«ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ئەتراپىدىكى ھەقىقەت ۋە شۈبھىلەر» دېگەن كىتابنىڭ مۇقەددىمىسى

«ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى چۆردەپ تۇرغان ھەقىقەت ۋە شۈبھىلەر» دېگەن كىتابنىڭ مۇقەددىمىسى

دوكتور مۇھەممەد ئۇمارە

 

1978 – يىلى 15 – مايدا ئامېرىكا پروتېستان چېركاۋلىرى بارلىق مۇسۇلمانلارنى خرىستىيانلاشتۇرۇش ۋە شانلىق ئىسلام سەھىپىسىنى تارىخقا كۆمۈشنى پىلانى مۇزاكىرە قىلىنغان ئەڭ خەتەرلىك بىر قۇرۇلتاينى ئاچتى.

بۇ قۇرۇلتاي ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ كولۇرادۇ شىتاتى كېلىن ئىيىر شەھرىدە، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش بىلەن ئىچىلدى.

بۇ قۇرۇلتايغا باش پوپلار، مىسسىئونېرلار، جەمئىيەتشۇناس ۋە ئىنسانشۇناس ئالىملاردىن بولۇپ 150 نەپەر كىشى قاتناشتى، قىرىق تەتقىقات ھەققىدە بەس – مۇنازىرە قىلىندى. بۇ قۇرۇلتاينىڭ تەتقىقات، مۇھاكىمە، دوكلات ۋە خۇلاسىلىرى ئىنتايىن سەزگۈر تېمىلارنى قىسقارتىۋەتكەندىن كېيىن تەخمىنەن 1000 بەتكە يېقىن چوڭ ھەجىملىك بىر كىتاب شەكلىدە نەشر قىلىندى.

(بۇ قۇرۇلتايدا يەنە) خرىستىيانلاشتۇرۇشنىڭ بۇرۇنقى پىلانلىرىغا باھا بېرىلىپ، يېڭى پىلانلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يېڭى پىلانلاردا مىسسىئونېرلار ئۆزلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئۇيغۇن ھالدا راستچىل بولۇپ، كاللا ئىشلىتىپ ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئىچىدىن خرىستىيانلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىسلامنى يوقۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىشتى.

«خرىستىيان پوپلار ئەھدىنامىسى» (قسىقىچە «ئەھدىنامە») دە ئىسلام توغرىسىدا مۇنداق بايانلار كەلگەن:

«ئىسلام دىنى بولسا ئەسل مەنبەلىرى خرىستىيان دىنىنىڭ ئاساسلىرىغا زىت كېلىدىغان بىردىنبىر دىندۇر. ئىسلام تۈزۈمى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتتە ئەڭ تەرتىپلىك بولغان دىنىي تۈزۈمدۈر. ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ قۇدرىتى يەتمەيدىغان دەرىجىدە پىلانلانغان، خرىستىيان دىنىغا دۈشمەن بولغان بىر دىنىي ھەرىكەتتۇر. شۇڭا، بىز راستچىل بولۇپ، خرىستىيانلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تەسىس قىلىنىدىغان، كاللا ئىشلىتىپ ئىسلامنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىسلامغا قارشى جەم بولىدىغان، ئۇشبۇ ئىدىئولوگىيەنى مىسسىئونېرلارغا يەتكۈزىدىغان يۈزلىگەن مەركەزلەرگە مۇھتاجمىز»(1).

ئۇلارنىڭ ئىسلامنى ئىچىدىن خرىستىيانلاشتۇرۇپ يوقىتىش غايىلىرى قۇرئاندىكى «ئاللاھنىڭ روھى»، «ئاللاھنىڭ كەلىمىسى» دېگەن سۆزلەرگە ئوخشاش خرىستىيان دىنىدىمۇ بار سۆزلەردىن پايدىلىنىپ قۇرئان ئارقىلىق خرىستىيانلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتۈش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى.

يۇقىرىقى ئەھدىنامىدە يەنە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ بايان قىلىنغان:

«ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە باشقا رايونلىرىدىكى يەرلىك چېركاۋلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق خرىستىيانلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش، خرىستىيان جەمئىيەتلىرىدە ئوقۇۋاتقان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارغا خرىستىيان دىنىنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىش… قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە غەرب (دۆلەتلىرى) ئىسلام دۇنياسىدا پەيدا قىلىۋاتقان ئۇرۇشلاردىن پايدىلىنىش كېرەك. بۇ ئۇرۇشلار سۈرگۈن قىلىنغۇچىلار بىلەن پاناھلىق تىلىگۈچىلەردىن ئىبارەت نۇرغۇن ئۇرۇش قۇربانلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر بۇردا نان ۋە ئازغىنا دورىلار بىلەن ئۆزلىرىگە توغرىلىنىدىغان خرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلىدۇ»(2).

شۇنىڭدەك، مەزكۇر «ئەھدىنامە» مۇسۇلمان ئاياللار ئارقىلىق ئىسلام جەمئىيەتلىرىنى يوقىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئالاھىدە مەركەزلەشكەن، ھەتتا بۇ كېلىشىمنامىنىڭ ئىچىدە مۇنداق بىر جۈملە بار: «ھەقىقەتەن ئاياللار ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر».

مىسسىئونېرلار مۇسۇلمان ئاياللار ئارقىلىق ئىسلامنى ۋە ئىسلام جەمئىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بۇ لايىھەدە تۆۋەندىكىلەر ھەققىدە توختالغان:

1. خرىستىيانلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سالماقلىق بىر قىسمى بولسا ئاياللارغا غەرب ئەندىزىسى بويىچە تەلىم – تەربىيە بېرىدىغان مەكتەپلەرنى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى.

2 . ئىنجىل بىلەن قۇرئان ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر (ئىدىيە) توقۇنۇشىدىن ساقلىنىشنىڭ لازىملىقى ۋە مەسىھ(ئىيسا)نى بولۇپمۇ ئىسلام جەمئىيەتلىرىدىكى ئاياللار دۇچ كېلىدىغان شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسەلەرنى يوقاتقۇچى دەپ ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن ئاياللار ئىشىنىدىغان سېھىر، شەيتان، ئالۋاستىلار دۇنياسىغا مەركەزلىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى.

3. دىيانىتى بىلەن تونۇلغان ئاياللار ياكى ئاياللار جەمئىيىتىدىكى باشلامچى ئاياللار ئارقىلىق خرىستىيانلاشتۇرۇشقا ئورۇنۇش ئۈچۈن ئۇلار توغرىسىدا ئىزدىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى.

4 . مۇسۇلمانلارنىڭ نەسلىگە چەك قويۇپ، ئائىلىلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشقا بىۋاسىتە دەۋەت قىلىنىشتىن نەپرەتلەنمەيدىغان بولۇشى ئۈچۈن (يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدىكى) تەلىم – تەربىيە ۋە (بالا كۆپ بولسا باياشات تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولمايدۇ دېگەندەك ناتوغرا شەكىلدىكى) باياشاتلىق چۈشەنچىسىنى سىڭدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى.

«ئەھدىنامە»دە يەنە: «ھەقىقەتەن ئاياللار ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر» دېگەن جۈملە ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ئېلان قىلىپ، مۇسلىمە ئاياللار ۋە ئائىلىلەر ئارقىلىق ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى يوقىتىشنىڭ پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئىش تۆۋەندىكىلەرنى قىلىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ:

1. مۇسلىمە ئاياللارنى «ئەھدىنامە»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىلانغا قارشى ئىسلام ئېڭى بىلەن قوراللاندۇرۇش؛

2 . مىسسىئونېرلار مۇسلىمە ئاياللارنى خرىستىيانلاشتۇرۇش قاپقانلىرىغا چۈشۈرۈشتە ۋاسىتە قىلىۋاتقان جادۇگەرلىك، خۇراپاتلىق، سېھىر ۋە شەيتان – ئەجىنەلەر قارشى ئىسلامىي قۇرال سۈپىتىدە ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە تەلىم – تەربىيە پروگراممىلىرىدا ئىسلام ۋە ئىمان چۈشەنچىسىنى كۈچەيتىش.

3 . ئىسلامغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىلىم – پەن ۋە مائارىپنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان خرىستىيانلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىغان مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئەۋلادلىرىمىزنى بولۇپمۇ، قىزلىرىمىزنى يىراقلاشتۇرۇش.

4. غەرب ئاياللىرىنى نەقەدەر بەختسىز قىلغان ۋە قىلىۋاتقان غەرب ئەندىزىسىگە قارشى تۇرۇپ ئاياللارنى ئازاد قىلىشنىڭ ئىسلامىي نەمۇنىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.

5. ئاياللارنى ئىسلامدىن «ئازاد قىلىشقا» خىزمەت قىلىدىغان خرىستىيانلاشتۇرۇش ۋە غەربلەشتۈرۈش پىلانلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ئاياللارغا ئىسلام نامى بىلەن زۇلۇم قىلىۋاتقان ناچار ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ ئورنىغا ئاياللارنى ئىسلام بىلەن ئازاد قىلىدىغان ھەقىقىي ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.

«ئەھدىنامە»دە يەنە غەرب جەمئىيەتلىرىدىكى ئائىلە ئالاقىلىرىنىڭ چۈشكۈنلەشكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنىپ: «ھازىرقى رېئاللىققا ئاساسلانغاندا غەرب جەمئىيىتىمىزدە ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى، ئاجرىشىش، ھەتتا جىنايەت نىسبىتىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، جىنسىي بۇزۇقچىلىقنىڭ ئىزچىل تۈردە ئېشىپ بېرىشىدا بىز پەخىرلىنىدىغان ئازغىنە ئىشلاردىن باشقىسى قالمىدى» دېيىلگەن(3).

ئۇلار بۇ ئېتىراپ قىلىشلىرىدىن كېيىن ئىسلام دىنىدىن، ئىسلامنىڭ ئاياللارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارنى ئازاد قىلىش، ئائىلىنى قوغداشتىكى نەمۇنىسىدىن ئۆگىنىشنىڭ ئورنىغا ئازغۇنلۇق ۋە گۇمراھلىقىدا ئىزچىل بولۇپ: «بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمان جەمئىيىتىدىكى ئورنىمىزنى، مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇسلىمە ئاياللار ۋە مۇسۇلمان ئائىلىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قايتا توغرىلاپ چىقىشىمىز كېرەك» دېيىشتى.

شۇنداق، بىز ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىدىن ۋە ئۇنىڭ ئاياللارنى ئازاد قىلىش ۋە ئائىلە قۇرۇشتىكى نەمۇنىسىدىن ئۆگىنىشنىڭ ئورنىغا مۇسۇلمان ئاياللارنى خرىستىيانلاشتۇرۇش قاپقانلىرىغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن شەيتانلار، سېھىرگەرلەر ۋە ئالۋاستىلارنىڭ ئىلاھىيلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، نۇرغۇن مال – مۈلۈك سەرپ قىلىپ ئۆمۈرلىرىنى خورىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. دېمەك، مۇسلىمە ئاياللارنى ئىسلام بىلەن ئازاد قىلىش خرىستىيانلاشتۇرۇش ۋە مىسسىئونېرلارنىڭ خېيىم – خەتەرلىرىدىن ساقلاشنىڭ بىر ۋاسىتىسىدۇر.

بىز «ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ئۆپچۆرىسىدىكى ھەقىقەت ۋە شۈبھىلەر» ناملىق بۇ كىتابىمىز ئارقىلىق ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالادىن بىزگە ۋە باشقىلارغا مەنپەئەت بېرىشىنى سوراپ تۇرۇپ، بۇ ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمىز. ئاللاھ ئەڭ ياخشى سورالغۇچىدۇر، ئەڭ ئۇلۇغ ئىجابەت قىلغۇچىدۇر.

ھىجرىيە 1430 – يىلى جامادىيەلئەۋۋەل، مىلادىيە 2009 – يىلى ماي، قاھىرە

 

تەرجىمىدە: شىپا


(1 ) «خرىستىيانلاشتۇرۇش: ئىسلام دۇنياسىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى»، قۇرۇلتاي ھۆججەتلىرى، 752 – بەت، 1991 – يىل مالتا باسمىسى. 2007 – يىل قاھىرە «مىسىر گۈللىنىش نەشرىياتى» مەتبەئەسىدە بېسىلغان «ئىسلامغا يېڭى ھۇجۇم» ناملىق كىتابىمىزنىڭ 71 – 96 – بەتلەرگە قاراڭ.
(2 ) بۇلارنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن «ئىسلامغا يېڭى ھۇجۇم» ناملىق كىتابىمىزغا مۇراجىئەت قىلىڭ.
(3 ) «خرىستىيانلاشتۇرۇش: ئىسلام دۇنياسىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى»، 876 – بەت، «ئىسلامغا يېڭى ھۇجۇم» 170 – بەتكە قاراڭ.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ