لاھەۋلە ۋە لاقۇۋۋەتە ئىللابىللاھنى كۆپ ئوقۇش

«لاھەۋلە ۋە لاقۇۋۋەتە ئىللابىللاھ»نى كۆپ ئوقۇش

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىنىڭ ھەممىسىگە بولسۇن.

مەقسەتكە كەلسەك:

شەك – شۈبھىسىزكى، نۇرلۇق شەرىئىتىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن زىكىرلەرنىڭ دىنىمىزدا ئۈستۈن ئورنى بار بولۇپ، ئۇ تاھارەت ئېلىش كەتمەيدىغان، دەسمايە تەلەپ قىلمايدىغان، بەلكى تىلنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە قەلبنى ھازىر قىلىش بىلەنلا ھاسىل بولىدىغان ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ كاتتا ۋە ئەڭ ئاسان ئىبادەتتۇر.

جاناب پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزىمۇ تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر بىلەن كۆپ ئوقۇغان ۋە ساھابىلىرىنىمۇ ئوقۇشقا بۇيرۇغان بۇ زىكىرلەرنىڭ بىرى بولسا «ھەۋقەلە»نى ئوقۇشتۇر. ئۇ بولسىمۇ «لا ھەۋلە ۋە لا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ» دېگەن زىكىر بولۇپ، بۇ ئىماننى ئىسپاتلايدىغان، ئىشەنچنى كۈچلەندۈرىدىغان ۋە بەندىنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىدىغان چوڭقۇر مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى زىكىردۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «‹لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ (يەنى ئاللاھنىڭ مەدىتى بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ)›نى كۆپ ئوقۇڭلار، چۈنكى ئۇ جەننەتنىڭ خەزىنىلىرىدىن بىر خەزىنىدۇر»(1).

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلىلىم (دوستۇم) سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى يەتتە ئىشقا: ‹مىسكىنلەرنى ياخشى كۆرۈشكە ۋە ئۇلارغا يېقىنلىشىشقا؛ ئۆزۈمدىن يوقىرى كىشىلەرگە قارىماي ئۆزۈمدىن تۆۋەن كىشىلەرگە قاراشقا؛ (تۇغقانلىرىم) گەرچە (مەندىن) يىراقلاشسىمۇ، سىلە – رەھىمنى مەن ئۇلاشقا؛ ھېچبىر كىشىدىن بىر نەرسە سورىماسلىققا؛ گەرچە ئاچچىق بولسىمۇ ھەق گەپنى سۆزلەشكە؛ ئاللاھ بارىدا مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقماسلىققا ۋە لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ (يەنى ئاللاھنىڭ مەدىتى بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ)نى كۆپ ئېيتىشقا› بۇيرۇدى، چۈنكى بۇ كەلىمىلەر ئەرشنىڭ ئاستىدىكى خەزىنىدىندۇر»(2).

ساھابىلەر – ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن – ئۆزئارا بىر – بىرىگە «ھەۋقەلە»نى كۆپ ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىشاتتى. ئامىر ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئەبۇ ئەييۇب ئەلئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇ: «مەن سېنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى بۇيرۇغان ئىشقا بۇيرۇيمۇ؟! سەن ‹لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ (يەنى ئاللاھنىڭ مەدىتى بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ)›نى كۆپ ئېيتقىن، چۈنكى بۇ كەلىمىلەر جەننەتنىڭ خەزىنىلىرىدىندۇر» دېدى»(3).

«ھەۋقەلە»نىڭ مەزمۇنى

 (1) «ھەۋقەلە» –– «لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ» بىر مەنادا «بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە يۆتكىلىش ۋە بەندىنىڭ ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىشقا كۈچىنىڭ يېتىشى پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى، تەۋفىق بېرىشى ۋە توغرىلىققا يەتكۈزۈشى بىلەنلا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ» دېگەنلىكتۇر.

(2) ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بۇنىڭ مەنىسى: ‹بىز پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا تائەت – ئىبادەت قىلىشقا كۈچ – قۇۋۋەت تاپالايمىز؛ يەنە پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى تەرك ئېتىش كۈچ – قۇۋۋىتىگىمۇ ئىگە بولالايمىز› دېگەنلىكتۇر» دېگەن (بۇنى ئىبنى ئەبى ھاتىم رىۋايەت قىلغان).

(3) ئاللاھنىڭ مەدىتى بولمىسا، ھېچبىر يامانلىقنى دەﻓﺌ قىلغىلى ۋە ھېچبىر ياخشىلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.

(4) ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا، ھېچقانداق كۈچ – قۇۋۋەت بولمايدۇ. يەنى بارچە يۈرۈش – تۇرۇش ۋە بىر نەرسىگە يەتكۈدەك ماغدۇر – قۇدرەتنىڭ ھاسىل بولۇشى پەقەت ئاللاھنىڭ خاھلىشى بىلەنلا بولىدۇ. مانا بۇ ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە ياخشى كۆرىدىغان تولۇق تەۋەككۈلنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

(5) «ھەۋقەلە»نى زىكىر قىلىشىڭ ئاللاھ تائالانىڭ: [ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر](فاتىر:15) دېگەن سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يۈزىسىدىن، سېنىڭ ھەرقانداق ھال ۋە شارائىتتا پەرۋەردىگارىڭغا موھتاج ۋە ھاجەتمەن ئىكەنلىكىڭنى ئېتىراپ قىلىشىڭدۇر.

(6) «ھەۋقەلە» –– ھەقىقىي بويسۇنۇش ۋە پۈتۈن كۈچ – قۇۋۋەتنى بىر ئاللاھقا خاس قىلىش دېمەكتۇر. بۇ ئاجىزلىقنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئاللاھدىن ياردەم تەلەپ قىلىش مەقامىدۇر. قاراڭلارا! بىز مۇئەززىننىڭ «حي على الصلاة، حي على الفلاح (نامازغا كېلىڭلار! قۇتۇلۇشقا كېلىڭلار)» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمىزدا، بۇ كەلىمىنى ئېيتىشقا بۇيرۇلدۇق! نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بىز نامازغا بېرىشىمىز ئۈچۈنمۇ نەپسىمىزگە ۋە شەيتانغا قارشى ئاللاھنىڭ بىزگە ياردەم بېرىشىنى تىلەشكە موھتاجمىز.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ساڭا جەننەتنىڭ خەزىنىسىدىن بولغان، ئەرشنىڭ ئاستىدىن (چۈشۈرۈلگەن) بىر كەلىمىنى ئۆگىتىپ قويايمۇ؟ – ياكى – دالالەت قىلايمۇ؟ ‹لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ› دېگىن، شۇندىلا ئاللاھ: ‹بەندەم ئىخلاس قىلدى ۋە ھەممە ئىشلىرىنى (ماڭا) تاپشۇردى› دەيدۇ»(4).

(7) ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ: «بۇ تامامەن بويسۇنۇش ۋە ھەممە ئىشلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش؛ بەندىنىڭ ئۆزى ھېچ ئىشىغا ئىگە بولالمايدۇ، شۇنداقلا بىر بەندىنىڭ يامانلىقلارنى دەﻓﺌ قىلالىشى، ياخشىلىقلارغا ئېرىشەلىشى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەنلا بولىدۇ دېمەكتۇر» دېگەن.

دېمەك، قاچانكى بەندە ئاللاھ تائالانىڭ مەدىتى بولمىسا، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغانلىقىنى بىلسە، ھاياتىدىكى ھەممە ئىشلاردا ئاللاھ تائالاغا تايىنىدۇ ۋە مەخلۇقاتلاردىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ھەممىدىن كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك يېگانە ئاللاھ تائالاغا ھاجەتلىرىنى ئېيتىدۇ.

كىشىلەرنىڭ بۇ كەلىمىنى ئىشلىتىش ۋە چۈشىنىشتىكى خاتالىقلىرى

يۇقىرىدىكىدەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغانلىقى جەھەتىدىن «لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ» دېگەن بۇ كەلىمە مۇسىبەتكە يولۇققاندا ئەمەس، بەلكى ياردەم تەلەپ قىلىشتا ئېيتىلىدىغان كەلىمىدۇر. كۆپىنچە ئىنسانلار بۇنى مۇسىبەتكە يولۇققاندا، «إِنَّا لِلَّـهِ وَإِنَّا إِلَيْهِ رَاجِعُونَ» دېگەن كەلىمىنىڭ ئورنىدا ئېيتىدۇ ۋە سەۋر قىلىش، تەۋەككۈل قىلىش مەنىسىدە ئەمەس، بەلكى ۋايساش مەنىسىدە ئىشلىتىدۇ. بۇ خاتادۇر. بەزىدە بىر كىشىنىڭ دوستلىرىدىن بىرەرسىنىڭ: «لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، «ياخشىلىق كەلسۇن، يامانلىق كەتسۇن، نېمە مۇسىبەت بولدى؟» دەپ سوراۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولىمىز. چۈنكى، ئۇ كىشى بۇ كەلىمىنى مۇسىبەت ئىگىلىرىدىن ئاڭلاپ كۆنگەن – دە. ھالبۇكى، كىشىلەر «ھەۋقەلە»نىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ۋە مېغىزىنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، كۈندىلىك ھاياتىدا كۆپ ئېيتمايدۇ، بەلكى مۇسىبەتكە يولۇققاندىلا ئېيتىشىدۇ.

دېمەك، كۆپىنچە ئىنسانلار بىرەر مۇسىبەتكە يولۇقسا ياكى مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلىسا «إِنَّا لِلَّـهِ وَإِنَّا إِلَيْهِ رَاجِعُونَ» دېمەي، «لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ» دېيىشكە ئالدىرايدۇ. بۇنداق قىلىش خاتادۇر. چۈنكى، «لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ» دېگەن كەلىمە بىرەر باھانىدىن بىھاجەت، ھەممە ئىشلاردا، ھەممە ۋاقىتتا ئېيتىلسا بولىدىغان كەلىمىدۇر. مەسىلەن، خۇددى «حيَّ على الصلاة، حيَّ على الفلاح»نى ئاڭلىغاندا، ناماز ئوقۇشقا ياردەم سوراپ ئېيتقىنىمىزدەك، تائەت – ئىبادەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئاللاھ تائالادىن ياردەم سوراپ ئېيتىمىز.

بۇ ھەقتە كىشىلەر سادىر قىلىدىغان خاتالىقلىرىدىن يەنە بىرى بەزى ئادەملەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ كەلىمىنى قىسقارتىپ، مەنىسىگە نۇقسان يەتكۈزۈپ قويۇشىدۇر. مەسىلەن، « لا حول لله» دەيدۇ. بۇ «ئاللاھنىڭ ھېچقانداق كۈچ – قۇدرىتى يوق» دېگەندەك گەپ بولۇپ قالىدۇ (ئاللاھ بۇنداق دېيىشىمىزدىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن). يەنە بەزىلەر تېخىمۇ بەك قىسقارتىپ: «لحَّول» دەيدۇ. شۇڭا، گۇناھكار بولۇپ قالماسلىقىمىز ياكى بۇ كەلىمىنىڭ ساۋابىدىن قۇرۇق قالماسلىقىمىز ئۈچۈن بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

«ھەۋقەلە»نىڭ ساۋابى قانداق بولىدۇ؟ بۇ كەلىمىلەرنى كۆپ ئېيتقان كىشى ئېرىشىدىغان ساۋابلار تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1. بۇ كەلىمە جەننەت خەزىنىلىرىدىن بىر خەزىنىدۇر؛

ھازىم ئىبنى ھەرمەلە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇكى: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنىدىم، ئۇ زات ماڭا: ‹ئى ھازىم! «لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ» نى كۆپ ئېيتقىن، ھەقىقەتەن ئۇلار جەننەتنىڭ خەزىنىلىرىدىندۇر› دېدى»(5).

بۇ ھەدىستە «خەزىنە» سۆزى «كنز» دەپ ئېلىنغان بولۇپ، خۇددى ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتقاندەك: «بۇ جەننەتتە ساقلانغان ساۋاب بولۇپ، بەجايىكى سىلەرنىڭ قىممەتلىك مېلىڭلار بولغان خەزىنىدەك ناھايىتى ئېسىل ساۋاب»تۇر.

2. ھەرقېتىم «ھەۋقەلە»نى ئوقۇغىنڭدا، سەن ئۈچۈن جەننەتتە بىر كۆچەت تىكىلىدۇ؛

ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغان كېچىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ‹ئى جىبرىل! يېنىڭدا تۇرغان كىم؟› دېگەنىدى، جىبرىل: ‹بۇ مۇھەممەدتۇر› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇ زاتقا:

ــ ئى مۇھەممەد! ئۈممىتىڭنى بۇيرۇغىنكى، جەننەتنىڭ كۆچەتلىرىنى كۆپ تىكسۇن، چۈنكى جەننەتنىڭ تۇپرىقى پاك، زېمىنى كەڭرىدۇر، ــ دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ جەننەتنىڭ كۆچەتلىرى نېمە؟ ــ دېگەنىدى، ئىبراھىم ئەلەيھسسالام:

ــ لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ دۇر، ــ دېدى»(6).

3. بۇ كەلىمە جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن بىر ئىشىك بولۇپ، ئەگەر ئۇنى كۆپلەپ ئوقۇساڭ، ئۇ ئىشىكتىن كىرىشىڭ مۇمكىن؛

مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ سېنى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن بىر ئىشىككە دالالەت قىلايمۇ؟ ــ دېگەندە، ئۇ:

ــ ئۇ نېمە؟ ــ دېگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ، دۇر، ــ دېگەن(7).

4. «ھەۋقەلە» ئۇنى ئېيتقۇچىنىڭ گۇناھلىرىغا كاپارەتتۇر؛

«لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ» دېگەن بۇ ئىبارىگە قوشۇلۇپ كەلگەن بەزى زىكىرلەرمۇ بار بولۇپ، بۇ زىكىرلەر ئۇنى ئېيتقان كىشىنىڭ گۇناھلىرىغا كاپارەتتۇر:

1) ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «زېمىن ئۈستىدە قانداقلىكى بىر كىشى ‹لا إله إلا الله والله أكبر ولا حول ولا قوة إلا بالله (يەنى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، ئاللاھنىڭ مەدىتى بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ)› دېسە، ئۇنىڭ خاتالىقلىرى دېڭىزنىڭ كۆپۈكىدەك بولسىمۇ، يوققا چىقىرىلىدۇ»(8).

ئى مۇسۇلمان قېرىندىشىم، تەپەككۇر قىلغىن! بۇ ئۈچ جۈملە زىكىر نېمىدېگەن ئاز ۋە ئاسان – ھە! ناھاتكى، بەزى كىشىلەر داۋاملىق ئوقۇش ئارقىلىق باشقىلارغا جەڭ ئېلان قىلىش ۋە ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن بىرقىسىم تەس ئىبارىلەرنى يادلايدۇ – يۇ، بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى يەڭگىللىتىپ، ياخشىلىقلىرىمىزنى كۆپ قىلىشىمىز ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزدىن رىۋايەت قىلىنىپ بەلگىلەپ بېرىلگەن بۇ ئاسان زىكىرلەرنى يادلاشقا ئۇرۇنمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزلەر داۋاملىق تىللىرىمىزنى ھۆلدەپ، بۇ زىكىرلەرنى ئوقۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك.

2) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەرفۇ ھالەتتە (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام نامىدىن – ت) رىۋايەت قىلىدۇكى، ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ‹لا إله إلا الله والله أكبر، لا إله إلا الله وحده، لا إله إلا الله ولا شريك له، لا إله إلا الله، له الملك وله الحمد، لا إله إلا الله، ولا حول ولا قوة إلا بالله (يەنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تائالا ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، يالغۇز ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، پۈتۈن پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تائالانىڭ مەدىتى بولمىسا، ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ)› دېسە – (بۇ چاغدا) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇلارغا بارماقلىرىنى بەش قېتىم پۈكۈپ تۈگدى – ئاندىن مۇنداق دېدى: ‹كىمكى بۇ كەلىمىلەرنى بىر كۈندە ياكى بىر كېچىدە، ياكى بىر ئايدا ئېيتسا ئاندىن ئاشۇ كۈندە ياكى ئاشۇ كېچىدە، ياكى ئاشۇ ئايدا ئۆلۈپ كەتسە، گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»(9).

«ھەۋقەلە»نى ئېيتىش مۇستەھەپ ئورۇنلار

«لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ» دېگەن بۇ زىكىرنى ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى بەك چوڭ، ساۋابى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قانچە ئورۇنلاردا بۇ زىكىرنىڭ ئۆزىنىلا ياكى باشقا زىكىرلەر بىلەن قوشۇپ كۆپ ئېيتىشقا قىزىقتۇردى. بۇ ئورۇنلارنى بىلىش «ھەۋقەلە»نى كۆپ ئېيتىشقا قىزىقتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇ ئورۇنلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى:

(1) ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىلىقىدا:

بىر ئۇزۇن ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى (ئەزان ئوقۇلۇۋاتقاندا ئەزان كەلىمىلىرىنى) مۇئەززىننىڭ ئېيتقىنىدەك ئېيتىشىمىزغا بۇيرۇپ، پەقەتلا «حي على الصلاة، حي على الفلاح»قا كەلگەندە، « لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ» دېيىشىكە بۇيرۇدى(10).

ئى قېرىندىشىم، ئويلانغىن! ناماز ئوقۇغۇچى بۇ زىكىرنى ئەزان ئېيتىلغاندا تۆت قېتىم، نامازغا تەكبىر چۈشۈرۈلگەندە ئىككى قېتىم ئېيتىدۇ، شۇنداق بولغاندا بىر كۈندە 30 قېتىم ئېيتقان بولىدۇ.

دېمەك، بۇ ئاللاھ تائالادىن تائەت – ئىبادەتكە ياردەم تىلەشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىمام مالىك رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى «لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ» دېمەي تۇرۇپ، پەتۋا بەرمەيتتى.

سۇفيان سەۋرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن جەئفەر ئىبنى مۇھەممەد مەسجىدتىكى ۋاقتىدا ئۇنىڭ يېنىغا كىردىم. ئۇ:

ــ ئى سۇفيان! سېنى قانداق شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى، ــ دېگەنىدى، مەن:

ــ ئىلىم تەلەپ قىلىپ (كەلدىم)، ــ دېدىم. ئۇ:

ــ ئى سۇفيان! ئەگەر سەن بىر نېئمەتكە ئېرىشسەڭ، ئاللاھتىن قورققىن، ئەگەر رىزقىڭ كېچىكسە، ئاللاھقا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئەگەر بىرەر ئىشقا دۇچ كەلسەڭ، لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ دېگىن، ــ دېدى. ئاندىن يەنە: ــ ئى سۇفيان! بۇ ئۈچ ئىشنى لازىم تۇتقىن، بۇ ئۈچ ئىشنى لازىم تۇتقىن، ــ دېدى» (بەيھەقىي «شۇئەبۇل ئىمان»دا رىۋايەت قىلغان).

(2) ھەر نامازدىن كېيىن

ئەبۇ زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئىبنى زۇبەير ھەر نامازدىن كېيىن، سالام بەرگەن چاغدا: ‹لا إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ لا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ، لا إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَلا نَعْبُدُ إِلاَّ إِيَّاهُ، لَهُ النِّعْمَةُ وَلَهُ الْفَضْلُ وَلَهُ الثَّنَاءُ الْحَسَنُ، لا إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ، مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ (يەنى يەككە – يېگانە ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پۈتكۈل سەلتەنەت ۋە مەدھىيە ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىگە قادىردۇر. كۈچ – قۇۋۋەت ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تائالاغىلا ئىبادەت قىلىمىز. نازۇ – نېئمەت ۋە پەزىلەتلەر ۋە گۈزەل سانالار ئاللاھ تائالاغىلا خاستۇر. گەرچە كۇففارلار ياقتۇرمىسىمۇ دىنىمىزغا چىن قەلبىمىزدىن بېرىلگەن ھالدا بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر› دەيتتى ۋە ئۇ: ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر نامازدىن كېيىن بۇلارنى ئوقۇيتتى› دېدى»(11). يەنە بىر رىۋايەتتە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇلارنى ئۈنلۈك ئوقۇيتتى» دېيىلگەن.

(3) ئۆيدىن چىققاندا

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر كىشى ئۆيىدىن چىققاندا: ‹بِسْمِ اللَّهِ تَوَكَّلْتُ عَلَى اللَّهِ لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ (يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلدىم، ئاللاھ تائالانىڭ مەدىتى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش ئىش كەلمەيدۇ)› دېسە، شۇ ۋاقىتتا ‹ھىدايەت قىلىندىڭ، كۇپايە قىلىندىڭ، ۋە قوغدالدىڭ› دېيىلىدۇ ۋە شەيتانلار ئۇنىڭدىن يىراق قىلىنىدۇ ئاندىن ئۇ شەيتانغا يەنە بىر شەيتان: ‹ھىدايەت قىلىنغان، كۇپايە قىلىنغان ۋە قوغدالغان ئادەمگە قانداقمۇ كۈچۈڭ يەتسۇن› دەيدۇ»(12).

دېمەك، ئۆيدىن چىققاندا، «ھەۋقەلە»نى ئوقۇش يامانلىقلاردىن ئۆزىنى قوغداشتۇر، چۈنكى سەن پۈتۈن كۈچ – قۇۋۋىتىڭدىن ئادا – جۇدا بولۇپ، ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلىدىڭ.

(4) ئۇخلىغاندا

ھەقىقەتەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى ئۇخلاش ئۈچۈن ئورنىمىزغا كەلگەندە، گۇناھلىرىمىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن بۇ زىكىرنى ئېيتىشقا قىزىقتۇردى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئۇخلاش ئۈچۈن ياتار جايىغا كەلگەن ۋاقىتتا: ‹لا إِلَهَ إِلا اللَّهُ وَحْدَهُ لا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلا بِاللَّهِ، سُبْحَانَ اللَّهِ، وَالْحَمْدُ لِلَّهِ، وَلا إِلَهَ إِلا اللَّهُ وَاللَّهُ أَكْبَرُ› (يەنى بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇ يەككە – يېگانە، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، پۈتۈن سەلتەنەت ۋە مەدھىيە ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىگە قادىردۇر. كۈچ – قۇۋۋەت ئاللاھ تائالاغىلا خاستۇر، ئاللاھ تائالا جىمى نۇقسانلاردىن پاكتۇر، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەممىدىن بۈيۈكتۇر)› دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ياكى خاتالىقلىرىنى، گەرچە دېڭىزنىڭ كۆپۈكىدەك بولسىمۇ، مەغپىرەت قىلىدۇ»(13) دېگەن.

(5) ھەۋقەلە قۇرئاننى بىلمەيدىغان ئادەم ئۈچۈن نامازدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇغاننىڭ ئورنىدا بولىدۇ، ھالبۇكى سۈرە فاتىھەنى ئوقۇش نامازنىڭ بىر رۇكنىدۇر.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبىي ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: ‹مەن راستىنلا قۇرئان ئۆگىنەلمەيۋاتىمەن، شۇڭا قۇرئاننىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان (نامازدا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا جايلاردا ئوقۇشۇم ئۈچۈن) بىرەر نەرسىنى ئۆگىتىپ قويغان بولسىلا!› دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹سبحان الله، والحمد لله، ولا إله إلا الله، والله أكبر، ولا حول ولا قوة إلا بالله (ئاللاھ تائالا جىمى نۇقسانلاردىن پاكتۇر، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تائالا ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، جىمى كۈچ – قۇۋۋەت ئاللاھ تائالاغا خاستۇر) دېگىن› دېدى»(14).

(6) بۇ ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە پۈتۈن ئىشلارنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇش مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي دۇئادۇر.

مۇسئەب ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىر ئەئرابىي پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:

ــ ماڭا مەن ئوقۇيدىغان سۆز ئۆگىتىپ قويسىلا، ــ دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ لا إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ لا شَرِيكَ لَهُ، اللَّهُ أَكْبَرُ كَبِيرًا وَالْحَمْدُ لِلَّهِ كَثِيرًا سُبْحَانَ اللَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ، لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ (يەنى يالغۇز بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، ئاللاھ تائالا ناھايىتى بۈيۈكتۇر، ئاللاھ تائالاغا كۆپ مەدھىيە بولسۇن، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن. بارلىق كۈچ – قۇۋۋەت غالىب ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر) دېگىن ــ دېدى. ئۇ كىشى:

ــ بۇ سۆزلەرنى رەببىم ئۈچۈن ئوقۇيمەن، ئۆزۈم ئۈچۈن نېمە ئوقۇيمەن؟ ــ دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

 ــ اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي وَارْحَمْنِي وَاهْدِنِي وَارْزُقْنِي (يەنى ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھمەت قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن، ماڭا رىزىق بەرگىن) دېگىن ــ دېدى»(15).

(7) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھقا كۆپ تەسبىھ ئېيتىدىغان بىر ئايالنى «ھەۋقەلە»نى كۆپ ئېيتىشقا بۇيرۇغان.

سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئالدىغا تاش ياكى ئۇرۇقچا قويۇۋېلىپ، تەسبىھ ئېيتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ يېنىغا كىردى – ئېھتىمال بۇ بەزى ئالىملار ئېيتقاندەك، ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىت بولۇشى مۇمكىن – شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن ساڭا ئۇنىڭدىنمۇ ئاسانراق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقراق بىر كەلىمىنى دەپ بېرەيمۇ؟ دېدى ۋە: ‹سبحان الله عدد ما خلق في السماء، وسبحان الله عدد ما خلق في الأرض، وسبحان الله عدد ما بين ذلك، وسبحان الله عدد ما هو خالق، والله أكبر مثل ذلك، والحمد لله مثل ذلك، ولا إله إلا الله مثل ذلك، ولا حول ولا قوة إلا بالله مثل ذلك (يەنى مەن ئاللاھ تائالا ئاسماندا ياراتقان مەخلۇقلارنىڭ سانى باراۋېرىدە ئاللاھ تائالانى پاك دەپ بىلىمەن ۋە زېمىندا ياراتقان ھەمدە ئاسمان – زېمىن ئارىسىدا ياراتقان مەخلۇقاتلارنىڭ سانى باراۋېرىدە ئاللاھ تائالانى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ياراتماقچى بولغان نەرسىلەرنىڭ سانى باراۋېرىدە ئاللاھ تائالاغا ھەمد ئېيتىمەن ۋە شۇ نەرسىلەرنىڭ باراۋېرىدە بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوق، دەيمەن ۋە شۇ نەرسىلەرنىڭ باراۋېرىدە كۈچ – قۇدرەت پەقەت ئاللاھ تائالاغا خاستۇر) دەيمەن› دېدى»(16).

يۇقىرىدا بۇ ئۇلۇغ زىكىرنىڭ مەنىسىنى، مېغىزىنى، كىشىلەرنىڭ بۇ زىكىرگە قارىتا بەزى خاتالىقلىرىنى ۋە بۇ زىكىرنىڭ بىرقىسىم پەزىلەتلىرىنى بىلدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «‹لا حَوْلَ وَلا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ (يەنى ئاللاھنىڭ مەدىتى بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ)› نى كۆپ ئوقۇڭلار، چۈنكى ئۇ جەننەت خەزىنىلىرىدىن بىر خەزىنىدۇر» دېگەن سۆزىگە ئەمەل قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ زىكىرنى تاشلاپ قويمايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن.

ئۇلۇغ ئاللاھ مەن ۋە سىلەر ھەممىمىزنى سۆزگە قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلاردىن قىلسۇن. ئاللاھ سەييىدىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئەسھابىلىرىغا رەھمەت قىلسۇن ۋە ئەمىن قىلسۇن.

مەنبە: الإكثار من قول (لا حول ولا قوة إلا بالله) – د.محمد بن إبراهيم النعيم – http://saaid.net/Doat/alnaim/39.htm

تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات

——————————————————————————————

1. «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، 3601 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 8406 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
2. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 21415 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ھارىس»، 467 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، 449 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
3. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ھەجەر ئەلئەسقەلانىي: («ئەلمەتالىبۇل ئالىيە» 4 – توم، 43 – بەت) «ھەسەن» دېگەن.
4. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 7966 – ھەدىس؛ نەسائىي: «ئەسسۇنەنۇلكۇبرا»، 9757 – ھەدىس؛ ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، 54 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇلجامى»، 2614 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
5. «سۈنەنۇ ئىبنى ماجە»، 3826 – ھەدىس؛ ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
6. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 23552 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، 821 – ھەدىس؛ ئالبانىي: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
7. بۇ ھەدىسنى ئالبانىي («سەھىھۇتتەرغىب»، 1581 – ھەدىس) «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
8. «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، 3460 – ھەدىس؛ نەسائىي: «ئەمەلۇليەۋمى ۋەللەيلە»، 124 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 6479 – ھەدىس؛ ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
9. نەسائىي: «ئەسسۈنەنۇلكۇبرا»، 9773 – ھەدىس. ئالباني: («سەھىھۇتتەرغىب»، 3481 – ھەدىس) «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
10. «سەھىھۇ مۇسلىم»، 385 – ھەدىس.
11. «سەھىھۇ مۇسلىم»، 594 – ھەدىس.
12. «سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد»، 5095 – ھەدىس؛ نەسائىي: «ئەسسۈنۇلكۇبرا»، 9838 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
13. «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، 5528 – ھەدىس؛ ئىبنۇسسۇننىي: «ئەمەلۇليەۋمى ۋەللەيلە»، 722 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
14. «سۈنەنۇ ئىبنى داۋۇد»، 832 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇننەسائىي»، 924 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 19110 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
15. «سەھىھۇ مۇسلىم»، 2696 – ھەدىس.
16. «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، 3568 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد»، 1500 – ھەدىس. ئىبنى ھەجەر: («ئەلفۇتۇۋھاتۇررەببانىييە» 1 – توم، 244 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. مۇنزىرىي: («ئەتتەرغىب ۋەتتەرھىب» 2 – توم، 360 – بەت) «ئىسنادى سەھىھ ياكى ھەسەن ياكى بۇ ئىككىسىگە يېقىنراق» دېگەن. ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ