مېنىڭ ئانام ۋە سىزنىڭمۇ ئانىڭىز ئائىشە بىنتى ئەبۇ بەكرى

(ھىجرەتتىن بۇرۇنقى 19 _ ھىجرىيە 58 / مىلادىيە 604 _ 678)

 

﴿پەيغەمبەر مۆمىنلەرگە ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ چارىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر﴾[1]

«ئائىشەنىڭ باشقا ئاياللاردىن ئارتۇقلۇقى شورپىنىڭ باشقا تائاملاردىن ئارتۇقلۇقىغا ئوخشايدۇ»[2]

                                                                                                                                                                                                                                    _ رەسۇلۇللاھ

 

ئىسلام دىنى قىزلارنى ئوقۇتۇشنى ھارام قىلدى، ئايال كىشىنى ئىلىمدىن چەكلىدى دەپ ئويلاپ قالغانلار خاتالاشقۇچىدۇر. ئىسلام تارىخىنىڭ سۈبھى دەۋرىدە ئايال كىشى ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئىلىم تەھسىل قىلىشتا ئەر كىشىدىن تۆۋەن ئەمەس بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەرلەرگىمۇ تەلىم بېرىشتە چوڭ رولى بار ئىدى. شۇنى بىلىپ قېلىڭ: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىكى ئەڭ ياخشىلار ھېسابلىنىدىغان ساھابىلەر ياشتا ئۆزلىرىدىن نەچچە ھەسسە كىچىك بىر ئايالدىن تەلىم ئالاتتى. ئۇ بىر ئادەتتىكى ئايال بولماستىن، بەلكى ئىسلام پەيغەمبىرىنىڭ ئايالى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى خەلىپىسىنىڭ قىزى ئىدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بولسا زېمىن تونۇغان ئەڭ بۈيۈك بىر ئەۋلاد ساھابىلەر ئىدى. ئۇ ئايال بولسىمۇ ئالىم ۋە فەقىھ، ئۇستاز ئائىشە بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھادۇر.

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرى بولغان بىزگە ھەرقانداق بىر ھەدىس تۇتۇق بولۇپ قالسا، ئۇنى ئائىشەدىن سوراپ بىلىۋالاتتۇق»[3].

ئائىشەنىڭ دادىسى بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىسى، دوستى ۋە ئاغىنىسى، غاردىكى ئىككى ھەمراھنىڭ بىرى، رەسۇلۇللاھنىڭ تۇنجى خەلىپىسى (ئىزباسارى) ئەبۇ بەكرى سىددىق بولۇپ، ئۇنىڭ ھەققىدە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن بىر دوست تۇتىدىغان بولسا ئىدىم، چوقۇم ئەبۇ بەكرىنى دوست تۇتقان بولاتتىم، لېكىن ئۇ مېنىڭ قېرىندىشىم ۋە ھەمراھىمدۇر»[4]. ئائىشەنىڭ ئانىسى قۇرەيش كاتتىلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇ شەمس ئوغلى ئۇۋەيمىر ئوغلى ئامىرنىڭ قىزى ئۇممۇ رۇماندۇر. ئائىشە _ ئۇ مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىدۇركى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن باشقا قىز ئېلىپ باقمىغان. مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە مۆمىن ۋە دىندار ئائىلىدە ئۆسكەن بولۇپ، ھاياتىدا بىر قېتىممۇ بۇتقا سەجدە قىلمىغان.

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە كۈندۈزلىرى روزىدار، كېچىسى قىيامدار، كۆپ يىغلايدىغان بىرى ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇ توغرىسىدىكى مۇنۇ سۆزى ھەممىگە يېتەرلىكتۇر: «ئائىشەنىڭ باشقا ئاياللاردىن ئارتۇقلۇقى شورپىنىڭ باشقا تائاملاردىن ئارتۇقلۇقىغا ئوخشايدۇ».

ئۇ زاھىتلىق، پەرھىزكارلىق ۋە تەقۋالىقتا بىر مۆجىزە ئىدى، ناھايىتى ھايالىق ئىدىكى، ھەتتا كىچىك ھەسەن – ھۈسەينلەردىنمۇ ھىجابلىناتتى. ئىسلام ئۈممىتى ئىچىدىكى بۇ ئۇلۇغ خانىمنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا كۆپ سۆزلىمەيمىز. ئىمام بۇخارى ئۇلۇغ ساھابە ئەمر ئىبنى ئاستىن رىۋايەت قىلىپ، ئۆز سەھىھىدە ئىككى ئورۇندا كەلتۈرگەن بىر ھەدىس بىلەن كۇپايىلىنىمىز: بىر كۈنى ئەمر ئىبنى ئاس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، ئاندىن: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كىشىلەر ئىچىدە سىزگە كىم ئەڭ سۆيۈملۈك؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئائىشە» دېدى. ئەمر: «ئەرلەردىنچۇ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!» دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ ئاتىسى» دەپ جاۋاب بەردى.

ئەبۇ سەلەمە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەي ئائىشە! بۇ جىبرىل، سىزگە سالام ئېيتتى» دېگەنىدى، مەن: «ۋەئەلەيھىسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ» دېگەنىدىم.

ھەزرىتى ئائىشەنىڭ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچبىر مۇسۇلمان مۇنازىرە قىلمايدۇ. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدىن تاللاپ بەرگەن جورىسىدۇر. ئۇ ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ زېرەك ئايالدۇر، ئاياللار ئىچىدە ئىلمى ۋە فىقھىسى ئەڭ كۆپ ئايالدۇر. ئۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ھەدىسىنىڭ راۋىيلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئالدىنقى بەش كىشىنىڭ بىرىدۇر.

ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير مۇنداق دېگەن: «قۇرئان، پەرز، ھالال ۋە ھارام، فىقھى، تېبابەت، شېئىر، ئەرەبلەرنىڭ سۆزلىرى ۋە نەسەب قاتارلىقلاردا ئائىشەدىنمۇ بىلىملىكرەكنى كۆرمىدىم».

مۇئاۋىيە مۇنداق دېگەن: «مەن ئائىشەدىنمۇ بالاغەتلىك ۋە پاساھەتلىك سۆز قىلىدىغان زېرەك بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم».

مۇسا ئىبنى تەلھە مۇنداق دېگەن: «ئائىشەدىنمۇ پاساھەتلىكرەك بىركىمنى كۆرمىدىم».

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرى بولغان خەدىجە بىلەن ئائىشەنىڭ قايسىسىنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن: «خەدىجەنىڭ ئىلگىرىلىكى ۋە ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى تەسىرى، ياردىمى ۋە دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشى قاتارلىقلارغا نە ئائىشە، نە مۆمىنلەرنىڭ باشقا ئانىلىرى ئۇنىڭغا ئورتاقلىشالمىغان. ئائىشەنىڭ ئىسلامنىڭ كېيىنكى دەۋرلىرىدىكى تەسىرى، دىننى ئۆگىنىپ ئۈممەتكە يەتكۈزۈشى، نە خەدىجە، نە باشقىلىرى ئورتاقلىشالمىغان ئىلىمنى ئۇنىڭ بىلىشى قاتارلىقلاردا ئائىشە باشقىلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ».

ئۇ كېچىلىرى قىيامدا تۇرىدىغان، كۈندۈزلىرى روزا تۇتىدىغان سالىھ ۋە ئابىد خانىم ئىدى، بىر قېتىم ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى قەيسكە: «كېچىنىڭ قىيامىنى تاشلىما، رەسۇلۇللاھ ھەقىقەتەن ئۇنى تاشلىمايتتى، ئاغرىپ قالغان ياكى ھېرىپ قالغاندا، ئولتۇرۇپ ئوقۇيتتى» دېگەن.

ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ مۇسا ئېيتىدۇ: مېنى مۇدرىك سوئال سوراش ئۈچۈن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن (ئائىشەنىڭ قېشىغا) كەلسەم، ناماز ئوقۇۋېتىپتىكەن. دەسلەپتە كۆڭلۈمدە «تۈگەتكۈچە ئولتۇرىمەن» دېدىم، نامازنى بەك ئۇزۇن ئوقۇغاچقا كېيىن «نامىزىنى قاچانمۇ تۈگىتەر» دەپ كەتتىم.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا گاھىدا مەلۇم ئايەتنى ئوقۇپ، نەچچە قېتىم قايتىلايتتى. يەنە نەقىل قىلىنىشىچە، ئۇ نامىزىدا ﴿فَمَنَّ اللَّهُ عَلَيْنَا وَوَقَانَا عَذَابَ السَّمُومِ﴾ يەنى ﴿ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى، بىزنى زەھەرلىك ئازابتىن ساقلىدى﴾[5] دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، ئۇنى قايتا – قايتا تەكرارلايتتى ۋە مۇنداق دەپ يىغلايتتى: «ئاللاھىم! ماڭا ئېھسان ئەيلە، مېنى زەھەرلىك ئازابتىن ساقلا».

زاھىتلىق ۋە ئاللاھ يولىدا نەپىقە قىلىش ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيەتلىرىدىن بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇ شۇ دەرىجىدە ئەڭ گۈزەل ئۆرنەك ئىدىكى، ئۇنىڭغا مەلۇم بىر نەرسە ياكى نۇرغۇن نەرسىلەر ھەدىيە قىلىنسا، ئۇلارنى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىۋېتەتتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇنىڭغا بىر پۇل – مال كەلگەن، ئاندىن ئۇنى سەدىقە قىلىۋەتكەن. نامازشام بولغاندا، ئازادگەردىسىگە: «ئىپتارلىق تائام ئەكىلىڭ» دېگەن. ئازادگەردىسى: «تائام سېتىۋالغۇدەك بىر نەرسە قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىزچۇ، كاشكى» دېگەندە، ئۇ: «بالدۇرراق ئەسكەرتىپ قويسىڭىزچۇ، ئۇنتۇپ قاپتىمەن» دېگەن. يەنى، ئۇ ئۆزىدىكى بار نەرسىنىڭ ھەممىسىنى سەدىقە قىلىۋەتكەن بولۇپ، ھېچنەرسىسى قالمىغان.

ساھابىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى مەزگىللەردە، ئاتا – ئېھسانلىرىدا ئۇنى ئالدىنقى ئورۇنغا قوياتتى. شۇ جۈملىدىن، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا نىپىز رەختلەرنى ئەۋەتكەندە، ئۇ يىغلاپ كەتكەن ۋە: «رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە بۇ يوق ئىدى» دېگەن، ئاندىن ئۇنى سەدىقە قىلىۋەتكەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاللاھ يولىدا پۇل – مال خەجلەشكە ئائىت بۇ ئىشتا ئەڭ گۈزەل ئۈلگە ئىدى. ئۇ يەنە «دۇنيا ۋە دۇنيا مەئىشەتلىرىدىن يىراق تۇراتتى» دەپ سۈپەتلىنىدۇ.

ئەھلى سۈننەتتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىسلام ئالىملىرى شۇنىڭغا بىرلىككە كەلگەنكى، كىمكى ئائىشەنى ئاللاھ ئۇنى پاكلىغان بىر ئىش بىلەن ئەيىبلەيدىكەن، ئۇ كاپىردۇر، ئائىشەنىڭ پاك ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئاللاھ سۈرە «نۇر»دا تىلغا ئالغان ئايەتنى يالغانغا چىقارغۇچىدۇر.

ھافىز ئىبنى كەسىر ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ﴿يامان ئىشتىن بىخەۋەر ئىپپەتلىك مۆمىن ئاياللارغا قارا چاپلايدىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. شۇ كۈندە (قىيامەت كۈنىدە) ئۇلارنىڭ تىللىرى، قوللىرى ۋە پۇتلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا تولۇق تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاشكارا ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ﴾[6] بۇ ئاللاھ تائالانىڭ يامان ئىشتىن بىخەۋەر ئىپپەتلىك مۆمىن ئاياللارغا قارا چاپلايدىغانلارغا قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشىدۇر. مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرى، بولۇپمۇ بۇ ئايەتنىڭ چۈشىشىگە سەۋەب بولغان ئائىشە بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ دائىرىگە كىرىشكە ھەرقانداق ئىپپەتلىك ئايالدىنمۇ بەكرەك لايىقتۇر.

ئالىملار ھەممىسى (ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن!) شۇنىڭغا بىرلىككە كەلگەنكى، كىمكى مۇشۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئائىشەنى تىللىسا، بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئائىشەنىڭ پاكلىقىدىن كېيىنمۇ يەنە ئۇنىڭغا قارا چاپلىسا ئۇ كاپىردۇر، چۈنكى ئۇ قۇرئانغا بويۇنتاۋلىق قىلغۇچىدۇر.

ئىمام ئىبنى ھەزم ئۆز سەنەدى بىلەن ھىشام ئىبنى ئەمماردىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: مەن مالىك ئىبنى ئەنەسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «كىمكى ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەرنى تىللىسا قامچىلىنىدۇ، ئائىشەنى تىللىسا ئۆلتۈرۈلىدۇ». ئۇنىڭغا: نېمىشقا ئائىشەدە ئۆلتۈرۈلىدۇ؟ – دېيىلگەندە، ئۇ: «چۈنكى، ئاللاھ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەققىدە: ﴿ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇكى، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ھەرگىز قايتا مۇنداق سۆزلەرنى قىلماڭلار﴾ دېگەن. كىمكى ئۇنىڭغا قارا چاپلىسا، قۇرئانغا قارشى چىققان بولىدۇ، قۇرئانغا قارشى چىققان ئادەم ئۆلتۈرۈلىدۇ» دېگەن.

ئىبنى ھەزم (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!) مۇنداق دېگەن: مالىكنىڭ بۇ يەردىكى سۆزى توغرا، چۈنكى بۇ قىلمىش تولۇق مۇرتەدلىكتۇر ۋە ئاللاھنىڭ ئائىشەنى كەسكىن پاكلىغانلىقىدا ئاللاھنى يالغانغا چىقارغانلىقتۇر.

ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەرەبىي (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!) مۇنداق دېگەن: «تۆھمەتخورلار پاك ئائىشەگە زىنا قىلدى دەپ قارا چاپلىۋىدى، ئاللاھ ئۇنى پاكلىدى. ئاللاھ ئۇنى پاكلاۋاتسا يەنە ئۇنى تىللىغان ھەرقانداق ئادەم ئاللاھنى يالغانغا چىقارغۇچىدۇر، ئاللاھنى يالغانغا چىقارغان ئادەم كاپىردۇر. بۇ مالىكنىڭ يولىدۇر ۋە بۇ يول ھەربىر ئەقىل ئىگىسىگە روشەندۇر».

قازى ئەبۇ يەئلا مۇنداق دېگەن: كىمكى ئائىشەنى ئاللاھ ئۇنى پاكلىغان ئىش بىلەن تۆھمەت قىلسا، شەكسىز كاپىر بولىدۇ. نۇرغۇنلار بۇنىڭغا ئىجما قىلغان ۋە نۇرغۇن ئىماملار مۇشۇ ھۆكۈمنى بايان قىلغان.

ئىمام نەۋەۋى (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!) مۇنداق دېگەن: «ئائىشەنىڭ تۆھمەتتىن پاكلىقى ئەزىز قۇرئاننىڭ تېكىستى بىلەن ناھايىتى كەسكىندۇر، ناۋادا بىركىم ئۇنىڭدىن شەكلەنسە – ئاللاھ ساقلىسۇن! – مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجماسى بىلەن مۇرتەد _ كاپىرغا ئايلىنىدۇ».

ئىبنى قەييىم (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!) مۇنداق دېگەن: «ئۈممەت ئۇنىڭغا قارا چاپلىغۇچىنىڭ كاپىرلىقىغا ئىتتىپاقلاشقان».

ھەيران قالارلىقكى، راپىزى شىئەلەر ئۆزى ئەگىشىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالىنىڭ شەرىپىگە تىل تەگكۈزىدۇ. شىئەلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىپىگە تىل تەگكۈزۈش ئەقىدىسىنى نەدىن پەيدا قىلغان؟

 

مەنبە: جىھاد تۇربانىينىڭ «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: قاراخانىي


[1] «ئەھزاب» سۈرىسى، 6 – ئايەت.
[2] بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.
[3] تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
[4] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
[5] «تۇر» سۈرىسى، 27 – ئايەت.
[6] «نۇر» سۈرىسى، 23 -، 24 -، 25 – ئايەتلەر.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ