سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. كىبىرنى قانداق قىلىپ يوقاتقىلى بولىدۇ؟ بىرسى بىلەن پاراڭلاشقاندىن كىيىن، ئۇنىڭ مېنىڭ ھەققىمدە: ئۇنىڭدا كىبىر بار، دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدىم، ئۆزۈمنى تەكشۈرۈپ كۆرسەم راستىنلا شۇنداقكەن. ئويلىغانسېرى پۈتۈن تۇرمۇشۇمغا ھەتتا ھەربىر سۆزلىرىمگىچە سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن، كۆڭلۈم بەكلا يېرىم. قەلبنى كىبىردىن پاك تۇتۇشنىڭ يوللىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا باشلىسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
قەدىرلىك قېرىندىشىم! دىنىمىز ئەڭ يامان كۆرگەن ۋە ئىنسان روھىيىتىگە ئەڭ خەتەرلىك دەپ قارىغان ھالاكەتكە تاشلىغۇچى ئىللەتلەردىن بىرى كىبىر بولۇپ، قۇرئان ۋە سۈننەت ئۇنى ئەيىبلىگەن ۋە ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغان ئايەت ۋە ھەدىسلەر بىلەن تولغاندۇر. مىسالغا ئالساق، ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى قۇدرەت دەلىللىرىمدىن يىراقلاشتۇرىمەن!﴾(7/«ئەئراف»: 146)، ﴿ئاللاھ تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ﴾(16/«نەھل»: 23)، ﴿(ئۇلارغا) «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، جەھەننەمدە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببۇرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!» دېيىلىدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 72).
كىبىرنىڭ خەتىرى ۋە ماھىيىتى مۇنۇ ھەدىستە ئېنىق بايان قىلىنغان:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— قەلبىدە زەررىچىلىك كىبىر بولغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ، — دېدى. ساھابەلەردىن بىرى:
— لېكىن، كىشى كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ ۋە كەشىنىڭ چىرايلىق بولۇشىنى ياخشى كۆرسىچۇ؟ — دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ، كىبىر دېگەن ھەقكە ئۇنىماسلىق، كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىقتۇر، — دەپ جاۋاب بەرگەن(1).
يەنى كىيىنىش، تۇرالغۇ ۋە ماشىنا قاتارلىقلاردا چىرايلىق، ئېسىل بولۇشنى ياقتۇرۇش پاكىتقا ئۇنىماسلىق، كىشىلەرگە چوڭچىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى كۆزگە ئىلماسلىقتىن ئىبارەت كىبىر دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. ئىككىسى نىيەت بىلەن پەرقلىنىدۇ.
«سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم : «دوزاخ ئېيتتى: مەن ئۆزىنى چوڭ تۇتۇۋالغانلارغا، زوراۋان بولىۋالغانلارغا خاس قىلىندىم» دېگەن(2).
سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە ئېيتىدۇ: «كۆڭلى تارتقانلىقتىن گۇناھ – مەئسىيەت قىلىپ قالغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدىن ئۈمىدۋار بولغىن! چۈنكى، ئادەم ئەلەيھىسسالام كۆڭلى تارتقانلىقتىن (چەكلەنگەننى يەپ) مەئسىيەت قىلىپ سېلىۋىدى، شۇ ھامان مەغپىرەت قىلىندى. بىراۋنىڭ قىلمىشى تەكەببۇرلۇقتىن بولسا ئۇنىڭغا لەنەت قىلىنىشتىن قورققىن! چۈنكى، ئىبلىس ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغانىدى، شۇ ھامان لەنەت قىلىندى»(3).
ھارىس ئەلمۇھاسىبىي (ھ. 170 – 243 / م. 781 – 857): «سەن ئۆزۈڭنى ئەۋزەل دەپ قاراشتىن چەكلەنگەنسەن، ئۆزۈڭنى پاك ساناش ساڭا ھارام قىلىنغان. بەلكى سەن ئۇ دۇنيادا بۇ دۇنيادىكى ۋاقتىڭدا كۆزۈڭگە ئىلمىغانلارنىڭ ئاياغلىرى ئاستىدا بولۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن» دېگەن(4).
زىنھار ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، ئىبلىس كىبرى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان. فىرئەۋن، ئەبۇ لەھەب ۋە باشقا نۇرغۇن كافىرلارمۇ كىبرى سەۋەبلىك ئىمان ئېيتماي دوزىخىي بولۇپ كەتكەن. كۆپلىگەن ئالىملار كىبىرنى ئەڭ چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن سانىغان. كىبرى بار ئىنساننى ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرمىگىنىدەك، ئەتراپتىكى ئىنسانلارمۇ ياقتۇرمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن كىبىردىن ئىچى سىقىلىش بىلەن بىرگە جەمئىيەتتە يېتىم قېلىش كېلىپ چىقىدۇ.
روھىيىتىمىزدىكى كېسەللەرنىڭ داۋاسىنى قىلىشتا مۇتەخەسسىس بولغان ئۇستاز، ھۆججەتۇلئىسلام ئىمام غەززالىي «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش)» ئاتلىق كىتابىنىڭ ئاخىرىدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالغان ۋە «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئاخىرەتتىكى نىجاتلىقنى قەلبنىڭ ساغلاملىقىغا باغلىغانلىقىنى، قەلب ئاپەتلىرىنىڭ بېشى ۋە ئەڭ خەتەرلىكىنىڭ كىبىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. شۇنداقلا ئۇنى ئىنسانغا تېگىدىغان بىر خىل روھىي ئاپەت دەپ قارىغان. ئىمام غەززالىينىڭ دېيىشىچە: «كىبىرلىك ئىنسان ئۆزىنى چوڭ تۇتىدۇ ۋە ئۆزىنى باشقىلاردىن ئەۋزەل دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا ئۆزىگە تەمەننا تۇيغۇسى بىلەن قاراپ، باشقىلارغا مەنسىتمەسلىك ۋە ھاقارەت نەزەرى بىلەن قارايدۇ. ئىنساننىڭ ئۆزىگە بۇ خىل نەزەردە قارىشى ئىجتىمائىي ھاياتقا ئاپەت بولىدىغان خەتەرنىڭ بېشىدۇر».
ئىمام غەززالىي يەنە: «بىلگىنكى، كىبىر ئىنساننىڭ قەلبىدىكى كېسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدە ئىپادىلەنگەن ناچار ئەخلاق ۋە سەلبىي ئىش – ھەرىكەتلەر بولسا كىبىرنىڭ ئالامىتى ۋە نەتىجىسىدۇر. بۇنى ‹تەكەببۇرلۇق› دەپ ئاتىساق ئەڭ لايىق بولىدۇ» دەيدۇ.
پسىخىكا جەھەتتىن كىبىرنى ئىنسان نەپسىدىكى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش تۇيغۇسىنىڭ ئالامىتى ياكى نەتىجىسى ۋە ياكى يېتەرسىزلىكلىرىنى تولدۇرۇش ۋاسىتىسى دەپ قاراش مۇمكىن. قانداق دېگەندە، مۇتەكەببۇر ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ ياكى يېتەرسىز دەپ قاراپ ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالمىغاچقا، ئۆزىدىكى بۇ كەمتۈكلۈكنى تولدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ئۇنى تەكەببۇرلۇق قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن، قەلبىدە پېقىرلىق تۇيغۇسى بارلار باي بولۇشقا قاتتىق تىرىشىدۇ ۋە باي بولغىنىدا تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ. يەنى بۇ بايدىكى كىبىرنىڭ سەۋەبى ئەسلىدىكى پېقىرلىق تۇيغۇسىدۇر. ئاندىن بۇرۇن ئۇنى پېقىر دەپ قارايدىغانلارنى ئۇنداق ئەمەسلىكىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن «مۇنداق بايلىقىم بار»، «مۇنچىلىك خەجلىدىم» ۋە «مەن» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشقا تىرىشىدۇ. ئەتراپتىكىلەرنى ئۆزىدىكى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە يەتمەيدىغان ناقىس ئىنسانلار دەپ قاراپ، ئۆزىگە لايىق سەۋىيەدىكىلەرنى تېپىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئاقىۋەتتە كىبىر ھەم ۋاسىتە، ھەم نەتىجە بولىدۇ.
شائىر خەلىپە ئىبنۇلمۇئتەز (ھ. 247 – 296 / م. 861 – 909): «نۇقسانلىق تۇيغۇسىغا دۇچار كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كامالەت ئىگىلىرى ئالدىدىكى ئەھۋالىنى تونۇپ يېتىپ، ئۆزلىرىنى چوڭايتىش ئۈچۈن كىبىرنى ۋاسىتە قىلىشىدۇ. ھالبۇكى كىبىر ھەرگىزمۇ كار قىلمايدۇ» دېگەن(5).
ئىمام غەززالىي تەكەببۇرلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە ئۇنى قۇترىتىدىغان سەۋەبلەرنى مۇنداق يەكۈنلىگەن: «ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا خاس بولغان كىبىرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان بىر ئامىل بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىگە تەمەننا قويۇش. ئەمما، ئىنساننىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغان زاھىرىي كىبىرگە سەۋەب بولىدىغان ئامىللار تۆتتۇر: ئۆزىگە تەمەننا قويۇش، ھىقد (ئۆچمەنلىك)، ھەسەت ۋە رىيا قىلىش»(6).
يۇقىرىقى تۆت ئىللەتتىن باشقا نىفاق، گۇمانخورلۇق، ئۆزىدە بولمىغان خىسلەت ياكى قىلمىغان خىزمەت بىلەن پەخىرلىنىش، پىخسىقلىق، تېز ئاچچىقلىنىش، مەنسەپكە ئامراقلىق، مىننەتخورلۇق، نەسىھەت ئاڭلىماسلىق، خاتالىقىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇش، مەنمەنچىلىك، مەمەدانلىق، ئابرۇيپەرەستلىك، شەخسىيەتچىلىك ۋە ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىنى ئاقلاپ تۇرۇۋېلىش قاتارلىق يامان ئىللەت، ناچار ئەخلاقلا بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم كىبىرگە چېتىشلىق بولىدۇ. چۈنكى، تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش ئۈچۈن ياخشى خىسلەتلەردىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغىنىدەك، بۇ تۈرلۈك ناچار ئەخلاقلارغا موھتاج بولىدۇ. نەتىجىدە كىبىر ئىنساننى جەننەت ئەھلىنىڭ ئەخلاقلىرىدىن يالىڭاچلىۋېتىدۇ. شۇ ۋەجدىن پەيغەمبىرىمىز: «قەلبىدە زەررىچىلىك كىبىر بولغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېگەن.
دېمەك، كىبىر باشقىلار بىلەن بولغان گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەت، يۈرۈش – تۇرۇشلاردا، چىراي ئىپادىسىدە، ئاۋازدا، ھەتتا سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە قاراشلاردا ئىپادىلەنگەندەك، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدا، ئوي – خىيال، ئارزۇ – ئارمانلىرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ ۋە نەتىجىدە ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتۇش ۋە يوغانچىلىق قىلىش كېلىپ چىقىدۇ.
ھەتتا تائەت – ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىپ، گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن ئۆزىنى يىراق تۇتىدىغانلارمۇ ئۆزىنىڭ تەقۋادارلىقىغا تايىنىپ، پاسىقلارنى تۆۋەن كۆرۈپ، كىبىرگە مۇبتىلا بولۇشىمۇ مۇمكىن. تابىئىندىن جۇبەير ئىبنى نۇفەير (ئۆ. ھ. 80 / م. 699) رەھىمەھۇللاھتىن:
— كىبىرنىڭ قايسىسى ئەڭ ياماندۇر؟ — دەپ سورالغىنىدا، ئۇ:
— ئىبادەتنىڭ كىبرى، — دەپ جاۋاب بەرگەن(7). ئىمام غەززالىيمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس توختالغان.
ئۇنداقتا كىبىرنى داۋالاشنىڭ يولى قايسى؟
يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، كىبىر ھالاكەتكە تاشلىغۇچى پسىخىكىي ۋە ئىجتىمائىي مەرەزلەرنىڭ ئەڭ خەتەرلىكى بولغاچقا، ئۇنى داۋالاش پەرزدۇر. ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن نەپس بىلەن ئۇزاق مۇددەت جىھاد قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. كىبىر مىسالى بۇ يامان دەرەخنىڭ يىلتىزى ۋە غولى بولسا، تەكەببۇرلۇق ئالامەتلىرى ئۇنىڭ شاخ – يوپۇرماقلىرىدۇر. شۇڭا، تۆۋەندىكى قەدەملەر بويىچە داۋالاشنى يىلتىز ۋە غولغا مەركەزلەشتۈرىمىز:
1) ئالدى بىلەن بۇ مەرەزنىڭ ماھىيىتى، خەتىرى، تۈرلىرى، دەرىجىلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى… قاتارلىقلار توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش كېرەك. چۈنكى، داۋالاشنىڭ ئىلمىي ئاساستا بولۇشى زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن» (ئەلغەززالىي) ياكى ئۇنىڭ قىسقارتىلمىسى بولغان «مۇختەسەرۇ مىنھاجىل قاسىدىن»نى، «تەلبىسۇ ئىبلىس (شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى)» (ئىبنۇلجەۋزىي) ۋە «مەدارىجۇسسالىكىن (سالىكلەرنىڭ(8) مەنزىللىرى)» (ئىبنۇلقەييىم) قاتارلىق كىتابلارنى ۋە ياكى بۇ ھەقتە يېزىلغان ياخشى كىتاب – ماتېرىياللارنى ئوقۇپ، كىبىر توغرۇلۇق تولۇق مەلۇمات ئىگىلەش كېرەك.
2) ئىنسان بالىسىلا بولىدىكەن، بۇ مەرەزدىن تولۇق خالىي بولۇپ كېتەلىشى ياكى ئۇنىڭدىن ئاسانلا قۇتۇلۇپ كېتىشى بەسى مۈشكۈلدۇر. شۇڭا، ئۇنى داۋالاشقا مۇستەھكەم ئىرادە شەرتتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت، تىنىمسىز غەيرەت ۋە ھەقىقىي سەمىمىيەت كېتىدۇ. بۇ ئىللەتتىن قۇتۇلۇشتا راستچىللىق قانچىلىك چىن بولسا، ئۈنۈمى شۇنچىلىك يۇقىرى بولىدۇ.
3) تۈرلۈك پەرز ۋە نەپلە تائەت – ئىبادەتلەر كىبىر ۋە تەكەببۇرلۇقنىڭ داۋاسى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنىڭ چارىسى بولۇپ، دىنىمىز بەلگىلىگەن بۇ ئىبادەتلەر ئۆز نۆۋىتىدە كىبىر، رىيا ۋە نىفاق قاتارلىق يامان ئىللەتلەرنىڭ داۋاسىدۇر. مەسىلەن، ئاللاھقا قۇللۇق قىلىپ سەجدىگە باش قويۇپ پېشانىنى يەرگە ئۆركەش ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش ۋە بويۇن ئېگىش تۇيغۇسىنى بېغىشلايدۇ؛ روزا ئىنساندىكى تەكەببۇرلۇقنى داۋالاپ، ئاچ ۋە ئۇسسۇزلۇق بىلەن ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ؛ ھەجدە ھەممە ئوخشاش ئىھراملىق كىيىپ، تاۋاپ، سەئيى ۋە ئەرافاتتا بىر – بىرىدىن پەرقلەنمەيدىغان ھالەتتە بولىدۇ؛ زاكات بولسا بايلاردىكى تەكەببۇرلۇقنى پەسەيتىدۇ. دېمەك، دىنىمىزدىكى تائەت – ئىبادەتلەرنى جايىدا ئادا قىلىشتىكى ئىزچىللىق كىبىرنى داۋالاپلا قالماي، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ئىزلىرى، ئەخلاقى، جۈملىدىن كەمتەرلىكىنى ئۆگىنىشمۇ كىبىرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى داۋالايدۇ.
4) قەلبتىكى كىبىرنى داۋالاشتا ئىمانىي تەرەپكە كۈچەش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. چۈنكى، ئىمان باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە ئۆزگىلەر ئالدىدا كەمتەر بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. جانابى ئاللاھ ﴿مۇئمىنلەرگە كەمتەر بولغىن﴾(15/«ھىجر»: 88) دەپ بۇيرۇغان ۋە: ﴿ئى مۇئمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئاللاھ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، مۇئمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كافىرلارغا شەپقەتسىز، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ﴾(5/«مائىدە»: 54) دېگەن.
ئىنسان ئۆزىنى تونۇغانسېرى ئۆزىدىكى ئاجىزلىق، بەندىلىك ۋە موھتاجلىقنى ھېس قىلىدۇ. پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، قۇدرىتىنى ۋە رۇبۇبىيەتى (ياراتقۇچى ۋە پەرۋىشكار ئىكەنلىكى) نى تونۇغىنىدا چوڭچىلىق قىلمايدىغان بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئابى مەنىدىن ئاپىرىدە قىلغان، ئۇنىڭغا ھاياتلىق بېغىشلاپ ساناقسىز نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان، ئاخىرىدا قەبرگە، ئاندىن يەنە شۇ زات — ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بارىدىغانلىقىنى بىلسە، تەكەببۇرلۇق قىلىشنىڭ ئورنى يوقلۇقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ.
جانابى ئاللاھ ئېيتىدۇ: ﴿ئىنسانغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە، بىزگە دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ بىرەر نېئمىتىمىزنى ئاتا قىلساق، ئۇ: «مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم» دەيدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 49). قارۇنغىمۇ ئاللاھ بايلىق ئاتا قىلغاندىن كېيىن، ئۇ تەكەببۇرلۇق قىلغان. قەۋمى ئۇنىڭغا: ﴿كۆرەڭلەپ كەتمە!﴾(28/«قەسەس»: 76) دېگىنىدە، ﴿قارۇن: «مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم» دېدى﴾(28/«قەسەس»: 78).
يەنە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئەسل – زاتىغا قارايدىغان بولساق، ئىنسانلارنى باراۋەر ۋە قېرىنداش قىلغان ئىسلام تۈزۈمىدىمۇ ھەممەيلەن بىر ئاتا ۋە بىر ئانىدىن يارىتىلغان. بۇ ھەقتە ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر – بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر﴾(49/«ھۇجۇرات»: 13).
بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇلاردىكى ئەۋزەللىك پەقەت تەقۋادارلىق ۋە سالىھ ئەمەللەر بىلەن بولىدۇ. تەقۋادارلىق بىلەن سالىھ ئەمەللەر بولسا بايلىق، بىلىم، كۈچتۈڭگۈرلۈك ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلەر ئاساسىدا تەكەببۇرلۇق قىلىشنى توسىدۇ. دېمەك، بىر تۇتاش بولغان ئىسلام ئۆلچىمى بويىچە ئىش تۇتۇش ئىنساننى ئىسلام مەنتىقىسى بويىچە تەپەككۇر قىلىشقا، ئىسلام ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىپ مۇئامىلە قىلىشقا ئادەتلەندۈرىدۇ ۋە ئۇنى كىبىردىن يىراق تۇتۇپ تەربىيەلەيدۇ.
5) ھەربىر كىشى ئۆزىدىكى ئىچكى كىبىر بىلەن سىرتقى تەكەببۇرلۇققا سەۋەب بولىدىغان ئۆزىگە تەمەننا قويۇش، ھىقد (ئۆچمەنلىك)، ھەسەت ۋە رىياكارلىق قاتارلىق كىبىرنىڭ تۆت ئامىلىنىڭ قايسىسىدىن مەنبەلەنگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى لازىم. مەسىلەن، كىبرى ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتىن كەلگەن بولسا، بۇ تېرەن بىلىمىدىنمۇ، كېلىشكەن چىرايىدىنمۇ، ئىبادەتگۇيلىقىدىنمۇ، بايلىقىدىنمۇ، مەنسىپىدىنمۇ ۋەياكى ئەتراپتىكى چاپانچىلاردىنمۇ؟… بۇ ئەھۋالدا ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ تۈرلىرىنى، ئالامەتلىرىنى ۋە چارىلىرىنى ئوقۇپ ئامالىنى قىلىشى لازىم؛ كىبرى ھىقدتىن كەلگەن بولسا، ھىقد ئاچچىقى يامانلىقتىن بولىدۇ. ھەسەتتىن كەلگەن بولسا، ھەسەت ھىقدتىن كېلىدۇ. دېمەك، ھىقد بىلەن ھەسەتنىڭ مەنبەسى ۋە سەۋەبى غەزەپلىنىش ۋە ئاچچىقى يامانلىقتۇر. ھىقد بىلەن ھەسەت كۆپىنچە تەڭتۇشلار ۋە بىر دەرىجىدە دەپ قارىلىدىغانلار ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ؛ كىبرى رىيادىن كەلگەن بولسا، بۇ ئەمەل – ئىبادەت ياكى پائالىيەتلەرنىڭ جامائەت يىغىلغان سورۇنلاردا ياكى تاراتقۇلاردا ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن كەلگەن بولسا، دەررۇ خالايىققا كۆرۈنمەيدىغان ياكى نامى زىكىر قىلىنمايدىغان خىزمەتكە يۆتكىلىش لازىم…
6) ئىنساننىڭ ئۆزىدە ئىزچىل تەكرارلىنىدىغان، تەكەببۇرلۇققا ياتىدىغان ئادەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇنى تاشلاشقا تىرىشىشى ئىنتايىن پايدىلىق ۋە ئەمەلىي قەدەمدۇر. مەسىلەن، باشقىلارغا توۋلاپ گەپ قىلىدىغان بولسا، سىلىق ۋە پەسرەك ئاۋازدا گەپ قىلىش؛ ئۆزىنىڭ نەرسە – كېرەكلىرىنى باشقىلارغا كۆتۈرتىدىغان بولسا ئۆزى كۆتۈرۈش؛ ئاددىي، مىسكىن ئىنسانلار بىلەن ئارىلىشىپ دوست بولۇش، چاقىرسا بېرىش؛ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشقا تىرىشىش، كىبىر ھېس قىلغان سورۇنلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش؛ ئۆي ۋە ئىشخانىلىرىنىڭ تازىلىقىنى ئۆز قولى بىلەن قىلىش… بۇ چارە – تەدبىرلەر ئاددىي بولسىمۇ ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈكتۇر. بۇلارنى ھەربىر كىشى ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتسە بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! تېخىمۇ كەڭ ۋە تولۇق مەلۇمات ئۈچۈن يۇقىرىقى مەنبەلەرگە مۇراجىئەت قىلغايسىز.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1442، 19 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2021، 3 – يانۋار
1. مۇسلىم (91).
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4850)؛ مۇسلىم (2846).
3. ئىبنى قۇدامە: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن»، 283 – بەت.
4. ھارىس ئەلمۇھاسىبىي: «ئەلۋەسايا»، 74 – بەت.
5. سەئالىبىي: «التمثيل والمحاضرة»، 444 – بەت.
6. غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 3 – ج، 353 -، 354 – بەتلەر.
7. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 5 – ج، 133 – بەت.
8. سالىك (السَّالِكُ) تەسەۋۋۇف ئەھلىنىڭ قارىشىدا: «دۇنياغا بېرىلىش، ھەسەت، كىبىر، ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇش، كۆرەڭلەش، يالغانچىلىق، غەيۋەت ۋە زۇلۇم قاتارلىق گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن ئۆزىنى پاكلاش، نەفسىنى ئىلىم – مەرىپەت، ھايا، رازىمەنلىك، ئادالەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئېسىل پەزىلەتلەر بىلەن زىننەتلەش يولىدا مېڭىپ ئۆزىنىڭ نەفسى خاھىشى ۋە شەھۋەتلىرىگە قارشى ئىش تۇتۇپ تائەت – ئىبادەت ۋە زىكىر ئارقىلىق ئاللاھقا قاراپ ماڭغۇچى بەندە. قاراڭ: تەھانەۋىي: «كەششافۇ ئىستىلاھاتىل فۇنۇن»، 1 – ج، 969 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

