نامەلۇم ئالەملەرi

نامەلۇم ئالەملەر

دوكتور سالمان ئەۋدە

 

42/«شۇرا» سۈرىسىدىكى «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇ ئىككىسىدە جاندارلارنىڭ يېيىلىشى ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىندۇر، ئاللاھ ئەگەر خاھلىسا، ئۇلارنى جەمئىي قىلىشقا قادىردۇر﴾(42/«شۇرا»: 29) دېگەن ئايەتتە ئويلىنىپ، خۇددى مەن ئۇنى تۇنجى قېتىم ئوقۇۋاتقاندەك توختاپ قالدىم.

ئاندىن ئۆزۈمدىن سوئال قىلىشقا باشلىدىم:

ئايەتتىكى «دَابَّةٍ» (ئۇيغۇرچە جاندار دەپ ئېلىنغان) دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: «ئۆمىلىگۈچى» دېگەنلىك بولۇپ، ئۆمىلىگۈچىلەر زېمىندا ناھايىتى كۆپ…

ئۆمىلىگۈچىلەر ئاسماندىمۇ بارمىدۇ؟

يا پەرىشتىلەر مەقسەت قىلىنغانمىدۇ؟ پەرىشتىلەر قاناتلىرى بىلەن ئۇچىدۇ، ئۆمىلىگۈچىلەر دەپ ئاتالمايدۇ. ئۆمىلىگۈچى دېگەن ئۆمىلەيدىغان ھەرقانداق نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى قورسىقى ياكى ئىككى پۇتى ۋەياكى تۆت پۇتى بىلەن ئۆمىلەيدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ.

ياكى پىلانىت، يۇلتۇزلاردا تېپىلىدىغان ھايۋانلار مەقسەت قىلىندىمۇ؟

ئۇ چاغدا، بۇ زېمىن دائىرىسى سىرتىدىكى بىز بىلمەيدىغان جانلىقلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا دەلىلدۇر!

ئەھلى سۈنەن(1) ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبتىن رىۋايەت قىلغان تاغ تېكىلىرى ھەدىسىنى ئەسلەپ قالدىم، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدە بىر دېڭىز بار، ئۇنىڭ ئاستى بىلەن ئۈستىنىڭ ئارىلىقى خۇددى بىر ئاسمان بىلەن يەنە بىر ئاسماننىڭ ئارىلىقىدەك كېلىدۇ. ئاندىن شۇنىڭ ئۈستىدە سەككىز تاغ تېكىسى بار، ئۇلارنىڭ تۇياقلىرى بىلەن تىزلىرىنىڭ ئارىلىقى خۇددى بىر ئاسمان بىلەن يەنە بىر ئاسماننىڭ ئارىلىقىدەك كېلىدۇ».

لېكىن، بۇ ھەدىسنى گەرچە ئىبنى تەيمىييە، ئىبنۇلقەييىم ۋە بىرقانچىلىغان ئەھلى ئىلىملار سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن بولسىمۇ، زەئىف بولۇشىدىن خالىي بولالمايدۇ.

ئاندىن زېھنىمگە نامازخان رۇكۇدىن كېيىن ئوقۇيدىغان مۇنۇ دۇئا كېلىپ قالدى: «اللهمَّ ربَّنا لك الحمدُ، مِلْءَ السَّمواتِ والأرضِ، ومِلْءَ ما شِئتَ مِن شيءٍ بعدُ (ئى رەببىمىز ئاللاھ! ئاسمان ۋە زېمىن تولغۇچە ۋە ئاندىن كېيىن سەن خاھلىغان نەرسە تولغۇچە بولغان بارلىق ھەمدۇسانالار ساڭىلا خاستۇر)»(2). ئۇنداقتا، ئاسمان – زېمىندىن باشقا ئاللاھ يارىتىشنى خاھلىغان مەخلۇقاتلار (ئالەملەر) بار.

سەزگۈ ئەزالىرىمىز سېزەلمىگەن ياكى ئىلمىمىزغا ئالاقىدار بولمىغان نەرسىلەرنى ئىنكار قىلدۇرۇۋېتىدىغان قانداق نادان مەغرۇرلۇق بۇ؟ گوياكى بىز ھەممە نەرسىنى بىلىدىغاندەك!!

بىز ئاللاھ تائالانىڭ: «ۋە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارىتىدۇ﴾(16/«نەھل»: 8) دېگەن سۆزىنى ئوقۇمىدۇقمۇ؟

شەكسىزكى، ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىشنى بىزگە نېئمەتلىرى قاتارىدا بايان قىلىدۇ. ئۇ ئاللاھ ئاسمان – زېمىننى يوقتىن ياراتقۇچىسى، ئاسمان – زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچى ئۇ زاتنىڭ ئىلكىدە، ۋەھيى ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا چۈشۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىككىسى ئىككى ئالەم بولۇپ، ئىنسان ئۇنىڭدىن بىر تەرىپىنى كۆزى ئارقىلىق بىلەلەيدۇ، بىلەلمىگەن يەنە بىر تەرىپى بەك كاتتا، بەك بۈيۈك، بەك قورقۇنچلۇق ۋە بەك ئۇزۇندۇر.

ئۇ ئاللاھ سۇبھانەھۇ تائالا مەخلۇقاتلىرىنىڭ بىز كۆرۈۋاتقاندىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن «سىلەر كۆرۈپ تۇرىۋاتقان نەرسىلەر» ۋە «سىلەر كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەر»(69/«ھاققە»: 38، 39) دەپ ئىككىگە بۆلگەن. ئىنسان ناۋادا ئاسمانغا ئۆرلەپ قالسا، ئەلبەتتە، ئۇ ئىنسان خۇددى ئاۋۋالقىدەكلا ئۇلار چوقۇم: «كۆزلىرىمىز باغلىنىپ قالدى، بەلكىم سېھىرلەنگەن قەۋم بولۇپ قالساق كېرەك»(15/«ھىجر»، 15) دېيىشىدۇ.

دېمەك ئۇ، ئىنسان ئۇنىڭدا ئايلىنىشقا تاقەت قىلالمايدىغان نەرسە بولۇپ، بىرەر سورۇندا ياكى ئېكراندا ۋەياكى مۇناردا ئۇنىڭ كىچىكلىتىلگەن بىر ئۆرنىكىنى كۆرۈشنىڭ ئۆزىمۇ باشلارنى ئايلاندۇرىدىغان، يۈرەكلەرنى سالدۇرىدىغان ۋە نېرۋىلارنى قوزغايدىغان بىر ئىش تۇرسا، ناۋادا ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ ياكى ئۇنىڭغا يېقىنلاپ قالسا قانداقمۇ بولۇپ كېتەر؟!

بىز دۇئادىكى «ئاندىن كېيىن، سەن خاھلىغان نەرسە تولغۇچە» دېگەن سۆزنى تەكرارلىساق، كۆزلىرىمىزگە چۈشۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەردىن باشقا، بىز بىلمەيدىغان ئىنتايىن چوڭ ئالەملەرنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىشىمىز زۆرۈردۇر.

ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1. ئەرش ئاللاھ قۇرئاندا «بۈيۈك»، «كەرىم» ۋە «مەجىد» دەپ سۈپەتلىگەن مەخلۇقتۇر، لېكىن بىز ئۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئىگە بولالمايمىز.

2. كۇرسى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەخلۇقتۇر. ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ «ئاللاھنىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن ئايەتى﴾(2/«بەقەرە»: 255) ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ناۋادا يەتتە قات ئاسمان ۋە يەتتە قات زېمىن يېيىلىپ، ئاندىن ئۇلار بىر – بىرىگە ئۇلانغان بولسا، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ (يەنى، كۇرسىنىڭ) كەڭلىكىدە بولمايتتى، پەقەت ئۇ كەڭرى دالادىكى ھالقىنىڭ ئورنىدىلا بولاتتى».

مۇجاھىدنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئاسمانلار ۋە زېمىن ئەرشىدىن پەقەت بىر ھەلقە چۆللۈك زېمىنىدىن ئالغىنىدەكلا ئالىدۇ».

سۇددىيدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: «ئاسمانلار ۋە زېمىن ئەرش ئالدىدىكى كۇرسىنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ».

بىز بىلمەيدىغان ئالەملەرنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا ئىشىنىش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن بولۇپلا قالماي، ئىلمىي كەمتەرلىكتۇر. ئۇ ئىزدىنىش، ئېچىش ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈشنىڭ يولىدۇر. نىيۇيورك ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ فىزىكا ئۇستازى، پىروفېسسور مىيتشيۇ كاكۇ ئېينىشتېيىنغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى زامان ئىلمىي ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ بىز ئىلگىرىكىلەردىن ئۆگىنىپ قوبۇل قىلىپ كەلگەن نۇرغۇن مۇسەللەماتلارنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغان ھەمدە ئۆلۈم، چۈش ۋە روھىي تەجرىبە دەرۋازىلىرى ئارقىلىق بارغىلى بولىدىغان باشقا كائىنات ۋە ئالەملەرنىڭ مەۋجۇد بولۇش ئېھتىماللىقىغا ئىشارەت قىلىدىغان «كائىناتنىڭ كېڭىيىش ياكى سوزۇلۇش نەزەرىيىسى»نى ئوتتۇرىغا قويغان.

يەنە تەتقىقاتچىلارنىڭ مەلۇم نەرسىدىن نامەلۇم نەرسىگە ۋە كۆرۈلىدىغان نەرسىدىن كۆرۈلمەيدىغان نەرسىگە چىقىش قىزغىنلىقىنى كۆتۈرىدىغان ئىلمىي فانتازىيىلىك رىۋايەتلەرمۇ بار…

ئىنسانلار ئىلگىرى بىلمىگەن مىكروبلار دۇنياسىنى ئاندىن ۋىرۇس دۇنياسىنى، شۇنىڭدەك كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان باكتېرىيە ۋە پارازىتلار دۇنياسىنىمۇ تېپىپ چىقتى ۋە «نانۇ» ۋە ئۇنىڭ ھەيران قالارلىق تېخنىكىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنداق بولىدىكەن ئۇ، ئۇنىڭ بىلىش دائىرىسىنىڭ يەنىلا چەكلىك ئىكەنلىكىگە، يېقىندا ياكى ئۇزۇنغا بارماي ئۆزى تېخى بىلىپ باقمىغان، تەبىئىتىنى ۋە تەسىرىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلىپ باقمىغان ئالەملەرنى كەشىپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى لازىم.

ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان، قۇلاقمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ئىنتايىن يىراق دۇنيالار ھەققىدە ئاللاھ تائالا پەقەت ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىز موھتاج بولىدىغان بىر قىسىملىرىنى بىلدۈرگەن، بىر قىسمىنى كەشىپ قىلىش ئىشىنى بىزگە تاشلاپ قويغان، ھاجىتىمىز بولمىغان غەيبىياتلارنىڭ سىرىنى ئاچماي، قاتلاپ قويغان.

ھەممىنى ياراتقۇچى، بۈيۈك ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش (ئىشىنىش) ئەقىل ۋە تەسەۋۋۇرنى كېڭەيتىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى بارلىققا كەلتۈرگەن مەۋجۇدلۇقتىن كېلىپ چىققان چەكسىز ئىمكانىيەتلەرگە بەسىرەتلىك ئەقىل كۆزلىرىمىز بىلەن نەزەر قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى تەييارلايدۇ.

ئى كائىناتلارنى، ئالەملەرنى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى، ئاسمان ۋە زېمىننى، بىز كۆرىدىغان ۋە كۆرمەيدىغان نەرسىلەرنى ياراتقۇچى ئاللاھ! قەلبلىرىمىزنى سېنى دوست تۇتۇشتا مۇستەھكەم قىلغىن! تىللىرىمىزنى سېنى زىكىر قىلىشقا، ساڭا شۈكۈر ئېيتىشقا ۋە سېنىڭ ئىبادىتىڭنى قىلىشقا بويسۇندۇرۇپ بەرگىن! بىزلەرگە قۇدرىتىڭگە بويسۇنۇشنى، بىز بىلىدىغان مەخلۇقاتلىرىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ۋە غەيبىياتلىرىڭغا ئىمان ئېيتىشنى رىزىق قىلىپ بەرگىن! بىزلەرگە ئەقلىمىزنى تېخىمۇ بەسىرەتلىك، ئىمانىمىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلىدىغان قۇدرەت دەلىللىرىڭنى بىزگە كۆرسەتكىن! ئامىن!

 

مەنبە: عوالم مجهولة! – د. سلمان بن فهد العودة – http://www.islamtoday.net

تەرجىمىدە: ئابدۇلھەكىم تارانچى


1. «ئەسسۈنەن (السنن)» نامى بىلەن ئاتالغان كىتابلار ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرلىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى توپلانغان ئەڭ مۇھىم ئالتە كىتابتىن تۆرتى، يەنى «تۆرت سۈنەن (السنن الأربعة)» نامى بىلەن تونۇلغان «سۈنەنى ئەبۇ داۋۇد»، «سۈنەنى نەسائىي»، «سۈنەنى تىرمىزىي»، «سۈنەنى ئىبنى ماجە» قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورلىرى.
2. مۇسلىم (471).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ