تالانتلىق ئاسترونوم ۋە ماتېماتىك مۇھەممەد ئىبنى جابىر ئىبنى سىنان ئەلبەتتانىي

تالانتلىق ئاسترونوم ۋە ماتېماتىك مۇھەممەد ئىبنى جابىر ئىبنى سىنان ئەلبەتتانىي


(ھ. 243 – 317 / م. 858 – 929)

ئىسمى: مۇھەممەد ئىبنى جابىر ئىبنى سىنان ئەلبەتتانىي

تەۋەللۇتى: ھ. 244 / م. 858 – يىلى ئەتراپى فۇرات دەرياسى بويىدىكى بەتتان رايونى

ۋاپاتى: ھ. 317 / م. 929 – يىلى ئىراق سامارراغا يېقىن قەسرۇل جىس

ياشىغان دەۋرى: ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرى

تەۋەلىكى: ئابباسىي خەلىفەلىكى

ساھەسى: ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، ئىلمى نۇجۇم

ئالاھىدە پىكرى: ترىگونومېتىرىيىلىك فونكىسىيە، ئاسترونومىيە

ئاساسلىق ئەمگىكى: «كىتابۇززىج (ئاسترونومىيە كىتابى)» ياكى «زىجۇسساﺑﯩﺌ»

ئۇ تەسىرىگە ئۇچرىغان شەخس: كلاۋدىي پتولېمى

ئۇ تەسىر كۆرسەتكەن شەخس: ئەبۇلۋەفا ئەلبۇزجانىي، ئەبۇ رەيھان بېرونىي، نىكولاس كوپېرنىك

تولۇق ئىسمى: ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى جابىر ئىبنى سىنان ئەلبەتتانىي ئەلھەررانىي ئەسسابىئىي بولۇپ، غەربتە Albategni ياكى Albategnius ياكى Battenius دەپ تونۇلغان. سۇرىيەنىڭ شىمالىي (تۈركىيەگە تەۋە) ھەرران رايونىغا تەۋە بەتتان دېگەن يەردە تۇغۇلغان. دەجلە – فۇرات دەرياسى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان مۇسۇل بىلەن تىكرىتقا يېقىن ھەدر دېگەن شەھەردە ۋاپات تاپقان(1). ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمى شامنىڭ راققا رايونىدا ئۆتكەن. شۇڭا راققا شەھرىگە باغلاپ رەققىي دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ سابىئىي ئەقىدىسىنى(2) تاشلاپ ئىسلامغا كىرگەن.

ھاياتى

مۇھەممەد ئىبنى جابىر ئىبنى سىنان ئەلبەتتانىي تەخمىنەن ھ. 244، يەنى م. 858 – يىلى ئەتراپىدا فۇرات دەرياسى ھەۋزىسىگە جايلاشقان بەتتان دېگەن رايوندا (بۈگۈنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى شانلىئۇرافا ۋىلايىتى ھارران ناھىيىسى تەۋەسىدە) تۇغۇلغاندۇر. ئۇ ئابباسىي دەۋرى ئىلمىي گۈللىنىش دەۋرى بولغان خەلىفە ھارۇن رەشىد (786 – 809) ۋە خەلىفە مەئمۇن (813 – 833) نىڭ دەۋرىدىن كېيىن ياشىغان. خارەزمىينىڭ «بۈيۈك سىندۇھىند ئاسترونومىيەسى (زيج السندهند الكبير)» ۋە پتولېمىنىڭ «ئالماگېست (بۈيۈك ئاسترونومىيە توپلىمى/ المجسطي/Almagestum)» ناملىق كىتابلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بەتتانىي رەسەتخانىسى قۇرۇلغان راققا بىلەن ئانتاكىيە ئوتتۇرىسىدا كۆچۈپ يۈرگەن. مەئمۇن ئۆز زامانىسىدا ئاسترونوملارنىڭ بېشى ھېسابلانغان سىند ئىبنى ئەلى (ۋاپاتى ھ. 250 / م. 864) يېتەكچىلىكىدە باغدادتا رەسەتخانا بىنا قىلغان. رەسەتخانا بىرلا ئەمەس بەلكى نەچچىلىگەن ئەرەب، ئىسلام شەھەرلىرىدە قۇرۇلغان ئىدى. خەلىفەلەر ناھايىتى ئىنچىكە ئاسترونومىيەلىك ئەسلىھەلەر بىلەن رەسەتخانىلارنى بېيىتىپ تۇراتتى. ئەلى ئىبنى ئىيسا ئەلئۇستۇرلابىي (ۋاپاتى          ھ. 218 / م. 833) رەسەتخانا ئەسلىھەلىرىنى ياسايدىغان ئىنژېنېرلارنىڭ قاتارىدىن ئىدى. ئەبۇ ئەلى يەھيا ئىبنى ئەبى مەنسۇر (ۋاپاتى       ھ. 230 / م. 845) مۇ مەشھۇر ئىنژېنېرلاردىن بىرى ئىدى.

 

ئاسترونومىيە

بەتتانىي ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكا ساھەسىدە ئەڭ چوڭ ئالىملارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ فۇرات دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان راققا شەھرىدە بىر رەسەتخانىسى بار ئىدى. ئۇ بۇ رەسەتخانىدىن ئاسترونومىيەگە ئالاقىدار مۇھىم مەلۇماتلارنى توپلايتتى. جەمالۇددىن ئەلى ئەلقىفتىي (ھ. 568 – 646 / م. 1173 – 1248) بەتتانىي ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بەتتانىي ئەڭ مەشھۇر پلانت كۆزەتكۈچىلەردىن بىرى، گېئومېترىيە، ئاسترونومىيە، ئىلمى نۇجۇم، ئاكادېمىك تەتبىق ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلەردىن ئىدى. ئۇنىڭ مېتېئورولوگىيە ۋە «ئالماگېست» ناملىق كىتابتا ئىسپاتلىغان ھەرىكەتلەرنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «زىجۇسساﺑﯩﺌ (الزيج الصابئ)» ناملىق مەشھۇر كىتابى بار. ئۇ بۇ كىتابتا ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ناھايىتى مۈشكۈل بولغان بەش ھەرىكەتنى ھەل قىلىش يوللىرىنى بايان قىلغان».

ئۇ ھ. 264 / م. 877 ~ 878 – يىلدىن باشلاپ ۋاپات بولغانغا قەدەر ھاياتىنى بۇ ئىلىم ھەققىدە ئۆتكۈزگەن كاتتا ئالىملارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ راققاغا جايلاشقان رەسەتخانىدا كائىناتنى كۆزىتەتتى. بۇ ئىلىم ھەققىدە كاتتا تۆھپىسى ۋە چوڭقۇر ئىزدىنىشىنى نەزەردە تۇتۇپ نۇرغۇن تارىخچىلار ئۇنى «ئەرەبلەرنىڭ پتولېمىسى» دەپ ئاتىغان بولسا، بەزىلەر ھەتتا ئۇنى پتولېمىدىنمۇ يۇقىرى ئورۇنغا قويىدۇ. چۈنكى ئۇ نۇرغۇن مەسىلىلەردە سەۋەبىنى بايان قىلىپ تۇرۇپ پتولېمىنىڭ قاراشلىرىغا قارشى چىققان. بەتتانىيدىن بەش ئەسىر كېيىن ياشىغان، پتولېمى تېئورمىسىنى تەدبىقلاش ئارقىلىق كائىناتقا بولغان قارىشى ئۆزگەرگەن نىكولاس كوپېرنىك (1473 – 1543) نىڭ «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ سىلجىشى ھەققىدە (De revolutionibus orbium coelistium)» ناملىق مەشھۇر كىتابىدا كەمىدە 23 قېتىم ئەلبەتتانىينىڭ تەتقىقاتىنى شاھىت قىلىپ كەلتۈرگەنلىكى بەتتانىي بىلەن پەخرلىنىشكە يېتىپ ئاشىدۇ.

زىجۇسساﺑﯩﺌ / الزيج الصابئ

بەتتانىينىڭ ئەڭ مەشھۇر تۆھپىلىرىدىن بىرى «ئېكلىپتىك كوئوردىنات (الدائرة الكسوفية)» يانتۇلىقىدۇر. چۈنكى، ئۇ 23 گرادوس 35 مىنۇت (’35 °23) قا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن. ھازىرقى زاماندا ئۇنىڭ ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش خاتالىقى بىر مىنۇتتىنمۇ ئاز (تەخمىنەن 0.5 سېكۇنت) ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مانا بۇ ئاسترونوملارنىڭ نەقەدەر بۈيۈك ئالىم ئىكەنلىكى ۋە ھېسابلاشتىكى ئىنچىكىلىكىنىلا ئەمەس، ئەرەبلەر ئەينى چاغدا ئىشلەتكەن كۆزىتىش ئەسلىھەلىرىنىڭ نەقەدەر ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ. بەتتانىي «السَّمْت والنظير» «ئەسسىمۇت(3) ۋە نەزىر(4نى بايقاپ چىققان؛ ئۇ «ياز پەسلى ۋە قىش پەسلىدىكى كىچە – كۈندۈزنىڭ ئالمىشىش نۇقتىسى (زمني الاعتدالين الصيفي والشتوي)»نى يېڭىدىن ئېنىقلاپ شەمسىيە يىلىنىڭ ۋە يىل پەسىللىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى مۇقىمدىغان؛ ئۇ پتولېمىغا قارشى «قۇياشنىڭ روشەن بۇلۇڭ دېئامېترى (القطر الزاوي الظاهري للشمس)»نىڭ ئۆزگۈرۈدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان ۋە ئاي تۇغۇلغاندا كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بايانى ھەققىدىكى نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ بەتتانىي يەنە پتولېمىنىڭ «يەر شارىدىن قۇياشنىڭ ئەڭ يىراق نۇقتىسى (قۇياشنىڭ تۇراقلىقى/ ثبات أوج الشمس)» ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن. مانا بۇلار بېرۇنىيدىن بىر ئەسىردىن كۆپرەك ئىلگىرىكى ئەھۋاللاردۇر. ئۇ «يەر شارىنىڭ قۇياشقا ئەڭ يېقىن نۇقتىدا ئايلىنىش ئوتتۇرىچە تىزلىكىنىڭ نورمالدىن تېز بولۇش نەزەرىيىسى (ئوتتۇراھال تەشەببۇس ھەرىكىتى / حركة المبادرة الاعتدالية)»نى ئىسپاتلىغان.

بەتتانىي ئىلمىي ھاياتىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك پلانېتلار ۋە ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىشلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇ نەتىجىدە ئۆزىدىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ كۆزىتىش جەريانىدا سادىر قىلغان ياكى يەر شارىغا نىسبەتەن يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەپلىك يول قويغان خاتالىقلىرىنى تۈزەتكەن. ئۇنىڭ ئاينىڭ تېزلىكىنى تەتقىق قىلغان چاغدا 18 – ئەسىردىكى ئاسترونوملاردىن نۇرغۇنلىرى قوللانغان، كۈن تۇتۇلۇش ۋە ئاي تۇتۇلۇشنى كۆزىتىدىغان ناھايىتى ئۆزگىچە كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى بار ئىدى.

ئۇنىڭ ئاسترونومىيە ھەققىدە يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكەتلىنىش ئەھۋالىنى ئەڭ توغرا شەكىلدە چۈشەندۈرىدىغان «زىجۇسساﺑﯩﺌ (الزيج الصابئ)»(5) ناملىق مەشھۇر كىتابى ھازىر ۋاتىكان كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. بۇ كىتاب م. 12 – ئەسىردە بىلاتوف تىفوك (Platoof Tivok) تەرىپىدىن لاتىنچىغا (Sciencia de Sttellarum بۇ ئىلمى نۇجۇم Science of Stars دېگەن مەنىدە) تەرجىمە قىلىنغان. بۇ كىتاب ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ م. 1537 – يىلى گىرمانىيەنىڭ نۇرېنبۇرگ (NUREMBERG) شەھرىدە نەشر قىلىنغان. رېگىئومونتان (Regiomontanus) دەپ تونۇلغان مەشھۇر ئاسترونوم ۋە ماتېماتىك يوھان مۇللېر (1436 – 1476) بۇ تەرجىمىنىڭ خاتالىقلىرىنى بايقاپ توغرىلاپ چىققان. كېيىنچە م. 1646 – يىلى ئىتالىيىنىڭ بولونىيە (Bologna) شەھرىدە نەشر قىلىنغان. بۇ كىتاب م. 13 – ئەسىردە ئالفانسو X (1252 – 1284 ئارىسى پادىشاھ) نىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئەرەبچىدىن ئىسپانچىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ كىتاب ئاسمان جىسىملىرىدىن نۇرغۇنلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى تولۇق شەكىلدە خەرىتىلىك بايان قىلغان. بەتتانىي راققا ۋە ئانتاكىيەدە ئۆزى ئېلىپ بارغان كۆزىتىشلەرنىڭ نەتىجىلىرى ۋە ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ كۆزىتىش نەتىجىلىرىگە ئاساسلىنىپ «يۇلتۇزلار مۇقىمدۇر» دېگەن ئىدىيە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بىر مەزگىلدە «يۇلتۇزلار مۇقىم ئەمەس، بەلكى ھەرىكەتچاندۇر» دېگەن نەتىجىنى چىقارغان. مانا بۇ ئاسترونومىيە ساھەسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ناھايىتى كاتتا نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. بەتتانىي كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئۆز كۆزقارىشىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

«ئىلمى نۇجۇم ناھايىتى شەرەپلىك بىر ئىلىم ئېرۇر. چۈنكى، بۇ ئىلىم ئارقىلىق يىل، ئاي، پەسىللەرنىڭ ۋاقىتىنى بىلىش، كېچە – كۈندۈزنىڭ كەم – زىيادە بولۇشى، ئاي، قۇياشنىڭ ئورنى ۋە تۇتۇلۇشى، پلانتلارنىڭ سەير قىلىش، شەكىللىرىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئوربىتىلىرىنىڭ ئورۇنلىرى ۋە باشقا ئەھۋاللىرى بىلىنۇر. مەن بۇ ئىلىمگە چوڭقۇرلاپ كىرىپ يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكەتلىرى باش تېما قىلىنغان خىلمۇخىل كىتابلاردىن، بىر قىسىم مۇئەللىفلەرنىڭ چىقارغان نەتىجىلىرىدە چۈشۈپ قالغان خاتالىقلاردىن؛ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئىلگىرىكى قىياسلارنى ھازىرقى قىياسلارغا سېلىشتۇرۇلغاندىن كېيىن بىرلىككە كېلىنگەن قاراشلاردىن؛ بۇرجلارنىڭ ئوربىتىسىدىكى ئايلىنىشى ھەققىدىكى قاراشلاردىن؛ يىل، پەسىل ۋە قۇياشنىڭ تۇتۇلۇش ۋاقىتلىرى ھەققىدىكى قاراشلاردىن ۋاقىپلاندىم. كېيىن، ئۇزۇن ئويلىنىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق پتولېمىنىڭ «ئالماگېست (المجسطيَّ)» ناملىق كىتابىدىكى قاراشلارغا ئاساسلىنىپ يۇقىرىقى مەسىلىلەردىن خاتا كەتكەن تەرەپلىرىنى تۈزىتىشكە قاراپ يول ئالدىم».

بەتتانىي ئۆزى قارشى چىققان مەسىلىلەرگە توغرىلىقى ئېنىق بولغان گېئومېترىيىلىك سانلىق ئىسپاتلارنى كەلتۈرگەن، شۇنداقلا خۇددى ئۆزى ھىپپاركۇس (Hipparchus) ۋە باشقىلارنىڭ قاراشلىرىنى بارا – بارا چۈشىنىپ يەتكىنىدەك ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ رەسەتچىلىكنى (تېخىمۇ مۇكەممەل) چۈشەنگىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

بەتتانىي يەنە بۇ كىتابى ئارقىلىق باشقا مۇسۇلمان ۋە ئەرەب ئاسترونوملار بىلەن بىرلىكتە غەربلىكلەرنىڭ يۇلتۇزلارنى ئەرەبلەر قويغان ئىسىملار بويىچە ئاتىشىنىڭ مۇقىمدىلىشىغا، شۇنداقلا غەربلىكلەرنىڭ ئىستىمالىدا ئۇي (الثور Altaur)، ئوغلاق (الجدي Algedi)، ئاققۇ / ئەلفا (الذنب Denab)، ئەسسىمۇت (السمت  (Azimutۋە نەزىر (نظير naẓīr / Nadir)، دەريا ئاخىرى (آخر النهر Acarnar)، شىمالىي قۇتۇبتىكى ئىككى يۇلتۇز (الفرقدان Pherkadan)، شىر يۈرىكى (قلب الأسد Kalbehsit)، چايان يۈرىكى (قلب العقرب Kalbolacrab)، كەۋكەب (الكوكب Kochab)، جەۋزا بېشى (رأس الجوزاء Rasalgeuse)، ھارۋىكەش (المركب Markab)، ئەجدىھا (التنين Etanin)، الخابور (Alchabor)، ئېيىق (الدبة Dubhe)، قۇش (الطائر Altair)، ئات (الفرس Alpherath)، قاغا (الغراب Algorab)، الكور (Alcor)، ھوت ئېغىزى (فم الحوت Famlhaut)، الواقع (Wega)، ھوت قورسىقى (بطن الحوت Baten – Kaitos)، رأس الغول (Algol) قاتارلىق يۇلتۇزلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئاسترونومىيەگە ئائىت 160 كە يېقىن ئەرەبچە ئاتالغۇلارنىڭ بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان.

ئالىم بەتتانىينىڭ «زيج الصابئ» ناملىق يىرىك ئەسەرىدىن سىرت «ئاسترونومىك بۆلمىلەر ئارىسىدىكى يۇلتۇزلار ھەققىدىكى بىلىملەر كىتابى (كتاب معرفة مطالع البروج فيما بين أرباع الفلك)»، «ئۇلىنىش مىقدارى ھەققىدە رىسالە (رسالة في مقدار الاتصالات)»، «ئۇلىنىش مىقدارلىرىنى تەھقىقلاش ھەققىدە رىسالە (رسالة في تحقيق أقدار الاتصالات)»، «پتولېمىنىڭ تۆرت ماقالەسىگە شەرھ (شرح أربع مقالات لبطلميوس)»، «قايتا مۇقىمدالغان كەۋكەبىستان/ يۇلتۇزلار ئالەمى (كتاب تعديل الكواكب)» قاتارلىق پەلەكىيات (ئالەمشۇناسلىق) ۋە جۇغراپىيە ساھەسىدە ئەسەرلەر قالدۇرغان. فرانسىيەلىك ئاسترونوم يوسېف ژېرومې لالاند (Joseph Jérôme Lefrançois de Lalande، 1732 – 1807) ئالىم بەتتانىينى دۇنياغا مەشھۇر يىگىرمە (20) ئاسترونومنىڭ بىرى دەپ باھالىغان.

رىيازىيات (ماتېماتىكا)

دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بەتتانىي ئاسترونومىيە ئىلمىدە كامالەتكە يەتكەن بىر ئالىمدۇر، يەنە نۇرغۇن تارىخچىلار ئۇنى «سېفرا ترىگونومېترىيەسى(علم المثلثات المستوية والكروية Trigonometrie)»(6)نىڭ ئاتىسى دەپ سۈپەتلىگەن. بەتتانىي «ياي خوردىسى (أوتار الأقواس)»نىڭ ئورنىغا «سىنوس (الجيب Sinus) بۇلۇڭى (جيوب الزوايا)»نى ئىشلەتكەن، «سېفرا ترىگونومېترىيەسى» ھەققىدە مۇھىم قانۇنىيەتنى بايقاپ چىققان. قەدىمدە يۇنانلىقلار گېئومېتىرىيە دەپ ئاتىۋالغان «ئۇچبۇلۇڭلۇق تەڭلىمىلەر (المعادلات المثلثاتية)» توغرىسىدا بۇلۇڭ قىممەت قاراشلىرىنى ئىپادىلەيدىغان «ئالگېبرالىق قانۇنىيەت (دساتير جبرية)»نى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىلمىي خىزمەتلىرى

بەتتانىي ئالگېبرا، ئۈچبۇلۇڭلۇق ھېسابلاش ساھەلىرىگە ھەسسىسىنى قوشقان. «سىنۇس Sinus، كوسىنۇس Cosinus، تانگىنۇس Tanginus (قا، قتا، ظتا)» قاتارلىق ئاساسى ئۈچبۇلۇڭلۇق نىسبەت قېلىبلىرىنى ئىجاد قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بەتتانىي يەر شارىنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ھەربىر پلانتنىڭ تۇخۇمسىمان (ئېللىپىس) يۆلىنىشتە سەير قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان تۇنجى شەخس ئىكەن.

مەرھۇم خەيرۇددىن زىركلىي (1893 – 1976) «ئەلئەئلام» ناملىق كىتابىدا: «پلانتلار ۋە ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىشنى توغرىلاش مەسىلىسىدە ھېچكىم بەتتانىي يەتكەن سەۋىيەگە يېتىپ باققان ئەمەس» دېگەن. يەنە شۇ كىتابتا بەتتانىي «ئەسسىمۇت (azimuth)» ۋە «نەزىر (nadir)»نى تۇنجى بايقىغان كىشى دەپ كەلگەن.

بەتتانىي «يەر شارىدىن قۇياشنىڭ ئەڭ يىراق نۇقتىسى»، «قۇياش ئوربىتىسى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى»نى بايقىغان تۇنجى كىشى.

ئىتاليىلىك كارلو ئالفانسو ناللىنو / Carlo Alfonso Nallino (1872 – 1938) مۇنداق دەيدۇ: بەتتانىينىڭ كۈن تۇتۇلۇش ۋە ئاي تۇتۇلۇش تەتقىقاتىدا چوڭقۇر مەلۇماتى بار بولۇپ، ئىنگىلىز ئاسترونوم رىچارد دۇنسورن (Richard Dunthorne، 1711 – 1775) م. 1749 – يىلى «ئاينىڭ سۈرئىتى»نى بەلگىلەشتە بۇ تەتقىقاتقا ئاساسلانغان.

بەتتانىي ئۈچبۇلۇڭنىڭ تۆۋەندىكى شەكىللىرىنى بايقىغان تۇنجى كىشىدۇر:

ۋاپاتى

مەرھۇم خەيرۇددىن زىركلىي (1893 – 1976) «ئەلئەئلام» ناملىق كىتابىدا بەتتانىينىڭ راققا ئاھالىسىدىن ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان بەنى زەيياد ئۇرۇغى بىلەن بىرگە زۇلۇمنى شىكايەت قىلىش ئۈچۈن باغدادقا بېرىپ، قايتىش يولىدا ھ. 317، م. 929 – يىلى سامارراغا يېقىن «قەسرۇل جەس» دىگەن جايدا ۋاپات بولغانلىقىنى بايان قىلغان.

بەتتانىينىڭ ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكا ئىلىملىرىدىكى يۇقىرى ئورنىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن ئاي يۈزىدىكى بىر رايون (دىئامېترى 129 كىلومېتىر، چوڭقۇرلۇقى 4.4 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر ئازگال ياكى ئويمان) ئۇنىڭ ئىسمى Albategnius بىلەن ئاتالغان.

مەنبەلەر:

خەيرۇددىن زىرىكلىي: «الأعلام»، 6/68.

تاريخ العلم ودور العرب في تقدمه : د / عبد الحليم منتصر، دار المعارف.

 Hartner, Willy (1970–80). «Al – Battānī, Abū ʿAbd Allāh Muḥammad Ibn Jābir Ibn Sinān al – Raqqī al – Ḥarrānī al–Ṣābi». Dictionary of Scientific Biography. New York: Charles Scribner’s Sons. ISBN 0 – 684 – 10114 – 9.

 O’Connor, John J.; Robertson, Edmund F., «Abu Abdallah Mohammad ibn Jabir Al – Battani», MacTutor History of Mathematics archive

(«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرىپىدىن https://www.marefa.org/ دىكى «محمد بن جابر بن سنان البتاني» ماقالىسىگە ئاساسەن تولۇقلاپ تەييارلاندى)

 

———————————————–
1. بۇ «ۋەفايەتۇل ئەئيان» ناملىق ئەسىرى بىلەن مەشھۇر تارىخچى ئىبنى خاللىكان (1211 – 1282) نىڭ قارىشى بولۇپ، ئىتاليان تەتقىقاتچى كارلو ئالفانسو ناللىنو (1872 – 1938) قارىشىچە «الحضر / ھەدر» كەلىمىسىنىڭ ئەسلىدە مۇئتەسىم بىللاھ خەلىپىلىك دەۋرىدە (833 – 842) قۇردۇرغان قەسرۇل جىس («الجص / جىس») كەلىمىسىنىڭ خاتا يېزىلىشىدۇر. تارىخچى ياقۇت ئەلھەمەۋىي (1179 – 1229) نىڭ مەزكۇر يەر ھەققىدە «قەسرۇل ھەدر» دەپ قەيت قىلغانلىقىغا قارىغاندا ناللىنونىڭ قارىشى ئورۇنسىز ئەمەستۇر.
2. سابىئىيلەر (الصَّابِئُونَ): ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان، يەھۇدىي ۋە خرىستىيانلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن بىر قەۋمنىڭ قالدۇقلىرى. بۇلار كېيىنچە يۇلتۇزلارنى ۋە پەرىشتىلەرنى ئۇلۇغلايدىغان بولۇپ كەتكەن. سابىئىيلەر «قۇرئان كەرىم» ۋە ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن ئىككى تۈرلۈكتۇر: بىرى، ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان ئەھلى كىتاب سابىئىيلەر بولۇپ، بۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەردۇر. يەنە بىرى، بۇتپەرەست مۇشرىكلەردۇر. «قۇرئان كەرىم»دە ئۈچ ئايەتتە (2/«بەقەرە»: 62؛ 5/«مائىدە»: 69 ۋە 22/«ھەج»: 17) تىلغا ئېلىنغان سابىئىيلەر ئۆز زامانىدا، ھارران (ھازىرقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى شانلىئۇرفا ۋىلايىتىگە قاراشلىق، مەركەزدىن 44 كىلومېتىر يىراق ناھىيە) دا ياشىغان. ئۇلارنىڭ ئالىملىرى باغدادتا كىتاب تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئىسلام مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان ۋە كېيىنچە تارىختىن ئىزى ئۆچكەن. قاراڭ: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 842 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 984 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م2017.
3. ئەسسىمۇت (السَّمْت Azimuth): ئەرەبچە اَلسُّمُوت (as-sumūt) دىن كەلگەن خەلقئارالىق ئاسترونومىك ئاتالغۇ بولۇپ، «يۆن/ تەرەپ» ياكى بىر ئاسمان جىسمىنىڭ كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن يۆنىلىشنىڭ ئۇپۇقتىكى شىمال ياكى جەنۇب نوقتىسىدىن بولۇڭ مۇساپىسىنى ئىپادىلەيدۇ. قاراڭ: «ئوكسفورت ئىنگىلىز تىلى لۇغىتى»، 2003 نەشرى، azimuth ماددىسى.
4. نەزىر (النظير / Nadir): ئەرەبچە نظير (naẓīr) دىن كەلگەن خەلقئارالىق ئاسترونومىك ئاتالغۇ بولۇپ، مەلۇم بىر يەردە، گورىزونتال (ياتاي) يۈزگە تىك ھالدا تۇرغاندا، شۇ يەرنىڭ دەل ئاست تەرىپىنى كۆرسىتىدىغان، يەنى يەرنىڭ تارتىش كۈچىگە قارىتا تىك يۆنىلىشتۇر. قاراڭ: «ئوكسفورت ئىنگىلىز تىلى لۇغىتى»، 2003 نەشرى، Nadir ماددىسى.
5. زىج (الزيج / Zij): ئەسلى پارسچە «زایچه» بولۇپ، يۇلتۇزلارنىڭ پەسىللەر ۋە يىللار بويى ئورۇنلىرى ۋە ھەرىكىتىنى ماتېماتىكىلىق ھېسابات بىلەن بايان قىلىدىغان مەخسۇس ئاسترونومىيەلىك جەدۋەلدىن ئىبارەت. مۇسۇلمانلار بۇ ئىلىمنى گرېك ۋە سۇريانلاردىن ئالغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان ۋە جەدۋەللىرىنى ئەمەلىي سىناپ باققاندىن كېيىن ئۇنى مۇھاكىمە قىلغان. ئاندىن يېڭى ئاسترونومىيەلىك سايمانلارنى ئىجاد قىلىپ، ئۇنى ئىلغار رەسەتخانىلاردا ئىشلىتىش ئارقىلىق يېڭى زىجلارنى سۇنغان. بۇ زىجلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن: فەزارىي، خارەزمىي، مەئمۇنىي، بەلخىي، مىرۋەزىي، بەتتانىي، ھەمەدانىي، ئىلخانىي، بوزجانىي، سەنجەرىي ۋە مەلىكشاھىي… قاتارلىقلار.

 6. سېفرا ترىگونومېترىيەسى (عِلْمُ المُثَلّثات المستوية والكروية/ Trigonometrie): سېفرا گرېكچە «شارنىڭ سىرتقى يۈزى، يەنى يېرىم چەمبەرنىڭ دېئامېترىنى ئوق قىلىپ ئايلىنىشتىن ھاسىل بولغان يۈز؛ ترىگونومېترىيە: ئۈچبۇلۇڭ ئىلمى» دېمەكتۇر.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ