مىللەتلەر ئۆزىنىڭ ئاقىللىرى بىلەن گۈللەپ، تەرەققىي قىلىدۇ. ئاقىل ئالىملىرىنىڭ سىڭىپ – يوقاپ كېتىشىگە دۇچ كېلىۋاتقان جەمئىيەت، ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىدىن مەھرۇم بۇلغان، تەلەپ قىلىنىۋاتقان تەرەققىيياتتىن ۋە كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقان يۈكسىلىشتىن ئاجىز كېلىۋاتقان جەمئىيەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا قىلچە شەك يوق. بۇنىڭغا تارىختىكى كۆپلىگەن دەلىل – پاكىتلار ئەڭ چوڭ دەلىلدۇر. بىز ئالىم، مۇتەپەككۇر، تەتقىقاتچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان جەمئىيەتنىڭلا تەرەققىيياتتىن تېگىشلىك نېسىۋىگە ئىگە بولغانلىقىنى كۆردۇق. شۇنىڭدەك، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، تارىخىي پاكىتلار ئاقىل – ئالىم ئوغلانلىرى تاشلاپ كەتكەن دۆلەت ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ كەينىدە قالغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. بىر قىسىم دۆلەتلەر – بولۇپمۇ، غەرب ئەللىرى – مۇتەپەككۇر، ئالىملارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە كۆچۈشلىرىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان چاغدا ئاشۇ مۇتەپەككۇر – ئالىملارنىڭ، كەشپىياتچىلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشتىكى، ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ياخشىلاشتىكى ۋە شۇنداقلا تەلىم – تەربىيە جەھەتتە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەھمىيىتىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىدى. ھەتتاكى، ئامېرىكا كۆپ قىسمى كۆچمەن بولغان زور بىر تۈركۈم ئالىملار بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا يۈرۈش قىلدى، بەلكى مۇشۇ دۆلەتلەردىن كۆپىنچىسى كۆچمەن ئالىملارنىڭ كۆچۈشلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بەدەللەرنى تۆلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئاقىللىرىنىڭ بۇ خىل كۆچۈشلىرى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى كۈچەيتىشتە چوڭ روللارنى ئوينىماقتا.
بايقىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئالىم – ئاقىللىرىنى سۈرگۈن قىلغۇچى دۆلەتلەر ياكى ئالىم – ئاقىللىرى تاشلاپ كەتكەن دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردۇر. يەنە بايقىۋېلىشقا بۇلىدۇكى، بۇ كۆچۈشلەر بىرىنچى دەرىجىدە غەرب جەمئىيەتلىرىگە قىلىنغان بولۇپ، تاق لىنىيەلىك بولغان. بىر تەتقىقاتنىڭ ئىسپاتلىشىچە، غەرب ئەللىرىگە كۆچكەنلەرنىڭ كۆپ پىرسەنتى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتمايدىغان مۇسۇلمانلار ئىكەن. بىرقىسىم تەتقىقاتلار – مىسالغا ئالساق – 1970 – يىللار بىلەن 1980 – يىللار ئارىسىدا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىغا كۆچكەنلەرنىڭ ئىچىدىن 50 پىرسەنتىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر ۋە باشقىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دۆلىتىگە قايتمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ئالىملارنىڭ كۆچۈشى مۇشۇ دەۋردىلا كۆرۈلگەن ئىش ئەمەس. ئالىملار قەدىمدىن بىرى كۈچۈپ، ئىلىم مەركەزلىرىنى ئىزدەپ كەلمەكتە. لېكىن، بۇ كۆچۈشلەر، بۇ كۆچۈشلەرنىڭ كۆپىنچىسى بەلكى ھەممىسى مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىگە بولغان ئىدى. يەنى، ئالىملار ئۆز ۋەتەنلىرىنى تاشلاپ چەتئەلگە بولۇپمۇ، غەرب ئەللىرىگە چىقىپ كېتىۋاتقان بۇ ئەسىردىكى كۆچۈشلەرنىڭ ئەكسىچە، مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەتلىرىنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىدىن يەنە بىر بۆلىكىگە كۈچەتتى.
ھەرقانداق بىر ئىنسان مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ تەتقىقاتلارغا مەخسۇس ئاجراتقان دۆلەت خامچوتىنى ۋە ئالىم – مۇتەپەككۇرلارغا بېرىدىغان نوپۇز، ئورۇن – مەرتىۋىلەرنى بىلگىنىدە، بۇ دۆلەتنىڭ ئالىملارنى قوغلاش ياكى ئۆزىگە توپلاپ قوللاش دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتەلەيدۇ. مەسىلەن ئالساق، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۆلەت ئومۇمىي خامچوتىنىڭ %3 نى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا سەرپ قىلىدۇ. ئەمما، ياپۇنىيە، گېرمانىيە كەلسەك، دۆلەت خامچوتىنىڭ %2. 5 نى ئىلمىي تەتقىقاتقا سەرپ قىلىدۇ. ئەنگىلىيە، فىرانسىيە دۆلەت خامچوتىنىڭ %2. 3 نى ئىلمىي تەتقىقاتقا سەرپ قىلىدۇ. ئەمما، ئەرەب – ئىسلام ئەللىرىگە كەلسەك، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا مەخسۇس ئاجرىتىلغان مەبلەغ دۆلەت خامچوتىنىڭ بىر پىرسەنتىدىنمۇ ئازدۇر. بەزى چاغلاردا بىر پىرسەنتىنىڭ ئوندىن بىرىدىنممۇ ئازدۇر. مانا مۇشۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى كىشىدە كۆچۈشكە يۈزلىنىش ئويىنى پەيدا قىلىدۇ.
بۇ كۆچۈشلەرنىڭ بىر قانچىلىغان سەۋەبلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە سىياسىي سەۋەبلەر، ماددىي سەۋەبلەر ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر بار. ئىسلام دۇنياسى – بولۇپمۇ ئەرەب دۇنياسى – دۇچ كېلىۋاتقان چوڭ قىيىنچىلىق ئالىم – ئاقىللارغا قارىتا يۇز بېرىۋاتقان سىقىلىشلاردۇر. شۇڭلاشقا، ئۇلار ئەركىن ياشىشى ئۈچۈن غەرب ئەللىرىدىن پاناھلىق تىلەيدۇ.
ئىككىنچى سەۋەب بولسا ئىنساننىڭ ئەقلىنى يوقىتىۋېتىدىغان، قەلبلەرنى ئەسىر قىلىۋالىدىغان، ئەتىگەن – كەچتە، ئولتۇرسا – قوپسا ئۇنى ئويلايدىغان قىلىپ قويىدىغان ماددىي مەنپەئەتلەردۇر. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى مۇنداق دەيدۇ: يالغۇز پارىژنىڭ ئۆزىدە بار بولغان مۇسۇلمان دوختۇرلارنىڭ سانى ئالجىرىيە تۇپرىقىدا بار بولغان دوختۇرلارنىڭ سانىدىن كۆپ، لوندوندا پاكىستانلىقلارنىڭ ئۆزىلا بىر قانچە مىڭ، ھەتتا يۈرەك – قان تومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى بولغان ئەڭ چوڭ دوختۇر لوندوندا مۇقىم تۇرىدىغان پاكىستانلىق ئالىمدۇر. 1979 – يىلى ئىككى پروفېسسور ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقاتتا، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي بولغان بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، پاكىستان تېبابەت فاكۇلتېتىنىڭ نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغان كۈننىڭ ئەتىسى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ %90 ى كۆچۈش ئۈچۈن ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىغا ئىلتىماس سۇنغان. ئەمما، مىسىر تەرىپىدىن تەييارلانغان تەتقىقاتقا كەلسەك، بۇ بىر مۇسۇلمان دۆلەتكە نىسبەتەن چەكلىك تەتقىقات بولۇپ، 1970 – يىلىدىن بۇيان ئون يىل مابەينىدە، دوكتورلۇققا ئېرىشكەنلەردىن 950 نەپىرى مىسىرغا قايتىشتىن توسۇلغان. بىز بۇ تەتقىقاتنى سانلىق رەقەمگە ئايلاندۇغىنىىمىزدا، مىسىر ئامېرىكىغا ياردەم بېرىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ياۋرۇپا، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيەدىكى ئېنژىنېرلار، مۇتەخەسسىسلەر، دوختۇرلاردىن ئىبارەت مۇسۇلمان بولغان كۆچمەنلەر(مۇھاجىرلار)نىڭ سانى يۇقىرى ئىقتىدارلىق يۇزمىڭ ئالىمغا يېتىدۇ. مۇبادا ئۇلاردىن ھەربىرى بىر يىل ئىچىدە بىر تەتقىقاتنى روياپقا كەلتۈرسە ئەلۋەتتە، بىزنىڭ ئىسلام دۇنيايىمىزدا بىر يىلدا يۈزمىڭ تەتقىقات مەيدانغا كەلگەن بۇلاتتى. بۇ تەتقىقاتلار نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان بۇلاتتى! بۇ تەتقىقاتچىلار نۇرغۇن كەشپىياتلارنى ئىجاد قىلغان بۇلاتتى! ئەلۋەتتە، غەرب ئەللىرى بۇ ھادىسىنى يەنى، مۇسۇلمان ئاقىللىرىنىڭ كۆچۈش ھادىسىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئامېرىكا كورنىل ئۇنىۋېرسىتىنىڭ مۇدىرى تۆۋەن پالاتا ئالدىدا ئېنىق قىلىپ، دوختۇرلاردىن تەشكىل تاپقان مۇسۇلمان مۇھاجىر – كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكىدا يىلىغا تولۇق 30 دانە تېببىي فاكۇلتېت قۇرىدىغانلىقىنى، ئاشۇنىڭ پەقەت تېببىي ساھەدىلا بولۇپ قالماستىن بەلكى سانائەت ساھەلىرىدىمۇ شۇنداق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. مىسالغا ئالساق، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى زاۋۇتلاردا 24 مىڭ يەمەنلىك ئىشلەيدۇ. غەربتىكى تەتقىقاتچى، مۇتەپەككۇر ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى غەرب ئەللىرىدىكى تەجرىبىخانىلاردا تەتقىقات ۋە تەجرىبە ئېلىپ بارىدىغان مۇسۇلمان بولغان پاكىستانلىق، ھىندىستانلىق، مىسىرلىقىلاردۇر.
رېئاللىقتا كىشىگە تاشلىنىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن سوئال بەلگىلىرىنى قۇيىدىغان سوئال شۇكى، بىز – مۇسۇلمانلار – باشتىمۇ غەرب ھازارىتىنى (مەدەنىيىتىنى) قۇردۇق، ھازىرمۇ قۇرىمىزمۇ؟!
ئالىملارنىڭ يات ئەللەرگە كۆچۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئاساسلىق ئۇسۇل – چارىلەر مۇنۇلاردۇر:
– دۆلەتنىڭ ئىلىم ۋە ئىلمىي ئورگانلارغا ئەھمىيەت بېرىشى.
– تەتقىق قىلىش ۋە ئىزدىنىشنىڭ ئىلمىي ئىمكانىيەتلىرىنى تولۇق ھازىرلاپ بېرىشى.
– ئۆزىنىڭ كەسپدە ئىجادىيەت ياراتقان كىشىگە ئەدەبىي مۇكاپاتلارنى كۆپلەپ بېرىش.
– ئالىملارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قولاي بولۇشى ۋە كۆڭۈل، ئائىلە جەھەتتە خاتىرجەم بولۇشى.
بۇ ماقالە «العربية بين يديك» (ئەرەب تىلى ھۇزۇرىڭىزدا) ناملىق كىتابنىڭ 3 – قىسمىدىن تەرجىمە قىلىندى.
– تەرجىمىدە: ئەلەمدار.