تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ - سېتىش توغرىسىدا

تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ھازىر تۈركىيەدىكى ئويغۇر قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى پاي چېكى ئېلىپ – سېتىپ كىرىم قىلىۋېتىپتۇ ھەم بۇنى «ئىسلامىي پاي چېكى» دەيدىكەن. بۇ راست ئىسلامىي پاي چېكىمۇ؟ بۇ پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش شەرىئەتكە ئۇيغۇنمۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭدىن ماڭا پايدا ئايرىپ قالسا ئۇ پۇلنى قانداق بىر تەرەپ قىلسام بولىدۇ؟ مۇشۇ ئىشتا ماڭا يول كۆرسىتىشلىرىنى سورايمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

بۇرۇن پاي چېكى ئېلىپ – سېتىشنىڭ ئومۇمىي ئەھكام ۋە شەرتلىرى ھەققىدە توختىلىپ «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى»دا «ئاكسىيە بازىرىدا شىركەت پاي چېكى ئېلىپ – سېتىش» دېگەن ماۋزۇدا پەتۋا ئېلان قىلغان ئىدىم. لېكىن ھازىر تۈركىيەدىكى مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە مەسلىھەتچىلىك ۋە ۋاسىتىچىلىك خىزمىتىنى سۇنۇۋاتقان «بىزنىڭ مەنقۇل مۈلۈكلەر شىركىتى» (BMD) پەسىللىك ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان «شىركەتلەرنىڭ شېرىكلىشىش كۆرسەتكۈچى ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇنلۇق ھالىتى ۋە ساپلىق نىسبىتى» (ŞİRKETLERİN KATILIM ENDEKSİ KRİTERLERİNE UYGUNLUK DURUMU & ARINDIRMA ORANLARI) تىزىملىكىدىكى ھالال دېيىلگەن 77 شىركەتنىڭ ياكى «شېرىكلىشىش 50 كۆرسەتكۈچى» (KATILIM 50 ENDEKSİ) تىزىملىكىدىكى ھالال دېيىلگەن 50 شىركەتنىڭ پاي چەكلىرىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولامدۇ؟ دېگەن سوئاللار كۆپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، بۇ ھەقتە بىر قەدەر تەپسىلىي جاۋاب بېرىشكە توغرا كەلدى.

ئالدى بىلەن شۇنى تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، «ئىسلامىي پاي چېكى» دەپ بىر نەرسە يوق. ھالال ياكى ھارام، يا شەرىئەتكە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەس، يا ھالال – ھارام ئارىلاش، ۋەياكى شۈبھىلىك پاي چەكلىرى بار.

بۇ مەسىلىگە كىرىشتىن ئاۋۋال شۇنىمۇ ئېيتىپ قويۇش كېرەككى، يۇقىرىقى تىزىملىك ئالدىنقى يىللاردا قىرىق نەچچە شىركەتنى تاللىغان بولۇپ، مەن بۇ تىزىملىكنى كۆرگەن چاغدىلا ئۇ شىركەتلەردىن بانكىلارنىڭ پاي چەكلىرىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق تەكىتلىگەن ئىدىم. يەنە مەندىن سورىغانلارنىڭ بەزىسىگە «بانكىلاردىن باشقا شىركەتنىڭكىنى ئېلىپ – ساتسا بولىدۇ»، دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدىم. مەزكۇر جاۋابىممۇ شۇ شىركەتلەرنى ھالال دەپ تاللاشتا قويۇلغان ئۆلچەم مەلۇم فىقھىي قاراش بويىچە ساغلام دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن جاۋاب ئىدى. يېقىندا سەكسەن شىركەتنىڭ تىزىملىكىنى ۋە بۇ تىزىملىكنىڭ ئۈچ ئايرىم پىرسەنت كاتىكى ئاساسىدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى كۆردۈم ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن مەندىن سورىغانلارغا: «ئەگەر شۈبھىسىز باشقا تىجارەت بولسا شۇنى قىلىش لازىم. پاي چېكى ئىشىنى قىلاي دېسىڭىز ئاشۇ پېيى ھالال دېيىلگەن تىزىملىكتىكى شىركەتلەر ئىچىدىن بانكىنىڭ پېيىنى ئالماي، يەنە مەھسۇلاتى ئىچىدە ھارام مەھسۇلاتى نۆل بولغىنىنى، مۇئامىلىسى جازانىدىن مۇتلەق خالىي بولغىنىنى ۋە جەدۋەلدە پىرسەنت كۆرسىتىلگەن 3 نۇقتىدىكى پىرسەنت نۆل (%0) بولغىنىنى قىلسىڭىز بولىدۇ. لېكىن بۇ ئاشۇ تىزىملىكنى ئېلان قىلغان ۋە ئۇ تىزىملىكتىكى شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ھالال پاي چېكى دەپ تاللىغان ئورۇن ۋە ئۇ ئورۇننىڭ شىركەتلەرنى تاللاشتا ئىشلەتكەن ئۆلچىمى ھەمدە ئۇنىڭغا ئىشىنىش مەسىلىسىگىمۇ بېرىپ تاقىلىدۇ. چۈنكى ئاشۇ تىزىملىكتىكى شىركەتلەرنىڭ بەزىسىنىڭ پېيى شۈبھىلىكلا ئەمەس، ئۇنىڭدا ئېنىق ھارام مەھسۇلات ۋە جازانە مەۋجۇت. يەنە بەزىسىنىڭ پېيى بولسا شۈبھىلىك. ئەگەر سىزگە ئۇنىڭدىن پايدا ئايرىپ قالسا تەقۋادارلىق قىلاي دېسىڭىز باشقىلارغا ياردەم قىلىپ بېرىۋېتىڭ ھەم بۇ ئىشنى قىلماڭ» دەپ جاۋاب بەرگەن بولدۇم.

ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، ئاشۇ پەسىللىك ئېلان قىلىنىدىغان تىزىملىكتىكى شىركەتلەرنىڭ قايسىسىنىڭ پاي چېكىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېتىش لازىم.

مەزكۇر «بىزنىڭ مەنقۇل مۈلۈكلەر شىركىتى» (BMD) نىڭ 2020 – يىلى 1- ئىيۇلدا ئېلان قىلغان تىزىملىكىدىكى پاي چېكى ھالال دەپ كۆرسىتىلگەن شىركەتلەردىن بانكىلارنىڭ پاي چېكىنى بازار باهاسىدا ئېلىپ – سېتىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن، تىزىملىكتىكى 8 – نومۇرلۇق «ئالباراكا تۈرك» (ALBRK- Albaraka Türk) بانكىسىنىڭكىنى بازار باهاسىدا ئېلىپ – سېتىشقا قەتئىي بولمايدۇ. سەۋەب: بانكىلارنىڭ مال – مۈلكى ئاساسەن نەق ۋە نېسى پۇل. ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى پاي ھېسابى بويىچە بازار باهاسىدا ئېلىپ – سېتىش نەق پۇل ۋە نېسى قەرزنى ئېلىپ – سېتىشتىن ئىبارەت. بۇ ھالاللىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۇنىڭدىن سىرت بۇ خىل «قاتىلىم بانكىلىرى» ياكى «ئىسلام بانكىلىرى» دەپ ئاتالغان بانكىلارنىڭ ھالال دەپ قىلىۋاتقان مۇئامىلىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى مۇرابەھە (پايدىسىغا نېسى ئېلىپ بېرىش) سودىسى، تەۋەررۇق سودىسى(1)، «ئىگە بولۇش بىلەن ئاياغلىشىدىغان ئىجارە توختىمى» ۋە ئاتالمىش «ئىسلامىي زايوم» قاتارلىق تەپمە ھالال تۈرىدىكى، يەنى ئەسلىدە ھۆكمى ھارام ئىشنى ھالال قىلىپ كۆرسىتىش تىپىدىكى ئىشلار بولغاچقا، قىلىۋاتقان ئىشلىرى جازانىگە زىچ باغلىنىپ كەتكەن. ھەيران قالارلىقى، بۇ تىزىملىكنى تەييارلىغان شىركەت، بۇ بانكىنىڭ جازانىگە ئالاقىدار 2 كاتەكچىدىكى جازانە نىسبىتىنى نۆل (%0) دەپ كۆرسەتكەن. بۇمۇ بۇ شىركەتنىڭ ئۆلچىمىدە مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۇندىن باشقا بۇ تىزىملىكتىكى – ئەگەر بۇ تىزىملىكنى ئېلان قىلغان شىركەتكە ئىشەنگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلچەملىرىنى ساغلام دەپ قارىغان تەقدىردە – تۆۋەندىكى شىركەتلەرنى ھارام تىجارەت ۋە جازانىگە چېتىلىش ئېھتىمالى ئەڭ تۆۋەن دېيىش مۇمكىن:

12 – نومۇردىكى (İhlas Ev Aletleri) IHEVA

27 – نومۇردىكى FONET Fonet Bilgi Teknolojiler

42 – نومۇردىكى MIPAZ Milpa

49 – نومۇردىكى NIBAS Niğbaş Niğde Beton

61 – نومۇردىكى AGYO Atakule GMYO

76 – نومۇردىكى SONME Sönmez Filament

يۇقىرىقىلارنى ھارام ئىش ۋە جازانىدە ئەڭ تۆۋەن دېيىشتىمۇ يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، شۇ شىركەتكە ۋە شىركەت باھالاشتا ئاساس قىلىنغان ئۆلچەملەرنىڭ ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ جازانىگە ئالاقىدار مۇئامىلە پىرسەنتى ۋە شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولمىغان پائالىيەتلەردىن قىلغان كىرىمى %1 كە يەتمەيدۇ. لېكىن، تەقۋادارلىقنى، شۈبھىدىن يىراق تۇرۇشنى خاھلىغانلار بۇنىڭدىنمۇ يىراق تۇرغىنى ئەۋزەلدۇر. چۈنكى بۇنىڭدا 2 تۈرلۈك مەسىلە بار:

1. ئاز بولسىمۇ مەلۇم پىرسەنتتە جازانە ياكى ھارام ئىشلار مەۋجۇت. گەرچە بۇ خىل جازانە ۋە ھارام ئىشلار %1 ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولسىمۇ كۆپچىلىك ئالىملار بۇ خىل شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئېلىپ – سېتىشنى ھارام دەپ قارايدۇ(2).

2. بۇ تىزىملىكنى ئاشۇ شەكىلدە تەييارلىغان شىركەتنىڭ ساغلام ئۆلچەم ئاساسىدا تۇرغۇزۇپ چىققانلىقىغا ئەمىن بولغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى «ئالباراكا تۈرك» بانكىسىنى پاك – پاكىز دەپ كۆرسىتىشىدۇر. بۇنىڭ سەۋەبىنى، شىركەتنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغىنى بويىچە، مەزكۇر تىزىملىكنى تەييارلاش ئىشلىرىنىڭ چىقىملىرىنى «ئالباراكا تۈرك» قاتارلىق قاتىلىم بانكىلىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلگىنىمىزدە، بۇ تىزىملىكتە نېمە ئۈچۈن «ئالباراكا تۈرك» قاتىلىم بانكىسىنىڭ پاي چېكىنى ساپ ھالال دەپ كۆرسىتىلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋالالايمىز. يەنى، بۇ تىزىملىكنى تەييارلاشقا قاتىلىم بانكىلىرى پۇل خەجلەيدۇ ۋە بۇ تىزىملىك بىر ئېھتىمال قاتىلىم بانكىچىلىق پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆلچەملەر بويىچە تۇرغۇزۇلىدۇ. بۇ ھەقتە «قاتىلىم ئىندېكس» سەھىپىسىدە ئېنىق چۈشەنچە بار. ئەمەلىيەتتە بولسا، قاتىلىم بانكىلىرىنىڭ شېرىكچىلىك، مەبلەغ سېلىش ۋە ئېلىم – سېتىمغا ئالاقىدار 95% ئىشلىرى تەپمە ھالال قىلىنغان جازانىلىك سودىلاردىن ئىبارەت. دېمەك، بۇ تىزىملىككە ھالال دەپ كىرگۈزۈش ئۆلچىمى شۈبھىدىن مۇتلەق خالىي ئەمەس.

ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر شىركەت باھالاش ئىشىدا ھەر بىر شىركەتنىڭ يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىغا قاراپ باھالايدۇ. ھەقىقىي ئەھۋالنى تولۇق بىلىپ كېتىشىمۇ شۈبھىلىك. بىلگەن تەقدىردىمۇ، قاتىلىم بانكىلىرىدىن مۇرابەھە سودىسى قاتارلىق تەپمە ھالال شەكلىدىكى جازانىلىك سودىلار ئارقىلىق قەرز ئالغان بولسا ياكى زىيان تارتماسلىققا كاپالەت قىلىنغان شېرىكچىلىكتەك جازانە شېرىكچىلىكىگە مەبلەغ سالغان بولسا، بۇ ئۇ تىزىملىكنى تەييارلىغان شىركەت نەزىرىدە ساپ ھالال دەپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا مەن يۇقىرىدىكى ئەڭ تۆۋەن نىسبەتتە ھارام ئارىلاشقان شىركەتلەرنىڭكىنىمۇ ئېلىپ – سېتىشنى تەۋسىيە قىلمايمەن.

ئۇنىڭغىمۇ مەيلى دەپ يۇقىرىقى 6 شىركەت پاي چېكىگە مەبلەغ سالغانلار بولسا، بۇ شىركەتلەرنىڭ پايلىرىنى ئېلىپ – سېتىشتىن ياكى شىركەت پايغا ئايرىغان پايدىدىن كەلگەن كىرىمنىڭ ئاشۇ پىرسەنتتە بىر قىسمىنى ئايرىپ چىقىشى ۋە ئۇنى ئۆزى خەجلىمەي ئومۇم مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا سەرپ قىلىشقا بېرىۋېتىشى كېرەك. ئۇنى ئۆزى خەجلىسە ھالال بولمايدۇ. چوقۇم ئومۇم مۇسۇلمانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا بېرىۋېتىشى كېرەك. ھارام ئارىلاشقان كىرىم ياكى پايدىنى تازىلاش ھەققىدە تۆۋەندە يەنە ئايرىم توختىلىمەن. چۈنكى بۇ پاي چېكى قىلىۋاتقانلار دىققەت قىلمىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى.

بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەش لازىم: بىر شىركەتنى جازانە مۇئامىلىسى ياكى ھارام پائالىيەت قىلمايدۇ دېگەندە ئۆتكەن يىلقى مالىيە دوكلاتىغا قاراپ كېلەر بىر پەسىل ياكى كېلەركى بىر يىل ئىچىدە شۇنداق بولىدۇ، دەپ تەخمىن قىلىنىدۇ. ئەمما ئۇ دوكلاتتىن كېيىن مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىش ياكى ئۆسۈملۈك قەرزگە بېرىش ۋەيا باشقا ھارام ئىشلارنى قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى يوقىتالمايدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى، مەزكۇر شىركەتنىڭ 2020 – يىلى 1 – ئاپرىلدا ئېلان قىلغان تىزىملىكىدىكى 1 – نومۇردىكى بىم (BIMAS Bim Mağazalar) شىركىتىنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ سالغان مەبلىغى %0 دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. لېكىن 2020 – يىلى 1- ئىيۇلدا ئېلان قىلغان تىزىملىكتە بولسا، ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ سالغان مەبلىغى 3,7% دەپ كۆرسىتىلگەن.

تىزىملىكتىكى 77 شىركەتتىن يۇقىرىقى 6 شىركەتنى ھارام تەرىپى ئەڭ ئاز دەپ قارىغىنىمىزدا، قالغان 71 شىركەتنىڭكىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدىكى جازانە ۋە شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئىشلار پىرسەنت جەھەتتىن يوقۇرىسى %30 غىچە تەشكىل قىلىدۇ.

نېمە ئۈچۈن جازانە ۋە شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئىشلار پىرسەنتى يۇقىرى بولغان شىركەتلەرنىڭكىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولمايدۇ؟ چۈنكى پاي چېكى ئەمەلىيەتتە، بار بولغان بىر شىركەتنىڭ سەرمايىسىگە مەلۇم پىرسەنت ھەسسىدار بولۇش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئاشۇ شىركەتكە مەلۇم پىرسەنت بىلەن ئورتاق شېرىكلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. شىركەتكە ھەسسىدار بولغۇچى پايچېكلار شىركەتنىڭ سەرمايىسىدىلا شېرىك بولماستىن، گەرچە ئۆزى بىۋاسىتە تىجارەت قىلمىسىمۇ شىركەت قىلىۋاتقان تىجارەت ۋە باشقا پائالىيەتلەردىمۇ شېرىك بولغان بولىدۇ.

مەزكۇر تىزىملىكتىكى 1 – كاتەكچىدە شىركەتنىڭ سەرمايىسىنى تەشكىل قىلغان جازانىلىك قەرز پىرسەنتى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەگەر مەلۇم بىر شىركەت %30 ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان بولسا، سىز ئۇ شىركەتنىڭ 100 دوللارلىق پېيىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئىگە بولغىنىڭىزدا، 30 دوللار ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ تىجارەت قىلغان بولىسىز. 2 – كاتەكچىدە شىركەتنىڭ قولىدىكى نەق پۇللارنىڭ %30 ى ئۆسۈملۈك قەرزگە بېرىلگەن بولسا، سىزنىڭ 100 دوللىرىڭىزنىڭ 30 دوللىرى ئۆسۈملۈك قەرزگە بېرىلگەن بولىدۇ. 3 – كاتەكچىدىكى %5 ھارام پائالىيەتمۇ شۇنداق. يەنى سىز تىجارەتتە جازانىدىن باشقا يەنە %5 ھارام پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولىسىز.

كەمىنە گەرچە كەسپىي ئىقتىسادشۇناس بولمىساممۇ، ئاددىي خەلق قاتارىدا قارا ھېساب بويىچە ئېيتقاندىمۇ، پايچېكقا مەبلەغ سالغانلار 6 لىرا 7 لىرا بولدى دېگەن بىلەن ئۇ 7 لىرانىڭ سېتىۋېلىش كۈچى بۇرۇنقى 6 لىرانىڭ سېتىۋېلىش كۈچىگە يەتمەيدۇ. جۈملىدىن، دوللار تېگىشىپ پاي چېكىگە مەبلەغ سالغانلارمۇ شۇنداق. 1 دوللار 6 لىرا چاغدا بىر پاي ئالسا، كېيىن پاينىڭ باھاسى 7 لىراغا ئۆرلىگەن بولسا، لېكىن دوللار 7.5 لىرا بولسا، ئۇ چاغدا 7 لىراغا بىر دوللار سېتىۋالالمايدۇ. يەنى زىيان دېگەن گەپ. بۇنىڭغا ھارام كىرىمنى تازىلاش قوشۇلسا، پايدا ئېلىشمۇ باشقا خىل تىجارەتتىن ئاسان توختىمايدۇ.

بۇ پەتۋانىڭ ئاساسلىق ئوبيېكتى يۇقىرىقى تىزىملىك بولغان ئىكەن، مەزكۇر تىزىملىكنى ئېلان قىلغان شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكتە ئۆلچەم قىلغان %30 ۋە %5 لەرنى ۋە ئۇ ئۆلچەملەر ھەققىدىكى ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنىمۇ بايان قىلىپ ئۆتەيلى:

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا سودا – سېتىقنى، تىجارەتنى ھالال قىلىپ مۇنداق دېگەن:

﴿ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال، جازانىنى ھارام قىلدى﴾ ( بەقەرە 275).

 ﴿پەقەتلا ئاراڭلاردا قىلىشقان قولمۇقول سودا بولۇپ قالسا﴾ ( بەقەرە 282).

﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. پەقەتلا سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا﴾(نىسا، 29).

بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە ئاساسەن، ئالىملار: قىلىۋاتقان ئىشى ھالال بولغان ۋە جازانىلىك قەرز بىلەن مۇئامىلە قىلمايدىغان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى مۇناسىۋەتلىك شەرتلىرى تېپىلغان تەقدىردە ئېلىپ – سېتىشقا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئەكسىچە، سۇغۇرتا ۋە بانكىچىلىققا ئوخشىغان ناتوغرا توختاملارنى قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ پاي چەكلىرىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولمايدۇ.

ئەگەر قىلغان ئىشى ئارىلاش بولسىچۇ؟ بۇ ھەقتە بۇرۇنقى «ئاكسىيە بازىرىدا شىركەت پاي چېكى ئېلىپ – سېتىش» نامىدىكى پەتۋانىڭ 2 – شەرتىدە بايان قىلغىنىمدەك، پاي چېكى ئېلىپ – سېتىلماقچى بولغان شىركەت جازانە – ئۆسۈم بىلەن ياكى ھاراق ئىشلەپچىقىرىشتەك، قىماردەك ھارام تىجارەت بىلەن شۇغۇللانمايدىغان، ھالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شىركەتلەر بولۇشى شەرت. ئەسلى پائالىيىتى ھالال، لېكىن ئۆسۈملۈك قەرز ياكى باشقا ناتوغرا توختاملار ئارىلاشقان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئېلىپ – سېتىش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، چەكلىنىدۇ. بۇ تۈرلۈك پايلارنى ئېلىپ – ساتماسلىق كېرەك. يەنى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ ۋە «ئىسلام فىقھ ئاكادىمىيەلىرى»نىڭ قارارى بويىچە، يوقىرىقى تىزىملىكتىكى شىركەتلەردە مەلۇم نىسبەتتە جازانە ۋە ناتوغرا توختاملار، شۇنداقلا قىسمەن ھارام پائالىيەت مەۋجۇد بولغاچقا، ئۇ تىزىملىكتىكى شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئېلىش ھارامدۇر.

1992 – يىلى 5 – ئايدا جىددە شەھرىدە ئېچىلغان «ئىسلام فىقھ ئاكادېمىيىسى»نىڭ يەتتىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا پاي چېكى ھەققىدە مۇنداق قارار ماقۇللانغان:

1 – مۇئامىلىلەردە ئەسلى قائىدە ھالاللىقتۇر، بۇنىڭغا ئاساسەن شەرىئەتكە زىت بولمىغان پائالىيەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن ھەسسىدارلىق شىركىتى قۇرۇش جائىز ئىشتۇر.

2 – ئاساسلىق مەقسىتى جازانە ۋە ھارام نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭ تىجارىتىنى قىلىشتەك ھارام پائالىيەتتىن تەركىب تاپقان شىركەتلەرگە ھەسسىدار بولۇشنىڭ ھاراملىقىدا ئىختىلاپ يوقتۇر.

3 – ئاساسلىق پائالىيىتى ھالال بولسىمۇ بەزىدە جازانە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھارام مۇئامىلىلەرنى قىلىدىغان شىركەتلەرگە ھەسسىدار بولۇش ھارامدۇر(3).

بۇندىن باشقا، 1995 – يىلى رابىتىغا تەۋە «ئىسلام فىقھ ئاكادېمىيىسى»نىڭ 14 – قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا پاي چېكى ھەققىدىكى بىر قارارىدا مۇنداق كەلگەن:

1 – مۇسۇلمان كىشىنىڭ بەزىبىر مۇئامىلىلىرىدە جازانە بار بولغان شىركەت ۋە بانكىلارنىڭ پېيىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىشى جائىز ئەمەس.

2 – بىر شىركەتنىڭ ھارام مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەي قېلىپ پېيىنى سېتىۋېلىپ كېيىن بىلگەن بولسا، ھارام پائالىيەتكە شېرىك بولماسلىق ئۈچۈن بۇ ئىشتىن دەرھال چىقىپ كېتىش لازىم(4).

تۈركىيەدىكى مەزكۇر تىزىملىك «جازانە مىقدارى %30 كە يەتمىسە ۋە بۇ جازانە شىركەتنىڭ ئاساسلىق نىزامنامىسىدا ئېنىق بايان قىلىنمىغان بولسا مەيلى» دەپ قارىغان بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىغا تايانغان بولۇپ، بۇ %30 نى ئۆلچەم قىلىشنى «شەرئىي ئۆلچەملەر ھەيئىتى» (AAOIFI)(5) ئۆلچەم قىلغان(6).

بۇلارنىڭ قارىشى بويىچە ئاساسلىق پائالىيىتى ھالال بولسىمۇ بەزىدە جازانە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھارام مۇئامىلىلەرنى قىلىدىغان شىركەتلەرگە ھەسسىدار بولۇش ئەسلىدە ھارامدۇر. بۇ ھۆكۈمدىن پاي قېتىش ۋە پاينى ئېلىپ – سېتىپ تىجارەت قىلىش تۆۋەندىكى شەرتلەر ئاساسىدا مۇستەسنا قىلىنىدۇ:

1. شىركەتنىڭ ئاساسلىق نىزامنامىسىدا ئاز پىرسەنتتە بولسىمۇ جازانىلىك قەرز ئېلىشنى ۋە جازانىلىك قەرز بېرىشنى ياكى چوشقا گۆشى قاتارلىق ھارام ماددىلار بىلەن تىجارەت قىلىشنى نىشان قىلمىغان بولسا، پېيىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولىدۇ. ئۇنى نىشان قىلماستىن، ئېھتىياج تۈپەيلى قەرز ئالغان ياكى قەرز بەرگەن بولسا، بۇ %30 تىن ئاشمىسا بولىۋېرىدۇ، دەپ قارىلىدۇ(7).

ئۇلار %30 نى نېمىگە ئاساسەن بېكىتكەن؟ بۇنىڭغا ئېنىق بىر دەلىل بولمىسىمۇ، ئاز بىلەن كۆپنى ئايرىشتا ۋەسىيەت ۋە باشقا مەسىلىلەرگە قىياس قىلىپ بىر پاسىل سۈپىتىدە بېكىتكەن. %25 ياكى %33 دېگۈچىلەرمۇ بولغان ۋە بۇ ئاز دېيىلگەن جازانىنى ئېھتىياج تۈپەيلى جائىز دەۋەتكەن. ئەسلىدە بۇلار جازانىلىك قەرزدىمۇ %30 نى ئەمەس، 5% نى ئاساس قىلغان بولسا ئاز – كۆپلۈك پاسىلى بىر خىل بولغان بولاتتى. بۇ 2 نۇقتىدا پاسىل ئوخشاش بولمىغان.

لېكىن ھەيران قالارلىقى، بۇلارنىڭ قارىشى بويىچە جازانىلىك قەرز ئېلىش ۋە قەرز بېرىش %30 تىن ئاشمىسا بولىۋېرىدۇ دېگەن بىلەن، بۇلار كۆپچىلىك ئالىملار بىلەن بىردەك قاراشتا بۇ شىركەتنى باشقۇرۇپ بۇ تۈرلۈك %30 جازانىنى ئالغان ۋە بەرگەنلەر گۇناھكار دەپ قارايدۇ. يەنى بۇ قاراشتىكىلەرمۇ كۆپچىلىك ئالىملارغا ئوخشاشلا مىقدارى مەيلى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش ۋە ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىش ھارام دەپ قارايدۇ(8).

بۇلارنىڭ قارىشىدىكى ئاجىزلىق مۇشۇ نۇقتىدىمۇ ئېنىق كۆرۈنىدۇ. يەنى بۇ يەردە زىتلىق ئېنىق. ھەم %30 غىچە جائىز بولىدۇ دېيىش بىلەن بىللە ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش ۋە ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىشتا شىركەتنى باشقۇرغۇچىلار گۇناھكار بولىدۇ، دەيدۇ. ئاندىن بۇلارنىڭ قارىشى بويىچە پاي چېكى ئەمەلىيەتتە، بار بولغان بىر شىركەتنىڭ سەرمايىسىگە مەلۇم پىرسەنت ھەسسىدار بولۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئاشۇ شىركەتكە مەلۇم پىرسەنت بىلەن ئورتاق شېرىكلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. شىركەتكە ھەسسىدار بولغان پايچىكلار شىركەتنىڭ سەرمايىسىدىلا شېرىك بولماستىن، بەلكى ئۆزى بىۋاسىتە تىجارەت قىلمىسىمۇ شىركەت قىلىۋاتقان تىجارەت ۋە باشقا پائالىيەتلەردىمۇ شېرىك بولغان بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇلارنىڭ قارىشى بويىچە بولغاندىمۇ %30 جازانىلىك مۇئامىلە قىلغان شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىلا ئەمەس، پاي چېكىنى سېتىۋالغان شېرىكلەرمۇ ئوخشاشلا جازانە مۇئامىلىسى قىلغانلىقى سەۋەبلىك گۇناھكار بولۇشى كېرەكتۇر. شۇڭا بۇ قاراش بويىچە چىقىرىلغان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئېلىپ – ساتماقچى بولغانلار بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

ئەمدى مەزكۇر تىزىملىكتىكى 3 – كاتەكچىدىكى ئومۇم كىرىمنىڭ %5 ى دېگەن ئۆلچەمگە قارايلى. بىر قىسىم ئالىملار شىركەتنىڭ ھارام ئىشلاردىن قىلغان كىرىمى %5 تىن ئاشمىسا ئۇنىڭ پېيىنى – ئېلىپ سېتىشقا بولىدۇ، دەپ قاراپ مۇنداق دېگەن:

«ھارام ئىشتىن قىلغان كىرىم شىركەتنىڭ پۈتۈن كىرىمىنىڭ %5 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى شەرت. بۇ كىرىم ھارام پائالىيەت قىلىشتىن كەلگەن بولسۇن ياكى ھارامغا ئىگە بولغانلىقتىن كەلگەن بولسۇن ئوخشاش. ئەگەر شىركەت بەزى كىرىملىرىنى ئېنىق دېمىگەن تەقدىردە، بىلىشكە تىرىشىش ۋە ھېچبولمىسا ئېھتىياتەن بېكىتىش كېرەك. بۇ نىسبەتنى بېكىتىشتە ئاخىرقى مالىيە دوكلاتىغا قارىلىدۇ»([9^]).

بۇ %5 نى بېكىتىشتە بىرەر شەرئىي ئاساسقا تايىنىلمىغان. بەلكى، بوغالتىرلىق ۋە ھېسابات ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئاز ياكى يوقىلاڭ دەپ قاراش ئادىتىگە ئاساسلىنىپ بېكىتكەن.

بۇ يەردىكى ئومۇمىي كىرىم نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ شىركەتنىڭ يانچۇقىغا كىرگەن كىرىملەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن چىقىملارنى چىقىرىۋەتكەندە قالغىنى پايدا ھېسابلىنىدۇ.

بۇ %5 ئۆلچەمنى قويغان بىر قىسىم ئالىملار يۇقىرىقىدەك ھارام ئارىلاشقان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئالغانلارنىڭ ھارام كىرىمنى قولىدىن چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق كىرىمىنى پاكلاشنى شەرت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشى بويىچە، شىركەتنىڭ ئالغان پايدىسىغا ئارىلىشىپ كەتكەن ھارام كىرىمنى قولدىن چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن تۆۋەندىكىچە قۇتۇلۇش ۋاجىپتۇر:

1. ھارام كىرىم مەيلى ھارام پائالىيەتتىن ياكى ھارامغا ئىگە بولغانلىقتىن ياكى ئۆسۈمدىن كىرگەن بولسۇن، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش پاي چېكىگە ئىگە بولغۇچىغا ۋاجىپتۇر. پاي ئىگىسى يىل ئاخىرىغىچە مەبلەغ سالغۇچى بولسۇن ياكى ئېلىپ – ساتقۇچى بولسۇن پەسىل ياكى يىل ئاخىرىدىكى مالىيە دوكلاتى چىققاندا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشى ۋاجىب بولىدۇ. مالىيە دوكلاتى چىقىپ بولغۇچە پاي چېكىنى سېتىۋەتكەنلەرگە ۋاجىب بولمايدۇ(10).

جۈملىدىن، 12- ئاينىڭ 31 – كۈنى شىركەتنىڭ مالىيە دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندا پاي چېكى قولىدا بولغان كىشى شىركەت دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن، ئۇنىڭ پېيىغا تەۋە بولغان كىرىمدىن شۇ پىرسەنتتە ھارام كىرىمنى ئايرىپ قولىدىن چىقىرىۋېتىشى، ئۇنى يېمەسلىكى كېرەك. دېمەك، بۇ ھارام كىرىمنى ئاشۇ تىزىملىك ئاساس قىلغان ئۆلچەمنىڭ ئۆزىمۇ ھارام دەپ قارايدۇ.

شىركەت زىيان تارتقان بولسىچۇ؟ ئوخشاشلا ھارامدىن قىلغان كىرىمنىڭ پىرسەنتىنى قولىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك. چۈنكى ھارام كىرىم كىرمىگەن بولسا ئىدى، زىيان تېخىمۇ ئېغىر بولغان بولاتتى. شۇڭا زىيان بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ ھارام كىرىمنى قولىدىن چىقىرىۋېتىپ قۇتۇلۇشى كېرەك. يەنى مەزكۇر ھارام كىرىم پاي ئىگىسىگە ھالال بولمايدۇ.

2. قولىدىن چىقىرىپ قۇتۇلۇش كېرەك بولغان ھارام كىرىمنى بېكىتىشنىڭ فورمۇلاسى: شىركەتنىڭ پۈتۈن ھارام كىرىمىنى شىركەت پاي سانىغا چاچقاندا ھەر بىر پايغا تەۋە ھارام كىرىم مەلۇم بولىدۇ. بۇنى قولىدا قانچە پاي بولسا كۆپەيتسە قولىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك بولغان مەبلەغ مەلۇم بولىدۇ(11).

بۇلارنىڭ ھارام كىرىمنى تازىلاش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن ئەھۋال يوق. مەسىلەن، 2020 – يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى تىزىملىكتىكى بىم (BIMAS Bim Mağazalar) شىركىتىنىڭ پېيىنى ئالغان كىشى ئۆزىنىڭ پېيىغا تەۋە بولغان ئۆسۈملۈك قەرزگە ئالاقىدار %3.7 بىلەن، 3 – كاتەكچىدىكى ھارام ئىش ۋە مەھسۇلات نىسبىتى بولغان %0.2 نى جەملەپ، ئۆزىگە تەۋە پايلارغا ئائىت ئومۇم كىرىمنىڭ 3.9% ىنى قولىدىن چىقىرىۋېتىشى ۋاجىب بولامدۇ ياكى بەزىلەر دېگەندەك يېرىمى ئۆسۈملۈك قەرزگە، يېرىمى ھالال ئەمگەككە تەۋە دېگەن ئاساستا 3.7% نىڭ يېرىمى بىلەن، ھارام ئىش ۋە مەھسۇلات نىسبىتى بولغان 0.2% نى جەملەپ (%2.05 نى) قولىدىن چىقىرىۋېتىشى ۋاجىب بولامدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا ئېنىق ۋە كۆڭۈل خاتىرجەم بولغۇدەك بىرەر ئۆلچەم يوق. ئەلۋەتتە بۇ شىركەت پايدا ئالغاندىمۇ، زىيان تارتقاندىمۇ ئوخشاش ۋاجىب بولىدۇ.

ئەمما تىزىملىكتىكى لوگو يازىلىم (Logo Yazılım) شىركىتىنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ئالغان ئۆسۈملۈك قەرزى 10.1%، ئۆسۈملۈك بەرگەن قەرزى 5.9%. ھارام پائالىيەت 1.7% دەپ يېزىلغان. بۇ شىركەتنىڭ پېيىنى ئالغان كىشى ئۆسۈملۈك ئالغان قەرزى 10.1% نىڭ يېرىمى (يېرىمى ئۆسۈملۈك قەرزگە، يېرىمى ھالال ئەمگەككە تەۋە دېگەن ئاساستا) بولغان 5.05% + ئۆسۈملۈك بەرگەن قەرزى 5.9% + ھارام پائالىيەت 1.7% = 12.65% نى شىركەتنىڭ پايدىسىدىن ئەمەس، ئومۇمىي كىرىمىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك.

ئۇنداقتا، شىركەت يىلدا 10 مىليون دوللار ئومۇمىي كىرىم قىلغان بولسا، مەيلى پايدا چىقسۇن ياكى زىيان بولسۇن، 10 مىليوندىن 12.65% بولغان هارام كىرىم 1 مىليون 265 مىڭ دوللار دېسەك، ئۇ شىركەتنىڭ ئومۇمىي پېيىغا چاچىمىز. 100,000 پېيى بار دەپ قارىساق، ھەر بىر پايغا 12.65 دوللاردىن كېلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ شىركەتنىڭ بىر پېيىغا ئىگە بولغان كىشى يىل ئاخىرىدا بىر پايغا تەۋە 12.65 دوللاردىن قۇتۇلۇشى كېرەك. ئەگەر مىڭ پاي ئالغان بولسا، 1265 دوللاردىن قۇتۇلۇشى كېرەك.

بۇلار ئوتتۇرىغا قويغان تازىلاش ئۇسۇلىنى ئومۇميۈزلۈك تولۇق چۈشىنىپ بولۇش تەس ھەم بەزى يېتەرسىزلىكلەر، ھەل قىلىنمىغان نۇقتىلار بار.

مەسىلەن، يۇقىرىقى تازىلاش ئۇسۇلىدىكى ئېغىر مەسىلە، يىل ئاخىرىدا مالىيە دوكلاتى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن پاي ئېلىپ – ساتقان كىشى، شۇنداقلا پايدا ئايرىپ بولغاندىن كېيىن تاكى يىل ئاخىرى مالىيە دوكلاتى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن پاينى سېتىپ چىقىرۋەتكەن كىشى تازىلىمىسىمۇ بولىدۇ، دەيدۇ.

3. قولىدىن چىقىرىپ قۇتۇلۇش كېرەك بولغان بۇ ھارام كىرىمدىن ھېچقانداق تۈردە پايدىلىنىشقا ياكى باجنى تۆلەشكە ئىشلىتىشتەك تۈرلۈك ئۇسۇللاردا ھىيلە ئىشلىتىپ پايدىلىنىشقىمۇ بولمايدۇ(12).

قولىدىن چىقىرىپ قۇتۇلۇش كېرەك بولغان ھارام كىرىمنى ئۇ شىركەتكە پايدىلىق بولغان تەشۋىقات خاراكتېرلىك خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغىمۇ ئىشلىتىش جائىز بولمايدۇ. مەسىلەن، بەزى شىركەتلەر شەكىللەنگەن ھارام كىرىمنى يىغىپ مەكتەپ سېلىپ، پالانى شىركەت ياكى پالانى قاتىلىم بانكىسى سېلىپ بەرگەن مەكتەپ دەپ ئۆزىگە تەشۋىقات قىلىشتا پايدىلىنىشىمۇ توغرا ئەمەس. مەزكۇر ھارام كىرىمنى قولدىن چىقىرىۋېتىش مەسئۇلىيىتى ئۇ شىركەتنى باشقۇرغۇچىغا، ئۇندىن قالسا پاي ئىگىسىگە كېلىدۇ.

پاي ئىگىسىمۇ ئۇ كىرىمنى ئۆزى ھېچقانداق پايدىلانماستىن قولىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك. ئۇنى زاكىتىغا ھېسابلاشقىمۇ بولمايدۇ. سەدىقە دەپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن باج ياكى جەرىمانىلەرنى تۆلىسىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ھارام كىرىمدىن پايدىلىنىش مۇتلەق ھارامدۇر.

بۇلار ئاز سانلىق ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە يۇقىرىقى تىزىملىكتىكى شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئېلىپ – ساتقانلارنىڭ قولىغا كىرگەن ھارام كىرىمنى قانداق تازىلاشقا ئالاقىدار گەپلەر بولۇپ، مەزكۇر تىزىملىكتىكى شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئالماقچى بولغانلار دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، بىر شىركەتنىڭ پېيى ھالال دەپ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بولسا، بۇ ئەھۋال 3 ئايدىن كېيىن ئۆزگىرىپ مۇشۇ ئۆلچەمگىمۇ چۈشمەيدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە، يۇقىرىدا بىم شىركىتىنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆردۇق. بەزى شىركەتلەر ئېھتىياج تۈپەيلى %30 تىن ئاشۇرۇپ قەرز ئېلىشى ياكى قەرز بېرىشى مۇمكىن. بۇنى كېسىپ ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا «شەرئىي ئۆلچەملەر»دە مۇنداق كەلگەن:

«مۇشۇ ئۆلچەملەرگە پاي قوشۇش ۋە مۇئامىلە قىلىش مۇددىتى جەريانىدا رىئايە قىلىنىشى كېرەك. ئەگەر ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە بۇ تۈرلۈك مەبلەغ سېلىشتىن دەرھال چېكىنىش ۋاجىبتۇر»(13).

چىقىپ كېتىشتىمۇ قانداق چىقىپ كېتىشى مۈجمەل. دەرھال چىقىپ كېتىشى كېرەكمۇ ياكى سېتىۋالغان باھاغا چىقىشىنى كۈتەمدۇ؟ زىيىنىغا ساتسا تازىلىشى كېرەكمۇ؟ لېكىن ئېنىق بولغىنى يۇقىرىقى ئۆلچەم بويىچە زىيان تارتسىمۇ تازىلىشى كېرەك.

يىغىپ ئېيتساق، كۆپچىلىك ئالىملار بۇ تۈرلۈك جازانە ۋە ھارام ئارىلاشقان شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى ئېلىپ – سېتىشنى %30 ياكى %5 تىن ئاز بولسىمۇ چەكلەيدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن مەزكۇر تىزىملىكتىكى شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولمايدۇ. مەنمۇ مۇشۇ قاراشنى تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن ۋە جازانىنىڭ ئازىدىنمۇ يىراق تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيمەن. شۈبھىسىزكى، بۇ تىزىملىكنى تۇرغۇزغان شىركەتنىڭ بېكىتىلگەن ئۆلچەملەرگە مۇتلەق رىئايە قىلىشىغا ئىشىنىشمۇ تەس. بۇ ساھەدە مۇستەقىل ۋە لىللا تۇرۇپ باھالاپ بېرەلەيدىغان ئىشەنچلىك ئورۇن يوق. تۈركىيەدە تىزىملىك ئېلان قىلغان «قاتىلىم ئېندىكسى» ۋە «بىزنىڭ مەنقۇل مۈلۈكلەر» (BMD) شىركەتلىرىنىڭ ئۆز تور بەتلىرىدىكى ئىقرارلىرى بويىچە جەزىم قىلىشقا بولىدۇكى، تىزىملىك تۇرغۇزۇش خىزمىتىنىڭ خىراجىتىنى قاتىلىم بانكىلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ. يەنە ھاراملىق نىسبىتىنى بىلىش پەقەت شۇ شىركەتلەرنىڭ يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلغان بايانىدىنلا مەلۇم بولىدۇ. يوشۇرغىنى ياكى مەلۇم قىلمىغىنى بىلىنمەيدۇ.

ئەگەر ئۇ شىركەتلەرنىڭ باھالىشىغا شۇنداقلا ئاشۇ ئۆلچەمنى توغرا تاپقان ئالىملارغا ئىشىنىپ تۈركىيەدە ئىناۋەتلىك تىزىملىكتىكى ھالال دەپ قارالغان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئېلىشنى تاللىغانلار بولسا، بۇمۇ بىر قىسىم ئالىملارنىڭ تاللىشىغا ئەگەشكەنلىكتۇر. بۇ قاراشنى تۇتقان تەقدىردىمۇ ھارام كىرىمنى قولدىن چىقىرىۋېتىشى ئاشۇ ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە ۋاجىبتۇر. شۇنداقلا ئۇ شىركەتنى باشقۇرغۇچىلار ۋە پېيىنى ئالغۇچىلارمۇ گۇناھكاردۇر. چۈنكى پاي سېتىۋالغۇچى شىركەتكە ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا ئۆز چامىسىدا شېرىكتۇر.

باشقا دۆلەتلەردە ئېلان قىلىنغان تىزىملىكلەرگىمۇ مۇشۇ شەرتلەر بويىچە قارىساق بولىدۇ.

بۇ يەردە «شەرئىي ئۆلچەملەر»دە كەلگەن تۆۋەندىكى ھۆكۈملەرنىمۇ تەكىتلەپ قويۇش پايدىلىق دەپ قارايمەن:

1. پاي چېكىنى مارجىن تىجارىتى (Margin Trading) ئارقىلىق ۋاسىتىچىدىن ياكى بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ. قەرز ئۈچۈن سېتىۋالغان پاي چېكلارنى ۋاسىتىچىگە رەنىگە قويۇشقىمۇ بولمايدۇ.

بۇ تىجارەتنىڭ ماھىيىتى مۇنداق: سودىگەر تىجارەتكە دەسمايە سالماقچى بولغان پۇلىنى ۋاسىتىچى (broker) غا بېرىپ، ئۇنىڭدىن نەچچە ئون ھەسسە پۇلنى ۋاسىتىچىدىن قەرز ئېلىپ ۋاسىتىچى ئارقىلىق چوڭ تىجارەت قىلىدۇ. باھا ئۆسكەندە ساتىدۇ. ھەر ئايدا ۋاسىتىچىگە ھەق تۆلەيدۇ. ۋاسىتىچىدىن ئالغان قەرز ئۈچۈن سېتىۋالغان پۇللارنى ۋاسىتىچىگە رەنىگە قويىدۇ. بەزىدە پايچەك ياكى سەنەد (قەرز ھۆججىتى) ياكى مەدەن تىجارىتى قىلىشىمۇ مۇمكىن. دېمەك بۇ سودا قەرز، رەنە، ۋاسىتىچىلىك، يوق سەرمايىدە تىجارەت قىلىش ۋە پۇللارنى نېسى ئېلىپ – سېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2. ساتقۇچى ئىگە بولمىغان پاي چېكىنى ئۆتنە قىلىپ سېتىش (SHORT SALE)(14) قا بولمايدۇ. ۋاسىتىچى تاپشۇرۇش ۋاقتىدا پاي چېكىنى قەرز بېرىپ تۇرىمەن دەپ ۋەدە قىلسىمۇ ئۇ سودا ئوخشاشلا توغرا بولمايدۇ.

3. شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى قەرز بېرىپ تۇرۇش، رەنىگە قويۇش، پاي چېكىدا ئالدىن پۇل تاپشۇرۇپ كېيىن پاي چېكىنى تاپشۇرىدىغان «سەلەم سودىسى» قىلىش، پاي چېكىدا كېلەچەكتە قىلىشقا پۈتۈشكەن سودىلار (Futures contracts) نى ۋە ئىختىيارلىقلار بىلەن تولغان ئوبشىن سودىلىرى (Option contracts)(15) نى قىلىش، پاي چېكى ۋە ئۇنىڭ پايدىسىنى ئوبيېكت قىلغان ۋاقىتلىق ئالماشتۇرۇش توختاملىرى (Swaps)(16) قىلىش جائىز بولمايدۇ. شۇنداقلا مەيلى نېمە مەقسەتتە بولسۇن، پاي چېكىنى ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ. ئارىيەتكە بېرىشكە بولىدۇ.

4. قول ئىلكىدىكى مال – مۈلكى پەقەت نەق پۇل بولغان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى دەسلەپتە بېكىتىلگەن قىممىتى بويىچە قولمۇقول تاپشۇرۇپ ئېلىش ئارقىلىقلا ئېلىپ – سېتىشقا بولىدۇ. بازار باھاسى بويىچە ياكى نېسى ئېلىپ – سېتىشقا بولمايدۇ.

يەنى بىر شىركەتنىڭ مەبلىغى توپلىنىپ ئۇ پۇللار تېخى مۇقىم مۈلۈك ياكى ياكى تاۋارغا ياكى مەنىۋىي ھەقلەرگە ئايلىنىشتىن بۇرۇن پاي ئىگىلىرى پايلىرىنى سېتىشتا شەرىئەتتىكى پۇل ئالماشتۇرۇش يەنى «سەرف سودىسى» شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستىلا ساتسا بولىدۇ. يەنى 1 لىرالىق بىر پاينى پەقەتلا بىر لىراغا ساتالايدۇ. ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياكى ئارتۇق ساتسا جازانە شەكىللىنىدۇ. چۈنكى، سېتىلغان نەرسە پۇل.

كېيىنچە سەرمايە پۇلنىڭ ھەممىسى ياكى كۆپ قىسمى مۇقىم مۈلۈك ياكى تاۋارغا ياكى مەنىۋىي ھەقلەرگە ئايلانسا، نەق بار پۇل ياكى قەرزلەر ئايرىم ياكى بىرلىكتە 50% دىن ئاشمىسا ئاندىن پاي چېكىنى ئېلىپ – سېتىشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدىكى نەق پۇل ۋە قەرزلەر مۇقىم مۈلۈك، تاۋار ۋە مەنىۋىي ھەقلەرگە تەۋە بولغان بولىدۇ.

شۇنداقلا شىركەت مال – مۈلكى ۋە باشقا ھەقلىرى پۈتۈنلەي ياكى كۆپ قىسمى نېسى سېتىش ۋە مۇرابەھە سودىلىرىنى قىلىش ئارقىلىق نەق ۋە نېسى پۇلغا ئايلانغان شىركەتنى بوغۇشتىن بۇرۇنقى ۋە بوغۇش باسقۇچلىرىدىمۇ سەرمايىنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسىدا ئېلىپ – سېتىشقا بولىدۇ. پۈتۈنلەي نەق ۋە نېسىگە ئايلانغان تەقدىردە يەنىلا يۇقىرىقىدەك پۇل سودىسى ئەھكاملىرى بويىچە ئېلىپ – سېتىلىدۇ.

5. شۇنداقلا پۈتۈن بارلىقى قەرزگە ئايلىنىپ كەتكەن بولسا، قەرز ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلىنمىسا ئېلىپ – سېتىش جائىز بولمايدۇ(17).

باشقا شەرتلەر ۋە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار بۇرۇنقى «ئاكسىيە بازىرىدا شىركەت پاي چېكى ئېلىپ – سېتىش» ماۋزۇلۇق پەتۋادا بايان قىلىنغان.

ئاخىرىدا تەكىتلەپ قويىدىغىنىم شۇكى، جازانە بارلىق ساماۋى شەرىئەتلەردە ھارام قىلىنغان بولۇپ، بىزنىڭ ئىسلام شەرىئىتىمىزدىمۇ ھالاك قىلغۇچى چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن سانالغان. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا جازانە يېگۈچىگە جەڭ ئېلان قىلغان ۋە بىلىپ تۇرۇپ جازانە مۇئامىلىسى قىلغانلارنى دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلار قاتارىدىن ساناپ، جازانىدىن كەلگەن كىرىمدىن بەرىكەتنى كۆتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. پەيغەمبىرىمىزمۇ ھەدىسلەردە جازانە يېگۈچى ۋە يېگۈزگۈچىگە لەنەت قىلغان. جازانە بۇ قەدەر ئېغىر ۋە چوڭ گۇناھ بولغاندىن كېيىن، جازانىدىن، يوق نەرسىنى ئېلىپ – سېتىشتىن ۋە شۈبھىلىك مۇئامىلىلەردىن جېنىنىڭ بارىچە يىراق تۇرۇش تەقۋادارلىققا ئىنتىلىدىغان ھەر بىر مۇسۇلمانغا لايىق ئىشتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿جازانە يەيدىغانلار (قىيامەتتە) ساراڭلىقتىن شەيتان سوقۇۋەتكەن ئادەملەردەكلا قوپىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: ئېلىم – سېتىم جازانىگە ئوخشاش، دېگەنلىكىدىندۇر. ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال قىلىپ، جازانىنى ھارام قىلدى. شۇڭا، كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز – نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن بولدى قىلسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا قالىدۇ. كىمكى جازانە قىلىشقا قايتىدىكەن، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر﴾ (بەقەرە 275) دېگەن.

ھالال كەسپ دائىرىسى ئىنتايىن ئېنىق ۋە كەڭرى. بەندە بىر ئىشنى ئاللاھدىن قورقۇپ تاشلىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياخشىراق ئىشنى ئۇدۇللاپ بېرىدۇ. ھەر بىر بەندە پۈتۈلگەن رىزقىدىن ئارتۇق ياكى كەم يېيەلمەيدۇ. شۇڭا، توغرا يولدىن پۇل تېپىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ھەر بىر بەندە پۇلنى نەدىن تاپقانلىقى ۋە نېمىگە خەجلىگەنلىكى توغرىسىدا جەزمەن سوراققا تارتىلىدۇ.

 

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 08. 12


1.  تەۋەررۇق سودىسى: نەق پۇلغا ئېھتىياجى بار كىشى بانكىدىن بىرەر تاۋارنى نېسى سېتىۋېلىپ، ئۇ تاۋارنى نەق سېتىشتا بانكىنى ۋەكىل قىلىپ نەق پۇلغا ئېرىشىشى پۈتۈشىۋېلىنغان تەۋەررۇق دەپ ئاتىلىدۇ.
2. قرار رقم: 63 (1/7([1] بشأن الأسواق المالية الصادر من مجلس مجمع الفقه الإسلامي الدولي المنعقد في دورة مؤتمره السابع بجدة في المملكة العربية السعودية من 7-12 ذي القعدة 1412 الموافق 9 – 14 أيار (مايو) 1992م. «مجلة مجمع الفقه الإسلامي بجدة»، (7-1/712).
3. قرار رقم: 63 (1/7([1] بشأن الأسواق المالية الصادر من مجلس مجمع الفقه الإسلامي الدولي المنعقد في دورة مؤتمره السابع بجدة في المملكة العربية السعودية من 7-12 ذي القعدة 1412 الموافق 9 – 14 أيار (مايو) 1992م. («مجلة مجمع الفقه الإسلامي بجدة»، (7-1/712).
4. قرار مجمع الفقه الإسلامي التابع لرابطة العالم الإسلام في دورته الرابعة عشرة سنة 1415 هـ الموافق 1995.
5. 1991 – يىلى قۇرۇلغان ئىسلام مالىيەسى ئاستىقۇرۇلمىسىنى ھازىرلايدىغان ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۆتىۋەر خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن بىرى. باش ئىشخانىسى بەھرەيندە. ھازىرغا قەدەر ئىسلام مالىيەسىگە ئالاقىدار تەسىرى كۈچلۈك بولغان ئۇلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ كەلمەكتە. ئىسلام مالىيەسى ۋە ئەخلاقىغا ئالاقىدار بۈگۈنگە قەدەر 94 شەرئىي ئۆلچەم بېكىتىپ چىققان. ئۇنىڭغا 50 كە يېقىن دۆلەتتىكى مەركىزىي ۋە باشقا بانكىلار شۇنداقلا مالىيە مۇئەسسەسەلىرى ئەزا بولغان.
6. «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 21. 563 – 573 – بەتلەر.
7. «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 21. 568 – بەت. 3/4/1 – 3/4/2 – ماددىلار.
8. «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 21. 568 – 569 – بەتلەر. 3/4/2 – 3/4/3 – ماددىلار.
9. «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 21. 569 – بەت. 3/4/4 – 3/4/5 – ماددىلار.
10. «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 21. 569 – بەت. 3/4/4 – 3/4/6/ – 3/4/6/ 1 – ماددىلار.
11. «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 21. 570 – بەت. 3/4/6/4 – ماددا.
12. «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 21. 570 – بەت. 3/4/6/5 – ماددا.
13. «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 21. 571 – بەت. 3/4/8 – ماددا.
14. «ئۆتنە قىلىپ سېتىش( (SHORT SALE)»: ئەزان ئېلىپ قىممەت سېتىشنىڭ ئورنىغا، قىممەت سېتىپ ئەرزان سېتىۋېلىپ پايدا ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بىم شىركىتىنىڭ 100 لىرالىق پاي چېكىنى سېتىۋالغان كىشى باھا ئۆرلىسە 150 لىراغا، باھا چۈشۈپ كەتسە، 50 لىراغا ئاران ساتالايتتى. لېكىن باھا چۈشۈپ كەتكەندىمۇ قىسقا مۇددەتلىك سېتىش ئارقىلىق پايدا ئېلىش مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاسىتىچىدىن پاي چېكى قەرز ئېلىپ تۇرۇپ بازار ئېچىلغاندا قىممەت سېتىپ، كەچتە بازار تاقىلىشتىن بۇرۇن ئەرزان سېتىپ پايدا ئېلىۋېلىپ پاي چېكىنى قەرز بەرگەن ۋاسىتىچىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
15. «ئوبشىن سودىلىرى (Option contracts)» بويىچە، كىشى مەلۇم تاۋار ياكى پايچېكىنى مەلۇم مۇددەت ئىچىدە، مەلۇم باھادا سېتىۋېلىش ھەققىگە ئېرىشىدۇ. بۇ ھەقنى سېتىۋالغان كىشى بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل تۆلەيدۇ. ئەگەر خالىسا شۇ مۇددەت ئىچىدە شۇ باھادا شۇ تاۋارنى سېتىۋالىدۇ. سېتىۋالمىسا تۆلىگەن پۇلنى زىيان تارتىدۇ.
16. «ۋاقىتلىق ئالماشتۇرۇش توختاملىرى (Swaps)»: ئىككى ياكى كۆپ تەرەپ ئوتتۇرىدىكى توختاملار بولۇپ، ئا تەرەپ ب تەرەپكە كېلەچەكتە 5 يىلغىچە ھەر يىلى مەلۇم مىقداردا ئۆسۈملۈك قەرز بېرىپ تۇرۇشقا، ب تەرەپمۇ ج تەرەپكە ئۆسۈملۈك قەرز بېرىپ تۇرۇشقا توختاملىشىدۇ. بۇ توختاملاردىن ھەممە تەرەپ يېنىۋالالمايدۇ.
17. «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، المعيار الشرعي رقم 21. 571 – 573 – بەتلەر. 3/5 – 3/19 – ماددىلار.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ