مۇناسىپ ئۇسۇل قوللىنىڭ (1)

مۇناسىپ ئۇسۇل قوللىنىڭ (1)

كىشىلەر بەزى ئىشلارنى ياقتۇرۇش، بەزى ئىشلارنى ياقتۇرماسلىقتا ئوخشاش بولسىمۇ، يەنە بەزى ئىشلارنى ياقتۇرۇش – ياقتۇرماسلىقتا پەرقلىقتۇر.

ھەممە كىشى تەبەسسۇم قىلىشنى ياقتۇرىدۇ، قاپاق تۈرۈشنى ياقتۇرمايدۇ، لېكىن بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كۆڭلىنى خۇش قىلىش ۋە چاقچاقلىشىشنى ياقتۇرىدۇ، يەنە بەزىلىرى ياقتۇرمايدۇ. بەزىلىرى كىشىلەرنىڭ يوقلاپ كېلىشى ۋە تەكلىپ قىلىشىنى ياقتۇرىدۇ، بەزىلىرى يالغۇزلۇقنى ياقتۇرىدۇ، بەزىلىرى سۆھبەتلىشىش ۋە كۆپ گەپ قىلىشنى ياقتۇرىدۇ، بەزىلىرى ياقتۇرمايدۇ، كۆپىنچە، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ مىجەز – خاراكتېرىگە ماس كېلىدىغان كىشىلەرنى ياقتۇرىدۇ… سىز نېمىشقا باشقىلار بىلەن بىللە ئولتۇرغىنىڭىزدا ھەر بىر كىشىنىڭ سىزنى ياقتۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا مىجەز – خاراكتېرىگە ماس كېلىدىغان مۇناسىپ ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلمايسىز؟

كىشىلەرنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، بىر ئادەم بىر بۈركۈتنىڭ بىر قاغا بىلەن بىللە ئۇچۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، «قۇشلار شاھى قانداقسىغا بىر قاغا بىلەن بىللە ئۇچۇپ قالغاندۇ؟» دەپ ھەيران قاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلارنى بىللە ئۇچۇشقا سەۋەب بولغان ئورتاق بىر ئىش بار دەپ جەزم قىپتۇ. ئۇ ئىككىسىگە قاراپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ، ئاخىرى ئۇلار بىر يەرگە چۈشۈپتۇ. ئۇلارغا سىنچىلاپ قاراپ ھەر ئىككىسىنىڭ ئاقساق ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ.

ئەگەر بالا دادىسىنىڭ جىمجىتلىقنى ياقتۇرىدىغان، كۆپ گەپ قىلىشنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلسە، ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشى، بىللە بولۇشىدىن خۇش بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا شۇنداق مۇئامىلە قىلسۇن. ئايال ئېرىنىڭ چاقچاقنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بىلسە ئۇنىڭغا چاقچاق قىلسۇن، بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا چاقچاقتىن يىراق تۇرسۇن. كىشىنىڭ ھەمراھلىرىغا، قوشنىلىرىغا، قېرىنداشلىرىغا بولغان مۇئامىلىسىمۇ مۇشۇنداق بولسۇن. كىشىلەرنىڭ مىجەز – خاراكتېرلىرىنى بىر خىل دەپ ئويلاپ قالماڭ! چۈنكى ئۇلارنىڭ مىجەز – خاراكتېرلىرى ھەر خىل بولۇپ، ئۇلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

ئېسىمدە قىلىشىچە، بىر دوستۇمنىڭ ياشىنىپ قالغان ئانىسى بولىدىغان. ئۇ كۆڭلى ياخشى بىر ئايال (موماي) ئىدى. دوستۇمنى (بالىسىنى) كۆپ ماختايتتى، دوستۇم ئۆزىنى يوقلاپ كەلسە ياكى ئۆزى بىلەن سۆزلەشسە خۇشال بولاتتى، ئەمما باشقا بالىلىرى ئۇنىڭغا ۋاپادارلىق قىلىپ، ياخشى مۇئامىلە قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، يەنىلا دوستۇمنىلا ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئويلاندىم. بىر قېتىم ئۇ دوستۇم بىلەن بىللە بولۇپ قىلىپ، ئۇنىڭدىن بۇ توغرۇلۇق سورىسام، ئۇ مۇنداق دېدى:

— مەسىلە قېرىنداشلىرىمنىڭ ئانامنىڭ مىجەز – خاراكتېرىنى بىلەلمىگەنلىكىدە. ئۇلار ئانام بىلەن ئولتۇرغىنىدا ئانامنى سىقىپ قويىدۇ …

— جانابلىرى ئانىلىرىنىڭ مىجەز – خاراكتېرىنى بىلەلىگەن ئوخشىمامدىلا؟ — دېدىم ئۇنىڭ بىلەن ئوينىشىپ.

— شۇنداق، سىلىگە ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەي، — دېدى دوستۇم كۈلۈپ تۇرۇپ، — ئاناممۇ باشقا ياشانغان ئاياللارغا ئوخشاش بولۇپ، ئاياللار توغرىسىدا پاراڭ سېلىشنى، كىمنىڭ توي قىلغانلىقى، كىمنىڭ تالاق قىلىنغانلىقى، پالانچى ئايالنىڭ قانچە بالىسى بارلىقى، ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ چوڭلىقى، پالانچى ئايالنىڭ پالانچى بالىسىنىڭ قاچان توي قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ تۇنجى بالىسىنىڭ ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشنى ياقتۇرىدۇ. مەن بۇنداق گەپلەرنىڭ پايدىسى يوق دەپ قارايمەن، لېكىن ئانام بۇنداق گەپلەرنى تەكرارلاشتىن خۇش بولىدۇ، ئۆزى تىلغا ئالغان مەلۇماتلارنى بىز بىرەر كىتابتىن ئوقۇيالمايدىغانلىقىمىز، بىرەر لېنتىدىن ئاڭلىيالمايدىغانلىقىمىز، ئۇمۇ ئۇلارنى ئىنتېرنېتتىن ئەسلا تاپالمايدىغانلىقى ئۈچۈن قىممەتلىك دەپ ئويلايدۇ. مەن ئانامدىن ئۇلار توغرۇلۇق سورىغىنىمدا، ئانام ئىلگىرىكىلەر قىلالمىغان گەپلەرنى قىلدىم دەپ ئويلاپ خۇشال بولۇپ سۆيۈنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئولتۇرغىنىمدا بۇ تېمىلار ئۇنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ ۋە خۇشاللەندۇرىدۇ. ئانام سۆزلەپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندە قېرىنداشلىرىم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىچى پۇشۇپ، ئۇنىڭغا خۇش ياقمايدىغان گەپلەرنى قىلىشقا باشلايدۇ. شۇڭا، ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇشتىن سىقىلىپ، مەن بىلەن ئولتۇرۇشتىن كۆڭلى يايرايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى مانا مۇشۇنداق ئاددىي.

شۇنداق، سىز ئالدىڭىزدىكى كىشىنىڭ مىجەز – خاراكتېرىنى، نېمىنى ياقتۇرۇپ، نېمىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلگەن ۋاقتىڭىزدا ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالايسىز. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئىنچىگە ئويلانغان كىشى شۇنى بايقىيالايدۇكى، ئۇ ھەر بىر كىشىگە، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئاياللىرىغىمۇ مىجەز – خاراكتېرىگە ماس ھالدا مۇئامىلە قىلاتتى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئوچۇق – يورۇق ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ بىلەن چاقچاقلىشىپ، ئوينىشىپ قوياتتى. بىر قېتىم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە سەپەرگە چىقتى. سەپەردىن قايتىپ مەدىنەگە يېقىنلاشقاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەرگە: «سىلەر ئالدىمىزدا مېڭىپ تۇرۇڭلار» دېدى. كىشىلەر كەتكەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن قالدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇ ۋاقىتتا يېشى كىچىك، تېتىك بىر قىز ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا قاراپ: «كېلىڭ، مۇسابىقىلىشىپ باقايلى!» دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، يۈگۈرە – يۈگۈرە ئاخىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى يېڭىۋالدى. بۇ ئىشتىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن سەپەرگە چىقتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېشى چوڭىيىپ، سەمىرىپ قالغانىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەرگە: «سىلەر ئالدىدا مېڭىپ تۇرۇڭلار» دېدى. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «كېلىڭ، مۇسابىقىلىشىپ باقايلى!» دېدى. ئۇلار مۇسابىقىلەشتى، بۇ قېتىم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېڭىۋالدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا چاقچاق قىلىپ، ئىككى دولىسىنىڭ ئارىسىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ: «بۇ ئالدىنقى قېتىمقىسى بىلەن تەڭ بولدى، بۇ ئالدىنقى قېتىمقىسى بىلەن تەڭ بولدى» دېدى. ئەمما، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بۇنىڭغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلمايتتى. چۈنكى، ئۇ ئۆزىدىن ئون بەش ياش چوڭ ئىدى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلىرىگە قىلغان مۇئامىلىسىدىمۇ بۇنىڭغا رىئايە قىلاتتى. ئەبۇ ھۇرەيرەگە خالىدنىڭ چاپىنىنى كىيگۈزۈپ قويمايتتى، ئەبۇ بەكرىگە تەلھەگە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلمايتتى. ئۆمەرگە ئالاھىدە بىر شەكىلدە مۇئامىلە قىلاتتى، باشقىلىرىغا تاپشۇرمىغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا تاپشۇراتتى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قاراڭ، ئۇ ساھابەلىرى بىلەن بەدرگە چىقتى. قۇرەيشنىڭ يولغا چىققانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا، قۇرەيشتىن بەزى ئادەملەرنىڭ ئۇرۇش مەيدانىغا مەجبۇرىي ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغۇسى يوقلىقىنى بىلدى. ساھابەلىرى ئارىسىدا تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

— ھاشىم جەمەتى ۋە باشقا جەمەتلەردىن بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇشقا مەجبۇرىي ئېلىپ چىقىلغانلىقى ماڭا مەلۇم بولدى. ئۇلار بىز بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدۇ. سىلەردىن قايسىبىرىڭلار ھاشىم جەمەتىدىن بىرەرسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا ئۇنى ئۆلتۈرمىسۇن؛ ئەبۇلبەھتەرىي ئىبنى ھىشام بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، ئۇنى ئۆلتۈرمىسۇن؛ رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى (يەنى تاغام) ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، ئۇنى ئۆلتۈرمىسۇن. چۈنكى، ئۇلار ئۇرۇشقا مەجبۇرىي ئېلىپ چىقىلغان…

بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئابباس مۇسۇلمان بولغان بولۇپ، بۇنى باشقىلاردىن سىر تۇتقانىدى ۋە قۇرەيشنىڭ خەۋەرلىرىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكۈزۈپ تۇراتتى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈشىنىمۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاشكارىلاشنىمۇ خاھلىمىغانىدى.

بۇ ئۇرۇش ئىككى تەرەپ، يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن كافىرلار ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان تۇنجى ئۇرۇش ئىدى. مۇسۇلمانلار ھودۇقۇپ قالغانىدى. چۈنكى، ئۇلار ئۇرۇشقا ھازىر ئەمەس ئىدى، ئۇلار يەنە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، بالىلىرى ۋە دادىلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلاتتى، يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى بەزى كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشتىن مەنئى قىلغانىدى.

ئۇتبە ئىبنى رەبىئە قۇرەش كافىرلىرىنىڭ چوڭلىرىدىن ۋە ئۇرۇش قوماندانلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەبۇ ھۇزەيفە مۇسۇلمانلار سېپىدە ئىدى. ئەبۇ ھۇزەيفە سەۋر قىلالماي ئاخىرى مۇنداق دەپ سالدى:

— بىز دادىلىرىمىزنى، ئوغۇللىرىمىزنى، قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، ئابباسنى قالدۇرۇپ قويامدۇق؟! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالسام، ئۇنى چوقۇم قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىمەن.

ئەبۇ ھۇزەيفەنىڭ سۆزى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەتراپىغا باقتى، ئەتراپىدا ئۈچ يۈزدىن كۆپرەك باتۇر بار ئىدى، باشقىلارغا قارىماستىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قاراپ:

— ئى ئەبۇ ھەفس! رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسىغىمۇ قىلىچ تەگكۈزۈلەمدىكەن؟! — دېدى.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، شۇ كۈنى رەسۇلۇللاھ مېنى تۇنجى قېتىم ئەبۇ ھەفس دەپ ئاتىغانىدى».

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈپ تۇراتتى ۋە ئۇرۇش مەيدانىدا قومانداننىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغان ياكى قوشۇننىڭ ئالدىدا ئېتىراز بىلدۈرگەن كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا كەڭچىللىك قىلىشنىڭ ئورنى يوقلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، كەسكىن بىر چارە تېپىپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا رۇخسەت قىلسىلا، ئۇنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلاي! — دېدى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا رۇخسەت بەرمىدى ۋە بۇ تەھدىدنى ۋەزىيەتنى تىنچىتىشقا يېتەرلىك دەپ قارىدى.

ئەبۇ ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۆڭلى ياخشى بىر ئادەم ئىدى. ئۇ شۇ ئىشتىن كېيىن: «شۇ كۈنى سۆزلەپ سالغان ئاشۇ سۆزۈم سەۋەبىدىن كۆڭلۈم خاتىرجەم بولالمىدى، داۋاملىق قۇرقۇنچ ئىچىدە ياشاپ كەلدىم، ئۇنىڭغا پەقەت شەھىد بولۇشۇملا كەففارەت بولالايدۇ» دەيتتى. دېگەندەك ئەبۇ ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمامە كۈنى شەھىد بولدى.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مانا مۇشۇنداق ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىگە تاپشۇرغان ئىشلارنىڭ قانداقلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ئىش زاكات توپلاشقا، جىدەللىشىپ قالغانلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەشكە، نادان ئادەمگە تەلىم بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ئىدى. ئۇلار شۇ ۋاقىتتا ئۇرۇش مەيدانىدا بولغاچقا باشقىلارغا قارىغاندا بەكرەك كەسكىن ۋە سۈرلۈكرەك بىر ئادەمگە ئېھتىياج چۈشكەنىدى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تاللىدى ۋە «رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسىغا قىلىچ تەگكۈزۈلەمدىكەن؟!» دەپ ئۇنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنىدى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەرگە ئاتلاندى، خەيبەرلىكلەر بىلەن ئازراق ئۇرۇش قىلغاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن سۈلھلىشىپ خەيبەرگە كىردى. ئۇلارغا ھېچبىر مال – مۈلكىنى يۇشۇرۇۋالماسلىق، ھېچبىر نەرسىنى يوقىتىۋەتمەسلىك، ئالتۇن – كۈمۈشلەرنى تىقىۋالماسلىق شەرتىنى قويدى. ئەگەر ئۇلار بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلسا كېلىشىمنىڭ ئەمەلدىن قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇيەي ئىبنى ئەختەب ئۇلارنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ ئەيلەنگەن، تېكە تېرىسىدىن تىكىلگەن، ئالتۇن ۋە زىبۇ – زىننەتلەر بىلەن لىق توشقۇزۇلغان بىر تۇلۇمنى مەدىنەگە ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇ ۋاپات بولۇپ كېتىپ، بۇ بايلىقلىرى قىپقالدى. ئۇلار بۇلارنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن يوشۇرۇپ قويدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھۇيەي ئىبنى ئەختەبنىڭ تاغىسىغا:

— ھۇيەي بەنى نەزر قەبىلىسىدىن ئېلىپ كەلگەن بىر تۇلۇم ئالتۇن قېنى؟ — دېدى.

— چىقىملارغا ۋە ئۇرۇشلارغا كەتتى، — دېدى ھۇيەينىڭ تاغىسى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىگە بېرىلگەن بۇ جاۋاب توغرىسىدا ئويلاندى. ھۇيەينىڭ تېخى يېقىندىلا ۋاپات بولغانلىقىنى، ئۇ ئېلىپ كەلگەن بىر تۇلۇم ئالتۇننىڭ كۆپ بولۇپ، ئۇلارنى چىقىم قىلغۇدەك ئۇرۇشلارنىڭ بولمىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇنىڭغا:

— ھۇيەي تېخى يېقىندىلا ۋاپات بولدى، ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن ئالتۇن كۆپ تۇرسا! — دېدى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى سەزدى. ساھابەلىرىگە قارىدى. ئالدىدا ساھابەلىرى كۆپ ئىدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتى. زۇبەير ئىبنى ئەۋۋامغا قاراپ:

— ئى زۇبەير! ئۇنى ئۇچۇقداپ قويغىن، دېدى.

زۇبەير ئۇچۇقداپ قويۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاراپ مېڭىۋېدى، ئۇ لاغىلداپ كەتتى ۋە ئىشنىڭ جىددىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ: «ھۇيەينىڭ مانا بۇيەردىكى خارابىلىقتا يۈرگەنلىكىنى كۆرگەنىدىم دەپ ۋەيران بولغان كونا بىر ئۆينى كۆرسەتتى. ساھابەلار شۇ خارابىلىققا بېرىپ، تۇلۇمنى ئىزدەپ، ئۇنى شۇ خارابىلىقتىن تاپتى.

مانا بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زۇبەير بىلەن بولغان ئەھۋالى ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر بىر ئىشنى شۇ ئىشنىڭ ئەھلىگە تاپشۇراتتى. ساھابەلارمۇ بىر – بىرىگە مۇشۇ ئاساستا مۇئامىلە قىلاتتى.

 

دوكتور مۇھەممەد ئەرىفىينىڭ «استمتع بحياتك» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: پىنھان

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ