ھېيت نامىزى ئوقۇماي تۇرۇپ قۇربانلىق قىلسا بولامدۇ؟

ھېيت نامىزى ئوقۇماي تۇرۇپ قۇربانلىق قىلسا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! سەئۇدى ئەرەبىستاندا بۇ يىل (2011) ئەرەفات كۈنى شەنبە، مۇبارەك قۇربان ھېيت يەكشەنبە كۈنى بولىدىكەن، دىيارىمىزدا دۈشەنبە ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە… ئۇنداقتا، دىيارىمىزدا ھېيت نامىزىنى ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى دۈشەنبە ئوقۇغان تەقدىردە، ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى يەكشەنبە ھېيت نامىزى ئوقۇماي تۇرۇپ قۇربانلىق قىلسا بولامدۇ؟ ھېيت نامىزىنى پەقەت ئوقۇيالماي قېلىپ قۇربانلىق قىلسا ھەم قوبۇل بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

كۈچلۈك قاراشتا ھېيت نامىزىنىڭ ھۆكمى ۋاجىبتۇر.

مۇھەممەد رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «بىز ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭلارنى ﯞﻩ تالا – تۈزگە چىقمايدىغان ﻗﯩﺰ – ﭼﻮﻛﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ بۇيرۇلدۇق. بۇنداق قىلغاندا ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭنىڭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎ – ﺗﯩﻼﯞﻩﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ قاتنىشىدۇ، ھەيزدارلار (چىققاندا) ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ نامازگاھىدىن بىر چەتتە ﺗﯘﺭىدۇ. (ئۆز ۋاقتىدا) ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ﺑﯩﺮﻩﺭىمىزنىڭ ﭘﯜﺭﻛﻪﻧﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﭽﯘ؟ — ﺩېگەنىدى، ﺋﯘ زات:

— ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﯜﺭﻛﻪﻧﺠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﺪۈﺭۈﭖ ﻗﻮﻳﺴﯘﻥ، — ﺩېگەن».(1) بۇ ھەدىس ھېيت نامىزىنىڭ ۋاجىبلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ نامازنى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى كۈن چىقىپ 20 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تاكى پېشىنغىچە ئوقۇيدۇ، ۋاقتىدا ئوقۇماي ئۆتكۈزۈۋەتكەن ئەھۋالدا قازاسىنى قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

ساھابەلەر رىۋايەت قىلىدۇ: بىر كارۋان كېلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھۇزۇرىدا يېڭى ئاينى ئاخشام كۆرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشكەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ساھابەلەرنى شۇ كۈنى ئېغىز ئېچىۋېتىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ھېيت نامىزىغا چىقىشقا بۇيرۇدى. بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان شۇئبە: «بۇ كەچ تەرەپتە بولدىغۇ دەيمەن» دېگەن.(2)

قۇربان ھېيت كۈنى، ھەرەمدە ھېيت دەپ بەلگىلىگەن زۇلھەججەنىڭ 10 – كۈنىدۇر. بۇ، ئەرەفاتتا تۇرىدىغان كۈندىن كېيىنكى كۈندۇر. چۈنكى، دۇنيادا ئەرەفاتتىن پەقەت بىرىلا بار. شۇڭا، باشقا دىيارلارمۇ قۇربان ھېيتنى بەلگىلەشتە ھەرەمگە ئەگىشىدۇ.

ئەمدى دىيارىمىزدا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى ھېيت قىلىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ھېيت نامىزىنى بىرىنچى كۈنى يەكشەنبە دەل ۋاقتىدا ئۆيدىكى بالىچاقىلىرى بىلەن ئوقۇۋېلىپ، ئەتىسى جامائەت بىلەن بىللە قايتا ئوقۇۋەتسىمۇ بولىدۇ. ئۇنداق قىلالمىغانلار دىيارىمىزدىكى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى (ھەرەمدىكى ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى) ھېيت نامىزىنى جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇپ قازاسىنى قىلسا بولىدۇ. دېمەك، بۇ ئەھۋالدا ھېيت نامىزى قازا قىلىنغان بولىدۇ.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇبەكرى بوۋىسى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ «تاف» دېگەن جايدىكى تۇرالغۇسىدا بولغىنىدا ئۆزى تەۋە بولغان شەھەردە ھېيت نامىزىغا قاتناشمىغان بولسا، بالىچاقىلىرىنى، ئازادگەردىلىرىنى يىغىپ، ئازادگەردىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئۇتبەنى بۇيرۇسا، ئۇ ئۆيدىكىلەرگە ئىمام بولۇپ، شەھەر ئاھالىسى ئوقۇغان نامازدەك ناماز ئوقۇپ بېرەتتى.(3)

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەسرە شەھرىدىن ئىككى فەرسەخ(4) يىراقلىقتىكى «تاف» دېگەن كەنتتە ۋاپات بولغان.

ﺋﻪﻧﻪﺱ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﻟﯩﻚ «ﺯﺍﯞﯨﻴﻪ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﺪا تۇرغاندا ﺋﺎﺯﺍﺩﮔﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ئىبنى ئەبى ﺋﯘﺗﺒﻪﻧﻰ (ئىماملىققا) ﺑﯘﻳﺮﯗﭖ، خوتۇن – ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ، ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﺩﻩﻙ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ. ﺋﯩﻜﺮﯨﻤﻪ: «يېزىلىقلار ﮪﯧﻴﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ، بەئەينى ﺋﻪﻣﯩﺮ (ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ. ﺋﻪﺗﺎﺋ: «ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﯜلگۈرﻩﻟﻤﯩﺴﻪ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ.(5)

ئەمما، ھېيت نامىزىنى ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى دۈشەنبە قازاسىنى قىلىپ ئوقۇغان تەقدىردە، قۇربانلىقنى ھەرەمدىكى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى، دىيارىمىزدىكى ھارپا كۈنى ھېيت نامىزى ۋە خۇتبىسىدىن تارقاپ بولىدىغان چاغدىن تارتىپ، مەسىلەن، سائەت سەككىز يېرىم ياكى توققۇزدىن كېيىن قىلىۋەتسە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆز ۋاقتىدا قىلىنغان قۇربانلىق بولىدۇ. بۇنىڭدا چاتاق يوق. ھېيت نامىزىنى بەزى سەۋەبلەردىن ئوقۇيالماي قالغان ئەھۋالدا، قۇربانلىقنىمۇ قىلماي تۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ھەر ئىككىسى ئايرىم – ئايرىم ۋاجىب ئىبادەتلەر، ھېيت نامىزىنى ئوقۇغان بولۇش قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن شەرت ئەمەس. شەرت بولغىنى، ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ خۇتبىسىدىن تارقاپ بولىدىغان ۋاقىتتىن كېيىن قان قىلىش، ئۇندىن بۇرۇن قىلىۋالماسلىقتۇر.

لېكىن، قۇربانلىقنى بىرىنچى كۈنى نامازدىن يانغاندىن كېيىن قىلىش سۈننەت بولسىمۇ، قالغان ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى كۈنى قىلىش بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، جائىز. شۇڭا، ھېيت نامىزىنى ئۆزى ئائىلىسىدە بىرىنچى كۈنى ۋاقتىدا ئوقۇۋالغان بولسۇن، ياكى ئىككىنچى كۈنى قازاسىنى قىلىپ جامائەت بىلەن ئوقۇغان بولسۇن، ياكى ھېيت نامىزىنى پەقەت ئوقۇمىغان بولسۇن، قۇربانلىقنى دىيارىمىزدا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى، دۈشەنبە قىلسىمۇ كەڭچىلىك بار.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 9 – زۇلھەججە / م. 2011، 5 – نويابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 95 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (351)؛ «مۇسلىم»، (890).
2. «ئەھمەد»، (20598)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (1157). ئىمام خەتتابىي ۋە ئىمام ئىبنى ھەزم «سەھىھ» دېگەن.
3. تاھاۋىي: «شەرھۇ مەئانىل ئاسار»، 4/348. سەنەدى «ھەسەن». بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (6031).
4. فەرسەخ / فەرسەنگ (الْفَرْسَخُ / پرسنگ): ئەسلى «ئارام ئالماق، جىمىماق، ئارىلىق، بىر مۇددەت ۋاقىت ۋە مۇساپە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان فارسچە «پرسنگ» كەلىمەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۈچ مىلغا ياكى 1200 گەزگە يەنى 5565 مېتىرغا باراۋەر كېلىدىغان قەدىمكى ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمىدۇر. ئادەتتە يولۇچى شۇنچىلىك مۇساپىنى ماڭغاندىن كېيىن بىر ئارام ئالىدىغان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. قاراڭ: ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 3/44؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 38/321.
5. «بۇخارىي»: «نەبىي ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﮪﻠﻰ ئىسلامنى كۆزدە تۇتۇپ: ‹ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮪﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰ!› ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ئۈلگۈرەلمىگەنلەر، شۇنداقلا ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ، ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ (بىتاب) ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﯩﺮﺍﻕ يېزا – ﻛﻪﻧﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ كىشىلەرنىڭمۇ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ» دېگەن باب.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ