ئۆزۈڭگە مەنپەئەتلىك بولغىنىغا ھېرىسمەن بول! ئاجىز بولما!

دوكتور ئۆمەر ئىبنى ئابدۇللاھ مۇقبىل

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ئۆزۈڭگە مەنپەئەتلىك بولغىنىغا ھېرىسمەن بول! ئاللاھدىن ياردەم سورا! ئاجىز بولما!»([1]) دېگەن بۇ سۆزى پەيغەمبەرلىكنىڭ بۈيۈك پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئاجايىپ مەنپەئەتلىك، ئېسىل پىرىنسىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ھالدا شۇنچە ئىخچام سۆزگە يىغىنچاقلانغان.

مەنپەئەتلىك ئىشلار دىنىي ۋە دۇنياۋى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئىنسان دۇنياۋى مەنپەئەتكە موھتاج بولغىنىدەك، دىنىي مەنپەئەتكىمۇ موھتاج بولىدۇ. ئۇنىڭ بەخت – سائادىتى ۋە مۇۋەپپەقىيىتى ئاللاھدىن ياردەم تىلەش بىلەن بىرگە، بۇ مەنپەئەتلىك ئىشلارغا بولغان ھېرىسمەنلىكى ۋە تىرىشچانلىقىغا باغلىق بولىدۇ. بىر ئىنساننىڭ مەنپەئەتلىك ئىشلارغا ھېرىسمەن بولۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشقانلىقى، ئۇنىڭ ۋاسىتىلىرى ۋە يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئېرىشىش ۋە ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن رەببىدىن ياردەم تىلىگەنلىكى ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنى كامالەتكە يەتكۈزگەنلىكى ۋە غەلىبىنىڭ يولىنى تاپقانلىقىدۇر. ئەگەر بۇ ئۈچ ئىشتىن بىرەرسىنى يوقاتسا ياخشىلىقتىنمۇ شۇنىڭغا يارىشا يوقىتىدۇ. مەنپەئەتلىك ئىشلارغا ھېرىسمەن بولماي ھۇرۇنلۇق قىلغان كىشى ھېچبىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ. چۈنكى، ھۇرۇنلۇق مەغلۇبىيەت ۋە ئۈمىدسىزلىكنىڭ مەنبەسى. شۇڭا، ھۇرۇن ئادەم ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيدۇ، نەتىجە قازىنالمايدۇ، دىن ۋە دۇنياغىمۇ ئىگە بولالمايدۇ. ئەگەر بىر ئىشقا ھېرىسمەن بولسا، ئەمما بۇ ئىش مەنپەئەتلىك ئىش بولماي زىيانلىق ياكى چېكىدىن ئاشقان ئىش بولسا، بۇ ھېرىسمەنلىكنىڭ مېۋىسى مەغلۇبىيەت ۋە زىيانغا ئېرىشىش بولىدۇ. مەنپەئەتسىز ئىشلارغا ۋە يوللارغا ھېرىسمەن بولغان كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ ھېرىسمەنلىكتىن ئېرىشكىنى پەقەت چارچاش، قىيىنچىلىق ۋە بەختسىزلىك بولغان خالاس.

ئەگەر كىشى مەنپەئەتلىك بىر ئىشقا ھېرىسمەن بولۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشسا، پەقەت ئاللاھقا سەمىمىي ئىلتىجا قىلىش، شۇنىڭغا ئېرىشىش ۋە ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئاللاھدىن ياردەم تەلەپ قىلىش، ئۆز نەپسىگە، قابىلىيىتىگە ۋە كۈچ – قۇۋۋىتىگە ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش ۋە ئىچكى – تاشقى جەھەتتىن ئاللاھقىلا تايىنىش ئارقىلىقلا مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قىيىنچىلىقلىرى يەڭگىللىشىپ، ئىشلىرى ئاسانلىشىدۇ. دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئەمما، مۇشۇ ئەھۋالدا ئۇ بىر نەرسىگە بەكمۇ ئېھتىياجلىق، ئۇ بولسىمۇ قايسى ئىشقا ھېرىسمەن بولۇپ تىرىشىش كېرەكلىكىنى بىلىش.

دىندا مەنپەئەتلىك بولغان ئىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: پايدىلىق ئىلىم ۋە سالىھ ئەمەل.

ئەي سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم! «ئۆزۈڭگە مەنپەئەتلىك بولغىنىغا ھېرىسمەن بول! ئاجىز بولما!»([2]) مانا بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنىڭ بىرىگە قىلغان نەسىھىتىدۇر. ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دەيدۇ: «ھېرىسمەنلىككە بۇيرۇغىنى سەۋەب، ئاللاھدىن ياردەم تىلەش بولسا بۇ سەۋەبنى ئىشقا ئاشۇرغۇچى. ئۇنىڭ ئاجىزلىقتىن چەكلىشى ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، سەۋەبتە ئاجىزلىق قىلىش، يەنى، ئۇ ئىشقا ھېرىسمەن بولماسلىق. يەنە بىرى، ئاللاھدىن ياردەم سوراشتا بوشاڭلىق قىلىش ياكى ياردەم سورىماسلىق. دىننىڭ ئىچى – تېشى، شەرىئىتى ۋە ھەقىقىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇشۇ سۆزى ئاستىدا بولىدۇ».

ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈڭگە مەنپەئەتلىك بولغىنىغا ھېرىسمەن بول، كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلما، چۈنكى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىدىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس».

مالىك ئىبنى دىنارنىڭ مۇنۇ سۆزىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدۇ: «كىمكى ئۆزىنى ياخشى بىلسە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدە دېيىشكەن گەپلىرى ئۇنىڭغا تەسىر قىلمايدۇ».

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئۆزۈڭگە مەنپەئەتلىك بولغىنىغا ھېرىسمەن بول، ئاللاھدىن ياردەم سورا، ئاجىز بولما» دېگەن سۆزىدە يەتمەكچى بولغان ئىشقا سەۋەب بولىدىغان بىر ئامىل بار، ئۇ بولسىمۇ مەنپەئەتكە ھېرىسمەن بولۇش. بۇنىڭ بىلەن بىرگە تەۋەككۈل قىلىدىغان بىر ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھدىن ياردەم سوراش. دېمەك، بۇ ئىككىسىنىڭ بىرسى بىلەنلا كۇپايىلەنگەن كىشى يەنە بىرسىگە سەل قارىغان بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز يەنە «ئەلكەييىس»نىڭ قارىمۇقارشىسى بولغان ئاجىزلىقتىن توستى. رىۋايەتلەردە كەلگەندەك «ئەلكەييىس» دېگەن نەپسىنى بويسۇندۇرغان ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئەمەل قىلغان كىشى. ئاجىز كىشى بولسا نەپسىگە ۋە نەپسىنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرىگە ئەگەشكەن، ئاللاھقا مىننەت قىلىدىغان كىشى. ھەدىستە كەلگەن ئاجىز كىشى «ئەلكەييىس»نىڭ ئەكسىدۇر. ئېھتىياجلىق ئىشلاردىن بۇيرۇلغىنىنى قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ كۈچ – قۇۋۋەت بېرىشىنى، شۇ ئارقىلىق موھتاجلارغا ياخشىلىق قىلىشنى تىلىگەن كىشى بۇ ئىككى ئىشتا ئىتائەتمەن بولغان بولىدۇ.

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئەسلى مەقسەت ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتۇر، ئاللاھدىن ياردەم سوراش بولسا شۇ مەقسەتكە يېتىدىغان يولدۇر. مەخلۇقاتلار گەرچە سان – ساناقسىز بولسىمۇ يەنىلا ئاللاھقا موھتاجدۇر».

ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنى قويۇپ باشقىلاردىن ياردەم تىلىگەن كىشىنى ئاللاھ شۇ ياردەم تىلىگەن كىشىسىگە تاشلاپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خار بولىدۇ». ھەسەن بەسرىي ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزگە مۇنداق خەت يازغان: «ئاللاھدىن باشقىسىدىن ياردەم سورىما، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئاللاھ شۇ كىشىنى ساڭا ئىگە قىلىپ قويىدۇ».

بەزى سەلەف – سالىهلارنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: «ئى رەببىم، سېنى بىلىپ تۇرۇپ باشقىلاردىن ئۈمىد كۈتكەن كىشىدىن ئەجەبلەندىم، سېنى بىلىپ تۇرۇپ باشقىلاردىن ياردەم سورىغانلاردىن ئەجەبلەندىم».

ئاللاھقا رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلغان مۇباھ ئىشمۇ ئىبادەت جۈملىسىدىندۇر. سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ پەزلى – مەرھەمىتىنى كۆزلەپ سەرپ قىلغان ھەربىر نەرسەڭنىڭ، گەرچە ئۇ ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغان بىر لوقما بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا دەرىجىسى ئاشىدۇ».

قۇرئان ۋە ھەدىستىن قالسىلا ئەڭ راست ئېيتىلغان سۆز ئەلى ئىبنى ئەبى تالىبنىڭ «ھەر كىشىنىڭ قىممىتى قىلغان ياخشى ئەمەللىرىدە» دېگەن سۆزىدۇر. بۇ سۆز باشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئۆزۈڭگە مەنپەئەتلىك بولغىنىغا ھېرىسمەن بول» دېگەن پەيغەمبەرلىك پىرىنسىپىنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ، يەنى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەنپەئەت قىلىدىغان ئىشلارغا ھېرىسمەن بول ۋە قىممىتىڭنى زايە قىلىۋەتمە، ياخشىلىق دەپتىرىڭدە كۆرۈشنى خالىمايدىغان ھارام كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئويۇن – تاماشالار ئۈچۈن قىممىتىڭنى سەرپ قىلما.

ئىشلارنى پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن سېنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇشۇ پىرىنسىپتا كۆرسەتكەن ئەھمىيەتلىك بىر نەرسىگە ھېرىسمەن بولۇشۇڭ نېمىدېگەن گۈزەل ھە! ئۇ بولسىمۇ «ساڭا مەنپەئەتلىك بولغانلىرى» دېگەن سۆزىدۇر. ئۇنداقتا ئۆز – ئۆزۈڭدىن سورا: بۇ ئىش ماڭا دۇنيا – ئاخىرەتتە مەنپەئەت قىلامدۇ يوق؟ ئۇنىڭدا ماڭا زىيان بارمۇ يوق؟ ئەگەر مەنپەئەتلىك بولسا ئالدىڭغا مېڭىۋەر، لېكىن سەن ئۇنى يالغۇز ئاخىرىغا چىقىرالماسلىقىڭ، بىرەر ئورەككە چۈشۈپ كېتىشىڭ مۇمكىن، بەزىدە قاراقچىلار ساڭا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن، يەنە ئۇشتۇمتۇت تاسادىپىيلىقلارغا دۇچ كېلىشىڭ مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇنىڭ ئامالى نېمە؟ بۇ چاغدا سەن بۇ كاتتا پەيغەمبەرلىك پىرىنسىپىنىڭ قالغان يېرىمىنى چىڭ تۇت، يەنى، «ئاللاھدىن ياردەم سورا، ئاجىز بولما». چۈنكى، سەن ئاللاھدىن ياردەم سورىساڭ ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئاجىز بولمايسەن، كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر.

ئىش – پائالىيەت، گەپ – سۆز ۋە ئوي – پىلانلارنىڭ مەنپەئەتلىكلىرىنى تاللاشتا تايىنىدىغان مۇھىم ئامىللار:

ئىلىم. چۈنكى، ئىلىم بىزگە پايدىلىق ئىش بىلەن زىيانلىق ئىشنى، پايدىلىق ئىش بىلەن تېخىمۇ پايدىلىق ئىشنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئىلىمنىڭ ئەسلى مەنبەسى شەرىئەت ئىلمى ۋە ئىنسانلار دۇچ كېلىدىغان دۇنياۋى ئىلىملەردۇر. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: «ئەگەر بىلمىسەڭلار ئەھلى ئىلىمدىن (يەنى، تەۋرات، ئىنجىللارنى بىلىدىغانلاردىن) سوراڭلار»([3]) دېگەن ئايىتىگە ئۇيغۇندۇر.

مەسلىھەتلىشىش. كىشىگە توسالغۇ بولۇپ كۆرۈنگەن نۇرغۇن پىكىرلەر باشقىلار بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن ئەكسىچە نامايان بولىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى گەرچە ئۇ ۋەھىي كېلىپ تۇرىدىغان پەيغەمبەر بولسىمۇ، يەنىلا باشقىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىشكە بۇيرۇغىنى ئۇنىڭ ھېكمەتلىرىدىندۇر. بۇ ئاددىي خەلق ئاممىسىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۆلىمالارنىڭمۇ رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشى ئۈچۈن ئىدى. شۇڭا، «مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلغان كىشى پۇشايمان يېمەيدۇ، ئىستىخارە سالغان كىشى زىيان تارتمايدۇ» دېيىلىدۇ. قىلماقچى بولغان ئىش قانچە چوڭ ئىش بولسا ئۇنىڭ مەسلىھەتكە بولغان ئېھتىياجىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. مەسىلەن، توي قىلىش، ئىلمىي يەكۈن چىقىرىش، چوڭ تىجارەت دېگەنلەرگە ئوخشاش.

بەندىنىڭ بەزى كىشىلەرگە مەنپەئەت قىلغان ئىشنىڭ ئۆزىگە مەنپەئەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلىشى. چۈنكى، روھلار ئوخشاش ئەمەس، كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىگە بولغان نەرسىلىرىمۇ باراۋەر ئەمەس، قۇدرەت ۋە ئىمكانىيەتلەر بىر خىل ئەمەس. بەلكىم سەمەتكە تەۋسىيە قىلىنىدىغان خىزمەت ئەمەتكە تەۋسىيە قىلىنماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، ئىبادەتلەرنى تۈرلۈك قىلىپ يولغا قويغانلىقمۇ ئاللاھنىڭ ھېكمەتلىرىدىندۇر. كىشىلەر ئىچىدە ناماز بىلەن جانلىنىپ روزا بىلەن جانلانمايدىغانلىرى، كېچىدە قىيامدا تۇرۇش بىلەن جانلىنىپ قۇرئان ئۇقۇش بىلەن جانلانمايدىغانلىرى بار. بۇ ھەقتىكى مەشھۇر قىسسە ئىمام مالىك دۇچ كەلگەن قىسسە بولۇپ، ئابدۇللاھ ئۆمەرىي ئۇنى كېچىدە يالغۇز تۇرۇشقا ۋە ئەمەل تۇتۇشقا دەۋەت قىلىپ خەت يازغاندا ئىمام مالىك ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇرغان ئىدى: «ئاللاھ تائالا ئەمەللەرنى خۇددى رىزىقنى تەقسىم قىلغاندەك تەقسىم قىلغان، بەزى كىشىلەرنىڭ قەلبى نامازغا ئېچىۋېتىلگەن، ئەمما روزىغا ئېچىلمىغان بولۇشى مۇمكىن، بەزىلەرنىڭ سەدىقە بېرىشكە ئېچىلغان، ئەمما روزىغا ئېچىلمىغان بولۇشى مۇمكىن، يەنە بەزىلەرنىڭ جىھادقا ئېچىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئىلىم تارقىتىشمۇ ھەم ياخشى ئەمەللەر قاتارىدىن، مەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈمگە تېگىشلىك بولغىنىغا رازى بولدۇم. مېنىڭچە، ئىككىمىزنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، شۇنداق بولغانىكەن، ھەر ئىككىمىزنىڭ ياخشىلىق ئۈستىدە بولغانلاردىن بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن».

دۇنيا ئىشلىرىغا كەلسەك، بەزىدە مەلۇم بىر تىجارەت بەزىلەرگە نەپ بېرىپ بەزىلەرگە بەرمەيدۇ، ئىنچىكە، ئىلمىي تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا بەزى ئادەملەر تېبابەت ئۆگىنىشكە ماس كېلىدۇ، يەنە بەزى ئادەملەرگە كومپيۇتېر ئۆگىنىش بەكرەك مۇۋاپىق. «ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى»([4])

مەنبە: احرص على ما ينفعك، واستعن بالله ولا تعجز – د. عمر بن عبد الله المقبل – http: //www. islamtoday. net

تەرجىمىدە: شەھرىزات.


([1]) «سەھىھۇ مۇسلىم».
([2]) «سەھىھۇ مۇسلىم».
([3]) «ئەنبىيا» سۈرىسى 7 – ئايەت.
([4]) «بەقەرە» سۈرىسى 60 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ