زاكات ۋە غەيرىي ئىسلامىي نەشر

زاكات ۋە غەيرىي ئىسلامىي نەشر

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، زاكاتنى ئىسلامنى، مۇسۇلمانلارنى سەت كۆرسىتىدىغان ماتېرىيال كىتابلارنى بېسىپ تارقىتىشقا بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

زاكات بېرىلىدىغان ئورۇنلارنى ئاللاھتائالا تەۋبە سۈرىسى 60 – ئايەتتە ئېنىق بايان قىلىۋەتكەن بولغاچقا، ئۇنى شۇ سەككىز ئورۇننىڭ بىرىگە، ياكى بىرقانچىسىگە، ياكى ھەممىسىگە بەرسە ئاندىن ئادا تاپىدۇ. بۇ ئورۇنلارغا قارايدىغان بولساق، زاكاتنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن، جىھاد ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئەگەر زاكاتنى ئىسلامنى، مۇسۇلمانلارنى قەبىھ كۆرسىتىدىغان، دىننىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىنى بۇلغايدىغان ياكى ئەخلاقىدىن ياتلاشتۇرىدىغان، ياكى دىن دۈشمەنلىرىنىڭ پىلانىغا خىزمەت قىلىدىغان كىتاب ياكى تۈرلۈك تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى يېزىشقا، بېسىشقا ۋە تارقىتىشقا ئىشلەتكەن تەقدىردە، بىرىنچىدىن، زاكات ئادا تاپمايدۇ. زاكات بەرگۈچى زاكىتىنى قايتا بېرىشى لازىم، بولمىسا گەدىنىدە قەرز بولۇپ قالىدۇ.

ئىككىنچىدىن، زاكات مالنى ياكى بىراۋنىڭ قىلغان ئىختىيارىي ئىئانىسى ياكى ساخاۋىتىنى يۇقىرىقى تۈردىكىلەرنىڭ ھەرقاندىقىغا سەرپ قىلىش، يىغىپ توپلاش ياكى بولمىسا يۇقىرىقىدەك زەھەرلىك تەشۋىقاتلار ئۈچۈن ئىشلىتىش ئاللاھقا، رەسۇلىغا ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلغانلىق، كاپىرلارنىڭ سېپىنى تۇتقانلىق ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيان ئۇرۇشتىن ئىبارەت ئېغىر جىنايەتتۇر. شۇڭا، ئەگەر بۇنى بىلىپ قىلغان تەقدىردە، بۇنداق زەھەرخەندىلىكنىڭ مۇسۇلمان دېگەنلەرنىڭ ئۆزىدىن سادىر بولۇشى ئاللاھنىڭ دىنىغا ئاسىيلىق، مۇسۇلمانلارغا خىيانەتتۇر. ئەگەر قەلبىدە بۇنداق بىر خىيانەتنى پىلانلاپ قىلغان بولسا شۈبھىسىزكى، بۇ زىندىقلىق ۋە مۇناپىقلىقتۇر. ئەگەر مۇسۇلمان كىشى ئىشنىڭ تېگى – تەكتىنى بىلمەي ياردەملىشىپ قالغان ياكى بۇنداق ئىشلارغا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ ياردەم بېرىپ قالغان بولسا، دەرھال تەۋبە قىلىشى ۋە مەسئۇلىيىتى چۈشكەن دائىرىدە قولىدىن كېلىشىچە زىياننى تولدۇرۇشى ياكى يەڭگىللىتىشكە تىرىشىشى پەرزدۇر.

شۇنداقلا، بىلمەي ياردەم بېرىپ سالغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنىڭ راست بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ شەنىنى كۆتۈرىدىغان ئىشلار ئۈچۈن سەدىقە – ئېھسان قىلىۋېتىشى ھەمدە ئاشۇنداق مىللەتكە ۋە ۋەتەنگە زىيانلىق قىلمىشلارنى ئىجرا قىلىۋاتقانلاردىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ، بېرىش – كېلىش قىلماسلىقى قاتارلىقلار مەزكۇر كىشىنىڭ تەۋبىسىدە راستچىل بولغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

2020. 05. 29

 

 دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ