«ھېچبىركىمنى ئەمەلى جەننەتكە كىرگۈزمەيدۇ» دېگەن ھەدىسنى قانداق چۈشىنىمىز؟

«ھېچبىركىمنى ئەمەلى جەننەتكە كىرگۈزمەيدۇ» دېگەن ھەدىسنى قانداق چۈشىنىمىز؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئوتتۇرھاللىققا يېقىن بولۇڭلار، بىلىڭلاركى ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەمەلى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ، ئەمەللەرنىڭ ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈكرەكى ئاز بولسىمۇ داۋاملىشىپ تۇرغىنىدۇر.» يۇقىرىقى ھەدىستىكى: «بىلىڭلاركى ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەمەلى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ.» دېگەن جۈملىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز. ئاللاھ تائالا بىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئالدى بىلەن شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، مەزكۇر ھەدىس سەھىھلىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ھەدىسلەردىن بولۇپ، ئۇنى ئىمام بۇخارىي، مۇسلىملەر «سەھىھ»لىرىدە مۇنداق رىۋايەت قىلغان:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— توغرىنى كۆزلەڭلار ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىڭلار. خۇش بېشارەت ئېلىڭلار، چۈنكى ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەمەلى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ، — دېگەندە، ساھابەلەر:

— ئۆزلىرىنىمۇ شۇنداقمۇ ئى رەسۇلۇللاھ! — دېيىشىۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ھەئە، مېنىمۇ شۇنداق، پەقەتلا ئاللاھ مېنى ئۆز مەغپىرىتى بىلەن پەزل – مەرھەمىتىگە ئورىسىلا ئاندىن كىرەلەيمەن، — دېگەن.(1)

بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر ۋاريانتىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «توغرىنى كۆزلەڭلار ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىڭلار، بىلىڭلاركى ھېچقايسىڭلارنى قىلغان ئەمەلى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ. ئەمەللەرنىڭ ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى، ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقىنىدۇر» دېگەن.(2)

يەنە، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم

—سىلەردىن ھېچكىمنى ھەرگىزمۇ ئەمەلى قۇتۇلدۇرمايدۇ، — دېدى. ساھابەلەر:

— ئۆزلىرىنىمۇ شۇنداقمۇ ئى رەسۇلۇللاھ! — دېيىشىۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— مېنىمۇ شۇنداق، لېكىن ئاللاھ مېنى ئۆز پەزل – مەرھەمىتىگە ئورىسىلا كىرەلەيمەن. شۇڭا، توغرىنى كۆزلەڭلار ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىڭلار. ئەتىگەن – ئاخشام ۋە كېچىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرىدىن ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا پايدىلىنىڭلار، ئوتتۇرھال بولۇڭلار، ئوتتۇرھال بولۇڭلار، مەنزىلگە يېتىسىلەر، — دېدى.(3)

بۇ ھەدىسلەر ئىنتايىن سەھىھ ۋە ئون نەچچە ساھابەدىن رىۋايەت قىلىنىپ مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يەتكەن بولسىمۇ، ئۇنى بەزىلەر خاتا چۈشىنىپ قالغان بولغاچقا، تۆۋەندە مەنىسىنى ئىزاھلاپ ئۆتىمىز:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «توغرىنى كۆزلەڭلار» دېگەن سۆزى: بارلىق سۆز، نىيەت ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىڭلاردا خۇددى بىر نىشانغا ئوق ئېتىپ دەل تەگكۈزگەندەك راۋۇرۇس قىلىشقا تىرىشىڭلار! دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ ئوتتۇرھال بولۇش دېگەن مەنىگە يېقىن كېلىدۇ. چۈنكى، تەلەپ قىلىنغان ئىشتىكى ئاشۇرۇۋېتىش ياكى كېمەيتىۋېتىش ئۇنى توغرىلىق دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىدۇ.(4)

بۇ بۇيرۇق ئاللاھ تائالانىڭ بۇ بۇيرۇقىغىمۇ ئۇدۇل كېلىدۇ: ﴿شۇڭا، بۇيرۇلغىنىڭ بويىچە سەن بىلەن ئىمانغا قايتقانلار بىلەن راۋۇرۇس بولغىن. ئاشۇرۇۋەتمەڭلار، چۈنكى ئاللاھ قىلىۋاتقىنىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(11/«ھۇد»: 112)

دېمەك، بۇ بۇيرۇق، ئەقىدە – ئىخلاس، ئىش – ھەرىكەت، شەرىئەتنى ئەينەن يەتكۈزۈش ۋە ئىبادەت – ۋەزىپىلەرنى ئارتۇق ياكى كەم قىلماستىن ئورۇنداش قاتارلىق بارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن قىيىندۇر.(5)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئۇنىڭغا يېقىنلىشىڭلار» دېگەن سۆزى: توغرىنى قىلالمىغان ئەھۋالدا ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىننى قىلىڭلار! دېگەنلىكتۇر. بۇ شەرىئەتتىكى كەڭچىلىكنى، قولايلىقنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، بەندە ئەڭ مۇكەممەلنى قىلالمىغان ئەھۋالدا تاقىتى يېتىشىچە ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان ئىشنى قىلسا شۇ يېتەرلىك. بۇ جانابى ئاللاھنىڭ: ﴿شۇڭا، ئاللاھتىن تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە قورقۇڭلار﴾(64/«تەغابۇن»: 16) دېگەن ئايەتىگە ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئەگەر مەن سىلەرنى بىر نەرسىدىن چەكلىسەم، سىلەر ئۇنىڭدىن نېرى تۇرۇڭلار. ئەگەر سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرۇسام، ئۇنىڭدىن قىلالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار»(6) دېگەن سۆزىگە مەزمۇن جەھەتتىن ئوخشاش.(7)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «خۇش بېشارەت ئېلىڭلار» دېگەن سۆزى: توغرىنى كۆزلەپ توغرىنى قىلساڭلار ياكى بولمىسا، توغرىغا ئەڭ يېقىن بولغاننى قىلساڭلارمۇ، ئاشۇرىۋەتمىگەن، كېمەيتىۋەتمىگەن بولىسىلەر – دە، تاقىتىڭلار يەتمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئەجرىڭلار كېمىيىپ كەتمەيدۇ. نەتىجىدە، ئەمەل ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقان بولسا، كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىق توغرىسىدا خۇش بېشارەت ئالىسىلەر دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ بېشارەتنىڭ پايدىسى دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ بولىدۇ.(8)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «چۈنكى، ھېچكىمنى قىلغان ئەمەلى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: كاتتا ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن بېرىلگەن بېشارەتتىن ئۇ ساۋابنى سىلەر قىلغان تائەت – ئىبادەت ۋە سالىھ ئەمەللەرنىڭ بەدىلى دەپ ئويلاپ قالماڭلار! چۈنكى، ھېچكىمنى قىلغان ئەمەلى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ دېگەنلىك بولۇپ، بۇ بەندە قىلغان ئەمەللىرى بىلەن جەننەتكە كىرىشكە ھەقلىق بولىدۇ، ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈشى لازىم دەيدىغان مۇئتەزىلە تائىپىسىگە رەددىيە بولىدۇ».(9)

بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى رەسۇلۇللاھنىڭ: «چۈنكى، ھېچكىمنى قىلغان ئەمەلى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ» دېگەن سۆزىدىن بەزىلەر خاتا چۈشىنىۋالغاندەك «ياخشى ئەمەلنىڭ پايدىسى يوق» دېگەن مەزمۇن چىقماستىن، بەلكى ئەمەللەر جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدۇ، لېكىن ئەمەللەرنىڭ يالغۇز ئۆزىلا جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ، دېگەن مەزمۇن چىقىدۇ.

دېمەك، بۇ ھەدىستە ئەمەللەرنىڭ جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئىنكار قىلىنماستىن، جەننەتكە كىرىشتە يالغۇز ئەمەللەرگىلا تايانغىلى بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ خۇددى داۋالىنىشنىڭ ئۆزى شىپا تېپىشقا سەۋەب بولسىمۇ، لېكىن داۋالانسىلا چوقۇم شىپا تاپىدىغانلىقىنى كۆرسەتمىگەنگە، دەرسنى تەكرارلاش ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكە سەۋەب بولسىمۇ، لېكىن دەرس تەكرارلىسىلا ئىمتىھاندىن چوقۇم ئۆتۈپ قالمايدىغانلىقىغا ئوخشايدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «خۇددى ئۇرۇق تېرىلىپ يامغۇر چۈشسىلا ئۆسۈملۈك ئۈنۈشكە، جىمادا مەنىي تۆكسىلا پەرزەنت تۆرىلىشكە يېتەرلىك بولمىغىنىدەك، سەۋەبنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالا ئۇنى يارىتىشنى ئىرادە قىلغان بولۇشى، بارلىق شەرتلىرى تېپىلىشى ۋە توسالغۇلارنىڭ يوقىلىشى كېرەك. ئاخىرەت ئىشىمۇ شۇنداق، يالغۇز ئەمەلنىڭ ئۆزى بىلەنلا ئىنسان سائادەتكە ئېرىشىپ قالمايدۇ. بەلكى، ئۇ بىر سەۋەبدۇر. بۇ ۋەجدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەمەلى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ› دېگەن. ساھابەلەر: ‹ئۆزلىرىنىمۇ شۇنداقمۇ ئى رەسۇلۇللاھ!› دېيىشىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: ‹ھەئە، مېنىمۇ شۇنداق، پەقەتلا ئاللاھ مېنى ئۆز مەغپىرىتى بىلەن پەزل – مەرھەمىتىگە ئورىسىلا ئاندىن كىرەلەيمەن› دېگەن».(10)

دېمەك، يۇقىرىدا رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ پەزل – مەرھەمىتىنى جەننەتكە كىرىشكە شەرت قىلغان بولغاچقا، بۇ شەرت بىللە تېپىلسا ئاندىن ئەمەل جەننەتكە ئېلىپ كىرەلەيدۇ.

لېكىن، «قۇرئان»دىكى «ئەمەل بىلەن جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ئايەتلەرنى قانداق چۈشىنىمىز؟ بۇ ئايەتلەر يۇقىرىقى ھەدىسكە زىت كەلمەمدۇ؟

ئالىملىرىمىزنىڭ بايانلىرىنى يىغىپ ئېيتىدىغان بولساق، ﴿قىلغان ئەمەللىرىڭلار بىلەن سىلەرگە مىراس قىلدۇرۇپ بېرىلگەن جەننەت ئەنە شۇدۇر﴾(43/«زۇخرۇف»: 72)، ﴿قىلغان ئەمەللىرىڭلار بىلەن جەننەتكە كىرىڭلار﴾(16/«نەھل»: 32) دېگەندەك بەزى ئايەتلەر بولسا، يۇقىرىقى ھەدىستىكى مەزمۇنغا زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئايەتلەر ئەمەللەرنىڭ ساۋابقا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئەلبەتتە، ئەمەللەرنىڭ جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدىغانلىقىدا شەك يوق. لېكىن، بۇ سەۋەب ئۆزى مۇستەقىل ھالدا نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ. ھەدىستە بايان قىلىنغىنىمۇ دەل مۇشۇ نۇقتا، ئۇ بولسىمۇ، جەننەت ئەمەلنىڭ بەدىلى ئەمەس.

يۇقىرىقى ھەدىسنى ئايەتلەر بىلەن قوشۇپ چۈشىنىشتە «جەبەرىييە» تائىپىسىمۇ ئېزىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ تائىپە ئەمەللەرنىڭ جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئەمەللەرنىڭ جازا – مۇكاپات بىلەن ھېچقانداق چېتىشلىقى يوق دەپ قارىغان. بۇمۇ باتىل قاراش بولۇپ، يۇقىرىقى ئايەتلەر بۇنىڭغا رەددىيە بولىدۇ.

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ مەسىلىنى خاتا چۈشىنىۋالغان مۇئتەزىلە بىلەن جەبەرىييە تائىپىلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىككى تائىپىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ قاراشلىرىنىڭ بىر تەرىپى توغرا، بىر تەرىپى خاتادۇر. جەبەرىييە جەننەت ئەمەلنىڭ بەدىلى ئەمەس دەپ توغرىنى تاپقان بولسىمۇ، ئەمەلنىڭ سەۋەبلىكىنى ئىنكار قىلىشتا خاتا كەتكەن. مۇئتەزىلەلەر بولسا، ئەمەلنىڭ سەۋەبلىكىدە توغرىنى تاپقان بولسىمۇ، جەننەتنى ئەمەلنىڭ بەدىلى دېيىشتە خاتا كەتكەن. جەبەرىييە ئىنكار قىلغان نۇقتىنى، مۇئتەزىلە ئىسپاتلىغان نۇقتا بىلەن جەملەپ، ئۇ ئىككى تائىپىنىڭ خاتا كەتكەن تەرىپىنى رەت قىلغىنىڭدا، ئۇلار يېتەلمىگەن توغرىغا يەتكەن بولىسەن».(11)

ئىمام رازىي ئېيتىدۇ: «ئەمەللەرنىڭ ئۆزى جەننەتكە كىرىشكە ھەقلىق قىلمايدۇ. بەلكى جانابى ئاللاھ پەزل – مەرھەمىتى بىلەن ئەمەللەرنى جەننەتكە كىرىشنىڭ ئالامىتى، بەلگىسى قىلغانلىقى جەھەتتىنلا ئەمەللەر جەننەتكە ئېلىپ كىرىدۇ. شۇنداقلا سالىھ ئەمەللەرنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بەرگۈچى ئاللاھ تائالا بولغاچقا، جەننەتكە كىرىش ئەمەلىيەتتە، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى بىلەنلا بولغان بولىدۇ».(12)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «چۈنكى، ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەمەلى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ» دېمىگەن بولسا، بىز تۈرلۈك نۇقسان ۋە قۇسۇرلار بىلەن تولغان ناماز ۋە روزىدەك ئەمەللىرىمىز بىلەن جەننەتكە كىرىشكە ھەقلىق بولدۇق، دەپ ئويلاپ قالغان بولاتتۇق، رەسۇلۇللاھنىڭ جەننەتكە كىرىشى كەسكىن تۇرۇقلۇقمۇ: «ھەئە، مېنىمۇ شۇنداق، پەقەتلا ئاللاھ مېنى ئۆز مەغپىرىتى بىلەن پەزل – مەرھەمىتىگە ئورىسىلا ئاندىن كىرەلەيمەن» دېگەن سۆزىمۇ ئەمەل بىلەن مەغرۇرلىنىپ كەتمەسلىكنى، ئاللاھنىڭ پەزل – مەرھىمىتىنى پاناھگاھ قىلىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسان ئەمەللەرنى ئاللاھنىڭ تەۋپىقى بىلەن قىلغان، گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى ئاللاھنىڭ ساقلاپ قېلىشى بىلەن تاشلىيالىغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ پەزل -مەرھەمىتىدۇر.(13)

دېمەك، ئەمەللەرنىڭ جەننەتكە ئېلىپ كىرىشى ئۈچۈن، چوقۇم ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتى بولمىسا بولمايدۇ. ئەمەللەرنىڭ جەننەتكە ئېلىپ كىرىشىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدۇر. بەزى ئايەتلەردە بۇنى ئېنىق كۆرسەتكەن. مەسىلەن، ﴿ئىمان ئېيتقان ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئۆز پەزل – مەرھىمىتىدىن مۇكاپاتلىشى ئۈچۈن ﴾(30/«رۇم»: 45). ﴿جەننەت ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلارغا تەييارلانغان. بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر. ئۇنى خاھلىغان كىشىگە ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر ﴾(57«ھەدىيد»: 21)، ﴿ئۇلار ئىلگىرىكى ئۆلۈمدىن باشقا ھېچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ. بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەرھەمىتىدىندۇر ﴾(44/«دۇخان»: 56، 57)، ﴿يۈزى ئاقارغانلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدە (جەننىتىدە) بولىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 107)، ﴿بۇ پەزل ئاللاھتىندۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 70)، ﴿ئۇلارنى ئاللاھ پەزل – مەرھەمىتىگە كىرگۈزىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 70)

بۇ ئايەتلەر ھېچكىمنىڭ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن نېئمەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندىكى «ئەرزىمەس ئەمەلى» بىلەنلا جەننەتكە كىرەلمەيدىغانلىقىنى، پەقەتلا ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بىلەن كىرەلەيدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ جەننەتنى ۋەدە قىلىشىنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەرھەمەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، نەقەدەر كۆپ ۋە ساۋابلىق بولسۇن، ئىنساننىڭ قىسقىغىنە ئۆمرىدە قىلغان ئەمەللىرى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ئاتا قىلىدىغان مەڭگۈلۈك نېئمىتى تۈگۈل، دۇنيادا ئاتا قىلغان بىرەر نېئمىتىگىمۇ باراۋەر كېلەلمەيدۇ.(14)

ئىمام ئىبنى رەجەب ئېيتىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹چۈنكى، ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەمەلى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ› دېگەن سۆزىنىڭ ياكى ‹ھېچكىمنى ھەرگىزمۇ ئەمەلى قۇتۇلدۇرمايدۇ› دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاپ بېرىدىغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن، بىر ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنىڭ ئون ھەسسە، يەتتە يۈز ھەسسە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ھەسسىلىنىشىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى – ئېھسانىدىن بولغانلىقىدىندۇر. ناۋادا يامانلىققا بەرگىنىدەك، بىر ياخشىلىققا بىر ساۋاب ئاتا قىلىدىغان بولسا ئىدى، ياخشىلىقلار يامانلىقلارنى يوقىتىشقا كۈچىيەلمەي، ئەمەلنىڭ ئىگىسى چوقۇم ھالاك بولغان بولاتتى».(15)

شەيخ ئۇسەيمىن ئېيتىدۇ: «ئاللاھ تائالا بىزدىن ھېساب ئالىدىغان بولسا، قىلغان ياخشىلىقلىرىمىز بوينىمىزغا قەرز بولۇپ يۈكلەنگەن بولاتتى، چۈنكى ئۇ ياخشىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنئام قىلغۇچى ئاشۇ زاتتۇر. ئۇ چاغدا بىزنى ئازابلىماقچى بولسا بىزگە زۇلۇم قىلمىغان ھالدا ئازابلىغان بولاتتى. مۇشۇنداق چۈشەنسەك زىتلىق بولمايدۇ».(16)

شەيخ شەئراۋىي ئېيتىدۇ: «ئاللاھ تائالا بەندىگە ئالدىن ئېھسان قىلىپ، ئۇ دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن ھاياتىنى قامدايدىغان شارائىتنى يارىتىپ بەردى. ئاندىن تاكى بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر ھېچنېمىگە بۇيرۇماستىن ئۇنى نېئمەتلىرىدە يايراتتى. ئالدىن ئاتا قىلغان نۇرغۇن نېئمەتلىرىدىن كېيىن ئۇنى ئىبادەتكە بۇيرۇغىنىدا، بەندە بۇنىڭغا ئىلگىرىكى ئېھسانغا قارىتا بويسۇنۇشى لازىم. نەتىجىدە، ئاخىرەتتىكى مۇكاپات ئەمەلنىڭ مۇكاپاتى بولماستىن، بەلكى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە قىلغان ساپ پەزلىدۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، پەرۋەردىگارىڭ بۇيرۇغاننى ئادا قىلغىنىڭدا، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاللىبۇرۇن ساڭا قىلغان ئېھسانىغا قارىتا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان بولىسەن، بۇ چاغدا جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى نېئمەتلەر ئاللاھتىن كەلگەن پەزل ۋە مەرھەمەتتەك بولىدۇ. دېمەك، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا دەسلەپكى قېتىمدىمۇ ساڭا پەزل – مەرھەمەت قىلغان بولسا، ئاخىرەتتىمۇ ساڭا پەزل – مەرھەمەت قىلغان بولىدۇ. تېخى يەنە ئاللاھ تائالانىڭ ساڭا شەرىئەت بەلگىلەپ ئىبادەتكە بۇيرۇغانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ بىر پەزلىدۇر. بىر ياخشىلىقنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئون ۋە نۇرغۇن ھەسسىگە قاتلانغانلىقىغا قارىمامسەن؟ بىز بولساق، بىزگە بەرسۇن – بەرمىسۇن ئۇ زاتنىڭ مۈلكىدۇرمىز».(17)

قارايدىغان بولساق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «چۈنكى، ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەمەلى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ» دېگەن سۆزىدە ئوتتۇرھال بولۇشقا بۇيرۇغان سىياقتا دېگەنلىكى مەلۇم بولۇپ، سۆزىنىڭ بېشىدىكى «توغرىنى كۆزلەڭلار ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىڭلار!» دېگەن سۆزىمۇ ئوتتۇرھال بولۇشنى كۆرسەتسە، «چۈنكى، ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەمەلى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ» دېگەن سۆزىمۇ، ئەمەلگىلا تايىنىپ كېتىپ، ئاللاھ تائالانىڭ مۇكاپاتى شۇ ئەمەلنىڭ بەدىلى دەيدىغان خاتا چۈشەنچىنى تۈزىتىش ئۈچۈن دېيىلگەندۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئەمەللەرنىڭ ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى، ئاز بولسىمۇ ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقىنىدۇر» دېگەن سۆزىمۇ ئۈممىتىنى ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقان ئەمەلگە بۇيرۇشتىن ئىبارەت. بۇمۇ ئەمەلدە ئۆزىنى چارچىتىپ، ئاخىرىدا مالاللىق يەتكەن تەقدىردە، ئەمەلنى داۋاملاشتۇرالماي قالىدىغانلىقى، ئوتتۇرھال بولغاندىلا ئەمەلنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرىدۇ ھەمدە يۇقىرىدىكى ئوتتۇرھاللىققا بۇيرۇغانلىقنى تېخىمۇ تەكىتلەيدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ: «دېمەك، بۇ ھەدىس بەندىنىڭ ئەمەللىرىگىلا تايىنىپ كەتمەي، ئەمەللەرنى بەجا كەلتۈرۈشتە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان نېئمەت – ئېھسانلىرىغا قارىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى، ئەمەللىرىنى كۆپ دەپ مەغرۇرلىنىپ قارىماسلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، بەندىنىڭ ئەمەللىرى ھەرقانچە كۆپ بولسۇن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئۆز پەزلىدىن مەرھەمەت قىلىپ، ئۇنى ئەپۇ قىلمىغان تەقدىردە، ئۇ ئەمەللىرى بىلەن ھېچنېمىگە ھەقلىق بولالمايدۇ. بۇ ھەدىس يەنە بەندىنىڭ ئۆزىنى ئادەتتىكى ياللانما ئىشچىغا ئوخشىتىپ، قانچە كۆپ ئەمەل قىلسام شۇنچە كۆپ ئەجىرنى قولغا كەلتۈرىمەن دەپ تاقىتى يەتمىگەن ئىشقا كىرىشىۋالماسلىقنى، رىياكارلىقتىن ساقلىنىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرھاللىقتىن چەتنەش ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزىدۇ. چۈنكى، توختىماي ئات چاپتۇرغان يولۇچى مۇساپىنىمۇ باسالمايدۇ، ئېتىنىمۇ ساق قويمايدۇ».(18)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئەتىگەن – ئاخشام ۋە كېچىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرىدىن ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ پايدىلىنىڭلار» دېگەن سۆزىمۇ ئىبادەت قىلغۇچىلارنى يولۇچىلارغا ئوخشاتقان. جەننەتكە كېتىۋاتقان يولۇچىنىڭ پۈتۈن ۋاقىتتا يول ماڭماي، ئەڭ مۇناسىپ ۋاقىتلارنى قولدىن بەرمەسلىك، ئارىلىقتا ئارام ئېلىش ئارقىلىق ئىبادەت لەززىتىنى تېتىش، زېرىكىپ قالماسلىق، ئاخىرىدا چارچىماستىن مەنزىلگە يېتىش كېرەكلىكى ئەقەللىي تەلەپتۇر. بۇمۇ ئۆزىگە قاتتىق ئىبادەت ۋەزىپىسى يۈكلىۋالغان بەزى كىشىلەردىكى خاتا چۈشەنچىنى تۈزىتىشتىن ئىبارەت. شۇنداقلا بۇ كېچە – كۈندۈز ئارام ئالماي ھەمدە ئىبادەت ۋە باشقا ئەمەللەرنى ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالماي، ئەتىگەن – ئاخشام ۋە كېچىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىردا ئاز بولسىمۇ، ساز ۋە سۈپەتلىك داۋاملاشتۇرۇشقا قىلىنغان دەۋەتتۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئوتتۇرھال بولۇڭلار، ئوتتۇرھال بولۇڭلار، مەنزىلگە يېتىسىلەر» دېگەن سۆزىمۇ توغرا يولدا مېڭىپ ئىبادەتتە ئوتتۇرھال بولغان بەندىنىڭ چارچىماستىن، قىينالماستىن جەننەت ۋە نىجاتلىققا مۇۋەپپەق بولىدىغانلىقىنى، بەك قاتتىق ئىبادەت قىلىش يولىنى تۇتقانلارنىڭ يېرىم يولدا قېلىپ نىشانغا يېتەلمەي قېلىش خەۋپى بارلىقىنى تەكىتلەشتۇر.

خۇلاسە شۇكى، ھېچكىمنى قىلغان ئەمەلى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىس سەھىھ ۋە مۇتەۋاتىر بولۇپ، بۇ ھەدىستە ئەمەل جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بېلىتى ئەمەسلىكى، جەننەتكە پەقەتلا ئاللاھ تائالانىڭ پەزل – مەرھەمىتى بىلەن كىرگىلى بولىدىغانلىقى، بۇ ۋەجدىن كۆپ قىلىشقىلا تايىنىۋالماي، ئاز بولسىمۇ سۈپەتلىك نەفلە ئەمەللەرنى ئىخلاس ۋە چىن كۆڭۈلدىن داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى، جۈملىدىن، ھەر ئىشتا ئوتتۇرھال بولۇش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

ئەمەل بىلەن جەننەتكە كىرىش توغرىسىدىكى ئايەتلەر بولسا، ئەمەللەرنىڭ جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كەلگەن. شۇڭا، بۇ ئايەتلەر مەزكۇر ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. بۇ جەھەتتىن ئايەتلەرمۇ، ھەدىسلەرمۇ ئەمەللەرنىڭ جەننەتكە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جانابى ئاللاھنىڭ پەزل – مەرھەمىتى بولمىسا، ئەمەللەر بىلەنلا جەننەتكە كىرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، جانابى ئاللاھنىڭ ئۆز پەزلى، مەرھەمىتىنى خاھلىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 29 – سەپەر/ م. 2016، 29 – نويابىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 11 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6467)؛ «مۇسلىم»، (2818).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6464)؛ «مۇسلىم»، (783).
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6463)؛ «مۇسلىم»، (2816).
4. ھافىز ئىبنى رەجەب: «جامىئۇل ئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 1/205؛ ئىبنۇلئەسىر: «ئەننىھايە في غەرىبىلھەدىس»، 2/352.
5. بەيزاۋىي: ««تەفسىرۇ بەيزاۋىي»، 3/266.
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (7288)؛ «مۇسلىم»، (1337).
7. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 17/162؛ ئىبنۇلجەۋزىي: «غەرىبۇلھەدىس»، 2/228.
8. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، ، 1/95؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 1/239.
9. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 17/160؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 21/227؛ ھافىز ئىراقىي: («تارھۇتتەسرىب»، 8/228؛
10. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 8/70.
11. ئىبنۇلقەييىم: «مىفتاھۇ دارىسسائادە»، 2/92.
12. فەخرۇررازىي: «ئەتتەفسىرۇل كەبىر»، 14/68.
13. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 11/297.
14. ئىبنۇلجەۋزىي: «كەشفۇل مۇشكىل»، 3/110؛ سىددىق ھەسەنخان ئەلقىننەۋجىي: « فەتھۇلبەيان فى مەقاسىدىل قۇرئان»، 2/308؛ مۇسا شاھىن لاشىن: «فەتھۇلمۇنئىم»، 10/429.
15. ئىبنى رەجەب: «مەجمۇئۇرەسائىل»، 4/399.
16. شەيخ ئۇسەيمىن: «شرح العقيدة السفارينية»، 1/345.
17. شەيخ شەئراۋىي: «تەفسىرۇ شەئراۋىي»، 19/1138.
18. ئىبنى تەيمىييە: «جامىئۇرراسائىل»، 1/151.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ