ماشىنا سېتىۋېلىش ئۈچۈن يىغقان پۇلنىڭ زاكىتى

ماشىنا سېتىۋېلىش ئۈچۈن يىغقان پۇلنىڭ زاكىتى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مېنىڭ بىر بۇرادىرىم ئىككى – ئۈچ يىلدىن بېرى تىرىشىپ 34 مىڭ سوم جۇغلىغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە شەخسىي ئۆيى بولمىغاچقا ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرىدۇ. ئۇ بۇرادىرىم دەيدۇكى، رامىزان كەلسە بۇ پۇلغا زاكات كېلىدىكەن، ئامما رامىزانغىچە ماشىنا ئېلىشقا يول كېلىپ قالسا ماشىنا ئېلىپ ئائىلىسىنى قامداشنى ئويلاپتۇ، شۇڭا، بۇ ماشىنا ئالغان پۇلغا بۇ يىل زاكات كېلەمدۇ؟ ھەمدە بۇ ماشىنىغا ھەر يىلى زاكات تۆلىشى كېرەكمۇ ياكى مۇشۇ ماشىنا ئارقىلىق تاپقان پۇلغىلا زاكات تۆلىشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ماشىنا سېتىۋېلىش، ئۆي سېتىۋېلىش، ئۆي سېلىش، توي قىلىش، ھەجگە بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلار ئۈچۈن يىغقان پۇل زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، بىر يىل ئۆتسە، ئۇنىڭغا %2.5 مىقداردا زاكات بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ. چۈنكى، بۇ پۇلدا زاكات كېلىدىغان پۇلنىڭ شەرتلىرى ھەممىسى تولۇق بولغان بولىدۇ. شۇنداقلا زاكات دېگەن پېقىرلارنىڭ ھەققى ھەم پۇلنىڭ تازىلىقىدۇر.

زاكات كېلىدىغان ئۆلچەم 85 گرام ئالتۇن قىممىتىدۇر.

بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ پۇل قولىدا بىر يىل تۇرغان ئەھۋالدا يۇقىرىقىدەك مىقداردا زاكات بېرىشى كېرەك. بىر يىل توشقىچە بۇ پۇلغا كىراغا ئىشلىتىدىغان ماشىنا ئېلىۋەتسە، ماشىنىنىڭ پۇلىغا ئەمەس، كىرا قىلىپ تاپقان پۇلغا زاكات كېلىدۇ. ماشىنىدىن كىرىم قىلغان پۇل قولىدىكى باشقا ئىقتىساد بىلەن زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، ئاندىن ئۇنىڭغا %2.5 مىقداردا زاكات بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ. يەتمىسە بەرمەيدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 8. 1

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 78 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ