قوشكېزەك كاپسۇلى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى

قوشكېزەك كاپسۇلى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ۋەتەندە پىلانلىق تۇغۇت سەۋەبىدىن بىر بالىسى بار، لېكىن ئىككىنچى بالىسىنى تۇغۇپ بولسا مەجبۇرىي ئۈزۈك سالدۇرۇشى كېرەك بولغاچقا، خىزمەتچى ئاياللار ئىچىدە ھازىر ئىككىنچى قېتىملىق قورساق كۆتۈرىشىدە شاڭخەي ۋە گېرمانىيىدە ياسالغان قوشكېزەك پەرزەنت كۆرسىتىش كاپسۇلى دېگەندەك دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار سەل كۆپىيىپ قاپتۇ. بۇ ئىش شەرىئەتتە دۇرۇسمۇ؟ ئۈممەتنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن كۆپ تۇغۇشنى مەقسەت قىلىپ ئىشلەتسىچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

قوشكېزەك پەرزەنت كۆرسىتىش كاپسۇلى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى جانلاندۇرۇش دورا – ئوكۇللىرىنى ئىشلەتمەكچى بولغان ئايال ئىشەنچلىك دوختۇرغا كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئۇ دورىنىڭ كېلەچەكتە ئۆزىگە ياكى كۆرىدىغان پەرزەنتىگە كۆرۈنەرلىك زىيىنى بولمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرسە، بۇ تۈرلۈك دورىلارنى ئىشلىتىشى جائىز بولىدۇ. چۈنكى، زىيىنى بولمىغان ئەھۋالدا، بۇ خۇددى قوشكېزەك تىلەپ دۇئا قىلىش ۋە مۇئەييەن غىزا ئىستېمال قىلغاننىڭ ئورنىدا بولىدۇ.

ئەگەر ئۇ دورا ئىشلەتكۈچىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان بولسا ياكى ئىشلىتىشتىن پەرزەنتلەرنىڭ تولۇق يېتىلمەي قېلىشى، ياكى مېيىپ تۇغۇلۇپ قېلىشى، ياكى ۋاقتىدىن بۇرۇن تۇغۇلۇپ قېلىشى قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولسا، ئىشلىتىش جائىز بولمايدۇ.

ئىسلام دۇنياسىدىكى مۆتىۋەر ئالىملار ۋە پەتۋا ئورگانلىرى ئۇنداق بېسىم بولمىغان ئادەتتىكى ئەھۋاللاردىمۇ بىر قېتىم قورساق كۆتۈرۈشتە قوشكېزەك تۇغۇش ئارزۇسى بارلارغا دورىنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيىنى بولماسلىق شەرتى بىلەن ئىشلىتىش جائىز دەپ پەتۋا بەرگەن ۋە بۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «تۇغۇمچان ۋە كۆيۈمچان ئاياللارغا ئۆيلىنىڭلار. چۈنكى، مەن سىلەرنىڭ سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن پەخىرلىنىمەن» دېگەن ھەدىسىگە(1) ئاساسەن ئىسلام تەرغىب قىلغان كۆپ تۇغۇش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.(2)

مەزكۇر سوئالدىكىدەك، بۇندىن كېيىن تۇغۇش ھەققىدىن مەھرۇم قېلىش ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىپ كېتىش خەۋپى بولسا، زايە بولۇش ئالدىدا تۇرغان ھەققىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىش جەھەتتىن دورا ئىشلىتىش جائىز بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۆز ھەققىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە قوغداش ۋە مىللىتىمىزنىڭ سانىنى كۆپەيتىش نىيىتى بىلەن ئىشلىتىلسە، بۇ ئىش ساۋابلىق بولۇشى ئېنىق. چۈنكى، ھەدىستە كەلگەندەك: «ئەمەللەر پەقەتلا نىيەتكە باغلىقتۇر».(3)

ئىمام ئىبنى كەسىر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئىنسانلارغا ئاياللار، ئوغۇل پەرزەنتلەر، ئالتۇن – كۆمۈشتىن توپلانغان كۆپ ماللار، گۈزەللەشتۈرۈلگەن ئاتلار، چارۋىلار ۋە باغۇ – بوستانلاردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. بۇلار دۇنيا ھاياتىنىڭ راھىتىدۇر. ﴾(3/«ئال ئىمران»: 14) دېگەن ئايەتىنىڭ تەفسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئوغۇل پەرزەنتلەرنى ئارزۇ قىلىش گاھىدا كۆز – كۆز قىلىش ۋە يۈز – ئابروي ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ ئەيىبلىنىدىغان دائىرىگە كىرىدۇ. گاھىدا نەسلىنى ۋە ئاللاھقا شىرك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىدىغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «تۇغۇمچان ۋە كۆيۈمچان ئاياللارغا ئۆيلىنىڭلار! چۈنكى، مەن سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن پەخىرلىنىمەن» دېگەن ھەدىسىدە سەھىھ ھالەتتە كەلگەندەك، ماختاشقا سازاۋەر ياخشى ئىشتۇر.»(4)

دورا ئىشلىتىش ئەر – ئايال ئىككىيلەننىڭ تۇرمۇشى ۋە كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، دوختۇر مەسلىھەت بەرگەن تەقدىردە، ئېرىنى خەۋەرلەندۈرۈپ ئاندىن ئىشلىتىشى لازىم، ئەلبەتتە.

شۇنىمۇ ئەسكەرتمەي بولمايدۇكى، دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، دورا – ئوكۇللارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق چوقۇم قوشكېزەك پەرزەنت كۆرگىلى بولىدۇ دېگىلى بولمايدىكەن. پەقەتلا قوشكېزەك پەرزەنت كۆرۈش پۇرسىتى ئادەتتىكىدىن سەل يۇقىرى بولىدىكەن. مەسىلەن، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، قوشكېزەك پەرزەنت كۆرۈش پۇرسىتى %1 – 2 بولسا، دورا ياخشى ئۈنۈم بەرسە %8 كە، ئوكۇل ئىشلەتسە %20 كە ئۆرلەيدىكەن. دېمەك، ئەڭ ياخشى ئۈنۈم بەرگەن تەقدىردە، قوشكېزەك پەرزەنت كۆرۈش پۇرسىتى %20 ئەتراپىدىن ھالقىمايدىكەن.

بۇنىسى ئېنىق بولغاندىن كېيىن شۇنىمۇ بىلىش كېرەككى، دورا ئىشلىتىش سەۋەبىنى قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، يالغۇز ياكى قوشكېزەك پەرزەنت ئاللاھ ئىرادە قىلسا ئاندىن بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى پۈتۈۋەتكەن ئىنسانلا بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىدۇ» دېگەن.(5) شۇڭا، قىلىدىغان ئىشنىڭ ئەڭ ياخشىسى، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ۋە ئاللاھتىن تىلەشتۇر. چۈنكى، بارلىق ماددىي سەۋەبلەرنىمۇ ئاللاھ تائالا ياراتقان. زەكەرىيا ئەلەيھىسسالاممۇ پەرۋەردىگارىغا: ﴿ئى رەببىم! ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن! سەن ھەقىقەتەن دۇئانى ئىشىتكۈچىسەن ﴾(3/«ئال ئىمران»: 38) دەپ دۇئا قىلغان ۋە دۇئاسى ئىجابەت بولغان.

يەنە ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، مال – دۇنيا، پەرزەنت ۋە تۈرلۈك رىزىقلار ئاتا قىلىنىش ئۈچۈن، تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلىش ۋە ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەش مۇھىم بىر سەۋەب بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. (مەغپىرەت تىلىسەڭلار) سىلەرگە مول يامغۇرلۇق بۇلۇت ئەۋەتىدۇ. سىلەرگە ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى ئاتا قىلىدۇ، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ﴾(71/«نۇھ»: 10 – 12).

ھەسەن بەسرىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قۇرغاقچىلىقتىن دەرد ئېيتىپ كەلگەن بىر كىشىگە: «ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلىگىن» دېگەن. يەنە بىر كىشى كېلىپ ئۇنىڭغا يوقسۇللۇقتىن دەرد ئېيتقاندا ئۇنىڭغىمۇ: «ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلىگىن» دېگەن. يەنە بىر كىشى كېلىپ ئۇنىڭغا: ماڭا پەرزەنت ئاتا قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ قويسىلا، دېگەندە ئۇنىڭغىمۇ: «ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلىگىن» دېگەن. ئۇنىڭدىن بۇ تۈرلۈك دەردمەنلەر ئۈچۈن ئوخشاش جاۋاب بېرىشىنىڭ سەۋەبى سورالغاندا، ئۇ: «مەن بۇنى يېنىمدىن دەۋالمىدىم. ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئاندا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە دېگەن سۆزىنى بايان قىلغانلىقىغا ئاساسلاندىم» دەپ جاۋاب بەرگەن.(6)

ئەندەلۇسلۇق مۇفەسسىر ئىبنى ئەتىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «ھەسەن بەسرىي كۆرسەتكەن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەش، مېنىڭ قارىشىمدا ئەستەغفىرۇللاھ دېگەن مەغپىرەت تىلەش سۆزىلا ئەمەس. بەلكى گەپ – سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتتە راستچىل ۋە سەمىمىي بولۇشتۇر».(7)

دەرۋەقە، تۇغماسلىق قاتارلىق مۇسىبەتلەرنىڭ تۈرلۈك رىزىقلاردىن مەھرۇم قېلىشقا سەۋەب بولغان گۇناھ – مەئسىيەتلەر تۈپەيلىدىن كەلگەنلىكى ئېنىق. شۇڭا، پەرزەنت كۆرۈش قاتارلىق نېمەتلەرگە ئېرىشىمەن دەيدىكەنمىز، ئاللاھقا قايتىشىمىز ۋە ھەقىقىي تەۋبە قىلىشىمىز كېرەك. ھۇد ئەلەيھىسسالاممۇ قەۋمىگە ﴿رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار! ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار! ئاللاھ سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە تۈرلۈك مەنپەئەتلەردىن ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ﴾(11/«ھۇد»: 13) دېگەن.

ئاللاھقا قايتىپ ھەقىقىي تەۋبىدىن كېيىن، ئاللاھ تائالا قوشكېزەك ئاتا قىلسۇن ياكى ئاتا قىلمىسۇن، قىلىدىغان ئىش، ئاللاھنىڭ بەرگىنىگە رازى بولۇش، شۈكۈر قىلىش ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ تائىتىدە بولىدىغان سالىھلاردىن بولۇشىغا دۇئا قىلىشتۇر. چۈنكى، سان كۆپ بولۇش مۇھىم بولسىمۇ، سۈپەت تېخىمۇ مۇھىم.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىيامەت كۈنى پەخىرلىنىدىغان ئۈممەت ھەرگىزمۇ، بۈگۈنكىدەك كۆپۈك مىسالى سانى كۆپ، سۈپەتسىز، ئاجىز ئۈممەت بولماستىن، بەلكى دۇنيادا ئىززەتلىك ياشىيالايدىغان، دۇنيانى گۈللەندۈرەلەيدىغان، ئەخلاقلىق، ئاللاھقا ئىتائەتمەن ۋە ئىسلام دەۋىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان ياراملىق، سالىھ ئۈممەتتۇر. دېمەك، ئىسلام تەرغىب قىلغان كۆپلۈك، سۈپەتلىك بولغان تۈر كۆپلۈكىدۇر. شۇڭا، مەزكۇر ھەدىستىن سان كۆپلۈكىنىلا چۈشەنسەك يۈزەكى چۈشەنگەن بولىمىز.

ھەسەن بەسرىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى جانابى ئاللاھ مەدھىيەلىگەن سالىھ بەندىلىرىنىڭ: ﴿ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى تىلەيمىز. بىزلەرنى تەقۋادارلار پېشۋاسى قىلغىن! ﴾(25/«فۇرقان»: 74) دېگەن دۇئاسىدىكى «شادلىق بېغىشلىشىڭ» دېگەن ئىبارىنى، «يەنى، ئاللاھنىڭ تائىتىدە» دەپ ئىزاھلاپ، «ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىنى ئاللاھنىڭ تائىتىدە كۆرۈشتىنمۇ بەكرەك مۇئمىن كىشىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىش يوقتۇر» دەپ تەفسىر قىلغان.(8)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 16 – رەبىيئۇلئەۋۋەل/ م. 2016، 15 – دېكابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2  توم، 86  نومۇرلۇق پەتۋا.

———————
1. «ئەبۇ داۋۇد»، (2050)؛ «نەسائىي»، (3227). ئىراقىي ۋە ئىبنى ھەجەر: «سەھىھ» دېگەن.
2. «موقع الإسلام سؤال وجواب»، فتوى برقم: 222537. «موقع الشبكة الإسلامية»، فتوى برقم: 143045.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1)؛ «مۇسلىم»، (1907).
4. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر »، 1/352.
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2229)؛ «مۇسلىم»، (1438).
6. ئەلۇسىي: «رۇھۇل مەئانىي»، 29/73.
7. ئىبنى ئەتىييە: «ئەلمۇھەررەر ئەلۋەجىز»، 5/374.
8. «بۇخارىي»، «25/«فۇرقان» سۈرىسى تەفسىرى بابى».

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ