ئىسلام ھەم دىن، ھەم ئىلىم ھەم مەدەنىيەتتۇر

ئىسلام ھەم دىن، ھەم ئىلىم ھەم مەدەنىيەتتۇر

مۇھەممەد ئىقبال ئەننائىتىي ئەننەدۋىي

 

شەكسىزكى، ئىسلام ئىنساندىكى تۇغۇلما تەبىئەت بولغان فىترەتكە ماس دىنىدۇر. ئۇ ھەرقانداق ياخشىلىق ۋە ئىسلاھقا چاقىرىدۇ. شۇنداقلا ھەرقانداق يامانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقنى چەكلەيدۇ. ئۇ جاھىلىيەت، رەزىللىك، تۈرلۈك خاتا ئېتىقاد ۋە ئوي – پىكىرلەرگە خاتىمە بەردى ۋە يەنە ئىنسانىيەتنى نەپىس، خاراكتېر، روھ ۋە بەدەنلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ ياخشىلىق، توغرا يول ۋە ھىدايەت مەنبەلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. ياخشىلىق ۋە مەنپەئەت بولغان ھەرقانداق نەرسىنى بېكىتىپ بەردى. ھاراق ۋە قىماردىكى بەزىبىر مەنپەئەتلەردىن خەۋەر قىلىش بىلەن بىرگە ئۇ ئىككىسىدىن چەكلىدى ۋە ئۇ ئىككىسىدىكى گۇناھنىڭ مەنپەئەتلىرىدىن چوڭ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئى مۇھەممەد! سەندىن ھاراق ۋە قىمار ھەققىدە سورىشىدۇ. سەن ئۇلارغا: «بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە كىشىلەرگە (ئازغىنە) پايدا بار، لېكىن ئۇلاردىكى گۇناھ پايدىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ» دېگىن﴾(2/«بەقەرە»: 219).

ناۋادا ھاراق ئىچىشنىڭ گۇناھى ۋە زىيىنى چوڭ بولمىسا، ئۇنىڭدىكى مەنپەئەتلەر تۈپەيلىدىن ئۇ ھەرگىزمۇ ھارام قىلىنمىغان ۋە چەكلەنمىگەن بولاتتى. لېكىن، ئۇنىڭدىكى گۇناھ ئىنسان بىلەن شۇ ئىنساننىڭ ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ۋە ھەرۋاقىت ئاللاھنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىنسان يارىلىشتىكى تۈپكى سەۋەب ئارىسىدا پەردە ھاسىل قىلىپ تۇرىدۇ.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ﴾(30/«رۇم»: 30).

ھەقىقەتەن ئىسلام دىنى ھازارەتلەر بۇلىقى ۋە مەدەنىيەتلەر مەنبەسىدۇر. ئۇ زېمىن يۈزىدە ياشاپ، ھاياتىنى شۇنىڭدا ئۆتكۈزگەن تۇنجى ئىنسان ئادەم ئاتىمىزنىڭ دىنىدۇر.

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى بولغان بۇ تۇنجى ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالامغا قىيامەت كۈنىگىچە كېلىدىغان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆگەتتى. بۇ ئىسىملارنىڭ ھەممىدىن تەلىم بېرىش بولسا قانچىلىغان ئەسىرلەر مابەينىدە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى قولغا كەلتۈرگەن ئىلىم – پەن، ئىجادىيەت ۋە كەشپىيات يېڭىلىقلىرىنىڭ ئومۇمىدىن ئىبارەتتۇر.

ئىمام سۇيۇتىي ئۆزىنىڭ «ئەلبۇلغە في ئۇسۇلىللۇغە (البلغة في أصول اللغة)» ناملىق كىتابىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئاللاھ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە ئۆگەتتى﴾(2/«بەقەرە»: 31) دېگەن سۆزىنىڭ تەفسىرىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئەرەب تىلى، سۇريان تىلى ۋە ئىبرانىي قاتارلىق بارلىق تىللارنى ئۆگەتكىنىدەك، ئۇنىڭغا يەنە ئادەم ئەۋلادلىرى موھتاج بولىدىغان مىڭ خىل ھۈنەرنى ئۆگەتكەن. شەيئىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ھەرخىل تىللار بىلەن بېكىتىپ بەرگەن. ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاتىغان ھەرقانداق شەيئىنىڭ ئىسمى قىيامەت كۈنىگىچە ئۇنىڭ ئىسمى بولغان. ئاندىن ئادەم ئەۋلادلىرىدا ھەر تۈلۈك ھۈنەر – كەسىپ ۋە ئوخشىمىغان تىللار تارقىلىپ كەتكەن. بىرقانچىلىغان ئەسىرلەردىن كېيىن پەقەت ھۈنەر – كەسىپلەرلا قالغان، ئاندىن ھەربىر ھۈنەر خۇددى «ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنىڭ خەتتاتلىق ۋە تىككۈچىلىك ھۈنىرى» ۋە «داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساۋۇت ياساش ھۈنىرى» دېگەندەك شۇ ھۈنەرنى باشلاپ ئۆزىنىڭ قولىدا تەيىن قىلغان كىشىلەرگە نىسبەت بېرىلگەن.

ئاللاھ تائالانىڭ تۇنجى بولۇپ نازىل قىلغان ﴿ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن﴾(96/«ئەلەق»: 1) دېگەن سۆزى بۇ ئۈممەتنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشى ۋە گۈللىنىشى پەقەت ئىلىم بىلەنلا ئىنتايىن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، چوقۇم ئۇنىڭ ئاخىرقى نىشانى زېمىندا ئورۇنباسارلىق مەرتبىسىگە لايىق بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ئاللاھ بىلەن باغلاش بولغاندىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاساستا نازىل بولغان.

﴿ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىفە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن» دېدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىفە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز سېنى پاك دەپ مەدھىيەلەيمىز، مۇقەددەس دەپ مەدھىيەلەيمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى﴾(2/«بەقەرە»: 30). بۇنىڭدىن ئىنساننىڭ يارىلىش سەۋەبى بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش پەقەت ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە ئاللاھقا ھەمد ئېيتىش بىلەنلا چەكلەنمەي بەلكى بۇنىڭ ھەممىسىدىن ھالقىپ، ئوخشىمىغان ھايات ساھەلىرى ۋە قىزىپ كەتكەن جەڭ مەيدانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلىنىدۇ. دېمەك، مۇئمىن ئىنسان زېمىننى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاساستۇر.

بۇ بۈيۈك مەسئۇلىيەت ۋە ئەڭ چوڭ ئامانەت مۇسۇلمانلارنى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئالدىغا ئىلگىرىلەشتە تۈرتكە بولغۇدەك ھېچقانداق كۈچ – قۇۋۋىتى بولمىغان ھاياتنىڭ ئىنتايىن چەت بۇلۇڭ – پۇشقاقلىرىدا ياشىماستىن بەلكى ئاللاھقا دەۋەت قىلىشتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ۋە بارلىق ئىشلارنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان ئىلىم – مەرىپەتنى چىڭ تۇتۇشقا چاقىرىدۇ. ئاللاھنىڭ زېمىندىكى ئورۇنباسارلىقى ئىنسان بارلىق ئىشىنى پەقەت ئاللاھقا تاپشۇرغاندىلا ئاندىن ئەمەلىيلىشىدۇ.

ئۇستاز مۇھەممەد رەشىد ئۆزىنىڭ «تەفسىرۇ مەنار / تفسير المنار» ناملىق مەشھۇر تەفسىرىدە خىلافەت / ئورۇنباسارلىق ئايەتىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «دېمەك، بۇ ئەقلىي قۇۋۋىتى بىلەن ئىنساننىڭ ئىستېداتى، قىزىقىشلىرى، ئىش – ئەمەللىرى چەكسىزدۇر. چۈنكى، ئۇ يەككە ھالەتتە ئاجىز بولسىمۇ، ئەمما ئۆزئارا بىرلەشكەن كوللېكتىپ ھالەتتە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كائىناتتا نۇرغۇن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلىرىنىڭ سىرلىرىنى ئايان قىلىش ئۈچۈن ئىنسانغا بۇ خىل تەبىئىي تالانت، قابىلىيەت ۋە ئەقىل – پاراسەتنى ئاتا قىلىپ، زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەرگىنىدەك، ئۇنىڭغا قىلىم – ئېتىملىرى ۋە ئەخلاقىغىمۇ شەخسلەر ياكى گۇرۇھلار بىر – بىرىگە زۇلۇم سالمايدىغان، تاجاۋۇز قىلمايدىغان تەرىقىدە ئەھكام ۋە شەرىئەتلەرنى ئاتا قىلغان. بۇ ئەھكام ۋە شەرىئەتلەر ئۇنى ئۇنىڭ مۇكەممەللىككە قاراپ مېڭىشىغا ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئاشۇنداق نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەرگە ۋە ئىمتىيازلارغا ئىگە بولغان ئەقلىنى يېتەكلىگۈچى ۋە تەربىيەلىگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالامۇ مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەر ئاساسىدا ئۇنى زېمىندىكى ئورۇنباسارى قىلغان بولغاچقا، ئۇ مەخلۇقاتلار ئىچىدە بۇ ئورۇنباسارلىققا ئەڭ لايىق ۋە مۇناسىپ مەخلۇقتۇر»(1).

«قۇرئان كەرىم»دىكى كۆپلىگەن ئايەتلەرگە ئەقىل كۆزىمىز بىلەن نەزەر سالساق ۋە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلساق، ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىن ئىنساننى زېمىندىكى ھەرقانداق شەيئىنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان سەۋەب ۋە ۋاسىتىلەرنى تۇتۇشقا چاقىرغانلىقىنى بىلەلەيمىز.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى، (شۇنىڭدەك ئاللاھ تاغلارنى ياراتتى) تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى يوللۇقلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار. شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چارپايلارنىمۇ خىلمۇخىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، (بەندىلىرى ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى) مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر﴾(35/«فاتىر»: 27، 28).

بۇ ئايەتى كەرىمە «ئۆلىما»نىڭ كىملىكىنى ئىزاھلاپ بەرگەن. شۇنداقلا، تاغلار ۋە ئۇنىڭ رەڭلىرىنى، تۈرلىرىنى تونۇش، مېۋىلەرنى ۋە ئۇنىڭ خىللىرىنى ۋە قىسىملىرىنى تونۇش، ئىنسانلار، چاھارپايلار ۋە چارۋا ماللارنى ھەرخىل رەڭ ۋە تۈرلۈك قىسىملىرى بىلەن تونۇشقا ئالاقىدار ئىلىم ۋە مەرىپەتلەرنىڭ قۇرئان ئۆگىنىشكە بۇيرۇغان ئىلىملەر قاتارىغا كىرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن. مۇسۇلمانلار بۇ ئىلىملەرنى چامىلىرى ۋە ئەقىللىرى يەتكىنىچە ئىگىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ چاقىرىقىغا قاراپ باقايلى:

﴿ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى، ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى، تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى، زېمىن قانداق يېيىتىلدى﴾(88/«غاشىيە»: 17 – 20).

مانا بۇ «قۇرئان كەرىم» كۆرسەتكەن ۋە چاقىرغان، شۇنداقلا ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۇنىڭغا قىزىقتۇرغان ھەرتۈرلۈك ئىلىم ۋە مەرىپەتلەردىن ئىبارەتتۇر.

«قۇرئان كەرىم»دىكى ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىنى سۈپەتلەپ كەلگەن مۇنۇ ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىپ بېقىڭ:

﴿شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلبەتتە، روشەن دەلىللەر بار. ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن﴾(3/«ئال ئىمران»، 190، 191).

ئەمما، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان – زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ﴾(41/«فۇسسىلەت»: 53) دېگەن ئايەتى بولسا، ئىلىم ئېلىشقا ئىنتىلدۈرىدىغان ئوچۇق ۋە كەسكىن چاقىرىق بولغاندىن سىرت، ئۇ ئىلىم چاقىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقى، بەلكى «قۇرئان» ئايەتلىرى نۇرى ئاستىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىپ ۋە ئالدىغا قاراپ يول ئېچىپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ خەبەر بېرىشتۇر. بۇ ئايەت ئاسمانلار، زېمىنلار، تاغلار، دېڭىزلار، دەريالار، ئۆسۈملۈكلەر، چاھارپايلار، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىكى مەدەنلەر، بايلىقلار ۋە خەزىنىلەردىن ئىبارەت كائىناتتىكى ئاللاھ تائالانىڭ ئايەت – ئالامەتلىرى ھەققىدە چوڭقۇر تونۇش ھاسىل قىلىش، ئىنچىكە نەزەر سېلىش ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن ئىبارەت ئىلىم – مەرىپەت مەسئۇلىيىتىنى مۇسۇلمانلارغا يۈكلەيدۇ.

ئىلگىرىكى مۇسۇلمانلار ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلىمنىڭ ھەربىر تارماقلىرىدىن ئۆزىنىڭ تولۇق نېسىۋىسىنى ئالغان. ئۇلار گىرېك بۇتپەرەسلەردىن گرېتسىيە پەلسەپەسىنى، نەستۇرىيلار(2)دىن ئۇلارنىڭ تېبابىتىنى ۋە يەھۇدىيلەردىن پەيغەمبەرلىرى ۋە ئالىملىرى ھەققىدە رىۋايەت قىلغان خەبەرلىرىنى ئېلىشتا ھېچقانداق دىنىي چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان، ئۇلار ئىلىم ساھەسىدە ئۇرۇش ۋە جىھاد ساھەسىدىكىدىن قېلىشمايدىغان ئۇتۇقلارنى ۋە تۆھپىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ قەدىمى يەتكەن، ئۇلار ئولتۇراقلاشقان قانداق بىر جايدا نۇرغۇن ئىلىم – مەرىپەت ۋە زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرۈۋالالايسەن.

ھەقىقەتەن، ئىنساننىڭ بۇ ھاياتىي دۇنيادىكى بەخت ـ سائادىتى پايدا – مەنپەئەتلەرنى سەۋەبلىرى بىلەن باغلاپ چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كىرىش يوللىرى ئارقىلىق كىرىش – كىرەلمەسلىكىگە باغلىق. بۇ ئىنچىكە نەزەر سېلىش، چوڭقۇر ئويلاش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، بارلىق ئەقلىنى ئىشقا سېلىش ۋە ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن ساۋاق ئېلىش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. شۇنداقتىلا جاھان قانۇنىيىتى، تەبىئىي قانۇنىيەت ئايان بولىدۇ.

دېمەك، ئىلىم ئۈممەت ئۆزىنىڭ ھاجەتلىرىنى تونۇشى ئۈچۈن ۋاسىتىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن ئۈممەتنىڭ ھەربىرىنىڭ زېھنى ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە، ئەخلاق ۋە ئادەتلەرگە، يېتەرلىك ۋە يېتەرسىزلىك تەرەپلىرىگە ئېچىلىدۇ. نەتىجىدە ئۆز ئەھۋالىنى تولۇق ھېس قىلىپ، چۈشىنىپ، ئىزدىنىپ تۇرىدىغان بولىدۇ. مۇسۇلمانلارنى ئىلىم ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش، ئۇنىڭغا تەرغىب قىلىش، يۈزلەندۈرۈش ۋە ئۇنى ھاياتتىكى باشقا ھەممە ئىشلاردىن ئەلا بىلىشتە ئۇلارنىڭ نەبىيسى، رەھبىرى ۋە ئۆلىمالارنىڭ، ئەنبىيائلەرنىڭ ئىمامى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزى يېتەرلىكتۇر: «ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر»(3).

شەھەرلەشكەن رايونلارنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسىمىنى مۇسۇلمانلار فەتھ قىلغان، ئۇلار فەتھ قىلغان دۆلەتلەرگە ئىلىم، ھىدايەت، ئادالەت ۋە بايلىق ئېلىپ كىرگەن ئىدى.

تارىخچى ئالىم ئەرنست رىنان: «ئىلىم، ئەدەب – ئەخلاق ۋە مەدەنىيەتلەر ئالتە ئەسىر بويى گۈللىنىشى ۋە تارقىلىشىدا يالغۇز مۇسۇلمانلارغىلا قەرزدار» دەيدۇ.

روبىرت بىرفالت Robert Briffault «ئىنسانىيەت سانائىتى (The makingof humanity)» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا تەرەققىياتىنىڭ ھەرقانداق بىر تەرىپىگە ئىسلام مەدەنىيىتى ئىنتايىن زور تۆھپە قوشقان ۋە مىسلىسىز دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. مۇسۇلمانلار ئىلىم ـ پەن بىلىملىرىگە باشقىلارغا قارىغاندا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە بۇ بەيگە مەيدانىدا شەرەپ قۇچقان ئىدى».

ئۇستاز مۇھەممەد مۇبارەك «رىسالە» ژۇرنىلىدىكى بەزى ماقالىلىرىدا(4) مۇنداق دەيدۇ: «ناۋادا ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى ئىلمىي ھەرىكەتلەرنى ئىنچىكە تەكشۈرسەك، بارلىق تەرەپلەردە ئىلمىي خىزمەت ئۈچۈن گۈزەل ئۈلگە بولغان شۇ ئالىملارغا بولغان ئەجەبلىنىش ۋە ئۇلۇغلاش قەلبلەرگە تولۇپ كەتكەن بولاتتى». ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن يېڭىچە تەجرىبىلەرنى ئىشلەش يېڭى ئەسىرلەرگىلا خاس ئەمەستۇر، ئىسلام مەدەنىيىتىمۇ بۇ ساھەدە نامايەندە بولغان. شاكىر ئوغۇللىرى مۇھەممەد، ئەھمەد، ھەسەن ۋە ئەبۇ رەيھان ئەلبەيرۇنىي قاتارلىق مۇسۇلمان ئالىملار كۆپلىگەن ئىلمىي تەجرىبىلەرنى ئىشلەش ۋە ئۇنى ھەرخىل شەكىللەردە ئېلىپ بېرىشتا سەل قارىمىغان. ئۇلارنىڭ بۇ تەجرىبىلىرىدە تەبىئىي ھادىسەنىڭ شەرت ـ شارائىتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارغا قارىتا ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىشمۇ كەمچىل بولمىغان. شۇنداقلا ئۇلار كۆرۈنەرلىك نەتىجە ۋە توغرا يەكۈن چىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى».

دېمەك، مۇسۇلمانلار دىنىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىلىم ـ پەننىڭ يۇقىرى دەرىجىسىگە يېتىپ بولغان، ياۋروپا خەلقلىرى ئىلىم ـ پەن ئۈچۈن توختىماي چېپىپ يۈرگەندە، خىرىستىيان مۇرىدلىرى بۇنىڭغا قارشىلاشقان. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقىغا ئۆزلىرىدىن باشقا تارىخچىلار ۋە ئالىملارمۇ گۇۋاھ بولغان.

پەيلاسوپ دى لامىر «ئاسترونومىيە ئىلمى تارىخى / تارىخ علم الهيئة» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «گرېتسىيەلىكلەر ئىچىدە ئاسترونوملاردىن ئىككى ياكى ئۈچنى سانالىساڭ، مۇسۇلمانلار ئىچىدە ناھايىتى كۆپنى سانالايسەن. ئەمما، خىمىيە جەھەتتە گرېتسىيەلىكلەردىن تەجرىبىلىك بىرەرسىنىمۇ سانالىشىڭ مۇمكىن بولمايدۇ. لېكىن، مۇسۇلمانلاردىن 200 نى سانالايسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقىي خىمىيە پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ كەشپىياتى ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار ۋاقىتنىڭ تەقسىماتىنى بىلدۈرىدىغان مىنۇتلۇق سائەتلەرنى تۇنجى ئىشلەتكەن كىشىلەردۇر. ئۇلار يەنە كېچىسى سائەت 12 دىن باشلايدىغان، چۈشتە سائەت 12 دە كۈندۈز يېرىملىشىدىغان 24 سائەتلىك ۋاقىت تۈزۈمىنى پۇختا ئىشلەتكەنلەردۇر».

پەيلاسوپ گۇستاف لەبۇن: «پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ توغرا دىندا بولۇش بىلەن قانداق ماس كېلىدىغانلىقىنى دۇنياغا تۇنجى بولۇپ ئۆگەتكەنلەر مۇسۇلمانلاردۇر» دەيدۇ.

يەنە بىرى: «ئىسلام ئىككى ئەسىر مۇددەت ئىچىدە بىزگە بىر – بىرلەپ ئىسمىنى ئاتاپ بولغىلى بولمايدىغان ئاسترونوملارنى قانداق ئاتا قىلغىنىنى بىلمەيمەن. ۋەھالەنكى، چېركاۋ ياۋروپادا خىرىستىيانلار دۇنياسىغا 12 ئەسىر ھۆكۈمرانلىق قىلىپمۇ بىزگە بىرەر ئاسترونوم تەقدىم قىلالمىدى» دەيدۇ(5).

ھەسەن ئىبنۇلھەيسەم (ھ. 354 – 430 / م. 965 – 1040) «نۇر ئىلمى»نىڭ ھەقىقىي ئاساسچىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ «ئەلمەنازىر / المناظر» ناملىق كىتابىدا تەتقىقاتتا ئېنىق بىر ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە شۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ماتېماتىكا ئىلمىنى دەلىل تۇرغۇزۇش ۋە ئىزدىنىش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىشتا كىبلىر ۋە گالىلىنى بېسىپ چۈشكەن. ئالايلۇق، ئۇنىڭ «ئاي سىلىق شار جىسىم بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەنگە كەلتۈرگەن پاكىتى روشەن بىر مىسالدۇر. شۇنداقلا يورۇقلۇقنىڭ سۇنۇشى (ياكى ئەكس ئېتىشى) ھەققىدىكى ئىزاھاتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇ ھەقتىكى پىكرى نىيۇتۇندىن خېلىلا ئىلگىرى ئىدى. بەلكى نىيۇتۇننىڭ ئىبنى ھەيسەمنىڭ بۇ ئەمگەكلىرىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلغان بولۇشى يىراق ئەمەستۇر. چۈنكى، نىيۇتۇننىڭ يېتەكچى ئۇستازى «بارۇ» بۇ ئەمگەكلەرنى ئالتە ئەسىردىن كېيىن بىلگەن. بۇنىڭدىن سىرت ئىبنۇلھەيسەم بۇ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ توغرىلىقىغا تەجرىبە خاراكتېرلىك پاكىتلارنى تۇرغۇزاتتى. بۇ غەربنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئالغان بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقاتلىرى بولۇپ، بۇ ئىلگىرىكى گرېتسىيەلىكلەردە بىلىنمىگەن ئىدى. ئىبنۇلھەيسەم يەنە ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتىلىپ مەشھۇر بولغان مۇھىم بىر مەسىلىنى تەتقىق قىلغاندىن سىرت، كۆز قۇرۇلمىسىنى توغرا سۈپەتلىگەن، كۆز ۋەھىمىلىرىنى، قانداق كۆرۈشنى تۇنجى تەتقىق قىلغان ئالىمدۇر(6).

مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئورۇنباسار قىلىشتىن ئىبارەت ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەبىئىي پەن ۋە كائىنات خاراكتېرلىك ئىلىملەردىكى بىزنىڭ ئەھۋالىمىز.

﴿(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر﴾(3/«ئال ئىمران»، 110).

ئۇزۇن مەزگىل زالىم پادىشاھلار ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىۋېلىپ مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم سېلىشى ۋە نامدىلا مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا رەھبەرلىك قىلىشى تۈپەيلىدىن مۇسۇلمانلار ئاجىزلاشتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ۋە ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىززەت ـ قۇۋۋىتى يوقالدى، ئۇلار پەسكەش زىياپەتلەردىكى يېتىملارغا ئايلىنىپ قېلىپ، غەربكە موھتاج بولۇپ قالدى. غەرب بولسا نېمىنى تەرك قىلىش ۋە نېمىنى ئېلىش، نېمىنى بۇزۇش ۋە نېمىنى تۈزەش ھەققىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈلگە ۋە يېتەكچىسىگە ئايلاندى• مۇسۇلمان ئۈممەتلەر ئىچىدە ئەسلىي بولغان شەرىئەت ئىلىملىرى ۋە پايدىلىق بولغان ھازىرقى زامان ئىلىملىرىنى جەملىگەن ئالىملار ئازىيىپ كەتتى. بۇ غەپلەت ۋە سەل قاراش تۈپەيلىدىن مۇسۇلمانلار ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىش، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ۋە باشقىلارغا يول كۆرسىتىشتەك ئالىي ماقامىدىن چۈشۈپ كەتتى. بەش ئەسىردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى يوقىتىپ، مەيلى قەيەردە بولمىسۇن، خارلىق، قۇلچىلىق، پېقىر – مىسكىنلىك گىردابىغا بېرىپ قالدى. چۈنكى، ئۇلار ئاساسلىق ئۇلى ئىلىم ۋە ئىزدىنىش بولغان ئىماندىن ۋاز كەچتى. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى﴾(96/«ئەلەق»: 1 – 5). ﴿بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر، ئايال مۇئمىنلەر ئۈچۈن مەغفىرەت تىلىگىن، ئاللاھ سىلەرنىڭ (بۇ دۇنيادىكى) ھەرىكىتىڭلارنى ۋە (ئاخىرەتتىكى) جايىڭلارنى بىلىدۇ (شۇڭا، ئاخىرەتلىك ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار﴾(47/«مۇھەممەد»: 19).

ئەللامە ئەبۇلھەسەن نەدۋىي «دۇنيا مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىلەن نېمىلەرنى زىيان تارتتى» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدە: «ئىسلام دۇنياسى ئىسلام يۈكلىگەن ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ دۇنيانى يېتەكلەي دەيدىكەن، ئۇنىڭ ئىلىم – پەندە، سانائەتتە، تىجارەتتە ۋە ئۇرۇش تېخنىكىسىدا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك» دېگەن(7).

ئۇستاز ئەدىب ئەھمەد ئەمىن «ئوي ئوۋلىرى / صيد الخاطر» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەت، ئىلىم ـ پەن بىلىملىرىنى غەربتىن ئېلىشتا ھېچ گەپ يوق، بەلكى ئۇ زۆرۈردۇر. تۇرمۇشىمىز پەقەت ئىلىم بىلەن زىننەتلەنگەن ۋە ھازىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ، كەلگۈسىمىزگە نەزەر سالغاندىلا ئاندىن بەختلىك بولىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇسۇلمانلار ئۆز ـ ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىغا قارشى تۇرۇپ، ئىسلام دىنىدىن غەربلىكلەردە بولمىغان روھىي قۇۋۋىتىنى مىراس ئالغانلىقىنى ۋە ئىسلام تەلىماتلىرىنىڭ پەزلى بىلەن ياۋروپا ئىلىم ـ پەن بىلىملىرىنى ئىنسانىيەتكە ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى روھىي رەڭ بىلەن زىننەتلەشكە قادىر بولالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى كېرەك. چۈنكى، دىندىن يىراقلاشقان ئىلىم ـ پەن ئىنسانىيەتنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئاتوم بومبىسى ياساپ چىقسا، دىن بىلەن بىرلەشكەن ئىلىم ـ پەن ئىنسانىيەتكە ياخشىلىق قىلىشنىڭ زەررىچىلىك يوللىرىنىمۇ قويماي ئېچىپ بېرىدۇ»([8]).

بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلار ھازىرقى تۇرمۇش شارائىتلىرىدىن كاتتا بولغان ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ باياشات تۇرمۇشقا يېتىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرىدىغان يېڭى بىر تىرىلىشكە موھتاجدۇر.

مۇجتەھىد ئىماملارغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇلار ناۋادا فىقھىي ئىلىملىرىنى ئۆگەنگەن يېرىدە قاتقان ھالەتتە بىر چەكتىلا توختاپ قالغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىسلام شەرىئىتىدە پەقەت بىرلا مەزھەب بولغان بولاتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ئىجتىھاد قىلىشلىرىنىڭ پەزلى بىلەن بىرقانچىلىغان مەزھەب بارلىققا كەلگەن. بۇ مەزھەبلەرنىڭ پۈتۈن ئىسلام ئالەمىدە زاماننىڭ ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىدىغان رەھمەت ۋە كەڭچىلىكنى ھېس قىلىشىمىز ئۈچۈن ھەرۋاقىت يېڭىلىنىپ، تەرەققىي قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

دېمەك، ھازىرقى زامان ئىلىم ـ پەن بىلىملىرىگە يېتىش ئۈچۈن، ئىسلام روھىغا تويۇنۇش ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى ۋە تەلىماتلىرىغا چوڭقۇر ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە ئىلدام قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان – زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ!﴾(41/«فۇسسىلەت»: 53).

 

مەنبە: الإسلام دين وعلم وحضارة / محمد إقبال النائطي الندوي

https://www.alukah.net/culture/0/49257/

تەرجىمىدە: ئابدۇلھەكىم تارانچى

 


1. «تەفسىرۇ مەنار»، 1/217.
2. نەستۇرىيلار خىرىستىيان پىرقىلىرىدىن بىرى، مىلادتىن كېيىن، يەنى خرىستىيانلىق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ھەم تەڭرى، ھەم بەندە دەيدىغان مونوفىزمنى قوبۇل قىلغانلار «سۇريانىي» دېيىلگەن بولسا، ھەزرىتى ئىسانىڭ ئىلاھىي سالاھىيىتىنى باشقىچە تونۇيدىغان ۋە ھەزرىتى مەريەمنى ئىلاھنىڭ ئانىسى ئەمەس بەلكى بىغۇبار، ئېسىل ئىنسان دەپ ئىلگىرى سۈرگەن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى كونستانتىنوپول پاترىكى (پاپا) نېستورىئوس (م. 386 – 450) نىڭ تەلىماتىنى قوبۇل قىلغانلار «نەستۇرىي» ياكى «ئاسۇرىي» دېيىلگەن. — ت.
3. ئىبنى ماجە (224).
4. «رىسالە» ژۇرنىلى، 42 – سان.
5. شەيخ مۇھەممەد ئەبدۇھ: «الإسلام بين العلم و المدنية».
6. مۇستافا نەزىف: «ھەسەن ئىبنى ھەيسەم ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ـ كەشپىياتلىرى»، 1/242. قاھىرە ئۇنىۋېرسىتىتى.
7. «ماذا خسر العالم بانحطاط المسلمين»، 303 – بەت.
8. «ئوي ئوۋلىرى / صيد الخاطر»، 8/217.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ