(ئەقىلنىڭ غەيب بىلەن روبىرولىشىشى)
دوكتور سالمان ئەۋدە
زەھەرلىك گازلار بىلەن تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقان، جاھىل خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇۋاتقان سەبىلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى تولا چاغلاردا قەلبنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى قوزغاپ ئەقىل – ئىدراكنى ھەيران قالدۇرۇۋاتىدۇ. نېمىشقا بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ ئىنسانلاردىكى ئىلىم – ھېكمەت، مېھىر – شەپقەت قەيەرگە كەتتى؟ بۇ سوئاللارنى ئىنسانلارنىڭ سوراش ھوقۇقى بار ئەمەسمۇ؟! كىملەر سوراۋاتىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ ئاچقۇچلۇق جاۋابى مۇسا ۋە خىزىر ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قىسسەسىدە بايان قىلىنغان.
ئارىمىزدىكى نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ قەلبلىرىدە پۇرسەت كەلگەندە «مەن سىلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار» دەپ جار سالىدىغان، ھەر نەرسىنى بىلىدىغانلىقىنى ۋە كۈچى يېتىدىغانلىقىنى ئويلايدىغان كىچىك فىرئەۋن بار. ئۇ كىچىك فىرئەۋن تۆۋەندىكى ئايەتلەر بىلەن چاقىرىدىغان مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مۇھتاجدۇر. ﴿گۇناھلاردىن پاك بولۇشنى خالامسەن. سېنى پەرۋەردىگارىمنى تونۇشقا يېتەكلىشىمنى خالامسەن؟ ئۇنى تونۇساڭ پەرۋەردىگارىڭدىن قورقۇسەن – دە، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىسەن﴾(79/«نازىئات»: 18، 19). دېمەك، ئاللاھ تائالادىن قورقۇش پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئالدىدا قۇللارچە كەمتەرلىك قىلىشتۇر، شۇڭلاشقا سەجدە قىلىش كەمتەرلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسى ۋە ئىبادەتنىڭ يۈكسەك مەرتىۋىسىدۇر.
مۇسا ئەلەيھىسسالام سەلتەنەتلىك ساراي ھاياتىدىن كۆڭلى سوۋۇپ سارايدىن ئايرىلىشقا ئاللاھقا ئەھدە بەردى. پايدىسىز سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇش، شىكايەت ئېيتىش ۋە چۈشكۈنلىشىشنىڭ ئورنىغا مەزلۇم – ئاجىزلارنىڭ سېپىدە تۇرۇپ، ئېزىلگەن بەنى ئىسرائىل خەلقىگە زۇلۇم قىلغان فىرئەۋن گورۇھىغا قارشى جەڭ قىلىشقا باشلىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ساغلام تەبىئىتى بىلەن بىر ئاجىز ئايالنىڭ جاپا چېكىشىگە ھېسداشلىق قىلمايدىغان بىر توپ ئەرلەرنىڭ خاراكتېرىنى بىلىپ يېتىپ، كۈچىنىڭ بارىچە ئىككى قىزغا ياردەم قىلدى. ھەيرانلىق ۋە گۇمان ئىچىدە قاراپ تۇرۇۋاتقان كۆزلەرگە پىسەنت قىلماستىن ئىككى قىزنىڭ چارۋىلىرىنى سۇغۇرۇپ بەردى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئېزىلگەن كىشىلەرنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى، نادانلىقلىرى ۋە زۇلۇمغا كۆنۈپ كېتىشلىرىگە قارشى ئىسلاھات كۈرىشى ئېلىپ بارغىنىدەك، مەزلۇم خەلقنىڭ يېنىدا تۇرۇپ زوراۋانلىققا قارشى ئەڭ چوڭ جەڭگە قاتناشتى ۋە قۇتقۇزغۇچى رەھبەرگە ئايلاندى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئەتراپنى تۈرلۈك كىرىزىسلار قاپلىغان چاغدىمۇ ھەرقېتىم ئاكتىپ خىزمەت قىلىش ئارقىلىق چىقىش يولى كۆرسىتىپ بېرەتتى.
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ «مەن» دەپ سالغانلىقى ھەدىسلەردە كەلگەن بىر قېتىملىق ۋەقەلىكتە كېلىشىچە، بىر كىشى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن: زېمىندىكى ئەڭ بىلىملىك كىشى كىم؟ دەپ سورىغاندا، مۇسا ئەلەيھىسسالام مۇنبەر ئۈستىدە تۇرۇپ: مەن، دەپ جاۋاب بەرگەن. مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇ جاۋابنى كېسىپ ئېيتالمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل شەكىلدە «مەن» دەپ جاۋاب بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭدىنمۇ بىلىملىك كىشىلەرنىڭ بار بولۇشى مۇمكىن ئىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كايىدى، ئەسلىدە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ «مەن بىلمەيمەن، ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر» دەپ جاۋاب بېرىشى مۇناسىپ ئىدى. ئارقىدىن ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق ۋەھيى قىلدى: «ئىككى دەريا قوشۇلىدىغان يەردە بەندىلىرىمدىن خىزىر ئىسىملىق بىر بەندە سەندىنمۇ بىلىملىكدۇر».
خىزىر ئەلەيھىسسالام پەۋقۇلئاددە ھادىسىلەرنى چۈشۈنىشتە مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلمەيدىغان غەيب ئىلمى بىلدۈرۈلگەن پەيغەمبەر بولسىمۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالام خىزىر ئەلەيھىسسالامدىن ئۇلۇغ پەيغەمبەر ئىدى. چۈنكى، مۇسا ئەلەيھىسسالام «قۇرئان»دا بايان قىلىنغان ئىرادىلىك بەش پەيغەمبەرنىڭ بىرىدۇر. گويا بۇ ئىككى پەيغەمبەرنىڭ قىسسەسىدىكى مىساللار مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەندەك، قىسسەنىڭ مەزمۇنى بولسا «زېمىن يۈزىدە ئەڭ بىلىملىك كىشى كىم؟» دېيىلگەن سوئالنىڭ جاۋابىدا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىراپ كەتكەنلىكىگە ئىشارە قىلىپ ئۆتۈۋاتقاندەك قىلاتتى. خىزىر ئەلەيھىسسالام دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان جاپا – مۇشەققەتلەر، بالايى – مۇسىبەتلەر، كىچىك بالىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە قانخور جاللاتلارنىڭ ھۆكۈمران بولۇشىدىن ئىبارەت ھادىسىلەرنىڭ سىرلىرى ھەققىدە ئىزدەنگۈچىلەرگە ھادىسىلەرنىڭ ئىلاھىي سىرلىرى ۋە ھېكمەتلىرىنىڭ دۇردانىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان غەيب ئىلمىگە ۋەكىللىك قىلسا، مۇسا ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئەگىشىشى ۋاجىب بولغان شەرىئەتكە ۋەكىللىك قىلاتتى.
شەك – شۈبھىسىزكى، ئىنسانلار تۇرمۇشىدا يۈز بېرىۋاتقان كىرىزىسلار، ئۇلارنىڭ (ئەقىدە) داۋالغۇشى ۋە ھادىسىلەرنىڭ سىرلىرى ھەققىدە سوئال بەلگىسى قويۇشقا سەۋەب بولۇۋاتقان ئىشلار توغرۇلۇق سوئال سوراشتىن ئىبارەتتۇر.
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان قىسسەسى ئىنسانلارغا ياشاۋاتقان تۇرمۇشى ھەققىدە ياكى ئەتراپىدا شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئالەمشۇمۇل بۈيۈك ھادىسىلەرنىڭ بەزىسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. چۈنكى، ئىنسانلار تەپسىلاتىنى بىلمىگەن نەرسىلەرنى تاشلاپ قويماي (تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلغاندا)، شۇ نەرسىدىمۇ ئىلاھىي ھېكمەتنىڭ بۈيۈكلۈكىگە كۆڭلى قانائەت تاپىدۇ. مانا بۇ (تەكشۈرۈش) كۆڭلىگە (ھەقىقەت) ئىلھام بېرىلگەن ئۆمەر فارۇق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەبىر بەرگىنىدەك «تەقدىردىن تەقدىر بىلەن مۇداپىئەلەنگەنلىك»تۇر.
قىسسەدە خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ «كۆپ مەرھەمەت قىلىنغان، ئىلمى غەيب بېرىلگەن» بەندە دەپ تونۇشتۇرۇلۇشى ئۇنىڭ ئاللاھ تائالادىن ئەڭ كامىل شەكىلدە مەمنۇن بولۇش ۋە بويسۇنۇش ئاتا قىلىنغان، تەقدىرلەردىكى ئىلاھىي ھېكمەتنىڭ بەزى سىرلىرىنى بىلىپ يېتەلىگەن ئاللاھ تائالانىڭ دوست بەندىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىگە ئىشارەتتۇر.
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئەھدە بەرگەندەك خىزىر ئەلەيھىسسالامدىن تەلىم ئېلىشقا سەۋر – تاقەت قىلالمىدى – دە، كېمىدىكى كىشىلەرنىڭ سۇغا غەرق بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىنى تېشىۋەتكەنلىكىگە مالامەت قىلدى. گويا بۇ ئىش (يەنى كېمە ۋەقەلىكى) مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋاق چېغىدا دېڭىزغا تاشلىنىشى غەرق بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى ۋە تەدبىرى بىلەن زالىم فىرئەۋننىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەندەك قىلاتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام غەلىبە قىلغانغا قەدەر، فىرئەۋننىڭ زۇلمىغا قارشى تۇردى. خىزىر ئەلەيھىسسالام كېمىنى قوغداش ۋە نامراتلارنىڭ مال – مۇلكىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالدى. شەرىئەت تەقدىرگە قارىمۇقارشى ئەمەس بولۇپ، بىزنىڭ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ياخشىلاشقا دەۋەت قىلىش يولىدا تەقدىرنى باھانە – سەۋەب قىلىۋېلىشىمىز توغرا ئەمەس.
مۇسا ئەلەيھىسسالام خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىچىك بالىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ سەۋر – تاقەت قىلالمىدى ۋە ئۇنى ئەيىبلىدى. گويا بۇ ئىش (كىچىك بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى) فىرئەۋننىڭ بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆلتۈرۈشى گەرچە جىنايەت بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا ئىلمى غەيب ئاتا قىلغان كىشىلەردىن باشقىسى سىرلىرىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتەلمەيدىغان ئىلاھىي تەقدىر ئىكەنلىكىنى، جاپادىن كېيىن ھالاۋەتنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەندەك قىلاتتى.
ئويلايمەنكى، بۇ ئىش (كىچىك بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى) يەنە بىر تەرەپتىن، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇلمىغان قىبتى بىر ئادەمنى (سەۋەنلىك بىلەن) ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلمەيدىغان ئىلاھىي سىرلار بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. بەلكىم، ئۇ ئىنسان ھايات قالسا ئىدى، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى زۇلۇمغا ۋە كۇفرىغا زورلىشى ياكى ھەق دەۋەتتىن باشقىلارنى توسقۇچى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. بەزىدە ئەجەلنىڭ ئىنسانغا بىۋاقىت كېلىشى ئۇنىڭغا شەپقەت قىلىنغانلىقىدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھەدىستىكى بۇ دۇئا شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: «ئى ئاللاھ! بەندىلىرىڭگە فىتنە (ئازاب ياكى ئېزىش) نى ئىرادە قىلغىنىڭدا مېنى فىتنەگە دۇچار قىلماي دەرگاھىڭغا ئېلىپ كەتكىن»(«تىرمىزىي» 3233).
بۇ ئەھۋاللار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئادەمنى سەۋەنلىكتىن ئۆلتۈرۈپ قويۇش ۋەقەسىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك ئازابىنى يەڭگىللىتەتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىنى مېھمان قىلىشقا ئۇنىمىغان شەھەر ئاھالىسىگە تەۋە بولغان ئىككى يېتىم بالىنىڭ يېقىلىپ چۈشەي دەپ قالغان تېمىنى ھەقسىز ئوڭشاپ قويغانلىقىغا سەۋر – تاقەت قىلالمىدى. بۇ ئىش مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مەديەن شەھىرىدە ئىككى ناتىۋان قىزنىڭ چارۋىلىرىنى ھەق ئالماستىن سۇغۇرۇپ بەرگەن ئىشىغا ئوخشاپ كېتەتتى. ئۇ ئىككى قىزنىڭ ئاتىسى سالىھلاردىن ئىدى. شۇ يەردە مۇسا ئەلەيھىسسالام ياقا يۇرتتىن كەلگەن مۇساپىر بولسىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئۇچرىمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسا ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلدى: ﴿پەرۋەردىگارىم! ماڭا رىزىقتىن نېمىنىلا بەرسەڭ، مەن ئۇنىڭغا موھتاج﴾(28/«قەسەس»: 24) ئىلگىرىكى ئىككى ئەھۋالدىن (يەنى كېمىنى تېشىۋېتىش ۋە كىچىك بالىنى ئۆلتۈرۈش) بەزى شەخسىي مەنپەئەتنىڭ بار بولۇشى بىلەن ئازراق پەرقلىنىدىغان بۇ ئەھۋال ئۇ ئىككىيلەننىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ ئاخىرى بولدى. شۇڭلاشقا، خىزىر ئەلەيھىسسالام سەپەرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كېمە مەلۇم بىر تەرىپى تېشىۋىتىلگەنلىكى ئۈچۈن زالىمنىڭ بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. قارىماققا گۇناھسىز بىر بالا تەقدىر بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ. بايلىق تەقدىر بىلەن باشقىلار ئۈچۈن ساقلىنىدۇ. ئەقىل دەسلىپىدە بۇ ئىشلارنىڭ ئاشكارا بولمىغان سىرلىرى ۋە مەقسەتلىرىنىڭ بارلىقىنى، بەزىدە ئۇ سىرلارنىڭ بايانىنىڭ تولۇق بىر ئەۋلادقىچە ئارقىغا سوزۇلىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلالىسىمۇ، لېكىن يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ئىنسانلارنى ئازابلايدىغان ھادىسىلەرنىڭ تېگىدىكى بەزى يوشۇرۇن، ئىنچىكە تەرەپلەرنى چۈشىنىشتىن ئاجىز كېلىدۇ.
مۇسا ئەلەيھىسسالام شەرىئەت بىلەن تەقدىرنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرىدىغان يۈكسەك ئىقتىدار بىلەن تونۇلدى. ئۇ خەلقىنى يەر تەۋرەش بىلەن ھالاك بولغان ھالەتتە كۆرگەندە مۇنداق دۇئا قىلدى: ﴿پەرۋەردىگارىم! خاھلىغان بولساڭ ئۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتىڭ. ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟﴾(7/«ئەئراف»: 155).
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئىلاھىي خاھىشنىڭ مۇتلەق ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ، ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىش ۋە رەھىم – شەپقەت تىلەشكە باشلىدى. مانا بۇ ھەربىر مۇئمىننىڭ ئاچچىق – چۈچۈك ياكى ھۇزۇر – ھالاۋەتلىك ھاياتىدا روھىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن موھتاج بولىدىغان ئىشتۇر.
ئەقلىڭىزگە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سوئاللىرى كەلگەندە كۆڭلىڭىزدە خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ جاۋابلىرىنى ئىزدەڭ. مېڭىۋاتقان يولىڭىزدا تەقدىر ئىلمىنى بىلىدىغان، تەقدىرگە مۇتلەق بويسۇنىدىغان خىزىر سۈپەتلىك كىشىلەر ھازىر بولغاندا، سىز ھاياتىڭىزدا ھەر ئىشنى ئىزدىنىدىغان ۋە تەكشۈرىدىغان مۇسا سۈپەتلىك كىشىلەرنى ئىزدەڭ. كۆز ئالدىڭىزدا پۈتۈن يوللار ئېتىلگەندە كۈندە چىن قەلبىڭىز بىلەن سەجدە قىلىش، دۇئا قىلىش، بىپايان ھاياتنىڭ تارىخىي ئەينەكلىرىنى مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق ئۈستۈنكى ئۇپۇقلارغا ئىنتىلىڭ.
مەنبە: موسى والخضر: الشرع والقدر (العقل في مواجهة الغيب) – د. سلمان بن فهد العودة – http: //www. islamtoday. net
تەرجىمىدە: ئابدۇرراززاق رەجەب