سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، «كوكا – كولا» شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئىچىملىك ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
نەچچە ئون يىل مابەينىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «كوكا – كولا» ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان «پېپسى – كولا» قاتارلىق گازلىق ئىچىملىكلەر تەركىبىدە ئىسپىرت (Alcohol) ماددىسى ۋە ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق ئېنزىم (Enzyme) ياكى پېپسىن (Pepsin) ماددىسى بار دېگەنگە ئوخشىغان مۇبالىغە ئارىلاش گەپ – سۆزلەر چىقىپ تۇرۇۋاتىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، تا بۈگۈنگە قەدەر «كوكا – كولا» قاتارلىق گازلىق ئىچىملىكلەر تەركىبىدە ئۇنداق ھارام ماددا بارلىقى ئىشەنچلىك پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانغىنى يوق.
ئىسپىرت (Alcohol) ماددىسىدا ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا بولۇپ، بىرى، پاك دېگەن قاراش، يەنە بىرى، نىجىس دېگەن قاراش.
مەزكۇر ئىككى قاراش ئىچىدە پاك دېگەن قاراش جانلىق. لېكىن، ئىسپىرت مەست قىلىدىغان ماددا بولغاچقا، ئۇنى ياكى تەركىبىگە ئۇ كىرگۈزۈلگەن يېمەك – ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. پەقەتلا ئۇنىڭدىكى ئىسپىرت پىرسەنتى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، مەست قىلمايدىغان بولسا، ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.(1)
ئېنزىم (Enzyme) ياكى پېپسىن (Pepsin) ماددىسى ئادەتتە، چوشقا ياكى باشقا ھالال ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنى ياكى ئۆچەيلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئېنزىم ياكى يېلىمدەك ماددا. بۇ ئېنزىم بىلەن ئىشلەنگەن يېمەك – ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىمۇ، ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا:
1. ھالال. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ساھابەلەر ياسىلىشىغا ئاشۇنداق ئېنزىم ئىشلىتىلىدىغان تۇرۇقلۇق رىم ياكى باشقا ئەللەردىن كەلگەن پىشلاقلارنى ئىستېمال قىلغان. قاراشقا ئاساسەن، ئۇنىڭدىكى ئېنزىم ئاساسلىق تەركىب بولماستىن ئاز مىقداردا قوشۇلىدۇ.
2. ئەگەر چوشقا ياكى شەرىئەت ھارام قىلغان ھايۋاندىن چىقىرىلغان بولسا، ھارام بولىدۇ. شەرئى بوغۇزلانغان ھالال ھايۋاندىن ياكى ئۆسۈملۈكتىن چىقىرىلغان بولسا ھالال بولىدۇ.
يەنە، بۇ ئىچىملىكلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تەتۈر ئۆرۈسە، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنى ئىنكار قىلغان مەزمۇن چىقىدۇ دەيدىغان گەپلەرنىڭمۇ ئاساسى بولمىغاندەك، «پېپسى» دېگەن ماركىنىڭ «ھەربىر سېنتنى ئىسرائىلغا ياردەم قىل» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇشىمۇ ناتايىن.
يەنە مېنىڭ بىلىشىمچە، تا بۈگۈنگە قەدەر مۆتىۋەر شەرئى ئورگانلارنىڭ بىرەرسىدىن تەركىبىدە ھارام ياكى زىيانلىق ماددا بارلىقى سەۋەبىدىن، «كوكا – كولا» قاتارلىق گازلىق ئىچىملىكلەرنى ھارام دەيدىغان بىرەر پەتۋامۇ چىقمىغان.
كولا تەركىبىدە شېكەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مەلۇم كىشىلەر ئىستېمال قىلسا زىيانلىق بولغان ياكى ئادەتتىكى كىشىلەر كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلسا زىيىنى بار ماددىلار بولۇشى ئېنىق. لېكىن، بۇ، ئۇنى ھارام دېيىشكە ئاساس بولالمايدۇ. چۈنكى، ئادەتتىكى ھالال يېمەك – ئىچمەكلىرىمىزمۇ مەلۇم كىشىلەرگە ياكى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغانلارغا ئوخشاشلا زىيان قىلىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مىلياردلىغان كىشىلەر، نەچچە ئون يىللاردىن بېرى كولانى ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەن سالامەتلىكىگە بىۋاستە زىيىنى بارلىقى ئىسپاتلانمىغان.
بەزىلەر كولانىڭ تەركىبى تېخىچە مەلۇم ئەمەس دەپ ياكى ئۇنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيىنى بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراپ، ئىسلامدىكى «شۈبھىلىك نەرسىلەردىن نېرى تۇرۇش» قائىدىسى بويىچە، «كوكا – كولا» قاتارلىق ئىچملىكلەردىن ئۆزىنى تارتقان تۈزۈك دەپ قارىغان، لېكىن ئۇنى ھارام دېمىگەن.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ﮪﺎﻻﻟﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ، ﮪﺎﺭﺍﻣﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﯜﺑﮭﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﯚﻛﻤﯩﻨﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯜﺑﮭﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ساقلانغان ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺑﺮﯗﻳﯩﻨﻰ ﭘﺎﻙ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯜﺑﮭﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ چەكلەنگەن رايوندا ﭘﺎﺩﺍ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﭘﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﭘﺎﺩﺍ ھەرئاندا بۇ رايونغا ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﮪﻪﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ چەكلەنگەن رايونى بولىدۇ. ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ چەكلەنگەن رايونى بولسا ﮪﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩتتۇر. ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﯖﻼﺭ! بەدەندە ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺸﻠﻪﻡ ﮔﯚﺵ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘ ﮔﯚﺵ ﺗﯜﺯﻩﻟﺴﻪ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯜﺯۈلىدۇ، ﺋﯘ ﺑﯘﺯﯗﻟﺴﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﻪﻟﺒﺘﯘﺭ».(2)
ئەمما، تېگى يەھۇدىيلارغا ئائىت بولغانلىقى، ياكى ئىسرائىلغا ياردەم قىلىدىغانلىقى، ياكى مۇسۇلمانلارغا ھاقارەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، «كوكا – كولا» شىركىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان بىر قىسىم شىركەتلەرگە مەنپەئەت يۈتكۈزمەسلىكنى ۋە ئۇلارغا قارىتا ئىقتىسادىي بېسىم قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىمام قەرەداۋىي باشچىلىقىدىكى بەزى ئۆلىمالار ئىجتىھاد قىلىپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان ئىسرائىل ۋە ئامېرىكىغا ئوخشىغان دۆلەتلەرنىڭ شىركەتلىرىنى ياكى ئۇنداق دۆلەتلەرگە بىۋاسىتە ياردەم قىلىدىغان شىركەتلەرنى بايقۇت قىلىش ۋاجىبلىقى، ئورنىدا تۇرىدىغان باشقا تاۋارلار تېپىلغان ئەھۋالدا، ئۇ شىركەتلەرنىڭ تاۋارلىرىنى سېتىۋېلىشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا پەتۋا بەرگەن ۋە بۇنى «ئىقتىسادى جىھاد» دەپ ئاتاپ، كىمكى ئۇنداق تاۋارلارنى سېتىۋالىدىكەن، زالىملارغا ھەمدەم بولغان، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ قىرىلىشىغا سەۋەب بولغان بولىدۇ. بۇ شىركەتلەرنى بايقۇت قىلىش، ئاللاھنىڭ دوستىنى دوست تۇتۇش، دۈشمىنىگە دۈشمەن بولۇش، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ھەمدەمدە بولۇشتەك ئىماننىڭ تەقەززاسى، مۇسۇلمان كىشى كۈندىلىك سودا – سېتىق، ئىستېمال ۋە باشقا بارلىق ئىشلىرىدا بۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى لازىم دەپ قارىغان.
خۇلاسىلىسەك: «كوكا – كولا» ئېچىملىكى تاكى ئۇنىڭ تەركىبىدە ھارام ياكى زىيانلىق ماددا بارلىقى ۋە بۇ ماددىنىڭ خىمىيىلىك ئىشلەپچىقىرىش نەتىجىسىدە باشقا ھالال، پاك، زىيانسىز ماددىغا ئايلىنىپ كەتمەيدىغانلىقى ئىسپاتلانغانغا قەدەر، ئۇنى كېسىپ ھارام دەۋېتىشكە بولمايدۇ. پەقەتلا تەركىبىدىن ياكى زىيىنىدىن گۇمانلانغانلار ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتسا ياكى ئىقتىسادىي بايقۇت قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالماسلىقنى توغرا تاپسا بولىدۇ. كوكا – كولا شىركىتىنىڭ باشقا مەھسۇلاتلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1438، 27 – سەپەر/ م. 2016، 27 – نويابىر
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 88 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «تېببىي پەنلەر ئىسلامى تەشكىلاتى»، 8 – قۇرۇلتاي – كۆۋەيت.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (52)؛ «مۇسلىم»، (1599).