نەزىرنىڭ پۇلىنى باشقا ئىشقا سەرپ قىلىش

نەزرنىڭ پۇلىنى باشقا ئىشقا سەرپ قىلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. قىزى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئاتا: «قىزىم ساقىيىپ قالسا، پۈتۈن يېزا ئاھالىسىگە تاماق بېرىمەن» دەپ نەزر قىلغان. 4 يىل داۋالانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ شىپالىق ئاتا قىلىشى بىلەن قىزى ساقايغان. بۇ ئەھۋالدا، نەزر ئۈچۈن يېزا ئاھالىسىگە تاماق بېرىدىغان پۇلنى ئافرىقىدا قۇدۇق كولاشتەك باشقا تۈرلۈك خەيرلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

«نەزر قىلىش» — كىشىنىڭ شەرىئەت ئۆزىگە ۋاجىب قىلمىغان بىرەر ئىشنى، ئۆز ئىختىيارى بىلەن گەدىنىگە ۋاجىب قىلىۋېلىشىدۇر. مەسىلەن: «مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن 10 كۈن روزا تۇتىمەن، قىزىم ساقىيىپ قالسا، مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن پۈتۈن يېزا ئاھالىسىگە تاماق بېرىمەن» دېگەندەك.

بۇ تۈرلۈك نەزرنى ئادا قىلىش ۋاجىب بولۇپ، بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا ئۇنى ئورۇندىماي تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇلار ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن﴾(22/«ھەج»: 29) دېگەن. يەنە نەزرلىرىنى ئادا قىلىدىغان ياخشىلارنى مەدھىيەلىگەن: ﴿ئۇلار ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىشنى ئورۇندايدۇ ۋە دەھشىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن) قورقىدۇ﴾(76/«ئىنسان»: 7).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا نەزر قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلسۇن، كىمكى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشقا نەزر قىلغان بولسا، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلمىسۇن»(1) دېگەن.

يەنە بىر ھەدىستە «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— مەن جاھىلىيەتتە مەسجىدى ھەرەمدە بىر كېچە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا نەزر قىلغان ئىدىم، — دەپ سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ:

— نەزرىڭنى ئادا قىل، — دېدى»(2).

مەزكۇر ئايەت ۋە ھەدىسلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، كىمكى بىرەر ياخشى ئىشنى ئاللاھ ئۈچۈن ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولسا، ئۇنى ئورۇنداشقا ئىمكانىيىتى يار بېرىپلا قالسا ئۇنى ئورۇندىشى ۋاجىبتۇر. گەرچە ئۇ تاماق بېرىشتەك ئىشلار ئەسلىدە ۋاجىب ئىش بولمىسىمۇ، ئۇنى نەزر قىلغانلىقى ئۇنى ئۆزىگە ۋاجىب قىلغانلىق بولىدۇ.

سوئالدىكى نەزر مۇئەييەن بىر يېزا ئاھالىسىگە تاماق بېرىشتىن ئىبارەت ساۋابلىق ئىشنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئىبارەت بولغاچقا، ئۇنى نەزر قىلغىنى بويىچە ئادا قىلىشى ۋاجىب. ئۇنىڭ پۇلىنى ئۇنىڭدىن باشقا خەيرلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، نەزرنى ئەسلىدە نەزر قىلغۇچى بەلگىلىگەن جايغا ئادا قىلىش كېرەك. ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ياكى ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار ئوتتۇرىسىدا باشقىچە قاراش يوق.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ نەزر شۇ يېزا ئاھالىسىنىڭ ھەققى بولۇپ كەتكەن. شۇڭا، ئۇنى باشقىلارغا يۆتكەشكە بولمايدۇ. بۇ خۇددى مەلۇم بىر شەخسكە قىلىنغان ۋەسىيەتكە، مەلۇم كىشىلەرگە قىلىنغان ۋەقفكە ئوخشاش.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1441، 13 – شەۋۋال / م. 2020، 5 – ئىيۇن


1. بۇخارىي (6696).
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2032)؛ مۇسلىم (1656).

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ