كەمبەغەللەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش

كەمبەغەللەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش

بۈگۈنكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئەخلاقى بىلەن تىجارەت قىلىدۇ. ئۇلارغا پەقەت بايلارنىڭ قىزىقچىلىقىلا قىزىقارلىق تۇيۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ قىزىقچىلىقىنى ئاڭلىغاندا (گەرچە كۈلكىسى كەلمىسىمۇ) كۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى (گەرچە چوڭ بولسىمۇ) كىچىك دەپ قارايدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆز يۇمىدۇ. ئەمما، ئۇلارغا كەمبەغەللەرنىڭ قىزىقچىلىقى ئېغىر تۇيۇلىدۇ، ئۇنى ئاڭلىغاندا ئۇلارنى زاڭلىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى (گەرچە ئىنتايىن كىچىك بولسىمۇ) ئىنتايىن چوڭ دەپ قارايدۇ، ئۇلاردىن خاتالىق سادىر بولۇپ قالسا ئۇلارغا ۋارقىرايدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بايغىمۇ، كەمبەغەلگىمۇ ئوخشاش مېھرىبان ئىدى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: زاھىر ئىبنى ھەرام ئىسىملىك سەھرالىق بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئادەم بىر ئىش ئۈچۈن مەدىنەگە كېلىپ قالسا، رەسۇلۇللاھقا ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن سەھرادىن بىرئاز ئىرىمچىك ياكى سېرىق ماي ئېلىپ كېلەتتى. ئائىلىسىگە قايتماقچى بولغىنىدا رەسۇلۇللاھمۇ ئۇنىڭغا بىرئاز خورما ياكى شۇنداقراق بىر نەرسىلەرنى ھازىرلاپ بېرەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى ياخشى كۆرەتتى ۋە: «زاھىر ھەقىقەتەن بىزنىڭ سەھرالىقىمىز، بىزمۇ ئۇنىڭ شەھەرلىكى» دەيتتى. زاھىر كۆرۈمسىز بىر ئادەم ئىدى.

بىر كۈنى زاھىر سەھرادىن چىقىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىگە كەلدى. رەسۇلۇللاھنى تاپالمىدى. ئۇنىڭ (ساتىدىغان) مېلى بار ئىدى. ئۇنى بازارغا ئېلىپ چىقتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى ئىزدەپ بازارغا باردى. ئۇنىڭ يېنىغا كەلسە، ئۇ تەرلىرى ئىقىپ تۇرغان ھالدا مېلىنى سېتىۋاتقانىكەن. ئۇنىڭ كىيىم – كېچىكىنىڭ شەكلى ۋە پۇرىقىدىنلا ئۇنىڭ سەھرالىق ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. رەسۇلۇللاھ تۇيدۇرماي كېلىپ ئۇنى كەينىدىن قۇچاقلىۋالدى. زاھىر رەسۇلۇللاھنى كۆرمىگەن ئىدى. ئۆزىنى كىمنىڭ قۇچاقلىۋالغانلىقىنى بىلەلمىدى.

زاھىر ئالاقزادە بولۇپ: «مېنى قويۇۋەت، كىمۇ؟» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئاۋاز چىقارمىدى. زاھىر قوچاقلاشتىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇپ، كەينىگە قاراشقا باشلىدى. رەسۇلۇللاھنى كۆرۈپ كۆڭلى خاتىرجەم بولدى ۋە ئالاقزادىلىكى يوقالدى. ئۆزىنى قۇچاقلىغان كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھ ئىكەنلىكىنى بىلگەن چاغدا دۈمبىسىنى رەسۇلۇللاھنىڭ كۆكرىكىگە چاپلىدى.

رەسۇلۇللاھ زاھىرغا چاقچاق قىلىشقا باشلاپ، كىشىلەرگە يۇقىرى ئاۋازدا: «بۇ قولنى كىم سېتىۋالىدۇ؟ بۇ قولنى كىم سېتىۋالىدۇ؟» دېدى. زاھىر ئۆزىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئويلاندى. ئۆزىنى ھەقىقەتەن كەمبەغەل، كۈچسىز، پۇل -مېلى يوق، كۆرۈمسىز بىرى دەپ ئويلاپ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى رەسۇلۇللاھ، مېنىڭ كاسات ئىكەنلىكىمنى بايقايسەن، دېدى. رەسۇلۇللاھ: لېكىن سەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاسات ئەمەسسەن، بەلكى قىممەتلىكسەن، دېدى.

كەمبەغەللەرنىڭ بۇ گۈزەل ئەخلاقلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى ئىگىلىگەن رەسۇلۇللاھنى قەلبلىرى بىلەن ياخشى كۆرۈشى ھېچقانداق ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

نۇرغۇنلىغان كەمبەغەللەر ئۆزلىرىگە بايلارنىڭ پۇل – مال ۋە يېمەك -ئىچمەكتە بېخىللىق قىلىشىنى ئەيىبلىمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ سىلىق ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىشتا بېخىللىق قىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ.

قانچىلىغان كەمبەغەللەر باركى، سەن ئۇلارغا كۈلۈمسىرەپ، ئۇلارنىڭ قەدىر – قىممىتى ۋە ھۆرمىتىنى ھېس قىلدۇرىسەن. ئۇلار كېچە قاراڭغۇلۇقلىرىدا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ، ساڭا ئاسماندىن رەھمەتلەرنىڭ چۈشۈشىنى تىلەيدۇ.

قانچىلىغان كىشىلەر باركى، ئۇلارنىڭ چاچلىرى پاخپايغان، ئۈستى بېشىنى توپا – چاڭ بېسىپ كەتكەن، كىيىملىرى جۇل – جۇل بولغان ھالەتتە بولۇپ، ئۇلارغا (ئۇلارنى كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن) ئىشىكلەر يېپىلىدۇ ۋە ئۇلار كۆزگە ئېلىنمايدۇ. لېكىن ئۇلار ئاللاھقا دۇئا قىلسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىدۇ. شۇڭا ئاجىزلارغا داۋاملىق ئوچۇق چىراي بولغىن.

 

بىر ئىشارەت

كەمبەغەلگە بىر قېتىم تەبەسسۇم قىلىشىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سېنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈشى مۇمكىن.

 

دوكتور مۇھەممەد ئەرىفىينىڭ «استمتع بحياتك» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمە قىلغۇچى: پىنھان

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ