ئەتىگەندە ئۇخلىسا رىزقى كېمىيىپ كېتەمدۇ؟

ئەتىگەندە ئۇخلىسا رىزقى كېمىيىپ كېتەمدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! ئەتىگەندە بامدات ۋاقتىدا بامدات ئوقۇپ ياكى ئوقۇماي ئۇخلىسا رىزقى كېمىيىپ كېتەمدۇ؟ خەلق ئارىسىدا شۇنداق گەپ بار. بۇنىڭ ئىسلامدا ئورنى بارمۇ؟ دەلىلى بىلەن جاۋاب بەرسىڭىز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئۇيقۇ نېئمىتى جانابى ئاللاھ سۈبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان ساناقسىز نېئمەتلىرى جۈملىسىدىندۇر. ئۇيقۇ جاننىڭ ئارامى، تەننىڭ راھىتىدۇر. ئىنسان ئۇيقۇدىن ئىبارەت بۇ نېئمەتتىن مۇۋاپىق بەھر ئالمىغان تەقدىردە، ھاياتتىكى ۋەزىپىسىنى جايىدا ئادا قىلالمايدۇ. بەلكى، مەزكۇر نېئمەتتىن مۇۋاپىق مىقداردا بەھرلەنمەسلىك ئىنساننى زەئىپىلىككە، كېسەللىككە، ھەتتا ئۆلۈمگە ئىلىپ بېرىشى مۇمكىن.

ئۇيقۇنىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇنىڭ كېچە پەيتىكە توغرىلىنىپ بېكىتىلىشىدە ئاجايىب ھېكمەت ۋە ھەقىقەتلەر يوشۇرۇنغان بولۇپ، جانابى ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە ئىنساندىكى ئۇشبۇ نېئمەت ۋە ئۇنىڭدىكى ھېكمەتلەرگە مۇنداق ئىشارەت قىلىدۇ: ﴿ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى قىلىپ بەرگەن، كۈندۈزنى يورۇق قىلىپ بەرگەن ئۇ زاتتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاشۇنىڭدا ئاڭلايدىغان بىر قەۋم ئۈچۈن كاتتا ئىسپاتلار باردۇر ﴾(10/«يۇنۇس»: 67)، ﴿سىلەرگە كېچىنى لىباس، ئۇيقۇنى راھەت قىلىپ بەرگەن، كۈندۈزنى تارقىلىش ۋاقتى قىلغانمۇ، ئۇ زاتتۇر﴾(25/«فۇرقان»: 47).

دەرۋەقە، كېچىسى بالدۇر ئۇخلاش ئىنسان بەدىنى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئىنسان پىترىتى ۋە تەبىئىتى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن ماس كېلىدىغان بىرخىل ھادىسە. شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى، ئۇيقۇ ئىنسان تېنىدا يۈز بېرىدىغان فىزىئولوگىيىلىك ھالەت بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنىڭ ئاساسى، ماددىي ۋە مەنىۋى ئوزۇقىدۇر.

شۇنداقلا، يۇقىرىقى ئايەتتىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئىنسانغا ئاتا قىلىنغان نېئمەتلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان «ئۇيقۇ»دىن ئىبارەت بۇ نېئمەتكە يوشۇرۇنغان ھېكمەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش، ئىنساننى ئۆزى ۋە ياراتقۇچىسى ھەققىدىكى بۈيۈك ھەقىقەتلەرنى بايقاپ چىقىشىغا، ھاياتلىقتىن ئىبارەت بۇ مەۋجۇدىيەتنىڭ مەنبەسىنى بىلىشىگە يېتەكلەيدۇ.

ئۇيقۇ بۈيۈك نېئمەت بولغىنىدەك، ئۇيقۇدىن مۇۋاپىق بەھرىلەنمەك، ئۇيقۇنىڭ ئۇزۇن ۋە قىسقىلىقى ئارىسىدا جىسمانىي ئېھتىياج ۋە مۇۋازىنەتكە ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. ئىسلام شەرىئىتى كۆرسەتمىلىرىدە جىسمانىي ئېھتىياج ۋە ئۇيقۇدىكى مۇۋازىنەتكە ئەھمىيەت بېرىش ھەمدە سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا ئۇيقۇ بىلەن ئىش – ئەمەل ۋە ئىبادەت ئارىسىنى تەڭشەشمۇ تەكىتلەنگەن. شۇڭلاشقا، شەرىئەتتە ئىبادەتتىن مەھرۇم قويغۇچى نورمىدىن ئارتۇق ئۇيقۇمۇ، جىسمانىيەتنى بۇزغۇچى ئۇيقۇسىزلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىبادەتمۇ چەكلەنگەن.

شەرىئەتتە يولغا قويۇلغىنى بولسا، ئۇيقۇ ۋە ئىبادەت ئارىسىنى تەڭشەش، ئۇيقۇ ۋە ئىبادەتنى بىر كېچىدە جەملەشكە توغرا كەلگەندە ئۇيقۇ ئارقىلىق تەنگە ئۇنىڭ ھەققىنى بەرگەن ئاساستا، ئىبادەت ئىستىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بۇيرۇلغان. بۇ خۇسۇستا پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەربىرىمىزنىڭ ئۈلگىسىدۇر.

ھەدىسلەر بىزگە بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى قالغاندا تۇرۇپ، بامداتقىچە ئون بىر رەكئەت قىيامدا تۇراتتى. بىلال ئەزان ئېيتقاندىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ بولۇپ، مەسجىدكە چىقىپ بامداتنى ئوقۇيتتى».(1)

ئۇنداقتا، ئىبادەتكە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا ئۇخلاش، بولۇپمۇ، ئەتىگەنلىك ۋاقىتنى ئۇيقۇ بىلەن ئۆتكۈزۈش مۇئمىن بەندىگە بىرەر سەلبىيلىك ئېلىپ كېلەمدۇ؟

مەلۇمكى، سەھەر ۋاقتى بامدات نامىزىنى قولدىن بېرىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكى ئىسلام دىنىدىكى ئەقەللىي ساۋات خاراكتېرلىك ئەھكاملار جۈملىسىدىن. بامداتتىن يېنىپ ئۇخلاش مەسىلىسىگە كېلىدىغان بولساق، شەرئى ئەھكام نۇقتىسىدىن ئالىملار گەرچە ئۇنى مۇتلەق چەكلىمىگەن بولسىمۇ، نوقۇل مەزكۇر «ئۇيقۇ» پائالىيىتىنىڭ ھۆكمى ھەققىدە ئۇلار ئارىسىدا پىكىر ئوخشاشماسلىقى بولغان. ھەر تەرەپ قايسى ۋاقىتتا ۋە قانداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش ھەققىدىكى خۇسۇسلاردا دەلىللەرگە تايانغان ئاساستا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. سەھەرنى ئۇيقۇ بىلەن كۈتۈۋالماسلىقنىڭ، بولۇپمۇ، بامداتتىن كېيىنكى ئەتىگەنلىك باشلىنىشنى ئۇيقۇغا تېگىشىۋېتىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىگە ئالاقىدار بەزى فىقھىي قاراشلار مەۋجۇد. ئەمما، ھېچبىر قاراش ئەھلى بۇ خىل ئۇيقۇ پائالىيىتىگە مۇتلەق چەكلەش بېكىتكەن ئەمەس.

بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەرگە قارايلى! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بامداتتىن كېيىنكى پائالىيىتى ھەققىدە جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۈن چىققۇچە بامداتنى ئوقۇغان يېرىدىن قوپمايتتى» دېگەن.(2)

دېمەككى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بامداتتىن كېيىنكى ئەتىگەنلىك پەيتنى ئۇيقۇ بىلەن باشلىماستىن، ئىبادەت ماكانىدىكى ئىستىقامىتىدىن باشلىغاندۇر.

يەنە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن بامداتتىن كېيىنكى چاغنى «رىزىقلار تەقسىم قىلىنىدىغان چاغ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.(3) چۈنكى، بۇ چاغ شەرىئەتتىمۇ، ئاقىللارنىڭ ئادىتىدىمۇ رىزىق تەلەپ قىلىشنى ۋە تىرىكچىلىكنى باشلايدىغان چاغدۇر.

مەسىلىگە فىقھىي ئەھكاملار نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا، ئالىملارنىڭ يۇقىرىقى بايانلارغا ئاساسەن بامداتتىن كېيىن ئۇخلاش مەسىلىسىدە، مەكرۇھلۇق ۋە مەكرۇھ ئەمەسلىكىدەك ئىككى خىل قاراشقا ئايرىلغانلىقىنى كۆرىمىز. مەسىلەن، زۇبەير ئىبنۇلئەۋۋام، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، خەۋۋات ئىبنى جۇبەير، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار، تابىئىنلاردىن ئۇبەيد ئىبنى ئۇمەير، سالىم ۋە مەكھۇل قاتارلىق بەزى سەلەفلەر بامداتتىن كېيىن ئۇخلاشنى مەكرۇھ دەپ قارىغان.(4)

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «ئۇيقۇنىڭ ئەڭ پايدىلىقى ئۇيقۇغا قاتتىق ئېھتىياج بولغان چاغدىكىسى بولۇپ، كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدىكى ئۇيقۇ كېچىنىڭ ئاخىرىدىكى ئۇيقۇغا قارىغاندا ياخشى ھەم پايدىلىقراق، كۈندۈزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاش ئەۋۋىلى بىلەن ئاخىرىدا ئۇخلاشتىن پايدىلىقراق، ئۇيقۇ كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلى بىلەن ئاخىرىغا يېقىن بولغانسېرى پايدىسى ئازلاپ زىيىنى كۆپىيىدۇ. بولۇپمۇ، ئەسىردىن كېيىنكى ئۇخلاش بىلەن كېچىسى تۈنىگەن كىشىدىن باشقا كىشىگە نىسبەتەن كۈندۈزنىڭ دەسلىپىدە ئۇخلاش تېخىمۇ شۇنداق. بامدات نامىزى بىلەن كۈن چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۇخلاش ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، مەكرۇھ دەپ قارالغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن، چۈنكى بۇ غەنىيمەت ۋاقتىدۇر. يولغا چىققانلار ئاشۇ چاغدا يول مېڭىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، ئۇلار كېچىچە يول يۈرگەن بولسىمۇ، كۈن چىققۇچە بولغان ئاشۇ ئارىلىقتا توختىۋېلىشقا كۆڭلى ئۇنىمايدۇ. چۈنكى، بۇ كۈندۈزنىڭ باشلىنىشى، ئاچقۇچى، رىزىقلار چۈشۈش، تەقسىملىنىش ۋە بەرىكەت ۋاقتى. كۈندۈزنىڭ باشقا قىسمىنىڭ ھۆكمى ئاشۇ چاغقا كۆرە بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ چاغدا ئۇخلاش زۆرۈر بولغىنىدا، مەجبۇر بولۇپ قالغان كىشىدەك، ئۇخلىسا بولىدۇ».(5)

يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەھلى ئىلىملەردىن بەزىلىرى: كېچىدە ئۇيقۇسىز قالمىغان كىشى ئۈچۈن بامداتتىن كېيىن ئۇخلاشنى مەكرۇھ دېيىشكەن ۋە بۇنداق دېيىشىدە ئۇلار تۆۋەندىكىلەرگە تايانغان:

بىرىنچىدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇخلاش ۋە ئويغاق تۇرۇش سۈننىتىگە زىت كەلگەنلىكتىن، ئىككىنچىدىن، بۇ چاغدا ئۇخلاش تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق دەپ قارالغانلىقتىن، ئۈچىنچىدىن، بۇ چاغ رىزىق تەقسىم قىلىنىدىغان چاغ دەپ قارالغانلىقتىن.

يەنە ئائىشە، ئۇممۇ سەلەمە، ئۆمەر، سۇھەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار، تابىئىنلاردىن ئىبنى سىرىن قاتارلىق بەزى سەلەفلەر بامداتتىن كېيىن ئۇخلىسا بولىدۇ، مەكرۇھ ئەمەس، دەپ قارىغان.(6) بۇ قاراشنى تۇتقان ئالىملار: مەكرۇھلۇققا دەلىل يوق، رىزىقنى توسىدىغانلىققىمۇ سەھىھ دەلىل يوق، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.(7)

يۇقىرىقى ئىككى قاراش بايانلىرىدىن مەلۇم بولىدۇكى، كېچە ئۇيقۇسىز قالغان كىشى ئۇيقۇغا ئېھتىياجى بولسا، بامداتتىن كېيىن ئۇخلىسا مەكرۇھ بولمايدىغانلىقىدا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاق. شۇنداقلا ئۇيقۇغا قانغان ئەھۋالدا، ئىشىغا تەسىر يەتمەيدىغان بولسا، بامداتتىن كېيىن ئۇخلىماي كۈن چىققۇچە مەسجىدتە ياكى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ زىكىر – تەسبىھ ئېيتسا ئەۋزەل بولىدىغانلىقىدىمۇ ئىتتىپاق. پەقەتلا كېيىنكى ئەھۋالدا ئۇخلىسا مەكرۇھ بولىدىغانلىقىدا قاراش ئوخشاش ئەمەس.

دەرۋەقە، بۇ ۋاقىتتا رىزىق تەقسىم قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە سەھىھ دەلىل يوق بولۇپ، بامداتتىن كېيىن ئۇخلاش ياكى ئۇخلىماسلىق مەسىلىسىدە يۇقىرىقى ھەر ئىككى تەرەپ قاراشلىرىدىكى مەقسەتلەرگە رىئايە قىلغىنىمىزدا، ھەر ئىككى تەرەپ قاراشلىرىنىڭ ئۆز ئورنىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك تەرىپى بارلىقىنى كۆرەلەيمىز. يەنى ھەر ئىككى قاراش ئەھلىدە ھېچقاچان زۆرۈرىيەتسىز ھالدا ئۇخلاشنى ئادەت قىلىشقا مەدھىيە يوق ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىزلا، بىزنىڭ مەزكۇر مەسىلىنى دەۋرىمىزدىكى ئەمەلىي شارائىت ۋە ئېھتىياجىمىز ئاساسىدا ئورۇنلاشتۇرساق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنە كېلىپ، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئومۇم كىشىلەرنىڭ ئىشلەش ۋاقىتلىرىمۇ بۇرۇنقى زاماندىكىگە ئوخشاش بولمايۋاتىدۇ. بۇرۇنقى زامانلاردا توك بولمىغاچقا بۇرۇن ئۇخلاپ تاڭ يورۇشى بىلەن تىرىكچىلىككە تۇتۇش قىلىدىغان بولسا، توك پەيدا بولغاندىن كېيىن بەزىلەر كېچە ئىشلىسە، بەزىلەر چۈشتىن كېيىن ئىشلەيدۇ. نەتىجىدە، ئۇخلاش ۋە ئارام مەسىلىسى خىزمەت ۋاقتى بىلەن ئەتراپتىكى مۇھىتقا ۋە ئىنساننىڭ كۈندىلىك ئەھۋالىغا باغلىق بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. كەچ يېتىش ئومۇملىشىپ كەتكەن بولغاچقا، كېچە قىسقا پەسىللەردە ياكى ئەرەب دىيارلىرىدا بامداتنى خېلى بۇرۇنلا ئوقۇغاچقا، ئىشقا ياكى ئوقۇشقا ماڭغۇچە خېلى ئارىلىق بار بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئازراق ئۇخلىۋالمىسا پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇشى ياكى ئىشىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ.

شۇڭلاشقا دەيمىزكى، بامداتتىن كېيىن ئۇخلىمىغان ئەھۋالدا ئوقۇشى ياكى ئىشىغا تەسىر يېتىدىغان بولسا، ئۇخلىسا مەكرۇھ بولمايدۇ. تەسىر يەتمەيدىغان بولسا زىكىر ۋە تەسبىھ ياكى بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇش ئەۋزەل. ئۇنداق قىلماي ئۇخلىسا گۇناھ بولمايدۇ.

بەزى ئالىملارنىڭ بۇ چاغدا ئۇخلىماسلىق، پسىخىك ۋە ساغلاملىق جەھەتتىن پايدىلىق، دېگەن قارىشى تېببىي ۋە پسىخىك ئالىملارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا قاراشلىق بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بامداتتىن كېيىن ئۇخلىماي ئولتۇرۇشنى تاللىشى بۇنىڭ ھەر جەھەتتىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پايدىلىق بولۇشى «ئۇخلىماسلىق ئەۋزەل»، «ئۇخلىسا گۇناھ بولمايدۇ» دېگەن يەكۈنگە زىت كەلمەيدۇ، ئەلبەتتە.

ساغلاملىق جەھەتتىن، بەدەننىڭ ئۇيقۇغا ئېھتىياجى بولغان چاغدا ئۇخلاپ ئارام ئېلىۋېلىشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇخلاشنىڭ مەكرۇھ بولمايدىغانلىقىنى ھەدىستە كەلگەن بۇ كۆرسەتمىمۇ تەكىتلەيدۇ: «رەببىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار، نەپىسىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار، ئەھلىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار. شۇڭا، ھەربىر ھەق ئىگىسىگە ئۆز ھەققىنى بېرىشىڭ كېرەك».(8) بەلكى تېخى بۇ ھەدىسكە كۆرە ئۇيقۇغا ئېھتىياجى بولغان چاغدا ئۇخلاش ئادا قىلىنىشى ۋاجىب بولغان بىر ھەق قاتارىغا كىرىدۇ.

بۇ مەزمۇننى ھەزرىتى ئۆمەر ۋە سۇھەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ چۈشىنىشىگە قارايلى: ئەبۇ يەزىد ئەلمەدىنىي ئېيتىدۇ: بىر ئەتىگىنى ھەزرىتى ئۆمەر سۇھەيبنىڭ قېشىغا باردى. ئۇنىڭ ئەتىگەنلىكى ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئۆمەر ئۇ ئويغانغانغا قەدەر ئولتۇرۇپ تۇردى. سۇھەيب ئويغۇنۇپ:

— مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى يەردە ئولتۇرسا، سۇھەيب ئەتىگەندە ئۇخلىغىنى قانداق بولغىنى؟ —دېۋىدى، ھەزرىتى ئۆمەر:

— سېنى ئارام ئالدۇرىدىغان ئۇيقۇنى تاشلاپ قويۇشۇڭنى ياقتۇرمىغان ئىدىم، —دەپ جاۋاب بەردى.([9])^

ئەسىردىن كېيىن ئۇخلاش مەسىلىسىدىمۇ ھۆكۈم ئوخشاش. بۇ چاغدا ئۇخلاشنى چەكلەيدىغان سەھىھ دەلىل يوق. ئۇيقۇغا ئېھتىياج بولسا ئۇخلىسا بولىدۇ.

ئۇخلاشنىڭ ئۆزىمۇ نىيەت جايىدا بولسا ئىبادەت تۈسىنى ئالىدىغان بولغاچقا، كۆڭۈل يۇقىرىقى ھۆكۈمگە تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ. بۇ ھەقتە سەھىھ ۋە ئېنىق بىر چەكلىمە بولمىغاچقا، ئىلگىرىكى ئىماملىرىمىزمۇ شۇنداق چۈشەنگەن.

مەرۋان مىسىر فەقىھى لەيس ئىبنى سەئد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ رامازاندا ئەسىردىن كېيىن ئۇخلاۋاتقىنىنى كۆرگىنىدە، ئۇنىڭغا:

— ئى ئەبۇلھارىس! ئىبنى لەھىئە ئەقىيلدىن، ئۇ مەكھۇلدىن، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «كىمكى ئەسىردىن كېيىن ئۇخلاپ ئەقلىدىن كېتىپ قالسا، ئۆزىدىن باشقىنى ئەيىبلىمىگەي» دەپ رىۋايەت قىلغان تۇرسا، ئۆزلىرى ئەسىردىن كېيىن ئۇخلاپلىغۇ؟ — دېگىنىدە، ئىمام لەيس ئۇنىڭغا:

— مەن ئىبنى لەھىئە ئەقىيلدىن قىلغان بۇنداق زەئىف رىۋايەتكە ئاساسەن ئۆزۈمگە پايدىلىق بولغان ئىشنى تاشلىمايمەن، دەپ جاۋاب بەرگەن.(10)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1437، 11 – رەجەب / م. 2016، 18 – ئاپرېل

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 17– نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «بۇخارىي»، (4569).
2. «مۇسلىم»، (670).
3. ئىبنۇلقەييىم : «زادۇلمەئاد»، 4/242.
4. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (25441 – 25448، 26677).
5. ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «مەدارىجۇسسالىكىن»، 1/459.
6. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (25449 – 25454).
7. نەفراۋىي: «ئەلفەۋاكىھۇددەۋانىي»، 1/198؛ ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلئادابۇششەرئىييە»، 3/147.
8. «بۇخارىي»، (1968).
9. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (25454).
10. ئىبنى ئەدىي: «ئەلكامىل»، 4/145.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ