جازانە مۇئامىلىسى قىلىدىغانلار بىلەن شېرىك تىجارەت قىلىش

جازانە مۇئامىلىسى قىلىدىغانلار بىلەن شېرىك تىجارەت قىلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئىككى كىشى شېرىك تىجارەت قىلماقچى. بىرىنىڭ دەسمايە قىلغۇدەك پۇلى يوق. بانكىدىن فايىز (جازانە) لىق قەرز ئېلىپ تىجارەت قىلماقچى. يەنە بىرىنىڭ دەسمايە قىلغۇدەك پۇلى بار. بۇ ئەھۋالدا بۇ تىجارەت دۇرۇس بولامدۇ ياكى بۇ يەردە جازانە ياكى ھارام شەكىللىنىدىغان بىرەر ئەھۋال بارمۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

مۇسۇلمان كىشىگە جازانە قىلىش، ئۆسۈم بېرىش ۋە ئېلىش ھارامدۇر.

ئاللاھ تائالا ئاللاھ مۇنداق دېگەن: [جازانە يەيدىغانلار (قىيامەتتە) ساراڭلىقتىن شەيتان سوقۇۋەتكەن ئادەملەردەكلا قوپىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: ئېلىم – سېتىم جازانىگە ئوخشاش، دېگەنلىكىدىندۇر. ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال قىلىپ، جازانىنى ھارام قىلدى. شۇڭا، كىمىكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز – نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن بولدى قىلسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا قالىدۇ. كىمكى جازانە قىلىشقا قايتىدىكەن، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر].([1])

[ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر جەڭگە دۇچار بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلىڭلار، ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار، سەرمايەڭلار سىلەرنىڭدۇر، زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر. ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار، ئەگەر ھەقىقەتنى ياخشى بىلىدىغان بولساڭلار، سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ھەر كىشى زۇلۇمغا ئۇچرىماستىن قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسى تولۇق بېرىلىدۇ]([2]).

[ئى مۇئمىنلەر! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار، مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار]([3]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جازانە يېگۈچىگە ۋە يېگۈزگۈچىگە لەنەت قىلغان([4]).

يەنە بىر ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جازانە يېگۈچىگە، يېگۈزگۈچىگە، ئۇنى يازغۇچىغا ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھچى بولغان ئىككى شاھىدقا لەنەت قىلغان ۋە: «ئۇلار باراۋەر» دېگەن([5]).

جازانە بەرىكەتنى يوقىتىۋېتىدىغان ئېغىر گۇناھلارنىڭ بىرى بولغاچقا، مۇسۇلمان كىشى شېرىك تاللىغاندا تىجارىتى بەرىكەتلىك بولۇشى ئۈچۈن دىندار، ئەمىن، راستچىل كىشىلەرنى تاللىشى ئىنتايىن زۆرۈر. ئالىملىرىمىزمۇ جازانە ۋە باشقا تۈرلۈك ھارامدىن ساقلانمايدىغانلار بىلەن شېرىكلىشىشنى يامان كۆرگەن([6]).

بۇ سەۋەبتىن، سىز شېرىك بولماقچى بولغان كىشىگە نەسىھەت قىلىشىڭىز ۋە جازانىنىڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىز كېرەك. نەتىجىدە ئۇ كىشى تەۋبە قىلىپ بۇ نىيىتىدىن يېنىشى لازىم.

ئەگەر بىلمەي جازانە مۇئامىلىسى قىلىدىغانلار بىلەن شېرىكلىشىپ بولغان ئەھۋالدا تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنسا مەيلى:

1.     شېرىك سەرمايىدە ياكى شىركەت مال – مۈلكىدە ۋە مۇئامىلىلىرىدە جازانە مۇئامىلىسى بولماسلىقى كېرەك.

2.     قەرزنىڭ ئۆسۈمىنى شېرىك سەرمايىگە تەۋە پۇلدىن تۆلىمەي، قەرز ئالغۇچى ئۆز پۇلىدىن تۆلىشى كېرەك.

3.     شېرىك سەرمايىگە تەۋە مال – مۈلۈك ئۆسۈم ئۈچۈن رەنىگە قويۇلماسلىقى كېرەك.

يۇقىرىقى شەرتلەر تېپىلمىسا شېرىك سەرمايە ئۆسۈملۈك قەرزدىن كەلگەن بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا بۇ شىركەتتىن دەرھال چېكىنىش ۋە شېرىككە ئۆسۈملۈك قەرزدىن دەرھال قۇتۇلۇش ئۈچۈن نەسىھەت قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2019. 6. 29

——————————
([1]) «بەقەرە» سۈرىسى، 275 – ئايەت.
([2]) «بەقەرە» سۈرىسى، 278 – ئايەتتىن 281 – ئايەتكىچە.
([3]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 130 – ئايەت.
([4]) «بۇخارىي»، 5347 – ھەدىس.
([5]) «مۇسلىم»، 1598 – ھەدىس.
([6]) «روضة الطالبين»، 3/510.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز