ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى ساھابىلەرنىڭ زاھىدلىقى

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپىلىك دەۋرىدە ئۇمەير ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ھىمس شەھىرىگە ۋالىي قىلىپ تەيىنلىدى. بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا كېلىپ كەتسەڭ، دەپ مەكتۇپ يوللىدى. ئۇمەير ئوزۇق – تۈلۈك خالتىسى، تۇلۇم ۋە خورجۇنلىرىنى ئۇچىسىغا ئارتىپ، ھاسىسىنى كۆتۈرۈپ، يالاڭئاياغ، پىيادە ھالەتتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۇزۇرىغا يېتىپ كەلدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلگەنىدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا بىر قۇر نەزەر تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ مۇنداق دېدى:

– ئى ئۇمەير، بىزگە قەھەتچىلىك يەتتىمۇ ياكى سەن تۇرغان يۇرتنىڭ ئەھۋالى ناچارمىكەن؟

– ئى ئەمىرۇل مۆمىنىن، نېمىشقا بۇنداق دەيدىلا، مەن سىلىنىڭ ھۇزۇرلىرىغا پۈتۈن مال – دۇنيايىمنىڭ ھەممىسىنى چالا قويماي ئېلىپ كەلگەن تۇرسام؟

– سېنىڭ قولۇڭدا مال – دۇنيادىن نېمەڭ بار؟

– يۆلىنىدىغان، دۈشمەنگە ئۇچراپ قالسام ئۆزۈمنى قوغدايدىغان ھاسام، ئوزۇق – تۈلۈكۈمنى كۆتۈرىدىغان خالتام، ئىچىملىك ۋە تاھارىتىم ئۈچۈن سۇ ئېلىۋالىدىغان تۇلۇمۇم بار. ئى ئەمىرۇل مۆمىنىن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مال – دۇنيا دېگەن پەقەت مەندىكى مۇشۇ ئېھتىياجلار ئۈچۈنلا بولىدۇ.

بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئۆمەر سورۇندىن چىقىپ رەسۇلۇللاھ ۋە ئەبۇ بەكرىنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ يىغلاپ دۇئا قىلدى. ئاندىن سورۇنىغا قايتىپ كېلىپ مۇنداق دېدى:

– ئى ئۇمەير، سەن بۇ مەنسىپىڭدە نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟

– تۆگە باقىدىغان كىشىلەردىن تۆگە، زىممىيلەردىن جىزيە ئالدىم. ئاندىن ئۇلارنى پېقىر – مىسكىنلەرگە، مۇساپىرلارغا تەقسىملەپ بەردىم. ئى ئەمىرۇل مۆمىنىن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ناۋادا شۇلاردىن بىرەر نەرسە مەندە قالغان بولسا ئىدى، ئۇنى چوقۇم سىلىگە ئەكەلگەن بولاتتىم.

– ئى ئۇمەير، مەنسىپىڭدە تۇرۇۋەرگىن.

بۇ چاغدا ئۇمەير: ئى ئەمىرۇلمۆمىنىن، ئاللاھنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى بىلەن سىلىدىن ئۆتۈنىمەن، مېنى ئائىلەمگە قايتۇرۇۋەتسىلە، دېدى، ئۆمەر ئۇنىڭغا ئىجازەت بەردى. ئۇمەير ئۆيىگە كەتتى. ئۆمەر ھەبىب ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە يۈز تىللا بىلەن ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: ماڭا ئۇمەيرنى سىناپ بەرگىن. سەن ئۇنىڭ ئۆيىگە ئۈچ كۈن مېھمان بولۇپ چۈشكىن، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق بىلگىن. ئۇ بەك راھەت – پاراغەتتە ياشاۋىتىپتىمۇ ياكى سىقىلىپ ياشاۋىتىپتىمۇ؟ ناۋادا قىيىنچىلىقتا ياشاۋاتقان بولسا بۇ تىللالارنى ئۇنىڭغا بەرگىن، دەپ تاپىلىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەبىب ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۈچ كۈن مېھمان بولدى. ئۇنىڭ ئۆيىدە پەقەت ئارپا بىلەن ياغلا بارلىقىنى بىلدى. ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تىللالارنى بېرىپ، بۇنى مۆمىنلەرنىڭ ئەمرى سىلىگە ئەۋەتتى، دېدى. ئۇمەير ئايالىنىڭ تېرىدىن تىكىلگەن بىر كونا كىيىمىنى ئەكەلدۈرۈپ ئۇنى يىرتىپ، پۇل سالىدىغان نەرسە قىلىپ، يۈز تىللانىڭ ھەممىسىنى بەش تىللا، ئالتە تىللا، يەتتە تىللادىن قىلىپ ئايرىم – ئايرىم سېلىپ كەمبەغەل قېرىنداشلىرىغا ئەۋەتتى.

ھەبىب ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىپ كېلىپ: ئى ئەمىرۇل مۆمىنىن، مەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ زاھىدىنىڭ قېشىدىن كەلدىم، ئۇنىڭ يېنىدا دۇنيادىن ئازمۇ، جىقمۇ (يەنى، ھېچنېمە) يوقكەن، دېدى.

ئۇمەير مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلدى. شۇ ۋاقىتتا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا ئىككى ۋەسەق ئاشلىق، ئىككى كىيىم بۇيرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇمەير: ئى ئەمىرۇلمۆمىنىن، بۇ ئىككى كىيىمنى قوبۇل قىلاي، بۇ ئىككى ۋەسەق ئاشلىققا مېنىڭ ئېھتىياجىم يوق. چۈنكى، مېنىڭ ئائىلەمدە بىر سا([1]) بۇغداي بار. مەن ئۆيگە قايتىپ بارغۇچە ئۇلارغا يېتىدۇ، دېدى.

يەنە بىر رىۋايەتتە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 400 تىللانى بىر ھەميانغا سېلىپ بىر خىزمەتچىگە: بۇ پۇلنى ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھقا ئېلىپ بارغىن، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆيىدە بىرەر سائەت ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بۇ پۇلنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرگىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىزمەتچى پۇللارنى ئېلىپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ئەمىرۇل مۆمىنىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب سىزگە بۇ پۇللارنى ئۆز ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ئشلەتسۇن دەپ بەردى، دېدى. ئەبۇ ئۇبەيدە: ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي، دېدى. ئاندىن ئۇ بىر دېدىكىنى چاقىرىپ، ماۋۇ يەتتىنى پالانىغا، ماۋۇ بەشنى پالانىغا ئاپىرىپ بېرىڭ دەپ، ھەممىنى تۈگىتىۋەتتى. بۇ خىزمەتچى ئۆمەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، كۆرگەنلىرىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، ئۆمەرنىڭ مۇئاز ئىبنى جەبەلگىمۇ شۇنچىلىك پۇلنى تەييارلاپ قويغانلىقىنى بىلدى. ئۆمەر يەنە ئوخشاشلا: ماۋۇنى مۇئاز ئىبنى جەبەلگە ئېلىپ بارغىن، ئۇنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىغا قاراپ باققىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن خىزمەتچى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئەبۇ ئۇبەيدەگە دېگەن سۆزلەرنى دېدى. مۇئازمۇ ئەبۇ ئۇبەيدە قىلغاندەك قىلدى. خىزمەتچى قايتىپ كېلىپ، بولغان ئىشلارنى ئۆمەرگە خەۋەر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بۇلار ئوخشاشلا بىر – بىرىدىن قېلىشمايدىكەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن، دېدى.

مەنبە: «ئەلمۇتالەئەتۇل ئەزھەرىييە» دېگەن كىتاب.

تەرجىمىدە: كارۋان.


([1]) 2 كىلو 40 گىرام ئەتراپىدا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ