ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ خاۋارىجلار بىلەن قىلغان مۇنازىرىىسى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ خاۋارىجلار بىلەن قىلغان مۇنازىرىىسى

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابە – كىراملارنىڭ يولىغا قارشى بىر قىسىم گۇرۇھلارنىڭ چىقىشى قىيامەتنىڭ يەنە بىر ئالامىتىدۇر. ئەنە شۇ گۇرۇھلارنىڭ بىرى خاۋارىجلار گۇرۇھىدۇر. خاۋارىجلار بولسا ئىلگىرى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوشۇنى ئىچىدە بولۇپ، كېيىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوتتۇرىسىدىكى سۈلھى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ، كۇفەگە يېقىن «ھەرۇرا» دېگەن جايغا كەتكەن كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇلارنىڭ بىر قىسىم خاتا ئېتىقادىي قاراشلىرى:

1. (زىنا قىلغۇچى، ھاراق ئىچكۈچى قاتارلىقلارغا ئوخشاش) چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان ئادەمنى كاپىرغا چىقىرىپ، ئۇنى جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ دەپ قاراش؛ بۇ خىل قاراش ئوچۇق – ئاشكارا ئازغۇنلۇقتۇر. توغرا قاراش بولسا مۇسۇلمان بۇ گۇناھلارنى سادىر قىلسا كاپىر بولمايدۇ، بىراق ئۇ شۇ گۇناھلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاسىي، پاسىق بولىدۇ. ئۇنىڭ تەۋبە قىلىپ، گۇناھ – مەئسىيەتتىن يېنىشى زۆرۈر بولىدۇ.

2. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى، شۇنداقلا ئۇلار ئارىسىدىكى سۈلھىگە رازى بولغان كۆپلىگەن ساھابىلەرنىڭ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن!) ھەممىسىنى كاپىرغا چىقىرىش.

3. كاپىر بولغانلىقى ئېنىق ئىسپاتلانمىغان پاسىق ھاكىملارغا قارشى چىقسا بولىدۇ دەپ قاراش.

ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىلىم ئەھلى دەپ دەۋا قىلىدۇ، ئۆزلىرىنى ئىبادەتكە قاتتىق ئۇرىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ھۆكۈملەرنى بىلمەيدۇ. زۇلخۇۋەيسىرە دېگەن كىشى شۇلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ئۇ توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «خۇددى ئوق يادىن چىقىپ كەتكەندەك، ئۇلار ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ».

ئەبۇ سەئىيد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ھۇنەيندىن غەنىمەت ئالغان) ئولجىلارنى تەقسىم قىلىۋاتقاندا بىز يېنىدا ئىدۇق. بەنى تەمىم قەبىلىسىلىك زۇلخۇۋەيسىرە دېگەن بىر ئادەم كېلىپ: يارەسۇلەللاھ! ئادىل بولغايلا، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: «ۋاي ئېسىت ساڭا! مەن ئادىللىق قىلمىسام، كىم ئادىللىق قىلار؟ مەن ئادىل بولمىسام، (ماڭا ئەگەشكەنلىكىڭ ئۈچۈن) سەن زىيان تارتىپ ۋەيران بولۇپ كەتمەمسەن» دېدى. ئۆمەر: يا رەسۇلەللاھ! ماڭا ئىجازەت بەرسىلە، ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالاي، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: «بولدى قوي ئۇنى. ئۇنىڭ شۇنداق ھەمراھلىرى باركى، ئۇلارنىڭ ناماز ۋە روزىسى ئالدىدا ناماز ۋە روزاڭلارنى تۆۋەن چاغلاپ قالىسىلەر. ئۇلار قۇرئان ئوقۇغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ تىلاۋەتلىرى كېكىرتىكىنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتمەيدۇ. ئۇلار دىندىن خۇددى يا ئوقى ئوۋدىن (تېشىپ) چىقىپ كەتكەندەك چىقىپ كېتىدۇ. ئوق ئۇچىدىكى تىغقا قارىلىدۇ. بىر نەرسە كۆرۈلمەيدۇ. تىغنى ئوققا كىرگۈزۈپ، ئۈستىدىن چىڭ چىگىۋېتىلگەن شوينىغا قارىلىدۇ. بىر نەرسە كۆرۈلمەيدۇ. ئوقنىڭ غول ياغىچىغا قارىلىدۇ. بىر نەرسە كۆرۈلمەيدۇ. ئوقنىڭ پۆپۈكىگە قارىلىدۇ. بىر نەرسە كۆرۈلمەيدۇ. ۋەھالەنكى ئوق ھەقىقەتەنمۇ يېن (ئۈچەيدىكى پوق) بىلەن قانغا تېگىپ، بەدىنىدىن تېشىپ ئۆتۈپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ ئالامىتى: بىر جەينىكىنىڭ ئۈستىدە ئاياللارنىڭ ئەمچىكىدەك ياكى بىر پارچە گۆشتەك لىغىلداپ تۇرىدىغان ئۆسمىسى بار قارا تەنلىك بىر ئادەمدۇر، ئۇلار مۇسۇلمانلار جامائىتى بۆلۈنگەن چاغدا چىقىدۇ» دېدى. ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدى: «مەن بۇ ھەدىسنى ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغانلىقىمغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. يەنە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىبنىڭ ئۇلار بىلەن ئۇرۇشقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇرۇشقاندا مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدىم. ئەلى ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدىن ھېلىقى ئادەمنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇۋىدى. ئىزدەپ تېپىلىپ كەلتۈرۈلدى. مەن ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۈپەتلەپ بەرگەن سۈپەتنىڭ دەل ئەينى بويىچە ئىكەنلىكىنى كۆردۈم». «سەھىھۇل بۇخارىي» 3610 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»، 1064 – ھەدىس.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاخىر زاماندا، گۆدەك، كالتە پەم بىر بۆلۈك كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان قۇرئانلىرى بوغىزىدىن ئۆتمەيدۇ، ئەڭ ياخشى سۆزلەرنى قىلىدۇ، ئۇلار دىندىن خۇددى ئوق ئوۋغا تېگىپ، ھېچ نېمە يۇقماي چىقىپ كەتكەندەك چىقىپ كېتىدۇ». «سەھىھۇل بۇخارىي» 3611 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»، 2511 – ھەدىس.

 

خاۋارىجلارنىڭ كېلىپ چىقىشى:

«سىففىن ئۇرۇشى»دا شاملىقلار بىلەن ئىراقلىقلار ئىككى تەرەپ (يەنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوشۇنى) ئارىسىدىكى سۈلھىگە بىرلىككە كەلگەن، «سىففىن جېڭى» ئاخىرلىشىپ، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۇفەگە قايتقاندىن كېيىن، خاۋارىجلار ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىقىپ، «ھەرۇرا» دېگەن جايغا چۈشكۈن قىلدى. ئۇلارنىڭ سانى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوشۇنى ئىچىدە سەككىز مىڭ ئىدى. بەزىلەر: «ئۇلار 16 مىڭ كىشى ئىدى» دېگەن.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خاۋارىجلارنىڭ قېشىغا ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى ئەۋەتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىشى نەتىجىسىدە، بەزىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى ئەلىگە قايتىدىن ئىتائەت قىلدى. بەزىلىرى ئازغۇنلۇقىدا قېلىۋەردى.

 

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ خاۋارىجلار بىلەن قىلغان مۇنازىرىىسى:

ئەبۇ زۇمەيل رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىزگە مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: «ھەرۇرىيلار توپىلاڭ كۆتۈرگەن ۋاقىتتا، ئۇلار بىر يەرگە يىغىلدى. ئۇلار ئالتە مىڭ كىشى ئىدى. مەن ئەلىينىڭ يېنىغا كېلىپ:

ــ ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! پېشىننى ھاۋا سەل سالقىندىغاندا ئوقۇغايلا، چۈنكى مەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ سۆزلىشىپ كېلىمەن، ــ دېگەنىدىم، ئۇ:

ــ مەن ساڭا (زەرەر يېتىشتىن) قورقۇپ قالىمەن، ــ دېدى.

ــ ياق ئۇنداق بولمايدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېدى: مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىش ئۈچۈن چىقتىم ۋە يەمەننىڭ تونلىرىدىن ئەڭ چىرايلىق تونىنى كىيدىم. ئەبۇ زۇمەيل مۇنداق دېدى: رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئىبنى ئابباس چىرايلىق ۋە ئاۋازى ئۈنلۈك كىشى ئىدى. ئىبنى ئابباس (سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ) مۇنداق دېدى: مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئۇلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ تۇرالغۇسىدا يىغىلىپ، چۈشلۈك دەم ئېلىپ تۇرغان ئىكەن. مەن ئۇلارغا سالام قىلغان ئىدىم، ئۇلار:

ــ ئى ئىبنى ئابباس! سېنى قارشى ئالىمىز، (ئۈستۈڭدىكى) بۇ نېمە تون؟ ــ دېدى. مەن:

ــ ماڭا نېمىنى ئەيىبلەيسىلەر، چۈنكى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈستىدە ئەڭ چىرايلىق توننى كۆرگەن ئىدىم، ھالبۇكى ﴿ئېيتقىنكى، «ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن چىقىرىپ بەرگەن زىبۇ – زىننەتلەرنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟»﴾ دېگەن ئايەت («ئەئراف» سۈرىسى، 32 – ئايەت) نازىل بولغان تۇرسا ــ دېدىم.

ــ نېمە سەۋەبتىن كەلدىڭ؟

ــ مەن يېنىڭلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھاجىر ۋە ئەنسارلاردىن ئىبارەت ساھابىلىرىنىڭ يېنىدىن ئۇلار ئېيتقان سۆزلىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلدىم. چۈنكى قۇرئان ئۇلارنىڭ ئۈستىگە (يەنى، ئۇلار ياشىغان مەزگىلدە) نازىل بولدى. ئۇلار ۋەھىينى سىلەردىن ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ئۇلاردىن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا بىرسىمۇ يوق.

ئۇلارنىڭ بەزىلىرى:

ــ قۇرەيشلىك بىلەن جېدەللەشمەڭلار، چۈنكى ئاللاھ تائالا: ﴿بەلكى ئۇلار جېدەلخور قەۋمدۇر﴾ («زۇخرۇف» سۈرىسى، 58 – ئايەت.) دېگەن، ــ دېيىشتى. ئىبنى ئابباس مۇنداق دېدى: مەن شۇنداق بىر كىشىلەرنىڭ يېنىغا كەلدىمكى، ئۇلاردەك قاتتىق ئىجتىھاد قىلىدىغان، ئۇيقۇسىزلىقتىن چىرايلىرى ئۆزگىرىپ كەتكەن، قوللىرى ۋە تىزلىرى قاپىرىپ كەتكەن كىشىلەرنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم، (يەنى ئۇلار كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇپ، كۈندۈزلىرى روزا تۇتاتتى، ھەتتاكى بۇنىڭ تەسىرى ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىدە ۋە تاشقى قىياپەتلىرىدە كۆرۈلىدىغان بولغان ئىدى. (لېكىن، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ۋە ئەقىللىرى ئىلىمدىن ۋە ئىلىم ئەھلىدىن يىراق ئىدى). ئۇ يەرگە ھازىر بولغانلار بىر ئاز يىراقلاشتى ۋە ئۆزئارا: ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ نېمە دەيدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى، دېيىشتى. مەن:

ــ ماڭا ئېيتىڭلارچۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ھەم كۈيئوغلىنىڭ، شۇنداقلا مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنىڭ قايسى ئىشىدىن نارازى بولدۇڭلار؟ ــ دېدىم. ئۇلار:

ــ ئۈچ ئىشىدىن، ــ دېدى.

ــ ئۇلار قايسىلار؟

ــ ئۇلارنىڭ بىرى، شەكسىزكى، ئۇ (ئەلى) ئاللاھ تائالانىڭ ئىشىدا ئەرلەرنى ھۆكۈم قىلدۇردى. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا: ﴿بارچە ھۆكۈم ئاللاھقا خاس﴾ («ئەنئام سۈرىسى» 57 – ئايەت) دېگەن تۇرسا، ئەرلەرنىڭ ھۆكۈم بىلەن نېمە ئىشى؟ (يەنى ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزى بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارىسىدا ساھابىلەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى).

ــ بۇ بىرسى.

ــ يەنە بىرى، ئۇ (ئەلى) ئۇرۇش قىلدىيۇ، ئەسىر ۋە غەنىمەت ئالمىدى. دېمەككى، ئۇ كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئەسىرلىرى ۋە غەنىمەتلىرى ھالال بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار (ئۇرۇش قىلىنغانلار) مۆمىن بولسا، ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ھالال بولمايدۇ.

ــ بۇ ئىككى، ئۈچىنچىسى نېمە؟

ــ ئۇ (ئەلى) ئۆزىنى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرلىكىدىن ئۆچۈرۈۋەتتى. ئۇنداقتا، ئۇ كاپىرلارنىڭ ئەمىرىدۇر.

ــ سىلەرنىڭ يەنە باشقا سۇئالىڭلار بارمۇ؟

ــ بىزگە مۇشۇلار كۇپايە.

مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم:

ــ ئېيتىپ بېقىڭلار، مەن سىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى رەت قىلىدىغان نەرسىنى ئوقۇپ بەرسەم، رازى بولامسىلەر؟

ــ شۇنداق (رازى بولىمىز) ــ دېدى ئۇلار.

ــ سىلەرنىڭ: ›ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىشىدا ئەرلەرنى ھۆكۈم قىلدۇردى‹ دېگەن سۆزۈڭلارغا كەلسەك، مەن سىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ ئوۋ ھايۋانلىرىدىن توشقان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھايۋانلاردا، بىر دىرھەمنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئەرلەرنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا قويغانلىقىنى ئوقۇپ بېرىمەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئېھرامدا ياكى ھەرەمدە تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئىشنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىچىڭلاردىن ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىدىن بىرنى كەئبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر﴾ («مائىدە سۈرىسى» 95 – ئايەت). دېمەك، سىلەردىن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم سورايمەنكى، ئەرلەرنىڭ چىقارغان ھۆكمى توشقان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئوۋ ھايۋانلىرىدا ئەۋزەلمۇ ياكى كىشىلەرنىڭ قانلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش بارىسىدا ئەۋزەلمۇ؟ بىلىشىڭلار كېرەككى، ئاللاھ تائالا ئەگەر خالىسا (بۇ مەسىلىلەردە) ئەرلەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا تاشلاپ قويماي، ئۆزى ھۆكۈم چىقارغان بولاتتى. ئايال كىشى ۋە ئۇنىڭ ئېرى ھەققىدىمۇ ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئەگەر ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئىناقسىز بولۇپ قېلىشىدىن قورقساڭلار، ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن ھۆكۈم قىلىپ قويىدىغان بىر كىشىنى، خوتۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن ھۆكۈم قىلىپ قويىدىغان بىر كىشىنى ئەۋەتىڭلار، ئاللاھ ئەگەر بۇ ئىككى كىشىنى ئەپلەشتۈرۈشنى خالىسا، ئەر – خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا ئىناقلىق سالىدۇ﴾ («نىسا» سۈرىسى، 35 – ئايەت) دېمەك، ئاللاھ تائالا ئەرلەرنىڭ ھۆكمىنى ئىشەنچىلىك يول قىلدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدىممۇ؟

ــ شۇنداق (ھەل قىلدىڭ).

ــ ئەمدى سىلەرنىڭ: ›ئۇ (ئەلى) ئۇرۇش قىلدىيۇ، ئەسىر ۋە غەنىمەت ئالمىدى‹ دېگەن سۆزۈڭلارغا كەلسەك، سىلەر ئاناڭلار ئائىشەنى ئەسىر ئالامسىلەر ئاندىن ئۇنىڭ غەيرىيگە ھالال سانالغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا ھالال سانامسىلەر؟ ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار كاپىر بولىسىلەر، چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئاناڭلاردۇر. ئەگەر، ئۇ (ئائىشە) بىزنىڭ ئانىمىز ئەمەس، دېسەڭلار يەنە كاپىر بولىسىلەر. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿پەيغەمبەر مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ چارىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر﴾(«ئەھزاب» سۈرىسى، 6 – ئايەت.). دېمەك، سىلەر ئىككى ئازغۇنلۇقنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، بۇ ئىككى ئازغۇنلۇقنىڭ قايسىبىرىنى تۇتساڭلار، ئازغۇنلۇققا پاتىسىلەر ــ دېگىنىمدە، ئۇلار بىر – بىرىگە قاراشتى. مەن:

ــ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدىممۇ؟ ــ دېدىم. ئۇلار:

ــ شۇنداق (ھەل قىلدىڭ) ــ دېيىشتى.

ــ ئەمدى سىلەرنىڭ: ›ئۇ (ئەلى) ئۆزىنىڭ ئىسمىنى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرلىكىدىن ئۆچۈرۈۋەتتى‹ دېگەن سۆزۈڭلارغا كەلسەك، مەن سىلەرگە سىلەر رازى بولىدىغان زاتنىڭ ئىشىنى پاكىت قىلىپ كەلتۈرىمەن. سىلەر ئاڭلىغان بىر ئىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇدەيبىيە كۈنى سۇھەيل ئىبنى ئەمر، ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەربلەر بىلەن كېلىشىمنامە يېزىشقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە:

ــ ئى ئەلى: ›بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدنىڭ تۈزگەن سۈلھىسىدۇر‹ دەپ يازغىن، ــ دېدى. مۇشرىكلار:

ــ ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز سېنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى بىلمەيمىز، ئەگەر سېنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى بىلگەن بولساق سەن بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان بولاتتۇق، ــ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:

ــ ئى ئاللاھ! شەكسىزكى، سەن مېنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن، ئى ئەلى! ›بۇ، مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ تۈزگەن سۈلھىسىدۇر‹ دەپ يازغىن.

دېمەك، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى ئەلىدىن ياخشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىدىن پەيغەمبەرلىكنى (ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دېگەن نامنى) ئېلىۋەتكەن چاغدا، ئۆزىنى پەيغەمبەرلىكتىن چىقىرىۋەتكەن بولمىدى.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېدى: ئۇ كىشىلەردىن ئىككى مىڭ كىشى قايتىپ كەتتى. قالغانلىرى ئازغۇن ھالىتىدە ئۆلتۈرۈلدى». بۇ ۋەقەلىكنى ئىمام ئابدۇرراززاق («مۇساننەفۇ ئابدۇرراززاق»، 18678 – ھەدىس)، ھاكىم («ئەلمۇستەدرەك»، 2656 – ھەدىس) رىۋايەت قىلغان. ھاكىم: «ئىمام مۇسلىم شەرتى بويىچە سەھىھ» دېگەن.

شۇنىڭ بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا كۇفە مەسجىدىدە نۇتۇق سۆزلىۋېدى، ئۇلار مەسجىدنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدىن بىردەك: «بارچە ھۆكۈم ئاللاھقا خاستۇر» دەپ توۋلاشتى. ئۇلار يەنە: «سەن شېرىك كەلتۈردۈڭ، كىشىلەرنى ھۆكۈم قىلغۇچى قىلدىڭ، ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم قىلمىدىڭ» دېيىشتى. ئەلى ئۇلارغا: «بىزنىڭ ئۈستىمىزدە سىلەرنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ھەققىڭلار بار: سىلەرنى مەسجىدلەردىن توسۇمايمىز، غەنىمەتلەردىكى نېسىۋەڭلاردىن چەكلىمەيمىز، بۇزغۇنچىلىق قىلمىساڭلارلا، بىز سىلەرگە ئاۋۋال ئۇرۇش ئاچمايمىز» دېدى.بەيھەقىي «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، 8 – توم، 184 – بەت.

كېيىن ئۇلار توپلىشىپ، يېنىدىن ئۆتكەنلىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈردى. ئۇلار ئابدۇللاھ ئىبنى خەبباب ئىبنى ئەرەتنى ئۆلتۈرۈپ، ئايالىنىڭ قورسىقىنى يېرىۋەتتى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئۇلاردىن: «ئۇنى كىم ئۆلتۈردى؟» دەپ سورىدى، ئۇلار: «بىز ھەممىمىز ئۆلتۈردۇق» دەپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ھازىرلاندى، ئۇلار بىلەن «نەھرەۋان» دېگەن جايدا ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى.

 

دوكتور مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇررەھمان ئەلئەرىيفىينىڭ «دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىدا… » دېگەن كىتابىدىن.

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:

«ساجىيە تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرى

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ