رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كافىرلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلاتتى، ئۇلارنى دەۋەت قىلىش ۋە تۈزەش يولىدا چىڭ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە بەرداشلىق بېرىپ، (ئۆزىگە قىلغان) يامانلىقلىرىنى كۆرمەسكە سالاتتى. قانداقمۇ ئۇنداق بولمىسۇن؟! ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن ئەۋەتكەن تۇرسا. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 107).
يەھۇدىلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيىتىنى ئويلىنىپ باققىن، ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىشكە باشلىدى. شۇنداق بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلاتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: يەھۇدىيلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قىلىپ:
— «ئەسسامۇ ئەلەيكۇم» (ساڭا ئۆلۈم بولسۇن)، — دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ۋەئەلەيكۇم (سىلەرگە شۇنداق بولسۇن)، — دەپ جاۋاب قايتۇردى.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەھۇدىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ چىداپ بولالماي:
— ئەسسامۇ ئەلەيكۇم (سىلەرگە ئۆلۈم بولسۇن)، سىلەرگە ئاللاھنىڭ لەنىتى ۋە غەزىپى بولسۇن، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىڭ، ئى ئائىشە! سىلىق سىپايە بولۇڭ، قوپال، ئەدەپسىز بولماڭ، — دېدى.
— ئۇلارنىڭ نېمە دېگىنىنى ئاڭلىمىدىلىمۇ؟
— مېنىڭ نېمە دېگىنىمنى ئاڭلمىدىڭىزمۇ؟ مەن ئۇلارغا جاۋاب قايتۇردۇم، مېنىڭ دۇئايىم ئىجابەت بولىدۇ، ئۇلارنىڭكى ئىجابەت بولمايدۇ.
شۇنداق، تىللاشقا تىللاش بىلەن قارشى تۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟! ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ﴿كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 187) دېگەن ئەمەسمىدى؟!
بىر كۈنى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلىرى بىلەن بىرگە ئۇرۇشقا چىقتى. قايتىش يولىدا دەرەخلىرى كۆپ بىر ۋادىغا چۈشكۈن قىلدى. ساھابەلەر تارقىلىپ دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا ئۇخلىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر دەرەخ ئاستىغا كېلىپ، قىلىچىنى بىر شاخقا ئاستى، ئاندىن رىداسىنى(1) ئاستىغا سېلىپ ئۇخلىدى…
بۇ ۋاقىتتا مۇشرىكلاردىن بىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كەينىگە چۈشكەنىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يالغۇزلۇقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاۋاز چىقارماي، ئاستا كەلدى. شاختىن قىلىچنى ئېلىپ يۇقىرى ئاۋازدا:
— ئى مۇھەممەد! سېنى مەندىن كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ — دەپ ۋارقىرىدى.
شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئويغىنىپ قارىغۇدەك بولسا بېشىدا بىر ئادەم تۇرغۇدەك، شاخقا ئېسىپ قويغان قىلىچى ئۇنىڭ قولىدا پارقىراپ تۇرۇپتۇ. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ھېچكىم يوق بولۇپ، ئۈستىدە ئىزارىدىن(2) باشقا نەرسىسى يوق ئىدى. ساھابەلىرى بولسا ئەتراپقا تارقىلىپ ئۇخلاۋاتقانىدى. ئۇ ئادەم غالىبلىق ۋە غەلىبە خۇشاللىقىدا:
— سېنى مەندىن كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ سېنى مەندىن كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ — دەپ تەكرارلىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تولۇق ئىشەنچ بىلەن:
— ئاللاھ، — دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇ ئادەم لاغىلداپ تىترەپ قولىدىن قىلىچ چۈشۈپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئورنىدىن تۇرۇپ، قىلىچنى قولىغا ئېلىپ:
— سېنى مەندىن كىم قۇتقۇزالايدۇ؟— دېدى.
ئۇ ئادەمنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، جىددىيلەشتى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىر قۇشۇق قېنىنى تىلەپ:
— ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ. (ئۈتۈنۈپ قالاي) رەھىم قىلسىلا! — دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا:
— مۇسۇلمان بولامسەن؟ — دېۋىدى، ئۇ:
ياق، لېكىن سەن بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بولمايمەن، — دېدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئادەمگە رەھىم قىلىپ، ياخشى مۇئامىلە قىلدى. بۇ ئادەم ئۆز قەۋمىنىڭ پادىشاھى ئىدى. ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ، ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇسۇلمان بولدى.
شۇنداق، كىشىلەرگە، ھەتتا ئەڭ ئەشەددى دۈشمەنلەرگىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلغىن، بۇنداق قىلساڭ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى بويسۇندۇرالايسەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېسىل ئەخلاقلىق كىشى بولۇپ، ئەخلاقى بىلەن كىشىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ھىدايەت قىلغان ۋە ئۇلارنى كۇپرىدىن ئىمانغا چىقارغانىدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋىتى كىشىلەر ئارىسىدا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن قۇرەيشلىكلەر ئۇنىڭغا ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن قارشى تۇرۇشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىرى شۇ بولدىكى، ئۇلار كىشلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىشكە باشلاۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋىتىگە قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا چوڭلىرى بىلەن كېڭىشىپ:
— ئارىمىزدىن سېھىر، كاھىنلىق(3) ۋە شېئىرنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان كىشىنى تاپايلى، ئۇ بىرلىكىمىزنى پارچىلىغان، ئىتتىپاقىمىزنى بۇزغان، دىنىمىزنى سۆككەن ئادەمنىڭ قېشىغا بارسۇن، ئۇنىڭ بىلەن گەپلىشىپ، ئۇنىڭ نېمە دەپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا قاراپ باقسۇن، — دېيىشتى. ئۇلار ئۇتبە ئىبنى رەبىيئەدىن باشقىسىنىڭ بۇ ئىشقا مۇناسىپ ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇتبەگە:
— ئۇتبە! بۇنىڭغا سەن مۇناسىپسەن، — دېدى.
ئۇتبە ئېغىر بېسىق بىر باشلىق ئىدى. ئۇ:
_ ئى قۇرەيش جامائىتى! مەن بۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ باقاي، ئۇنىڭغا بىر قىسىم ئىشلارنى (تەكلىپلەرنى) ئوتتۇرىغا قوياي، ئۇ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى قوبۇل قىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، قانداق قارايسىلەر؟ — دېدى. ئۇلار:
— دېگىنىڭدەك بولسۇن، — دېيىشتى.
ئۇتبە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا باردى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەمكىن ئولتۇراتتى. ئۇتبە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ:
— ئى مۇھەممەد! سەن ياخشىمۇ ياكى ئابدۇللاھمۇ؟ — دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دادىسى ئابدۇللاھقا بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن گەپ قىلمىدى.
— سەن ياخشىمۇ ياكى ئابدۇلمۇتتەلىبمۇ؟ — دەپ سورىدى ئۇتبە يەنە.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ تاغىسى ئابدۇلمۇتتەلىبكە بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن يەنە گەپ قىلمىدى.
— ئەگەر سەن ئۇلارنى ئۆزۈڭدىن ياخشى دەپ قارىساڭ، ئۇلار سەن ئەيىبلىگەن ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلغان، ئەگەر ئۆزۈڭنى ئۇلاردىن ياخشى دەپ قارىساڭ، سۆزلىگىن، سۆزۈڭنى ئاڭلاپ باقايلى! — دېدى ئۇتبە.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆز قىلىشتىن بۇرۇن ئۇتبە ھاياجانلىنىپ يەنە مۇنداق دېدى:
_ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئۆز قەۋمىگە سەندىنمۇ بەكرەك شۇملۇق ئېلىپ كەلگەن بىرىنى قەتئىي كۆرۈپ باقمىدۇق. سەن بىرلىكىمىزنى پارچىلىدىڭ، ئىتتىپاقىمىزنى بۇزدۇڭ، دىنىمىزنى سۆكتۈڭ، پۈتۈن ئەرەبلەرنىڭ ئالدىدا بىزنى رەسۋا قىلدىڭ، ھەتتا ئەرەبلەر ئارىسىدا «قۇرەيشتە بىر سېھىرگەر باركەن»، «قۇرەيشتە بىر پالچى باركەن» دېگەن گەپلەر پۇر كەتتى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەمدى تولغاق يېگەن ئايالنىڭ ۋارقىرىغىنىدەك بىرەر ئاۋاز چىقىدىغانلا بولسا، قىلىچلىرىمىزنى كۆتۈرۈشۈپ، بىر ـ بىرىمىزنى قىرىپ تۈگىتىشتىن باشقا ئىش قالمىدى.
ئۇتبەنىڭ چىرايى ئۆزگىرەپ غەزەپلىنىۋاتقان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولسا گەپ قىلماي، ئەدەپ بىلەن ئاڭلاۋاتقانىدى. ئۇتبە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دەۋەتتىن ۋاز كىچىشى ئۈچۈن بىر قىسىم تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
— ھەي ئادەم! ئەگەر ئېلىپ كەلگەنلىرىڭنى مال – دۇنيا ئۈچۈن قىلغان بولساڭ، ساڭا مال – دۇنيا يىغىپ بېرىپ، سېنى قۇرەيشنىڭ ئەڭ باي ئادىمى قىلىۋېتەيلى؛ ئەگەر باش بولۇش سەۋداسىدا قىلغان بولساڭ، سېنى باش قىلايلى، ھايات بولغان مۇددەتتە بىزگە باش بولغىن؛ ئەگەر قىز – چوكانلارغا قىزىقىش ۋە شەھۋەت ئۈچۈن قىلغان بولساڭ، قۇرەيشنىڭ قىز – چوكانلىرىدىن خالىغىنىڭنى تاللىغىن، ساڭا خوتۇندىن ئوننى ئېلىپ بېرەيلى؛ ئەگەر قىلغانلىرىڭ جىن چاپلىشىپ قىلىش سەۋەبىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ چارىسىنى قىلالمىغان بولساڭ، سېنى ساقايتىش ئۈچۈن جىنكەش چاقىرىپ، پۇل – ماللىرىمىزنى سەرپ قىلايلى…نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ خىلدىكى كېسەلدىن (مۇشۇنداق) داۋالىنىپ قوتۇلغان.
ئۇتبە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قوپال ئۇسۇلدا سۆز قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا بىر قىسىم تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ دەۋىتىدىن ياندۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم گەپ قىلماي، جىم تۇردى. مەنسەپ، مال – دۇنيا، قىز – چوكانلار، جىن چاپلىشىپ قىلىشتىن داۋالاش قاتارلىق تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇتبەنىڭ گېپى تۈگەپ، جىم بولدى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ تۇردى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇتبەگە قاراپ، ئىنتايىن تەمكىن ھالدا:
— ئۇتبە! گېپىڭ تۈگىدىمۇ؟ — دەپ سورىدى. ئۇتبە راستچىل ۋە ئىشەنچىلىك بولغان بۇ كىشىنىڭ بۇ ئەخلاقىدىن ھەيران قالمىدى، بەلكى قىسقىلا قىلىپ:
— شۇنداق، — دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
_ (ئەمدى) ماڭا قۇلاق سالغىن، — دېۋىدى، ئۇتبە:
— قۇلىقىم سەندە، — دېدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ ﴿حم * تَنْزِيلٌ مِنَ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ * كِتَابٌ فُصِّلَتْ آيَاتُهُ قُرْآنًا عَرَبِيًّا لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ* بَشِيرًا وَنَذِيرًا فَأَعْرَضَ أَكْثَرُهُمْ فَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ]» «ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن) ﴿ھامىيم. (بۇ) ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (ۋەھيىدۇر). ئايەتلىرى ئوچۇق بايان قىلىنغان كىتابتۇر، بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن نازىل بولغان ئەرەبچە قۇرئاندۇر. (مۇئمىنلارگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچىدۇر، (كافىرلارنى دوزاخ بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار)نىڭ تولىسى (ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى پىكىر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار (ئۇنىڭغا) قۇلاق سالمايدۇ﴾(41/«فۇسسىلەت»: 1 – 4) دېگەن ئايەتلەرنى ئوقۇدى. ئاندىن كەينىنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى، بۇنى ئاڭلىغان ئۇتبە يەردە ئولتۇرۇپ قۇلاق سېلىشقا باشلىدى، ئاندىن بەدىنى تىترىدى، قولىنى ئارقىسىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا تاياندى. ئۇ ئاڭلاۋەردى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئوقىۋەردى، ئاخىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ﴿فَإِنْ أَعْرَضُوا فَقُلْ أَنذَرْتُكُمْ صَاعِقَةً مِّثْلَ صَاعِقَةِ عَادٍ وَثَمُودَ﴾ ﴿ئەگەر ئۇلار يەنە يۈز ئۆرۈسە ئېيتقىنكى: «سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن»﴾(41/«فۇسسىلەت»: 13) دېگەن جاينى ئوقۇپ بولۇشىغىلا ئۇتبە ئازاب بىلەن كەلگەن تەھدىتنى ئاڭلاپ چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئوقۇشتىن توختىتىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاغزىنى قولى بىلەن ئەتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىۋېرىپ، تىلاۋەت سەجدىسى بار ئايەتنىمۇ ئوقۇدى، تىلاۋەت سەجدىسىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن بېشىنى كۆتۈردى، ئۇتبەگە قاراپ:
— ئۇتبە! ئاڭلىدىڭمۇ؟ — دېۋىدى، ئۇتبە:
— ھەئە، — دەپ جاۋاب بەردى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئۇنداقتا، ئۆزۈڭ قارار قىلغىن، — دېدى.
ئۇتبە ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدى. ئۇلار ئۆتبەنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقانىدى. ئۇتبە ئۇلارغا يېقىنلاشقاندا، بىر – بىرىگە:
— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇتبە بىزنىڭ يېنىمىزدىن ئايرىلغاندىكىدىن باشقىچىرەك ھالەتتە كەپتۇ، — دېيىشتى.
ئۇتبە ئۇلارنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇلار:
— ئۇتبە! قانداق بولدى؟ — دەپ سورىدى. ئۇتبە مۇنداق جاۋاب بەردى:
— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئوخشىشىنى قەتئىي ئاڭلاپ باقمىغان سۆز ئاڭلىدىم. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ شېئىرمۇ ئەمەس، سېھىرمۇ ئەمەس، كاھىنلىقمۇ ئەمەسكەن. ئى قۇرەيش جامائىتى! گېپىمنى ئاڭلاپ بولدى قىلىڭلار، ئۇنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماڭلار. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان سۆزلەرگە قارىغاندا، چوقۇم زور بىر ئىش بولىدىكەن. ئى قەۋمىم (خەلقىم)! مۇھەممەد «بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ ﴿حم * تَنْزِيلٌ مِنَ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ﴾ ﴿ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن) ﴿ھامىيم. (بۇ) ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (ۋەھيىدۇر) ﴾(41/«فۇسسىلەت»: 1، 2) دىن باشلاپ ئوقۇپ، ﴿فَقُلْ أَنذَرْتُكُمْ صَاعِقَةً مِّثْلَ صَاعِقَةِ عَادٍ وَثَمُودَ﴾ ﴿ئېيتقىنكى: «سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن»﴾(41/«فۇسسىلەت»: 13) دېگەن جاينى ئوقۇپ بولۇشىغىلا ئۇنىڭ ئېغىزىنى ئېتىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن تۇغقاندارچىلىق يۈزىسىدىن ئوقۇشتىن توختىشىنى تەلەپ قىلدىم. سىلەرگە مەلۇمكى، مۇھەممەد بىر نەرسە سۆزلىسە يالغان سۆزلىمەيدۇ، شۇڭا سىلەرگە ئازاب چۈشۈپ قىلىشىدىن قورقتۇم…
ئاندىن ئۇتبە خىيال سۈرۈپ بىرئاز جىم تۇردى، ئۇلارمۇ جىمجىت ھالەتتە ئۇنىڭغا دىققەت بىلەن قاراپ تۇراتتى. ئۇتبە مۇنداق دېدى:
— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭ قىلغان سۆزى راستىنلا يېقىملىق، پاساھەتلىككەن، مېۋىسى مول، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دەرەخكە ئوخشايدىكەن، پۈتۈن سۆزلەردىن ئۈستۈن بولۇپ، ھېچقانداق سۆز ئۇنىڭغا تەڭ تۇرالمايدىكەن ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا سۆز ھېسابلانمايدىكەن. بۇنداق سۆزنى ھېچقانداق ئىنسان سۆزلىيەلمەيدۇ، بۇنداق سۆزنى ھېچقانداق ئىنسان سۆزلىيەلمەيدۇ.
— ئۇتبە! دېگەنلىرىڭگە قارىغاندا، ئۇنىڭ سۆزلىرى شېئىركەن، شېئىركەن، — دېيىشتى ئۇلار.
— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، شېئىرلارنى مەندىنمۇ ياخشىراق بىلىدىغان بىرەرسى يوق، _ دېدى ئۇتبە جاۋاب بېرىپ، — شېئىرنىڭ ھەر تۈرىنى ۋە جىنلارنىڭ شېئىرلىرىنى مەندىنمۇ ياخشىراق بىلىدىغان بىرەرسى يوق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ (مۇھەممەد) بۇنداق بىر نەرسە سۆزلەيدىغان ئادەمگە ئوخشىمايدۇ.
ئۇتبە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىشى توغرىسىدا قەۋمى بىلەن سۆزلىشىشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇتبە ئىسلامغا كىرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن دىلى يۇمشىغانىدى. ئويلىنىپ باققىن، ئۇتبە ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەن بولسىمۇ، ئېسىل ئەخلاق ۋە ياخشى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاشنىڭ ئۇنىڭغا تەسىرى قانداق بولدى؟
يەنە بىر كۈنى، قۇرەيشلىكلەر توپلىنىپ، ئۇلۇغ ساھابە ئىمران ئىبنى ھۇسەيننىڭ دادىسى ھۇسەين ئىبنى ئەلمۇنزىر ئەلخۇزائىينى ۋەكىل قىلىپ تاللايدۇ. ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن سۆزلىشىپ، دەۋىتىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە ئۇنى تاللىغانىدى. ھۇسەين رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېرىدۇ، شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ساھابەلىرى بار ئىدى. ھۇسەين رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قۇرەيشنىڭ داۋاملىق سۆزلەيدىغان سۆزلىرىنى تەكرارلاپ:
— سەن بىزنىڭ بىرلىكىمىزنى پارچىلىدىڭ، ئىتتىپاقىمىزنى بۇزدۇڭ…، — دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم گەپ قىلماي، ئەدەپ بىلەن جىم تۇراتتى. ئۇنىڭ گېپى تۈگىگەن چاغدا رەسۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا ئەدەپ بىلەن:
— ھۇسەين! سۆزۈڭنى دەپ بولدۇڭمۇ؟ — دېۋىدى، ئۇ:
— ھەئە — دەپ جاۋاب بەردى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
_ سەندىن سورىغانلىرىمغا جاۋاب بەر، — دېدى. ئۇ:
_ سۆزلە، قۇلىقىم سەندە، — دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
_ ئى ھۇسەين! كۈندە قانچە ئىلاھقا ئىبادەت قىلىسەن؟ — دەپ سورىۋېدى، ئۇ:
_ يەتتىگە، ئۇلارنىڭ ئالتىسى يەر يۈزىدە، بىرى ئاسماندا، — دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
_ ئۈمىد قىلىشىڭ ۋە قورقۇشۇڭغا قايسىسىنى لايىق دەپ قارايسەن؟ — دەپ سورىغانىدى.
_ ئاسماندىكىسىنى، — دېدى. رەسۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
_ ھۇسەين! ئەگەر مۇسۇلمان بولساڭ، ساڭا، پايدىسى بولىدىغان ئىككى كەلىمە ئۆگىتىپ قويىمەن، — دېدى.
ھۇسەين شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دەرھال مۇسۇلمان بولدى. كېيىن ئۇ:
_ ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا ۋەدە قىلغان ھېلىقى ئىككى كەلىمىنى ئۆگىتىپ قويسىلا، — دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— «اللَّهُمَّ أَلْهِمْنِي رُشْدِي، وَأَعِذْنِي مِنْ شَرِّ نَفْسِي» «ئى ئاللاھ! ماڭا ھەق يولنى بىلدۈرگىن، نەپسىمنىڭ يامانلىقىدىن مېنى ساقلىغىن!» دەپ دۇئا قىلغىن! — دېدى.
بۇ نېمىدېگەن ئېسىل مۇئامىلە – ھە! كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە بۇنىڭ تەسىرى نېمىدېگەن زور – ھە! بۇنداق مۇئامىلىلەر يەنە كافىرلارنى دەۋەت قىلىش ۋە ئۇلارنى ياخشىلىققا جەلپ قىلىشتىمۇ پايدىلىقتۇر.
بىر ياش تونۇشىمىز ئوقۇش ئۈچۈن گىرمانىيەگە سەپەر قىپتۇ، ئۇ يەردە بىر ئۆيگە جايلىشىپتۇ، ئۇدۇلىدا ئارىلىرىدا ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان، لېكىن قوشنا بولغان گىرمانىيەلىك بىر ياش ئولتۇرىدىكەن.
گىرمانىيەلىك ياش تۇيۇقسىز سەپەرگە چىقىپ كېتىپ قاپتۇ. گېزىتچى ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئىشىك تۈۋىگە گېزىت تاشلاپ قويىدىكەن. تاشلاپ قويۇلغان گېزىتلەرنىڭ كۆپلۈكى تونۇشىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ، قوشنىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭ سەپەرگە چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپتۇ. گېزىتلەرنى توپلاپ (يىغىپ)، ئايرىم بىر تارتمىغا سېلىپ قويۇپتۇ. ھەر كۈنى گېزىتلەرنى يىغىپ، رەتلىك قىلىپ (تارتمىغا سېلىپ) قويىۋېرىپتۇ.
گىرمانىيەلىك ياش ئىككى ياكى ئۈچ ئايدىن كېيىن قايتىپ كەپتۇ. تونۇشىمىز ئۇنىڭغا سالام بېرىپ، سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى تەبرىكلەپتۇ. ئاندىن گېزىتلەرنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ:
— سىزنى بىرەر ماقالىنى ئىزدەۋاتقاندۇ ياكى بىرەر مۇسابىقىگە قاتناشماقچىدۇ دەپ ئويلاپ گېزىتلىرىڭىزنى سىز ئۈچۈن ساقلاپ قويغانتىم، — دەپتۇ. گىرمانىيەلىك ياش بۇ كۆڭۈل بۆلۈشتىن ھەيران قىلىپ تونۇشىمىزغا قاراپ:
— بۇنىڭ ئۈچۈن ھەق ياكى مۇكاپات ئالامسىز؟ — دەپتۇ. تونۇشىمىز:
_ ياق، لېكىن دىنىمىز خوشنىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇغان. سىز ماڭا قوشنا، شۇڭا سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىم كېرەك، — دەپتۇ.
ئۇ تونۇشىمىز گىرمانىيەلىك ئاشۇ قوشنىسىغا داۋاملىق ياخشى مۇئامىلە قىلىۋېرىپتۇ، ئاخىرى ئۇ مۇسۇلمان بوپتۇ.
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۆزۈڭنى بەختلىك بىرى دەپ قاراپ، ھاياتقا ئىز قالدۇرۇشۇڭ، ھەر ئىشىڭ بىلەن، ھەتتا ئەخلاقىڭ بىلەنمۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشىڭ ھاياتتىكى ھەقىقىي ھۇزۇردۇر.
بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ ناچار مۇئامىلىلىرى نۇرغۇنلىغان كافىرلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا نۇرغۇن قېتىملاپ توسالغۇ بولغان. ئۇلار كافىرلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئۇلارغا زۇلۇم قىلىدۇ، ئۇلار بىلەن سودا قىلىپ ساختىپەزلىك قىلىدۇ، ئۇلارغا قوشنا بولۇپ ئولتۇرۇش جەريانىدا بىر قىسىم ناچار ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئازار بېرىدۇ.
كېلىڭ، ئۇلار بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىمىزنى قايتىدىن باشلايلى!
بىر شولا:
دەۋەتچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى سۆزلىرىدىن بۇرۇن ئەمەلىيىتى بىلەن دەۋەت قىلىدىغانلاردۇر.
دوكتور مۇھەممەد ئەرىفىينىڭ «استمتع بحياتك» ناملىق كىتابىدىن
تەرجىمە قىلغۇچى: پىنھان
1. رىدا— بەدەننىڭ ئۈستى يېرىمىغا كېيىدىغان كىيىم.
2. ئىزار — بەدەن ئاستى يېرىمىغا كېيىدىغان كىيىم.
3. جىنكەش، پېرىخۇن ۋە رەمماللىقنىڭ ھەممىسى كاھىنلىق دېيىلىدۇ.