فىقھىي مەزھەبلەرنىڭ ئىماملىرى – ئىمام شافىئىي-

فىقھىي مەزھەبلەرنىڭ ئىماملىرى – ئىمام شافىئىي

(ھ. 150 – 204/م. 767 – 820)

ھاياتى

[190] ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى ئون يىلىدا ھەرەم بەيتۇللاھقا بارغان ئادەم ئۇلۇغ كەئبەنى تاۋاپ قىلغىنىدا سىنچىلاپ قارايدىغان بولسا، سەل ئېگىز، بۇغداي ئۆڭ بىر ياشنىڭ ئۇنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇۋاتقان ياش تالىبلارغا ئۇلار فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەردىنمۇ ئاڭلاپ باقمىغان شەرئىي ھەقىقەتلەرنى بايان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. مەيلى ئىراقتەك فىقھ ھۆكۈم سۈرگەن بىر رايوندىن كەلگەن تالىبلار بولسۇن ياكى مەدىنەدەك مۇھەددىسلەر رايونىدىن كەلگەن تالىبلار بولسۇن ھەممىسى ھەيرەتتە ئىدى. ھەج قىلغاچ ھەدىس تەلەپ قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىمام ئەھمەد ئۇنى كۆرۈپ، يېنىدىكى ھەمراھى ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ (ھ. 161 – 238/م. 778 – 853) گە:

— مەن شۇنداق بىر ئادەمگە قۇلاق سالدىمكى، ئۆمرۈمدە ئۇنىڭ ئەقلىدىنمۇ كامىلراق بىر ئەقىلنى كۆرۈپ باقمىدىم، — دېدى ۋە ھەمراھىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ باردى. ھەمراھى ئۇنىڭغا:

— ئىبنى ئۇيەينە ۋە ئۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ ھەدىسىنى تاشلاپ مۇشۇ ياشقا قۇلاق سالغىلى كەلدۇقمۇ، — دېۋىدى، ئىمام ئەھمەد:

— ئەگەر بۇ ياشنىڭ ئەقلى (دىن پايدىلىنىش) نى قولدىن بېرىپ قويساڭ، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى تاپالمايسەن، ئەگەر ئالىي ئىسناد(1)لىق ھەدىسنى قولدىن بېرىپ قويساڭ، تۆۋەن ئىسنادلىق ھەدىسنى تاپالايسەن، — دېدى.

ئەنە شۇ ياش يىگىت بولسا ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلىمىنىڭ پەردىسىنى ئېچىپ، ئۇنى تۇنجى قېتىم قەلەمگە ئالغان ۋە ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرغان ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس شافىئىي قۇرەشىيدۇر.

تۇغۇلۇشى ۋە نەسەبى

[191] رىۋايەتلەر شافىئىينىڭ ھ. 152 – يىلى غەززەدە تۇغۇلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۇ ئىراق فۇقەھائلىرىنىڭ شەيخى ۋە قىياس ئىمامى ئەبۇ ھەنىفە ۋاپات بولغان يىلى تۇغۇلغان. بەزى يازغۇچىلار خىيالنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ، «يەر يۈزىنىڭ فىقھ ئىماملىرىدىن خالىي قالماسلىقى ئۈچۈن، بىر ئىمام تۇغۇلۇپ، بىر ئىمام ۋاپات تاپتى» دېيىلىش مەقسىتىدە، ئىمام شافىئىينى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋاپات تاپقان كېچىسى تۇغۇلغان، دېگەن. ھالبۇكى بۇ دەۋانىڭ ئارتۇقچە بىر پايدىسى يوقتۇر.

يەنە شۇنىسى بىردەك مۇئەييەنكى، ئىمام شافىئىينىڭ دادىسى نەسەب جەھەتتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بوۋىسى ھاشىمنىڭ قېرىندىشى بولغان مۇتتەلىب ئوغۇللىرىغا تۇتۇشىدۇ. كۆپ تارىخچىلار ئۇنىڭ نەسەب شەجەرىسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ بولسا مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئىبنى ئابباس ئىبنى ئوسمان ئىبنى شاﻓﯩﺌ ئىبنى سائىب ئىبنى ئۇبەيد ئىبنى ئابدۇيەزىد ئىبنى ھاشىم ئىبنى مۇتتەلىب ئىبنى ئابدۇمەنافتۇر». مۇشۇ مۇتتەلىب ئابدۇمانافنىڭ تۆت بالىسىنىڭ بىرىدۇر. ئۇلار: مۇتتەلىب، ھاشىم، ئۇمەۋىيلەرنىڭ بوۋىسى ئابدۇشەمس، جۇبەير ئىبنى مۇتئىمنىڭ بوۋىسى نەۋفەل قاتارلىقلار.

مۇتتەلىب بولسا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بوۋىسى ئابدۇلمۇتتەلىبنى باققان كىشىدۇر. مۇتتەلىب ئوغۇللىرى ھاشىم ئوغۇللىرىنىڭ ياردەمچىلىرى ئىدى. چۈنكى، ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككەدە دەۋەت قىلىۋاتقان چاغدا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇنى قوغداشتا چىڭ تۇرغان. مۇتتەلىب ئوغۇللىرى ھاشىمىيلار بىلەن بىر سەپتە ئىدى. ئۇلار (قۇرەيش رەسۇلۇللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئىمبارگو يۈرگۈزگەندە ھاشىمىيلار بىلەن بىرلىكتە) جىلغىدا بىرگە ياشىغان ۋە ھاشىمىيلارغا يۈرگۈزۈلگەن جازالارنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ تەڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە رازى بولغان. ھالبۇكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دادا تەرەپ تاغىسى ئەبۇ لەھەب ئىمبارگو قىلىشتا قۇرەيش سېپىگە قېتىلغان ئىدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم غەنىيمەت ئۈلۈشلىرىدە مۇتتەلىب ئوغۇللىرىغا ھاشىم ئوغۇللىرىغا ئوخشاش باراۋەر ھەقلەرنى بېكىتكەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاشىمىيلارغا بەرگەندەك مۇتتەلىب ئوغۇللىرىغىمۇ ئوخشاش ئۈلۈشلەرنى بەرگەندە، ئۇمەييە ئوغۇللىرى ۋە نەۋفەل ئوغۇللىرى ئۆزلىرىگىمۇ ئوخشاش بېرىشنى تەلەپ قىلغان. جۇبەير ئىبنى مۇتئىم ئېيتقانكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاشىم ئوغۇللىرىغا ۋە مۇتتەلىب ئوغۇللىرىغا خەيبەر غەنىيمەتلىرىدىن پەيغەمبەرنىڭ خىش ـ ئەقرىبالىرىنىڭ ئۈلۈشلىرىنى بېرىۋاتقاندا، مەن ۋە ئوسمان ئىبنى ئەففان ئىككىمىز كېلىپ، مەن:

— ئى رەسۇلۇللاھ! بۇلار ھاشىم ئوغۇللىرىدىن ئىبارەت قېرىنداشلىرىڭدۇر، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا سىلىنى ئۇلاردىن قىلدى. لېكىن، سىلى مۇتتەلىب ئوغۇللىرىغا بەردىلە، بىزنى قالدۇرۇپ قويدىلا، ھالبۇكى بىز ۋە ئۇلار بىر دەرىجىدىمىز، — دېۋېدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— شۈبھىسىزكى، ئۇلار جاھىلىيەتتىمۇ ۋە ئىسلامدىمۇ بىزدىن ئايرىلمىدى، بەلكى ھاشىم ئوغۇللىرى بىلەن مۇتتەلىب ئوغۇللىرى ئىككىسى بىر نەرسىدۇر، — دېدى، ئاندىن ئىككى قولىنى بىر – بىرىگە گىرەلەشتۈردى».

ئىمام شافىئىينىڭ ئانىسى ئەزد قەبىلىسىگە تەۋە يەمەنلىكتۇر، قۇرەيشلىك ئەمەس. ئۇنىڭ ياراملىق ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئانىسىنىڭ زور تۆھپىسى بولغان ئىدى.

 

ئۆسۈپ يېتىلىشى

[192] ئىمام شافىئىي ئېسىل نەسەبلىك بىر ئاتىدىن دۇنياغا كەلگەن، لېكىن ئاتىسى ئۇ بۆشۈكتىكى چاغدا ئۆلۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يوقسۇز ھالدا ئۆسكەن. ئانا بالىسىنىڭ (پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇق – تۇغقىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن بەيتۇلمالدىن مائاش ئېلىپ) يوقسۇزلۇقنى تۈگىتەلەيدىغان ھەقلەرگە ئىگە نەسەبىنىڭ نابۇت بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ۋە بالىنىڭ قۇرەيشلىكلەردىن يىراق يەردە بولۇشىنى خاھلىمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئانىسى ئوغلىنى مەككەدە تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن. باغدادىي «تارىخۇ باغداد» ناملىق كىتابىدا ئىمام شافىئىيغا تۇتاشقان بىر سەنەد بىلەن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «يەمەندە تۇغۇلدۇم، ئانام مېنىڭ نابۇت بولۇپ كېتىشىمدىن ئەنسىرەپ: ‹ئۆز جەمەتىڭنىڭ قاتارىغا قوشۇلغىن، سەنمۇ ئۇلاردەك بولىسەن، مەن سېنىڭ نەسەبىڭنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن› دېدى ۋە مېنى مەككەگە جابدۇتتى. شۇنىڭ بىلەن مەككەگە كەلدىم. مەن شۇ چاغدا ئون ياكى شۇنىڭغا يېقىن ياشتا ئىدىم. نەتىجىدە ئېسىل نەسەبلىك بىرىگە ئايلاندىم ۋە ئىلىم ئوقۇشنى باشلىدىم»(2).

بۇنىڭغا بىنائەن دەيمىزكى، ئىمام شافىئىي دەسلەپكى ئۆسمۈرلۈكىدە يۇقىرى نەسەبلىك بولسىمۇ، يېتىم ۋە كەمبەغەللەرچە تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئەگەر بالىدا يولدىن چىقىش ياكى بالىنىڭ تەربىيەسىدە خاتالىق بولمىسىلا، يۇقىرى نەسەبلىك تۇرۇپ جاپالىق ھايات كەچۈرۈش بالىنى كىچىكىدىنلا نەسەبىنىڭ تەقەززاسى بىلەن يۈكسەك چوققىلارغا ئىنتىلىدىغان قىلىدۇ، ھالبۇكى شافىئىيدا مەزكۇر ئىككى سەلبىي ئىشنىڭ ھېچبىرى يوق ئىدى. بەلكى تەربىيەنىڭ ئۆزى ئۇنى ئۆزلۈكىدىن ئۈستۈنلۈك ۋە يۈكسەكلىككە ئىنتىلدۈرگەن ئىدى. شۈبھىسىزكى، مۇشۇنداق نەسەبى ئۈستۈن تۇرۇپ كەمبەغەل بولغان ئادەم كىشىلەرگە يېقىن تۇرىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىنى ھېس قىلالايدۇ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا قېتىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىچ سىرلىرى بىلەن تونۇشالايدۇ ۋە جەمئىيەتنىڭ تۇيغۇلىرىنى تۇيالايدۇ.

شەكسىزكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ روھىنى ئىجتىمائىي جەھەتتىن تەربىيىلەپ ئۇنى باشقىلار بىلەن ئۈلپەتلىشەلەيدىغان ۋە كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى چۈشىنەلەيدىغان قىلغان ئىدى. جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش قىلىدىغان ۋە جەمئىيەت بىلەن ئالاقە قىلىدىغان ھەربىر كىشى ئۈچۈن بۇنىسى زۆرۈر ئىشتۇر. شەرىئەتنى تەفسىرلەش، شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرىنى چىقىرىش، شەرىئەتنىڭ ئۆلچەم – مىزانلىرىنى تېپىپ چىقىش تەتقىقاتچىدىن ئەنە شۇ ئىشلارنى تەلەپ قىلىدۇ.

[193] شافىئىينىڭ روھىدا يۈكسەكلىك ئىستېداتى بار ئىدى. ئانىسى ئۇنى شۇ يۈكسەكلىكنى ئىزدەشكە ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن سەۋەب قوللىنىشقا يۈزلەندۈرۈپ، ئۇنى غەززەدىن مەككەگە ئەۋەتكەن، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ كەينىدىن بارغان.

ئىمام شافىئىي غەززەدە ئانىسىنىڭ قوينىدىكى چاغدىلا ئىلىم تەلەپ قىلىشنى باشلاپ، «قۇرئان كەرىم» يادلىدى. مەككەگە بارغاندىن كېيىن، مەككەدىكى ھەدىس شەيخلىرىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنى ئۆگىنىشكە يۈزلەندى. ئۇ ھەدىس يادلاش ۋە يېزىشقا ئامراق ئىدى، ھەدىسلەرنى تاپالىغانلىكى نەرسىلەرگە يېزىۋالاتتى، بەزىدە ساپالغا، بەزىدە تېرىگە يازاتتى. ئۇ ھۆكۈم دىۋانىغا بېرىپ، ئىشلىتىلىپ بولغان قەغەز پارچىلىرىنى ئۆزىگە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، خەت يېزىلمىغان بوش يەرلىرىگە خەت يازاتتى.

كىچىك تۇرۇپلا ئىلىم تەھسىل قىلىشقا قەدەم باسقان شافىئىي شەھەر – شەھەرلەردە ئەرەبلەرنىڭ ئەجەملەر بىلەن ئارىلىشىشى سەۋەبىدىن ئەرەب تىلىغا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىغان ئەجەم تىلى ۋە ئەجەم تىلى يۇقۇمىدىن ئۇزاق تۇرۇش ئۈچۈن، ئەرەب تىلىنى پاساھەتلىك سۆزلەشكە ئەھمىيەت بەردى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ سەھراغا چىقتى ۋە ھۇزەيل قەبىلىسىدە ياشىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن مەككەدىن چىقىپ، سەھرادىكى ھۇزەيل قەبىلىسىدە ياشىدىم، ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئۆگەندىم ۋە ئۇلارنىڭ تەبىئىتىنى قوبۇل قىلدىم، ھالبۇكى ئۇ قەبىلە ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ پاساھەتلىك سۆزلەيدىغان قەبىلىسى ئىدى. ئۇلار نەگە بارسا، مەنمۇ بىللە باردىم ۋە نەگە چۈشسە مەنمۇ بىللە چۈشتۈم. مەككەگە قايتقىنىمدا، ئەدەبىيات ۋە ھېكايىلەرنى يادلاپ بولغان ئىدىم»(3).

شافىئىي سەھرا ھېكايىلىرىنى ۋە سەھرا شېئىرلىرىنى يادلىدى، بولۇپمۇ ھۇزەيل شېئىرلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ جەھەتتە پەللىگە يەتتى. ھەتتا جاھىلىيەت ئەدەبىياتى ۋە دەسلەپكى ئىسلام ئەدەبىياتى مىراسلىرىنىڭ راۋىيسى ئەسمەئىي: «مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئىسىملىك قۇرەيشلىك بىر ياشتا ھۇزەيل شېئىرلىرىنى تۈزىتىۋالدىم» دېگەن(4).

سەھرادا ئىمام شافىئىي ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىش ۋە پاساھەتلىك سۆزلەش بىلەن بىرگە، سەھرادىكى خەيرلىك ئىشلارنى ئۆگەندى. ئۇ ھەقىقەتەن ئوق ئېتىشنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق قىزىقتى. ئاخىرىدا ئۇ ماھىر ئوقياچى بولۇپ، ئون تال ئوق ئاتسا، ھەممىسىنى دەل جايىغا تەگكۈزىدىغان بولدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ بەزى شاگىرتلىرىغا: «مەن ئىككى نەرسىگە ھىممەت قىلدىم، ئوقياچىلىق ۋە ئىلىمگە. ئوقياچىلىقتا ئون تال ئوق ئاتسام، ھەممىسى دەل جايىغا تەگكۈدەك ھالغا كەلدىم» دېگەن، ئاندىن ئىلىم توغرىسىدا گەپ قىلماي سۈكۈت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، سورۇندىكى كىشىلەرنىڭ بىرى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلى ئىلىمدە ئوقياچىلىقتىكىدىنمۇ بەكرەك ماھىر» دېگەن(5). بۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، شافىئىي ئۆز دەۋرىدە ئەڭ ئۈستۈن سەۋىيەدە تەربىيەلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن بارلىقى بىلەن ئىلىمگە يۈزلىنىپ، مەككەدىكى فۇقەھائ‍ ۋە مۇھەددىسلەردىن فىقھ ۋە ھەدىس تەلەپ قىلغان. ئاخىرىدا، مەككە ياشلىرى ئارىسىدا بارماق بىلەن سانالغۇدەك كىشىلەردىن بولغان. سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە ۋە مۇسلىم ئىبنى خالىد زەنجىيلەردەك ئالىملارنىڭ ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشكەن.

مالىكنىڭ پەرۋىشى ئاستىدا

[194] بۇ ياش يىگىت 20 ياشقا يېتىپلا، پەتۋا بېرىش ۋە ھەدىس سۆزلەش مەرتىۋىسىگە يەتتى. لېكىن، ئۇنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىشتىكى ھىممىتى مەككە سېپىللىرىدىن ھالقىپ ئۇنىڭ سىرتىغا تەلپۈنگەن ئىدى. چۈنكى، ئىلىمنىڭ چېكى ۋە رايونى يوق ئىدى. ئۇنىڭغا مەدىنە ئىمامى مالىك ئىبنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەۋىرى يەتكەن ئىدى. ئەنە شۇ ئۇلۇغ ئىمامنىڭ ئىسمى تارقىلىپ، كارۋانلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ھەر ياققا توشۇغان ئىدى. شۇڭا، شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۇنىڭدىن ئىلىم ئېلىش ھىممىتى قوزغىلىشى ۋە مەدىنەگە بېرىشى چوقۇم ئىدى.

لېكىن، ئۇ ئىلمىدىن تازا بىخەبەر ئىمام مالىكنىڭ قېشىغا دەرھاللا بارمىدى. ئىمام مالىكنىڭ مەشھۇر بولۇپ نامى تارالغان بىر كىتابى بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ مۇۋەتتا كىتابىدۇر. ئىمام شافىئىي مەككەدە بىر ئادەمدىن ئۇ كىتابنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئوقۇدى. كىتابنى ئوقۇپ مالىكنىڭ قېشىغا بېرىش ئىستىكى تېخىمۇ كۈچەيدى. چۈنكى، ئۇ مالىكنىڭ ھەدىس جەھەتتىكى يۇقىرى دەرىجىسى بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ فىقھىسىنى ئۇشبۇ كىتابتىن تونۇپ يېتەلىگەن ئىدى.

ئۇ سەپەرگە بەل باغلىغىنىدا، ئىمام مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئاسان كۆرۈشەلىشى ئۈچۈن مەككە ۋالىيسىدىن مەدىنە ۋالىيسىغا بىر مەكتۇب ئېلىۋالدى.

ياقۇت ئەلھەمەۋىي «مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ (معجم الأدباء)» كىتابىدا مەكتۇب ۋە كۆرۈشۈش قىسسەسىنى زىكىر قىلىپ شافىئىينىڭ مۇنۇ گېپىنى ھېكايە قىلىدۇ:

«مەككە ۋالىيسىنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۇنىڭدىن مەدىنە ۋالىيسىغا بىر مەكتۇب ئېلىۋالدىم. مەدىنەگە كېلىپ، ۋالىيغا مەكتۇبنى يەتكۈزدۈم. ئۇ مەكتۇبنى ئوقۇپ مۇنداق دېدى:

— مەدىنەدىن مەككەگە يالاڭ ئاياغ پىيادە بېرىشىم ماڭا مالىك ئىبنى ئەنەسنىڭ ئىشىك ئالدىغا بېرىشتىن كۆپ ئاسان تۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىدا تۇرغانغا قەدەر، ھېچبىر خارلىق كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن:

— ئاللاھ ئەمىرنى ئامان قىلغاي! ئەگەر ئەمىر توغرا كۆرسە، ئۇنى كېلىشكە چاقىرسا بولىدۇ، — دېۋىدىم، ئۇ:

— ھەيھات! لېكىنزە ئاتايىن ئۇلاغقا مىنىپ بېرىپ، ئەقىقنىڭ(6) توپىسىغا مىلەنگەنگە تۇشلۇق مالىكتىن ئازراق ئىستەكلىرىمىزگە ئېرىشەلىسەك كاشكى، — دېدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ دېگەندەك ئىش بولدى، ئەقىقنىڭ توپىسىغا مىلەندۇق. (يول يۈرۈپ مالىكنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن) بىر كىشى بېرىپ ئىشىكنى چەكتى، ئالدىمىزغا بىر قارا دېدەك چىقتى. ئەمىر:

— غوجىڭىزغا مېنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئىكەنلىكىمنى ئېيتىڭ، — دېدى. دېدەك كىرىپ كېتىپ ئۇزۇندا چىقتى، ئاندىن مۇنداق دېدى:

— غوجام سىلىگە سالام ئېيتتى ۋە سىلىگە ئەگەر سورايدىغان مەسىلىسى بولسا مەسىلىنى بىر قەغەزگە يازسا جاۋاب چىقىدۇ، ئەگەر ھەدىس ئاڭلايدىغان بولسا قايتىپ دەرس كۈنى كەلسۇن، دېدى. ئەمىر دېدەككە:

— مەندە مەككە ۋالىيسىنىڭ بىر مۇھىم ئىش توغرىسىدا ئۇنىڭغا يازغان بىر مەكتۇبى بار، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن دېدەك كىرىپ بىر ئورۇندۇقنى كۆتۈرۈپ چىقتى ۋە ئۇنى يەرگە قويدى. ئاندىن ناگاھان ئىمام مالىك ناھايىتى ھەيۋەت بىلەن چىقىپ كەلدى. قارىسام، ئۇ ئېگىز، يوغان ساقاللىق بىر شەيخ ئىكەن. ئاندىن ئۇ ئولتۇردى. ۋالىي ئۇنىڭغا مەكتۇبنى بەردى، ئۇ مەكتۇبنى ئوقۇپ، مەكتۇبتىكى: ‹بۇ مەن ئۈچۈن مۇھىم بىر ئادەم، ئۇنىڭغا ھەدىس ئۆگىتىپ قويارلا ۋە مۇنداق – مۇنداق قىلىپ بېرەرلا› دېگەن يەرگە كەلگەندە، مەكتۇبنى قولىدىن ئاتتى. ئاندىن: ‹سۇبھانەللاھ! ئەجەبا، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىلمى مۇشۇنداق خەتلەر بىلەن ئېلىنىدىغان بولۇپ قالدىمۇ؟› دېدى. ۋالىينىڭ ئۇنىڭغا گەپ قىلىشتىن ھېيىقىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

— ئاللاھ سىلىنى سالىھلەردىن قىلغاي! مەن مۇتتەلىب جەمەتلىك بىر كىشىمەن، — دېدىم ۋە ئۇنىڭغا ھالىمنى ۋە مەسىلەمنى ئېيتتىم. ئۇ مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ، ماڭا قارىدى. مالىك پاراسەتلىك زات ئىدى. ئاندىن ئۇ:

— ئىسمىڭ نېمە؟ — دەپ سورىغانىدى،

— مۇھەممەد، — دېدىم. ئۇ:

— ئەي مۇھەممەد! ئاللاھقا تەقۋادار بول، مەئسىيەتلەردىن يىراق تۇر، پات يېقىندا چوقۇم سەن شانلىق بىر ئادەم بولىسەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنىڭ قەلبىڭگە بىر نۇرنى تاشلاپتۇ. ئۇنى مەئسىيەت بىلەن ئۆچۈرۈپ قويما. ئەتە ئوقۇيدىغىنىڭنى ئېلىپ كەلسەڭ بولىدۇ، — دېدى»(7).

[195] بۇ دەۋردە ۋە ئۇنىڭغا يېقىن دەۋرلەردە ھەدىس رىۋايەت قىلىش ئادىتىدە ھەدىس ئۆگەنگۈچى ھەدىس كىتابىنى شۇنى رىۋايەت قىلغان ۋە ئۇنى توپلىغان كىشىدىن ياكى توپلىغان ۋە رىۋايەت قىلغان ئادەمگە ئۇنى تىڭشاتقان كىشىدىن ئۆگىنەتتى. شۇڭا، شافىئىي ئىككىنچى كۈنى ئىمام مالىكقا تىڭشىتىش ئۈچۈن، مۇۋەتتانى ئېلىپ كەلدى. ئۇ مۇۋەتتانى ئوقۇشنى باشلىۋىدى، مالىك ئۇنىڭ راۋان ئوقۇشلىرىدىن ھەيران قالدى. شافىئىي ھەرقاچان داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇۋېرىشتىن ھېيىقىپ قالسا، ئىمام مالىك: «يىگىت! يەنە ئوقۇ» دەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، شافىئىي ئاز كۈندىلا مۇۋەتتانى مالىكقا تىڭشىتىپ تاماملىدى.

ئىمام شافىئىي ھىجاز فۇقەھائلىرىنىڭ شەيخى مالىكنى لازىم تۇتۇپ، ئۇنىڭ پەرۋىشىدە ياشىدى. ئۇ مۇشۇ لازىم تۇتۇش بىلەن بىرگە، بەزىدە چۆل – سەھرالارغا سەپەر قىلىپ، ئەرەب قەبىلىلىرىنى تەتقىق قىلاتتى ۋە مەلۇم ۋاقىت ئۇلار بىلەن ھايات كەچۈرەتتى. يەنە بەزىدە ئانىسىنى يوقلاش ۋە ئانىسىنىڭ نەسىھەتلىرىدىن ئوزۇق ئېلىش ئۈچۈن، مەككەگە باراتتى. ئۇنىڭ ئانىسى بولسا ئېسىل ۋە ئۆتكۈر، يىراقنى كۆرەر ئايال ئىدى. شۇلارغا بىنائەن، بىز شافىئىينىڭ ئۇستازىنى تولۇق لازىم تۇتمىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز.

ئۇنىڭ دۆلەتتە ئەمەل تۇتۇشى

[196] ئىمام شافىئىي پېقىر ياشاپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭغا بەيتۇلمالدىن مائاش تۇرغۇزۇلدى. بۇ مائاش مۇتتەلىب ئوغۇللىرىغا خاس بولغان مائاش ئىدى. ئىمام مالىك ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆز كۈچى بىلەن تىرىكچىلىك قىلغۇدەك بىر ئىشنى خاھلىدى. ئۇ مالىكقا توققۇز يىلچە ھەمراھ بولغاندىن كېيىن مەككەگە قايتتى. ئۇ مەككەگە كېلىشىگە، يەمەن ۋالىيسى ھىجازغا كېلىپ قالدى. (ئۇنىڭ ھەققىدە) بەزى قۇرەيشلىك كىشىلەر ۋالىيغا گەپ قىلغاندىن كېيىن، ۋالىي ئۇنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتتى. بۇ توغرۇلۇق شافىئىي ئېيتىدۇ: «ئانامنىڭ سەپەرلىك ئۈچۈن ماڭا بەرگۈدەك بىرنەرسىسى يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن قورۇنى گۆرۈگە قويدى. مەن ئاشۇنىڭ بىلەن سەپەرلىك ھازىرلىدىم. بىز يەمەنگە كەلگەندىن كېيىن، ۋالىي مېنى ئەمەلدار قىلدى»(8).

شافىئىي نەجران دېگەن يەردە ئەمەل تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئەمەل تۇتۇش قابىلىيىتىنى نامايەن قىلدى. نەجراندا ئادالەتنى بەرپا قىلىپ، ئادالەت بايرىقىنى كۆتۈردى. ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكىدەك نەجراندىكى كىشىلەر ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن ۋالىيلارغا ۋە قازىلارغا خۇشامەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرەتتى. لېكىن، ئۇلار شافىئىيدا ئادالەتنى كۆردى، ئەمدى ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى. ئۇ ئۆزى بۇ ئىشنى تەسۋىرلەپ ئېيتىدۇ: «نەجرانغا ۋالىي بولدۇم، ئۇ يەردە ھارىس ئىبنى ئابدۇلمەدان جەمەتى ۋە سەقىف قەبىلىسىنىڭ مەۋالىيلىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ قېشىغا ۋالىي كەلسە، ئۇلار ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلاتتى. ئۇلار ماڭىمۇ شۇنداق قىلماقچى بولىۋېدى، مەن ئۇلارنىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىقتىم»(9).

دېمەك، ئىمام شافىئىي كۆڭلىنى ھېچكىمنىڭ خۇشامەت بىلەن ئىگىلىۋالماسلىقى ئۈچۈن خۇشامەت ۋە ياغلىمىچىلىقنىڭ ئىشىكىنى تاقىدى. بۇزغۇنچىلار ئاشۇ ئىشىك بىلەن ۋالىيلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئىگىلىۋالاتتى. دېمەك، شافىئىي بۇ ئىشىكنى تاقىغان بولسا، ئۆزىنى پۈتۈن پاساتچىلىق، يامانلىق ۋە زۇلۇمدىن ساقلىغان بولىدۇ. ئەنە شۇ ئادالەتتۇر. لېكىن، ئادالەت دائىما قىيىن بىر داۋاندۇركى، ئەمەلدارلار ئىچىدىكى ئىرادىلىكلەردىن باشقىسى ئۇنىڭدىن ئاشالمايدۇ. ئاشالىغانلار زاماننىڭ قاتتىقچىلىقلىرىغا ۋە بۇزغۇنچى بۇزۇقلارنىڭ سۇيىقەستلىرىگە ئۇچرايدۇ.

ئۇنىڭ ئازار – كۈلپەتكە ئۇچرىشى

[197] شۇنىڭ ئۈچۈن، شافىئىينىڭ شۇ ئادىللىقى سەۋەبىدىن قاتتىق ئەزىيەتكە دۇچار بولۇشى ھەيران قالارلىق ئەمەس ئىدى. نەجرانغا بىر زالىم ۋالىي چۈشكەن ئىدى. شافىئىي ئۇنى زۇلۇمدىن توسۇپ، ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى كىشىلەرگە ئۇنىڭ ناھەقچىلىكلىرىنىڭ يېتىشىگە توسالغۇ بولغان ئىدى. ئىمام شافىئىي ئۇنى ئالىملار ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان ئۆتكۈر بىر قىلىچ بىلەن ئەدەپلىگەن بولسا كېرەك. ئۇ قىلىچ بولسىمۇ تەنقىدتۇر. نەتىجىدە ۋالىي چېقىمچىلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئورا كولاشقا باشلىغان. ھەركىم ئۆزىنىڭ تەبىئىتىگە يارىشا ئىش قىلۇر.

ئابباسىيلار دائىما ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئەلەۋىيلەردىن ئەنسىرەيتتى. چۈنكى، ئەلەۋىيلەرمۇ ئۇلار قانداق نەسەب بىلەن پەخىرلەنسە، ئۇلارمۇ شۇ نەسەب بىلەن پەخىرلىنەتتى. ھالبۇكى ئەلەۋىيلەرنىڭ رەسۇلۇللاھقا تۇتاشقان نەسەبى بار بولۇپ، بۇ ئارتۇقچىلىق ئابباسىيلاردا يوق ئىدى ۋە يەنە ئۇلارغا قارشى چىققانلارنىڭ ھەممىسى ئەلەۋىيلەردىن ئىدى. شۇڭا، ئۇلار دائىم ئەلەۋىيلەردىن ئېھتىيات قىلاتتى. ئۇلار بىرەر ئەلەۋىيلىك دەۋىتىنى كۆرۈپلا قالسا ئۇجۇقتۇراتتى. قاچانكى ئۇلار بىرەر ۋالىينىڭ ئەلى ئەۋلادلىرى ھەققىدە ياخشى قارىشى بارلىقىنى بىلىپ قالسا، ئۇنى مەنسەپتىن قالدۇراتتى ياكى سوتقا تارتاتتى ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشاتتى. ئۇلار بۇ جەھەتتە شۈبھەنى تۇتقا قىلىشتىنمۇ يانمايتتى. چۈنكى، ئۇلار: «بىر گۇماندارنى قالدۇرۇپ قويغاندىن بىر بىگۇناھنى ئۆلتۈرۈش ئەلا» دەپ قارايتتى.

شۇ زالىم ۋالىي ئىمام شافىئىيغا ئورا كولىماقچى بولۇپ، ئابباسىيلارغا ئۇلارنىڭ روھى ۋە ئەقلى ئاجىز كېلىدىغان يېرىدىن كەلدى. ئۇ شافىئىينى ئەلەۋىيلەر بىلەن بىر سەپتە دەپ قارىلىدى ۋە شۇ ۋاقىتتا خىلافەت مەجلىسىدە ئولتۇرغان ھارۇن رەشىدكە مۇنداق دەپ بىر خەت ئەۋەتتى: «ئەلەۋىيلەردىن توققۇزى ھەرىكەتكە ئۆتتى. بۇ يەردە شاﻓﯩﺌ مۇتتەلىبىي ئوغۇللىرىدىن بىر ئادەم بار، مەن ئۇنىڭغا ھېچقانداق گەپ قىلالمىدىم. تىلى ئارقىلىق قىلىچ بىلەن ئۇرۇشقان ئادەممۇ قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ».

ئىمام شافىئىي مۇشۇ تۆھمەت بىلەن قارىلاندى. ئۇنىڭ ئۇنداق تۆھمەتكە قېلىشىنىڭ ئەمەلىي سەۋەبى بولمىسىمۇ، مەنىۋى سەۋەبى بار بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، شافىئىي ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ جەمەتىنى ياخشى كۆرۈش بىلەن تونۇلغان، ئەمما بۇ ياخشى كۆرۈش ئۇلارنىڭ گۇرۇھىغا قېتىلىش (يەنى شىئەلىشىش) ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش دەرىجىسىگە يەتمىگەن. شۇڭلاشقا ئۇ رافىزىي دەپ، يەنى «ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەرنىڭ خەلىفەلىكىنى رەت قىلىدۇ» دەپ قارىلانغان. لېكىن، ئۇ بۇ تۆھمەتتىن پاكتۇر. ئۇ ئېيتىدۇ:

 

گەر بولسا ئالىمۇھەممەد سۆيگۈسى رافىزىيلىك

گۇۋاھ بولغاي ئىنسۇ – جىن مانا مەن رافىزىي

 

شۇ سەۋەبتىن، ئىمام شافىئىي تۆمۈر كىشەنلەر بىلەن باغدادقا ھەيدەپ ئاپىرىلدى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم باغدادقا بېرىشى ئىدى. بۇ ھ. 184 – يىلى بولۇپ، ئۇ 34 ياشتا ئىدى.

ئىمام شافىئىي ھارۇن رەشىدنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇلغان چېغىدا، تىلىنىڭ پاساھىتى ۋە ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىينىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن قۇتۇلۇپ قالدى. ئۇ ئىمام مۇھەممەد بىلەن ئىمام مالىكنىڭ مەجلىسىدە ئۇچراشقان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، شافىئىي مالىكنى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى توققۇز يىلىدا لازىم تۇتقانىدى. مۇھەممەد مالىكنى ئۈچ يىل لازىم تۇتقان. ئىمام شافىئىينىڭ تىل پاساھىتى ۋە بايان قۇدرىتىگە كەلسەك، بۇلار ھارۇن رەشىد ئۇنىڭدىن تۆھمەت توغرىسىدا سورىغان چاغدا ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابىدىن ئاشكارا بولىدۇ. ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىدى:

— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! مۇنداق ئىككى ئادەم ھەققىدە قانداق قارايلا؟ بىرى مېنى قېرىندىشىم دەپ قارايدۇ، يەنە بىرى مېنى قۇلۇم دەپ قارايدۇ. ئىككىسىنىڭ قايسىسى ماڭا سۆيۈملۈكرەك بولىدۇ؟

ھارۇن رەشىد ئېيتتى:

— سېنى قېرىندىشىم دەپ قارايدىغىنى.

ئىمام شافىئىي ئېيتتى:

— ئەنە شۇ سىلى ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! سىلەر ئابباس ئوغۇللىرى، ئۇلار ئەلى ئوغۇللىرى، بىز مۇتتەلىب ئوغۇللىرى. سىلەر ئابباس ئوغۇللىرى بىزنى قېرىنداشلىرىمىز دەپ قارايسىلەر. ئۇلار بولسا بىزنى قۇللىرىمىز دەپ قارايدۇ.

نەسەبىدە سادىق ئەلەۋىيلەرنىڭ ئۇنداق قاراشتا بولۇشىدىن ئاللاھ ساقلىسۇن!

شۇ ۋاقىتتىكى باغدادنىڭ قازىسى بولغان مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىينىڭ گۇۋاھلىقىغا كەلسەك، بۇ گۇۋاھلىق ئىمام شافىئىي قارىلانغان چېغىدا ئىمام مۇھەممەدنى ھارۇن رەشىدنىڭ مەجلىسىدە كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يېقىنلىق ئىستىگەنلىكى ئۈچۈن بولغان ئىدى. چۈنكى، ئىلىم – ئىلىم ئەھلىنى بىر – بىرىگە باغلايدىغان باغدۇر. ئىمام شافىئىي: «مېنىڭ ئىلىمدىن نېسىۋەم بار، بۇنى قازى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەنمۇ بىلىدۇ» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ھارۇن رەشىد ئىمام مۇھەممەدتىن سورىۋېدى، ئۇ: «ئۇنىڭ ئىلىمدىن زور نېسىۋىسى بار، ئۇنىڭغا چاپلانغان ئىش ئۇنىڭ شەئنىگە ياراشمايدۇ» دېدى.

قان تۆكۈش ھەۋىسى بولمىغان ھارۇن رەشىد ئىشنى تېخىمۇ ئىنچىكە تەكشۈرۈپ كۆرۈش كېرەكلىكىنى ۋە كەسكىن بىر ھۆكۈم قىلماسلىقنى ھېس قىلدى. ئاندىن ئۆزى ئىشىنىدىغان ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەنگە: «مەن ئۇنىڭ ئىشىغا قاراپ چىققۇچە، ئۇنى سىلى يانلىرىدا تۇتۇپ قالسىلا» دېدى ۋە بۇ قاراپ چىقىش ئۇنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكى بىلەن ئاياغلاشتى.

شافىئىينىڭ ئىلىم يولىغا قايتىشى

[198] ئىراق فەقىھى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەننىڭ ئۇنى تۇتۇپ قېلىشى پەقەتلا ئۇنىڭ قۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭ مەنسەپدارلىق زۇلمىتىنى تاشلاپ، ئىلىم نۇرىغا قايتىشى ۋە ئىلىمگە بېرىلىشىگە سەۋەب بولدى. نەتىجىدە ئۇ شۇ مەزگىلدىن يەنى ھ. 184 – يىلدىن تاكى ئاللاھ ئۇنى قەبزى روھ قىلغۇچە يىگىرمە يىلچە ئۆزىنى ئىلىمگە بېغىشلىدى. ئۇ بەرىكەتلىك قىسقا ئۆمرىنىڭ بەش يىلىنى ئىگىلىگەن ئەمەلدارلىقتىن بۇرۇنمۇ ئىلىم بىلەن ئۆتكەن ئىدى. «قىسقا ئۆمرى» دېيىشىمىز، چۈنكى ئۇ ئەللىك تۆت يېشىدا ۋاپات بولغان.

گاھى كۈلپەتلەر كاتتا بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر بۇ كۈلپەت بولمىسا ئىدى، ئەلبەتتە شافىئىي ئەمەلدارلىققا بېرىلىپ كەتكەن، ئىلىمگە قايتالمىغان بولاتتى، كېيىنكى ئەۋلادلار شۇ ئۆچمەس ئىلمىي مىراستىن مەھرۇم قالاتتى.

ئۇ مۇھەممەد ئىبنى ھەسەننىڭ ئۆيىگە چۈشتى. نەتىجىدە ئۇ بۇرۇن مالىكنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالغاندەك، بۇ قېتىم مۇھەممەد ئىبنى ھەسەننىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىمام مۇھەممەدنىڭ ئىراقلىقلارنىڭ فىقھىسى ھەققىدە يازغان كىتابلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدى ۋە خۇددى بۇرۇن مۇۋەتتانى ئىمام مالىكتىن ئۆگەنگەندەك، بۇ كىتابلارنى ئۇنىڭ قولىدا ئۆگەندى. ئاللاھ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن! شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭدا ھىجاز فىقھىسى بىلەن ئىراق فىقھىسى جەملەشتى. شۇ ئارقىلىق ئۇ ئۆز زامانىدىكى چوڭ فىقھ ئالىملىرىدا تەربىيىلىنىپ چىقتى. بۇ ھەقتە ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي «تەۋالىتتەئسىس (تَوَالِي التَّأْسِيْسِ)» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن: «مەدىنەدە فىقھ رەئىسلىكى مالىك ئىبنى ئەنەسنىڭ قولىدا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن شافىئىي ئۇنىڭ يېنىغا سەپەر قىلىپ، ئۇنى لازىم تۇتتى ۋە ئۇنىڭدىن تەلىم ئالدى. ئىراقتا فىقھ رەئىسلىكى ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قولىدا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن شافىئىي ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەندىن كۆپ تەلىم ئېلىپ، ئۇنىڭ كىتابلىرىنى ئۇنىڭ قولىدا ئۆگەندى. نەتىجىدە ئۇنىڭدا راي ئەھلىنىڭ ئىلمى بىلەن ھەدىس ئەھلىنىڭ ئىلمى جەملەشتى. ئۇ بۇنىڭدا ئۆزگەرتىش قىلىپ، ئۇسۇللارنى تۈزدى، قائىدىلەرنى تۈزدى، مۇۋاپىق ۋە مۇخالىپ ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا بوي ئەگدى. ئۇنىڭ ئىشى مەشھۇر بولۇپ، نامى ئۆستى، قەدىر – قىممىتى ئۆرلىدى. ئاخىرىدا، كاتتا شان – شەرەپ قازاندى»(10).

ئىمام شافىئىي ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەندىن ئىلىم تەھسىل قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن (ئىلمىي مەسىلىلەرنى) نەقىل قىلىپ يازدى. شافىئىي: «مۇھەممەد ئىبنى ھەسەندىن بىر تۆگە يۈدۈم ئىلىم ئالدىم، ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم» دېگەنىدى(11).

ئۇ مۇھەممەد ئىبنى ھەسەننى ھۆرمەتلەيتتى ۋە ئۇنى چوڭ بىلەتتى، ھەتتا: «مۇھەممەد ئىبنى ھەسەندىن باشقا، قىيىن بىر مەسىلە سورىلىپ قالسا ئۆڭى ئۆچمىگەن بىرمۇ ئادەمنى كۆرمىدىم» دېگەنىدى(12).

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىشىمىز كېرەككى، شافىئىي مۇھەممەد ئىبنى ھەسەندىن پەقەتلا راي فىقھىسى ياكى قىياسنىلا ئۆگەنمىگەن، بەلكى ئۇنىڭدىن يەنە ئىراقلىقلار ئارىسىدا مەشھۇر بولغان، ھىجازلىقلار ئارىسىدا مەشھۇر بولمىغان رىۋايەتلەرنىمۇ ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ مۇھەممەد ئىبنى ھەسەندىن قىلغان رىۋايەتلىرى قاتارىدا مۇنداق رىۋايەت كەلگەن: «مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن بىزگە يەئقۇب ئىبنى ئىبراھىمدىن (يەنى ئىمام ئەبۇ يۈسۈفتىن)، ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى دىناردىن، ئۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى: ‹الْوَلاَءُ لُحْمَةٌ كَلُحْمَةِ النَّسَبِ لاَ يُبَاعُ وَلاَ يُوهَبُ / ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ئىگىدارچىلىقى نەسەب رىشتىسىگە ئوخشاش بىر رىشتىدۇر، ئۇنى سېتىشقا، سوۋغا قىلىشقا بولمايدۇ›»(13).

شافىئىي باغدادتا تۇرۇش جەريانىدا ئىراقلىقلارنىڭ فىقھىسى توغرۇلۇق ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشەتتى ۋە ئۆزىنى ئىمام مالىكنىڭ شاگىرتى دەپ ھېسابلايتتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىغا مۇئەييەن بىر مېتود بىلەن چىقمىغان ئىدى، لېكىن ئۇ مۇنازىرىلەردە مۇھەممەد ئىبنى ھەسەندىن تۆۋەن، ئۆزى بىلەن تەڭتۇش كىشىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشەتتى. ئەمما، مۇھەممەدنىڭ ئۆزى بىلەن مۇنازىرىلىشىشىنى يامان كۆرەتتى. چۈنكى، ئۇنى ئۇستازىم دەپ قارايتتى. بىراق ئۇستاز ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە قىزىقاتتى، خۇددى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن مۇنازىرىلەشكەندەك. نەتىجىدە شافىئىي مۇنازىرىگە تارتىنىپ تۇرۇپ قاتنىشاتتى. چۈنكى، ئۇ مۇنازىرە ئىشىكىنى ئاچمايدىغان ۋە دەتالاشتىن توسىدىغان مالىكنىڭ قولىدا تەربىيىلەنگەن ئىدى.

بەيتۇللاھى ھەرەمگە قايتىش

[199] تارىخچىلار ئۇنىڭ مۇھەممەد ئىبنى ھەسەننى لازىم تۇتقان ۋە ئۇستاز – شاگىرتلار بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ھالدا، باغدادتا قانچىلىك مۇددەت تۇرغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. كۈچلۈك قاراشتا ئىككى يىلدۇر. تۇرغان مۇددىتى قانچىلىك ئۇزۇن ياكى قىسقا بولسۇن، بەرىكەتلىك بولغان ئىدى. چۈنكى، مالىكنىڭ شاگىرتى مالىكنىڭ قاراشلىرىدىن خەبەردار بولۇش بىلەن بىرگە، فىقھتا مالىكنىڭ مېتودىدىن باشقا بىر مېتودتىن خەبەردار بولغان ئىدى (ھەممىسىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن!). ئاندىن ئۇ بۇ پەرقلىق قاراشلارنى، بۇ پەرقلىق مېتودلارنى سېلىشتۇرۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداقلا سېلىشتۇرۇشتىن ئىككى فىقھنىڭ بىرىگە يېقىنلىشىدىغان ياكى يىراقلىشىدىغان، ياكى ئىككىلىسىدىن يىراقلىشىدىغان بىر قىسىم قاراشلارنى تۈگەللىشى مۇقەررەر ئىدى.

قايسىسىنىڭ ئەڭ توغرا، قايسىسىنىڭ ھەقكە ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ھەقىقەتەن بۇ سېلىشتۇرۇش پۇختا ئۆلچەملەرگە تايانغان بولۇشى كېرەككى، شۇ ئۆلچەملەر بىلەن كۆزقاراشلارنى ۋە مېتودلارنى سېلىشتۇرىدۇ. ئۇ بەيتۇلھەرەمدە ئۆتكۈر نەزەر ۋە ئىدراكلىق تەپەككۇر بىلەن بۇ سېلىشتۇرۇشقا كىرىشتى. ئۇ بۇ سېلىشتۇرۇشتىن مۇنداق ئىككى ئىشنى تۈگەللىدى:

بىرىنچى: ئۇ كىشىلەر ئالدىغا ئۆزىنىڭ بىر مەزھەبىنى ئېلىپ چىقتى. ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىمام مالىكنىڭ قاراشلىرىغا چاقىرىدىغان «مالىكنىڭ بىر شاگىرتى» ئىدى. ئەمدى ئۇ مالىكنىڭ قاراشلىرىنى چوڭقۇر ۋە تەنقىدىي شەكىلدە تەتقىق قىلىدىغان، قوشۇلۇش ۋە قوشۇلماسلىقىنى ئىزھار قىلىدىغان مۇستەقىل بىر تەتقىقاتچىغا ئايلاندى. ئۇ بۇ ھەقتە بىر كىتاب يېزىپ، ئۇنى «خِلَافُ مَالِك (خىلافۇ مالىك)» دەپ ئاتىدى. يەنە ئۇ ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئۇستازى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ قاراشلىرىنى چوڭقۇر ۋە تەنقىدىي يوسۇندا، بەزى قاراشلىرىغا قوشۇلغان ۋە بەزىسىگە قوشۇلمىغان ھالدا تەتقىق قىلدى ۋە «خِلَافُ الْعِرَاقِيِّيْنَ» ئاتلىق بىر كىتابنى يازدى.

مۇشۇنداق قىلىپ، ئۇ فۇقەھائنىڭ ھەرقانداق بىر تائىپىسىگە ئەگەشمە بولۇشتىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە ئۇنىڭ ئەمىن رەسۇلىنىڭ سۈننىتى سايىسىدا مۇستەقىل ۋە ئەركىن ئىجتىھاد قىلىشقا يۈزلەندى.

ئىككىنچى: ئۇ كىشىلەرگە ئىستىنبات قائىدىلىرىنىڭ بايانىنى ئېلىپ چىقتى. بۇ قائىدىلەر كېيىنچە «ئۇسۇلۇلفىقھ» دەپ ئاتالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىجتىھادتا يەكتا بىر كىشىگە ئايلاندى. ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئالىملار بىر قىسىم مېتودلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىھادلىرىدا شۇنىڭغا ئەگىشەتتى ۋە ئۇ مېتودلارغا مۇپەسسەل بولمىغان مۇجمەل ئىبارىلەر بىلەن ئىشارەت قىلاتتى.

ئىمام شافىئىي كېلىپ، ئىشارەتكە بولدى قىلمىدى، بەلكى ئۇ مۇجتەھىدنىڭ ئىستىنباتىدا خاتالىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ۋە ئىجتىھادى يار بەرگەنچە ھەقىقەتلەرگە ئۇلىشالىشى ئۈچۈن، مۇجتەھىد ئىجتىھادىدا ئەمەل قىلىدىغان قانۇنلارنى ۋە ئىجتىھادتا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى تەپسىلىي بايان قىلدى.

ئىككىنچى قېتىم باغدادقا سەپەر

[200] شافىئىي مەككەدە تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە شاگىرتلىرىغا ئۇلار ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان بىر ئىلىمنى ئۆگەتتى. ھالبۇكى ئۇ «قۇرئان كەرىم» ۋە پەيغەمبەر سۈننىتى سايىسى ئاستىدىكى فىقھىي تەتقىقاتتىن چىقىپ كەتمىگەن ئىدى. بۇ ئەسنادا ھەج مەزگىلىدە ھەر ياقتىن كەلگەن ئالىملار ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان ئىدى. ئۇنىڭ قېشىغا ئىراقلىقلار ۋە ئۇلاردىن باشقىلار كەلگەنىدى. ئۇ بۇ قېتىم مەككەدە توققۇز يىل ئەتراپىدا تۇرۇپ قالدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقارغان قاراشلىرىنى، بولۇپمۇ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان فىقھىي ئىستىنبات مېتودلىرىنى پۈتۈن ئىسلام دىيارلىرىغا تارقىتىشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى پۈتۈن شەرقكە ئىلىم نۇرى چېچىلىدىغان بىرلا ماكان بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ ئۇ كۆنگەن ۋە كۆرگەن ئىسلام دۆلىتىنىڭ پايتەختى باغدادتۇر.

شۇڭا، ئۇ ھ. 195 – يىلى 45 ياش ئۆپچۆرىسىدە باغدادقا سەپەر قىلدى. باغدادتا شۇ يەردىكى بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىنى ئۆزىگە تارتتى، شاگىرتلار ئۇنى قورشىدى. باغداد ئالىملىرى شۇ شاگىرتلار قاتارىدا ئۇنىڭغا شاگىرت بولۇشتىن باش تارتمىدى. ئىلگىرى مەككەدە ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئەقلى ۋە پىكرىدىن ھەيران قالغان ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئۇنىڭغا شاگىرتلىققا كىردى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ياشتىكى ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھمۇ ئۇنىڭدىن دەرس ئالدى. بۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشاشلىرىدىن باشقا، ئۇنىڭدىن ئىلىم ئېلىپ، ئۇنىڭ قولىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن شاگىرتلارمۇ بار ئىدى.

ئۇ ھەممە شاگىرتلارغا ئۆزىنىڭ دەرسىنى سۆيدۈرگەن ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ جاۋابىغا قىزىقاتتى. چۈنكى، ئۇ ئۇلار ئۆگەنگەن مېتودتىن باشقا بىر مېتودتىكى بىر ئىلىمنى ئېلىپ كەلگەن ھەمدە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىشىلەردە بولمىغان سۈپەتلەر بىلەن زىننەتلەنگەن ئىدى. ھالبۇكى ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقى باردۇر. مېتودقا كەلسەك، ئۇ ئۇلارغا ئىستىنبات مېتودىدىن ئىبارەت ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ مېتودنى تەپسىلىي بايان قىلاتتى ۋە مۇبھەم مەنىلەرنى روشەن كەلىمەلەر بىلەن شەرھلەيتتى. ھەتتا ئۇ توغرۇلۇق ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ: «بىز شافىئىي كېلىشتىن بۇرۇن ناسىخ ۋە مەنسۇخنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتۇق» دېگەنىدى. ئۇ زىننەتلەنگەن سۈپەتلەرگە كەلسەك، پاساھەت، بايان ھەمدە مۇنازىرە قۇدرىتىدۇر. ئۇ راستتىنلا سۆزدە پاساھەتلىك، بايان كۈچى يۇقىرى ئىدى. بۇ توغرۇلۇق ئۇنىڭ بەزى زامانداشلىرى: «ئۇ ھەقىقەتەن ئالىملارنىڭ خەتىبىدۇر» دېگەنىدى.

بۇ كېلىشىدە ئۇ «ئەلكۇتۇل بەغدادىييە (الْكُتُبُ الْبَغْدَادِيَّةُ)» دەپ ئاتىغان كىتابلىرىنى ئىملا قىلدى(14). شۇ كىتابلار قاتارىدا «ئەلئۇم (الأُمُّ)» دېگەن كىتابى — «ئەلمەبسۇت (الْمَبْسُوطُ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ — نىمۇ ئىملا قىلدى. «ئەلئۇم» بىرقانچە كىتاب بولۇپ، فۇرۇئات توغرىسىدا ئۇنىڭدىن نەقىل قىلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ كىتابلارنى ئۇنىڭدىن شاگىرتى زەئفەرانىي خاتىرىگە ئالغان. شۇنىڭدەك يەنە ئۇ «ئەررىسالە (اَلرِّسَالَةُ)» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇسۇلۇلفىقھ ھەققىدىكى كىتابىنىمۇ ئىملا قىلدى. ئۇنىمۇ زەئفەرانىي ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىلمى ئۇنىڭ دەرسى ئەتراپىغا ئولاشقان ئاشۇ شاگىرتلار ئارقىلىق ئىراق ئەتراپىدىكى پۈتۈن شەرق دىيارلىرىغا تارالدى. ئۇنىڭ ئىلمىدىن پايدا ئېلىش ئىستىكى ۋە ئۇنىڭ كەم ئۇچرايدىغان ئۈلگىلىك يېگانە ئوبرازىغا قىزىقىش خاھىشى ئۇلارنى ئىستىلا قىلغان ئىدى.

بۇ قېتىم ئۇ باغدادتا ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن مەككەگە قايتتى. بەلكىم ئۇ مەككەگە يۈك – تاقا، ماللىرىنى توپلاش ئۈچۈن ۋە ھەرەمنى، ھەرەمدىكى سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە ۋە باشقىلاردەك ئۇستازلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بارغان بولسا كېرەك. ھەرەمدە ئۇزۇن تۇرماي، ھ. 198 – يىلى يەنە باغدادقا قايتتى.

قىسقا تۇرۇش

[201] ئىمام شافىئىي بۇ قېتىم باغدادتا قىسقىلا مۇددەت تۇرۇپ، مىسىرغا سەپەر قىلدى ۋە ھ. 199 – يىلى مىسىرغا يېتىپ كەلدى.

ئۇنىڭ بۇ مەزگىلدە باغدادتا تۇرۇشى نېمە ئۈچۈن قىسقا بولغان؟ ھالبۇكى تارىخىي سىياقلار ئۇنىڭ ئۇزۇن تۇرۇشىنى تەقەززا قىلاتتى. چۈنكى، باغداد ئالىملارنىڭ ئۇۋىسى، ئىسلام دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئىدى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ۋە مۇرىتلىرى بار ئىدى. باغدادنىڭ قوينىدا تارقىلىۋاتقان ئىلىم پۈتۈن ئىسلام يۇرتلىرىغا ئۆز نۇرىنى چېچىۋاتاتتى. نېمە ئۈچۈن ئۇ يەردىن ئايرىلىپ مىسىرغا كېتىدۇ؟ ھالبۇكى مىسىرنىڭ بۇنداق ئىلمىي مەرتىۋىسى يوق ئىدى، ئەگەر بار دېگەندىمۇ ئەمدى تېخى ئۆزىنىڭ ئىلمىي سالاھىيىتىنى مۇقىملاشقا باشلىغان ئىدى. مانا بۇ كۆڭۈلدە داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان ۋە بىر جاۋابقا ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان بىر سوئالدۇر.

بۇنىڭ جاۋابى شۇ بولسا كېرەك: ئەرەبلەر بىلەن پارسلار ئوتتۇرىسىدا بولغان، ئەمىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، مەئمۇننىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن ئاياغلاشقان ئۇرۇشلار ۋە فىتنەلەردىن كېيىن، خەلىفەلىك ھ. 198 – يىلى ھارۇن رەشىدنىڭ ئوغلى مەئمۇننىڭ قولىغا ئۆتكەن. مەئمۇننىڭ دەۋرىدە شافىئىينىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي مېتودىغا دەخلى يەتكۈزگەن ئىككى ئىش ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، شافىئىي شۇ ئىككى ئىشنىڭ تەسىرى ئاستىدا تۇرۇشنى ياقتۇرمىغان.

بىرىنچى ئىش: مەئمۇننىڭ دەۋرىدە غەلىبە پارس ئىرقىغا مەنسۇپ بولغان. چۈنكى، ئەمىن بىلەن مەئمۇن ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش ئەمەلىيەتتە ئەمىن ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئەرەب لاگىرى بىلەن، جىمى قوماندانلىرى ۋە ئەسكەرلىرى پارسلاردىن بولغان پارس لاگىرى ئوتتۇرىسىدا بولغان ئىدى. ئۇرۇش مەئمۇننىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاياغلاشقان بولسا، دېمەك ئۇرۇش پارسلارنىڭ ئەرەبلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاياغلاشقان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پارسلار نوپۇز قازانغان. بۇ قۇرەيشلىكنىڭ بىر پارسىي ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئاستىدا تۇرۇشقا رازى بولۇشى ئۇنىڭغا لايىق كەلمەيتتى.

ئىككىنچى ئىش: مەئمۇن مۇتەكەللىم پەيلاسوپلاردىن ئىدى. ئۇ مۇئتەزىلەلەرنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ، ئۆزىنى ئۇلاردىن دەپ ھېسابلىغان ۋە ئۆزىنىڭ كاتىپلىرىنى، ھاجىپلىرىنى ۋە سورۇنداشلىرىنى ئۇلاردىن قىلغان، شۇنداقلا ئىلىمدە ۋە ئەھلى ئىلىملەر ئىچىدە ھەكەملەرنى ئۇلاردىن قىلغان. ئىمام شافىئىي مۇئتەزىلەلەردىن ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقات مېتودلىرىدىن نەپرەتلىنەتتى، شۇنداقلا «ئەقىدە مەسىلىلىرىدە ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى بويىچە گەپ قىلغان ئادەمگە جازا پىچىلىشى كېرەك» دەپ قارايتتى. شافىئىيدەك بىركىمنىڭ مۇئتەزىلەلەرگە نوپۇز بەرگەن، ھەتتا ئۇلارنىڭ كەينىدىن چېپىپ كېيىنچە فۇقەھائ‍ ۋە مۇھەددىسلەرگە كۈلپەت سالغان شۇ ھۆكۈمدارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا مۇئتەزىلەلەر بىلەن بىرگە تۇرۇشقا رازى بولۇشى نامۇۋاپىق ئىدى. فەقىھ ۋە مۇھەددىسلەرگە سېلىنغان ئەنە شۇ كۈلپەت كېيىنچە «قۇرئاننى مەخلۇق دېيىش كۈلپىتى» دەپ ئاتالغان. بۇ كۈلپەتتە ئىمام ئەھمەدنىڭ بېشىغا چوڭ بالالار كەلگەن ئىدى.

بەزى شافىئىيلارنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، مەئمۇن ئىمام شافىئىيغا ئۇنى قازىلىققا تەيىنلەش تەكلىپى بەرگەن. ئۇ ئۆزرە ئېيتقان. شەكسىزكى، بۇ قىلغىنى ئۇنىڭ تەپەككۇر مەنتىقىسى بىلەن ۋە مالىكنىڭ شاگىرتلىقى بىلەن ماسلىشىدۇ.

ئەزىز مىسىرغا سەپەر

[202] ئىمام شافىئىي بۇ قېتىم باغدادتا تۇرۇشنى خاھلىمىدى. ئەمدى ئۇ باغدادتىن ئىلمىي سەۋىيەدە باغدادقا يېقىن كېلىدىغان ۋە پارسلارنىڭ ئەرەبلەرنى تىزگىنلىۋېلىشىدىن ئىبارەت باغدادتا كۆرگەنلىرى بولمايدىغان يەنە بىر ئەلگە كۆچۈشى كېرەك ئىدى. ئۇ ئارزۇسىنى مىسىردىن تاپتى. چۈنكى، مىسىردا ئىمام مالىكنىڭ شاگىرتلىرى بار ئىدى ۋە ئىمام لەيس ئىبنى سەئدمۇ مىسىردا تۇرغان ئىدى. شۇ ئارقىلىق مىسىر گەرچە باغدادتەك بولمىسىمۇ، باغدادقا يېقىن كېلىدىغان ئىلمىي نوپۇز قازانغان ئىدى، يەنە مىسىردا ئەرەبلەرنىڭ كۈچى بار ئىدى. چۈنكى، مىسىر ۋالىيسى قۇرەيشلىك ئابباسىي كىشى ئىدى. ياقۇت ئەلھەمەۋىي «مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ»دا: «ئۇنىڭ مىسىرغا كېلىش سەۋەبى شۇ ئىدىكى، مىسىرنىڭ ۋالىيسى (ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ نەسلىدىن بولغان) ئابباس ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ئىبنى مۇسا ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ئاتلىق كىشى ئىدى» دېگەن.

ئىمام شافىئىي مىسىرغا سەپەر قىلىشنى ئويلاپ، شۇنىڭغا بەل باغلىغان چاغدا، مۇنداق شېئىر ئوقۇغان:

بۇ كۆڭلۈم تەلپۈنۈپ ئەردى مىسىرغا

ئاڭا كەچمەك كېرەك دەشتۇ باياۋان

ئۇتۇق – بايلىق تامان، ۋەللاھى بىلمان،

سۈرۈلگەيمەن ئاڭا يا قەبر تامان

ھەقىقەتەن تەقدىر ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئۇنى تەڭلا ئىككىلى ئىشقا سۈرۈپ ئاپاردى. بايلىققىمۇ ئېرىشتى. چۈنكى، ئاشۇ ئەرەب ۋالىيسى رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئۈلۈشىدىن ئۇنىڭغىمۇ بىر ئۈلۈش بۆلۈپ بەرگەن. ئۇ ئۇنىڭغا نەسەبىنىڭ شاراپىتى بىلەن ئېرىشكەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى، ئىلمىنى ۋە فىقھىسىنى تارقىتىش بىلەن ئۇتۇققىمۇ ئېرىشكەن. ئاندىن ئۇنىڭغا ئۆلۈم يېتىپ، مىسىردىكى قەبرەسىگە دەپنە قىلىنغان ئىدى. ئۇ ھ. 204، رەجەبنىڭ ئاخىرقى كېچىسى 54 يېشىدا مىسىردا ۋاپات بولغان. ئۇ 70 يىلچە ياشىغان ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدەكمۇ ۋە 86 يىلچە ياشىغان ئۇستازى ئىمام مالىكتەكمۇ ئۆمۈر كۆرمىدى. ھاياتىنى كۈرەش ئىچىدە ئۆتكۈزدى. ئۇ كېسەلچان ھالدا كۆرپىسىدە ۋاپات بولغانىدى.

دېيىلىشىچە، ئۇ مالىكنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بولغان فىتيان ئىسىملىك تەنتەك ۋە ئەخمەق بىر ئادەمنىڭ ھاسا بىلەن ئۇرۇشى تەسىرىدە ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ رىۋايەتنى ياقۇت ئەلھەمەۋىي «مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ»دا مۇنداق تىلغا ئالغان:

«مىسىردا مالىكنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن فىتيان دېيىلىدىغان ئىتتىك ۋە تەنتەك بىر ئادەم بار ئىدى. شافىئىي بىلەن كۆپ مۇنازىرىلىشەتتى ۋە ئىككىسىنىڭ ئەتراپىغا كىشىلەر ئولىشاتتى. (بىر قېتىم) ئىككىسى ھۆر ئادەمنى سېتىش مەسىلىسىدە مۇنازىرىلىشىپ قالدى. ئەسل مەسىلە مۇنداق: بىر ئادەم قەرزىنىڭ بەدىلىگە قۇلىنى گۆرۈگە قويۇپتۇ. ئاندىن گۆرۈگە قويغۇچى قۇلىنى ئازاد قىلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ شۇ ئازاد قىلىۋەتكەن قۇلىدىن باشقا مېلى يوق ئىكەن. قەرز ئىگىسى ئازاد بولۇپ كەتكەن شۇ قۇلنى ساتالامدۇ؟ شافىئىي ‹ساتسا بولىدۇ› دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ ئۇنىڭ شۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنىڭ بىرىدۇر. مۇنازىرىدە شافىئىي ئۇنى يېڭىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىچى قايناپ، شافىئىينى سەت تىللىدى. شافىئىي بىر ئېغىزمۇ جاۋاب قايتۇرمىدى ۋە مەسىلىدىكى ئۆزىنىڭ گېپىدە چىڭ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر كىشى (مىسىر ھاكىمى) سەرىيگە ئەھۋالنى يەتكۈزدى. سەرىي شافىئىينى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن بولغان ئەھۋالنى قايتا – قايتا سورىدى. شافىئىي ئۇنىڭغا بولغان ئىشلاردىن خەبەر بەردى ۋە بىرقانچە گۇۋاھچى فىتياننىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بەردى. سەرىي: ‹ئەگەر شافىئىيدەك يەنە بىر ئادەم فىتياننىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بەرسە، ئۇنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرىمەن› دېدى ۋە فىتياننى قامچىلاشقا بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قامچىلاندى ۋە بىر تۆگىگە مىندۈرۈلۈپ سازايى قىلىندى، ھالبۇكى ئۇنىڭ ئالدىدا بىر جاكارچى: ‹مانا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ جەمەتىنى تىللىغان كىشىنىڭ جازاسى› دەپ جاكارلايتتى. ئاندىن ئەقىلسىزلەردىن بىر توپ كىشى فىتياننىڭ تەرىپىنى ئېلىپ، شافىئىينىڭ دەرسخانىسىغا باردى. ئۇلار دەرسخانىدىن شافىئىينىڭ شاگىرتلىرى كېتىپ، شافىئىي يالغۇز قالغاندا، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۇنى ئۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆيگە ئاپىرىلدى ۋە ئۆيىدە كېسەل تارتىپ ئۆلۈپ كەتتى»(15).

رىۋايەت مۇشۇ ئۇرۇش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بىز بۇنى يىراق سانايمىز. چۈنكى، شافىئىينى تىللىغانغا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، ھەتتا ئۇنى تىللىغان كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالغان ۋالىينىڭ ئۇنى ئۇرغان كىشىلەرگە سۈكۈت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. چوقۇملا ئۇنىڭ شافىئىيدىن بۇ ئەھۋالنى سورىشى كېرەك ئىدى. مەيلى بۇ ئۇرۇش قىسسەسى ئىشەنچلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بۇ قىسسەگە مۇناسىۋەتلىك بولسۇن ياكى ئۇ قىسسە ئىشەنچلىك بولمىسۇن، شۇنىسى مۇقەررەركى، ئۇ بوۋاسىر كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ ئېغىر قاناشقا گىرىپتار بولۇپ، رەببىدىن رازى بولغان ۋە رەببىمۇ ئۇنىڭدىن رازى بولغان ھالدا، رەببىگە ئۇچراشقان. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!

شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كاتتا بىر بايلىقنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ بايلىقى فىقھ ئۈچۈن مول بۇلاق بولۇپ كەلمەكتە. شۇ بايلىق بىلەن ئۇنىڭ نامى شەرق ۋە غەربلەرگە تارالغان.

ئۇنىڭ ئىلمى

[203] ئىمام شافىئىي ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ ئىلمى، ئەقلى ۋە پاساھىتى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە بەند قىلدى. ئۇ تېخى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەندىن ئىلىم ئېلىۋاتقان بىر ياش ھالىتىدە، ئۇنىڭ بىلەن باغداد فۇقەھائلىرى ئارىسىدا مۇنازىرىلەر قۇرۇلغان چاغدىمۇ باغدادتا كىشىلەرنى ئۆزىگە بەند قىلغانىدى. ھەج قىلىش ئۈچۈن ۋە قالدۇق تابىئىندىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئىلمىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن بەيتۇلھەرەمگە كەلگەن ئالىملارنىمۇ ئۆزىگە بەند قىلغانىدى. ئۇ بەيتۇلھەرەمدە قائىدىلەرنى تۈزۈپ، ئۇسۇللارنى توپلاپ، مەزھەبلەرنى تۇنجى قېتىم سېلىشتۇرۇش شەكلىدە تەتقىق قىلىپ ئولتۇرغىنىدا ئېرىشكەن ئىلمىي سەمەرىلەر بىلەن يەنە ئىككىنچى قېتىم باغدادنى ئۆزىگە بەند قىلغانىدى. مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنداق بىر ئىلمى بىلەن مىسىرنى ئۆزىگە بەند قىلدىكى، ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىدا ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى، گەرچە ھەركىمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە ئالاھىدىلىكى بار بولسىمۇ.

ئۇنىڭ ئىلىم ئالغان شەيخلىرى ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ شاگىرتىدەك بولۇپ قالغان تەڭتۇشلىرى ھەمدە ئۇنىڭ مول ئىلمىنى ئەۋلادلار ئۈچۈن ساقلاپ قالغان ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا مەدھىيەلەرنى ياغدۇرغان.

ئۇنىڭ مالىك، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە ۋە مۇسلىم ئىبنى خالىد زەنجىي قاتارلىق شەيخلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئەقلىگە ئاپىرىن ئوقۇغانلىقىنى كۆرىمىز. ئابدۇرراھمان ئىبنى مەھدىي ئۇنىڭ ئۇسۇلۇلفىقھ ھەققىدىكى رىسالەسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن: «بۇ ئۆتكۈر يىگىت ئىكەن» دېگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭ مىسىردىكى شاگىرتلىرىنىڭ بىرى بولغان مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەلھەكەمنىڭ ئۇ توغرىسىدا: «شافىئىي بولمىسا ئىدى، بىركىمگە قانداق رەددىيە بېرىشنى بىلمەس ئىدىم، بىلگەنلىرىمنى ئۇ ئارقىلىق بىلدىم. ئۇ ماڭا قىياسنى ئۆگەتتى، ئۇنىڭغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ئۇ تىلى پاساھەتلىك، ئەقلى ساغلام ۋە پۇختا بولۇشى بىلەن بىرگە، سۈننەت، ئەسەر ۋە پەزىلەت ئىگىسى ئىدى» دېگەنلىكىنى كۆرىمىز.

ئۇ توغرىسىدا ئۇنىڭ شاگىرتى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئېيتقانكى: «رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ‹إِنَّ اللَّهَ يَبْعَثُ لِهَذِهِ الْأُمَّةِ عَلَى رَأْسِ كُلِّ مِائَةِ سَنَةٍ مَنْ يُجَدِّدُ لَهَا دِينَهَا / ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر يۈز يىلنىڭ بېشىدا، بۇ ئۈممەتنىڭ دىنىنى ياشارتىدىغانلارنى ئۇلارغا ئەۋەتىدۇ›(16). ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز يۈز يىلنىڭ بېشىدىكى كىشى ئىدى، مەن شافىئىينىڭ يەنە بىر يۈز يىلنىڭ بېشىدىكى كىشى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»(17).

ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى، ئىلمى ۋە كامالىتىنى بايان قىلغان مۇشۇنداق ئىلمىي گۇۋاھلىقلارنىڭ ئۈزۈلمەي كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز.

[204] شۇ ھەقىقەتتۇركى، ئۇنىڭغا ئۇنى مۇشۇ يۈكسەك مەرتىۋىدە قىلغان ئىلمىي ئالاھىدىلىكلەر ئاتا قىلىنغان. ئۇنىڭغا «قۇرئان كەرىم» ئىلمى ئاتا قىلىنغان. نەتىجىدە ئۇ «قۇرئان» مەنىلىرىنى چۈشەنگەن ۋە «قۇرئان»نىڭ سىر – ئەسرارلىرىنى ئىدراك قىلغان. ئۇنىڭ بەزى شاگىرتلىرى: «شافىئىي تەفسىرنى باشلىسا، خۇددى قۇرئاننىڭ نازىل بولۇشىنى كۆرگەندەك تەفسىر قىلاتتى» دېگەن. ئۇنىڭغا ھەدىس ئىلمى ئاتا قىلىنغان بولۇپ، ئۇ مەككەدىكى قالدۇق تابىئىننىڭ ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلغان ۋە يەنە ئىمام مالىكنىڭ ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلغان. ئۇ ھەدىس ساھەسىدىكى تۇنجى كامىل توپلام سانىلىدىغان مۇۋەتتانى ئىمام مالىكقا ئوقۇپ تىڭشاتقان. ئۇنىڭغا يەنە ئىراق ئىلمى ئاتا قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن بىلەن ئۇچراشقان مەزگىلدە ئىراق ئىلمىنى رىۋايەت قىلغان.

مۇشۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا راي فىقھىسى ۋە فىقھ قائىدىلىرىنى رەتلەش ئاتا قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىياس قائىدىلىرىنى ۋە ناسىخ – مەنسۇخ قائىدىلىرىنى تۈزگەن.

ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئۇ خىلمۇخىل ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە چاقىراتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «قۇرئان ئۆگەنگەن كىشىنىڭ قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ، ھەدىس ئۆگەنگەن كىشىنىڭ ھۆججىتى كۈچلۈك بولىدۇ، فىقھ ئۆگەنگەن كىشىنىڭ قەدرى ئۈستۈن بولىدۇ. تىل ئۆگەنگەن كىشىنىڭ تەبىئىتى نازۇك بولىدۇ، ھېساب ئۆگەنگەن كىشىنىڭ نەزەرى كېڭىيىدۇ. كىمكى نەفسىنى ساقلىمايدىكەن، ئۇنىڭ ئىلمى ئۇنىڭغا پايدا بەرمەيدۇ»(18).

ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىلىمگە ئاتىشى ۋە ئۇنىڭ دەۋرى

[205] ئۇ ئەقلىگە كەلگەندىن تارتىپ ئىلىمگە يۈزلەنگەن. ئۇنىڭغا ئىلىم ئوقۇش سەۋەبلىرىمۇ ھازىرلانغان. ئۇ مەككەدە تۇرغان بولۇپ، مەككەدە تابىئىننىڭ قالدۇقلىرى بار ئىدى، مەككەدە بەيتۇللاھى ھەرەمگە يېقىن تۇرۇشنى تاللىغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ (فىقھىي) يۆنىلىشى بار ئىدى. بۇلار ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈكىدىلا تەڭتۇشلىرى يەتكەن سەۋىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىغا يېتىشىگە تۈرتكە بولغان. ئۇ ئۆسۈپ قىران يېشىغا يەتكەندە، دارۇلھىجرەتنىڭ ئىمامىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنى توققۇز يىل لازىم تۇتتى. بۇ مەزگىل ئۇستازنىڭمۇ ئىجادىيەتتە تازا پىشقان زامانى ئىدى، شاگىرتنىڭمۇ تازا ياشتا پىشقان زامانى ئىدى. ئۇ قىسقا ۋاقىتنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىلىمدىن باشقا ئىشقا بېرىلمىدى. شۇ قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن، ئۇ پۈتۈن شان – شەرەپنىڭ ئىلىمدە ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىلىپ، ئىلىم ئىشقىدا ئىلىمگە قايتتى. ئۇ «قۇرئان»، سۈننەت ئىلمى ۋە فۇقەھائنىڭ ئىختىلاپلىرىنى تەتقىق قىلىشقا باشلاپ، فۇقەھائنىڭ ئىختىلاپلىرىنى رەتلەش ۋە شۇلارنىڭ ئارىسىدىن ھەقنى تېپىش ئۈچۈن مىزانلارنى يولغا قويدى. ئۇ ئۆزىنىڭ دەرس مەجلىسىنى باشتا ھەرەم بەيتۇللاھتا قۇرۇپ، ئىلىمدە تازا توشقىنىدا باغدادقا بېرىپ باغدادتا يەنە بىر دەرس مەجلىسى قۇردى. ئاندىن باغداد تار كەلگەن ۋە ئۇ يەردىكى ئىلمىي مېتودلارغا رازى بولماي زېرىككەندىن كېيىن، ئىسلام ئەھلىنىڭ بېشىغا قارا كۈنلەر كېلىپ، ئالىملار تىنچلىق بار يەرگە سەپەر قىلىشقا قىستالغان چاغدا، شەرقلىق ۋە غەربلىك ئالىملارنىڭ پاناھگاھىغا ئايلانغان مىسىرغا يۈزىنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى ئىستېداتلىق بىر ئەقىل بىلەن، پۇختا بىر قەلەم بىلەن ۋە بەدىئىي پاساھەتلىك بىر تىل بىلەن ئىلىمغا بېغىشلاندى.

[206] شافىئىينىڭ دەۋرى ئىلىملەرنىڭ گۈللىنىش، يېڭىدىن توپلاپ يېزىلىش ۋە ھەربىر ئىلىمنىڭ ئۇسۇللىرىنىڭ تۈزۈلۈش دەۋرىدۇر. ئۇنىڭ دەۋرىدە تىل توپلاپ يېزىلغان ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇللىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ئەبۇلئەسۋەد دۇئەلىينىڭ ئىزباسارلىرى نەھۋى ئىلمىنىڭ ئۇسۇللىرىنى توپلاپ يېزىشقا باشلىغان. ئەسمەئىي ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلار شېئىر رىۋايەتلىرىنى رەتلەپ، نەقىل قىلىشقا باشلىغان. خەلىل ئىبنى ئەھمەد (ئەلفەراھىدىي) ئەرەب شېئىرلىرىنىڭ ۋە نەغمىلىرىنىڭ فورمۇلاسى بولغان ئىلمى ئارۇزنى تۈزگەن. جاھىز نەزەرلەرنى ئەدەبىي ئوبزورنىڭ ئۇسۇللىرىغا قارىتىشقا باشلىغان، ۋەھاكازالار.

ھەدىس ساھەسىدە ئالىملار ھەدىسلەرنى خىلمۇخىل بۇلاقلىرىدىن توپلاشقا يۈزلەنگەن. شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بەرگىلى بولىدىغان ۋە رىۋايەت قىلسا بولىدىغان ھەدىسلەرنى راۋىيلىرى ۋە مەتىنلىرى جەھەتتىن تەكشۈرۈپ ئايرىشتا مىزان بولۇشى ئۈچۈن، قائىدىلەرنى تۈزۈش باشلانغان.

فىقھ بارىسىدا ھەر خىل يۆنىلىشلەر شەكىللىنىپ بولغان. مەككەدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قاراشلىرىنى نەقىل قىلىدىغان مەككە فىقھىي يۆنىلىشى بولغان. مەدىنەدە مەدىنە فىقھىي يۆنىلىشى بولغان بولۇپ، مەدىنە فىقھىسى رەسۇلۇللاھنىڭ ئىلمىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا تەتبىقلىغان ھالدا نەقىل قىلغان ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، زەيد ئىبنى سابىت، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم ۋە ئۇلاردىن باشقا فەقىھ ساھابەلەرنىڭ فىقھىسىنى نەقىل قىلاتتى. فىقھمۇ توپلاپ يېزىلىش يولىغا قاراپ ماڭغان. ئىمام مالىك رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ۋە ساھابەلەرنىڭ پەتۋالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇۋەتتانى توپلاپ يازغان. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئىراق فىقھىسىنى توپلاپ يېزىپ، ئىنچىكىلىك ۋە پۇختىلىق بىلەن ئىراق فىقھىسىنىڭ فۇرۇئلىرىنى چىقىرىۋاتاتتى. شافىئىي ئەنە شۇلارنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلانغان.

يەنە بىر ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ خىلمۇخىل ئىسلامىي پىرقەلەر. ھەربىر پىرقە ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى قوغداشقا ۋە تارقىتىشقا قاراپ كېتىۋاتاتتى. مۇئتەزىلەلەر ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرى ئۈچۈن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئىسلامنى مۇداپىئە قىلغان ئىدى. شىئەلەر، ئىمامىيلار، زەيدىيلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلاردىن ئىبارەت ھەر خىل سىياسىي پىرقەلەرمۇ ئەنە شۇنداق ئىدى. دەۋر بەس – مۇنازىرە دەۋرى ئىدى.

ئىمام شافىئىي بۇ پىرقەلەرنىڭ كۆپىنچىسىدىن رازى ئەمەس ئىدى، شۇڭا ئۇ مۇئتەزىلەلەرنىڭمۇ ۋە خاۋارىجلارنىڭمۇ يولىنى تۇتمىغان. بىراق، ئۇ ھەقىقەتەن مېتود جەھەتتە ئۇلار ياشىغان دەۋرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. چۈنكى، ئۇ دەۋر بەس – مۇنازىرە دەۋرى ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) ئۇستا مۇنازىرىچى بولۇپ كەتكەن ئىدى، بەس – مۇنازىرىلىرىدە ھەقنى ھەق، باتىلنى باتىل قىلىش يولىنى ئوبدان بىلەتتى.

ئۇ ھەقىقەتەن ھەدىسنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن مۇئتەزىلەلەر بىلەن مۇنازىرىلەشتى. بەسرەدە خەبەرى ئاھادنىڭ يەنى مۇتەۋاتىر بولمىغان ھەدىسلەرنىڭ ھۆججەتلىكىنى ئىنكار قىلىدىغان بىر تۈركۈم مۇئتەزىلەلەر بار ئىدى. ئىمام شافىئىي رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشتى. ئۇ بۇنى كىتابى «ئەلئۇم (الأُمُّ)»دا توپلاپ يازغان. بۇ ۋە باشقا سەۋەبلەردىن، ئۇ «سۈننەتنىڭ ياردەمچىسى» دەپ ئاتالغان.

ئىمام شافىئىينىڭ دەۋرىدە گرېك، پارس ۋە ھىندى تىللىرىدىن خىلمۇخىل ئىلىملەر تەرجىمە قىلىنغان. بۇ دەۋردە شۇ تەرجىمە بىلەن تۈرلۈك ئىلىملەر تارقالغان. بىز شافىئىينى ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرغان دەپ ئويلىمايمىز. بەلكىم ئۇنىڭدىن بەس – مۇنازىرىلىرىگە ئالاقىدار يېرىدىن مەلۇم مىقداردا ئالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ خىل ئىلىملەرنىڭ ئۇنىڭ فىقھىي قاراشلىرىغا تەسىرى بولمىغان. چۈنكى، ئۇنىڭ فىقھىي قاراشلىرى ساپ ئىسلام مەنبەلىرى ئىچىدە بولغان، بەلكى ئۇ بۇ جەھەتتە نەسلەرگە قاتتىق چىڭ ئېسىلىش چېكىگە يەتكەن. چۈنكى، ئۇ نەسلەرگە تايانمىغان ھەرقانداق ئىجتىھادنى باتىلغا چىقىراتتى. ئىنشائاللاھ ئالدىمىزدا بۇنى قىسقىچە بايان قىلىمىز.

ئىمام شافىئىينىڭ سۈپەتلىرى

[207] ئاللاھ ئىمام شافىئىيغا ئىلىم، ئەخلاق ۋە دىيانەت جەھەتتە شۇنداقلا زامانداشلىرى ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي مەرتىۋە جەھەتتە يۈكسەك سۈپەتلەرنى ئاتا قىلغان.

1. شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىلمىي ئىدراكىدا كۈچلۈك ئىدى. ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇپ، مۇۋەتتانى ئوقۇپلا يادلىۋالغان، ئاندىن رىۋايەت قىلىنغان پېتى يادىسىغا ئوقۇپ بەرگەن ئىدى، ھەتتا ئۇ ئىمام مالىك بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن مۇۋەتتانى يادلاپ بولغان ئىدى.

ئۇ كۈچلۈك ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بىلەن بىرگە، شۇنداق ھازىرجاۋاب ئىدىكى، ۋاقتى كەلگەندە ئۇنىڭغا مەنىلەر تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭدا پىكرىي توسۇلۇش يوق ئىدى ۋە مەسىلىلەر ئۇنىڭغا يېپىق قالمايتتى. بەلكى تەتقىق قىلغان نەرسىنى ئۆزىنىڭ تەپەككۇر نۇرى بىلەن يورۇتۇۋېتەتتى – دە، ئۇنىڭ ئالدىدا ھەقىقەتلەر روشەنلىشەتتى.

ئۇ پىكرى چوڭقۇر بولۇپ، مەسىلىلەرنىڭ تاشقى يۈزىنى تەتقىق قىلىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەي، مەسىلىلەرنىڭ ئىچىگە چوڭقۇرلاپ كىرەتتى. ئۇنىڭ چۈشىنىش دائىرىسى كەڭ ئىدىكى، ھەقكە تولۇق يەتمىگۈچە بىر چەكتە توختاپ قالمايتتى. ئۇ ھادىسىلەرنى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى تەتقىق قىلىشتا ئۇنىڭغا ئۆلچەملەرنى قويۇشقا ئەھمىيەت بېرەتتى. شۇڭا، ئۇنىڭ تەتقىقاتى كۇللىيياتنى ئىزدەش بولغان، جۇزئىييات بىلەن كۇپايىلىنىپ قالمىغان. ئۇنىڭ كۇللىيياتقا ئەھمىيەت بېرىشى نەتىجىسىدە، ئۇ ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىنى تۈزۈپ چىققان.

2. شافىئىي بايانى كۈچلۈك، ئىپادىلەش قۇۋۋىتى يۇقىرى ئىدى. ئۇنىڭغا ئاللاھ پاساھەتلىك تىل، بالاغەتلىك بايان، كۈچلۈك يۈرەك بىلەن بىرگە چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە ئاۋاز ئاتا قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزلىرىنى روشەن بايان قىلغىنىدەك، ئۇرغۇلىرىنىمۇ روشەن ئىپادىلەيتتى. ئۇ ئىمام مالىك بىلەن كۆرۈشۈپ، مالىك ئۇنىڭ مۇۋەتتانى ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرىگە تىڭشىتىشىنى ئىستىۋىدى، ئۇ: «بىر بەتلا ئوقۇيمەن» دېدى. ئۇ شۇ بىر بەتنى ئوقۇ – ئوقۇمايلا، مالىك ئۇنىڭدىن مۇۋەتتانى ئاخىرىغىچە ئاڭلاشقا قىزىقىپ قالدى. چۈنكى، ئۇنىڭ ئاۋازىدا چوڭقۇر تەسىر بار ئىدى.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىمام شافىئىينىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى: «قانداقلىكى بىر ئادەمنى كۆرسەم، سۆھبىتىدىن كىتابلىرى چوڭ ئىكەن. شافىئىي بۇنىڭ سىرتىدا. ئۇنىڭ تىلى كىتابىدىن چوڭ ئىدى» دېگەن(19). شافىئىينىڭ كىتابلىرى مەقسەتنى ياخشى ئىپادىلەش، پىكىرنى گۈزەل تەسۋىرلەش جەھەتتە ئەڭ ياخشى كىتاب بولسا، ئۇنىڭ ئەمەلىي سۆھبىتى قانچىلىك ئېسىلدۇ؟! ئۇنىڭ سۆھبىتى ئەڭ كۈچلۈك نۇتۇق، ئەڭ گۈزەل ئىشارەت ۋە ئەڭ يۇقىرى ئىبارىدۇر. ئۇنىڭ بايان كۈچى شۇ دەرىجىدە ئۈستۈنكى، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ: «ئۇ ھەقىقەتەن ئالىملارنىڭ خەتىبىدۇر» دېگەن.

3. ئىمام شافىئىي خۇددى شەيخى مالىكتەكلا بەسىرىتى ئۆتكۈر، پاراسىتى كۈچلۈك ئىدى. ئەنە شۇ سۈپەت پىشقان بىر مۇنازىرىچى ئۈچۈن لازىم سۈپەتتۇر، شۇنداقلا ئۇلۇغ بىر ئۇستاز ئۈچۈن لازىم سۈپەتتۇر. چۈنكى، ئۇستاز بولغۇچى شاگىرتلىرىغا ئۇلار كۆتۈرەلەيدىغان مىقداردا ئىلىم ئۆگىتىدۇ. ئۇستاز بولغۇچى بۇنى پەقەت ئۆزىنىڭ پاراسىتى بىلەن بىلىدۇ – دە، ئۇلارنىڭ چۈشىنىش كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ بايان قىلىش كۈچىنى ماسلاشتۇرىدۇ. ئۇ مۇشۇلارنى كۆرەلىگەنلىكى ئۈچۈن، نۇرغۇن شاگىرتلار ۋە ھەمراھلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقان ئىدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىنى بىلىۋېلىشقا ئۇستا بولغانلىقتىن، سامىئلىرىغا(20) پەقەت ئۇلار كۆتۈرەلەيدىغان مىقداردا ئىلىم بېرەتتى. ياقۇتنىڭ «مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ»دا ئېيتىلىشىچە، ئۇ بەزى سامىئلىرى بىلەن ھۇزەيل شېئىرىنى مۇشائىرە قىلىشاتتى. شافىئىي ئۇنى يادىسىغا ئوقۇيتتى. ئاندىن ئۆزى بىلەن مۇشائىرە قىلىشقان كىشىگە: «بۇنى ئەھلى ھەدىستىن بىركىمگە بىلدۈرۈپ قويما، ئۇلار بۇنى كۆتۈرەلمەيدۇ» دېگەن(21).

4. ئىمام شافىئىي ھەقىقەتلەرنى ئىزدەشتە مۇخلىس ۋە ھەقكە يۈزلىنىشتە سادىق ئىدىكى، ھەقتىن باشقىسىنى كۆزلىمەيتتى. شەرق ھېكمەتلىرىدە مۇنداق ئېيتىلغان: ھەقىقەتلەرنى ئىزدەشكە ئىخلاس بىلەن يۈزلىنىش قەلبكە مەرىپەت نۇرىنى تاشلايدۇ ھەمدە كۆڭۈلدە بىر سۈزۈكلۈك مەۋجۇد بولىدۇكى، شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەتلەر روشەنلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەقىل ئىدراك قىلىدۇ، پىكىر رۇسلىنىدۇ ۋە ئىبارىلەر توغرا مەنىلەرنى تەسۋىرلەشتە چىن بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق كۆزقاراش دۇرۇس، ئىپادە ساغلام بولىدۇ.

شافىئىينىڭ ھەقىقەتلەرنى ئىزدەشتىكى ئىخلاسى ئۇنىڭ پۈتۈن ھايات باسقۇچلىرىدا ئۇنىڭغا ھەمراھ ئىدى. ھەتتا ئۇ ھەقنى قانداق بولسا بولسۇن ئىزدەيتتى. ئۇنىڭ ھەقىقەتلەرگە بولغان ئىخلاسى ئۇستازلىرىغا بولغان ئىخلاسى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالسا، ھەقىقەتلەرنى تاللايتتى. ئۇنىڭ مالىكقا بولغان ئىخلاسى ئۇنى مالىكقا قارشىلىق قىلىشتىن ۋە قارشىلىقىنى ئېلان قىلىشتىن توسالمىغان. ئىمام مالىكقا بولغان قارشىلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىككىلىنىپ تۇرغان شافىئىي ئەندەلۇستىكى كىشىلەرنىڭ ئىمام مالىكنىڭ باش كىيىمى بىلەن يامغۇر تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ مالىكقا بولغان قارشى پىكىرلىرى ھەققىدىكى كىتابىنى كىشىلەرگە ئېلان قىلغان ۋە ئۇلارغا مالىكنىڭ خاتالىشىپمۇ قالىدىغان ھەم توغرىمۇ قىلىدىغان بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ئۇنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇۋالغان ۋە ئۆزىگە جاي بەرگەن مۇھەممەد ئىبنى ھەسەنگە بولغان ئىخلاسى ئۇنى مۇھەممەد بىلەن مۇنازىرىلىشىشتىن ۋە مۇنازىرىدە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشتىن ھەمدە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنى يېڭىۋېلىپ، ئۇلاردىن مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەنتىنى ئېلىپ بېرىشتىن توسالمىغان. ئۇ پۈتۈن ئىلمىي ھاياتىنىڭ ھەممە باسقۇچلىرىدا مانا مۇشۇنداق ماڭغان ئىدى. شۇ جەھەتتىن، ئۇ مۇنازىرىلەشكۈچىلەرگە ھەق ئىخلاسى بىلەن ئالدىنى قىلاتتى ۋە ھەقنى نىشان قىلىپ، ئۇلار ئۈستىدىن زەپەر قۇچاتتى. ئۇ «ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئاساسى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتى» دەپ قارايتتى. ئۇ «رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى پۈتۈن بىلدىم» دەپ قارىمايتتى، شاگىرتلىرىنى ھەدىس ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرەتتى. شاگىرتلىرىنى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكرىگە قارشى كېلىدىغان بىرەر سەھىھ ھەدىسنى كۆرسە، ئۆزىنىڭ پىكرىنى تاشلاپ، ھەدىسنى تۇتۇشقا بۇيرۇيتتى. ياقۇت ئەلھەمەۋىينىڭ «مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ»دا رەﺑﯩﯿﺌ ئىبنى سۇلايمانغا تۇتاشقان بىر سەنەد بىلەن كېلىشىچە، رەﺑﯩﯿﺌ ئېيتقانكى: «مەن شافىئىينىڭ بىر ئادەمنىڭ بىر مەسىلە توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا: ‹بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق – مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. سورىغۇچى كىشى ئۇنىڭغا:

— ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! سەنمۇ مۇشۇنداق قارامسەن، — دېۋىدى، شافىئىي چۆچۈپ كەتتى ۋە چىرايى ئۆڭدى، ئاندىن مۇنداق دېدى:

— مەن رەسۇلۇللاھتىن بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ، مەنمۇ شۇ بويىچە قارىمىسام، قايسى زېمىن مېنى كۆتۈرەلەيدۇ؟! قايسى ئاسمان ماڭا سايە بېرىدۇ؟! ھەئە، مەنمۇ شۇنداق قارايمەن، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزى باش – كۆزۈمنىڭ ئۈستىدە».

رەﺑﯩﯿﺌ ئىبنى سۇلايمان ئېيتىدۇ: «مەن شافىئىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ‹ھەرقانداق بىر ئادەمدىن رەسۇلۇللاھنىڭ بىرەر ھەدىسى چوقۇم يوشۇرۇن قالىدۇ. مەن قانداق بىر سۆزنى دەي ياكى قانداق بىر ئۇسۇلنى تۈزەي، شۇ توغرىسىدا رەسۇلۇللاھتىن مېنىڭ دېگىنىمگە خىلاپ بىر ھەدىس بار بولۇپ قالسا، رەسۇلۇللاھنىڭ دېگىنى ھېساب ھەم ئاشۇ مېنىڭ قارىشىمدۇر›. شافىئىي بۇ گەپنى قايتا – قايتا تەكرارلىدى»(22).

بۇ يەردە يەنە بىر خىل ئىخلاس بار بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىنسانلارغا ئۈلگە بولىدىغان ئىلغار بەندىلىرىگە خاس قىلغان. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ مۇئمىنگە خاس قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلغان ۋە چاقىرغان «ھەقكە ئۆزىنى ئاتاش»تۇر. يەنى كىم دېگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەقكە تەسلىم بولۇشتۇر. قىممەت باھالىق مەرۋايىت ئۇنى تېپىپ چىققان كىشىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن تۆۋەن بولۇپ قالمايدۇ. شافىئىي ھەق كىم تەرەپتە بولسا، دوستقىمۇ ۋە دۈشمەنگىمۇ ئوخشاش بوي ئېگەتتى. بۇ شەكىلدىكى ئىخلاس قىيىن چوققىدۇر، كەم تېپىلىدىغان غايىدۇر. بايان ۋە ھۆججەتنى قورال قىلىپ مەيدانغا چۈشۈپ ئېلىشىدىغانلار ئىچىدە قەلبىگە كۆرەڭلەش ۋە ئۈستۈنلۈك مۇھەببىتى كىرمەيدىغان ئادەم كەم ئۇچرايدۇ. شافىئىي مۇشۇ كەم ئۇچرايدىغان ئاز كىشىلەردىن ئىدى. شۇڭا، ئۇ ھېچبىر مۇنازىرىدە ئاچچىقلانمايتتى، تىل ئىتتىكلىكى قىلمايتتى. چۈنكى، ئۇ ھەق ئىزدەيتتى، شۆھرەت ئىزدىمەيتتى. ئۇنىڭ ئىلىم شۆھرىتىدىن زاھىد بولۇشى، ھەقنى ئىزدەش ۋە ھەقكە تەسلىم بولۇشتىكى خالىسلىقى ئۇنى شۇ دەرىجىگە يەتكۈزگەنكى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلمىدىن ئۇنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن مەنپەئەتلىنىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ھافىز ئىبنى كەسىرنىڭ تارىخ كىتابىدا كېلىشىچە، ئۇ: «كىشىلەر بۇ ئىلىمنى ئۆگەنسە، ماڭا ئۇنىڭدىن ھېچنەرسە مەنسۇپ قىلىنمىسا، ئاللاھنىڭ ئەجرىگە ئېرىشسەم، كىشىلەر مېنى ماختىمىسا دەپ ئارزۇ قىلىمەن» دەيتتى(23).

ئىخلاس ئۇنىڭدا قەلب پاكلىقى، نەفس كۈچى، رەزىللىكلەردىن يىراق بولۇش ۋە كامىل ئىنسانغا ياراشمايدىغان قىلىقلاردىن ئۇزاق بولۇش…لارنى پەيدا قىلغان. يەھيا ئىبنى مەئىن شافىئىينىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا: «ئەگەر يالغان سۆزلەش مۇباھ بولىدىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ مۇرۇۋۋىتى ئۇنى يالغان سۆزلەشتىن توسۇپ قالغان بولاتتى» دېگەن(24). مانا بۇ راستچىل ئىخلاسلىق بىر كىشىنىڭ يېتەلەيدىغان ئەڭ يۈكسەك ماقامىدۇركى، ئۇ خىل كىشى نوقۇل ئەمر ۋە نەھيىگە ئەمەس، بەلكى قەلبى ۋە ۋىجدانىغا ئەگىشىپ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

شافىئىينىڭ قاراشلىرى ۋە فىقھىسى

[208] ئىمام شافىئىينىڭ دەۋرىدە خىلمۇخىل قاراشلار ۋە ئوخشىمىغان ئېقىملار پەيدا بولدى. شۇنداقلا كىشىلەر «ئىلمى كالام» دەپ ئاتىغان بىر ئىلىممۇ پەيدا بولدى. مۇئتەزىلەلەر ئۇ ئىلىمنىڭ ئۇللىرىنى قوپۇردى ۋە «كالام (سۆزلەش) ئاللاھنىڭ بىر سۈپىتىمۇ ياكى سۈپىتى ئەمەسمۇ، «قۇرئان كەرىم» مەخلۇقمۇ ياكى مەخلۇق ئەمەسمۇ» دېگەندەك ئىشلار توغرىسىدا توختالدى. شۇنىڭدەك يەنە ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى زاتتىن باشقا بىر مەنىلەرمۇ ياكى ئاللاھ تائالا پەقەتلا سۈپەتلىرى بىلەن تونۇلىدىغانلىقى ئۈچۈن سۈپەتلەر بىلەن زات بىر مەنىمۇ دېگەنلەر توغرىسىدا توختالدى. ئۇلار ۋە ئۇلاردىن باشقا جەبرىيلەر يەنە قەدەر ھەققىدە ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا بېكىتكەن تەقدىرى ئالدىدا ئىنساننىڭ ئىرادىسىنىڭ قانچىلىكلىكى ھەققىدە توختالدى. شۇنداقلا يەنە شىئە، خاۋارىج ۋە ئابباسىيلاردىن ئىبارەت سىياسىي پىرقەلەر مەيدانغا كەلدى.

بۇ ئىشلارنىڭ سەلبىي ياكى ئىجابىي جەھەتتىن، قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش جەھەتتىن، ئۇنىڭ تەپەككۇرىدىن ئورۇن ئېلىشى چوقۇم ئىدى. ئىلمى كالام ۋە ئۇنىڭدىن شاخلىنىپ چىقىدىغان مەسىلىلەرگە نىسبەتەن، بۇ ئىشلار ئۇنىڭ تەپەككۇرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتەتتى. ئۇ ھەقىقەتەن ئىلمى كالام بىلەن شۇغۇللىنىشتىن توسقان ئىدى. ئۇنىڭ: «كالامغا قاراشتىن ساقلىنىڭلار، ئەگەر بىراۋ فىقھ ھەققىدە بىر مەسىلە توغرۇلۇق سورىلىپ، جاۋابتا خاتالاشسا، مەسىلەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈشنىڭ دىيىتى توغرۇلۇق سورالسا، ئۇ: ‹ئۇنىڭ دىيىتى بىر تال تۇخۇم› دېسە، ئەڭ بولغاندا كۈلكىگە قالىدۇ. ئەگەر كالامدىكى بىرەر مەسىلە توغرۇلۇق سورىلىپ، جاۋابتا خاتالاشسا، بىدئەتچىگە ئايلىنىدۇ» دېگەنلىكى خاتىرىلەنگەن.

ئۇ كالامدىن توسقان بىلەن، ئۇنىڭدىن جىق نەرسە بىلەتتى. شافىئىيدەك بىرىگە ئۆزى بىلمەيدىغان بىر ئىشتىن توسۇش ياراشمايتتى. بىر قېتىم ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۇلارنىڭ كالام ھەققىدە مۇنازىرىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە ئۇلارغا دېدىكى: «مېنى ئۇنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟ مەنمۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، يۇقىرى بىر سەۋىيەگە يەتكەن، لېكىن كالامنىڭ چېكى يوق ئىكەن. خاتالاشساڭلار ›خاتالاشتىڭلار‹ دېيىلىدىغان، ›كافىر بولدۇڭلار‹ دېيىلمەيدىغان بىرنەرسە ھەققىدە مۇنازىرىلىشىڭلار»(25).

ئىمام شافىئىينىڭ ئىلمى كالام بىلەن شۇغۇللىنىشتىن توسۇشى ئۇنىڭ قىيامەت كۈنى ئاللاھنى كۆرۈش، قەدەر مەسىلىسى ۋە سۈپەت مەسىلىسىدەك مۇتەكەللىملەر چۆككەن مەسىلىلەردە كۆزقارىشى يوقلۇقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بەلكى شافىئىينىڭ فىقھتىكى مېتودى بىلەن ئۇيغۇنلىشىدىغان كۆزقارىشى بار ئىدى. ئۇ مېتود بولسىمۇ «قۇرئان» ۋە سۈننەتتە كەلگەننىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، مۇتەكەللىملەر كەلتۈرىدىغان دەلىللەر توغرىسىدا تەتقىق قىلىپ يۈرمەسلىك، پەقەتلا نەسلەر قوللايدىغان مىقداردا تەتقىق قىلىشتۇر. مەسىلەن، ئۇ «قۇرئان كەرىم» نەسلىرىنىڭ زاھىرى ۋە پەيغەمبەر ھەدىسلىرىگە بىنائەن، «ئىمان ئارتىدۇ ۋە كېمىيىدۇ» دەپ قارايتتى.

ئۇنىڭ ئىمامەت ھەققىدىكى قارىشى

[209] مۇتەكەللىملەر قوزغىغان ۋە سىياسىي پىرقەلەر قوزغىغان مەسىلىلەردىن بىرى خەلىفەلىك مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرىدۇر. بۇ مەسىلىنىڭ فىقھقا يېقىندىن ياكى يىراقتىن ئالاقىسى بار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىمام شافىئىينىڭ خەلىفەلىك ھەققىدە مۇنداق بىرقانچە نۇقتىدا ئۈچ خىل قارىشى رىۋايەت قىلىنغان:

1. شافىئىينىڭ قارىشىچە، ئىمامەت بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك بىر دىنىي ئىشتۇر. ئىنسانلارغا بىر ئىمام لازىمدۇركى، ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا مۇئمىن ئەمەل قىلىدۇ، كافىر بەھىرلىنىدۇ. نەتىجىدە ياخشىمۇ، يامانمۇ راھەت سۈرىدۇ، خۇددى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ ئېيتقاندەك.

2. ئۇ «ئىمامەت قۇرەيش ئىچىدە بولىدۇ» دەپ قارايتتى(26). بۇ توغرۇلۇق ئۇ («ئەلئۇم»كىتابىدا) ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ۋە ئىبنى شىھاب زۇھرىيدىن مۇتتەسىل سەنەد بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «مَنْ أَهَانَ قُرَيْشًا أَهَانَهُ اللَّهُ (كىمكى قۇرەيشكە ئاھانەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاھانەت قىلىدۇ)» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان(27). ئۇ يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇرەيشكە: «أَنْتُمْ أَوْلَى النَّاسِ بِهَذَا الْأَمْرِ مَا كُنْتُمْ مَعَ الْحَقِّ إِلَّا أَنْ تَعْدِلُوا عَنْهُ فَتلْحوْنَ كَمَا تلْحَى هَذِهِ الْجَرِيدَةُ / سىلەر ھەق ئۈستىدە بولساڭلارلا بۇ ئىشقا سىلەر ئەڭ ھەقلىق، ھەقتىن چەتنەپ كەتسەڭلار، خۇددى بۇ شاخنىڭ قوۋزىقى سويۇلغاندەك سويۇلۇپ كېتىسىلەر» دېگەنلىكىنىمۇ رىۋايەت قىلغان(28). بۇ نەستىن شۇ چىقىدۇكى، خەلىفەدە ئادالەت شەرت قىلىنىدۇ، زالىم بولغان ئادەم خەلىفە سانالمايدۇ.

3. شافىئىي خىلافەتنىڭ سەھىھ بولۇشى ئۈچۈن، تەختكە چىقىشتىن بۇرۇن بەيئەتنىڭ بولۇشىنى شەرت قىلمايدۇ، لېكىن بەيئەتنىڭ شۇنىڭدىن بۇرۇن بولۇشى شەكسىز ياخشىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىركىم زورلۇق بىلەن ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزسە ۋە قۇرەيشلىك بولسا، ئاندىن ئۇ ئادىللىق بىلەن ئىش تۇتۇپ ئىشلار ئوڭشالسا ۋە كىشىلەر ئۇنىڭ چۆرىسىگە يىغىلسا، ئۇ خەلىفە سانىلىدۇ. شافىئىيدىن ئۇنىڭ شاگىرتى ھەرمەلە ئۇنىڭ: «(قۇرەيشلىك) قانداق بىر كىشى زورلۇق بىلەن خىلافەتنى تارتىۋالسا، كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلسا، ئۇ خەلىفەدۇر» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان(29). دېمەك، ئۇ خەلىفە بولىدىغان ئادەمنىڭ قۇرەيشلىك بولۇشىنى ۋە ھاكىمىيەتكە ئىگە بولۇشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىشىنى شەرت قىلىدۇ. دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئادالەت ئوپئوچۇق شەرتتۇر. شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئىنسانلارنىڭ خەلىفەلىككە ئەڭ لايىقى سىددىق، ئاندىن فارۇق، ئاندىن زۇننۇرەين، ئاندىن ئىمامۇلھۇدا ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب» دەپ قارايتتى. ئاللاھ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن!

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ خۇلەفائى راشىدىننى بەش دەپ قارايتتى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ تۆت ساھابەسىگە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنى قوشاتتى. ئۇ خۇلەفائى راشىدىندىكى ئارتۇقچىلىق دەرىجىسىنى ئۇلارنىڭ خەلىفەلىكتىكى تەرتىپى بويىچە تىزاتتى. لېكىن، بۇ قۇرەيشلىك شافىئىي ئەلىنى ئارتۇقچىلىقتا ئەبۇبەكرىدىن تۆۋەن كۆرسىمۇ، ئۇنى ئالاھىدە بەك ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭ ئەلىگە قىزىقىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بىر ئادەم ئەلى ھەققىدە:

— ئەلى ھېچكىمگە پەرۋا قىلمىغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۈركۈگەن، — دېۋىدى، شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى:

— ئۇنىڭدا مۇنداق تۆت خىسلەت بار ئىدى، بىركىمدە ئاشۇنىڭدىن بىر خىسلەت بار بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ ھېچكىمگە پەرۋا قىلماسلىقى ھەقلىق بولىدۇ. (بىرىنچى خىسلىتى) ئۇ زاھىد ئىدى، زاھىد دۇنياغا ۋە دۇنيا ئەھلىگە پەرۋا قىلمايدۇ. (ئىككىنچىسى) ئۇ ئالىم ئىدى، ئالىم ھېچكىمگە پەرۋا قىلمايدۇ. (ئۈچىنچىسى) ئۇ باتۇر ئىدى، باتۇر ھېچكىمگە پەرۋا قىلمايدۇ. (تۆتىنچىسى) ئۇ شەرەپلىك ئىدى، شەرەپلىك كىشى ھېچكىمگە پەرۋا قىلمايدۇ».

ئۇ يەنە ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇ ھەققىدە ئېيتقانكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلىنى قۇرئان ئىلمىگە خاس قىلغان ئىدى. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلغان ۋە ئۇنى كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشقا (قازىلىققا) بۇيرۇغان. ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكۈزۈلەتتى، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ھۆكۈملەرنى يۈرگۈزەتتى».

ئىمام شافىئىي «ئەلى بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپتا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەق ئۈستىدە ئىدى، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەق ئۈستىدە ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇ باغىي ئىدى، خاۋارىجلارمۇ شۇنداق باغىي ئىدى» دەپ قارىغان. شۇڭلاشقا، ئۇ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزىگە قارشى چىققانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىن باغىيلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى يەكۈنلىگەن. بۇ ھەقتە رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلگە يەھيا ئىبنى مەئىننىڭ شافىئىينى شىئەلەرگە نىسبەت بېرىدىغانلىقى دېيىلىۋىدى، ئەھمەد يەھيا ئىبنى مەئىنگە:

— بۇنى سەن قانداق بىلدىڭ؟ — دېدى. يەھيا:

— ئۇنىڭ باغىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ھەققىدىكى يازغانلىرىغا قارىسام، ئۇ باشتىن ئاخىرىغىچە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنى ھۆججەت قىلىپتۇ، — دېۋىدى، ئەھمەد:

— ئەجەبا، باغىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش بارىسىدا شافىئىي كىمنى ھۆججەت قىلسا بولاتتى. مۇشۇ ئۈممەتتىن باغىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا مۇبتەلا بولغان تۇنجى كىشى شۇ ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ئەمەسمۇ؟! — دېدى»(30).

ئۇنىڭ فىقھىسى

[210] ئىمام شافىئىي باغدادتا تۇرۇپ مەككەگە قايتقاندىن تارتىپ، بىر فىقھىي مېتودنى تۇتۇپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ مېتودىدا ئۇستازى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغىمۇ، شۇنداقلا ئىراقلىقلارنىڭ فىقھىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىيغىمۇ ئەگەشمىدى. يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك، ئۇ جۇزئىيياتنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرگە، كۇللىي تەتقىقاتقا يۈزلەندى. شۇڭا، ئۇ توغرىسىدا ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل: «فىقھ ئۆز ئەھلىگە قۇلۇپلۇق ئىدى. ئاللاھ ئۇنى شافىئىي بىلەن ئاچتى» دېگەن. كىشىلەر «فىقھىي تەتقىقاتتىكى يېڭى بۇرۇلۇش» دەپ قاراپ، بۇ تۈرلۈك ئىلىمگە يۈزلەندى. چۈنكى، بۇ ئىلىمنى شافىئىيدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان يوق. نەتىجىدە ئۇ ھ. 195 – يىلى ئۇشبۇ ئىلىمنى ئېلان قىلغىنىدا كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىدى. كەرابىيسىي: «بىز كىتاب نېمە، سۈننەت نېمە، ئىجماﺋ نېمە، بىلمەيتتۇق. كىتاب، سۈننەت، ئىجماﺋ دېگەننى شافىئىيدىن ئاڭلىدۇق» دېگەن. ئەبۇ سەۋر ئېيتقانكى: «بىزنىڭ قېشىمىزغا شافىئىي كەلگەندە، ئۇنىڭ قېشىغا كىرىۋېدۇق، ئۇ: ‹شۈبھىسىزكى، ئاللاھ گاھىدا ئامنى سۆزلەپ، خاسنى ئىرادە قىلىدۇ. يەنە گاھىدا خاسنى سۆزلەپ، ئامنى ئىرادە قىلىدۇ› دېگەنىدى. ھالبۇكى بىز بۇلارنى بىلمەيتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇلار توغرۇلۇق ئۇنىڭدىن سورىۋېدۇق، ئۇ دېدىكى: ئاللاھ تائالا ئايەتتە: ﴿إِنَّ ٱلنَّاسَ قَدۡ جَمَعُواْ لَكُمۡ / كىشىلەر سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى﴾ دېگەن. بۇ يەردە مۇراد ئەبۇ سۇفياندۇر (يەنى ئامنى سۆزلەپ، خاسنى ئىرادە قىلىشتۇر). ئاللاھ تائالا: ﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ إِذَا طَلَّقۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ / ئى پەيغەمبەر! سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار… ﴾ دېگەن. بۇ خاس بولۇپ، مۇراد ئامدۇر».

بىز ئىمام شافىئىينىڭ مۇشۇنداق باغدادقا كىشىلەر ئاڭلاپ باقمىغان بىر ئىلىمنى كۆتۈرۈپ كېلىپ — گەرچە ئۇ ئىلىمنى ئىمام شافىئىي كامىل ئىختىرا قىلمىغان بولسىمۇ — ئۇنى ئىزاھلىغان، بايان قىلغان ۋە تەرتىپلىگەنلىكىنى كۆرىمىز. بىز ئۇنىڭ فىقھىسى توغرىسىدا سۆزلەۋاتقان ئىكەنمىز، مۇنداق ئىككى ئىشنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتۈشىمىز لازىم:

1. ئۇنىڭ فىقھىسى تايانغان دەلىللەر ياكى ئۇنىڭ فىقھىي مەنبەلىرى؛

2. ئۇنىڭ ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىدىكى ئەمگىكى.

شافىئىي فىقھىسىنىڭ مەنبەلىرى

[211] شافىئىي ئۆزىنىڭ فىقھىسىنى بەش مەنبەدىن ئالغان. بۇنى ئۇ كىتابى «ئەلئۇم»دا بايان قىلغان. ئۇ دەيدۇكى: «ئىلىم نەچچە خىل تەبىقىدۇر. بىرىنچىسى: كىتاب ۋە سابىت سۈننەت. ئىككىنچىسى: ھەققىدە كىتاب ۋە سۈننەت يوق ئىشلاردىكى ئىجماﺋ. ئۈچىنچىسى: رەسۇلۇللاھنىڭ بەزى ساھابەلىرىنىڭ بىر گەپنى دېيىشى ۋە ئۇ گەپكە قارىتا ساھابەلەردىن بىرەر كىشىنىڭ قارشى چىققانلىقىنى بىلمەسلىكىمىز. تۆتىنچىسى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىنىڭ شۇ گەپ ھەققىدە ئىختىلاپلىشىشى. بەشىنچىسى: قىياس. كىتاب ۋە سۈننەت بار يەردە، ئۇ ئىككىسىدىن باشقا بىرنەرسىگە مۇراجىئەت قىلىنمايدۇ، بەلكى ئىلىم ئەڭ يۇقىرىدىن ئېلىنىدۇ»(31).

بۇنىڭغا ئاساسەن، شافىئىينىڭ كىتاب ۋە سۈننەتتىن ئىبارەت نەسلەرنى ئىستىنبات مەرتىۋىلىرىنىڭ بىرىنچىسى دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇ «كىتاب ۋە سۈننەت ئىسلام فىقھىسىنىڭ يېگانە مەنبەسى، ئۇ ئىككىسىدىن باشقىسى شۇ ئىككىسىگە بويسۇندۇرۇلىدۇ» دەپ قارايدۇ. ساھابەلەر ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىدا يا ئىتتىپاقلاشقان، يا ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىتابقا ياكى سۈننەتكە مۇخالىپ كېلىشى مۇمكىن ئەمەس، بەلكى كىتاب – سۈننەتتىكى نەس ئارقىلىق ياكى كىتاب – سۈننەتكە بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق، بۇ قاراشلارنىڭ ئېتىلىپ چىققان بۇلىقى كىتاب ۋە سۈننەتتۇر. ئىجمائمۇ شۇنىڭدەك بولۇپ، ئۇنىڭمۇ كىتاب – سۈننەتكە تايانماي، ئۇ ئىككىسىدىن چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. دېمەك، ئىلىم دائىما ئەڭ يۇقىرىدىن ئېلىنىدۇ، بۇ يەردىكى ئەڭ يۇقىرىسى كىتاب ۋە سۈننەتتۇر.

[212] ئىمام شافىئىيدىن كېيىنكى فۇقەھائنىڭ ئاۋۋال كىتابنى، ئاندىن ئىككىنچى بولۇپ سۈننەتنى تىلغا ئالىدىغانلىقىنى كۆردۇق. ئىمام شافىئىيدىن بۇرۇن ئىمام ئەبۇ ھەنىفەمۇ شۇنداق بايان قىلغان بولۇپ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە باشتا كىتابنى تۇتىدۇ، ئۇنىڭدىن تاپالمىسا سۈننەتنى تۇتىدۇ. مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن نېمە بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن تاپالمىسا رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى، ئەگەر ئىككىلىسىدىن تاپالمىسا، ئۆز رايى بىلەن ئىجتىھاد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

نېمە ئۈچۈن ئىمام شافىئىي (دەرىجە جەھەتتە) سۈننەتنى «قۇرئان» بىلەن بىرلەشتۈرۈۋەتكەن؟ ھالبۇكى، ئەمەلىيەتتە ئىككىسى بىر دەرىجە ئەمەس. چۈنكى، سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكى «قۇرئان»دىن مەلۇم بولغان. شەكسىزكى، ئىمام شافىئىي سۈننەتنى ھەر جەھەتتىن «قۇرئان» بىلەن بىر مەرتىۋىدە دەپ قارىمايدۇ. ئەقەللىيسى، «قۇرئان» مۇتەۋاتىر بولۇپ، ئۇنى تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئىبادەت ھاسىل بولىدۇ ھەمدە ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىدۇر. سۈننەتنىڭ كۆپىنچىسى مۇتەۋاتىر ئەمەس، ئۇنى ئوقۇسا ئىبادەت ھاسىل بولمايدۇ ھەمدە ئۇ ئاللاھنىڭ كالامى ئەمەس، بەلكى ئۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزىدۇر.

ئىمام شافىئىي فىقھىي تەتقىقاتىدىن كېيىن، «قۇرئان»نىڭ كۇللىيياتنىڭ ۋە خېلى كۆپ جۇزئىيياتنىڭ بايانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى، «قۇرئان كەرىم»نىڭ بايانىنى سۈننەتنىڭ تولۇقلىغانلىقىنى، «قۇرئان»نىڭ مۇجمەللىرىنى سۈننەتنىڭ مۇپەسسەل قىلغانلىقىنى ۋە ئەقىل يېتەلمەيدىغان بەزى ئىشلارنى ئىزاھلىغانلىقىنى بايقىغان. دېمەك، سۈننەت كىتابتا كەلگەن بارلىق كۇللىي مەسىلىلەرنى ئوچۇق بايان قىلغۇچىدۇر ۋە كىتابنىڭ مۇجمەلىنى مۇپەسسەل قىلغۇچىدۇر. سۈننەت بايان قىلغۇچى ئىكەن، ئىلمىي جەھەتتىن سۈننەت بايان قىلىنغۇچى بىلەن بىر دەرىجىدە بولمىسا، بايان قىلىش سالاھىيىتى بولمايدۇ. كۆپلىگەن ساھابەلەر مۇشۇ تەرزدە قارايتتى.

ئىمام شافىئىينىڭ مەقسىتىنى باشقا ياققا بۇراپ سالماسلىقىمىز ئۈچۈن، گاھى ئاڭقىرىلماي قېلىنىدىغان مۇنۇ ئۈچ مەسىلىگە دىققەت قىلماق لازىم:

بىرىنچى: شافىئىي فۇرۇئلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى چىقارغاندا، سۈننەت ئىلمىنى قۇرئان ئىلمى بىلەن بىر مەرتىۋىگە قويغان. بۇ، «قۇرئان»نىڭ بۇ دىننىڭ يىلتىزى، تۈۋرۈكى ئىكەنلىكى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۆجىزىسى ئىكەنلىكى بىلەن زىتلاشمايدۇ. سۈننەت فەرئىدۇر، «قۇرئان» ئۇنىڭ ئەسلىدۇر. شۇڭا، سۈننەت ئۆزىنىڭ كۈچىنى «قۇرئان»دىن ئالغان. سۈننەت پەقەتلا ئەھكام ئىستىنبات قىلغۇچىنىڭ نەزەرىدە «قۇرئان» بىلەن بىر مەرتىۋىدىدۇر. چۈنكى، ئۇ بايان قىلىش ۋە ئىزاھلاش جەھەتتە كىتابقا ياردەملىشىدۇ ۋە ئۇلۇغ شەرىئەت ئېلىپ كەلگەن، ئىنسانلارنىڭ دۇنيا – ئاخىرەتلىكىگە پايدىلىق ئەھكاملارنى بايان قىلىشتا كىتابقا ھەمكارلىشىدۇ.

ئىككىنچى: شافىئىي ئەھكام ئىستىنبات قىلىشنىڭ ساغلام ۋە توغرا بولۇشى ئۈچۈن، فۇرۇئلارنى بايان قىلىشتا ئومۇمىي سۈننەتنى بىلىشنى «قۇرئان»نى بىلىش بىلەن بىر مەرتىۋىدە قىلىدۇ. قانداق يول بىلەن بولسۇن، رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەرقانداق بىرنەرسىنى مۇتەۋاتىر «قۇرئان» بىلەن بىر دەرىجىدە قىلمايدۇ. چۈنكى، ئاھاد ھەدىسلەر «قۇرئان» ئايەتلىرىنىڭ دەرىجىسىدە بولۇش تۈگۈل، مۇتەۋاتىر ھەدىسلەرنىڭ دەرىجىسىدىمۇ بولمايدۇ. شافىئىي بىز نەقىل قىلغان گېپىدە بۇنى ئەسكەرتكەن. چۈنكى، ئۇ فۇرۇئلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى چىقارغاندا، «قۇرئان»نىڭ مەرتىۋىسىدە بولىدىغان سۈننەتنى سابىت سۈننەت دەپ قەيت قىلىپ: «بىرىنچى دەرىجە: كىتاب ۋە سابىت سۈننەت» دېگەن.

ئۈچىنچى: شافىئىي ئەقىدە مەسىلىلىرىنى تونۇشتا سۈننەتنىڭ «قۇرئان»نىڭ مەرتىۋىسىدە ئەمەسلىكىنى ئوچۇق ئېيتقان.

شافىئىيدىن كېيىن كەلگەن كۆپلىگەن فۇقەھائ‍ ئۇنىڭ قارىشىنى قوللىغان. شاتىبىي «ئەلمۇۋافەقات (الموافقات)»تا دەيدۇكى: «قۇرئاندىن ئىستىنبات قىلىشتا سۈننەتتىن ئىبارەت قۇرئاننىڭ شەرھى ۋە بايانىغا قارىماستىن، قۇرئان بىلەنلا چەكلىنىش توغرا ئەمەس. چۈنكى، قۇرئان بىر كۇللىي كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدا ناماز، زاكات، ھەج، روزا ۋە شۇلارغا ئوخشايدىغان كۇللىي ئىشلار بار. ئۇنداق بولغان ئىكەن، قۇرئاننىڭ بايانى (بولغان سۈننەت) غا قارىماي بولمايدۇ. ئەگەر سۈننەت (قۇرئاندىكى بىر مەسىلىنى) يېتەرلىك بايان قىلمىغان بولسا، سەلەف سالىھلەرنىڭ قۇرئانغا بەرگەن تەفسىرىگە قارىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار قۇرئاننى باشقىلاردىن بەكرەك بىلگۈچىدۇر. ئەگەر سەلەف سالىھلەردىن تەفسىر كەلمىگەن بولسا، ساپ ئەرەبنىڭ چۈشەنگىنى يېتەرلىكتۇر».

[213] ئىمام شافىئىي «قۇرئان» ۋە سۈننەتنى دەلىللىكتە بىر دەرىجە دەپ قاراش بىلەن بىرگە، «‹قۇرئان› سۈننەتنى مەنسۇخ قىلمايدۇ، سۈننەتمۇ ‹قۇرئان›نى مەنسۇخ قىلمايدۇ» دەپ قارايدۇ، لېكىن ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «ئەگەر ‹قۇرئان› سۈننەتنى مەنسۇخ قىلسا، چوقۇم مەنسۇخلۇقنى بايان قىلىدىغانغا سۈننەتتىن بىر دەلىل لازىم» دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇنى چىڭ تەكىتلىگەن ۋە بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى ئىشقا ئاساسلانغان:

بىرىنچى: يىغما خۇلاسە شۇنى ئىسپاتلىغانكى، «قۇرئان» بىلەن سابىت بولغان ھەرقانداق بىر ھۆكۈمنى «قۇرئان» مەنسۇخ قىلسا، «قۇرئان» بىلەن بىرگە مەنسۇخلۇقنى بايان قىلىدىغان بىر سۈننەت كەلگەن. بۇنىڭغا بىر مىسال: قىبلە بۇرۇن بەيتۇلمەقدىس ئىدى. قىبلە كەئبە بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇبادا ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى كەئبەگە يۈزلەندۈرگەن. ئەنە شۇ، مەنسۇخلۇقنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بىلەن بىرگە، سۈننەتنىڭ بايان قىلىشىدۇر. مەنسۇخ قىلىش بىر قىسىم ئەمەلىي ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئەمەلىي ھۆكۈملەرنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئورۇنلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەمەلى مەنسۇخلۇقنىڭ بايانى بولۇشتىن سىرت، مەنسۇخلۇقنىڭ تەتبىقاتى بولىدۇ.

ئىككىنچى: سۈننەت «قۇرئان»نىڭ بايانى. مەنسۇخ قىلىش دېمەكلىك ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىشنىڭ ۋاقتىنىڭ تۈگىگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشتۇر. مادامىكى سۈننەت «قۇرئان»نىڭ بايانى بولغان ئىكەن، مەنسۇخ قىلغۇچى نەس بىلەن بىرلىكتە مەنسۇخلۇقنى بايان قىلىدىغان سۈننەت ياندىشىپ كېلىشى كېرەك.

شەكسىزكى، شافىئىي «قۇرئان سۈننەتنى مەنسۇخ قىلمايدۇ» دېگەن گېپىدە كۆپىنچە فۇقەھائغا قارشى يول تۇتقان. ئەنە شۇ ئۇنىڭ سۈننەتكە سەل قارىماسلىقنى ۋە سۈننەتنىڭ «قۇرئان»نىڭ بايانى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئەگەر مەنسۇخلۇقنى بايان قىلىدىغان بىرەر سۈننەت بولمايلا، سۈننەتنىڭ ‹قۇرئان› بىلەن مەنسۇخ قىلىنىشىغا يول قويۇلسا، مەنسۇخلۇقنى دەۋا قىلغۇچى ئۆزىنىڭ نەزەرىدە ‹قۇرئان› نەسلىرىنىڭ زاھىرىغا خىلاپ كەلگەن كۆپلىگەن سۈننەتلەرنى مەنسۇخ دەپ دەۋا قىلىۋالىدۇ» دەپ ئويلىغان. شۇڭا، ئۇ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، «سۈننەت سۈننەت بىلەن مەنسۇخ بولىدۇ، ئەگەر سۈننەت ‹قۇرئان› بىلەن زىتلاشسا، ‹قۇرئان› سۈننەتكە مۇقەددەم قىلىنىدۇ» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. دېمەك، بىر سۈننەتنى تاپساق، ئۇ ياكى «قۇرئان»غا ئۇيغۇنلىشىدۇ، ياكى مەنسۇخلۇقنى بايان قىلىدۇ. زىتلىق «قۇرئان» بىلەن سۈننەتنى جەملەشكە يول قويمايدۇ. سۈننەتتىن مەنسۇخلۇقنى بايان قىلىدىغان بىرنەرسە تېپىلمىسا، بۇ ھالەتتە ھەدىس زەئىف بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەنسۇپلۇقى سابىت بولمايدۇ.

ئىمام شافىئىينىڭ سۈننەتنى قوغدىشى

[214] دېگىنىمىزدەك، ئىمام شافىئىينىڭ دەۋرىدە خىلمۇخىل ئېقىملار مەۋجۇد بولغان. ئۇنىڭ دەۋرىدە سۈننەتكە ھۇجۇم قىلىدىغان تائىپىلەرمۇ مەۋجۇد بولغان. ئۇ «كىتابۇ جىمائىل ئىلىم (كتاب جماع العلم)»دا ئۇلارنىڭ مۇنداق ئۈچ سىنىپ ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلغان:

بىرىنچى سىنىپ: ئۇلار سۈننەتنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، ھۆججەت يالغۇز «قۇرئان» دەپ دەۋا قىلغان.

ئىككىنچى سىنىپ: ئۇلار پەقەت «قۇرئان» بىلەن بىر مەنىدە كەلگەن سۈننەتنى قوبۇل قىلغان.

ئۈچىنچى سىنىپ: سۈننەتتىن مۇتەۋاتىر بولغاننى قوبۇل قىلغان، مۇتەۋاتىر بولمىغاننى قوبۇل قىلمىغان ۋە مۇتەۋاتىرنى «ئامنىڭ ھەدىسى ياكى ئامنىڭ خەبەرى» دەپ ئاتىغان. مۇتەۋاتىر بولمىغاننى «خاسنىڭ ھەدىسى ياكى خاسنىڭ خەبەرى» دەپ ئاتىغان.

بىرىنچى ۋە ئىككىنچى سىنىپ سۈننەتنى تامامەن ئۆرۈپ تاشلايدۇ ۋە ئۇنى مۇستەقىل بىر ئاساس دەپ قارىمايدۇ. شافىئىي بىرىنچى سىنىپنىڭ قارىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجىلەرنى تىلغا ئالغان. كېلىپ چىقىدىغان نەتىجە ھەقىقەتەن بەك خەتەرلىكتۇر. ئۇ نەتىجە بولسىمۇ نامازنى، زاكاتنى، ھەجنى ۋە ئۇندىن باشقا سۈننەت بايان قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان «قۇرئان»دىكى مۇجمەل پەرزلەرنى چۈشىنەلمەسلىكىمىزدۇر، چۈشەنگەندىمۇ پەقەتلا لۇغەت مەنىسىدىلا چۈشىنىمىز. مەسىلەن: «الصلاة (ناماز)» دېگەن سۆزدىن ئەقەللىي تەقدىردە دۇئا دېگەن لۇغەت مەنىسىنى، «الزكاة (زاكات)» دېگەن سۆزدىن ئارتىش ۋە ئۆسۈش دېگەن لۇغەت مەنىسىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. كۈندە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ تۇرۇپ، «ئاللاھنىڭ كىتابىدا بولمىغاننى ئىنكار قىلىمەن» دېسە، ئۇ شۇ ئىككى رەكئەتنى نەدىن بىلىپتۇ؟ بۇ ئىنكار ئارقىلىق ناماز، زاكات ۋە ھەجلەر بىكار بولۇپ كېتىدۇ.

شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىككىنچى سىنىپنىڭ سۆزىدىنمۇ بىرىنچى سىنىپنىڭ سۆزىدىن چىققان نەتىجىنىڭ چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

خەبەرى ئاھادنىڭ دەلىللىكىنى ئىنكار قىلىدىغان ئۈچىنچى پىرقەگە كەلسەك، ئىمام شافىئىي ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئەتراپلىق ۋە پۇختا رەددىيە بەرگەن. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ (ھەر خىل مەملىكەتلەرنى) ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يەتمەيدىغان ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەنلىكى، ئەگەر مۇتەۋاتىرلىق زۆرۈر بولسا ئىدى، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇنىڭ بىلەن كۇپايىلەنمەيدىغانلىقى، چۈنكى ئەلچى ئەۋەتىلگەن قەۋملەرنىڭ يەككە ياكى ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ خەبەرىنى ئېتىبارغا ئالمايدىغانلىقى باھانىسى بىلەن ئەلچىلەرنى قايتۇرۇۋېتىش ھەققى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە (شەرىئەتتە) مال، قان ۋە جان مەسىلىلىرىدە ئىككى ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى، ھالبۇكى بۇنىڭ مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يەتمەيدىغان خەبەر ئىكەنلىكى، شۇنداقتىمۇ شەرىئەتنىڭ ئۇ ئارقىلىق جاۋابكارلىق ئارتقانلىقىنى دەلىل قىلغان. ئۈچىنچىدىن، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزىدىن بىر گەپ ئاڭلىغان كىشىنىڭ — گەرچە ئۇ بىر ئادەم بولسىمۇ — ئاڭلىغىنىنى يەتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى دەلىل قىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «نَضَّرَ اللَّهُ عَبْدًا سَمِعَ مَقَالَتِي فَحَفِظَها وَوَعَاهَا وَبَلَّغَهَا مَنْ لَمْ يَسْمَعْهَا فَرُبَّ حَامِلِ فِقْهٍ لا فِقْهَ لَهُ وَرُبُّ حَامِلِ فِقْهٍ، إِلَى مَنْ هُوَ أَفْقَهُ مِنْهُ، ثَلاثٌ لا يَغِلُّ عَلَيْهِنَّ قَلْبُ مُؤْمِنٍ: إِخْلاصُ الْعَمَلِ لِلَّهِ وَالنَّصِيحَةُ لأَئِمَّةِ الْمُسْلِمِينَ، وَلُزُومُ جَمَاعَتِهِمْ / مېنىڭ سۆزۈمنى ئىشىتىپ، ئۇنى (زېھنى بىلەن) ساقلىغان، ئۇنى ئاڭقىرىغان ۋە ئۇنى (ئىشىتكەن پېتى كىشىلەرگە) يەتكۈزگەن بەندىنى ئاللاھ نۇرلۇق قىلسۇن! بەزى ئىلىم يەتكۈزگۈچىلەر باركى، ئۆزى ئالىم ئەمەس. بەزى ئىلىم يەتكۈزگۈچىلەر باركى، ئىلىمنى ئۆزىدىنمۇ ئالىمراق كىشىگە يەتكۈزىدۇ. ئۈچ ئىش بار، ئۇنىڭ بىلەن مۇسۇلماننىڭ قەلبى ئۆچ – ئاداۋەت ۋە پاساتتىن پاك بولىدۇ. ئۇلار: ئەمەلنى ئاللاھقا خالىس قىلىش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرىغا سەمىمىي بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ جامائىتىنى لازىم تۇتۇش»(32).

تۆتىنچىدىن، ئۇ ساھابەلەرنىڭ يەككە ھالەتتە رەسۇلۇللاھنىڭ خەبەرلىرىنى نەقىل قىلىشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىق بىر توپ بولۇشنى شەرت قىلمىغانلىقىنى دەلىل قىلغان. ئۇ خەبەرى ئاھادنى قوبۇل قىلىشقا دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى مۇشۇنداق سۇۋارى كەلتۈرىدۇ.

[215] شۇنى ئېيتىپ ئۆتىمىزكى، مەزكۇر ئۈچ سىنىپ تارىخنىڭ دولقۇنلىرىدا يوقاپ تۈگىگەن، ئىسلامىي دەۋرلەردە ئۇلارنى ئەسلەتكۈدەك بىرەر قالدۇقمۇ قالمىغان. شۇ ھەقىقەتتۇركى، بۇ ئۈچ سىنىپ سۈننەتنى ئۆرۈپ تاشلاشقا، ئۇنى تۇتماسلىققا يۈزلەنگەن. ئىسلامنى ئۆرۈشنى ئىستەيدىغان كۆپ تائىپىلەر ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلار «قۇرئان»نى «قۇرئان»نىڭ بايانى بولغان سۈننەتتىن ئايرىۋەتمەي تۇرۇپ، «قۇرئان»نى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقى ياكى «قۇرئان»نىڭ مەنىلىرىنى بۇزالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقان. چۈنكى، «قۇرئان» ئۆزىنىڭ بايانىدىن ئايرىۋېتىلسە، «قۇرئان»نىڭ مەنىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ۋە «قۇرئان»نىڭ ئەھكاملىرىنى بۇزۇشقا يول ئېچىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام ئاسانلا ئۆرۈلىدۇ.

بىز ياشاۋاتقان ۋە ئىسلامنى ئۆرۈش ئامىللىرى كۆپىيىپ كەتكەن بۇ دەۋردە شۇنداق بىر ئۆسمە پەيدا بولدىكى، بۇ ئۆسمە ئىسلامنى ئۆرۈمەكچى بولغان بۇزغۇنچى ئازغۇنلاردىن ئىبارەت ئىلگىرىكىلىرىنىڭ يولىدا مېڭىپ: «يالغۇز قۇرئانغىلا تايىنىش كېرەك» دېمەكتە. ئۇلار ئىككى خىل ئېقىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئىككىلىسى ئازغۇندۇر.

بىرىنچى ئېقىم ئوچۇقتىن ئوچۇق «سۈننەت ھۆججەت ئەمەس، پەقەت قۇرئانلا ھۆججەت» دەيدۇ. بىز (1958 – يىلى) پاكىستاننىڭ لاھۇر شەھىرىدە خەلقئارالىق چوڭ ئىسلام يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن چاغدا، شۇ يەردە مۇشۇ خىلدىكى بەزى كىشىلەرنى كۆردۇق. ئۇلار ئۆزلىرىنى «قۇرئان جامائىتى» دەپ ئاتىۋالغان ئىكەن، ھالبۇكى ئۇلار «قۇرئان»نىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنىدۇر. چۈنكى، ئۇلار «قۇرئان»نىڭ تەفسىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئەرەبچىدىن بىر ھەرپمۇ بىلمەيدۇ، ناكار تەرجىمىلەرگە تايىنىدۇ ۋە شۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە قاراپمۇ قويماستىن ھۆججەت دەپ ھېسابلايدۇ. ئەگەر بۇلارنىڭ ئىشى راۋاجلىنىپ قالسا، بۇ ئەھۋال ئىلگىرىكى كىتابلار ئۇچرىغان ئۆزگەرتىشلەرگە «قۇرئان»نىڭمۇ ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى، ئىلگىرىكى (ساماۋى) كىتابلارغا يەتكەن ئۆزگەرتىش ۋە ئالماشتۇرۇشلار تەرجىمىلەر سەۋەبلىك يەتكەن ۋە ئەسلىسى يوقىغان. مىسىردىمۇ مۇشۇنداق پىرقەنى ئۇچراتتۇق. بۇ ھەقتە كۆپ كىتابلار يېزىلدى. ئۇ پىرقەگە بىر مىنىستىر ۋەكىلى باشچىلىق قىلغان ئىدى. لېكىن، ئاللاھ ئۇنى ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جامائىتى پارچىلاندى.

ئىككىنچى ئېقىم سۈننەت راۋىيلىرىنى سۆكۈش ۋە سەھىھ سۈننەتلەرنى ئىنكار قىلىش بىلەن سۈننەتنى ئۆرۈشنى ئىستەيدۇ. ئۇلار ئېغىزلىرىدا سۈننەتنى ئىلغاشنى دەۋا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە غەرەزى سۈننەتنى ئۆرۈش. ئىككىلى ئېقىم ئىسلامنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى خاھلىمايدىغانلاردىن ياردەم ئالىدۇ. ئۇلارنى ئاشۇلار پۇل – مال، تەشۋىقات ۋە كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ زامان ئۈچۈنمۇ (سۈننەتنى مۇداپىئە قىلىدىغان) يەنە بىر شافىئىي بارمۇ؟! لېكىن ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئۆچتى. ئاللاھ تائالا چوقۇم بۇلارنىمۇ باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىسلام تارىخىنىڭ دولقۇنلىرىغا غەرق قىلىدۇ.

ئىمام شافىئىينىڭ نەزەرىدىكى ئىجماﺋ

[216] شافىئىي ئىجمائنىڭ دىندا ھۆججەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە ئۇنى «دەۋر ئالىملىرىنىڭ بىر دەلىلگە تايىنىپ تۇرۇپ، بىر ئەمەلىي شەرئىي ھۆكۈمگە بىرلىشىشى» دەپ تونۇشتۇرغان. ئۇ بۇ ھەقتە ئېيتىدۇ: «مەن ۋە ئەھلى ئىلىملەردىن ھېچكىم (بىرەر مەسىلىنى) ‹بۇ ئىجماﺋ قىلىنغان مەسىلە› دېيەلمەيمىز، مەگەر دېسەك، سەن ئۇچرىغان ھەربىر ئالىم ئوخشاش ئېيتقان ۋە ئىلگىرىكىلەردىن ئوخشاش ھېكايە قىلىنغان مەسىلىنى دېيەلەيمىز. مىسالەنگە: پېشىننىڭ تۆت رەكئەت ئىكەنلىكى، ھاراقنىڭ ھاراملىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان مەسىلىلەر»(33).

ئىمام شافىئىي ئېتىبارغا ئالىدىغان بىرىنچى ئىجماﺋ ساھابەلەرنىڭ ئىجمائسىدۇر. ئىمام شافىئىينىڭ سۆزلىرىدە «ساھابەلەردىن باشقىلارنىڭ ئىجمائسى ھۆججەت بولمايدۇ» دەيدىغان گەپ يوق. مۇنۇ ئۈچ ئىشقا ئاگاھ بولماق كېرەك:

بىرىنچى ئىش: ئىمام شافىئىي دەلىل قىلىشتا ئىجمائنى كىتاب ۋە سۈننەتنىڭ ئارقىسىغا تىزىدۇ. دېمەك، ئىجماﺋ قىلىنغان مەسىلە كىتاب ۋە سۈننەتكە مۇخالىپ كېلىدىغان بولسا، ئۇ ھۆججەت بولالمايدۇ. ھەقىقەتتە، كىتاب ۋە سۈننەتكە مۇخالىپ كېلىدىغان بىرەر ئىشتا ئىجمائنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. ئىسلام تارىخىدا ئۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىپ باقمىغان.

ئۇشبۇ مەسىلىدىكى ھەقىقەت شۇكى، ئىجماﺋ ئىككى تۈرلۈكتۇر. بىرى، نەسلەرگە ئىجماﺋ قىلىش ۋە شۇ ئىجمائنىڭ مۇتەۋاتىر بولۇشى. ئۇ دېگەنلىك ئىسلامنىڭ رامكىسى سانىلىدىغان، ئالىملار «دىندىن ئوپئوچۇق بىلىنگەن مەسىلىلەر» دەيدىغان ئىشلارغا ئىجماﺋ قىلىشتۇر. مىسالى: نامازلارنىڭ بەش ۋاخ ئىكەنلىكى، رەكئەتلىرىنىڭ سانى، ھەج پائالىيەتلىرى، زاكات ۋە ئۇندىن باشقا ئىشلار. بۇلار نۇرغۇن نەس ۋە خەبەرلەر بىلەن ئىسپاتلانغانلىقى ۋە ئۇ ھەقتە سۈننەتنىڭ مۇتەۋاتىر كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئىجماﺋ قىلىنغان مەسىلىلەردۇر. ئالىملارنىڭ بۇ ھالەتتىكى ئىجمائسى نەسلەرگە ۋە نەسلەرنىڭ مەفھۇمىغا ئىجماﺋ قىلىشتۇر، راست خەبەرلەرگە ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئىجماﺋ قىلىشتۇر. شەكسىزكى، بۇ تۈرلۈك ئىجماﺋ ئۇنىڭغا خىلاپ كەلگەندەك تۇيۇلىدىغان جۇزئىي نەسلەرگە مۇقەددەم قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئىجمائغا خىلاپ كېلىدىغان ھەرقانداق نەس ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. چۈنكى، ئۇ مەنىلىرىگە ئىجماﺋ قىلىنغان نەسلەرگە خىلاپ كېلىدۇ.

ئىككىنچى تۈرلۈك ئىجماﺋ ئالىملارنىڭ ئارىسىدا دەتالاش ئوبيېكتى بولغان بەزى ھۆكۈملەرگە ئىجماﺋ قىلىشتۇر. مەسىلەن، ساھابەلەرنىڭ ئۆمەرنىڭ قارىشىغا ئىجماﺋ قىلىشى. ئۆمەرنىڭ قارىشى بولسىمۇ فەتىھ قىلىنغان زېمىنلارنى غەنىيمەت ئالغۇچىلارغا تەقسىملەشنى مەنئى قىلىش. بۇ نەسكە تايانغان ئىجماﺋ بولۇپ، ئۇنى ئىنكار قىلغۇچى پەرز نامازلارنىڭ بەش ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ئادەمدەك ۋە پەرز نامازلارنىڭ رەكئەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمدەك كافىر سانالمايدۇ. شەكسىزكى، بۇ ئاخىرقى ئىجماﺋ دەلىللىكتە كىتاب ۋە سۈننەتنىڭ ئارقىسىغا قويۇلىدۇ.

ئىككىنچى ئىش: ئىمام شافىئىي مەدىنە ئەھلىنىڭ ئىجمائسىنى ئىجماﺋ دەپ ئېتىبارغا ئالمايتتى. بۇنىڭدا ئۇ ئۇستازى ئىمام مالىكقا قارشى يول تۇتقان. لېكىن، ئۇ ئەمەلىي جەھەتتىن شۇنى ئېتىراپ قىلىدۇكى، مەدىنە ئەھلى بىر ئىشقا ئىجماﺋ قىلسا، چوقۇملا ھەممە ئىسلام يۇرتلىرىدا ئىجماﺋ قىلىنغان ئىشقا ئىجماﺋ قىلىدۇ. مىسال: پېشىننىڭ تۆت رەكئەت ئىكەنلىكى، شامنىڭ ئۈچ رەكئەت ئىكەنلىكى، بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت ئىكەنلىكىگە ئوخشاش. كىشىلەر ئارىسىدا ئىختىلاپلىشىلغان ئىشلارغا كەلسەك، ئۇ ئىشلاردا مەدىنە ئەھلىمۇ ئىختىلاپلىشىدۇ. بۇنىڭدا ئۇ گەرچە نەزەرىيە جەھەتتىن قارشى يول تۇتقان بولسىمۇ، ئەمەلىي جەھەتتىن ئۇستازى بىلەن ئۇيغۇنلىشىدۇ.

ئۈچىنچى ئىش: شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىراۋ بىلەن مۇنازىرىلىشىپ قالسا، قارشى تەرەپ مەسىلىدە ئىجماﺋ بارلىقىنى دەۋا قىلسا، شافىئىي ئىجمائنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلاتتى. ھەتتا «ئۇ ئىجمائنى ئىنكار قىلىدۇ» دەپ قارىلانغان.

لېكىن، ھەقىقەت شۇكى، مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ دەۋرىدە ئىجمائنى دەۋا قىلىش كۆپىيىپ كېتىپ، ھەتتا ئىجماﺋ قىلىنمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىجماﺋ دەۋا قىلىنغان ئىدى. بىز ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئىمام ئەۋزائىي ئىلگىرى سۈرگەن ئىجماﺋ دەۋالىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭ ئىنكارى كۆپ چاغدا قوپال ئىبارىلەر بىلەن بولغان. يىغىپ ئېيتقاندا، شافىئىي ئىجمائنى ھۆججەت دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان، لېكىن تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئۈچۈن كۆپ مەسىلىلەردە ئىجماﺋ دەۋالىرىغا قارشى تۇرغان.

ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرى

[217] شافىئىيلارنىڭ بەزى ئۇسۇلۇلفىقھ يازغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىمامىنىڭ كونا مەزھەبىدە ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىنى تۇتىدىغانلىقى، يېڭى مەزھەبىدە تۇتمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. ئۇنىڭ كونا مەزھەبى بولسا ئۇنىڭ ئىراقتا يازغان كىتابلىرىنى نەقىل قىلغان زەئفەرانىينىڭ رىۋايەتلىرىدۇر. ئۇنىڭ يېڭى مەزھەبى بولسا ئۇنىڭ مىسىردا يازغان كىتابلىرىنى نەقىل قىلغان رەﺑﯩﯿﺌ ئىبنى سۇلايمان مۇرادىينىڭ رىۋايەتلىرىدۇر.

لېكىن، بىز شافىئىينىڭ رەﺑﯩﯿﺌ ئىبنى سۇلايماننىڭ رىۋايەت قىلىشىدىكى «ئەررىسالە (اَلرِّسَالَةُ)» دېگەن كىتابىدا ئۇنىڭ ساھابەلەرنىڭ سۆزلىرىنى تۇتىدىغانلىقىنى بايقايمىز. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ كونا مەزھەبىدە تۇتقىنىدەك يېڭى مەزھەبىدىمۇ ساھابەنىڭ سۆزىنى تۇتىدىغانلىقى ئايدىڭلىشىدۇ. بىزنىڭ ھەق دەپ قارايدىغىنىمىز مانا مۇشۇدۇر.

ساھابەنىڭ قارىشى ھەققىدىكى ئىمام شافىئىينىڭ سۆزلىرىنى خۇلاسە قىلساق، ئۇ ساھابەنىڭ قارىشىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلىدۇ:

بىرىنچى قىسىم: ساھابەلەرنىڭ ئىجماﺋ قىلغان قاراشلىرى. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ فەتىھ قىلىنغان زېمىنلارنى ئۆز ئىگىلىرىنىڭ قولىدا قالدۇرۇشقا ئىجماﺋ قىلىشى. بۇ ھۆججەتتۇر. چۈنكى، ئۇ ئىجماﺋ بولۇپ، ئومۇمىي ئىجمائنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكۈچىدۇر. ھېچكىمنىڭ ئۇ توغرۇلۇق ئوشۇق – تۆشۈك گەپ قىلىش ھەققى يوق.

ئىككىنچى قىسىم: ساھابەنىڭ بىرەر سۆزى بولۇشى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ساھابەنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپمۇ ۋە مۇۋاپىقمۇ سۆزىنىڭ تېپىلماسلىقى. شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنى تۇتاتتى. «ئەررىسالە (اَلرِّسَالَةُ)» دېگەن كىتابتا ئۇنىڭ بەزى كىشىلەر بىلەن قىلغان مۇنازىرىسى بايان قىلىنغان بولۇپ، قارشى تەرەپ:

— ئېيتقىنە، ساھابەلەردىن بىرى بىر سۆزنى دېسە، ئۇنىڭدىن باشقا ساھابەنىڭ ئۇ ھەقتە قوللىشىمۇ ۋە قارشىلىقىمۇ تېپىلمىسا، شۇنىڭغا ئەگىشىشكە قارىتا كىتابتىن ياكى سۈننەتتىن، ياكى كىشىلەر ئىجماﺋ قىلغان بىر ئىشتىن ھۆججەت تاپالامسەن؟ — دېگەندە، (شافىئىي ئېيتىدۇ) مەن دېدىم:

— بۇ ھەقتە كىتابتىن ۋە سابىت سۈننەتتىن بىرنەرسە تاپالمىدۇق. بىز ئەھلى ئىلىملەرنىڭ ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ سۆزىنى بىر مەررە تۇتۇپ، يەنە بىر مەررە تەرك ئەتكەنلىكىنى كۆردۇق. ئۇ دېدى:

— سەن قايسىسىغا مايىل؟ مەن دېدىم:

— كىتاب ۋە سۈننەتتىن، ئىجمائتىن بىر ھۆكۈمنى تاپالمىسام، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ سۆزىگە ئەگىشىشكە مايىلمەن. ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ سۆزلىرى ئىچىدە باشقا بىرى مۇخالىپ كەلمەيدىغان سۆز ئاز تېپىلىدۇ(34).

ئۈچىنچى قىسىم: ساھابەلەرنىڭ ئىختىلاپلاشقان بىر مەسىلىدىكى سۆزلىرى. ئۇ بۇ قىسىمدا ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە ئوخشاش ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن بىرنى تاللايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھەممە سۆزلىرىگە مۇخالىپ كېلىدىغان بىر سۆزنى دېمەيدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن كىتاب ۋە سۈننەتكە ياكى ئىجمائغا ئەڭ يېقىن بولغاننى، ياكى كۈچلۈك بىر قىياس قوللايدىغاننى تاللايدۇ.

شافىئىينىڭ بۇ ھەقتە دېگەن سۆزىگە قۇلاق سېلىڭ!

«كىتاب ۋە سۈننەت بار ئىكەن، ئۇ ئىككىسىنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ ئۇلارغا ئەگەشمەي ھېچ ئۆزرىسى يوقتۇر. ئەگەر (بىر مەسىلىدە) ئۇ ئىككىسى بولمىسا، رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابەلىرىنىڭ سۆزىگە ياكى ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ سۆزىگە مۇراجىئەت قىلىمىز، ئاندىن (ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ سۆزىگە) مۇراجىئەت قىلىپ قالساق، ئەبۇبەكرى ياكى ئۆمەر ياكى ئوسمانلاردەك خەلىفەلەرنىڭ سۆزى — ئۇنىڭدا تەقلىدكە بېرىپ قالساقمۇ — بىزگە ئەڭ سۆيۈملۈك بولدى. ئەلبەتتە، ئەگەر (ساھابەلەر ئارىسىدىكى) ئىختىلاپتا قايسى قاراشنىڭ كىتاب ۋە سۈننەتكە ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان دالالەت تاپالمىساق، خەلىفەلەرنىڭ سۆزىگە ئەگىشىمىز. ئەگەر دالالەت تاپالاپ قالساق، شۇ دالالەت بار سۆزگە ئەگىشىمىز»(35).

بۇ گەپتىن شۇ چىقىدۇكى، ساھابەلەر (بىر مەسىلىدە) بىرقانچە قاراش بويىچە ئىختىلاپلاشقان بولسا، ئىمام شافىئىي ئاۋۋال ئۇ قاراشلارنىڭ كىتاب ۋە سۈننەتكە يېقىنراقىنى تاللاشقا يۈزلىنىدۇ. ئۇنىڭ قاراشلار ئىچىدىن دالالەتتە كىتاب ۋە سۈننەتكە يېقىنراق بىر قاراشنى تاپالماسلىقى كەم ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ يۇقىرىقىنى تاپالمىسا، ئىككىنچى ئىشقا يۆتكىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ تەقلىد. بۇ ھالەتتە ئۇ بىرەر خەلىفە بار تەرەپنى تاللايدۇ. شۇڭا، ئۇ ئەبۇبەكرى، ئاندىن قالسا ئۆمەر، ئاندىن قالسا ئوسمان بار تەرەپنى تاللايدۇ.

ئۇ بۇنىڭغا مۇنداق سەۋەب كۆرسىتىدۇ: «خەلىفەنىڭ سۆزى مەشھۇردۇر، كىشىلەر ئۇنى چىڭ تۇتىدۇ. كىمنىڭ سۆزىنى كىشىلەر چىڭ تۇتسا، ئۇنىڭ سۆزى بىر كىشىنىڭ ياكى نەچچە كىشىنىڭ پەتۋاسىدىنمۇ مەشھۇرراق بولۇپ كېتىدۇ. ھالبۇكى مۇفتىينىڭ پەتۋاسى گاھى ئەمەل قىلىنىدۇ، گاھى تەرك ئېتىلىدۇ، كۆپىنچە ئۇ ئۆيلىرىدە ياكى مەجلىسلىرىدە خاس كىشىلەرگە پەتۋا بېرىدۇ. ئامما ئۇلارنىڭ دېگىنىگە خەلىفەنىڭ دېگىنىگە كۆڭۈل بۆلگەنچىلىك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. بىز خەلىفەلەرنىڭ بىر مەسىلىدە گەپ قىلماقچى بولسا، (ئەتراپىدىكىلەردىن) كىمنىڭ شۇ مەسىلە ھەققىدە كىتاب ۋە سۈننەتتىن بىلىدىغىنى بارلىقىنى سورايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. (بىلىدىغان بىرى چىقمىسا ئۆزىنىڭ توغرا تاپقىنىنى) دەيدۇ. ئاندىن ئۇلارغا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قارشى بىر دەلىل خەبەر قىلىنىدۇ – دە، ئۇلار خەبەر بەرگۈچىدىن خەبەرنى قوبۇل قىلىدۇ. ھەربىر ھالەتتە تەقۋادار ۋە پەزىلەتلىك بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، چوڭچىلىق قىلماستىن قاراشلىرىدىن يانىدۇ. ئەگەر خەلىفەلەردىن بىرنەرسە تېپىلمىسا، رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابەلىرى ئىشەنچلىكتۇر. ئۇلارنىڭ سۆزىنى تۇتىمىز. ئۇلارغا ئەگىشىش ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئەگىشىشتىن ياخشىراقتۇر»(36).

قىياس

[218] يۇقىرىدا سۆزلەنگەنلەردە ئىمام شافىئىي ناقىل(37) ئىدى، مۇجتەھىد ئەمەس ئىدى، پەقەتلا نەسلەرنىڭ مەنىلىرىنى ئىدراك قىلىش ياكى بەزى قاراشلارنى بەزىسىگە تەرجىھ قىلىشلاردا مۇجتەھىد ئىدى، خۇددى ساھابەلەر (ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رازىلىقى بولسۇن!) نىڭ قاراشلىرىنى بىر – بىرىگە تەرجىھ قىلغاندەك.

قىياسقا كەلسەك، ئىمام شافىئىي ئۇ جەھەتتە بويلاپ ماڭغىلى بولىدىغان قاراشلارنى يەكۈنلەپ چىقىرىشتا مۇجتەھىد ئىدى. شۇڭا، شافىئىي قىياسنى ئىجتىھاد دەپ تونۇشتۇرىدۇ. شافىئىي كەلتۈرگەن كۆپلىگەن مىساللاردىن كۆرۈنگىنىدەك، ئۇنىڭ نەزەرىدىكى قىياس ئۇسۇلۇلفىقھ ئالىملىرىنىڭ قىياسقا بەرگەن ئۇشبۇ ئېنىقلىمىسى بىلەن ئۇيغۇنلىشىدۇ: «قىياس — ھۆكۈمنىڭ ئىللىتىدە ئۆزئارا ئورتاقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكمى سۆزلەنمىگەن بىر ئىشنى ھۆكمى سۆزلەنگەن يەنە بىر ئىشقا قېتىۋېتىشتۇر».

ئىمام شافىئىي قىياسنى كىتاب ۋە سۈننەت دالالەت قىلىدىغان، ئەمما ئوچۇق نەس كەلمىگەن ھۆكۈملەرنى بىلىشنىڭ ئىسلامىي ئۇسۇللىرىدىن بىر ئۇسۇل سۈپىتىدە ئىسپاتلايدۇ. ئۇ قىياسنىڭ ئىسپاتلىنىشىنى مۇنداق ئىككى مۇقەددىمە ئۈستىگە قۇرۇپ چىقىدۇ:

بىرىنچى مۇقەددىمە: پۈتۈن شەرىئەتنىڭ ھەربىر ھۆكمى مەلۇم ھادىسە بىلەن ۋە مەلۇم زامان بىلەن چەكلەنمەيدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئىنسان ئۇچرىغان ۋە ئىنساندىن يۈز بەرگەن ھەربىر ھادىسىدە چوقۇم شەرىئەتنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىش لازىم. بۇ ھۆكۈملەر يا ئوچۇق نەس بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ، ياكى نەس كەلمىگەن بىر ئىشنى نەس كەلگەن يەنە بىر ئىشقا قىياس قىلىش بىلەن بىرەر نەسكە بويسۇندۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئاللاھ رازى بولسۇن، بۇ ھەقتە دەيدۇكى: «مۇسۇلمان ئۇچرىغان ھەرقانداق بىر ئىش توغرىسىدا چوقۇم بىر ھۆكۈم باردۇر ۋە ھەق يولىغا بىر دالالەت باردۇر. ئەگەر مۇئەييەن ئىش توغرىسىدا بىر ھۆكۈم بار بولسا، مۇسۇلمان شۇ ھۆكۈمگە ئەگىشىشى كېرەك، مۇئەييەن ئىش ھەققىدە بىر ھۆكۈم بولماي قالسا، ئىجتىھاد بىلەن شۇ ھەقتىكى ھەق يولىغا بولغان دالالەتنى ئىزدىشى كېرەك. ئىجتىھاد دېمەك قىياستۇر»(38).

بۇ گەپنىڭ مەنىسى شۇكى، شەرىئەت ئومۇمىيدۇر. ئەگەر ئوچۇق نەس تېپىلسا، شۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. تېپىلمىسا، مۇجتەھىد شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي ھۆكۈملىرى ئىشارەت قىلىدىغان ئىشارەتلەر بىلەن ھۆكۈمنى تېپىشقا يۈزلىنىدۇ، بەلكىم شۇ ھەقتە بەزى نەسلەردە بىر دالالەت بولۇشى مۇمكىن، شۇ دالالەت مۇجتەھىدنى مۇشۇ نەسلەرگە قىياس قىلىشقا باشلايدۇ.

ئىككىنچى مۇقەددىمە: ئىمام شافىئىي ئەھكامغا ئالاقىدار شەرىئەت ئىلمىنى ئىككى قىسىمغا بۆلىدۇ: بىرى، قەتئىي ئىلىم. بۇ خىل ئىلىم قەتئىي نەسلەر بىلەن ئىسپاتلىنىدۇكى، قەتئىي نەسلەرنىڭ ئەھكامغا دالالەت قىلىشى قەتئىي بولىدۇ. يەنە بىرى، زەننىي ئىلىم. بۇ خىل ئىلىمدە غالىب زەن كۇپايە قىلىدۇ. خەبەرى ئاھاد مۇشۇ قىسىمدىندۇر، قىياسمۇ مۇشۇ قىسىمدىندۇر. ئۇنىڭغا كۆرە، ئەگەر نەسلەردە قەتئىي ئىلىم تېپىلمىسا، مۇجتەھىد غالىب زەن كۇپايە قىلىدىغان زەننىي ئىلىمگە يۈزلىنىدۇ.

ئۇ ئېيتىدۇ: «قەتئىيلىكنى ئىپادىلەيدىغان ئىلىم — ھەم زاھىرغا، ھەم باتىنغا ئائىت ئىلىمدۇر((39)، يەنى بىر مۇسۇلماننىڭ ئىنكار قىلىشى ۋە تەقەززاسىغا ئەمەل قىلماسلىقى راۋا بولمايدىغان ئىلىمدۇر. غالىب زەننى ئىپادىلەيدىغان ئىلىم — زاھىرغا ئائىت ئىلىم بولۇپ، باتىندا ۋاجىب بولمايدۇ، يەنى ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ۋە بويسۇنۇش ۋاجىب بولىدۇ، ئىنكار قىلسا ئىنكار قىلغۇچى كافىرغا چىقىرىلمايدۇ». شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شەرىئەتنىڭ كۆپلىگەن ئەھكاملىرىدا غالىب زەننى تۇتۇشنىڭ ۋاجىبلىقىغا مىساللارنى كەلتۈرىدۇ. مەسىلەن، قازى گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن، شۇنداقلا گۇۋاھچىلارنىڭ راست سۆزلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئادىللىق ۋە پاكلىق ئالامەتلىرى بىلەن، شۇنداقلا ئۈستىدىن ياخشىلىق كۆرۈنۈپ تۇرۇشى بىلەن ۋە ئۇلارنى يالغان سۆزلەشكە ئىتتىرىدىغان ياكى يالغان سۆزلەشنى تاللاتقۇزىدىغان بىر تۈرتكە بولماسلىقى بىلەن، گاھىدا قارىلانغۇچىنى ئۆلتۈرىدۇ. ھالبۇكى گۇۋاھچىلار خاتالاشقان ياكى يالغان سۆزلىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن، لېكىن قازى ئۆزىگە زاھىر بولغىنى بويىچە ئىش قىلىدۇ، باتىن بولغىنىنى ئاللاھقا قالدۇرىدۇ. ئەنە شۇنداق قىلىشتا جامائەتكە مەسلەھە بار. چۈنكى، قازى گۇۋاھچىلاردىكى يالغان سۆزلەش ئېھتىماللىقى بىلەن جىنايەتچىلەرگە ھۆكۈم پىچىشنى تەرك ئەتسە ئىدى، پۇل – ماللار نابۇت بولاتتى، قانلار نابۇت بولاتتى، جەمئىيەت قالايمىقانلىشىپ كېتەتتى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ﴿وَلَكُمۡ فِي ٱلۡقِصَاصِ حَيَوٰةٞ / سىلەرگە قىساستا ھاياتلىق بار﴾(2/«بەقەرە»: 179) دېگەن سۆزىدىكى يۈكسەك ئىجتىمائىي مەنە ئىشقا ئاشمىغان بولاتتى.

دېمەك، مۇجتەھىدلەر دەلىللەردىن ئەھكام چىقىرىشقا مۇكەللەفتۇر ۋە سەۋەبلەر زاھىرەن ئۇلارنى نېمىگە ئېلىپ بارسا، شۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا مۇكەللەفتۇر. ئۇلارغا مەخپىي قالغان ئىشلاردا ئۇلارغا گۇناھ بولمايدۇ. مەسىلەن، بىركىم بىر خوتۇننى ئۆزىگە ھالاپ دەپ ئېلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئېمىلداش ھەمشىرىسى ئىكەنلىكى ئايان بولسا، ئۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار سانالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ بىلمەيتتى، ئۇنىڭ باشتىكى ئىزدىنىشى ئۇنى ئۇنىڭغا مەخپىي قالغان ئىشنى بىلىشكە ئېلىپ بارالمىدى. ئاخىرىدا، ئۇنىڭغا مەجھۇللۇق ئاشكارىلانغان چاغدا نىكاھ بۇزۇلدى. نەتىجىدە زاھىرغا بىر ھۆكۈم، باتىنغا بىر ھۆكۈم چېتىلدى. زاھىر بىلەن نەسەب، ئىددەت ۋە مەھر بېكىتىلگەن بولسا، باتىن بىلەن ئۆزئارا مىراسخورلۇق ۋە نەپىقە يوقلۇقى بېكىتىلدى.

[219] ئىمام شافىئىي ھەقىقەتەن قىياسنى ئىجتىھاد سۈپىتىدە ئېتىبارغا ئالدى. ئۇ قىياسنى مۇجتەھىدنىڭ بىر ھۆكۈمنى مەۋجۇد قىلىشى دەپ قارىمايدۇ، بەلكى ئۇنى مۇجتەھىدنىڭ ئۆزى ئىجتىھاد قىلغان مەسىلىدىكى شەرىئەتنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىشى دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە: «كىتاب ۋە سۈننەتنىڭ نەسلىرى مۇئەييەندۇركى، مۇجتەھىد نەسلەرنىڭ مەنىسىنى نىشان قىلىدۇ» دەيدۇ. يەنى قىياس كىتاب ۋە سۈننەتكە تايىنىدىغان بولۇپ، مۇجتەھىد كىتاب ۋە سۈننەتنىڭ بەزى نەسلىرىنى ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى تېپىپ چىقىدۇ، ئاندىن ئۆزى ئىجتىھاد قىلىدىغان مەسىلە بىلەن، «قىياسنىڭ ئەسلى / ئاساسى» دەپ تونۇغان نەسنىڭ كۆرسىتىدىغان مەنىسىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرىدۇ.

شافىئىي راي بىلەن ئىجتىھاد قىلىش تۈرلىرىدىن پەقەت قىياسنىلا تۇتىدۇ. ئوچۇق نەسلەر، ئىجماﺋ ۋە ساھابەلەرنىڭ پەتۋالىرىدىن قالسا، قىياستىن باشقا يول يوق. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئۇ بۇ ھەقتە دەيدۇكى:

«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىجتىھادقا بۇيرۇغان بولسا، ئىجتىھاد پەقەت بىرنەرسىنى ئىزدەش ئۈچۈن بولىدۇ، بىرنەرسىنى ئىزدەش پەقەت دەلىللەر بىلەن بولىدۇ، دەلىللەر بولسا قىياستۇر. قارىمامسەن، بىر ئادەم بىر ئادەمدىن بىر قۇلنى سېتىۋالماقچى بولسا، ئۇ بازاردىن بىخەبەر بولسا، بىلىدىغانلار ئۇنىڭغا: ‹قۇلنى سەن باھالىغىن› دېمەيدۇ. ئۇنىڭ قۇلنى باھالىشى ئۈچۈن ئىككى نەرسە لازىم بولىدۇ، بىرى، شۇ كۈنلۈك ئوخشاش قۇلنىڭ باھاسىنى بىلىش؛ يەنە بىرى، ئۇ قۇل بىلەن باشقا قۇلنى سېلىشتۇرالايدىغان بولۇش. ئەگەر تاۋار ئىگىسى بازاردىن بىخەبەر بولسا، ئۇنىڭغىمۇ: ‹سەن باھالىغىن› دېگىلى بولمايدۇ. قۇلنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدىغان فەقىھكىمۇ: ‹بۇ قۇلنى ياكى بۇ دېدەكنى، ياكى بۇ ئىشلەمچىنىڭ ئىش ھەققىنى سەن باھالىغىن› دېيىش جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، ئەگەر فەقىھ قۇلنىڭ قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر ئۆرنەك يوق ھالدا باھالاپ قويسا، ناھەقچىلىك بولىدۇ»(40).

بۇ گەپنىڭ مەزمۇنى شۇكى، قىياس قىلغۇدەك بىر ئۆرنەك بولمىسا، ئىجتىھاد قىلىش مۇمكىنسىزدۇر. كىمكى بىر تاۋارنى باھالىماقچى بولسا، ئاۋۋال تاۋارنىڭ ئۆزىنى كۆزىتىشى، ئاندىن بازاردىكى ئوخشاش تاۋارلارنىڭ باھاسىنى كۆزىتىشى لازىم. فەقىھمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىستىنباتىنى تاياندۇرىدىغان بىر ئەسلنى كۆزىتىشى ۋە بۇ جەھەتتە ئۆزىدە بىر ئۆلچەم تۇرغۇزۇشى لازىم. شەيئىلەرنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئوخشاشلىرىنى كۆزەتمەي تۇرۇپ بىلىنمەيدىغان بولسا، — بۇ تېخى ئاللاھنىڭ ئەمرلىرى ۋە نەھيىلىرى ئالدىدا ئاددىي نەرسىلەر — مۇجتەھىد ئۆزىنىڭ ئىجتىھادىدا شەيئىلەرنى باھالاشتا باغلانغان ئىشقا باغلىنىشى كېرەك. ئۇ ئىش بولسىمۇ مەنە جەھەتتە ئوپمۇئوخشاش بىر نەسنىڭ بولۇشىدۇر. مۇجتەھىد ئىجتىھادىنى شۇنىڭغا ئاساسلاندۇرىدۇ.

[220] ئىمام شافىئىي ئىجتىھادتا قىياسنى تۇتقان تۇنجى كىشى ئەمەس. ئىمام مالىكمۇ تۇتقان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە (بۇ جەھەتتە) قىياس فۇقەھائلىرىنىڭ شەيخى سانىلىدۇ. ئىراق فىقھىي يۆنىلىشى ئىبراھىم نەخەئىينىڭ دەۋرىدىن تارتىپلا ئىجتىھادتا قىياسقا تايىناتتى. لېكىن، ئىمام شافىئىي زامان جەھەتتە ئىراق يۆنىلىشىدىن ئارقىدا بولسىمۇ ھەمدە ئۇ قىياسنىڭ ئىللەتلىرىنى چىقىرىشتا ئۆزىنى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ دەرىجىسىدە سانىمىسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ قىياس ئۇسۇلىغا زور تۆھپىسى سىڭگەن ئىدى. چۈنكى، ئۇ بۇ ئۇسۇلنىڭ قائىدىلىرىنى رەتلىگەن ۋە شەرتلىرىنى زىكىر قىلغان كىشى بولۇپ، فەقىھ ياكى مۇجتەھىد ھۆكۈمنى قىياس بىلەن تېپىپ چىقماقچى بولغاندا، شۇ قائىدە ۋە شەرتلەرگە رىئايە قىلسا خاتالىشىپ قالمايدۇ. ئۇ يەنە قىياسنىڭ دەرىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۇنىڭ قىسىملىرىنى ئىزاھلىغان كىشىدۇر.

باشقىلار قىياستا ئۇنىڭدىن مۇقەددەم بولغان بولسا، ئۇ قىياسنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى يەكۈنلىگەن ۋە تەرتىپلىگەن كىشىدۇر. ئۇ بۇ جەھەتتە قىياس ئىماملىرى تىلغا ئالغان، ئەمما تەپسىلىي بايان قىلمىغان تەرەپلەرنى ئېچىپ بەرگۈچى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇ قىياس ئوبيېكىتلىرىنى ۋە قىياس جارى بولمايدىغان نەرسىلەرنى تىلغا ئالىدۇ.

ئىمام شافىئىي قىياسنى ئىللەتنىڭ روشەنلىكى ۋە فەرئىگە تەسىر كۆرسىتىشتىكى كۈچىگە بېقىپ بىرقانچە دەرىجىگە بۆلىدۇ:

بىرىنچى دەرىجە: فەرئىدىكى ئىللەت روشەنرەك ۋە تەسىرى كۈچلۈكرەك بولسا، بۇ قىياس دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈكىدۇر. بۇنىڭغا ئۆرنەك: بىرنەرسىنىڭ ئېزى ھارام بولغان بولسا، كۆپى تېخىمۇ ھارامدۇر.

ئىككىنچى دەرىجە: باراۋەرلىك قىياسى (قِيَاسُ الْمُسَاوَاةِ)، يەنى ئىللەتكە نىسبەتەن فەرئى ئەسل بىلەن باراۋەر بولۇشى. مەسىلەن، يېرىم جازا بېرىشتە قۇلنى دېدەككە قىياس قىلىشقا ئوخشاش.

ئۈچىنچى دەرىجە: ھۆكۈمنىڭ ئىللىتىگە نىسبەتەن فەرئىنىڭ روشەنلىكتە ئەسلدىن تۆۋەن بولۇشى.

كۆپىنچە فۇقەھائ‍ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىنى قىياسنىڭ قاتارىدىن سانىمايدۇ، بەلكى بىرىنچىسىنى «مەفھۇم مۇۋافەقە» جۈملىسىدىن سانايدۇ. بۇ «نەسنىڭ دالالىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىمام شافىئىي بۇنىمۇ دۇرۇس سانىغان ۋە ئۇنى قىياس بابىدىن چىقىرىۋېتىپ، نەسلەر بابىغا كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرمىغان.

ئىككىنچىسى قىياس سانالمايدۇ، بەلكى ئۇ تەكلىف ھۆكۈملىرىدە ئەر – ئايال باراۋەرلىكى قانۇنى جۈملىسىدىندۇر. شۇڭا، قىياسنى ئىنكار قىلغانلار (قىياسنى تاشلاپ) مۇشۇ تۈرلۈك ئىستىنباتنى تۇتقان.

شافىئىي قىياس ۋە ئۇنىڭ دەرىجىلىرىنى بايان قىلىش بىلەن كۇپايىلەنمەستىن، بەلكى قىياسقا تۇتۇنغان فەقىھكە بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ئىجتىھاد شەرتلىرىگە ئوخشاش شەرتلەرنى ئەسلىتىدۇ.

ئىستىھساننى باتىلغا چىقىرىش

[221] ئىمام مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتقانكى: «ئىلىم ئون ئۈلۈش بولسا، ئىستىھسان ئۇنىڭ توققۇزىدۇر». ئىمام شافىئىي ئېيتقانكى: «كىمكى ئىستىھسان قىلىدىكەن، بىر شەرىئەتنى پەيدا قىلغان بولىدۇ». ئۇلۇغ ئىمام ئېتىبارغا ئالغان، ئۇنىڭ بۈيۈك شاگىرتى رەت قىلغان بۇ ئىستىھسان زادى نېمىدۇر؟ مالىكىيلار مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تىلىدا كەلگەن ئىستىھساننى «مەسلەھە مۇرسەلەنى تۇتۇش» دەپ تەفسىرلەيدۇ. «مەسلەھە مۇرسەلە» دېگەن شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىگە مۇناسىپ كېلىدىغان، ئۇ توغرىسىدا تەستىقلاپ ياكى ئىنكار قىلىپ مۇئەييەن بىر نەس كەلمىگەن مەسلەھەدۇر، مەيلى ئۇ تېمىدا بىرەر قىياس بار بولسۇن ياكى بولمىسۇن. ئەگەر ئۇ خىل مەسلەھەنىڭ ئۇدۇلىدا بىرەر قىياس بولۇپ قالسا، بەزى مالىكىيلار شۇنى ئىستىھسان ئىسمىغا خاسلاشتۇرغان.

يىغىپ ئېيتقاندا، ئىمام مالىكنىڭ تىلىدا كەلگەن ئىستىھساننىڭ تەفسىرى: «نەس يوق يەردە مۇناسىپ مەسلەھەنى تۇتۇشتۇر». ئىمام شافىئىي بۇنى مۇتلەق رەت قىلغان.

ئىمام شافىئىي ئۇنى رەت قىلىشتا مۇنۇلارنى دەلىل قىلغان:

بىرىنچى: ئىستىھساننى تۇتۇشنىڭ مەنىسى «شەرىئەت مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلمىغان» دېگەنلىك بولىدۇ. ھالبۇكى ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿أَيَحۡسَبُ ٱلۡإِنسَٰنُ أَن يُتۡرَكَ سُدًى / ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ (يەنى شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي، مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش) دەپ ئويلامدۇ؟﴾(75/«قىيامەت»: 36). ئىشنى روشەن بىر نەس بىلەن ھۆكۈم قىلماستىن ياكى قىياس ئارقىلىق نەسكە بويسۇندۇرماستىن تاشلاپ قويۇش ئىنساننى بىكار قويۇپ بەرگەنلىك بولىدۇ. بۇنداق بولۇشى باتىلدۇر.

ئىككىنچى: ئىتائەت پەقەت ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە بولىدۇ، ھۆكۈم ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بىلەن بولىدۇ. ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بىلەن ھۆكۈم قىلىش نەس بىلەن ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق ياكى بىرەر نەسكە بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئۈچىنچى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم فىقھىي ھۆكۈملەرنى ئۆزىنىڭ ئىستىھسانى بىلەن بايان قىلمايتتى، بەلكى ئۆزى ئۇچرىغان ھەربىر ئىشتا ۋەھيىنى كۈتەتتى. ئەگەر بىركىمدىن ئىستىھسان جائىز بولىدىغان بولسا ئىدى، ئەلبەتتە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن جائىز بولاتتى. ﴿وَمَا يَنطِقُ عَنِ ٱلۡهَوَىٰٓ / (ئۇ) ئۆز نەفسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ﴾(53/«نەجم»: 3). ھالبۇكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنداق ئىستىھسان قىلمىدى.

تۆتىنچى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىستىھسانى بىلەن ھۆكۈم قىلىشلىرىنى ئەيىبلىگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار (جەڭدە ئۆزلىرىدىن قېچىپ) بىر دەرەخ بىلەن دالدىلانغان ۋە: «مەن ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدۇم» دېگەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. ئۇ ئادەم قىلىچتىن قورقۇپ شۇنداق دېگەچكە، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى ئىستىھسان قىلغان (ياخشى سانىغان). نەتىجىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن.

بەشىنچى: ئىستىھساننىڭ بىرەر ئۆلچىمى ۋە قېلىپى يوق. شۇڭا، بۇ ئەھۋال مۇراجىئەت قىلىنىدىغان بىر ئۆلچەم بولماستىن ئىختىلاپلىشىشقا ئېلىپ بارىدۇ ۋە ھەركىم ئۆزىنىڭ كۆڭلى تارتقىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىدىغان بولىدۇ. قىياس بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە. ئۇنىڭ مۇراجىئەت قىلىنىدىغان بىر ئۆلچىمى بار. ئۇ بولسىمۇ قىياس تايانغان نەستۇر.

ئالتىنچى: ئەگەر مەسلەھەنىڭ ھۆكمىدىن ئىبارەت ئىستىھسان مەقبۇل بولسا ئىدى، شەرىئەتنى بىلىدىغانمۇ ۋە بىلمەيدىغانمۇ ئۇنى تۇتىۋالغان بولاتتى. چۈنكى، مەسلەھەنى تېپىش ھەرئىككىلىسىدىن مۇمكىن، بەلكى ھۈنەر – كەسىپ ئەھلى مەسلەھەنى تېپىشتا ئالىملارنىڭ ئالدىغا كىرىپ كېتىشى مۇمكىن.

لېكىن، بۇنىڭغا شۇنداق جاۋاب بېرىلىدۇكى، مەسلەھەنى تۇتۇشنى قارار قىلغانلار گەرچە مەسلەھە ئۈچۈن ئالاھىدە بىر نەس كەلمىگەن تەقدىردىمۇ، مەسلەھەنىڭ شەرىئەت ئېتىراپ قىلغان مەسلەھەلەر جۈملىسىدىن بولۇشىنى شەرت قىلغان ۋە بۇنى نەس يوق ئورۇنلاردا ئىشلەتكەن. ئەنە شۇلارنى پەقەت شەرىئەتنىڭ مەنبەلىرىنى ۋە شەرىئەت ماقۇللىغان مەسلەھەلەرنىڭ يوللىرىنى بىلىدىغان شەرىئەت ئالىمىدىنلا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.

ئۇ ئۆزىنىڭ نەزەرىدىكى ئىستىھساننى «ئەررىسالە» ۋە «ئەلئۇم» كىتابلىرىدا كەلتۈرگەن مۇشۇ دەلىللەر بىلەن رەت قىلغان.

ئىمام شافىئىينىڭ ئىلمى ئۇسۇلدىكى ئەمگىكى

[222] ئىمام شافىئىينىڭ دەۋرى ھەقىقەتەن ئىسلامىي ئىلىم دەۋرى سانىلىدۇ. ئۇ دەۋردە ئالىملار ئىلىملەرنى توپلاپ يېزىشقا ۋە ئىلىملەرنى قائىدىلەر بىلەن پۇختىلاشقا يۈزلەنگەن ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە بەسرەلىكلەر ۋە كۇفەلىكلەر نەھۋى قائىدىلىرىنى تۈزگەن ئىدى. خەلىل ئىبنى ئەھمەد ئارۇز قائىدىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، جاھىز ئەدەبىي ئوبزورنىڭ ئاساسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئۇرۇنغان ئىدى.

فىقھمۇ ئىستىنبات ئۇلىنى قائىدىلەر ئاساسىدا چىڭىتىشى كېرەك بولغان ئىدى. ئىمام شافىئىي ھەقىقەتەن فۇقەھائنىڭ ئىستىنباتلىرىدا تۇتۇپ ماڭغان، ئەمما خاتىرىگە ئالمىغان مېتودلارغا ئىشارە قىلىدىغان فەرئىي ئەھكاملاردىن ئىبارەت بىر فىقھىي بايلىقنى تاپتى ھەمدە ئۇ خىلمۇخىل فىقھىي يۆنىلىشلەرنى تاپتى. ئۆزى قوينىدا ئۆسكەن مەككە يۆنىلىشىنى، ئۆزى ھىجرەت قىلىپ بارغان مەدىنە يۆنىلىشىنى ۋە ئۆزىگە جاي بەرگەن ئىراق يۆنىلىشىنى تاپتى. ئۇ مۇشۇ يۆنىلىشلەرنىڭ ھەممىسىدە ياشىدى ۋە بۇ يۆنىلىشلەرنىڭ ئوخشاشلىقلىرىنى ۋە ئوخشىماسلىقلىرىنى تەتقىق قىلدى.

ئۇ ئۇلارنىڭ ئىختىلاپلاشقان مەسىلىلىرىگە ھۆكۈم قىلغاندا، ئۇلارنىڭ فىقھنى ئۆلچىگەن مىزانلىرىنى بىلىشى كېرەك ئىدى ۋە شۇ مىزانلار ئارقىلىق توغرا قاراشلار بىلەن خاتا قاراشلارنى بىلىشى ياكى ھېچ بولمىغاندا، ھەقكە يېقىنراق قاراشنى بىلىشى كېرەك ئىدى. توغرا مېتودنى بايان قىلىپ بېرىدىغان بۇ مىزانلار ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمى ئىدى.

ئىمام شافىئىي ئەنە شۇ يۈكنى كۆتۈرۈشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭدا شۇنىڭغا لايىق سالاھىيەتلەر بار ئىدى:

1. ئۇ مۇتەخەسسىسلىك دەرىجىسىگە يەتكۈدەك رەۋىشتە ئەرەب تىلىنى پىششىق بىلەتتى. ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن زامانداش بولغان جاھىز فۇقەھائ‍ ئىچىدە ئەرەب تىلىغا ئۇنىڭدەك ئالىم بىرىنى تاپالمىغان. ئۇ ئەرەب تىلى ئىلمى ئارقىلىق «قۇرئان كەرىم»نى چۈشىنىش ۋە كەلىمەلەرنىڭ دالالەت قىلىش دەرىجىلىرىنى بىلىش ئۈچۈن، قائىدىلەرنى يەكۈنلەشكە قادىر بولغان.

2. ئۇ سۈننەتكە ئالىم، سۈننەت رىۋايەتلىرىگە ھافىز، سۈننەتنىڭ سەھىھلىرىنى ئايرىغۇچى، ھىجازدا تونۇلغان ھەدىسلەر بىلەن ئىراقتا تونۇلغان ھەدىسلەرنى جەملىگۈچى ئىدى. ئاشۇ ئىلىم بىلەن ئۇ ھەدىسلەرنىڭ تۈرلىرىنى، ھەدىسلەرنىڭ ئەھكام ئىسپاتلاشتىكى كۈچى ۋە بۇ جەھەتتىكى دەرىجىلىرىنى بايان قىلىشقا قادىر بولغان. شۇنداقلا ئۇ دەلىل قىلىشقا بولىدىغان ۋە بولمايدىغان ھەدىسلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مىزانلارنى كەشپ قىلىشقا قادىر بولغان.

3. ئۇ ئىمام مالىكنىڭ «مۇۋەتتا»سىنى ۋە ئۇنىڭ خىلمۇخىل تەتقىقاتلىرىنى يادلاش ھەمدە ئوخشىمىغان يۆنىلىشلەردىكى فىقھلەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ساھابەلەرنىڭ كۆزقاراشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلاشقان ۋە ئىختىلاپلاشقان فىقھلىرىنى پىششىق بىلگەن ئىدى. ئۇ ئۆزى يەكۈنلەپ چىققان مىزانلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئىختىلاپلاشقان قاراشلىرىدىن بىرىنى تاللىۋالاتتى.

4. ئۇ كۇللىيياتقا يۈزلىنىدىغان، جۇزئىيياتتا تېنىمەيدىغان ئىلمىي ئەقلى بىلەن ئەھكام ئىستىنبات قىلىش ئۈچۈن ۋە كۆزقاراشلارنى ئۆلچەپ توغرىسى بىلەن خاتاسىنى ئايرىيدىغان بىر مىزان بولۇشى ئۈچۈن، قوللىنىشقا تېگىشلىك ئومۇمىي قائىدىلەرنى تۈزۈپ چىققان ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك فەقىھى بولغانىدى.

[223] ئىمام شافىئىي مۇشۇ سالاھىيەتلىرى بىلەن ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يۆنىلىشلەر ئىشلەپچىقارغان پۈتۈن فىقھىي بايلىقنى نازارەت قىلىش ئىستېداتى بىلەن ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا قادىر بولدى.

ئۇ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئىلىمنى ياكى يەكۈنلىگەن بۇ قائىدىلەرنى مۇنداق ئىككى ئىشقا ئىشلەتتى:

1.   ئۇنى توغرا – خاتا قاراشلارنى ئايرىيدىغان مىزان قىلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمام مالىكنىڭ قاراشلىرىنى، ئىراقلىقلارنىڭ قاراشلىرىنى، ئىمام ئەۋزائىينىڭ قاراشلىرىنى ئۆلچىدى.

2.   ئۇ بۇ قائىدىلەرنى يېڭى ئەھكاملارنى يەكۈنلىگەندە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك كۇللىي بىر قانۇن دەپ ئېتىبارغا ئالدى ۋە ئۆزىنى مۇشۇ قائىدىلەرگە باغلىدى.

ئىمام شافىئىي بۇ قائىدىلەر بىلەن ئىلمىي ۋە نەزەرىيەۋى بىر يۆنىلىشتە ماڭدى. دېمەك، ئۇ سۈرەت ۋە پەرەزلەر ئىچىدە تېنەپ يۈرمەستىن، رېئال نۇرغۇن ئىشلارنى رەتلەيدۇ ۋە ئۇلاردىن مۇناسىپ نەزەرىيەلەرنى يەكۈنلەپ: «ئەگىشىشكە تېگىشلىك مېتود مانا» دەيدۇ.

ئۇنىڭ قائىدىلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ تەتبىقلاشتىكى ئىلمىي يۆنىلىشى قىياسنى تەبىر بىلەن ئەمەس، مىساللار بىلەن بايان قىلىشىغا تۈرتكە بولغان بولسا كېرەك.

ئىمام شافىئىي ئىستىنبات قائىدىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىبارەت يالغۇز ئۆزى ئۈستىگە ئالغان ئاشۇ ئەمگەك بىلەن فىقھنى پەتۋا – ھۆكۈملەر توپلىمى ۋە بەزى رېئالىي ياكى تەخمىنىي مەسىلىلەرنىڭ جۇزئىي ھەل – چارىلىرى بولۇش دائىرىسىدىن چىقىرىپ، فىقھنى مۇستەھكەم ئۇسۇل ۋە قائىدىلەرگە تايانغان بىر ئىلىم قىلدى. بۇ ئارقىلىق ئۇ فىقھنى كۆكلەتتى ۋە ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغانلارنىڭ ئۆزى ماڭغان يولدا مېڭىشلىرى ۋە ئۆزى باشلىغان ئىشنى تاماملاشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا يول ئاچتى.

شافىئىي مەزھەبى

[224] ئىمام شافىئىينىڭ ئىجتىھادتا زامان جەھەتتىن ئىككى مەزھەبى بولغان.

بىرىنچى مەزھەب: شافىئىينىڭ باغدادتا تارقاتقان مەزھەبى. ئۇنى زەئفەرانىي رىۋايەت قىلغان. بۇ مەزھەب باغدادتا شافىئىيدىن خاتىرىلىۋېلىنغان «ئەررىسالەتۇلئۇسۇلىييە (الرِّسَالَةُ الْأُصُوْلِيَّةُ)»، «ئەلئۇم (الْاُمُّ)» ياكى «ئەلمەبسۇت (الْمَبْسُوْطُ)» قاتارلىق كىتابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنى زەئفەرانىي شافىئىينىڭ ئىملاسى بىلەن (يەنى ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ) يازغان ۋە ئۇلارنى باغدادتا كىشىلەرگە ئۆگەتكەن ئىدى. گەرچە ئىمام شافىئىي مىسىردا بەزى قاراشلىرىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، زەئفەرانىي تا ھ. 260 – يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىزچىل ئۆگىتىشنى داۋاملاشتۇرغان.

ئىككىنچى مەزھەب: ئىمام شافىئىينىڭ ھ. 199 – يىلى مىسىرغا يۆتكەلگەندىكى مەزھەبى. شافىئىي مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن، ئىراقتا يازغان «ئەررىسالە» ۋە «ئەلمەبسۇت» كىتابلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇلاردىكى قاراشلارنى ئىلغىغان. بۇ جەرياندا بەزى قاراشلاردىن يانغان، يەنە بەزىسىنى ئۆز پېتى قويغان ھەمدە ئىككى خىل قاراشقا ئېھتىماللىقى بولۇپ قالغان سۆزلىرىنى ئۆزگەرتكەن. چۈنكى، ئۇ گاھىدا بەزى مەسىلىلەردە ئىككى خىل قاراشنى تىلغا ئالاتتى. ئۇ بۇ يېڭى مەزھەبىدە ئىككى قاراشنىڭ بىرىنى تەرجىھ قىلاتتى ياكى ئىككىلىسىنى تاشلايتتى، ياكى ئۈچىنچى بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قوياتتى، ياكى ئۆزى بىلمەي قالغان بىر ھەدىسنى كۆرۈپ، ئۇ ئىككى قاراشتىن ئۇزاقلىشاتتى، ياكى ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئاۋۋالقىسىدىن كۈچلۈكرەك يېڭى بىر قىياس كېلىپ قالاتتى.

ئاندىن ئۇ ئۆزى ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى توپلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ يېڭى كىتابلىرىنى مۇئەززىن رەﺑﯩﯿﺌ ئىبنى سۇلايمان مۇرادىي رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇ مىسىردا شافىئىينىڭ كىتابلىرىنى نەقىل قىلدى. كىشىلەر بۇ كىتابلارنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قېشىغا سەپەر قىلىپ كېلەتتى. ئۇ ھ. 270 – يىلى ۋاپات بولغان.

شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ مىسىردا يازغان كىتابى ئارقىلىق باغدادتا يازغان كىتابىنى مەنسۇخ قىلغانىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «باغدادتا يازغان كىتابىمنى رىۋايەت قىلغان كىشىدىن مەن رازى ئەمەسمەن».

[225] ئىمام شافىئىينىڭ كونا قاراشلىرى بار ئىدى، ئۇ ئۇلارنى يېڭى قاراشلىرى بىلەن مەنسۇخ قىلدى. تېخىمۇ توغرىسى: ئۇنىڭ كونا كىتابلىرى بار ئىدى، ئۇ ئۇلارنى تەھرىرلىدى، شۇ تەھرىرلەنگەنلىرى ئۇنىڭ يېڭى كىتابلىرى بولدى. مۇشۇنداق دېسەك توغرا بولىدۇ.

ئۇنىڭ يېڭى كىتابىدىمۇ كونا كىتابىغا ئوخشاش بەزى چاغدا بىر تېمىدا نەچچە خىل قاراشلىرى بار ئىدى. بۇ ئەھۋال قىياسىي مەسىلىلەردە ئۇچرايدۇ. شافىئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسىلىلەرگە قىياسىي نەزەر بىلەن قاراپ، قىياستىن بىر يولنى جەزملەشتۈرەتتى ياكى كۆپىنچە چاغلاردا بىر يولنى تەرجىھ قىلاتتى. بەزى چاغلاردا قىياس يوللىرىدىن ئىككى يول ئارىسىدا ئىككىلىنىپ قېلىپ، ھېچبىرىنى تەرجىھ قىلمايتتى، ھەتتا بەزىدە ئۈچ يول ئارىسىدا ئىككىلىنىپ قالاتتى. ئۇ ئىلىمگە ۋە دىنىي ھەقىقەتكە بولغان ئىخلاسىدىن ئۈچىلى يولنى بىر – بىرىگە تەرجىھ قىلماستىن كىتابىدا قالدۇرۇپ قوياتتى. چۈنكى، ئۇ تەرجىھ قىلىدىغانغا سەۋەب تاپالمىغان. شۇڭا، مۇشۇ يوللاردىن ھەرقانداق بىرىنى ئۇنىڭ قارىشى دەپ ئېتىبارغا ئېلىشقا بولىدۇ.

بۇنىڭغا بىر مىسال ئالايلى: بىر كىشى زىرائەت ياكى خورمىنى ئۇنىڭ زاكىتىنى ئايرىماستىن ساتسا، ئاندىن سېتىۋالغۇچىغا بۇ ئىش ئاشكارىلانسا، سېتىۋالغۇچى پۈتۈن سودىنى بۇزالامدۇ ياكى سودىنىڭ زاكاتقا ئائىت قىسمىنى بۇزالامدۇ؟ ھالبۇكى زاكاتقا ئائىت قىسمى ئەگەر بۇ نەرسىلەر بىرەر سۇغۇرۇش ۋاسىتىسى بىلەن سۇغۇرۇلمىغان بولسا ئوندىن بىردۇر، سۇغۇرۇش ۋاسىتىلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان بولسا يىگىرمىدىن بىردۇر. ياكى سېتىۋالغۇچى سودىنى ئۆز پېتى داۋاملاشتۇرۇشنى تاللامدۇ؟ ياكى زاكات قىسمىدىن ئاشقان قالدۇقىنى ئەسلىدىكى پۈتۈن باھاغا ئالامدۇ؟ ياكى سودىنى بىكار قىلامدۇ؟ دېمەك، ئۇ بۇ قاراشلارنى ئېھتىماللىق يوللار سۈپىتىدە تىلغا ئالىدۇ.

يەنە بىر مىسال ئالايلى: بىركىم ئۆزىنى ئۆزىنىڭ نەسەبىدىن باشقا بىر نەسەبكە مەنسۇپ قىلىۋالسا، بىر خوتۇن ئۇنىڭغا ئۇ دېگەن مۇشۇ نەسەب ئاساسىدا تەگسە، ئاندىن بۇ نەسەبنىڭ ئەسلى نەسەبتىن تۆۋەن ئىكەنلىكى ۋە خوتۇننىڭ نەسەبىدىنمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكى ئاشكارىلانسا، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ ئۇ بۇ مەسىلىدە ئىككى خىل قاراش بارلىقىنى تىلغا ئالغان. بىرىنچى قاراش: خوتۇن كىشىنىڭ (نىكاھنى بىكار قىلىش) ئىختىيارلىقى بار، ئىككىنچى قاراش: نىكاھ باتىل.

[226] شافىئىي مەزھەبىدە قاراشلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، مەزھەب يۈكسەلگەن ئىدى، تەرجىھنىڭ ئىشىكى كەڭرى ئىدى. ئۇ شاگىرتلىرىغا فۇرۇئاتتا ئىجتىھاد قىلىش ئىشىكىنى ۋە مەزھەبتە تەخرىج قىلىش ئىشىكىنى ئېچىپ بەرگەن.

شافىئىينىڭ كونا كىتابى ۋە يېڭى كىتابى ئالىملارنىڭ ئەڭ چوڭ تەتقىقات ئوبيېكتلىرىدىن بىرى بولغان. ئالىملار ئىچىدە كونا كىتابتىكى بەزى مەسىلىلەرنى توغرا دەپ قاراپ، شۇ بويىچە پەتۋا بەرگەنلەرمۇ بولغان. شافىئىيلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇنىڭغا ئىتتىپاقلاشقانكى، ئەگەر كونا كىتابنىڭ بىرەر تېمىسىدا ئۇنى ياقىلايدىغان بىر سەھىھ ھەدىس بولۇپ قالسا، يېڭى كىتاب قىياستىن باشقىغا تايانمىغان بولسا، كونا كىتابقا ئەمەل قىلىنىدۇ. چۈنكى، شافىئىي ئېيتىدۇ: «ھەدىس سەھىھ بولسا، شۇ مېنىڭ مەزھەبىم».

بىرەر تېمىدا كونا كىتابنى بىرەر ھەدىس قوللىمىغان بولسا، ئۇنى شافىئىينىڭ مەزھەبى سۈپىتىدە ئىختىيار قىلىش دۇرۇسمۇ؟ بەزى ئالىملار ئېيتقانكى: «ئۇنى مەزھەبتىكى مۇجتەھىدلەر ئىختىيار قىلسا دۇرۇستۇر. چۈنكى، ئىمامنىڭ بىر قارىشى بولۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا خىلاپ بىر سۆزنى قىلغان بولسا، بۇ ئاۋۋالقى قاراشتىن يانغانلىق بولمايدۇ، بەلكى ئىمامنىڭ ئىككى خىل قارىشى بار بولىدۇ». بۇ مەسىلىدىكى ئىككىنچى قاراش: «مەزھەبتىكى مۇجتەھىدنىڭ كونا كىتابنى ئىمام شافىئىينىڭ مەزھەبى سۈپىتىدە ئىختىيار قىلىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، كونا كىتاب بىلەن يېڭى كىتاب ئىككىسى خۇددى جەملەش مۇمكىن بولماي زامانى كېيىنرەككە ئەمەل قىلىنغان توقۇنۇشلۇق ئىككى نەسكە ئوخشايدۇ». بۇ قاراش شافىئىينىڭ كونا كىتابتىن يانغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىنغان خەبەرگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئېيتقانكى: «باغدادتا يازغان كىتابىمنى مەندىن رىۋايەت قىلغان كىشىدىن مەن رازى ئەمەس»(41). ئۇ بۇ گېپى بىلەن كونا كىتابىغا ئەمەل قىلىشتىن توسقان.

بۇ ئىختىلاپ ئىشى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەزھەب فۇقەھائلىرى مۇئەييەن مەسىلىلەرنى كونا كىتابتىن ئىختىيار قىلغان ۋە شۇ بويىچە پەتۋا بېرىشنى تەرجىھ قىلغان. ئۇ مەسىلىلەردە يېڭى كىتابنى تەرك ئەتكەن. بەزىلەر ئۇنى 14 مەسىلە دەپ، يەنە بەزىلەر 22 مەسىلە دەپ ھېسابلىغان. توغرىسى، بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇپ، مەزھەب كىتابلىرىغا چېچىلىپ كەتكەن.

مەزھەبتە تەخرىج قىلىش

[227] شافىئىي مەزھەبىدە تەخرىج كۆپ بولغان. ئۇ تەخرىجلەرنىڭ بەزىسى ئىمام شافىئىيغا نىسبەت بېرىلگۈچىدۇر، يەنە بەزىسى ئىمام شافىئىيغا نىسبەت بېرىلمەستىن مەزھەبكە نىسبەت بېرىلىدۇ. يەنە بەزىسى زىنھار مەزھەبتىن سانالمايدۇ. زىنھار مەزھەبتىن سانالماي، مەزھەبتىن تاشقىرى سانىلىدىغان تەخرىجلەردە تەخرىج قىلغۇچى كىشى ئىمام شافىئىينىڭ بىرەر ھادىسىدىكى سۆزىگە ياكى ئۇسۇلۇلفىقھ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، بىر ئىمامنىڭ ئېنىق دېگەن سۆزىگە زىت كېلىدىغان بىر پەتۋانىڭ ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەستۇر.

مەزھەبنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە مەزھەبكە نىسبەت بېرىلىدىغان تەخرىجلەردىن بىرى، ئىمام شافىئىينىڭ ئۇسۇل – قائىدىلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئىمام شافىئىيدىن ھېچبىر قاراش خاتىرىلەنمىگەن تەخرىجلەردۇر. شەكسىزكى، بۇ، مەزھەبنىڭ يوللىرىدىن بىر يول سانىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىمام شافىئىي دېمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇسۇلى بويىچە بارلىققا كەلگەندۇر.

ئالىملار مەزھەبكە نىسبەت بېرىشتىن ئىككىلىنىدىغان تەخرىجلەر تۆۋەندىكىلەر:

1.   ئىمام شافىئىينىڭ ھېچبىر سۆزى خاتىرىلەنمىگەن بەزى فۇرۇئات ھەققىدە بولغان، لېكىن ئىمام شافىئىينىڭ ئۇسۇلىدىن باشقا بىر ئۇسۇلغا تايانغان تەخرىجلەر. ھالبۇكى تەخرىج قىلغۇچى شافىئىي مەزھەبىدىندۇر. بۇ خىل تەخرىجلەر ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن مەزھەبنىڭ فۇرۇئاتلىرى ئارىسىدا مۇناسىپلىق بولمىسا، كۆپىنچىلەرنىڭ نەزەرىدە مەزھەبتىن سانالمايدۇ. مۇناسىپلىق بولۇپ قالسا، مەزھەبتىن سانىلىدۇ.

تەخرىج قىلغۇچى مەسىلىدە ئىمام شافىئىينىڭ ئۇسۇلىنى تۇتمىغانلىقىنى ئېيتسىغۇ شۇنداق بولىدۇ. ئەمما، بۇنى ئېيتمىغان بولسا، ئالىملار بۇ ھەقتە ئېيتقانكى: «ئەگەر تەخرىج قىلغۇچى، مەسىلەن ئەبۇ ھامىد غەززالىيدەك شافىئىي ئۇسۇللىرىغا چىڭ باغلىنىش بىلەن مەشھۇر بولغان كىشىلەردىن بولسا، ئۇنىڭ سۆزى مەزھەبتىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداق بولمىسا ھېسابلانمايدۇ».

2.   ئەگەر مۇجتەھىد ئىمام شافىئىي ئۆز ئاغزى بىلەن يانغانلىقىنى ئوچۇق دېگەن بىر قاراشنى ئىختىيار قىلسا، بۇمۇ بىردەك مەزھەبتىن سانالمايدۇ.

3.   ئەگەر مۇجتەھىد بىر مەسىلىدە ئىمام شافىئىينىڭ رايىغا خىلاپ كېلىدىغان، لېكىن بىر ھەدىسكە تايىنىدىغان بىر قاراشنى ئىختىيار قىلسا، كۆپ شافىئىيلار ئۇنى مەزھەبتىن سانايدۇ. چۈنكى، ئىمام شافىئىينىڭ مۇنداق سۆزى بار: «ھەدىس سەھىھ بولسا، شۇ مېنىڭ مەزھەبىم». باشقىلار ئىككىلەنگەن، لېكىن كۆپىنچىلەر ئاۋۋالقى قاراشتا.

شافىئىي مەزھەبىدىكى مۇجتەھىدلەر

[228] ئىمام شافىئىينىڭ ئىراقتىمۇ، مەككەدىمۇ ۋە مىسىردىمۇ شاگىرتلىرى بار ئىدى. شافىئىيلارنىڭ ئىچىدە شامدا بولغانلارمۇ ۋە يەمەندە بولغانلارمۇ بار ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن نىشاپۇر ۋە خۇراساننى ماكان تۇتقانلار بار بولدى. گەرچە بىر مەزھەبكە مەنسۇپ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ رايونلىرى بىر – بىرىدىن مۇشۇنداق يىراق بولدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزلىرىنى شافىئىي مەزھەبىگە نىسبەت بېرىدىغان مۇجتەھىدلەر بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە مەزھەب دائىرىسىدە تەخرىج قىلىدىغانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئىمام شافىئىيدىن رىۋايەت قىلىنغان فۇرۇئاتلار ۋە بۇ ئىمام مۇقىملاشتۇرغان قىياسلار ۋە بايان قىلغان ئۇسۇللار بويىچە تەخرىج قىلاتتى.

شەكسىزكى، ئۇلار تەخرىجلىرىدە ئوخشىمىغان مۇھىتلىرى، پەرقلىق مەسلەكلىرى، ئۆزلىرى يولۇققان ھادىسىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش چارىلىرى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. گەرچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بۇلاقتىن سۇ ئىچكەن ۋە بىر ئۇسۇلغا باغلانغان بولسىمۇ، شەكسىزكى، بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ خىلمۇخىل بولۇشىغا تۈرتكە بولغان.

ئەگەر بىز (شافىئىي مەزھەبىگە تەۋە) خۇراسان، نىشاپۇر ۋە ئىراق فۇقەھائلىرىنىڭ قاراشلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇ قاراشلارنى مۇشۇ يوسۇندا تەھلىل قىلىدىغان بولساق، مۇھىت تەسىرىنى ۋە خاھىشلارنىڭ ھەر خىللىقىنى كۆرىمىز. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىمام شافىئىيدىن رىۋايەت قىلىنغان فەرئىلەرگە قاتتىق باغلانغانلارمۇ بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قاتتىق باغلانمىغانلارمۇ بار. ئىمام مۇھيىددىن نەۋەۋىي ئېيتقانكى: «بىلگىنكى، ئىراقلىق يارەنلىرىمىزنىڭ شافىئىينىڭ تېكىستلىرى ۋە مەزھەبىنىڭ قائىدىلىرى ھەمدە ئىلگىرىكىلىرىمىزنىڭ قاراشلىرىنى نەقىل قىلىشى كۆپىنچە ھالدا خۇراسانلىقلارنىڭ نەقىل قىلىشىدىن پۇختىراق ۋە ئىشەنچلىكرەكتۇر. خۇراسانلىقلار كۆپىنچە ھالدا تەتبىقلاش، شاخلىتىش ۋە تەرتىپلەشتە ياخشىراقتۇر»(42).

تەخرىج قىلىدىغان شافىئىي ئالىملارنىڭ خۇراسان ۋە نىشاپۇردا ياشىشى ئۇلارنىڭ شىئە ئىمامىيلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىغا سەۋەب بولغان. شۇنىڭدەك ئۇلار يەمەندە زەيدىيلەر بىلەن ئالاقە ئورناتقان. بەزى جەھەتلەردە ئۆزئارا توقۇنۇشلۇق بۇ مەزھەبلەردىكى ئالاقە گەرچە بەزى مەسىلىلەردە دەتالاش پەيدا قىلسىمۇ، ھەربىر مەزھەبكە قارشى تەرەپنى چۈشىنىش ۋە تەسىر ئېلىش شارائىتى ھازىرلايدۇ. چۈنكى، ئۇلار خاھلىسۇن يا خاھلىمىسۇن، پىكرىي ۋە جىسمانىي ئۇچرىشىش بىلەن پىكىرلەر ئۆزئارا ئالمىشىدۇ.

شافىئىي مەزھەبى ئەرەب ئەللىرىدىن يىراق بۇ يۇرتلاردا ھەنەفىي مەزھەبى بىلەن يۈزلىشىپ قالغان ۋە ئىككى مەزھەب ئارىسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ، جەڭ يۇقىرى چېكىگە يەتكەن. نەتىجىدە مەسجىدلەردە ۋە توپلىنىشلاردا مۇنازىرىلەر ئۆتكۈزۈلگەن. ھەممىسى ئۆز مەزھەبىنى مۇداپىئە قىلىپ، «مەزھەبىمنى كۈچلەندۈرىدۇ، باشقا مەزھەبلەرنى ئاجىزلىتىدۇ» دەپ قارىغان دەلىللەر بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە بۇ ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدىگەن. ھەتتا ماتەم مۇراسىملىرىمۇ مۇنازىرىلەر بىلەن جانلاندۇرۇلغان ئىدى. بىرەر فەقىھ ئۆلۈپ كەتسە، ياكى ئابرۇيلۇق بىرەركىم ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ماتەمىدە مەھەللە مەسجىدىدە مۇنازىرىلەر قاينايتتى.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە مۇنداق ئىككى ئىش كېلىپ چىققان:

بىرىنچىسى: مەزھەب مۇتەئەسسىبلىكى كۈچەيگەن. بۇ جەھەتتە (شۇ دەۋردىكى) بەزى يازغۇچىلار چەكتىن ئېشىپ كەتكەن، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىمام شافىئىي: «ئىنسانلار فىقھتا ئەبۇ ھەنىفەگە موھتاجدۇر» دەپ ئېيتقان، دەتالاشسىز ئىراق فۇقەھائلىرىنىڭ ئۇستازى سانىلىدىغان ئەبۇ ھەنىفەگە ھاقارەت قىلغان. ئاخىرىدا، بەزى شافىئىي ئالىملار شافىئىيلاردىن ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك دېغىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇشبۇ ئۇلۇغ ئىمامنىڭ پەزىلەتلىرىنى بايان قىلىشقا يۈزلەنگەن.

شافىئىي مەزھەبىنىڭ تارقىلىشى

[229] شافىئىي مەزھەبى مىسىرغا تارقالغان. چۈنكى، ئىمام شافىئىي ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا شۇ يەردە تۇرغان. يەنە ئىراققىمۇ تارقالغان. چۈنكى، ئۇ دەسلەپتە قاراشلىرىنى ئىراقتا تارقاتقان. شافىئىي مەزھەبى ئىراقتىن خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھرگە تارقىغان. شۇنىڭ بىلەن شافىئىيلار پەتۋاچىلىق ۋە مۇدەررىسلىك ئىشلىرىنى ھەنەفىيلەر بىلەن بۆلۈشكەن.

ھەنەفىي مەزھەبى ئابباسىيلار دۆلىتىنىڭ مەزھەبى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولسىمۇ، شافىئىي مەزھەبى خەلق ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن ئۈستۈنلۈك تالاشقان. ھەنەفىي مەزھەبىنىڭ مىسىردىكى ئۈستۈنلۈكى ھەتتا فاتىمىيلار دۆلىتى قۇرۇلۇپ، فاتىمىيلار مىسىر ۋە شام ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىگەندىن كېيىنمۇ داۋاملاشقان.

ئەييۇبىيلار فاتىمىيلاردىن ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، شافىئىي مەزھەبى كۈچەيگەن ۋە خەلق ئارىسىدىكى ئۈستۈنلۈكى بىلەن بىرگە دۆلەتتە ئەڭ چوڭ ئۈستۈنلۈك قازانغان. شافىئىي مەزھەبىنىڭ ئۈستۈنلۈكى تا مەملۇكىيلار دەۋرىگىچە، زاھىر بايبارس كەلگۈچە داۋاملاشقان. ئۇ كەلگەندىن كېيىن، تۆت مەزھەبتىن تۆت قازى بولۇش، ھەر مەزھەبنىڭ قازىسى مەزھەبىنىڭ تەلىپى بويىچە ھۆكۈم قىلىش، ھەر مەزھەب ئەھلى ئۆزىنىڭ قازىسىغا دەۋا سۇنۇش پىكرىنى پەيدا قىلغان. لېكىن، تۆت مەزھەب ئىچىدىن شافىئىي مەزھەبكە ئەڭ يۇقىرى ئورۇن بەرگەن. چۈنكى، شافىئىي مەزھەبىنىڭلا جايلارغا ئۆزىنىڭ نائىبلىرىنى تەيىنلەش ھوقۇقى بار ئىدى. شۇنداقلا شافىئىي مەزھەبىنىڭلا يېتىملارنىڭ ۋە ۋەقفلەرنىڭ ماللىرىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى بار ئىدى. شافىئىي مەزھەبى بۇنىڭ بىلەن دۆلەتتە بىرىنچى دەرىجىدە تۇرغان. شافىئىي مەزھەبىنىڭ كەينىدە مالىكىي مەزھەبى، ئۇنىڭ كەينىدە ھەنەفىي مەزھەبى، ئاندىن ھەنبەلىي مەزھەبى تۇراتتى. لېكىن، «سۇبھۇلئەئشا (صُبْحُ الأَعْشَى)»دا كېلىشىچە، ئىبنى بەتتۇتە سۇلتان سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ دەۋرىدە مىسىردا ھەنەفىي مەزھەبىنىڭ مالىكىي مەزھەبىنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىنى زىكىر قىلغان.

ئوسمانىيلار مىسىرنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، بىرىنچى ئورۇننى ھەنەفىي مەزھەبىگە بەرگەن. ئاندىن مۇھەممەد ئەلى پاشا كېلىپ، (دۆلەت ئورگانلىرىدا) ھەنەفىي مەزھەبىدىن باشقا مەزھەبلەرگە ئەمەل قىلىشنى بىكار قىلغان. شافىئىي ۋە مالىكىي مەزھەبلىرى خەلق ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قالغان.

شاملىقلار قازىلىقتا ئەۋزائىينىڭ مەزھەبىدە ئىدى. ئاخىرىدا، ھ. 302 – يىلى ۋاپات بولغان ئەبۇ زۇرئە ئەددەمەشقىي ئەششافىئىي دەمەشقنىڭ قازىلىقىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، شافىئىي مەزھەبى يۇقىرى ئورۇنغا ئۆتكەن. لېكىن، ئۇنىڭدىن بۇرۇنلا شافىئىي مەزھەبىنىڭ شام خەلقى ئارىسىدا نوپۇزى بار ئىدى.

ئىراقلىقلارنىڭ نەزەرىدە شافىئىي مەزھەبىنىڭ ئورنى بار بولسىمۇ، شافىئىي مەزھەبى قازىلىقتا ۋە خەلق نەزەرىدىكى نوپۇزدا ھەنەفىي مەزھەبىنى يېڭەلمىگەن. ھەتتا خەلىفە قادىر بىللاھ باغدادنىڭ قازىلىقىغا بىر شافىئىي كىشىنى تەيىنلىگەندە، باغدادلىقلار قوزغىلىپ كېتىپ، فىتنە چىققان. شۇنىڭ بىلەن خەلىفە كۆپچىلىك خەلقنى رازى قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، شافىئىي قازىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

شافىئىي مەزھەبى پارسقىمۇ كىرگەن. تاجۇددىن سۇبكىي «تەبەقاتۇش شافىئىييە (طَبَقَاتُ الشَّافِعِيَّةِ)»دە پارستا شافىئىي مەزھەبى بىلەن داۋۇد زاھىرىي مەزھەبىدىن باشقىسىنىڭ بولمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ(43). بۇنىڭدا بىرئاز مۇبالىغە بار.

ھىجرىيە ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شافىئىي مەزھەبى مەرۋە ۋە خۇراسانغا كىرگەن. شافىئىي مەزھەبىنى ئۇ يەرلەرگە كىرگۈزگەن ئالىملار شۇ يەرلەرگە مەزھەبنىڭ ئەسلىي كىتابلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئۇنى ئىلىم ئەھلى ئارىسىدا تارقىتىشقا كۆڭۈل بۆلگەن، شۇنىڭدەك يەنە ھاكىم ۋە سۇلتانلارنىڭ شافىئىي مەزھەبىنى ئۆزلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى جايلاردا رەسمىي بىر مەزھەب قىلىشلىرى ياكى ئەلنى شافىئىي مەزھەبى بىلەن ئىدارە قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى مەزھەبكە قانائەتلەندۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلگەن.

شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەغرىب دىيارىدا ۋە ئەندەلۇس دىيارىدا شافىئىي مەزھەبىنىڭ ھېچبىر ئورنى بولمىغان.

يەنە شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شافىئىي مەزھەبى ئۆتمۈشتە كىرگەن جايلاردا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ تۇرماقتا. ھازىرمۇ شافىئىي مەزھەبى يەمەن خەلقى ئىچىدە زەيدىي مەزھەبى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالاشماقتا، پارستا شىئە مەزھەبى بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتمەكتە.

ئاللاھ ئىمام شافىئىيغا رەھمەت قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

——————————————————-

1. ئالىي ئىسناد / سەنەد (الْإِسْنَادُ الْعَالِي / العَالِي مِن الأَسَانِيدِ): ھەدىس ئىلمىدە: «مەلۇم بىر ھەدىس سەنەدلىرى ئىچىدە راۋىيلىرى باشقا سەنەدلەرگە قارىغاندا ئاز بولغىنىدۇر». ئىسنادنىڭ ئۈستۈن بولۇشى مۇھەددىسلەر نەزەرىدە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولۇپ، ئۇلار رىۋايەتنىڭ سەھىھلىكى ئۈچۈن ئالىي ئىسنادنى كۆزلەپ سەپەر قىلىشنىڭ مۇستەھەبلىكىدە ئىتتىپاقتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 507 – بەت.

2. خەتىب باغدادىي: «تارىخۇ باغداد»، 2/392.
3. بەيھەقىي: «مەناقىبۇششافىئىي»، 1/102، دارۇتتۇراس، قاهىرە، ھ. 1390/م. 1970.
4. بەيھەقىي: يۇقىرىقى مەنبە، 2/44.
5. بەيھەقىي: يۇقىرىقى مەنبە، 1/74.
6. مەدىنەدىكى ئىمام مالىكنىڭ مەھەللىسىنىڭ ئىسمى.
7. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ»، 6/2395، 2395، دارۇلغەربىل ئىسلامىي، بېيرۇت.
8. بەيھەقىي: «مەناقىبۇششافىئىي»، 1/106.
9. بەيھەقىي: يۇقىرىقى مەنبە، 1/106.
10. ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي: «تەۋالىتتەئسىس (تَوَالِي التَّأْسِيْسِ لِمَعَالِيْ مُحَمَّدِ بْنِ إِدْرِيْسَ)»، 73 – بەت، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت.
11. ئابۇرىي: «مەناقىبۇششافىئىي»، 76 – بەت، ئەددارۇل ئەسەرىييە، ئىئوردانىيە.
12. بەيھەقىي: «مەناقىبۇششافىئىي»، 1/159؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 9/143.
13. شافىئىي: «ئەلئۇم»، 6/200؛ ئىبنى ھىببان (4950)؛ ھاكىم (7990)؛ دارىمىي (3159). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
14. يەنى ئۆز ئاغزى بىلەن دەپ بەرگەن، باشقىلار يېزىۋالغان.
15. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ»، 6/2415.
16. ئەبۇ داۋۇد (4291)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (1118). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
17. بەيھەقىي: «مەناقىبۇششافىئىي»، 1/55.
18. بەيھەقىي: يۇقىرىقى مەنبە، 1/282.
19. بەيھەقىي: «مەناقىبۇششافىئىي»، 2/49.
20. ساﻣﯩﺌ: ئىشتكۈچى، ئاڭلىغۇچى. قاراڭ: تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 353 – بەت.
21. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ»، 6/2403.
22. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ»، 6/2415.
23. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 10/276، نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئەلى شىرىي، دارۇ ئىھيائىتتۇراس ئەلئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1408/م. 1988.
24. بەيھەقىي: «مەناقىبۇششافىئىي»، 2/250؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 9/97.
25. بەيھەقىي: «مەناقىبۇششافىئىي»، 1/459.
26. كىتابنىڭ ئەسلىدە «(أنه لا يرى أن الإمامة في قريش) ئىمامەت قۇرەيش ئىچىدە بولىدۇ دەپ قارىمايتتى» دەپ مەنفىي كەلگەن، توغرىسى مۇسبەتتۇر.
27. ئەھمەد (460)؛ ھاكىم (6955)؛ ئىبنى ھىببان (6269). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەن. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
28. شافىئىي: «ئەلئۇم»، 1/188؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (16624).
29. بەيھەقىي: «مەناقىبۇششافىئىي»، 1/448؛ ئىبنى ئەبى ھاتىم: «ئادابۇششافىئىي ۋە مەناقىبۇھۇ (آداب الشافعي ومناقبه)»، 222 – بەت، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت.
30. بەيھەقىي: «مەناقىبۇششافىئىي»، 1/451.
31. شافىئىي: «ئەلئۇم»، 7/246.
32. ئەھمەد (16800)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (1522)؛ ئەبۇ يەئلا (7413). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن. جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
33. ئىمام شافىئىي: «ئەررىسالە»، 534 – بەت.
34. ئىمام شافىئىي: «ئەررىسالە»، 597 – بەت.
35. شافىئىي: «ئەلئۇم»، 7/247.
36. شافىئىي: يۇقىرىقى مەنبە، 7/280.
37. ناقىل: نەقىل قىلغۇچى، ھېكايە قىلغۇچى، يۆتكىگۈچى، توشۇغۇچى، خەبەر توشۇغۇچى، كۆچۈرگۈچى. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 634 – بەت.
38. ئىمام شافىئىي: «ئەررىسالە»، 477 – بەت.
([38]) بۇ يەردە زاھىردىن مۇراد: ئىنساننىڭ زاھىرى، يەنى ئىنساننىڭ تېشى. باتىندىن مۇراد: ئىنساننىڭ باتىنى، يەنى ئىنساننىڭ ئىچى.
39. ئىمام شافىئىي: «ئەررىسالە»، 605 – بەت.
40. توغرىسى شۇنداق بولۇپ، كىتابنىڭ ئەسلىدە: «أنا في حل ممن يأخذ بكتابي البغدادي (باغدادتا يازغان كىتابىمنى مەندىن رىۋايەت قىلغان كىشىدىن مەن رازى)» دەپ خاتا بېسىلىپ قالغان. قاراڭ: ئابۇررىي: «مەناقىبۇششافىئىي»، 89 – بەت.
41. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 1/69.
42. تاجۇددىن سۇبكىي: «تەبەقاتۇش شافىئىييە (طَبَقَاتُ الشَّافِعِيَّةِ)»، 1/328، ھەجەر نەشرىياتى، ھ. 1413.

Please follow and like us: