شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار

مەلۇمكى، شەۋۋال ئېيى رامزاندىن كېيىنلا كېلىدىغان، ئىككى ھېيت ئارىلىقىدىكى ئايدۇر. شەۋۋالدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ئىنتايىن كاتتا بولۇپ، ئۇ ئالتە كۈن روزا ئۇلۇغ رامىزاندىكى پەرز روزىدىن، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى ھېيتىنىڭ بىرى بولغان روزا ھېيتتىن كېيىن ئادا قىلىنىشى پەزىلەتلىك ئەمەل بولغان سۈننەت ۋە مۇستەھەپ روزىدۇر.

شەئباندىكى روزا رامىزاندىكى پەرز روزىنىڭ ئالدىدىكى سۈننەت بولسا، شەۋۋالدىكى روزىمۇ پەرز كەينىدىكى سۈننەتتۇر.

ھەدىس قۇدۇسىيدا كۆرسىتىلگىنىدەك، پەرز ئەمەللەر ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ، نەپلىلەر ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى ۋە دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

بۇ ئالتە كۈندە روزا تۇتۇش پەرۋەردىگارنىڭ بىزلەرنى رامىزاندا روزا تۇتۇشقا مۇۋەپپەق قىلغانلىقى، مەغپىرەت قىلغانلىقى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىش ۋە يەنە بۇ ئۇلۇغ ئىبادەتنىڭ لەززىتىنى تېتىپ، ئۇنىڭغا قانمىغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

جانابىي ئاللاھ مۇنۇ ئايىتىدە بەندىلىرىنى رامىزاندىن كېيىن شۈكۈر قىلىشقا بۇيرۇغان: «…رامىزان روزىسىنىڭ سانىنى تولدۇرۇشىڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ»(بەقەرە، 185).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئالتە كۈندە روزا تۇتۇشقا تەرغىب قىلىپ: «كىمكى رامىزاندا روزا تۇتۇپ ئاندىن ئۇنىڭغا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈننى ئەگەشتۈرۈپ تۇتىدىكەن، بۇ پۈتۈن بىر يىل (بىر ئۆمۈر) روزا تۇتقانغا ئوخشاش» دېگەن(1).

بۇ يەردە مەقسەت قىلىنغىنى، بىر ئۆمۈر ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش يولغا قويۇلغان دەپ پەرەز قىلىنسا، شۇنىڭ ساۋابى بولىدۇ. يەنى، ساۋابى ئىنتايىن كاتتا دېمەكچى(2).

بۇنداق بولۇشتا ھەر بىر ياخشى ئەمەلنىڭ مۇكاپاتى ئون ھەسسە بولغاچقا، رامىزاندا روزا تۇتۇش ئون ئاي روزا تۇتقان بىلەن باراۋەر، شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش ئاتمىش كۈن، يەنى، ئىككى ئاي روزا تۇتقان بىلەن باراۋەر، بۇلارنى جەملىسەك ئون ئىككى ئاي بولىدۇ.

شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇشقا ئالاقىدار ئەھكاملار

1. شەۋۋال ئېيىدا تۇتماقچى بولغان ئالتە كۈن روزىنى ئارقا – ئارقىدىن تۇتسىمۇ، كۈن ئاتلاپ ياكى ئايرىم – ئايرىم تۇتسىمۇ، شەۋۋال ئېيىنىڭ باش تەرىپىدە تۇتسىمۇ، ئوتتۇرىسىدا تۇتسىمۇ، ئاخىرىدا تۇتسىمۇ بولىدۇ. ئاينىڭ بېشىدىلا تېزرەك تۇتۇۋېلىش مۇستەھەپ، ئالدىراپ تۇتقاندا ھېيتنىڭ ئىككىنچى ياكى تۆتىنچى كۈنىدىن تارتىپ تۇتۇشقا باشلىسا بولىدۇ. ئاينىڭ ئوتتۇرىغا ياكى ئاخىرىغا كېچىكتۈرسە جائىز.

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دېگەن: «ئالتە كۈن روزىنى شەۋۋالنىڭ بېشىدىلا ئارقا – ئارقىدىن ئۇلاپ تۇتۇۋېلىش مۇستەھەپ، ئەگەر ئاينىڭ بېشىدىن كېچىكتۈرسە جائىز بولۇپ، ھەدىسنىڭ مۇتلەق ھەم ئومۇم لەۋزىگە ئاساسەن، بۇ سۈننەتنى ئادا قىلغان بولىدۇ»(3).

لېكىن دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە، بەزى كېسەللىكلەرنى داۋالاش ياكى ئالدىنى ئېلىشتا 36 كۈن روزىنىڭ پايدىسى كۆپكەن. شۇڭا ھېيت كۈنى ئىچىملىكلەر بىلەن كۇپايىلىنىپ ئارقىدىن ئالتە كۈن روزا تۇتسا ئىنتايىن پايدىلىق دەپ قارىلىدىكەن.

2. ئەگەر بۇرۇنقى رامىزاندىن قازا روزىسى بارلار بولسا، ئالدى بىلەن قازا روزىسىنى تۇتۇۋېلىپ ئاندىن كېيىن ئالتە كۈن روزىنى تۇتۇش لازىم. ئەگەر رامىزاننىڭ قازاسىنى تۇتماي ئالتە كۈن روزا تۇتسا، پەرزنى تاشلاپ قويۇپ مۇستەھەپنى قىلغان بولىدۇ، يەنە، بىر يىل روزا تۇتقاننىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، چۈنكى يۇقىرىقى ھەدىستە: «رامىزاندا روزا تۇتۇپ ئاندىن ئۇنىڭغا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈننى ئەگەشتۈرۈپ تۇتىدىكەن» دېگەن بولغاچقا، رامىزاننى تولۇق تۇتقاندىن كېيىن ئارقىدىن بۇ ئالتە كۈن روزىنى تۇتقاندىلا ئاندىن ھەدىستىكى پەزىلەتكە ئېرىشەلەيدۇ. رامىزاننى تولۇق تۇتماي ئالتە كۈن روزا تۇتسا، بۇ يۇقىرىقى ھەدىسكە چۈشمەيدۇ. يەنە ئاللاھنىڭ قەرزى ئادا قىلىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر. لېكىن، شۇنداقتىمۇ، نەپلە روزا تۇتقان ساۋابى بولىدۇ.

ئەمما، قازا روزىسى بارلار ھېيتتىن كېيىن قازا روزىسىنى تۇتقاندا شەۋۋالغا تەۋە ئالتە كۈننى ھەم نىيەت قىلىپ 6 كۈن قازا روزا تۇتسا، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، بىر نىيەت بىلەن ھەر ئىككى روزا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ ئەجرىگە ئېرىشىدۇ. خۇددى مەسجىدكە كىرىپ، پەرزگە ئۈلگۈرگەن كىشىگە نىسبەتەن پەرز ناماز تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزىغىمۇ ھېساب بولغىنىدەك، شەۋۋال ئېيىدا تۇتىدىغان ئالتە كۈننىڭ روزىسى قازاسىنى قىلىدىغان روزىسىغا كىرىشىپ كېتىدۇ. بۇ قاراشقا ئاساسەن، رامىزان قازاسىنى تۇتماقچى بولغان ئاياللار بىرلا ۋاقىتتا شەۋۋال ئالتە كۈن روزىسىنىمۇ نىيەت قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ قازا روزىلارنى تۇتۇۋاتقاندا شەۋۋالدا ئالتە كۈن روزا تۇتقان بولىدۇ. شەۋۋال ئېيى چىقىپ كېتىشكە ۋاقىت قىستالغان ئەھۋالدا شۇنداق قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئىككىنىڭ بىرىنى نىيەت قىلاي دېسە، قازا روزا ئەلبەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى، رامىزان قازاسىنى قىلىش پەرز، شەۋۋال ئالتە كۈن روزىسى بولسا نەپلە.

3. شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنىدە تۇتۇلىدىغان روزىنىڭ ۋاقتى مۇئەييەن بولغاچقا، شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇۋالمىسا ئۇ پۇرسەت قولدىن كېتىدۇ، قازاسىمۇ تۇتۇلمايدۇ. لېكىن ھەيز – نىفاس ۋە كېسەللىككە ئوخشىغان شەرئىي ئۆزرە سەۋەبلىك ئالتە كۈننى شەۋۋالدا تۇتالمىغان بولسا، ئۇندىن كېيىنكى ئايدا تۇتۇۋالسا يەنىلا ئۇنىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشىدۇ.

4. بىر كىشى رامىزاندا ئۆزرىلىك ياكى ئۆزرىسىز بولسۇن پەرز روزىنى تۇتالمىغان ياكى بۇزۇۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلماقچى بولغان بولسا روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ كېلەر رامىزان كېلىپ بولغىچە بۇ ئىشقا ئالدىرىشى، كېچىكتۈرمەسلىكى لازىم، چۈنكى ئىنسان ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىۋالماستىن ئۆلۈپ كېتىپ قالسا پەرز بوينىدا بولىدۇ.

ئەمما، يەنە بىر رامىزان كىرگىچە ئۆزرىلىك كېچىكتۈرسە گۇناھ بولمايدۇ. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ قازا روزىلىرىنى شەئىبان ئېيىدا تۇتقان (4).

5. نەپلە روزا ئىچىگە پەرز ياكى ۋاجىپ بولمىغان سۈننەت، مۇستەھەپ ۋە تەرغىب قىلىنغان بارلىق روزىلار كىرىدۇ. نەپلە روزا تۇتقان كىشى مېھماندارچىلىق سورۇنلىرىغا تەكلىپ قىلىنىپ قالسا ئەھۋالغا قاراپ تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنىڭ بىرىنى تاللىسا بولىدۇ:

بىرىنچىسى، بارماي ئۆزرە ئېيتىپ روزىسىنى تۇتۇۋېرىش. بۇ ئەھۋالدا روزىدارلىقىنى ئېيتسا رىيا بولمايدۇ.

ئىككىنچىسى، بېرىپ بىر نەرسە يېمەي روزىسىنى تۇتۇۋېرىش.

ئۈچىنچىسى، بېرىپ بىر نەرسە يەپ روزىسىنى بۇزۇۋېتىش.

بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھەدىسلەردە رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، ئالتە كۈن روزا تۇتۇۋاتقان كىشىمۇ بۇ رۇخسەتتىن بەھرلىنەلەيدۇ.

ئەگەر ئېغىز ئېچىۋېتىشنى تاللىغان تەقدىردە، ھەنەفىي ۋە مالىكىي ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە ئورنىغا بىر كۈن قازاسىنى تۇتۇۋېلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ سەلەف سالىھلاردىن كەلگەن كۈچلۈك قاراشتۇر(5).

6. ئەگەر روزىدار رامىزاننىڭ قازاسىنى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ۋاجىپ روزىنى تۇتۇۋاتقان ئەھۋالدا مېھماندارچىلىققا دۇچ كېلىپ قالسا ئېغىز ئېچىۋېتىشى ھارام بولۇپ، بۇ ئىشىدىن تەۋبە قىلىشى، ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلىشى ۋە ئورنىغا بىر كۈن روزا تۇتۇشى ۋاجىپ بولىدۇ.

ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى رامىزاننىڭ قازاسىنى تۇتۇۋاتقان ياكى مۇئەييەن بىر كۈن روزا تۇتۇشنى ياكى مۇتلەق بىر كۈن روزا تۇتۇشنى نەزىر قىلىپ تۇتۇۋاتقان ۋەياكى كەفارەت روزىسى تۇتۇۋاتقان، ئومۇمەن، ۋاجىپ روزا تۇتۇۋاتقان بولسا، ئۇ روزىنى بۇزۇۋېتىش جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ روزا تۇتۇشى بىلەن بۇ كۈن روزا تۇتمىسا بولمايدىغان كۈن ئورنىدا بولۇپ كەتكەن. بۇنىڭدا ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ئوخشىمىغان قاراش يوق، ئەلھەمدۇلىللاھ!»(6).

7. شەۋۋالدا ئالتە كۈن تۇتۇلىدىغان روزا نەپلە روزا قاتارىدا بولغاچقا، نەپلە روزىنى كېچىدىن نىيەت قىلىش شەرت ئەمەس. شۇڭا كۈندۈزى پىشىنگىچە ھېچنېمە يەپ – ئىچمىگەن كىشى پېشىنگىچە روزىغا نىيەت قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ ھەقتە سەھىھ ھەدىس بار(7).

 

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

ھىجرىيە 1441 مىلادىيە 2020 – يىلى، رامىزاننىڭ 30 – كۈنى

————————–
1. «مۇسلىم»، 1164 – ھەدىس.
2. «ئەسسەيلۇلجەررار»، 2 – توم، 142 – بەت.
3. «ئەلمەجمۇ»، 6 – توم، 379 – بەت.
4. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 1950 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1146 – ھەدىس.
5. «ئۇمدەتۇل قارىي»، 11/79.
6. «ئەلمۇغنىي»، 3 – توم، 45 – بەت.
7. «مۇسلىم»، 1154 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز