كامىل خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز

كامىل خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز

(ھىجرىيە 61 – 101 / مىلادىيە 681 – 720)

 

ئەپەندىلەر! قوللىرىڭلارغا قەلەم ئېلىشىڭلارنى، دىققىتىڭلارنى يىغىپ، بىر ھۆكۈمدارنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىدە، سىياسىتى ۋە مۇئامىلىسىدە… قانداق سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىڭلارنى يېزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئارزۇ – ئىستەكلىرىڭلار تەسۋىرلىگەن شۇ خىيالىي سۈرەت پۈتكەندە، مەن سىلەرگە كاللاڭلاردىكى ئاشۇ سۈرەتكە تەڭ كېلىدىغان، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان، پادىشاھلىرىمىزدىن بىر پادىشاھنىڭ رېئال ھەقىقىتىنى ئالدىڭلارغا قويىمەن.

ھاياتى بىر ھېكايىچى ئەدىبنىڭ خىيالى ياكى بىر ئىسلاھاتچى ئالىمنىڭ ئارزۇسى يېتەلەيدىغان پۈتۈن سۈپەتلەرنىڭ كامىل مىسالى بولغان بىر ھۆكۈمدار.

ئۇزاق ئەسىرلەردە ئاران بىر كۆرۈلىدىغان نەمۇنىلەردىن بىر نەمۇنە بولغان، بارلىق ئۈممەت تارىخىدا ئوخشىشى ئىنتايىن ئاز بىر خەلىپە.

شۇنداق ئالىم ئىدىكى، چوڭ ئالىملار ئۇنىڭ ئالدىدا شاگىرتلاردۇر. شۇنداق يازغۇچى ئىدىكى، بالاغەتلىك يازغۇچىلار ئۇنىڭ ئالدىدا كىچىك ئوقۇغۇچىلاردۇر. شۇنداق دىندار ئىدىكى، دىنى ئېغىزدا ئەمەس، ھەرىكىتىدە ئىدى؛ دىنى رىيا ۋە شۆھرەتتە ئەمەس، ئىخلاسى ۋە خىلۋىتىدە ئىدى. ئاللاھ ئۈچۈن ئۆزىنى شۇنداق كىچىك تۇتاتتىكى، ئۇنىڭ نەزىرىدە مىسكىن كىچىكلەر چوڭ ئىدى. ئاللاھ ئۈچۈن شۇنداق قاتتىق تۇراتتىكى، زوراۋان زالىملار ئۇنىڭ نەزىرىدە خار ئىدى. زېمىننىڭ خەزىنىلىرى قولىدا تۇرۇقلۇق، كەمبەغەلچە تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بارچە جاھان رەنالىرى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرۇپ، پاكلىق ۋە مەھرۇملۇق ئىچىدە ياشايتتى.

ئىنسان بولمىغىنىدا، مەن چوقۇم ئۇنى: «بىر پەرىشتە» دېگەن بولاتتىم.

ئەپەندىلەر! ئون ئۈچ ئەسىر ئارقىغا يانايلى.

بىز ھازىر ھىجرىيەنىڭ 97 – يىلىنىڭ باشلىرىدىكى مەرج دابىق دېگەن يەردىمىز.

دابىق ھەلەب تەرەپتىكى ئەزازغا تەۋە بىر يېزىدۇر. ئۇ يەردە رىم قوشۇنىنىڭ ئالدىنقى سەپ بىر لاگېرى بار ئىدى. ياش خەلىپە سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىكمۇ قوشۇنى ۋە دۆلەت ئەركانلىرى بىلەن بىرگە دابىقتا ئىدى. ئۇ ئىككى قىشنىڭ ياقى ئۇ يەردە قېرىندىشى مەسلەمە قوماندانلىقىدىكى كونىستانتىنوپولنى قامال قىلغان قوشۇنغا ياردەم بېرىپ، مۇداپىئەدە تۇرغانىدى. ئۇرۇشتا ئۇتۇق قازىنىشتىن ھېچبىر ئۈمىد يوق ئىدى. مەسلەمە قوشۇنىدا كېسەل تارقىلىپ، ئەسكەرلەرنىڭ مەنىۋى روھى ئاجىزلاشقان ئىدى. قامالنى بوشىتىش كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، خەلىپە سۇلايمان ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋە قەۋم ئەقىلدارلىرىنىڭ قاراشلىرىغا خىلاپ ھالدا، قامال قىلىشتا چىڭ تۇرۇۋاتاتتى.

قوشۇن ئىچىدە قىزىتما تارقىلىپ، ئارقا – ئارقىدىن ئۆلۈملەر بولدى. ھەتتا خەلىپە خىزمەتكارلىرىدىن ئۆزىگە تاھارەت ئالدۇرۇپ قويغۇدەك بىرەر ساق كىشىنىمۇ تاپالمىدى. خەلىپە مۇنبەرگە چىقىپ خۇتبە سۆزلىدى، ھالبۇكى ئۇنىڭ ئاۋازى مەسجىدنى بىر ئېلىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا قىزىتما تېگىپ، ئاۋازى بارغانسېرى چۈشۈپ كەتتى، ئاخىرىدا، ئۇنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ كېتىپ، ئۆيىگە كۆتۈرۈپ ئەكېتىلدى. خەلىپە تەختنى كىچىك بالىسىغا ۋەسىيەت قىلىۋىدى، ئۇنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى رەجا ئىبنى ھەيۋە ئۇنى بۇنداق قىلىشتىن توستى. خەلىپە تەختنى سالىھ كىشى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزگە ۋەسىيەت قىلغانغا قەدەر، رەجا ئىبنى ھەيۋە ئۇنىڭ قېشىدىن مىدىرلىمىدى. سۇلايمان: «ئەگەر ئابدۇلمەلىكنىڭ ئوغۇللىرى خەلىپىلىكنىڭ ئۆزلىرىدىن يۆتكىۋېتىلىشىگە قوشۇلمايدىغان بولمىسا ئىدى، ئۇ (ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز) نېمىدېگەن ياخشى ئادەم – ھە!» دېۋىدى، رەجا: «ئۇنداقتا، خەلىپىلىكنى ئۆمەردىن كېيىن يەزىد ئىبنى ئابدۇلمەلىككە قالىدىغان قىلسىلا» دېدى.

خەلىپە ۋەسىيەتنى شۇ بويىچە يازدى ۋە ئۇمەۋىي ئەمىرلەرنى، مۆتىۋەر كىشىلەرنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن مۆھۈر بېسىلغان پۈتۈككە يېزىلغىنىغا قارىتا بەيئەت ئالدى.

ئۆمەر رەجانىڭ قېشىغا كېلىپ: «ئەي رەجا! تەختنىڭ ماڭا ۋەسىيەت قىلىنغان بولۇشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنى كۆتۈرەلمەيمەن. خەلىپە تىرىك ھالىتىدە، ماڭا دەرھال ئېيتىپ بەرگىن. (ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا) مەن ئۇنى ئۆزۈمدىن قايتۇراي، شۇنداقلا دەپ بەرگىنىڭ ئۈچۈن ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى. رەجا ئېيتتى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ياق! ساڭا ھەرگىز دەپ بەرمەيمەن» دېدى ۋە ئاچچىقلانغان ھالدا قايتىپ كەتتى. ئۇنىڭ قېشىغا ھىشام كېلىپ: «ئەي رەجا! تەختنىڭ مەندىن باشقىسىغا ۋەسىيەت قىلىنغان بولۇشىدىن ئەنسىرەيمەن. مەن ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن ۋە سېنى مۇكاپاتلايمەن، خەلىپە تىرىك ھالىتىدە، (تەختنىڭ كىمگە ۋەسىيەت قىلىنغانلىقىنى) ماڭا دەرھال ئېيتىپ بەرگىن. تەختنى ئۆزۈمگە قايتۇرۇۋالاي» دېۋىدى، رەجا: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ياق! ساڭا ھەرگىز دەپ بەرمەيمەن» دېدى ۋە غەزەپلەنگەنچە قايتىپ كەتتى.

سۇلايمان ئۆلدى. رەجا كىشىلەرنى توپلاپ، پۈتۈكنى ئېچىۋىدى، ئۇنىڭدا يېزىلغىنى ئۆمەر بولۇپ چىقتى.

ئابدۇلمەلىكنىڭ ئوغۇللىرى چوقان سېلىشتى، پۈتۈكتە ئۆمەردىن كېيىن يەزىدنىڭ خەلىپە بولىدىغانلىقى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئۇلار جىمىشتى. ئۆمەر بىھۇش بولدى، ھەتتا ئۆرە تۇرۇشقىمۇ قۇربىتى يەتمىدى.

– ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن يوشۇرۇنمۇ، ئاشكارىمۇ ئاللاھتىن مەنسەپ سورىمىغانىدىم، – دېدى ئۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنى ئىككى مۈرىسىدىن تۇتۇپ، مۇنبەرگە چىقاردى. كىشىلەر جىم بولدى. ئۆمەر:

– ئەي خالايىق! خەلىپە بولۇش بارىسىدا مەسلىھەت سورالغىنىممۇ يوق، ئىختىيارلىق بېرىلگىنىممۇ يوق. مېنىڭ خەلىپە بولۇشقا ھاجىتىممۇ يوق. گەدىنىڭلاردىن بەيئىتىمنى قالدۇردۇم، خالىغان كىشىڭلارغا بەيئەت قىلىڭلار، – دېۋىدى، ئۇلار چوقان كۆتۈرۈشۈپ كەتتى ۋە ھەر تەرەپتىن: سەندىن باشقىسىنى ئىستىمەيمىز، دەپ توۋلاشتى.

شۇ چاغدا ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، خۇتبە سۆزلىدى ۋە خۇتبىدا ئۆزىنىڭ باياننامىسىنى، ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى، شۇنداقلا قانۇن چىقارغۇچىنىڭ يېگانە ئاللاھ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ قانۇن چىقىرىشقا ئىگە ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئۆزىنىڭ يالغۇز ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغىلا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۆزى شەرىئەتكە خىلاپلىق قىلسا باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قارشى چىقىشىنىڭ ۋاجىپ بولىدىغانلىقىنى، خەلىپىنىڭ ئۈممەتنىڭ خوجايىنى ۋە ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئۈممەتنىڭ چاكىرى ۋە خىزمەتكارى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھەمدۇسانا ۋە دۇرۇت – سالامدىن كېيىن مەقسەتكە كەلسەم: شۈبھىسىزكى، پەيغەمبىرىڭلاردىن كېيىن ھېچبىر پەيغەمبەر يوقتۇر، قۇرئاندىن كېيىن ھېچبىر كىتاب يوقتۇر. شۇنى بىلىڭلاركى، ئاللاھ نېمىنى ھالال قىلىدىكەن، ئۇ تا قىيامەتكىچە ھالالدۇر. ئاللاھ نېمىنى ھارام قىلىدىكەن، ئۇ تا قىيامەتكە قەدەر ھارامدۇر. شۇنى بىلىڭلاركى، مەن قانۇن چىقارغۇچى ئەمەسمەن، بەلكى ئىجراچىدۇرمەن. بىلىڭلاركى، مەن ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە يېڭى نەرسە پەيدا قىلغۇچى ئەمەسمەن، بەلكى ئەگەشكۈچىدۇرمەن. بىلىڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار ئەمەسمەن، بەلكى ئاراڭلاردىكى بىرىمەن، بىراق ئاللاھ مېنى يۈكى ئەڭ ئېغىر كىشىڭلار قىلدى».

ئۇنىڭ ئۈچۈن دەبدەبىسىدىن زېمىن تەۋرەپ كەتكۈدەك رەسمىي قاتناش قوراللىرى ۋە خانلىق چېدىرلار تەييارلاندى. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇنىماي: «بۇ قاتناش قوراللىرىنى قانداق قىلاي؟! ئۇنى مەندىن نېرى قىلىڭلار، ماڭا قېچىرىمنى ئەكىلىپ بېرىڭلار» دېدى ۋە قېچىرىغا مىنىپ، ئۆزىنىڭ چېدىرىغا يۈردى ھەمدە بۇ رەسمىي قاتناش قوراللىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، خانلىق چېدىرلارنىڭ بىساتلىرى، جابدۇقلىرى سېتىلىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە كىرگۈزۈلۈشكە بۇيرۇدى.

ئەپەندىلەر! سىلەرگە دېسەم، بەيئەت بولغان چاغدا، كىشىلەر بۇ بەيئەتنى ئۆزلىرى بىلىدىغان ئادەتتىكى بىر ئىش، بىر خەلىپە كەتسە يەنە بىرى كېلىدۇ، ھەممە ئىش ئۆز پېتى داۋام ئېتىۋىرىدۇ، دەپ ئويلاپ قېلىشقانىدى. ئۇلار ئۈچۈن بولغاندا، ئۆينىڭ تەكچىسى ئالماشقانچىلىك بىر ئىش ئىدى! قاراڭغۇ گەمىلەردە ۋە سوغۇق ھۇجرىلاردا تۇرىدىغان ئادەم ئۈچۈن، ئۆينىڭ تەكچىسى ئالماشسا ئۇنىڭغا نېمە پايدىمۇ تېگەر؟!

لېكىن يېڭى خەلىپە مۇنبەرگە چىقىپ، تۇنجى خۇتبىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىنلا ھەمدە قاتناش قوراللىرى ۋە خەلىپىلىك سەرامجانلىرى ھەققىدىكى پەرمانىنى چىقارغاندىن كېيىنلا، كىشىلەر بۇنىڭ ئۆزلىرى بىلىدىغان ئاددىي ئىش ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇلار كۆرگەن خەلىپىلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر خەلىپە ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىشتى.

بۇ، ئۆينىڭ بېزەك ۋە رەڭلىرىدىكى ئۆزگىرىش ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ئۆزگىرىشنىڭ ئالامىتى ئىدى، ئۇلىدىن تۈزەپ چىقىش ئىدى.

بۇ ئۈمىد بوشلۇقتا چاقناپ تېزلا يوشۇرۇنىدىغان چېقىن كەبى ئۇزۇن داۋاملاشمىدى. ئۇلار پادىشاھلىققا قىزىقمايدىغان، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلاپ، پادىشاھلىق ئىشىنى كىشىلەرگە ھاۋالە قىلغان بۇ خەلىپىنىڭ گەرچە ئىبادەتگۇي سالىھ بىر ئادەم بولسىمۇ، ئەمما چېگراسى فرانسىيەدىن چىنغىچە سوزۇلغان بۇ يوغان ئاپپاراتنى باشقۇرۇشتىن تۇنجى كۈندىن باشلاپ ئاجىز كېلىدىغان زەئىپ ۋە بىخۇد ئادەم بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەشتى. چېگراسى فرانسىيەدىن چىنغىچە سوزۇلغان، دەمسىز؟ شۇنداق! چىن چېگرالىرىدىن فرانسىيە ئەتراپلىرىغىچە سوزۇلغان. بۇ زور ئاپپاراتنى ئۇلار «ئۇمەۋىيلەر دۆلىتى» دەپ ئاتىشىدۇ.

ئۇلار تۇنجى خۇتبىدە چاقنىغان بۇ ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنىڭ تېزلا ئۆچۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، يۈرەكلىرىنى تۇتۇۋېلىشتى.

لېكىن ئەي ئەزىزلەر! ئۈمىد ئىشقا ئاشتى، تارىخىمىزدا خىيال رېئال ھەقىقەتكە ئايلاندى.

شۈبھىسىزكى، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بىر بۇلۇڭغا كىرىپ زىكىر ئېيتىپ ئولتۇرمىدى، بەلكى دەرھال ھەر تەرەپكە خەت يازدى ۋە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ پىروگراممىلىرىنى تۈزدى. ئۇ چىقارغان تۇنجى پەرمان كونىستانتىنوپولدىن قامالنى بوشىتىپ، قوشۇننىڭ قايتىپ كېلىشىگە بۇيرۇش بولدى. نەتىجىدە، بۇ قامالنىڭ مۇشەققەتلىرىنى جىق تارتقان ئىسلام قوشۇنى قايتىپ كەلدى. ئاندىن چوڭ مەنسەپلەردىكى ئەمەلدارلارنى ئالماشتۇرۇپ، زوراۋان زالىم ئەمىرلەرنى مەنسەپتىن قالدۇردى. شۇلارنىڭ ئىچىدە، كىشىلەرنى يولسىز سولاپ، قىيناش ۋە ئۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن قارىلانغان ئىفرىقىيە([1]) ۋالىيسى زالىم مۇستەبىت يەزىد ئىبنى ئەبۇ مۇسلىم؛ ناھەق قان تۆككەن ۋە چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلغان مىسىردىكى مالىيە باشلىقى ئۇسامە ئىبنى زەيد تەننۇخىي قاتارلىقلار بار ئىدى. خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئۇنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلدى، شۇنداقلا ھەج ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسىنى مەنسەپتىن ئېلىپ تاشلاپ، ئىقتىدارلىق، ئىشەنچلىك ۋە كەسكىن بولغان ياخشى كىشىلەرنى مەنسەپكە قويدى.

خەلىپىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى 600 كىشىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۈچ يۈزى مۇھاپىزەتچى، ئۈچ يۈزى قاراۋۇلدۇر. خەلىپە ئەڭ ئاۋۋال ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن ئۆرە تۇرۇشتىن توستى. ئاندىن ئۆز – ئۆزىگە: « ئەجىلىڭ سېنى قوغدار ئەي ئۆمەر!، شۇ ساڭا يېتەر» دېدى ۋە قوغدىغۇچىلار گۇرۇپپىسىنى تارقىتىۋېتىشكە بۇيرۇدى، ئۇلارنىڭ ئىشلەشتىن ئاجىز كېلىدىغان كەمبەغەللىرىگە دائىملىق پىنسىيە مائاشى بەردى ۋە قالغانلىرىغا پۇل بەردى.

ئۇ ئىككى كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەچكە، ئازراق دەم ئېلىپ مۈگدەپ قېلىشىغا، ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇلمەلىك كىرىپ، ئۇنىڭغا:

– ناھەقچىلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ھەقلىرىنى ئېلىپ بەرمەي، ئۇخلاۋاتامسەن؟ – دېدى.

– ئەي ئوغلۇم! بىر سائەتلا ئۇخلىۋالاي، چۈشتە قوپقىنىمدا ھەقلىرىنى ئېلىپ بېرىمەن، – دېۋىدى، ئوغلى:

– چۈشكىچە ياشىيالايدىغانلىقىڭغا كىم كاپالەت بەردى ساڭا؟! – دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۇردى.

بۇ ھەقلەرنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئائىلىسى، قېرىنداشلىرى ۋە قول ئاستىدىكىلىرى ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان زور پۇل – ماللار، كاتتا بايلىقلار ئىدى. ئۇ راستتىنلا ئۇ نەرسىلەرنى ئىگىلىرىنى تاپالىسا ئۆز ئىگىلىرىگە، بولمىسا، دۆلەت خەزىنىسىگە قايتۇرۇشنى ۋە ھەممىسىگە «بۇ ساڭا نەدىن كەلدى؟» قانۇنىنى يۈرگۈزۈشنى مەقسەت قىلدى.

ئۇ بۇ قانۇننى ئۆزىدىن باشلىدى. ئۇنىڭ ئىلگىرىكى خەلىپىلەرنىڭ دەۋرلىرىدە ئۇلار بەرگەن يەر – زېمىنلىرى بار ئىدى. ئۇ ئىلگىرىكى خەلىپىلەرنىڭ ئۇ يەرلەرنى ئۆزىگە بېرىدىغانغا شەرئى ھوقۇقى يوقلۇقىنى، ئۇ يەرلەرنىڭ دۆلەتنىڭ مۈلكى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى. ئەي ئەزىزلەر! مانا بۇ دىندارلىقنىڭ توغرا ئۆلچىمىدۇر، ئىشنى ئۆزۈڭدىن باشلاپ، ئاۋۋال نەسىھەتنى ئۆزۈڭگە قىلىسەن، ئاندىن باشقىلارغا قىلىسەن. ئەگەر نەسىھەت قىلغۇچى نەسىھەتنى ئاۋۋال ئۆزىگە قىلمايدىغان بولسا، نەسىھەتنىڭ نە قىممىتى؟

سەللىنى يوغىنىتىش، ساقالنى ئۇزۇن قويۇش، توننى كەڭ كىيىش، ئايەت – ھەدىس ۋە زىكىرلەرنى يادلاش، ئاندىن مەسجىدتە ئولتۇرۇپ، تەبلىغ سۆزلەش ناھايىتى ئاسان. ئەگەر سەمىمىيەت، ئىخلاس ۋە ئەمەل بولمايدىكەن، ئىككى پەرىشتىنىڭ ھېسابىدا بۇ ئىشلارنىڭ ھېچبىر قىممىتى يوقتۇر، ئاللاھنىڭ نەزىرىدىمۇ ھېچبىر ۋەزنى يوقتۇر. نوقۇل سۆزنىڭ ئۆزى ھېچبىر پايدا بېرەلمەس. ئەگەر ئىنسان دۇنيا بايلىرىدىن بولۇش ئۈچۈن، دىننى دۇنياغا ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىسى ۋە كەسىپ يولى قىلىۋالسا، بۇ ئەڭ چوڭ زىيانكارلىقتۇر.

مۆمىنگە ئەڭ لايىقى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ساۋاب بار﴾ ([2]) دېگەن سۆزىنى ئوقۇغاندا شۇنىڭغا ئىشەنگۈچى بولۇشى، ھەقنى جايىدىلا ئادا قىلغان بولسا ئۆزىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ئاش – تاماقسىز قېلىشىدىن ئەنسىرىمەسلىكىدۇر. ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەن، يالغانچى بولغان بولىدۇ. ۋەھالەنكى، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز يالغانچىلاردىن بولمىغانىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ مۈلۈكلىرىنى ھېسابلىۋىدى، ھەممىسى خەلىپىلەرنىڭ بەرگەن ئېھسانلىرى بولۇپ چىقتى، پەقەت سۇۋەيدادىكى بىر مۈلۈكنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتاسى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئاتا دېمەك – ئەپەندىلەر! –جىمى كىشىلەرگە دۆلەت خەزىنىسىدىن بېرىلىدىغان ئاممىۋى مائاش بولۇپ، بىر تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلىدۇر، بۈگۈن غەربنىڭ ئەڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلىرىمۇ تېخى ئۇ سەۋىيەگە يېتەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلىرىنى ئويلىدى. بۇ مۈلۈكتىن كىرىدىغان كىرىم ئۇلارغا يېتەرمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇنىڭدىن كىرىدىغان كىرىم يىلىغا ئاران 150 دىنار ئىدى.

ئاندىن ئۇ رىزىق بەرگۈچىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان نەرسىنىڭ ئۇ ئاجىز ھالەتتىمۇ چوقۇم كېلىدىغانلىقىنى، ئۆزىگە تەئەللۇق بولمىغانغا كۈچى بىلەنمۇ ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئەسلىدى – دە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنىڭ رويخەتلىرىنى يىرتىۋەتتى.

ئۇ ئۇمەۋىيلەر خانىدانى ئەمىرلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارنى توپلاپ، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشقا ۋە ئۇلارنى ئاللاھتىن قورقۇتۇشقا تىرىشتى، ئاممىۋى خەزىنىنىڭ ماللىرىدا ئۇلارنىڭ سەھرادىكى بەدەۋىنىڭ، تاغدىكى پادىچىنىڭ، ئېتىزلىقتىكى تېرىقچىنىڭ ھەققىدىن ئارتۇق ھەققى يوقلۇقى، ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى ھارامدىن توپلىغان ماللاردا ئۇلارنىڭ ھەققى يوقلۇقى، بەلكى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى ۋە ئۇلاردىن ئۇ نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىستىدى. بىراق ئۇلار ئۇنىمىدى.

ئۇلارغا زىياپەت تەييارلاپ، ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم چاقىردى. ئۇلار كەلگەندىن كېيىن، راسا قارىنلىرى ئاچقۇچە ئۇلارنى تاشلاپ قويدى. ئاندىن ئۇلارغا يېسىمۇق، خورما، پىياز ۋە كەمبەغەلچە ئاش كەلتۈردى. ئۇلار ئۇنىڭدىن يەپ تويغاندىن كېيىن، ئۇلارغا ئېسىل ئاش كەلتۈردى. نەتىجىدە، ئۇلار ئۇنىڭغا تاپا قىلالمىدى.

ئاندىن مۇنداق دېدى: «كىچىككىنە يېمەك – ئىچمەك ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ نېمىشقا ئۆزلىرىنى دوزاخقا ئاتىدىغانلىقىنى بىلدىڭلارمۇ؟». ئۇلار لام – جىم دېمىدى.

سىلىق – سىپايىلىق كارغا كەلمىگەندىن كېيىن، ئۇ قاتتىق قوللۇققا ئۆتۈپ، ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۇچرىغان ئۇۋالچىلىقى بولسا، ياكى بۇلاردىن بىرەرى بىرەر كىمگە ئۇۋال قىلغان بولسا، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغۇچى دەۋا سۇنسۇن، دەپ جاكارلىدى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە مەھكىمە تەشكىللىدى. شۇنىڭ بىلەن ناھەق يوللار بىلەن ئېلىۋالغان بايلىقلارنى ئۇلاردىن تارتىپ ئېلىپ، ئۆز ئىگىلىرىگە ياكى ئاممىۋى خەزىنىگە قايتۇردى.

ئۇلار ئۇنىڭ بىر ھاممىسىنى ئارىغا قويدى. ياشتا چوڭ ۋە يۇقىرى مەرتىۋىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇمەۋىي ئوغۇللىرى ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى. ھاممىسى ئۇنىڭغا گەپ قىلىۋىدى، ھاممىسىغا: «ئەي ھامما! رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) كىشىلەرنى بىر ئېقىن دەريا ئۈستىدە قالدۇرۇپ ۋاپات تاپتى. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر كىشى (يەنى ئەبۇ بەكرى) كەلدى، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتمىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر كىشى (يەنى ئۆمەر) كەلدى، ئۇمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىر كىشى كېلىپ، ئۇنىڭدىن بىر ئېچىق ئاچتى. شۇنىڭ ياقى كىشىلەر ئېچىقلارنى ئېچىۋېرىپ، ئۇنىڭدىن ھېچنەرسە قالمىدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن چوقۇم ئۇ ئېچىقلارنى ئېتىپ، دەريانى ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرىمەن» دېدى.

ئۇ بىر تال چوغ بىلەن بىر دانە دىنار تەلەپ قىلدى. ئاندىن دىنارنى چوغقا تاشلىدى، دىنار تازا قىززىغاندىن كېيىن، ئۇنى بىر نەرسە بىلەن تۇتۇپ، تىرىسىگە يېقىن ئەكەلدى ۋە ھاممىسىغا:

_ ئەي ھامما! قىيامەت كۈنى جىيەنىڭىزنىڭ مۇشۇنىڭ بىلەن داغلىنىشىدىن ئەنسىرىمەمسىز؟ _ دېدى. ھاممىسى:

_ ئەمىسە، كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى تىللىشىغا يول قويما، _ دېۋىدى،

_ ئۇلارنى كىم تىللايدىكەن؟ كىشىلەر پەقەت ئۇلاردىن ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، _ دېدى.

ھاممىسى ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ ئېيتتى: «بۇ سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار، نېمىشقا ئۇنىڭ دادىسىنى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ قىزىغا ئۆيلىگەن ئىدىڭلار؟! سەۋر قىلىڭلار ئەمدى، ئۇ يانمايدۇ».

ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ بىر ئوغلى ئۇنىڭغا قارشى چىقىشقا پېتىنىۋىدى، ئۆمەر ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىشقا ئوخشايدىغان قاتتىق گەپ بىلەن خەت يازدى. مۇلايىم ۋە كەمتەر سۈپەتلىك ئۆمەرنىڭ قىلغىنى پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن غەزەپ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر قاپ يۈرەك بىر ئارسلانغا ئايلىنىپ، ۋەلىدنىڭ ئوغلىنى قولغا ئالدى ۋە ئۇنى ئادالەت بىلەن جىددىي سوتقا تارتتى. ئەگەر ئۇ تەۋبە قىلىپ، قىلمىشىدىن يانمىغان بولسا ئىدى، سوت ئۇنى جاللاتنىڭ قىلىچىغا ئېلىپ بارغىلى تاس قالغانىدى.

نەتىجىدە، ھەممىسى بوي ئېگىپ، قوللىرىدىكى ماللارنى قايتۇردى ۋە خەزىنىدىن بۇرۇن ئالغان كۆپلىگەن مائاشلىرى بىلەن كۇپايىلەندى. لېكىن، ئۆمەر ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىماي، بۇ مائاشلارنى توختىتىشقا، ئۇلارغا باشقىلارغا ئوخشاش ئاتا بېرىشكە بۇيرۇدى ھەمدە ئۇلارنى كىشىلەر ئىشلىگەندەك ئىشلەشكە بۇيرۇدى.

ئاقىۋەت، تىنچلىق قانات يايدى، غەلىيانلار تىنجىدى، كىشىلەرگە خۇشاللىق قۇچاق ئاچتى، ھەددىدىن زىيادە باياشاتچىلىق ۋە ھەددىدىن زىيادە كەمبەغەلچىلىك ئەھۋاللىرى يوقىدى. فرانسىيەدىن چىنغىچە سوزۇلغان بۇ دۆلەت گويا مېھىر – مۇھەببەت ۋە ئاق كۆڭۈللۈككە تولغان، كىتاب – ئوقۇشلۇقلىرى ئىلىم – ھىدايەت ۋە تەرتىپ – تۈزۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەربىيە – ئىسلاھات پىروگراممىلىرى بولغان بىر ئىللىق مەكتەپكە ئايلاندى.

ئۇنداقتا، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز زادى كىم؟ قانداق ئۆسۈپ يېتىلگەن؟

بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، مەن سىلەرنى يەنە 50 يىل ئالدىغا قايتۇرىمەن يەنى سىلەرنى بۈيۈك ئۆمەر – ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ دەۋرىگە قايتۇرىمەن.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كېچىسى ئادىتى بويىچە چارلاپ كېتىۋېتىپ، بەدەۋىلەردىن بولغان بىر قەۋمنىڭ چېدىرلىرى يېنىدىن ئۆتۈپ قالدى. ئۇ بىر ئانا – بالىنىڭ مۇنداق پارىڭىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. ئانا قىزىغا:

_ سۈتكە سۇ ئارىلاشتۇرۇڭ _ دېدى. قىز:

_ ئۆمەرنىڭ جاكارچىسىنىڭ كىشىلەرنى بۇنداق قىلىشتىن چەكلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىمىدىڭىزمۇ؟! _ دېدى. ئانىسى:

_ ئارىلاشتۇرىۋېرىڭ، سىزنى نە ئۆمەر، نە ئۆمەرنىڭ جاكارچىسى بىلىپ قالمايدۇ، _ دېۋىدى، قىز:

_ ئادەم بار يەردە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، ئادەم يوق يەردە ئۇنىڭغا ئاسىي بولسام بولمايدۇ. ئەگەر ئۆمەر يوق بولسا، ئۆمەرنىڭ ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرىدىغان رەببى باردۇر، _ دېدى.

ئۇلار _ ئەي ئەپەندىلەر _ مانا مۇشۇنداق ئىدى. ھۆكۈمدار بىر ئىشقا بۇيرۇسا ياكى بىر ئىشتىن چەكلىسە، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيتتى. كىشىلەرمۇ ھۆكۈمدارغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەيتتى، چۈنكى ئۇلار (ئەنە شۇنداق ئاللاھ يولىدىكى) ھۆكۈمدارغا ئىتائەت قىلىشنى دىندىن دەپ قارايتتى.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېنىدىكى خىزمەتكارغا: – بۇ چېدىرغا بەلگە سېلىۋال، – دېدى ۋە يۈرۈپ كەتتى.

ئەتىسى بولغاندا، ئۆمەر ئۇ قىزنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىر يېتىم قىز ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوغۇللىرىنى توپلاپ، ئۇلارغا: – بۇ يەردە بىر سالىھ ئايال بار، ئاراڭلاردىن كىم ئۆيلىنىشنى خالايدۇ، – دېۋىدى، ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ: – مېنىڭ خوتۇنۇم بار، – دېدى، باشقىلىرىمۇ: – بىزنىڭمۇ خوتۇنلىرىمىز بار، – دېيىشتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئاسىم: – مېنىڭ خوتۇنۇم يوق، – دېگەندىن كېيىن، ئۆمەر ئۇنى ئۇ قىزغا ئۆيلىدى. نەتىجىدە، ئۇ قىز ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئەۋزەل بىر ئايال بولۇپ، ئاسىمغا بىر قىز تۇغۇپ بەردى. ئاسىم تۇغۇلغان قىزىغا ئۇممۇ ئاسىم دەپ ئات قويدى. كىچىك قىز ئانىسىغا ئوخشاشلا ياخشى چوڭ بولدى.

ئابدۇلئەزىز ئىبنى مەرۋان توي قىلماقچى بولۇپ: – ماڭا سالىھ بىر ئايالنى كۆرسىتىپ قويۇڭلار، – دېۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا شۇ قىزنى كۆرسىتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلئەزىز ئۇنىڭغا ئۆيلەنگەندىن كېيىن، ئايالى ئۇنىڭغا ئۆمەرنى تۇغۇپ بەردى.

دېمەك، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئوغلى ئاسىمنىڭ قىزى ئۇممۇ ئاسىمنىڭ ئوغلى ئىدى. بۇ ئۆمەرچە ئەخلاقلار ئۇنىڭغا مانا مۇشۇ يەردىن كەلگەنىدى. ئاندىن ئۇنىڭ دادىسى بىر ئاتا بالىسىغا خالايدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئوغلىغا خالاپ، ئۇنى ئالىم ئىمام، مۇسۇلمانلارنىڭ شەيخى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە تاپشۇرۇپ بەردى ۋە ئوغلىنى ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەربىيەلىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر تەربىيەلىگەن، ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇتبە، ئەنەس سائىب ۋە ئۇبادە قاتارلىق كاتتا ئىماملار ئىگە بولغان بىر كىشىگە قانداق قارايسىلەر؟!

دادىسى مىسىرغا ۋالىي بولۇپ، مىسىرغا سەپەر قىلغاندا، ئۇنى مەدىنىدە ئۇلارنىڭ قېشىغا قويۇپ قويۇپ، ئۇنىڭغا سالىھ ئىبنى كىيساننى ۋەلىي قىلدى. بىر كۈنى ئۆمەر نامازغا كېچىكىپ قالدى. سالىھ ئىبنى كىيسان ئۇنى بۇنداق قىلىشتىن توسىۋىدى، ئۆمەر چېچىنى مايلاپ كېچىكىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن سالىھ بۇ توغرۇلۇق دادىسىغا خەت يازدى. دادىسى ئۇنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇدى، ئۇلار ئۇنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈۋەتتى.

***

ئۆمەر نازۇنېمەت ئىچىدە ئۆسۈپ، يۇمشاق كۆرپە ئۈستىدە چوڭ بولدى ۋە ھېچبىر بالا كۆرۈپ باقمىغان خۇشامەتلەرنى كۆردى. قانداقمۇ ئۇنداق بولمىسۇن؟! ھالبۇكى، ئۇنىڭ دادىسى مىسىرنىڭ ۋالىيسى، بوۋىسى مەرۋان خەلىپە، دادا تەرەپ تاغىسى ئابدۇلمەلىك خەلىپە تۇرسا. لېكىن، زىممىگە بۇرچ ياكى مەجبۇرىيەت ئارتىلغاندا، خۇشامەتچىلىك ۋە باياشاتچىلىق نەدە؟ بەلكى ئەڭ قىيىن ۋە ئەڭ قاتتىقنى تاللايدۇ، خۇددى چاچ قىسسىسىدە كۆرگىنىڭلاردەك.

ئۇ ياشلىق باھارىغا قەدەم قويماي تۇرۇپلا، ئىلىم پېشۋالىرىدىن، دەۋر ئالىملىرىدىن ۋە ئابىد سالىھلاردىن بولدى. بىراق، ئۇ باياشاتچىلىق ۋە ھەشەمەتچىلىك ئادىمى ئىدى، پادىشاھلارمۇ كىيمەيدىغان كىيىملەرنى كىيەتتى، كىيمىنى سۆرىۋېلىپ، يوغانچىلارچە ماڭاتتى. ئۇ مۇشۇنداق مېڭىش بىلەن تونۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ خىل مېڭىشى ياشلار، كىچىكلەر دورايدىغان مودىغا ئايلىنىپ، ئۆمەرچە مېڭىش دەپ ئاتالغانىدى. ئۇ ئەڭ قىممەتلىك ئەتىرلەرنى ئىشلىتەتتى. ئۇ بىر كوچىنىڭ بېشىدىن چىقىپ كەلسە، گويا گۈل – چېچەككە پۈركەنگەن باغچىدەك، كوچىنى خۇش پۇراققا تولدۇرىۋېتەتتى.

شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلمەلىك قىزى فاتىمەنى ئۇنىڭغا ئۆيلەندۈردى. فاتىمە شۇ دەۋرنىڭ بىرىنچى خانىمى بولۇپ، ھېچبىر خانىم بۇ خانىم يەتكەن ئېسىلزادىلىك ۋە ئاقسۆڭەكلىككە يېتىپ باقمىغان بولسا كېرەك. ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇلمەلىك خەلىپە؛ بىرەر يېزىنىڭ ئەمىرى ياكى بىرەر شەھەرنىڭ ھاكىمى ئەمەس، بەلكى يەر – زېمىننىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان خەلىپە. بوۋىسى مەرۋان خەلىپە، ئاندىن ئۇنىڭ قېرىندىشى ۋەلىد خەلىپە بولغان، ئاندىن قېرىندىشى سۇلايمان خەلىپە بولغان ھەمدە ئېرى ئۆمەر خەلىپە بولغان. ئۇنىڭ قېرىندىشى يەزىد خەلىپە بولغان؛ قېرىندىشى ھىشام خەلىپە بولغان؛ كېيىنچە قېرىندىشىنىڭ ئىككى ئوغلى خەلىپە بولغان. تارىختا قايسى خانىمنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن توققۇز خەلىپە چىققان؟!

ئۇ گۈزەل ئىدى، ۋاپادار ئىدى. ئۆمەرمۇ تەقى – تۇرق، سۆز ۋە ئەمەلدە ياشلارنىڭ زىننىتى ئىدى. ھەر ئىككىلىسىگە نازۇنېمەت مول ئىدى، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى سۆيگۈ بىلەن تولغانىدى. شۇڭا، ئۇلار ھېچقانداق بىر جۈپلەر ياشاپ باقمىغان بەختتە ياشىغانىدى.

***

ئۆمەر مەدىنىگە ۋالىي بولدى. ئاندىن ئۆزىنىڭ ئۇستازلىرىدىن بولغان مەدىنىنىڭ ئالىملىرى ۋە سالىھلىرىنى توپلاپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ مەسلىھەتچىسى قىلدى ۋە ھەرقانداق بىر ئۇۋالچىلىقنى ئۆزىگە يەتكۈزۈشنى ئۇلارغا تاپشۇرۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرەر مەزلۇمنى، ياكى بىرەر شىكايەتچىنى، ياكى بىرەر موھتاجنى تاپسىلا، ئۇنىڭغا مەلۇم قىلاتتى. ئۇ ئۇستازى ئۇبەيدۇللاھنىڭ ئۆيىگە ئۆزى باراتتى، ئۇستازى ئۇنى بەزىدە كىرگۈزسە، بەزىدە ئىشىك تۈۋىدىنلا قايتۇرۇۋېتەتتى. تارىخىمىزدا ئەمەلدارلار بىلەن ئالىملار مانا مۇشۇنداق ئىدى. ئالىملار زاھىت ۋە پاك ئىدى، ئەمەلدارلاردىن نە دۇنيا، نە پۇل – مال، نە شەخسىي مەنپەئەت تەلەپ قىلمايتتى.

خەلىپىلىككە ئىگە بولغاندا، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىشىغا سالىھ كىشى ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىپ تەنتەنە قىلىشتى ۋە ئاللاھ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان بۇ نېمەت ئۈچۈن كۈلۈشتى.

ئۇلار ھەيران قېلىشىپ، سورىشىپ كەتتى: نېمە خەۋەركەن؟ نېمە خەۋەركەن؟ ئۆمەر ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرىنى توپلاپ: – مېنى سىلەردىن مەشغۇل قىلىدىغان بىر ئىش بېشىمغا كەلدى. كىم خالىسا، قويۇپ بېرىمەن ياكى ئازاد قىلىمەن، كىم خالىسا، تۇرۇپ قالسا بولىدۇ، لېكىن مېنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر نەرسەم يوق، – دېدى، ئۇنىڭ بىلەن فاتىمە قېپقالدى.

مەن سىلەرگە ئۆمەرنىڭ ئىدارە ۋە سىياسىتى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردىم. ئەمدىكى سۆزىمىز ئۆمەرنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسى ھەققىدە، شۇنداقلا بۇ ئېسىل پەزىلەتلىك ئايال ھەققىدە بولىدۇ. خەلىپە بولغاندىن كېيىنمۇ ئۆمەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىدى، گويا ئىككىسى مېھىر – مۇھەببەتلىك ئاكا – سىڭىل ئىدى. ئۇلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت يوقاپ كەتمىگەنىدى، لېكىن بوش ۋاقىت، بوش قەلب ئەمدى كەتكەنىدى، ئۆمەرنىڭ قەلبى خەلىپىلىكنىڭ غەملىرىگە توشقانىدى، ئۇنىڭ خەلىپىلىكى كىشىلەرگە نېمەت، ئۆمەرگە ۋە ئۇنىڭ ئۆيىگە ئازاب بولغانىدى.

فاتىمە ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئۇ توغرۇلۇق سورىغان كىشىگە شۇنداق دېگەنىدى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەندىن باشلاپ تا ئاللاھ ئۇنىڭ جېنىنى ئالغىچە، ئۇنىڭ جۇنۇپلۇقتىن ياكى ئېھتىلاملىقتىن يۇيۇنغانلىقىنى بىلمەيمەن».

فاتىمەمۇ ياسىنىش ۋە زىننەتلىنىشكە پەرۋا قىلمايتتى، ھەتتا ئاياللار ئۇنىڭغا مالامەت قىلغانىدى. بىر قېتىم ئەمىرلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ بىرى ئۇنىڭغا تاپا قىلىپ، ئۇنىڭغا: – ئايال كىشى دېگەن ئېرى ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلمامدۇ؟! – دېۋىدى، فاتىمە: – شۇنداق! لېكىن، ئېرىم مېنىڭ مۇشۇنداق يۈرۈشۈمنى ياخشى كۆرىدۇ، – دېگەنىدى.

فاتىمە خەلىپىلىك سەۋەبلىك پەقەت سۆيگۈ ۋە ئەر – خوتۇنچىلىق ھۇزۇرىنىلا يىتتۈرمەستىن، بەلكى باياشاتچىلىق ۋە كەڭتاشاچىلىقنىمۇ يىتتۈرۈپ قويغانىدى. سىلەرمۇ ئاڭلىدىڭلار، ئۆمەر پۈتۈن مۈلۈكلىرىنى ئاممىۋى خەزىنىگە ئىئانە قىلىۋەتكەن ئىدى، كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى ئېلىپ بەرگىنىدە، ئۆزىنىڭ مۈلۈكلىرىنىمۇ قايتۇرغانىدى. چۈنكى، ئۇ ئۇ نەرسىلەرنى ئىلگىرى خەلىپىلەردىن ناھەق ئالغانىدىم، دەپ قارايتتى. ئاڭلىغان ۋە بىلگىنىڭلاردەك، ئۇنىڭ ئاران بىر يىللىق 150 دىنار پۇلى قالغانىدى. بۇ ئۇنىڭ پۈتۈن بايلىقىدۇر. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئائىلىسى چوڭ ئىدى. يالغۇز شۇ پۇل بىلەن ھايات كەچۈرۈشنى ئۆزىگە تاڭغانىدى. ئۇنىڭ ھاياتى گويا بۈگۈنكى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك كادىرنىڭ ھاياتىدەك ئىدى.

خەلىپىلىك سارىيىدا تۇرمايتتى، بەلكى ئۆيىدە تۇراتتى، سارايدىكى سەرەمجان – بويۇملارنى سېتىۋېرىپ، ساراي چۆلدەرەپ قالغانىدى. ئەگەر بوش ۋاقىت تاپسىلا، سارايدا ئۆز قولى بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ باراتتى.

بىر قېتىم خەلىپە بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىراننىڭ چەت يەرلىرىدىن بىر ئايال كېلىپ، ئۇنىڭ سارىيىنى سورىۋىدى، كىشىلەر ئۇنىڭغا ساراينى كۆرسىتىپ قويدى. ئايال ئاددىي بىر قورۇنى كۆردى، ئۇنىڭدا پەقەت بىر كىچىك خىزمەتچى بار ئىدى. ئايال كىرىپ، بىر ئەرنىڭ تام سۇۋاۋاتقانقانلىقى ۋە بىر ئايالنىڭ لاي سۇنۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئايال سۇۋاقچىنىڭ يېنىدىكى ئايالغا: – سىز بۇ سۇۋاقچىدىن ھىجابلانمامسىز؟ – دېۋىدى، ئۇ: – بۇ كىشى (مېنىڭ ئېرىم،) مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، – دېدى.

سۇۋاقچىنىڭ چاكىرىدەك ئىشلەشكە رازى بولغان بۇ ئايال خەلىپىنىڭ ئايالى، توققۇزىنچى خەلىپىنىڭ رەپىقىسى فاتىمە ئىدى.

ئۆمەرنىڭ ئەڭ كۆپ يەيدىغان تائامى يېسىمۇق ئىدى. بىر قېتىم فاتىمە كىچىك خىزمەتچىگە تائامىنى ئۇسسۇپ بېرىۋىدى، غودىراپ ئاچچىقلىدى ۋە: – ھەر كۈنى يېسىمۇقمۇ؟! – دېدى. فاتىمە: – بۇ تېخى خوجايىنىڭ، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ تائامى، – دېدى.

فاتىمە ئاغرىنماستىن ۋە قاقشىماستىن، رازىمەنلىك بىلەن سەۋر قىلاتتى، دادلانمايتتى، ھەتتا _زۆرۈر بولمىسا _ ئۆزىنىڭ ھالىنى باشقىلارغىمۇ بىلدۈرمەيتتى. ئۆمەر ئاغرىپ قېلىۋىدى، فاتىمەنىڭ قېرىندىشى مەسلەمە ئۇنى يوقلاپ كەلدى. مەسلەمە ئۇنىڭ يېنىدىن چىققىنىدا ھەمىشىرىسىگە: – فاتىمە! مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ كۆينىكىنى يۇيۇپ بېرىڭ، كىر بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇ دېگەن خەلىپە، ئۇنى كىشىلەر يوقلاپ كېلىدۇ، – دېدى. مەسلەمە قايتىپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، كۆينەكنىڭ تېخىچە يۇيۇلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قايتا گەپ قىلدى، ئۈچىنچى قېتىمدىمۇ يەنە شۇنداق كۆرۈپ، فاتىمەگە قاتتىق تەگدى. فاتىمە كۆزلىرى ياش ھالدا، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ: – ئۇنىڭ بۇنىڭدىن باشقا كۆينىكى يوق، – دېدى.

بىر قېتىم ئۆمەر ئەمىنە ئىسىملىك بىر قىزىنىڭ ھويلىدا يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئەركىلەتكەن ھالدا: – ئى ئەمىن، ئى ئەمىن! – دەپ توۋلىدى. قىزى جاۋاب قايتۇرمىدى. شۇنىڭ بىلەن قىزىنى ئالدىغا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇۋىدى، قىزى كىيىمى يىرتىق ھالدا كەلدى. ئۆمەر: نېمىشقا جاۋاب قايتۇرمايسىز؟ – دېۋىدى، قىزى يىغلاپ كەتتى ۋە كىيىمىنى كۆرسەتتى. ئۆمەر خىزمەتكارى مۇزاھىمنى چاقىرىپ: ھېلىقى بىز سۆكىۋەتكەن كۆرپىلەرگە قاراپ ئۇنىڭغا ئۇ كۆرپىلەردىن بىر پارچە رەخت كېسىپ بەرگىن، – دېدى.

كونا كۆرپىنىڭ رەختىدۇر مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ قىزىنىڭ كىيىمى. سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ قىزى ئۇنى قوبۇل قىلالامدۇ؟

بىر كۈنى ئۇنىڭ قىزلىرى ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدى، شۇئان ئۇلار ئاغزىلىرىنى ئېتىۋېلىپ، مېڭىشلىرىنى تېزلەتتى. ئۆمەر: نېمە بولدى ئۇلارغا؟ – دەپ سورىۋىدى، فاتىمە جاۋاب بېرىپ ئېيتتى: كەچلىك تاماققا نان ۋە پىيازدىن باشقا نەرسە تاپالماي، شۇنى يېگەن. پۇرىقى چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئاغزىلىرىنى ئېتىۋالدى.

مانا بۇ، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ قىزلىرىنىڭ كەچلىك تامىقىدۇر. سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ قىزى ئۇنى قوبۇل قىلالامدۇ؟

بىر قېتىم ئۇنىڭغا دۆلەت مۈلكىگە تەۋە بىر باغنىڭ ئالمىسى كەلتۈرۈلدى. ئالمىنى ھەقدارلىرىغا بۆلۈپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ بىر بالىسى ئۆمىلەپ كېلىپ، بىر تال ئالمىنى قولىغا ئالدى. ئۆمەر ئالمىنى ئۇنىڭدىن تارتىۋېلىشقا بۇيرۇۋىدى، بالا يىغلىغانچە چىڭ ئېسىلىۋالدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئالمىنى بالىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئالدى. بالا يىغلاپ ئانىسىنىڭ قېشىغا كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئانىسى بىر دىرھەم ئېلىپ، ئالما سېتىۋالدى… ئۆمەر كەلگەندىن كېيىن، ئالمىنى كۆرۈپ، خۇشال بوپ كەتتى ۋە: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەنمۇ ئالما سېغىنىپ تۇراتتىم» دېدى ۋە ئالمىدىن يېدى. ئايالى ئۇنىڭدىن نېمىشقا بالىغا ئالما بەرمىگەنلىكىنى سورىۋىدى، ئۆمەر مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: ئۇنىڭ قولىدىن شۇ بىر تال ئالمىنى تارتىۋالدىم. ئەمما، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، گويا ئۇنى يۈرىكىمدىن تارتىۋالغاندەك بولدۇم. لېكىن، ئاللاھنى قارىتىپ قويۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئولجىسىدىن بولغان بىر تال ئالمىغا ئۆزۈمنى سېتىۋەتمەي دېدىم.

ئۇ بۇنىڭدىنمۇ ئەقەللى نەرسىلەردىن پەرھىز تۇتاتتى. يەنە بىر قېتىم پوچتا ئۇلاغلىرى ئۆز يولىدا كېلىۋاتاتتى، باشقىلار ئۇنىڭغا ئالما ئارتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلاغنىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن، ئۇلاردىن ئالما تەلەپ قىلىپ ئالدى. ئاندىن ئالمىنى سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇردى. پوچتا ئۇلاغلىرى بۈگۈنكى ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىغا ئوخشايدۇ. خىزمەتچى – كادىرلاردىن كىم دۆلەت ماشىنىسىغا باشقىلار ئازراق ئالمىسىنى بېسىۋېلىپ، بىر كىلو ئالما بەرسە، ئۇنى يېيىشتىن چەكلىنەلەيدۇ؟

بىر قېتىم ئۇلار ئومۇمنىڭ ئاشخانىسىدا ئۇنىڭغا بىر چۆگۈن سۇ ئىسسىتىپ بېرىۋىدى (خەلىپىلەر شۇ ئاشخانىدا ھەر كۈنى ئاش پىشۇرۇپ، كىشىلەرگە بېرەتتى)، ئۇ شۇنىڭ قارشىسىدا ئاشخانىغا ئوتۇن ئېلىپ بەردى. بىر قېتىم بىر خىزمەتچى ئۇنىڭغا ھۆكۈمەتكە ئائىت بىر قەغەزلەرنى كەلتۈرىۋىدى، ئىككى بارماق مىقدارى بىر قەغەزنى يىرتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىگە ئائىت بىر نەرسە يازدى. ئەتىسى بولغاندا، قەغەزلەرنى تەلەپ قىلدى، ئاندىن قايتۇرۇپ بەردى. خىزمەتچى قارىغۇدەك بولسا، ئۇ تۈنۈگۈن ئالغان قەغەزنىڭ ئورنىغا بىر قەغەزنى قويۇپ قويغانىدى.

***

ئۇنىڭ دېموكراتىيەسى بولسا، كامىل بىر نەمۇنە ئىدى، دېموكراتىيە ئۇنىڭ تەبىئىي خاراكتېرى ئىدى. جار سالماستىن ۋە ئېلان قىلماستىن، جىممىدە ئىشلەيتتى. بىر كۈنى نامازغا چىقىۋىدى، بىر كارتون قەغەزگە ئەرز يېزىپ كۆتۈرۈۋالغان بىر ئادەم ئۇنىڭ ئالدىنى توستى، ئاندىن ئۆمەرگە ئۇ قاتتىق قەغەزنى ئاتتى، ئۇنىڭ يۈزى يېرىلىپ، قان ئاقتى. ھېلىقى ئادەم چۆچۈپ قورقۇپ كەتتى. ئۆمەر ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بەردى ھەمدە ئۇنى قورقۇتۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن رازىمەنلىك سوراپ، ئۇنىڭغا سوۋغا بەردى.

دۆلەت مەسلىھەتچىسى رەجا ئۇنىڭ بىلەن بىللە رەسمىي ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈپ چىقاتتى. (بىر كېچىسى) چىراغنى ئوڭشاشقا ھاجەت چۈشۈپ، خىزمەتچىنى چاقىردى ۋە ئۇنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن رەجا ئورنىدىن تۇرۇپ، خىزمەتچىنى ئويغاتماقچى بولۇۋىدى، ئۆمەر ئۇنى توسۇپ قويدى ۋە: كىشىنىڭ ئۆز مېھمىنىنى ئىشلىتىشى مەردلىك ئەمەس، – دەپ ئۆزى ئوڭشىدى. رەجا: مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى تۇرۇپ، ئۇنىڭغا سىلى تۇراملا؟! – دېۋىدى، ئۆمەر: ئۆمەر بولۇپ تۇردۇم ۋە ئۆمەر بولۇپ قايتتىم، – دېدى.

ئىسسىق كۈنلەردە ئۇنى يەلپۈپ قويىدىغان ئۇنىڭ بىر چۆرىسى بار ئىدى. بىر كۈنى چۆرە ئۇخلاپ قېلىپ، تەرلىرى ئېقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنى يەلپۈپ قويدى. بىر قېتىم ئۇ بىر كېچىسى مەسجىدكە كىرىۋىدى، ئۇخلاۋاتقان بىر ئادەمنى كۆرمەستىن دەسسەپ سالدى. بۇ ئادەم ئويغىنىپ كېتىپ: ئېشەكمۇ سەن؟ – دېۋىدى، ئۇ: ياق! مەن ئۆمەر، – دېدى. مۇھاپىزەتچىسى ئۇ ئادەم تەرەپكە ئېتىلىۋىدى، ئۇنىڭغا: بولدى! ئۇ مەندىن «ئېشەكمۇ سەن؟» دەپ سورىغانىدى، مەن ئۇنىڭغا «ياق! مەن ئۆمەر» دەپ جاۋاب بەردىم خالاس، – دېدى.

***

ئەپەندىلەر! فاتىمە توغرىسىدىكى سۆزىمىزگە يانايلى. فاتىمە مەدرىسەسىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئۆز يولىدا ماڭدى ۋە ئۆمەرنىڭ تاللىغان يولىنىڭ ئۆزىنىڭ يولى بولۇشىغا رازى بولدى، ئۆمەر بىلەن بىللە يوقسۇللۇققا سەۋر قىلدى. ھالبۇكى، زېمىننىڭ كانلىرى ئۇ ئىككىسىنىڭ قولىدا ئىدى. فاتىمە ئېرى بىلەن تۇمۇش كەچۈرۈپ، مەھرۇملۇققىمۇ سەۋر قىلدى. ئېرى ئاللاھتىن قورقۇپ ناماز ئوقۇسا، ئۇمۇ ئېرىنىڭ نامىزىغا جور بولۇپ بىللە ناماز ئوقۇيتتى. ئېرى ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىسا، ئۇمۇ ئېرىنىڭ يىغىسىغا جور بولۇپ بىللە يىغلايتتى.

بىر كۈنى ئېرى ئۇنىڭغا: ئىلگىرىكى شۇ نازۇنېمەتلىرىمىز نەدە قالدى؟ – دېۋىدى، ئۇ: ئەگەر سىز خالىسىڭىز، ئۇ نازۇنېمەتلەرگە بۈگۈن بەكرەك قادىرسىز، – دېدى. ئېرى ئۇنىڭغا: «ئەي فاتىمە! مېنىڭمۇ ئىنتىلىشچان كۆڭلۈم بار، كۆڭلۈم قانداق نەرسىگە ئېرىشسە، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىغا ئىنتىلدى. كۆڭلۈم ئەمىرلىكنى ئارزۇ قىلىۋىدى، ئۇنىڭغا ئېرىشكەندىن كېيىن، خەلىپىلىكنى ئارزۇ قىلدى. خەلىپىلىككىمۇ ئېرىشكەندىن كېيىن، كۆڭلۈم … ئارزۇ قىلدى».

سىلەرچە، ئۇنىڭ كۆڭلى نېمىنى ئارزۇ قىلغاندۇ؟ خەلىپىلىكتىنمۇ چوڭ نەرسە بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشكەن ئىدى. پۈتۈن دۇنيادىنمۇ كاتتا نەرسە بارمۇ؟ ئۇ ھەقىقەتەن دۇنيادىنمۇ چوڭ نەرسىنى ئارزۇ قىلدى، ئۇ بولسىمۇ جەننەت ئىدى.

شۇڭا، ئۇ مۇنداق دېدى: «خەلىپىلىككىمۇ ئېرىشكەندىن كېيىن، كۆڭلۈم جەننەتنى ئارزۇ قىلدى».

فاتىمەمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە جەننەتنى ئارزۇ قىلدى. ئېرى جەننەتكە يۈكسەلگىنى كەبى ئۇمۇ جەننەتكە يۈكسەلدى ۋە دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەن تۇيۇلدى. ئۇ خۇددى ئايروپىلان ئۆرلەپ، ھاۋا قاتلاملىرىنى كەزسە، كاتتا شەھەرنى كىچىك بىر چېكىت چاغلىق، چوڭ دەريانى بىر قەدەم چاغلىق، پۈتۈن دېڭزنى بىر قەغەز يۈزىدىكى كۆك سىزما چاغلىق كۆرىدىغان ئايروپىلان يولۇچىسى كەبى ئىدى.

لېكىن مەن ۋە سىز _ ماڭا ئىشىنىڭ _ بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالمايمىز. چۈنكى، مەن سۆزلەۋاتىمەن، سىز ئاڭلاۋاتىسىز، ھەربىرىمىزنىڭ كاللىسى دۇنيا مەشغۇلاتلىرى ۋە ئۇششاق مەئىشەت ھەۋەسلىرى بىلەن تولغان. شۇڭا، بىز چوڭ ھەقىقەتنى كۆرەلمەيمىز، خۇددى ئالقىنىنى ئىككى كۆزىگە قويۇۋىلىپ، كىچىك ئالقىنى كەڭرى سەينانى ئېتىۋالغان ئادەمگە ئوخشايمىز. بىز راستتىنلا يولنىڭ مەنزىرىلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ، سەپەرنىڭ مەنزىلىنى ئۇنۇتتۇق، ھاياتلىقنىڭ ئۇششاق ئىشلىرى بىلەن بولۇپ، ھاياتلىقنىڭ غايىسىنى ئۇنۇتتۇق. بىز مۇشۇنداق ئۇلۇغلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئوقۇپمۇ، ئۇنى ئاڭقىرالمايدىغان بولۇپ قالدۇق… لېكىن، ئۇلاردا بۈيۈك ھەقىقەتلەر بار.

فاتىمەنىڭ ئۇنىڭدەك بىر ئايالدا يوق بىر بۆلۈك ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرى بار ئىدى. بىر كۈنى ئۆمەر ئۇنىڭغا: ئى فاتىمە! بۇلار سىزگە ھالال بولمايدۇ، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ ماللىرىدىن ئېلىنغان. يا ماڭا تۇرۇڭ، يا ئۇ نەرسىلەرگە، – دېۋىدى، فاتىمە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭدەكتىن نەچچە ھەسسىسى بولسىمۇ، سىزنى تاللايمەن، – دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر ئۇنى ئېلىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە قويۇپ قويدى. ئۆمەر ئۆلۈپ كەتكەندە، فاتىمەنىڭ قېرىندىشى يەزىد خەلىپە بولۇپ، ئۇ ئالتۇنلارنى فاتىمەگە قايتۇرۇپ بېرىۋىدى، فاتىمە ئۆمەرنى كۆز ئالدىغا ئەكىلىپ، ئىچ – ئىچىدىن يىغلاپ كەتتى ۋە ئۇنىڭ ئۆمەرنىڭ رازىلىقىغا بولغان سۆيگۈسى زىبۇزىننەتكە، زىبۇزىننەتنىڭ لەززىتى ۋە قىممىتىگە غالىب كېلىپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ياق! (ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئاسىي بولمىدىم) ئۆلگىنىدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا ئاسىي بولمايمەن، مېنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتىم يوق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن يەزىد زىبۇزىننەتلەرنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا، ئۆزىنىڭ ئاياللىرىغا تەقسىملەپ بەردى.

***

ئۆمەرنىڭ ئىش – ئىزلىرى ۋە پەزىلەتلىرىنى بىر سۆزگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن ئەمەس. مېنى قويۇپ بېرىڭ، مەن سۆزۈمنى بۇ ئۆمەرچە پەزىلەت بىلەن، شۇنداق بىر ھادىسە بىلەن ئاياغلاشتۇرايكى، ئۆمەرنىڭ تىپىدىن بولمىغان ھېچبىر ئادەم ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئادەم ئاچلىق ئازابىغا، ئۇرۇش قاتتىقچىلىقىغا، ئەنسىزلىك دەردىگە سەۋر قىلىشى مۇمكىن. ئەمما، قەلبنى سېھىرلەپ، تەننى مەست قىلىدىغان، سۆيگۈنىنىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيا لەززەتلىرى ۋە غەملىرىنى ئۇنتۇلدۇرىۋېتىدىغان ساراڭلارچە ئاشىقلىق – ئادەمنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى زىلزىلىگە كەلتۈرىۋېتىدىغان شۇ ساراڭلارچە ئاشىقلىققا سەۋر قىلىش بۇ باشقا بىر دۇنيادۇر.

ئايان بولۇشىچە، ئۆمەر بىر قېتىم ئاشۇنداق ئاشىقلىققا مۇپتىلا بولۇپ، ئايالى فاتىمەنىڭ بىر دېدىكىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. فاتىمەنىڭ ئۇنى ئۆزىگە بېرىۋېتىشى ئۈچۈن، بارلىق چارە – ئۇسۇللارنى قوللانسىمۇ، فاتىمە ئۇنىمىغان. چۈنكى، ئايال كىشى ئېرىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ھەر نەرسىنى قۇربان قىلالىسىمۇ، ئېرىنىڭ مۇھەببىتىگە باشقا بىرىنىڭ ئورتاقلىشىشىنى، ئىككىنچى بىرىنىڭ ئېرىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىشىنى خالىمايدۇ. ئۆمەرنىڭ دىنى ئۇنى ئۇ دېدەك بىلەن ھارام مۇناسىۋەت قۇرۇشتىن چەكلەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر ئوتتا داغلانغاندەك، ئىشق ئوتىدا داغلىنىپ ئۆتتى. ئاخىرىدا، ئۇ خەلىپىلىككە ئىگە بولۇپ، فاتىمەنىڭ ئىخلاسى ۋە پىداكارلىقى شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئۇنىڭ قىزىقىشلىرى ئېرىنىڭ قىزىقىشلىرىدا، ئۆزىنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرى ئېرىنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرىدە ئېرىپ، ئۆز نەپسىنى تېز پۈكتۈرۈپ، ھېچبىر ئايال قىلالمايدىغان بىر ئىشنى قىلدى: ئۇ ھېلىقىنى دېدەكنى ئېرىگە بېرىۋەتتى. دېدەك ياسىنىپ، ئۆمەرنىڭ قېشىغا كىردى. ئۆمەر كۆزىنى ئۇۋۇلاپ قاراپ، ئۆزىنىڭ چۈش كۆرۈۋاتقانلىقىنى ياكى ئويغاقلىقىنى بىلەلمەيلا قالدى. ئاندىن كۆڭلىدە بۇرچ تۇيغۇسى ئويغىنىپ، دېدەكتىن ئۇنىڭ ئەسلىدە كىمگە تەۋە ئىكەنلىكى، كىمدىن ئېلىنغانلىقىنى سورىدى. ئۆمەرگە ئۇنىڭ ئۆز ئىگىلىرىدىن بۇلىۋېلىنغان دېدەك ئىكەنلىكى، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەكلىكى ئايان بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆڭلىدە مۇنداق ئىككى كۈچ تىركەشتى: بىرى، قارا كۈچ يەنى ئۇزاق يىللار ۋىسالىغا يېتىشنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن مۇھەببەت كۈچى، يەنە بىرى، ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن بۇرچ كۈچى ۋە ئۆزى ئېلان قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى ئېلىپ بېرىش پىرىنسىپى.

ئۇ بىرئاز ئىككىلەندى، ئاندىن دېدەكنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇدى.

دېدەكنىڭ ئىگىلىرى دېدەكنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇنى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە سوۋغا قىلدى. ئۇ: مېنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتىم يوق، – دېدى. ئۇلار: ئەمىسە، ئۇنى سېتىۋالسىلا، – دېۋىدى، ئۇ: ئۇ چاغدا مەن كۆڭلىنى ھاۋايى – ھەۋەستىن چەكلەيدىغانلاردىن بولماي قالمامدىمەن، – دېدى. دېدەك: ئەي مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! سىزنىڭ ماڭا بولغان سۆيگۈڭىز قېنى؟ – دېۋىدى، ئۇ: ئۆز پېتى، بەلكى تېخىمۇ كۈچەيدى، – دېدى. تا ۋاپات بولغىچە ئۇ دېدەك ئۇنىڭ كۆڭلىدىن چىقمىدى.

***

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ نۇرلۇق ھاياتىنىڭ يەنە بىر يورۇق تەرىپى بار بولۇپ، بۇ تەرىپى ئۇنىڭ باشقا ئەمەللىرى، چوڭ ئىسلاھاتلىرى، ئادالىتى، شۇنداقلا سىيرەت ۋە تەرجىمىھال كىتابلىرىغا توشۇپ كەتكەن پەزىلەتلىرىنىمۇ يېپىپ قويغىلى تاس قالىدۇ. مەلۇمكى، ئۇنىڭ دەۋرىدە ئىسلام دۆلىتى ئۇنىڭ پەرمانى بىلەن رەسمىي شەكىلدە سۈننەتلەرنى يېزىپ توپلاشنى يولغا قويغان بولۇپ، ھەدىس بارىسىدىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ كىتابلارنىڭ روياپقا چىقىشىدا بۇنىڭ زور ئەھمىيىتى بولغانىدى. ھەتتا شۇ ئارقىلىق ئىمام بۇخارى ھەدىس يېزىش ۋە بابقا بۆلۈش جەھەتتە يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەنىدى.

ئۆمەر سۈننەت توپلاشتىكى بىرىنچى قەدىمىنى ئالىملارنى ھەدىس توپلاپ يېزىشقا بۇيرۇپ، شەھەرلەرگە خەت يېزىش بىلەن باشلىدى. مەدىنە ئەھلىگە يازغان خىېتىدە مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىگە قاراڭلار، ئۇنى يېزىڭلار. مەن ئىلىمنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ۋە ئىلىم ئەھلىنىڭ تۈگەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن».

مەدىنە ئەمىرى ئەبۇ بەكرى ئىبنى مۇھەممەدكە مۇنداق دەپ يازغان: «نەزىرىڭدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئېنىق ئىسپاتلانغان ھەدىسلەرنى ۋە ئەمرەنىڭ ھەدىسلىرىنى ماڭا يېزىپ ئەۋەتكىن. ئىلىمنىڭ يوقاپ كېتىشى ۋە ئىلىم ئەھلىنىڭ تۈگەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن».

ئۇ ئىبنى شىھاب زۇھرىي ۋە باشقىلارنى سۈننەتلەرنى توپلاشقا بۇيرۇغان. ئاندىن ئۇلار توپلىغان. ئىبنى شىھاب زۇھرىي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىزنى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۈننەتلەرنى توپلاشقا بۇيرۇۋىدى، بىز ھەدىسلەرنى دەپتەر – دەپتەرلەرگە يازدۇق. ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى بارچە يەرلەرگە بىر نۇسخىدىن ئەۋەتكەنىدى».

مانا بۇ شۇنداق بىر كىشىنىڭ ھاياتىنىڭ قىسمەن تەرەپلىرىكى، ئەگەر بىر ئادەم ئىنسانىي خاراكتېرلارنىڭ ئەڭ ئېسىلىنى خىيال قىلسا، ئۇنىڭ خاراكتېرىدىن باشقىسىنى تاپالمايدۇ. مانا بۇ شۇنداق بىر ھۆكۈمدارنىڭ قىسسىسىكى، ئەگەر بىر ئادەم ھۆكۈمدارلارنىڭ ئەڭ كامىل سۈپەتلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلسا، ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن باشقىسىنى تاپالمايدۇ.

ئۇنىڭغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ۋە ئۇنى رازى قىلسۇن!

 

مەنبە:

1.     شەيخ ئەلى تەنتاۋىنىڭ «رجال من التاريخ» دېگەن كىتابى.

2.     https://archive.islamonline.net/?p=9043

تەرجىمىدە: قاراخانىي


([1]) ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئەرەبلەر ھازرقى تۇنىسنى مەركەز قىلغان جايلارغا ئىفرىقىيە دېگەن ئىسىمنى قوللانغان.

([2]) زارىيات سۈرىسى، 22 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ