ. 195 / م. 811). مۇھەددىس، زاھىد. سۇفيان سەۋرىي قاتارلىقلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ھېكمەتلىك سۆزلىرى مەشھۇردۇر. ــ ت.
([10]) ئىبنى رەجەب: «جامىئۇلئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 1 – توم، 84 – بەت.
([11]) ئەبۇ مۇھەممەد ناﻓﯩﺌ ئىبنى جۇبەير ئىبنى مۇتئىم ئەلقۇرەشىي ئەلمەدەنىي (نَافِعُ بنُ جُبَيْرِ بنِ مُطْعِمِ بنِ عَدِيٍّ القُرَشِيُّ، ۋاپاتى ھ. 99 / م. 717) ــ مەشھۇر تابىئىن. فەقىھ. ــ ت.
([12]) ئىبنى رەجەب: «جامىئۇلئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 1 – توم، 84 – بەت.
([13]) ئەبۇ سۇلايمان داۋۇد ئىبنى نۇسەير ئەتتائىي ئەلكۇفىي (دَاوُدُ الطَّائِيُّ أَبُو سُلَيْمَانَ بنُ نُصَيْرٍ الكُوْفِيُّ، ھ. 100 – يىلدىن كېيىن – 162 / م. 719 – يىلدىن كېيىن – 779) ــ مەشھۇر زاھىد، تەقۋادارلىقى بىلەن تونۇلغان تەبەئى تابىئىن، كاتتا فەقىھ، ھەدىسشۇناس. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى. ئىلىم ئېلىش ۋە ئوقۇتۇش بىلەن بولۇپ، كېيىن ئۇزۇن مۇددەت خىلۋەتتە ئىبادەت قىلغان زات. ــ ت.
([14]) ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ئىبنى ۋازىھ ئەلھەنزەلىي ئەلمەرۋەزىي (عَبْدُ اللهِ بنُ المُبَارَكِ بنِ وَاضِحٍ الحَنْظَلِيُّ المَرْوَزِيّ، ھ. 118 – 181 / م. 736 – 797) ــ تەقۋادارلىقى ۋە زاھىدلىقى بىلەن تونۇلغان تەبەئى تابىئىن، كاتتا ئالىم، فەقىھ، ھەدىسشۇناس ۋە تىلشۇناس. ئانىسى خارەزملىك، ئاتىسى تۈرك ئىدى. بۈگۈنكى تۈركمەنىستاننىڭ مەرۋ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۆمرىنى ئىلىم تەھسىل قىلىش، تىجارەت ۋە جىھاد بىلەن ئۆتكۈزگەن غازىي زات. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام مالىك ۋە ئىمام لەيس ئىبنى سەئد قاتارلىق نۇرغۇن كاتتا ئالىملاردىن ئىلىم ئالغان ۋە «جىھاد»، «ئەززۇھد ۋەررەقائىق (الزهد والرقائق)» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. ــ ت.
([15]) ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 3 – توم، 70 – بەت.
([16]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 37 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 759 – ھەدىس.
([17]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1901 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 760 – ھەدىس.
([18]) ئىمام ھەمد ئىبنى مۇھەممەد ئەلخەتتابىي ئەلبۇستىي (الإمام حَمْدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ إِبْرَاهِيْمَ الخَطَّابِيُّ البُسْتِيُّ) (ھ. 319 – 388 / م. 931 – 998) ــ بۈگۈنكى ئافغانىستاندا تۇغۇلغان كاتتا فەقىھ، مۇھەددىس ۋە لۇغەتشۇناس. «مەئالىمۇسسۈنەن» («سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد»نىڭ شەرھى)، «ئەئلامۇسسۈنەن» («سەھىھۇل بۇخارىي»نىڭ شەرھى)، «غەرىبۇل ھەدىس» ۋە «شەرھۇ ئەسمائۇللاھىل ھۇسنا» قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى بار. ــ ت.
([19]) ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇل بارىي»، 4 – توم، 138 – بەت.
([20]) نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 2 – توم، 78 – بەت.
([21]) ئەبۇ يەزىد رەﺑﯩﯿﺌ ئىبنى خۇسەيم ئىبنى ئائىز ئەسسەۋرىي ئەلكۇفىي (الرَّبِيْعُ بنُ خُثَيْمِ بنِ عَائِذٍ أَبُو يَزِيْدَ الثَّوْرِيُّ، ھ. 65 / م. 685 – يىلدىن بۇرۇن ۋاپات تاپقان) ــ كاتتا تابىئىن، ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتى ۋە كۇفە مۇھەددىسى. تەقۋادارلىقى ۋە ئىبادەتگۇيلىقى بىلەن تىللاردا داستان بولغان زات. ــ ت.
([22]) زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، 4 – توم، 259 – بەت.
([23]) ئەبۇلفەرەج ئىبنۇل جەۋزىي جامالۇددىن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلباغدادىي (ابْنُ الجَوْزِيِّ جَمَالُ الدِّيْنِ عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ عَلِيٍّ البَغْدَادِيُّ، ھ. 510 – 597 / م. 1116 – 1201) ــ نەسەبى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە تۇتىشىدۇ. ئاتاقلىق مۇھەددىس، تارىخچى، فەقىھ، ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىدىن. «زادۇل مەسىر» (تەفسىر)، «تەلبىسۇ ئىبلىس (شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى)» ۋە «سەيدۇل خاتىر (ئوي -پىكىر مەھسۇللىرى)» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى. ــ ت.
([24]) ئىبنۇل جەۋزىي: «بۇستانۇل ۋائىزىن»، 315 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ