زاكاتنى ئەۋەتىش چىقىمى زاكاتتىن تۇتۇپ قېلىنامدۇ؟

زاكاتنى ئەۋەتىش چىقىمى زاكاتتىن تۇتۇپ قېلىنامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز، سىلىدىن سورايدىغان مۇھىم بىر مەسىلە چىقىپ قالدى. ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن! ئەگەر بىز باشقا بىر دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان بىرسىگە زاكات ياكى باشقا ئىقتىسادىي مەجبۇرىيەت ھېسابىدا پۇل ئەۋەتكەن بولساق، ئەۋەتىش ئۈچۈن كەتكەن چىقىملار زاكات ئىچىدە بۇلامدۇ ياكى سىرتىدىمۇ؟ ئەگەر زاكات سىرتىدا دېيىلگەن تەقدىردە بۇ چىقىملاردىن ساۋاب ئۈمىد قېلىنامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ھەنەفىي مەزھەپ ۋە بىر قىسىم مۇھەققىق ئالىملارنىڭ تاللىغان قارىشى بويىچە، زاكاتنى مۇھتاج ئۇرۇق – تۇغقان ياكى قاتتىق قىيىن ئەھۋالدا قالغان مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن باشقا يۇرتلارغا يۆتكەشكە بولىدۇ. ئۇرۇق – تۇغقانلارغا ئەۋەتىشنىڭ ئەجرى سىلە – رەھىم جەھەتتىن كۆپ بولىدۇ.

زاكاتنى ئەۋەتىش چىقىمىغا كەلسەك، ئەگەر زاكات بەرگۈچى ئۆزى ئەۋەتىدىغان بولسا، جايىغا ساق تاپشۇرۇشى ئۈچۈن چىقىمىنى ئۆز يېنىدىن چىقىرىدۇ ۋە بۇ چىقىمنى زاكاتتىن تۇتۇپ قالسا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئەھۋالدا زاكات پۇل ئىگىلىرىگە كەم تېگىدۇ. ئالىملار زاكاتنى يۆتكەش چىقىمىنى زاكات بەرگۈچى كۆتۈرىدۇ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئىمام نەۋەۋىي: زاكاتنى يۆتكەشنىڭ چىقىمىنى زاكات بەرگۈچى كۆتۈرىدۇ دېگەن(1).

زاكات بەرگۈچى ئەۋەتكىنىدە زاكات ئەۋەتىش چىقىمىنى سەدىقە نىيىتىدە چىقارسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئەجرى بولىدۇ. چۈنكى ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق.

ئەگەر زاكاتنى ئۆزى ئەۋەتمەي، زاكات يېغىپ جايىغا يەتكۈزىدىغان بىر كىشىگە ياكى ئورۇنغا بەرسە، بۇ ئەھۋالدا ئۇنى يۆتكەش چىقىمى زاكاتنىڭ ئۆزىدىن چىقىرىلىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 3. 15

—————————-
1. «ئەلمەجمۇ»، 6 – توم، 214 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ