رامازاندىكى شەھۋەتلىرىڭىز

رامازاندىكى شەھۋەتلىرىڭىز

رامازان روزىسى روھنىڭ شەھۋەتلەر ئەسىرلىكىدىن بىر ئاي قۇتۇلىدىغان ھۆرىيەتىدۇر. چۈنكى، روھ يىل بويى تەننىڭ ئىستەك – ئارزۇلىرى سەۋەبىدىن نېسىۋىسىنى ئالالمىغىلى تاس قالىدۇ. ھەۋەس – شەھۋەت ۋە ئارزۇ – ئارمانلىرىغا غەرق بولغان تەندىن ئۇزاقلاشقان روھقا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىر ئاي ئىنساپلىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك. تەننىڭ ئۆزى، رامازاننىڭ كۈندۈزىدە شەھۋەت ۋە ئارزۇلاردىن مەجبۇرىي يىراق تۇتقۇچى ئىبادەت بولغان روزا تۇتۇش بىلەن (رامازاننىڭ كېچىلىرى ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ قىيامدا تۇرۇش بىلەن) ئەمەلىيلىشىدىغان ئالاھىدە بىر چېنىقىشقا ئېھتىياجلىقتۇر. روھنىڭ ۋە ۋۇجۇتنىڭ چېنىقتۇرۇلۇشى بىلەن، نەپسىمىز ۋاجىپ ۋە تەكلىپلەرنىڭ ئېغىرلىقلىرىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تەربىيە ۋە تەييارلىقتىن ئىبارەت ئۆزى موھتاج بولغان نەرسىلەرنى تاپىدۇ.

نىجاتلىقنى تەلەپ قىلغۇچى بالايىئاپەتلەر چېچىلغان، قاتمۇقات توسالغۇلارغا تولغان بىر يولدا ماڭىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ــ ئادەمىي ۋە جىننىي شەيتانلارنىڭ پىتنە – پاساتلىرى كۈچلەندۈرىدىغان نەپسىنىڭ ئىستەك – شەھۋەتلىرى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىغا قارشى تۇرۇش بىلەن بىرلىكتە ــ ئاللاھقا سەپەر قىلىشنىڭ جەبر – جاپالىرىغا چىداش ئۈچۈن چېنىقىشقا موھتاجدۇر. مانا بۇ چېنىقىش ئۈچۈن رامازان ئېيىدىنمۇ ياخشىراق بىر ۋاقىت بولمىسا كېرەك.

﴿ئى مۇئمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامازان روزىسى) پەرز قىلىندى﴾(بەقەرە: 183). فەخرۇددىن ئەررازىي([1]) ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنىڭ تەپسىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «(ئۇشبۇ رامازان روزىسى) روزا تۇتۇش ۋە شەھۋەتلەرنى تەرك ئېتىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇشۇڭلار ئۈچۈن پەرز قىلىندى. بىر نەرسىنى ياخشى كۆرۈش قانچىلىك كۈچلۈك بولغانچە ئۇ نەرسىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇزاق تۇرۇش شۇنچىلىك تەس بولىدۇ. يېمەك – ئىچمەك ۋە ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشقا بولغان شەھۋەت باشقا نەرسىگە بولغان قىزىقىشتىن تېخىمۇ كۈچلۈكتۇر. سىلەرگە يېمەك – ئىچمەكنى ۋە ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشىنى تەرك ئېتىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇش ئاسانلاشقان ۋاقىتتا باشقا نەرسىلەرنى تەرك ئېتىش تېخىمۇ قولاي ۋە ئاساندۇر»([2]).

روزا روزىدارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى نەپسنىڭ ئارزۇ – ئارمان ۋە تۈرلۈك شەھۋەتلىرىدىن ئۈستۈن بىلىشكە يېتەكلەيدۇ. بۇ بولسا ئىماندا يۈكسىلىشتىكى تەربىيەنىڭ جەۋھىرىدۇر. ئىبنى رەجەب ئەلھەنبەلىي مۇنداق دەيدۇ: «روزا تۇتۇش نەپسىنىڭ ئاساسىي نېسىۋە ۋە تەبئىي شەھۋەتلىرىنى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن خالىس تەرك ئېتىشتۇر. بۇ خىل تەرك ئېتىش روزىدىن باشقا ئىبادەتلەردە تېپىلمايدۇ. نەپسىنىڭ كۈچى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق ئارزۇ قىلغان نەرسىلەردىن ساقلىنىشنىڭ كۈچىيىشى، ئاندىن ئۇ نەرسىلەرنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆرمەيدىغان يەردە تەرك ئېتەلىشى ساغلام ئىماننىڭ دەلىلىدۇر. روزا تۇتقۇچى ھەرقاچان قاراپ تۇرىدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى، خالىي قالغان ۋاقىتتىمۇ ئۆزى خاھلىغانچە شەھۋىتىگە بېرىلىشنى ھارام قىلىنغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلغان، جازاسىدىن قورققان ھالدا چەكلىمىلىرىدىن يانىدۇ ۋە رەببىگە ئىتائەت قىلىپ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئۇشبۇ ئەمىلىنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىپ، بەندىنىڭ بۇ ئەمىلىنى قالغان ئەمەللىرىنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە خاس قىلىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ مېنىڭ رازىلىقىمنى دەپ تامىقىنى، شەھۋىتىنى تەرك ئېتىدۇ»([3]). سەلەفلەرنىڭ بەزىسى مۇنداق دېگەن: «كۆز بىلەن كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان شەھۋىتىنى كۆرۈپ باقمىغان بىر ۋەدە ئۈچۈن تاشلىغان كىشىگە خۇش مۇبارەك بولسۇن!»([4])

نەپسىنىڭ ئاساسلىق شەھۋەتلىرىنى تەرك ئېتىش بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىشتا ئەھلى ئىلىملەر زىكىر قىلغان بىرقانچە پايدىلار باردۇر:

شۇ پايدىلارنىڭ بىرى نەپسنىڭ بويسۇنۇشىدۇر؛ چۈنكى، كۆپ يەپ – ئىچىش ۋە ئايالى بىلەن بىرگە بولۇش كەبى نەپسنىڭ تۈپ شەھۋەتلىرى تەرك ئېتىلگەندە، نەپسنى كىبىردىن ۋە غەپلەتتە قېلىشتىن توسۇپ قالغىلى بولىدۇ.

شۇ پايدىلارنىڭ قاتارىدىن يەنە شەھۋەتلەرنى تەرك ئېتىش بىلەن قەلبنى نوقۇل ئاللاھنىڭ زىكرى ۋە تەپەككۇرى ئۈچۈن خالىي قالدۇرغىلى بولىدۇ؛ چۈنكى، بىھۇدە شەھۋەتپەرەسلىك قەلبنى داتلاشتۇرىدۇ ۋە قارىغۇ قىلىدۇ. قەلبنى ساغلام، ئاكتىپ بىر قەلب بولۇشتىن توسۇپ، غەپلەتتە قالدۇرىدۇ – دە، قەلب بارغانسېرى يۇمشاقلىقىنى يوقىتىپ، دەتتە – دەتتە قاتىدۇ. ھەتتا ئاقىۋەتتە دات ۋە قاساۋەت بېسىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، نەپسنىڭ ئاساسلىق شەھۋەتلىرىنى تەرك ئېتىش بىلەن ئاللاھقا يېقىنلاشقاندا قەلبنى زىكىر ۋە تەپەككۇر ئۈچۈن خالىي قويغىلى بولىدۇ.

بۇ ساناقلىق رامازان كۈنلىرىدە نېگىزلىك شەھۋەتلەرنى تاشلاشنىڭ پايدىلىرىدىن يەنە: باي كىشى كۈچى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق ھەۋەس ۋە ئىستەكلىرىنى ئۇشبۇ رامازان ئۈچۈن تەرك ئېتىپ، ئاللاھنىڭ ھېكمەت ۋە تەقدىرى بىلەن نۇرغۇن كەمبەغەللەرگە بەرمىگەن نېئمەتنى ئۆزىگە بەرگەنلىكىنىڭ قەدىر – قىممىتىنى بىلىدۇ. باي كىشى ئۇ نېئمەتلەرنى ئۆز ئىختىيار ۋە ئەركى بىلەن تەرك ئەتكەن ۋاقىتتا، ئەقەللىي بىرقانچە سائەت مۇشەققەت تارتىپ، ئايلار، ھەتتا يىللار بويى شۇ نېئمەتلەردىن مەھرۇم قالغان كىشىنىڭ مۇشەققەتلىرىنى ئازراق بولسىمۇ ھېس قىلىدۇ. بۇ، شۇ كىشىگە ئۆزىنى باي قىلغان ئاللاھنىڭ نېئمىتىگە شۈكۈر ئېيتىشنىڭ ۋاجىپلىقىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇ كىشىنى بالايىئاپەتلەر بىلەن سىنالغان ۋە جەبر – جاپا، رەنج – مۇشەققەتتە قالغان كىشىلەرگە رەھىم – شەپقەت قىلىشقا، چىن كۆڭلىدىن ئۇلارغا قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈشكە ۋە مېلى بىلەن ئۇلارغا تەسەللىي بېرىشكە يېتەكلەيدۇ.

روزا تۇتۇش ئارقىلىق نېگىزلىك شەھۋەتلەرنى تاشلاشنىڭ پايدىلىرىدىن يەنە: قوغلاندى شەيتاننىڭ ھەرىكەت ساھەسى بولغان ئىنسان تومۇرلىرىنىڭ تارىيىشدۇر. ھەدىس شەرىپتە: «ھەقىقەتەن شەيتان ئىنساننىڭ تومۇرلىرىدا ھەرىكەت قىلىدۇ» دەپ كەلگەن. شۇڭا، روزا تۇتقاندا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرى بېسىقىپ، شەھۋەت ۋە غەزەپنىڭ ھۇجۇملىرى پەسىيىدۇ. بۇ بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيلىنىشكە كۈچى يەتمىگەن ياشلارغا قىلغان سۆزىدە روزىنى «شەھۋەتنى سۇندۇرغۇچى» دەپ سۈپەتلىشىدىكى سەۋەبدۇر: «كىمكى ئۆيلىنىشكە قادىر بولالمىسا روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى شەھۋەت كەسكۈچىدۇر»([5]).

يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، روزىدار كىشى ھەرقانداق ۋاقىتتا ھارام قىلىنغان ھەۋەس ۋە شەھۋەتلەردىن ساقلىنىپلا قالماي، ئادەتتە چەكلەنمىگەن ئىستەكلىرىدىنمۇ ساقلىنىپ، نەپسى ئۈچۈن روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ناھايىتى چوڭ پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئۆز نەپسى، روھىيىتى ھەمدە تېنى ھارامدىن پاكلانغاندىنمۇ بەكرەك راھەتلىنەلمەيدۇ.

ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «روزىدار مۇئمىن ئاللاھ رازىلىقىنىڭ ئىستەك ۋە شەھۋەتلەرنى تەرك ئېتىشتە ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە، رەببىنىڭ رازىلىقىنى ئۆزىنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. شەھۋىتىنى ئاللاھ ئۈچۈن تاشلاش لەززەتكە ئايلىنىدۇ، بۇ لەززەت ئاللاھنىڭ ھەممىنى بىلىدىغانلىقىغا بولغان چىن ئىمانىدا بولىدۇكى، رەھمان تائالانىڭ جازا مۇكاپاتىنىڭ ئۆزى يالغۇز قالغان چاغدىكى بىردەملىك شەھۋىتىگە بېرىلىشنىڭ لەززىتىدىن دۇنيالارچە چوڭ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. شۇنداقلا خالىي قالغان ۋاقتىدا ئۇ ئىستەكلەرنى تېتىپ كۆرۈشنى دەررىنىڭ ئەلەم – ئازابلىرىدىنمۇ بەكرەك يامان كۆرۈپ، ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزلەپ شەھۋەتلىرىنى تەرك ئېتىدۇ.

دەرۋەقە، يېيىش – ئىچىش ۋە ھالال جىنسىي ئالاقە روزا تۇتقاندىلا ھارام قىلىنغان بىلەن، زىنا قىلىش، ھاراق ئىچىش، بىراۋ (لار) نىڭ مېلىنى ناھەق يەۋېلىش، نام – ئابرۇي (لىرى) نى ناھەق دەپسەندە قىلىش ۋە ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش قاتارلىقلار ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ھارام قىلىنغان. شۇڭا، ئاللاھ تائالا غەزەپ قىلىدىغان ئىشلاردىن ئىكەنلىكىنى چوقۇم تەكىتلەش ۋە ساقلىنىش تولىمۇ مۇھىم»([6]).

ئەييۇھەنناس! مۇبارەك رامازان ئېيىدا ئۇشبۇ ئاينىڭ ھۆرمىتىنى قىلمايدىغانلار ئۈممەتنى ئالداپ، شەھۋەت قوزغايدىغان، روزىنى بۇزۇشقا سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەرنى كۆپلەپ تارقاتماقتا. شۇڭا، نۇرغۇن كىشىلەر رامازان كۈنلىرىدە ئۆزىنى روزىدار دەپ ھېسابلىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پۈتۈن كېچىنى يامانلىقلار بىلەن بۇلغاپ سوھۇرلۇق يېگەن، يەنە ئىپتارغىچە گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن يىراق تۇرمىغان ھالدا ــ ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرگە ھالالنى كەڭرى قىلىپ بەرگەن ۋە ئۇلارنى رامازاندا ۋە رامازاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ھارامدىن بىھاجەت قىلغان تۇرۇقلۇق ــ سوھۇر بىلەن ئىپتار ئارىلىقىدا ئاللاھ غەزەپ قىلىدىغان ئىشلارغا غەرق بولىدۇ.

رامازاندا روزىنىڭ مەنىۋىيىتىنى بۇزغۇچى، ھارام قىلىنغان شەھۋەتلەر ئىككى كۆز، ئىككى قۇلاق ۋە ئەۋرەتلەرنىڭ شەھۋەتلىرىگىلا يىغىنچاقلانغان ئەمەس. بەلكى يەنە قورساقنىڭ شەھۋىتىمۇ باردۇر. بىر ئىنساننىڭ پۇل – مېلى ھارام بولغان تەقدىردە شۇ پۇلغا سېتىۋېلىنغان يېمەك – ئىچمەك ئوخشاشلا ھارامدۇر. بىر كىشى يېمەك – ئىچمەكنى «پەقەت بەدەنگە كىرىپ چىقىپ كېتىدىغان بىر ماددا، خالاس» دەپ ئويلىغان بولسا بەكلا خاتالاشقان بولىدۇ، «قورساققا كىرگەن نەرسە ئەزالارنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ھالال بولسۇن ياكى ھارام بولسۇن، بەرىبىر» دەپ ئويلاپ قالغىنىدا خاتالىقى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.

تەقۋالىقنىڭ ھەقىقىتى دەيدۇكى: ھارام نەرسىنى يېيىش ۋىجدانلارنى خانىۋەيران قىلىۋېتىدۇ، قەلبلەردە يامان ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ ۋە ئەقىللەرنى ئۆلتۈرىدۇ. ئادەم بالىسى ھارام نەرسىنى يەپ – ئىچىۋەرگەندە، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئىنسانلىق سۈپىتىنى يوقىتىدۇ. كۆپلىگەن ھارام كەسىپلەردىن كىرىم قىلىشنى ئاللاھ تائالا يېيىش دەپ ئاتىدى. چۈنكى، ئۇنىڭدىن قىلغان كىرىم ئاقىۋەتتە يېمەك – ئىچمىكىگە ئايلىنىدۇ. نەتىجىدە ئىنسان ھالال يەپ – ئىچتىم دەپ ئويلىسىمۇ، ناپاكنى يەپ – ئىچكەن بولىدۇ.

¯ «قۇرئان كەرىم» يېتىملەرنىڭ مېلىنى يەۋېلىش بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن پايدىنى چەكلىگەندۇر: ﴿زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال – مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا يەنى (لاۋۇلداپ تۇرغان) جەھەننەمگە كىرىدۇ﴾(نىسا: 10).

¯ «قۇرئان كەرىم» جازانە ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن مالدىن قورقۇتقاندۇر: ﴿جازانە ئۆسۈم يېگەن ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ﴾(بەقەرە: 275).

¯ «قۇرئان كەرىم» پارا يەپ قولغا كەلتۈرۈلگەن مالنى قاتتىق يامان كۆرسەتكەندۇر: ﴿بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ، بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ ماللىرىدىن زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن، ھاكىملارغا پارا بەرمەڭلار﴾(بەقەرە: 188).

¯ «قۇرئان كەرىم» ھارامدىن، سېھىرگەرلىكتىن، كاھىنلىقتىن پۇل تېپىپ يېيىشنى قاتتىق يامان كۆرگەندۇر: ﴿ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار)نىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھقا، زۇلۇم سېلىشقا ۋە ھارام يېيىشكە ئالدىرايدىغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان﴾(مائىدە: 62).

¯ ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى دىندىن پايدىلىنىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن مالدىن يەپ – ئىچىشتىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇغاندۇر: ﴿ئى مۇئمىنلەر، ھىبرىلەر ۋە راھىبلاردىن (يەھۇدىي ۋە ناسارا ئۆلىمالىرىدىن) نۇرغۇنلىرى كىشىلەرنىڭ پۇل – ماللىرىنى ھەقىقەتەن ھارام يەيدۇ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن توسىدۇ﴾(تەۋبە: 34).

ئۈممەتلەرنىڭ ھالاك بولۇشى ئاللاھ تائالاغا قۇللۇق قىلىشنى تەرك ئېتىپ، ئاللاھنىڭ ھەققىنى زايە قىلىۋەتكەنلىكتىن ۋە ئاللاھقا قۇللۇق قىلىشنىڭ ئورنىغا ھاۋايى – ھەۋەس ۋە نەپسىنىڭ قۇللۇقىغا بويسۇنغانلىقىدىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلار كەتكەندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپس – خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار (قىيامەتتە) گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەنە شۇلارلا جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن) ھېچنەرسە كېمەيتىلمەيدۇ﴾(مەريەم: 59 – 60).

ئى ئاللاھ! بىزنى ھالال رىزقىڭ ئارقىلىق ھارامدىن ساقلىغىن. ئۆز پەزل – مەرھەمىتىڭ ئارقىلىق ئۆزۈڭدىن باشقىسىدىن بىزنى بىھاجەت قىلغىن! … ئامىن!

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى


([1]) ئىمام فەخرۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئۆمەر ئەررازىي ((الإمَامُ فَخْر الدِّيْنِ مُحَمَّدُ بنُ عُمَرَ الرَّازِيّ، ھ. 544 – 606 / م. 1150 – 1210) ــ «فەخرۇررازىي» دەپ تونۇلغان ئاتاقلىق مۇفەسسىر ۋە كاتتا شەرىئەتشۇناس ئالىم. «تەفسىرى فەخرۇررازىي» ئاتلىق ئەسىرى مەشھۇردۇر. ــ ت.
([2]) «تەفسىرۇ فەخرۇررازىي»، 5 – توم، 76 – بەت.
([3]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 7492 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1151 – ھەدىس.
([4]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 17 – بەت.
([5]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 18 – بەت، بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 5066 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1400 – ھەدىس.
([6]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 18 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ