سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، يولدۇشۇمنىڭ دادىسى كىچىك ۋاقتىدا ۋاپات بولغان ئىكەن. ئانىسى ئۇلار كىچىك ۋاقتىدا باشقا بىر ئەرگە ياتلىق بوپتىكەن. ھازىر شۇ دادىمىز بار. شۇ دادىمىز ماڭا مەھرەم بولالامدۇ؟ مەن ئادەتتە «دادا» دەپ چاقىرىمەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
مەھرەم دېگىنىمىز: «بىر ئايالغا نەسەبتىن يا ئېمىلداشلىقتىن بولغان تۇغقاندارچىلىق جەھەتتىن بولسۇن ياكى قۇدا – باجىلىق جەھەتتىن بولسۇن، مەڭگۈلۈك ئۆيلىنەلمەيدىغان ئاقىل، بالىغ ئەر»دۇر.(1)
ئۆگەي قېيىنئاتا بىلەن سىزنىڭ ئوتتۇرىڭىزدا يا نەسەبتىن، يا ئېمىلداشلىقتىن بولغان تۇغقانچىلىق جەھەتتىن بولسۇن ياكى قۇدا – باجىلىق جەھەتتىن بولسۇن، مەھرەملىك سەۋەبى تېپىلمىغاچقا، ئۇ كىشى سىزگە مەھرەم بولالمايدۇ. لېكىن، قېيىنئاتا ئورنىدا ھۆرمەتلەپ، «دادا» دەپ چاقىرسىڭىز بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللارنى مۇنداق بىر – بىرلەپ سانىغان: ﴿سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، سۈت ئانىلىرىڭلارنى، ئېمىلدەش ھەمشىرەڭلارنى، قېيىن ئاناڭلارنى، سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ (باشقا ئەردىن بولغان) ئۆيۈڭلاردا تەربىيىلەنگەن قىزلىرىنى (بۇ شەرت ئەمەس، ئۆيدە تەربىيىلەنمىگەن بولسىمۇ) ئېلىش ھارام قىلىندى. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئانىلىرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولساڭلار، بۇ چاغدا ئۇلارنى ئالساڭلار ھېچ باك يوقتۇر، يەنە ئۆز پۇشتىڭلاردىن بولغان بالىلىرىڭلارنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلار ۋە ئىككى ھەمشىرىنى بىر ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى. لېكىن، ئۆتكەنكىلەر (يەنى جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىڭلار) ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئەرلىك ئاياللارنى ئېلىشمۇ سىلەرگە ھارام قىلىندى. پەقەت سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلار ئاستىدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەرز قىلغان ھۆكىملىرىدۇر ﴾(4/«نىساﺋ»: 23، 24)
ئاخىرىدا ئاللاھ تائالا: ﴿بۇلاردىن (يەنى يۇقىرىدىكى ئېلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئاياللاردىن) باشقىلىرىنى زىنادىن ساقلىنىپ، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ھالدا، ماللىرىڭلارنى سەرپ قىلىپ (يەنى مەھرىنى بېرىپ) نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى﴾ دېگەن.
ئۆگەي ئوغۇلنىڭ ئايالى يۇقىرىقى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغانلاردىن بولمىغاچقا، ئۆگەي قېيىنئاتا ئۇنىڭغا مەھرەم بولالمايدۇ.
جانابى ئاللاھنىڭ يۇقىرىقى ئايەتتىكى: ﴿يەنە ئۆز پۇشتىڭلاردىن بولغان بالىلىرىڭلارنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلار ھارام قىلىندى﴾ دېگەن سۆزىمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئۆگەي ياكى بېقىۋالغان بالا، يا نەسەبتىن، يا ئېمىلداشلىقتىن ئۆز پۇشتىدىن بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئايالى (تالاق قىلىنغان ئەھۋالدا) ئۆگەي دادىغا نىسبەتەن نىكاھىغا ئېلىش ھارام قىلىنغانلاردىن بولمايدۇ.
يەنە ئۆگەي قېيىنئاتا ئاللاھ تائالا 24/«نۇر»: 31 – ئايەتتە مەھرەم دەپ سانىغانلار قاتارىدىن ئەمەس.
﴿مۇئمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار) دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار!﴾
ئىمام نەۋەۋىي قاتارلىق ئالىملار ئېيتىدۇ: «ئۆگەي ئاتىنىڭ قىزىنى، ئانىسىنى نىكاھلاپ ئېلىشى ھارام ئەمەس. يەنە كۈيئوغۇلنىڭ قىزىنى، ئانىسىنى نىكاھلاپ ئېلىشىمۇ، ئۆگەي ئانىنىڭ ئانىسىنى، قىزىنى نىكاھلاپ ئېلىشىمۇ ھارام ئەمەس. يەنە ئوغلىنىڭ ئايالىنىڭ ئانىسىنى، قىزىنى نىكاھلاپ ئېلىشى ھارام ئەمەس. يەنە ئۆگەي ئوغلىنىڭ ئايالىنى، ئۆگەي ئاتىسىنىڭ ئايالىنى نىكاھلاپ ئېلىشى ھارام ئەمەس».(2)
بۇنىڭغا ئاساسەن كىيىنىش، خالىي بىر جايدا يالغۇز قالماسلىق ۋە مەھرەم تۇغقانلاردەك ئازادە ئولتۇرۇپ – قوپماسلىق جەھەتتىن ئۆگەي قېيىنئاتىڭىز سىزگە نىسبەتەن يات كىشىگە ئوخشاش. سەپەرگە چىقىشتىمۇ ئۇ سىزگە مەھرەم بولالمايدۇ. ئەمما، ئۇ سىزگە مەھرەم بولالمىغىنى بىلەن، سىزنىڭ مۇشۇ يولدىشىڭىزدىن بولغان قىزىڭىزغا مەھرەم بولالايدۇ. چۈنكى، ئۇ قىزىڭىز قېيىنئاتىڭىزغا نىسبەتەن ئۆگەي قىزى، يەنى ئايالىنىڭ قىزىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇ يۇقىرىقى ئايەت كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆگەي قىزىغا مەھرەم بولالايدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1436، 23 – زۇلھەججە / م. 2015، 6 – ئۆكتەبىر
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 319 – بەت. 53 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. مەھرەم (الْمَحْرَمُ): ئەرەب تىلىدا: «ھۆرمەتلىك، چەكلەنگەن ۋە ھارام» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «بىر ئايالغا نەسەبتىن يا ئېمىلداشلىقتىن بولغان تۇغقاندارچىلىق جەھەتتىن بولسۇن ياكى قۇدا – باجىلىق جەھەتتىن بولسۇن، مەڭگۈلۈك ئۆيلىنەلمەيدىغان ئاقىل، بالىغ ئەر»دۇر. مەسىلەن، نەسەب ۋە ئېمىلداشلىق جەھەتتىن ئاتىسى، بوۋىسى، ئوغلى، ئاكىسى، تاغىسى، ئوغۇل نەۋرىسى ۋە جىيەنىگە ئوخشاش كىشى، قۇدا – باجىلىق جەھەتتىن ئۆگەي ئاتىسى، قېيىنئاتىسى ۋە كۈيئوغلىغا ئوخشاش كىشى ئۇ ئايالغا نىسبەتەن «مەھرەم» بولغاچقا، ھەر زامان ۋە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىشى مەڭگۈلۈك چەكلەنگەندۇر. «مەھرەم»لەردىن باشقا ئەرلەر ئۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئالمىغان تەقدىردە ئۇ ئايالغا نىسبەتەن «نامەھرەم» بولىدۇ. بۇ ئىزاھات بويىچە ئايالنىڭ ئېرى «مەھرەم» دائىرىسىگە كىرمىسىمۇ، مەھرەم شەرت قىلىنىدىغان سەپەر قىلىشتەك ئىشلاردا «مەھرەم» قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، مەھرەمنى شەرت قىلىشتىن مەقسەت ئايالنى قوغداش بولۇپ، بىللە ئارىلىشىپ خالىي ئولتۇرۇپ – قوپۇش، قاراش ۋە تۇتۇش قاتارلىق ئىشلاردا ئېرى مەھرەمنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. يەنە بەزىدە فەقىھ – فۇقەھائلار «ئېرى ياكى مەھرەمى» دەپ ھەدىسلەردە كەلگەندەك ئايرىپ ئاتايدۇ. قاراڭ: ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 12/119؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/77؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 36/200 – 204.
2. ئىمام نەۋەۋىي: «رەۋزەتۇتتالىبىن»، 7/112؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇلمۇھتار»، 3/31.