ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە

ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە

(ھ. 80 – 150 / م. 699 – 767)

شەيخ ئەلى تەنتاۋىي

 

بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنى «قۇرئان»دۇر، «قۇرئان»نىڭ رەسمىي يەشمىسى ھەدىستۇر، «قۇرئان»نىڭ ئىزاھلىق باياننامىسى نازىل بولۇش سەۋەبلىرى ۋە تەفسىردۇر. كىشىلەر ئىچىدە ئىلىم بىلەن شۇغۇللانمىغانلارمۇ بار، ئۇلار «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»نى چۈشىنىپ ئۇنىڭدىن ھۆكۈم ئالالمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار مۇتەخەسسىسلەرگە مۇراجىئەت قىلىدۇ، خۇددى دەۋا قىلماقچى بولسا ئادۋۇكاتقا مۇراجىئەت قىلغاندەك. مۇتەخەسسىسلەر مۇجتەھىد ئالىملار بولۇپ، ئۇلار چۈشەنچە ۋە تەفسىردە بىر – بىرلىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ. بۇ تەبىئىي بىر ئىشتۇر. تەقلىدمۇ دەل شۇنىڭغا ئوخشاش تەبىئىي بىر ئىش. چۈنكى، بەزى كىشىلەر مەلۇم ئىلىمگە بېرىلىپ، شۇ ئىلىمدە مۇجتەھىد بولسا، ئۇ ئىلىمدىن باشقىدا ئەگەشكۈچى بولىدۇ. مەسىلەن، بىزمۇ دوختۇر ۋە ئىنژېنېرلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى دەلىل تەلەپ قىلماي قوبۇل قىلىمىز. ھەتتا ساھابەلەرنىڭمۇ كۆپىنچىلىرى ئەگەشكۈچى ئىدى، ئۇلار ئىچىدە پەقەت ئازلىرىلا پەتۋا بېرەتتى. لېكىن، ئۇلارنىڭ پەتۋالىرى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى تابىئىنلارنىڭ پەتۋالىرىمۇ توپلانمىغان. پەتۋا بېرىش ۋە ئەھكام يەكۈنلەشكە بېرىلىپ، سۆزلىرى توپلانغان ۋە ئەگەشكۈچىلىرى كۆپىيىپ، ھەتتا ئۆز ئالدىغا بىر ئېقىمى ياكى بىر مەزھەبى بولغان تۇنجى كىشى ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەدۇر.

ئەبۇ ھەنىفە كىم؟

ئەپەندىلەر! ئىراقتا سابىت ئىبنى نوئمان ئىسىملىك، فارس نەسىللىك، تەقۋادار ۋە پەرھىزكار، باي ۋە كېلىشكەن بىر ياش بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئۆستەڭدە تاھارەت ئېلىۋېتىپ، بىر ئالمىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى يېدى. ئاندىن ئۇ ئالمىنى ھارام يەپ قالغان بولۇشىدىن قورقتى – دە(1)، بۇ ئالما چۈشكەن باغنى ئىزدەپ يۇقىرى ئېقىنغا قاراپ مېڭىپ، باغۋەننىڭ قېشىغا كەلدى. باغۋەنگە:

— (ئالمىڭىزنى يەپ سالدىم) مەندىن ئۆتۈۋېتىڭ! – دېدى. باغۋەن ئۇنى تونۇپ، ئۇنىڭغا:

— ياق! ئۆتمەيمەن، ئەمما بىر شەرت بىلەن ئۆتىمەن. مېنىڭ گاس، گاچا، قارىغۇ بىر قىزىم بار. شۇ قىزىمنى سىز ئەمرىڭىزگە ئالمىغۇچە سىزدىن ئۆتىۋەتمەيمەن، — دېدى. ياش ئويلاندى ۋە دۇنيانىڭ تۆت كۈنلۈك دۇنيا ئىكەنلىكى، بۇ ئۆيلىنىشتىكى دۇنيا ئازابىنىڭ ئاخىرەت ئازابىدىن يېنىك ئىكەنلىكىنى ئويلىدى – دە:

— ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن، بوپتۇ، قوبۇل قىلدىم، — دېدى.

نەتىجىدە، باغۋەن قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالغان قىزىنىڭ قېشىغا كىرىۋىدى، گويا ئايدەك گۈزەل، چېچەن ۋە دىيانەتلىك ساپساق بىر قىزنى كۆردى. ئۇ قىزنىڭ دادىسىغا:

— نېمە ئۈچۈن ئۇنى قارىغۇ، گاس، گاچا دېدىڭىز؟ — دەپ سورىۋىدى، قىزنىڭ ئاتىسى:

— چۈنكى، ئۇ ئەر زاتى كۆرمىگەن، ئەر زاتىغا قۇلاق سېلىپ باقمىغان ۋە ئەر زاتىغا گەپمۇ قىلىپ باقمىغان، — دەپ جاۋاب بەردى.

مانا بۇ باي، گۈزەل ۋە سالىھ بىر جۈپتىن ئۇ ئىككىسىنىڭ گۈزەللىكى ۋە تەقۋادارلىقى بىرلەشكەن، مۆجىزىلەرنىڭ مۆجىزىسى، زېرەكلىك ۋە ئىلىمدە دۇنيانىڭ ئاجايىباتى بولغان بىر بالا ئاپىرىدە بولدى. ئۇ بولسىمۇ نوئمان ئىبنى سابىتتۇر. بۇ ئۇنىڭ ئىسمى. ئەبۇ ھەنىفە (ھەنىفەنىڭ ئاتىسى) بولسا ئۇنىڭ كۇنيەتىدۇر. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ھەنىفە ئىسىملىك بىر قىزى بولمىغان، لېكىن ئىراق يەرلىك تىلىدا ھەنىفە كەلىمەسى دۈۋەت دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەبۇ ھەنىفە كىچىكىدىن دۈۋەتنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئالىملارنى ئەگىپ يۈرىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى (دۈۋەتتىن ئايرىلماي يۈرۈيدىغان كىشى دېگەن مەنىدە) شۇنداق ئاتاشقان.

ئەبۇ ھەنىفە كىيىملىرى نەپىس، كۆينەكلىرى ئېسىل ھالدا ئەركە ۋە باياشات چوڭ بولدى. ئۇ رەخت ساتىدىغان چوڭ سودىگەر ئىدى. ئۇ شۇنداق تەقۋادار ۋە ئابىد ئىدىكى، – رىۋايەت قىلىنغىنىدەك – 20 يىل خۇپتەننىڭ تاھارىتى بىلەن بامدات ئوقۇپ ئۆتكەنىدى، ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلايتتى. ئۇ ئىنتايىن مەرد ئىدى، بىر قېتىم ئون نەچچە مىڭ (دىرھەم) دىن ئۆتۈۋەتكەنىدى. يەن بىر قېتىم كىشىلەر ئۇنىڭدىن تۆت مىڭ (دىرھەم) گە قەرزدار بولۇپ قالغان بىر ئالىمغا ياردەم سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭ ھەممە قەرزىنى تۆلەپ قويغانىدى. ئۇ شۇنداق كۆپ ئېھسان قىلاتتىكى، پېقىر بولۇپ قېلىشتىن قىلچىمۇ ئەنسىرىمەيتتى، خېلى كۆپ ئالىملارغا ئۆز يېنىدىن مائاش تۇرغۇزۇپ بەرگەنىدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەت، ئىلىم ۋە ئەمەل، بايلىق ۋە مەردلىك بېرىلگەن كىشى بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇ لەيس ئىبنى سەئدكە ئوخشايتتى. ئالىملارنىڭ يېنىغا كۆپ بېرىپ، ئۇلاردىن ئىلىم ئالاتتى. ئۇ ھاياتىدا تۆت ساھابەنى ۋە نەچچە مىڭ تابىئىننى كۆرگەن. ئۇ دەسلىپىدە ئىلمىكالام بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشەلمەيدىغان دەرىجىدە ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن. كېيىن بىر ۋەقە سەۋەبلىك فىقھقا يۆتكەلگەن. ئەمەلىيەتتە، فىقھ ئىلىملەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى، دىننىڭ جەۋھىرى. تەۋھىد، ھەدىس، تەفسىرلەر پەقەت ئۇنىڭ مۇقەددىمىلىرى بولۇپ، قانۇننىڭ يەشمىسىگە ئوخشايدۇ. دىن دېمەك تەۋھىد ۋە فىقھ دېمەكتۇر. ئۇ ۋەقە مۇنداق:

بىر خوتۇن ئۇنىڭدىن تالاق توغرىسىدا بىر مەسىلە سورىۋىدى، ئۇ بىلەلمەي، ئۇ خوتۇنغا ئۆز دەۋرىنىڭ فەقىھى ھەمماد ئىبنى ئەبى سۇلايماننى كۆرسىتىپ قويدى ۋە ئۇنىڭغا: «ئۇنىڭدىن سوراپ، جاۋابىدىن مېنى خەۋەرلەندۈرۈڭ!» دېدى. ئۇ خوتۇن ئۇنى خەۋەرلەندۈرگەندىن كېيىن، ئۇ ھەمماد ئىبنى ئەبى سۇلايماننى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلماس بولدى، ئون يىل ئۇنىڭدىن ئايرىلمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن رىياسەتچىلىككە ۋە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل بىر مەدرىسەسى (ئىلىم ھەلقىسى) بولۇشنى كۆڭلى خالاپ قالدى – يۇ، ھەممادقا بولغان ھۆرمىتىدىن توختاپ قالدى. ھەمماد بىر مەزگىللىك بىر يەرگە كەتكەندە ئۇ ئۇنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپ، ئىككى ئاي ئىچىدە 60 مەسىلىگە پەتۋا بەردى. ھەمماد يېنىپ كېلىپ، 40 مەسىلىدە ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، 20 مەسىلىدە قوشۇلمىغانىدى. ئۇ تا ھەمماد ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغانىدى. ھەمماد ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئۇنىڭ ئورنىغا ئىگە بولىدىغان ئادەم ئىزدەپ، ھەممادنىڭ ئوغلىنى ئالدىغا ئۆتكۈزدى، لېكىن ئۇنىڭغا ئەدەب غالىب بولغاچ، ئالدىغا چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەممادنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى بولغان مۇسا ئىبنى ئەبۇ كەسىر ئىسىملىك بىر شەيخنى ئالدىغا چىقىرىشقا كېلىشىۋىدى، ئۇمۇ ئالدىغا چىققىلى ئۇنىمىدى. ئۇلار ھەممادنىڭ ئىلىم ھەلقىسىنىڭ تارقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ: «بۇ گەزمالچى يىگىتنى چىقارساقچۇ!» دېيىشىپ، ئەبۇ ھەنىفەنى ئالدىغا ئۆتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئىلىم ھەلقىسىنى شۇنداق گۈللەندۈردىكى، بۇ ھەلقىنى باقىي بىر مەدرىسەگە، ئاداققىچە ئۆچمەس بىر مەزھەبكە ئايلاندۇردى.

***

ئۇنىڭ ئەتراپىغا كېيىنچە دۇنيانىڭ داڭدارلىرىغا ئايلانغان بىر بۆلۈك شاگىرتلار توپلاندى. ئۇلارنىڭ ھەربىرى مەلۇم بىر تەرەپتە مۇتەخەسسىس ئىدى. بىرەر مەسىلە كەلسە، ئۇلار ئۇ ھەقتە ئىزدىنىپ، مۇھاكىمە قىلىشاتتى. گاھىدا بىر مەسىلىنى ھەتتا بىر ئاي ئىزدىنىپ، شۇ مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى تاپاتتى. ئۇنىڭ مەجلىسى بىر پارلامېنت ئىدى، لېكىن ئەزالىرى زاماننىڭ يېتۈكلىرىدىن تەشكىل تاپقان پارلامېنت ئىدى.

ئىمام شافىئىينىڭ ئۇستازى ۋەﻛﯩﺌ ئىبنى جەرراھتىن: «ئەبۇ ھەنىفە خاتالاشقانمۇ؟» دەپ سورالغاندا، ۋەكى: «ئەبۇ ھەنىفەنىڭ خاتالىشىشىنى قانداقمۇ پەرەز قىلغىلى بولسۇن؟ ھالبۇكى، ئۇنىڭ يېنىدا قىياس ۋە ئىجتىھادتا يېتىشكەن ئەبۇ يۈسۈف، زۇفەر، مۇھەممەدتەك؛ ھەدىس يادلاش ۋە ھەدىس بىلىشتە يەھيا ئىبنى زەكەرىييا، ھەفس ئىبنى غىياس، ھىببان ۋە مەندەلدەك؛ ئەرەب تىلىنى بىلىشتا قاسىم ئىبنى مەئن (ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد) تەك؛ زاهىدلىق ۋە پەرھىزكارلىقتا داۋۇد تائىي ۋە فۇزەيل ئىبنى ئىيازدەك كىشىلەر تۇرسا!» دېگەن ئىدى. مانا بۇلار ۋە ئۇلارغا ئوخشىغان كىشىلەر ھەنەفىي پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدۇر. ھەنەفىي مەزھەبى باشقا مەزھەبلەردىن مانا مۇشۇنىڭ بىلەن ئالاھىدە پەرقلەنگەن. فىقھىنى بابلارغا بۆلۈپ رەتلىگەن تۇنجى كىشى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدۇر. ئىمام مالىك «مۇۋەتتا» ناملىق كىتابىنى يېزىشتا ئۇنىڭ يولىنى تۇتقان ئىدى.

***

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئاجايىب فىقھىي كاللىسى، ئەھكام يەكۈنلەش ۋە ئەھكامنىڭ ئىللەتلىرىنى([2]) بايان قىلىش جەھەتتە تۇتقان ئىنچىكە يولى بار ئىدى. ھالبۇكى، كۆپ ھاللاردا ئىمام مالىك ھەدىس ھافىزى بولۇپ، ھەدىس رەتلىگەن ۋە ھەدىستىن ھۆكۈم ئالغان ئىدى. ئىمام ئەھمەد مۇھەددىس ئىدى([3])، ھالبۇكى ئىلگىرىكىلەر ئۇنى مەزھەب ئىگىلىرى قاتارىدا سانىمايتتى. شافىئىي مالىكنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئۇسۇلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى، چۈنكى ئۇ مالىكتىنمۇ ۋە ئىمام مۇھەممەدتىنمۇ ئىلىم ئالغان. دېمەك، ئۇ ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتىنىڭ شاگىرتىدۇر.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىرەر مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى يېشەلمەي قالسا، شاگىرتلىرىغا: «بۇ پەقەت مەن ئۆتكۈزگەن بىر گۇناھ تۈپەيلى شۇنداق بولدى» دەيتتى ۋە شۇئان ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەپ، تا مەسلىنىڭ تۈگۈنى يېشىلگىچە ناماز ئوقۇيتتى. بۇ ئوي ئۇنىڭ كاللىسىغا ئاللاھ قورقۇنچىسىدىن پەيدا بولاتتى.

ئۇنىڭ زېرەكلىكى ۋە ئەھكام يەكۈنلەشتىكى تەپەككۇر ئۇسلۇبىنىڭ مىساللىرىدىن بىرى شۇكى، بىر مەسىلىدە ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە ھەكەم (ھۆكۈم قىلغۇچى) تەيىنلەش ئىشىنى زەھھاك توغرا كۆرمەيتتى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بولسا توغرا كۆرەتتى. شۇنىڭ بىلەن زەھھاك ئۇنى مۇنازىرىگە چاقىردى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئېيتتى:

— ئىككىمىز ئىختىلاپلىشىپ قالساق، ئارىمىزدا كىم ھەكەم بولىدۇ؟ زەھھاك:

— سەن تاللا، – دېۋىدى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:

— مەن سېنىڭ شاگىرتلىرىڭدىن پالانىنى تاللىدىم، – دېدى. زەھھاك:

— ئەمدى مەن بىلەن مۇنازىرىلەش، – دېۋىدى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:

— مەن سەن بىلەن مۇنازىرىلەشتىم ۋە سېنى يەڭدىم، سەن ھەكەمنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ھەكەم تەيىنلەشنى دۇرۇس سانىدىڭ، — دېگەنىدى.

مالىك، لەيس، ئەۋزائىي، شافىئىي، سۇفيان ۋە ئىبنى مۇبارەك قاتارلىق چوڭ ئىماملار ئۆزلىرىنىڭ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدەك بىرىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەن.

ئۇ پۈتكۈل ھاياتىنى ئۆز كەسپىگە تايىنىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە مال ۋە ئىلىم تارقىتاتتى، كىشىلەرگە فىقھ، تەقۋادارلىق ۋە مەردانىلىكنى ئۆگىتەتتى. ئۇلار ئۇنى ئىككى قېتىم مەنسەپكە تەكلىپ قىلدى: بىر قېتىم ئۇمەۋىيلەرنىڭ دەۋرىدە، يەنە بىر قېتىم ئابباسىيلارنىڭ دەۋرىدە. ئىككىلى قېتىمدا (مەنسەپكە زورلىنىپ) تەن جازاسىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ رەت قىلدى. ئاخىرقى قېتىمقىسى ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ سەۋەبچىسى بولدى.

***

بۈگۈن ھەنەفىي مەزھەبى پۈتۈن مەزھەبلەر ئىچىدە ئەڭ كەڭ تارالغان ۋە فۇرۇئلىرى، قاراشلىرى ئەڭ كەڭ مەزھەبتۇر، شۇنداقلا يېڭى قانۇنلارنى ۋە سوت ھۆكۈملىرىنى چىقىرىشتا ئەڭ پايدىلىق مەزھەبتۇر. فۇرۇئلىرىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇردىغىنى مالىكىي مەزھەبتۇر. مەن بۇنى نەچچە يىل ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنلىرى لايىھەسىنى تۈزۈش ئارقىلىق تونۇپ يەتتىم. ئۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى ھەنەفىي مەزھەبى ئابباسىيلار ۋە ئوسمانىيلارنىڭ ئۇزاق دەۋرلىرىدە بىر دۆلەت مەزھەبى بولغان. ھالبۇكى، بۇ ئىسلام تارىخىنىڭ تۆتتىن ئۈچىنى ئىگىلەيدۇ. مالىكىي مەزھەبىمۇ مۇشۇ مۇددەتتە مەغرىبنىڭ مەزھەبى بولغان. شۇڭا، بۇ ئىككى مەزھەبتە فۇرۇئلار ۋە مۇھاكىمىلەر كۆپ بولغان. شافىئىي مەزھەبىگە كەلسەك، پەقەت ئەييۇبىيلارنىڭ دەۋرىدىلا قىسقىغىنە ۋاقىت دۆلەت مەزھەبى بولغان. ھەنبەلىي مەزھەبى بولسا بۈگۈن نەجد ۋە ھىجاز بىلەن چەكلەندى.

ئاللاھ ئىماملارغا، ئۇلاردىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى مەزھەبى توپلانماي قالغان لەيس، ئەۋزائىي، سۇفيان ۋە ھەمماد قاتارلىق ھەممە ئالىملارغا رەھمەت قىلسۇن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەڭ پېشقەدىمى، ئەڭ قەدىر – قىممىتى يۈكسىكى ۋە «ئىمام ئەزەم (ئەڭ بۈيۈك ئىمام)» دەپ توغرا ئاتالغان ئەبۇ ھەنىفەگە رەھمەت قىلسۇن!

 

مەنبە: شەيخ ئەلى تەنتاۋىينىڭ «تارىختىن ئەزىمەتلەر/ رجال من التاريخ» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي


1. ئەگەر فەقىھ بولغان بولسا، ئۇنىڭ ھارام ئەمەسلىكىنى بىلەتتى.
2. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «فىقھىي ھۆكۈمنى تونۇتقۇچى بەلگە». باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا: «ئەسل بىلەن فەرﺋ ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق بىر سۈپەت» بولۇپ، فەرئنىڭ ھۆكمى شۇ سۈپەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ ۋە شۇ سۈپەتكە بىنائەن، ئەسلنىڭ ھۆكمى ئەسلدىن فەرئگە ھالقىپ ئۆتىدۇ. مەسىلەن، ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ ئىللىتى مەست قىلىشتۇر. — ت.
3. بەلكى تۆت ئىمامنىڭ ھەممىسى ھەم فەقىھ ھەم مۇھەددىس ئىدى، فىقھ ۋە ھەدىس ئىلىملىرىدا ئەڭ يۈكسەك چوققىدا ئىدى. ئىمام ئەزەمنىڭ ھەدىس دىۋانلىرىغا چېچىلىپ كەتكەن مىڭلىغان ھەدىسلىرى مەۋجۇد. لېكىن ئىنسانلار ئارىسىدا ئىمام ئەزەم كۆپرەك فىقھ بىلەن مەشھۇر بولغان، ئىمام ئەھمەد كۆپرەك ھەدىس بىلەن مەشھۇر بولغان. — ت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ