(ھىجرىيە ؟ – ؟ / مىلادىيە ؟ – ؟)
ئۇ ياشىغان دەۋر
شەيخ جامالىددىن ھىجرىيە يەتتىنچى ئەسىردە ياشىغان پەزىلەتلىك بىر ئالىم بولۇپ، پۈتكۈل دەلىللەر ئۇ دەۋرنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە پايدىلىق بولمىغان بىر دەۋر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ھەتتا پۈتۈن ئىنسانىيەت تارىخىغا نىسبەتەنمۇ ئەڭ شۇملۇق بىر دەۋر دەپ قارىلىشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ دەۋر موڭغۇل باسقۇنىدىن ئىبارەت زور بىر ھادىسىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ھىجرىيە 616 – يىلى خارەزىمشاھلار پادىشاھلىقىدىن ئىبارەت شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ چوڭ پادىشاھلىق موڭغۇللارنىڭ باسقۇنىغا ئۇچرىغان. موڭغۇللار خۇددى چېكەتكىدەك ھەر ياققا تاراپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممە يېرىنى دېگۈدەك تىزگىنلىۋالغان. تۈركىستان ۋە ئىراننى ۋەيران قىلغان. بارلىق چوڭ شەھەرلەرگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۆلۈكلەرنىڭ باشلىرى ۋە جەسەتلىرىدىن ئېگىز مۇنارلارنى ياساپ، ئۈستىگە چىققان، شەھەرلەر قەبرىستانلىقلارغا ئايلانغان.
تارىخچى ئىبنۇلئەسىر ئەلجەزەرىي (ھ 555 – 638) بىزگە بۇ ھادىسە ھەققىدە سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر ئادەم: ئاللاھ تائالا ئادەمنى ياراتقاندىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ئالەم ئۇنىڭدەك بىر ھادىسىگە مۇپتىلا بولۇپ باقمىدى، دېسە، راست ئېيتقان بولىدۇ. چۈنكى، تارىختا ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر ھادىسە يوق». شۇنىڭدەك، غەرب تارىخچىسى ئېدۋارد گىببونمۇ «رىمنىڭ يىقىلىشى ۋە مەغلۇب بولۇشى» دېگەن كىتابىدا شۇنداق دەيدۇ: «شىۋېتسىيە ئاھالىلىرى رۇسىيە يولى ئارقىلىق موڭغۇل باسقۇنىدىن خەۋەر تاپقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىگە قاتتىق قورقۇنچ ۋە ئەندىشە كىرىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئادەتتىكى شىكارى ئۈچۈن بىرىتانىيە ساھىللىرىغمۇ چىقالمىغان». بۇ ھەقتە يەنە غەرب تارىخچىسى ھارولد لامب «چىڭگىزخان» دېگەن كىتابىدا ئېيتىدۇ: «ئاسمان زېمىنغا يىقىلىپ، زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى ۋەيران قىلدى».
بۇ ئىشلار مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋىيىتىگە قاتتىق تەسىر كۆرسىتىپ، شۇ ۋاقىتتا مۇنداق بىر ماقال – تەمسىل كەڭ تارالغان: «موڭغۇللار يېڭىلدى، دېيىلسە، ھەرگىز ئىشەنمە».
غەرب تارىخچىسى توماس ئارنولد «ئىسلامغا چاقىرىق» ناملىق كىتابىدا مۇسۇلمانلارنىڭ مەغلۇبىيەت ۋە ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇسى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە تىرىشقان، چۈنكى بۇ ھۇجۇملار بىلەن نىشانلانغانلار مۇسۇلمانلار ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئىسلامنىڭ بۇددىزم بىلەن خىرىستىيانلىقتىن ئىبارەت ئىككى رىقابەتچىسى بار ئىدى. ھەر ئىككىلىسى بۇ باغرىتاش ئىستېلاچىلارنىڭ قەلبلىرىنى ئۇتۇۋېلىشقا ئۇرۇناتتى. توماس ئارنولد مۇنداق دەيدۇ: «پۈتۈن دەلىللەر خىرىستىيان دىنىنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتەتتى. چۈنكى، بۇ كۈرەشتە قارشى رەقىب خىرىستىيان دىنى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىرىستىيان ئەرلەر ۋە خىرىستىيان ئاياللار چىڭگىزخاننىڭ ئەمىرلىرىنىڭ قەسىرلىرىدە ئىدى. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرەر دىننى قوبۇل قىلىشىدا ئۈمىد بار دېيىلسە، ئالدىدا خىرىستىيان دىنى تۇراتتى. ھېچكىم ئۇلارنىڭ خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلىشىدىن شەكلەنمەيتتى. لېكىن، ئىسلام ئۆزىنىڭ ئاۋۋالقى سەلتەنىتىنىڭ خارابىلىرى ۋە ئۆچمەس شان – شەرىپىنىڭ ۋەيرانىلىرى ئاستىدىن دەس تۇرماي ئامالى يوق ئىدى. ئىسلام ئۆزىنىڭ دەۋەتچىلىرى ئارقىلىق ئاشۇ ياۋايى ئىستېلاچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ئۇلارغا ئۆزىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا قادىر بولالىدى. شۇنچىۋالا مۇسىبەتلەرنى سالغاندىن كېيىن موڭغۇللار ئىشنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزلىرى خورلىغان ۋە ئاياغلىرى ئاستىدا دەسسىگەن بۇ خەلقلەرنىڭ دىنىغا بوي ئەگدى».
بۇ بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، مۇسۇلمانلار باشتىن كەچۈرگەن پۈتۈن رەھىمسىز رېئاللىقلارغا قارىماستىن دەۋەتچىلىرىنىڭ موڭغۇللارنى مۇسۇلمان قىلىشتا زور تۆھپىسى بولغان ئىدى.
شەيخ جامالىددىن
ھىندىستانلىق چوڭ ئىسلام دەۋەتچىسى شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋى شەيخ جامالىددىننىڭ تۇغۇلۇشى، ھاياتى ۋە ئۇستازلىرى توغرىسىدا كۆپرەك بىر نەرسە بىلىشكە ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن([1]). لېكىن، قانداقلا بولمىسۇن بۇ نامسىز شەيخ ئۆزىنىڭ ئىخلاسى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن موڭغۇللارنىڭ ئىسلامغا كىرىشىگە سەۋەب بولغان. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ۋەقە ھېكايە قىلىنىدۇ: شەيخ جامالىددىن بىر توپ كىشىلەر بىلەن مەلۇم بىر تەرەپكە قاراپ ماڭدى. موڭغۇللار پارسلارنى ياقتۇرمايتتى ۋە ئۇلارنى ئۆچ كۆرۈپ، قىلچىمۇ كۆزگە ئىلمايتتى. شەيخ جامالىددىن پارس ئىدى. ئۇنىڭ يول يۈرۈشى چاغاتاي خانلىقىنىڭ ۋەلىئەھدىسى تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ شىكارغا چىققان كۈنىگە توغرا كەلدى. بۇ، تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ يېڭىدىن تەختتە ئولتۇرغان چاغلىرى ئىدى. تۇغلۇق تېمۇرخان (ئاقسۇدا) شەيخ جامالىددىن ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن بەلگىلىگەن يەرگە ئىچكىرىلەپ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ پۇت – قوللىرىدىن باغلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلۈشكە بۇيرۇدى. چۈنكى، ئۇ ئۇلارنى شۇملۇقنىڭ بېشارىتى دەپ قارىغانىدى. ئۇلار ئېلىپ كېلىنگەندە غەزەپ بىلەن ئۇلاردىن سورىدى: «بۇ يەرگە كىرىشكە قانداق جۈرئەت قىلىشتىڭ؟!». خان ئۇلارنىڭ پارسلاردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارغا: «ھەرقانداق بىر پارستىن بۇ ئىت ياخشى» دەپ، يېنىدىكى ئىتىنى كۆرسەتتى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان شەيخ سىزچە مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، پۈتۈن زېمىنغا نامى تارالغان موڭغۇللارغا قانداق جاۋاب قايتۇرغاندۇ؟
شەيخ جامالىددىن ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىدىغان مۆمىن كىشى ئىدى. شۇڭا، بۇ ئىشلارغا قاراپ تۇرماي، تەمكىنلىك بىلەن جاۋاب بېرىپ:
– ھازىر بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشىمىز مۇمكىن بولمايدۇ، – دېدى. خان مەسخىرە ئارىلاش سورىدى:
– قاچان مۇمكىن بولىدۇ؟
– بۇ مېنىڭ تۈگەنچىمگە باقىدۇ. تۈگەنچىم ئىمان ئۈستىدە بولسا، مەن ئىتتىن ياخشى ۋە ئۈستۈن. ئەگەر ياخشى تۈگەنچىگە ئېرىشەلمىسەم، شەكسىزكى، ئىت مەندىن ياخشى.
بۇ گەپ خاننىڭ قەلبىگە تەسىر قىلدى. چۈنكى، ئۇ گەپ پۈتۈن غېمى ئاللاھقا دەۋەت قىلىش بولغان، ئاللاھقا ئىشەنگەن مۆمىن بىر ئادەمنىڭ قەلبىدىن چىققان ئىدى. كىشىلەر ئېيتقاندەك «قەلبتىن چىققان سۆز قەلبكە تېگەر». بۇ پەيتتە شەيخ جامالىددىن غەيرەت ۋە قىزغىنلىق بىلەن، توختاپ قالماستىن تۇغلۇق تېمۇرخانغا ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرىنى چۈشەندۈردى ۋە خانغا كۇپۇرلۇقنى قورقۇنچلۇق سۈرەتتە تەسۋىرلىدى. نەتىجىدە، بۇ سۆزلەر خاننىڭ كۆڭلىگە تەسىر قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنىڭ ناتوغرا ئېتىقاد ئىكەنلىكىگە قايىل بولدى. لېكىن، مۇسۇلمان بولسا سەلتەنەتنىڭ قولدىن كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدى – دە، شەيخ جامالىددىنغا: « ھازىر ئىسلامنى قوبۇل قىلسام، پۇقرالىرىمنى توغرا يولغا باشلىشىم ھەرگىزمۇ قولاي بولمايدۇ. شۇڭا، ماڭا بىر ئاز مۆھلەت بېرىڭ. ئەجدادىمنىڭ پادىشاھلىقى قولۇمغا كىرگەندە، يېنىمغا قايتا كېلىڭ» دېدى. چۈنكى، چاغاتاي ئىپمېرىيەسى ئۇ چاغدا كىچىك خانلىقلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى. ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ، تۇغلۇق تېمۇر پۈتۈن ئىمپېرىيەنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولۇپ، ئىلگىرىكى ھالىتىگە كەلتۈردى.
شەيخ رەشىدىددىن([2])
شەيخ جامالىددىن يۇرتىغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، قاتتىق ئاغرىپ قالدى. ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا ئوغلى رەشىدىددىنغا: «تۇغلۇق تېمۇر بىر كۈنى كاتتا بىر پادىشاھقا ئايلىنىدۇ. سەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشنى، بارغىنىڭدا ئۇنىڭغا مەندىن سالام ئېيتىشنى ۋە ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدىسىنى ئېسىگە سېلىشنى ئۇنۇتما» دېدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي رەشىدىددىن ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، دادىلىرىنىڭ ئىمپېرىيە تەختىنى قايتۇرۇپ ئالغان خاننىڭ ئوردىسىغا باردى.
شەيخ رەشىدىددىن خان بىلەن ئۇچرىشىشقا شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ، كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولالمىدى. ئاخىرىدا، قىزىقارلىق بىر چارە تاپتى. بىر كۈنى ئۇ خان چېدىرىغا يېقىن يەردە تاڭ سەھەردە ئەزان توۋلاشقا باشلىدى. بۇ ئاۋاز خاننىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ، غەزىپىنى قوزغىدى. خان دەرھال ئۇنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈشكە پەرمان قىلدى. چۈنكى، قانداق ئادەم ئۇنداق قىلىشقا پېتىنالىسۇن؟! شەيخ رەشىدىددىن خاننىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدى. ئۇ دادىسىغا ئوخشاشلا شىجائەتلىك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دادىسى تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنلىدى. تۇغلۇق تېمۇر ئەسكە ئېلىپ: «مەن دادىلىرىمنىڭ تەختىدە ئولتۇرغاندىن بېرى ھەمىشە ‹مەن ۋەدە بەرگەن كىشى ئەجەپ كەلمىدىغۇ› دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم. مانا سىز كېلىپسىز. خۇش كېلىپسىز» دېدى. شەيخ رەشىدىددىن ئۇنىڭغا ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكى، ئاتىسىنىڭ ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
خان ئىسلامغا كىرىدۇ
خان ئىككى شاھادەتنى كەلتۈرۈپ، شۇ چاغدىن باشلاپ مۇسۇلمان بولدى. خان بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماي، ئۆزىنىڭ باش ۋەزىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قەلبىمدە بىر سىرنى كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتىمەن. ھازىر مەن ئاڭلىغان نەرسىنى بۇرۇن شەيخ جامالىددىندىنمۇ ئاڭلىغانىدىم. ئۇنىڭ سۆزلىرى ھەمىشە قەلبىمگە تەسىرى قىلىپ كەلدى. مەن مۇسۇلمان بولۇشقا بەل باغلىدىم. قانداق قارايسەن؟» دېۋىدى، ۋەزىر: «پادىشاھىم! مەن ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى مۇسۇلمانمەن. مۇسۇلمانلىقىمنى يوشۇرۇن تۇتۇپ كەلدىم. ئىرانغا قىلغان سەپەرلىرىمنىڭ بىرىدە ئىسلامغا ئېرىشتىم» دېدى. ئاندىن باش ۋەزىر قالغان ۋەزىر ۋە ئەمىرلەرنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا ئىشنى بايان قىلىۋىدى، ھەممىسى ئىسلامغا كىردى. بۇ ئىش بولۇپلا، ئىراندىكى موڭغۇللارمۇ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشقا ئالدىراپ، بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ھەممىسى مۇسۇلمان بولدى. ئىراقتىكى ھۆكۈمران موڭغۇل جەمەتى بۇلاردىن بۇرۇن ئىسلامغا كىرىپ بولغانىدى. موڭغۇللار مۇسابىقىلەشكەندەك ئارقىمۇئارقا ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ، مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ سانى قىسقىغىنا ۋاقىتتا نەچچە يۈز مىڭغا يەتتى. ئىسلام ئالىملىرى بۇ كەڭ مەملىكەت ئالدىدىكى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىشتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا باشلىدى. ئىسلامنىڭ ھاياتلىققا مۇناسىۋەتلىك يوليورۇقلىرى، جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى تۈزەشتىكى چەكسىز قابلىيىتىنى ئۆزلىرىدە ئۆزلەشتۈردى. قانداقمۇ ئۇنداق قىلمىسۇن؟! ھالبۇكى، پادىشاھ ۋە ئەمىرلەر ھەم قالغان موڭغۇللار ئىسلامغا كىرگەندىن باشلاپ ئىمان دەۋرى ۋۇجۇتقا چىققان تۇرسا!
ئىسلام دەۋەتچىلىرى جار سالماستىن ئۆزلىرىنىڭ بۇرچىنى ئورۇنلاپ كەلمەكتە. ئۇلار نە ئاللاھقا تايىنىشنى، نە ئاللاھقا بولغان ئىماننى، نە روھىي كۈچنى، نە ئاللاھنىڭ ياردىمىگە بولغان ئىشەنچنى يوقىتىپ قويغىنى يوق. ئۇلار ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك ھېس قىلدۇرىدىغان ھەقىقىي مەغلۇبىيەتكە ھەم ئۇچرىغىنى يوق. شۇنداق! چىرىك پادىشاھلارغا ۋە كېسەل جەمئىيەتكە مەغلۇبىيەت يەتتى. ئەمما، قالغان ئىسلام جەمئىيىتى، چىدامچان ئالىملار ۋە دەۋەتچىلەر بولسا، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە ئىشىنىش ئۈستىدىدۇر. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھ تائالاغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. بۇ ئالىملار مۇسۇلمانلار يولۇققان سىياسىي مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا مۇشۇنداق پوزىتسىيە تۇتقان. ئاخىرىدا، ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ئۇشتۇمتۇت موڭغۇللار ئىسلامغا كىرىپ، پۈتۈن دۇنيا جىمى موڭغۇللارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن ھەيران قالدى.
شەرقشۇناسلارنىڭ باھالىرى
چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان بەزى شەرقشۇناسلار ئىسلامنىڭ يوشۇرۇن كۈچى بارلىقىغا، دەۋەتچىلەرنىڭ ئەڭ قىيىن چاغلاردىمۇ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلغانلىقىغا ئىشارە قىلغان. بۇلاردىن دوكتور ھېتتي «ئىسلام قىسسىسى» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دىنى ئىسلامنىڭ ئەڭ قىيىن سىياسىي پەيتلىرىدە چوڭ ئۇتۇقلارنى قازانغان». گوللاندىيەلىك لوكي كارد «ئىسلام مەدەنىيىتى» دېگەن كىتابىدا شۇنداق دېگەن: «ئىسلام نۇرغۇن قېتىم سىياسىي بوھرانغا ئۇچرىغان بولۇشىغا قارىماي، ھەر دائىم ئالغا ئىلگىرىلىدى». داڭلىق شەرقشۇناس گىب بىر قېتىم ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىدا نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: «ئىسلام تارىخى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ قاتتىق رىقابەتلەرگە ئۇچرىغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى. لېكىن، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇ مەغلۇپ بولمىدى. چۈنكى، روھىي تەربىيە ئۇسلۇبى ۋە خۇداگۇي ئالىملارنىڭ تەپەككۇرى دەرھال ئىسلام مەدەنىيىتىگە ياردەم بېرىپ ۋە قوللاپ، ئۇنىڭغا شۇنداق كۈچ بەردىكى، ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق قارشى كۈچ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ».
مەنبە: أضواء على شخصيات إسلامية متميزة. علي القاضي 93 _ 96 – بەتلەر.
تەرجىمىدە: قاراخانىي
([1]) «تارىخى رەشىدىي»دە شەيخ جامالىددىننىڭ مەۋلانا شۇجائىددىن مەھمۇدنىڭ ئەۋلادىدىن ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. تەپسىلىيرەك مەلۇمات شۇ كىتابتا بار.
([2]) «تارىخى رەشىدىي»دە ئەرشىددىن دەپ كەلگەن. مۇھەممەد ئەمىن ھەزرىتىممۇ تارىخىدا ئۇ زاتنىڭ ئىسمىنى مەۋلانا ئەرشىددىن دەپ ئالىدۇ ۋە ئۇ زاتنىڭ كېيىنچە تۇغلۇق تېمۇرخاندىن ئىجازەت ئېلىپ كۇچاغا يەرلىشىپ شۇ يەردە ۋاپات بولغانلىقىنى ، قەۋرىسى ھازىرمۇ كۇچادا مەشھۇر مازارلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.