ئەقىقە ئەھكاملىرى(3) دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ئەقىقە ئەھكاملىرى(3)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

بوۋاققا ئىسىم تاللاش كىمنىڭ ھەققى؟

بوۋاققا ئىسىم تاللاشتا ئەلبەتتە، ئاتا – ئانا ۋە چوڭ ئانا، چوڭ دادىلار ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ مۇۋاپىق بىرەر ئىسىم تاللايدۇ. مەيلى قىز بولسۇن، مەيلى ئوغۇل بولسۇن، بوۋاققا ئىسىم تاللاش ئۇلار كېلىشكەن ئەھۋالدا ئاتا – ئانىنىڭ ئورتاق ھەققىدۇر. لېكىن، ئىككى خىل قاراشتا بولۇپ قالغان ئەھۋالدا ئىسىم تاللاش ئاتىنىڭلا ھەققىدۇر. پەرزەنت پالانىنىڭ ئوغلى ياكى پۇستانىنىڭ قىزى دەپ ئاتىسىغا مەنسۇپ قىلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ ئەھۋالدا ئانىنىڭ تاللىشى ئەمەس، ئاتىنىڭ تاللىشى كۈچكە ئىگە قىلىنىدۇ.

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «ئىسىم تاللاش ئانىنىڭ ئەمەس، ئاتىنىڭ ھەققىدۇر. بۇ ھەقتە ئالىملار ئارىسىدا تالاش – تارتىش يوقتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتا – ئانا بالىغا ئىسىم تاللاشتا بىرلىككە كېلەلمىسە، تاللاش ھوقۇقى ئاتىنىڭ قولىدا بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىللىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ: ›ئۇلارنى ئاتىلىرىغا نىسبەت بېرىپ چاقىرىڭلار! بۇ ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئەڭ ئادىلدۇر‹ دېگەن ئايەتىگە ئاساسەن بالا ئانىغا ئەمەس، ئاتىغا نىسبەت بېرىلىپ چاقىرىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ›بۈگۈن مېنىڭ بىر پەرزەنتىم تۇغۇلغان ئىدى، ئۇنىڭغا بوۋامنىڭ ئىسمى بولغان ئىبراھىمنى قويدۇم‹ دېگەن سۆزىمۇ ئىسىم تاللاشنىڭ ئاتىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ»(1).

ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەيبەر غازىتىدا ياۋ قوشۇنىنى بىرمۇبىر ئېلىشىشقا چاقىرىپ قوشاق ئېيتقاندا: «ئانام ھەيدەرە (ئارسلان) دەپ ئاتىغان بالا مانا مەندۇرمەن» دېگەن. ئەسلىدە ئۇ تۇغۇلغاندا ئاتىسى ئەبۇ تالىب سەپەردە بولۇپ، ئانىسى ئەسەد قىزى فاتىمە ئۇنىڭغا ئۆز ئاتىسى ئەسەدنىڭ ئىسمىنى قويغان. «ھەيدەرە»مۇ ئارسلاننىڭ ئىسىملىرىنىڭ بىرى. ئەبۇ تالىب سەپەردىن قايتىپ كەلگەندە ئانىسى قويغان بۇ ئىسىمنى ياقتۇرماي، ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئەلى» قويغان(2).

ئاتا رازى بولغان ئەھۋالدا ئانا، چوڭ ئانا ياكى چوڭ دادىلار ئىسىمنى تاللاپ بەرسىمۇ، ئۇستازلار، ئۆلىمالار تاللاپ بەرسىمۇ بولىدۇ، ئەلبەتتە. لېكىن، بۇ كاتتا نېئمەت ئاتا قىلىنغان كۈنلەردىكى خۇشاللىقنى ھەرگىزمۇ ئىسىم تاللاشتا كۆڭۈل ئاغرىقى پەيدا قىلىپ يوقىتىۋەتمەسلىك كېرەك. ئايالىنىڭ ياكى ئاتا – ئانىسىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ تاللىشىغا ماقۇل كېلىشمۇ پايدىلىق بولسا كېرەك.

ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەسەننى تۇغقان چاغدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېلىپ: ›قېنى ماڭا بالامنى كۆرسىتىڭلار! ئۇنىڭغا نېمە ئىسىم قويدۇڭلار؟‹ دەپ سورىدى. مەن: ›ئۇنىڭغا ھەرب (ئۇرۇش ياكى جەڭ دېگەن مەنىدە) دەپ ئىسىم قويدۇم‹ دېسەم، ئۇ: ›ياق، ئۇ ھەسەن‹ دېدى. ھۈسەيننى تۇغقىنىمدا رەسۇلۇللاھ كېلىپ: ›قېنى ماڭا بالامنى كۆرسىتىڭلار! ئۇنىڭغا نېمە ئىسىم قويدۇڭلار؟‹ دەپ سورىدى. مەن: ›ئۇنىڭغا ھەرب (ئۇرۇش ياكى جەڭ دېگەن مەنىدە) دەپ ئىسىم قويدۇم‹ دېسەم، ئۇ: ›ياق، ئۇ ھۈسەين‹ دېدى. ئۈچىنچىسىنى تۇغقىنىمدا رەسۇلۇللاھ كېلىپ: ›قېنى ماڭا بالامنى كۆرسىتىڭلار! ئۇنىڭغا نېمە ئىسىم قويدۇڭلار؟‹ دەپ سورىدى. مەن: ›ئۇنىڭغا ھەرب (ئۇرۇش ياكى جەڭ دېگەن مەنىدە) دەپ ئىسىم قويدۇم‹ دېسەم، ئۇ: ›ياق، ئۇ مۇھەسسىن‹ دېدى. ئاندىن: ›مەن ئۇلارغا ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ شەبەر، شۇبەير ۋە مۇشەببىر دېگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى قويدۇم‹ دېدى»(3).

ئىسىم ئۆزگەرتكەندە ئەقىقە قىلىش كېرەك ئەمەس

بوۋاقنىڭ ئىسمىنى ياكى چوڭ ئادەم ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغاندا ئۇنىڭغا ئايرىم ئەقىقە قىلىش ياكى تاماق تەييارلاپ، مېھمان چاقىرىش كېرەك ئەمەس. ئەقىقەنى پەقەتلا بالا تۇغۇلغاندا شۈكرانىسى ئۈچۈن قىلىدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان قىز بوۋاقلارنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش

تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش سۈننەت ئەمەللەر قاتارىدىندۇر. بۇ مەسىلىدە ئالىملارنىڭ ئوغۇل بالىغا قارىتا قارىشى بىردەك. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئوغۇل بالا تۇغۇلۇشى بىلەن بىللە ئەقىقە قىلىپ قان قىلىدىغان ئىش بار. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۈچۈن قان قىلىۋېتىڭلار، ئۇنىڭدىن مەينەتلىكنى تازىلىۋېتىڭلار»(4). بۇ ھەدىستىكى «ئۇنىڭدىن مەينەتلىكنى تازىلىۋېتىڭلار» دېگەن سۆز بوۋاقنى ھەرقانداق مەينەتچىلىكتىن تازىلاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ چېچىنى چۈشۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەمما، قىز بالىغا قارىتا ئىككى خىل قاراشقا بۆلۈنۈپ كەتكەن:

بىرى، قىز بالىغا نىسبەتەن چېچىنى چۈشۈرۈش سۈننەت ئەمەس. بۇ قاراشنى ئىلگىرىكىلەردىن بەزى ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرى، يېقىنقىلاردىن شەيخ بىن باز ۋە ئۇسەيمىن رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قاتارلىقلار تەرجىھ قىلغان.

يەنە بىرى، چېچىنى چۈشۈرۈش قىز بالىغىمۇ، ئوغۇل بالىغىمۇ ئوخشاش سۈننەت. بۇ قاراشنى ئىلگىرىكىلەردىن ئىمام سەنئانىي، ھازىرقى دەۋردىكىلەردىن شەيخ ئالبانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەر تەرجىھ قىلغان.

دەلىل جەھەتتىن سېلىشتۇرغاندا كېيىنكى قاراش كۈچلۈك. چۈنكى، ئىمام تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يېڭى تۇغۇلغان ھەرقانداق ئوغۇل بالا (قىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش) ئۆز ئەقىقەسى ئۈچۈن گۆرۈگە قويۇلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن يەتتىنچى كۈنى مال سويۇلۇپ، چېچى چۈشۈرۈلۈپ، ئىسمى قويۇلىدۇ»(5).

بۇ ھەدىستە «غۇلام» دېگەن سۆز قوللىنىلغان. لېكىن، بۇ ئادەتتە ئەرەب تىلىدىكى «تەغلىيب ئۇسۇلى»(6) بويىچە ئېيتىلغان بولۇپ، قىز بالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتە ئەرەب تىلىدا، شۇنداقلا «قۇرئان» – ھەدىستە بۇنىڭ مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەقىقەسى قىلىنىشتا قىز بالىمۇ ئوخشاش. مەزكۇر ھەدىستە چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىش ئەقىقەسىنى قىلىش بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنغان. شۇڭا، ھەر ئىككىسىدە قىز بىلەن ئوغۇلنىڭ ھۆكمى ئوخشاش. يەنە كېلىپ بۇ چاچنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ تىببىي جەھەتتىن چاچنى جانلاندۇرۇش، تېرە تۆشۈكچىلىرىنى ئېچىش دېگەندەك پايدىلىق تەرەپلىرى بارلىقىنى دوختۇرلارمۇ تەكىتلىگەن.

يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا (بالىلىرى) ھەسەن، ھۈسەين، زەينەب ۋە ئۇممۇ كۇلسۇملارنىڭ چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ، چاچنىڭ ئېغىرلىقىدا كۈمۈش سەدىقە بەرگەن(7).

يەنە «ئەقىقە» دېگەن سۆزنىڭ ئەرەب تىلىدىكى مەنىسى «يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ چېچى»دىن ئىبارەت. قان قىلىش بولسا ئاشۇ چاچ كېسىلگەن چاغدا چاچنى چۈشۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن قىلىنغان قۇربانلىق بولغاچقا، بۇ قۇربانلىق شەرىئەتتە «ئەقىقە» دەپ ئاتالغان. چاچنى چۈشۈرگەندە ئاۋايلاپ تۇرۇپ، پۈتۈن باشنى تولۇق چۈشۈرۈپ، چاچنى گىراملاپ، شۇنىڭ ئېغىرلىقىدا پېقىرلارغا كۈمۈش سەدىقە بېرىمىز.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەسەن ئۈچۈن ئەقىقە قىلغان ۋە: «ئى فاتىمە! بۇنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ، چاچنىڭ ئېغىرلىقىدا كۈمۈش سەدىقە قىلىڭ!» دېگەن. فاتىمە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) ھەسەننىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ تارتقان ئىدى، بىر تەڭگە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز ئېغىرلىققا تەڭ كەلگەن(8).

تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بېشىغا خۇشبۇي سۈرتۈپ قويۇشنىڭ مۇستەھەبلىكى

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «جاھىلىيەت دەۋرىدە بىرەرسىمىزنىڭ بالىسى تۇغۇلسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قوي سويۇپ، ئۇنىڭ قېنىنى بالىنىڭ بېشىغا سۈرەتتۇق. ئىسلام دىنى كەلگەندىن كېيىن بىر قوي سويۇپ، بالىنىڭ چېچىنى چۈشۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭ بېشىغا زەپەر سۈرۈپ قويىدىغان بولدۇق»(9). يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قاننىڭ ئورنىغا خۇشبۇي ئىشلىتىڭلار» دەپ بۇيرۇغان(10).

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلامىيەت كەلگەندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەقىقەنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغان ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلغان، بالىنىڭ ئەقىقەگە گۆرۈگە قويۇلغانلىقىنى خەبەر بېرىپ بوۋاقنىڭ بېشىغا قان سۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئازراق زەپەر سۈرۈشنى يولغا قويغان. چۈنكى، كىشىلەر جاھىلىيەتتە ئەقىقەگە بوغۇزلانغان مالنىڭ قېنى مۇبارەك دەپ ئېتىقاد قىلغاچقا، بوۋاقنىڭ بېشىغا ئەقىقە قېنىنى تەۋەررۈك بىلىپ سۈرەتتى. مۇشرىكلار ئۇنىڭ قېنىنى ئىلاھلىرىغىمۇ سۈرەتتى. شۇڭا، مۇشرىكلارغا ئوخشىۋالماسلىق ئۈچۈن بۇ ئىشنى قىلماسلىققا بۇيرۇلغان هەمدە ئۇنىڭ ئورنىغا ئاتا – ئانا ۋە بوۋاققا، شۇنداقلا مىسكىنلەرگە پايدىلىق بولغان چاچ چۈشۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئېغىرلىقىدا كۈمۈش سەدىقە بېرىشنى بېكىتكەن. ئۇلارغا يەنە بوۋاقنىڭ بېشىغا بەتبۇي، نىجىس قاننىڭ ئورنىغا خۇشبۇي، رەڭگى كۆركەم زەپەرنى سۈرۈشكە بۇيرۇغان. زەپەر بولسا خۇشبۇيلار ئىچىدە ئەڭ ئېسىلى ۋە ئەڭ كۆركىمىدۇر»(11).

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەقىقە مالنى بوغۇزلىغاندا مالنىڭ قېنىنى بوۋاقنىڭ بېشىغا سۈرۈشكە بولمايدۇ. خۇشبۇي ئەتىرلەرنى سۈرۈش سۈننەت ۋە مۇستەھەب بولىدۇ.

ئوغۇل بوۋاقنىڭ خەتنىسىنى قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

كۈچلۈك قاراشتا ئوغۇل بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىش تەرك قىلسا بولمايدىغان ۋاجىب ئەمەلدۇر. تەرك قىلىشقا بولمايدىغان سۈننەت ئەمەل دەپ قارىغانلارمۇ بار. قانداقلا بولمىسۇن، خەتنە دېگەن مۇسۇلمانچىلىقنىڭ نىشانىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى نامازنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا شەرت قىلىنغان تازىلىق جەھەتتىنمۇ زۆرۈر ئىش بولغاچقا، تەرك قىلىشقا بولمايدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، خەتنە قىلغاندا كېسىۋېتىلىدىغان تېرە پارچىسى كېسىۋېتىلمەي قالغان ئەھۋالدا تۈرلۈك مىكروبلار يىغىلىۋېلىپ، يىرىڭداش، ياللۇغلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، سۈيدۈك يوللىرىغا ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ تۈرلۈك زىياندىن پەقەتلا خەتنە قىلىش ئارقىلىق ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ. يەنە خەتنە قىلىشنىڭ نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پايدىلىق ئىكەنلىكى ئىلمىي جەھەتتىن ئىسپاتلانغان.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قەدىمىي سۈننەت بەشتۇر. ئۇلار: خەتنە قىلىش، ئەۋرەت تۈكلىرىنى چۈشۈرۈش، بۇرۇتىنى قىرقىش، تىرناقلىرىنى ئېلىش ۋە قولتۇق تۈكلىرىنى يۇلۇش»(12). «قەدىمىي سۈننەت» بۇرۇندىن تارتىپ پەيغەمبەرلەر تۇتۇپ كېلىۋاتقان يول، دېگەن مەنىدە.

خەتنە قىلىشنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇتقان سۈننىتى ئىكەنلىكىنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىسمۇ تەكىتلەيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام سەكسەن يېشىدا كەكە بىلەن خەتنىسىنى قىلغان»(13). بىز «قۇرئان كەرىم»دىكى بىرقانچە ئايەتلەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان.

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «خەتنە قىلىش ئاللاھ تائالا دوستى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى سىنىغان بىرقانچە ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنى تولۇق ئورۇندىغان بولغاچقا، ئاللاھ تائالا ئۇنى خەلقكە پېشۋا قىلغان. بەزى رىۋايەتلەردە ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلغانلارنىڭ تۇنجىسى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، سەھىھ ھەدىستە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سەكسەن يېشىدا خەتنىسىنى قىلغانلىقى دېيىلگەن. ئۇندىن كېيىن خەتنە قىلىش پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەردە داۋاملاشقان. ھەتتا ئىيسا ئەلەيھىسسالاممۇ خەتنىسىنى قىلغان. خىرىستىيانلارمۇ بۇنىڭغا ئىقرار، تانمايدۇ»(14).

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ خەتنە قىلغانلارنىڭ تۇنجىسى بولۇشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇرۇن پەيغەمبەرلەر خەتنە قىلىنغان ھالەتتە تۇغۇلاتتى. باشقا كىشىلەر خەتنە قىلىشقا بۇيرۇلمىغان ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام خەتنە قىلغاندىن كېيىن خەتنە قىلىش بارلىق كىشىلەرگە سۈننەت بولدى. پەقەت خەتنە قىلىنغاندەك تۇغۇلغانلار ئېھتىياج بولمىغاچقا، خەتنە قىلمىسىمۇ بولىدىغان بولدى(15).

بوۋاقنىڭ خەتنىسى قاچان قىلىنىدۇ؟

خەتنە قىلىشنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىدىغان ئېنىق بىر دەلىل يوق. لېكىن، ئالىملارنىڭ بايانلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ خەتنىنى بالا بالاغەتكە يەتمەستە قىلىۋەتسە جائىز هەم مۇستەھەب بولىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز.

لېكىن، بالاغەتكە يەتمەستە ۋاجىبمۇ، ئەمەسمۇ، بۇ مەسىلىدە قاراشلار ئوخشاش ئەمەس. ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ قاتارلىق بەزى ئالىملار: «خەتنە قىلىش بالا بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ۋاجىب بولىدۇ، چۈنكى شەرئىي تەكلىپلەر بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن ۋاجىب بولمايدۇ. لېكىن، ئاتىسى بالىسى بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋېتىشى مۇستەھەب» دەپ قارايدۇ.

سەئىد ئىبنى جۇبەير ئېيتىدۇ: «ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن: ›رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغان چاغدا ئۆزلىرى كىمدەك بار ئىدىلە؟‹ دەپ سورىلىۋىدى، ئۇ: ›مەن ئۇ كۈنلەردە خەتنە قىلىقلىق ئىدىم‹ دېدى. راۋىلاردىن بىرى: ›ئۇلار ئادەتتە ئوغۇل بالىنى بالاغەتكە يەتمىگۈچە خەتنە قىلمايتتى دېدى ‹»(16).

ھاكىم بىلەن بەيھەقىي رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ خەتنىسىنى تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنلىرى قىلغان» دەپ كەلگەن(17).

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ قاتارلىق بەزى ئالىملار: «بالا خەتنىسى قىلىنغان ھالەتتە بالاغەتكە يېتىشى ئۈچۈن بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن خەتنە قىلىش ۋاجىب بولىدۇ. بۇ يەردىكى ۋاجىب بولۇش بالىغا ئەمەس، بالىنىڭ ئاتىسىغا بولىدۇ» دەپ قارايدۇ(18). بۇنىڭغا ئاساسەن، بالا بالاغەتكە يېتىپ بولغۇچە خەتنىسىنى قىلىۋېتىش لازىم.

تېز ساقىيىش، ئاغرىق ھېس قىلماسلىق دېگەندەك تەرەپلەرنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ بالىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىلا خەتنىسىنى قىلىۋېتىش ياخشى. يەنە مۇنداق دېيىشمۇ مۇمكىن: بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە تاماق يېيىش، ھاجەت قىلىش ۋە كىيىم كىيىش قاتارلىق ئىشلاردا ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالايدىغان بولىدۇ. شۇ چاغدا تەربىيە قىلىش ۋە ئەدەب – قائىدە ئۆگىتىش ۋاقتى كېلىدۇ. نامازغىمۇ شۇ چاغدا بۇيرۇلىدۇ. خەتنە تاھارەت ئۈچۈن زۆرۈر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، خەتنىسىنى شۇ چاغدا قىلىش مۇستەھەب بولىدۇ.

ئالىملاردىن يەتتىنچى كۈنى قىلىشنى مۇستەھەب دەيدىغانلارمۇ، سەككىزىنچى كۈنى مۇستەھەب دەيدىغانلارمۇ، ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇلىدىغان يەتتە ياشتىن ئون ياشقىچە ئارىلىقتا مۇستەھەب دەيدىغانلارمۇ بار. ھەنەفىي مەزھەبىدىكى بىر قاراشتا، نامازغا بۇيرۇش تەكىتلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئون ياشقا كىرگەندە مۇستەھەب، دېيىلسە، مەزھەبكە ۋەكىللىك قىلىدىغان قاراشتا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت بېكىتىش يوق، دېيىلگەن. كۆپچىلىك ئالىملار يەھۇدىلارغا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن يەتتىنچى كۈنى خەتنە قىلىشنى مەكرۇھ دەپ قارىغان. خەتنىسى قىلىنغاندەك تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ خەتنىسى قىلىنمايدۇ. خەتنىسى چالا قىلىنغاندەك تۇغۇلغانلارنىڭ خەتنىسى قىلىنىدۇ(19).

ھازىر دوختۇرلار بوۋاق تۇغۇلغان ھامان ياكى بىرىنچى ھەپتىسىدە قىلىۋېتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ چاغدا بوۋاق ئاغرىق ھېس قىلىپ كەتمەيدۇ. بەزى دۆلەتلەردە دوختۇرلار بالا قىرىق كۈنگە كىرگەن چاغلاردا خەتنىسىنى قىلىۋېتىشنى مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ. تۆت ئايلىق بولغاندىن كېيىن چوقۇم قىلىۋېتىش كېرەك دەيدىغانلارمۇ بار.

قانداقلا بولمىسۇن، بۇ مەسىلىدە مۇئەييەن بىر ۋاقىت بېكىتىلمىگەن بولغاچقا، تېببىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن بالىغا ۋە ئائىلىسىگە مۇۋاپىق بىر چاغدا قىلسا بولىدۇ.

خەتنە قىلىنىپ بولغاندەك تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ خەتنىسىنى قىلىش كېرەكمۇ؟

خەتنە قىلىنىپ بولغاندەك تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ خەتنىسىنى قىلىش كېرەك ئەمەس، چۈنكى بۇنداق تۇغۇلغان بوۋاقنى ئاللاھ تائالا ئاشۇنداق يارىتىش ئارقىلىق خەتنە قىلىشتىن قۇتۇلدۇرغان. خەتنە قىلىشتىن بىر قىسىم تېرىنى كېسىش مەقسەت قىلىنغان بولغاچقا، تېرە كېسىكلىك بولسا، ئۇستىرىنى خەتنە قىلىنىدىغان جايغا سۈركىۋېتىشمۇ كېرەك ئەمەس. پەقەتلا چالا خەتنە قىلىنغاندەك تۇغۇلغان ئەھۋالدىلا چالا قالغىنىنى كېسىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەگەر چوڭ بىر كىشى خەتنە قىلىنماي ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلىش ۋاجىب ئەمەس. چۈنكى، ئۆلۈم بىلەن ئۇنىڭدىن ۋاجىبلىق كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بولىدۇ. بەزى ئالىملار مۇستەھەب دەپ قارىغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئۆلۈپ قالغان كىشىنىڭ خەتنىسى قىلىنمايدۇ.

بىر بوۋاقنىڭ خەتنە قىلىنىپ بولغاندەك تۇغۇلغانلىقى ئۇنىڭ سالىھلىقى ياكى ناچارلىقىغا دالالەت قىلمايدۇ. بۇ ھەقتە كىشىلەر ئارىسىدا تارقالغان ھەر خىل ئېتىقادلارنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەتنە قىلىنىپ بولغاندەك ھالەتتە تۇغۇلغانلىقى ياكى پەرىشتىلەرنىڭ كۆكرىكىنى يارغاندا خەتنىسىنى قىلغانلىقى زەئىف ھەدىسلەردە كەلگەن بولسىمۇ، ئىمام ئىبنۇلقەييىم قاتارلىق بەزى مۇھەققىق ئالىملار «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بوۋىسى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ قولىدا يەتتە يېشىدا خەتنىسى قىلىنغان» دېگەن قاراشنى تەرجىھ قىلىدۇ.

خەتنە توي مەرىكىسى قىلىش

خەتنە قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن تاماق تەييارلاپ زىياپەت بەرسە، ئىسراپ قىلمىغان ھالدا خەتنە توي مەرىكىسى قىلسىمۇ بولىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار توي مەرىكىسى قىلىشنى مۇستەھەب دەپ قارايدۇ(20). چۈنكى، خەتنە توي مەرىكىسى جاھىلىيەت دەۋرىدە بار بولۇپ، ئىسلامىيەت ئۇنى چەكلىۋەتمىگەن. ئۇنى يا چەكلەش، يا تەشەببۇس قىلىش ھەققىدە بىرەر ھەدىس كەلمەي، شۇ ھالىتىدە قويۇپ قويغان. بۇ ئارقىلىق ئومۇمەن مۇباھ دائىرىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. لېكىن، سەلەفلىرىمىزدىن بەزى ئىش – ئىزلار كەلگەن بولۇپ، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قاتارلىق ساھابەلەرنىڭ خەتنە توي مەرىكىسى قىلغانلىقى مۇستەھەبلىكنى كۆرسىتىدۇ.

سالىم مۇنداق دېگەن: «ئاتام ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مەن بىلەن نۇئەيمنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ، بىز ئۈچۈن بىر قوچقار سويدى. بىز شۇ چاغدا ›بىزگە بىر قوچقار سويدى‹ دەپ داملانغان ئىدۇق»(21).

سەئىد ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دەيدۇ: مەكھۇل نافىدىن:

— ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بالىسىنى خەتنە قىلغانلارنىڭ زىياپىتىگە بارامتى؟ — دەپ سورىۋىدى، ئۇ:

— ھەئە، — دەپ جاۋاب بەردى.(22)

ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ توغرىسىدا سورالغىنىدا: «خەتنە توي زىياپىتى جائىزدۇر، خاھلىغانلار قىلىدۇ، خاھلىغانلار قىلمايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن(23).

دېمەك، خەتنە توي قىلىشنى دىنىمىز ئالاھىدە تەشەببۇس قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردىكى خەتنە توي ئادىتى سەلەفلىرىمىزنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئادەت ئىسلامنىڭ ئالاھىدە بىر سۈننىتى ۋە ئالامىتى بولغان خەتنە قىلىش پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جامائەتكە زىياپەت بېرىش مۇستەھەب ئىش.

خەتنە توي قىلغاندا مەجبۇرىي پۇل يىغىپ، خىجىل قىلىش ۋە ئىسراپخورلۇق قىلىش قاتارلىق چەكلەنگەن ئىشلار يۈز بېرىدىغان بولسا، بۇ سەۋەبتىن، چەكلىنىدۇ.

قىز بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەبىدە قىز بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىشنىڭ ھۆكمى ۋاجىب. باشقىلارنىڭ قارىشىدا ۋاجىب ئەمەس، بەلكى سۈننەت ياكى مۇستەھەب(24).

بىرقانچە يىل ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئىسلام دۇنياسىدا چوڭ غۇلغۇلا قوزغىلىپ، ھازىر سەل بېسىقىپ قالدى. بۇ غۇلغۇلا قىز بالىنىڭ خەتنە قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئىزدىنىشكە، چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا تۈرتكە بولدى. ھازىرقى زامان ئالىملىرىمۇ بۇ مەسىلىدە بىردەك قاراشقا كېلەلمەي، بەزىلەر يۇقىرىقى قاراشلارنى تاللاپ، بۇنىڭغا دەلىل كۆرسەتسە، يەنە بەزىلەر: ۋاجىب، دېگەن ياكى سۈننەت ئەمەس دەپ قارىغان.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قەدىمىي سۈننەت بەشتۇر. ئۇلار: خەتنە قىلىش، ئەۋرەت تۈكلىرىنى چۈشۈرۈش، بۇرۇتىنى قىرقىش، تىرناقلىرىنى ئېلىش ۋە قولتۇق تۈكلىرىنى يۇلۇش»(25).

ئەگەر خەتنە قاتارلىق بەش ياكى ئون تۈرلۈك ئىشنى سۈننەت دېگەن بۇ ھەدىستىكى خەتنە قىلىشنى ئوغۇل – قىز ھەممىسىگە ئورتاق دەپ قارىساق، قىز بوۋاقنىڭ خەتنىسىنى قىلىشنىڭ ھۆكمى مۇستەھەب ياكى ۋاجىب دېگەن ھۆكۈم چىقىشى مۇمكىن.

ئىسلامىيەت كەلگەن چاغلاردا ئەرەبلەردە قىزلارنى خەتنە قىلىش ئادىتى بار ئىدى. ساھابە – كىراملارنىڭمۇ بۇ ئىشنى يوللۇق دەپ قارايدىغانلىقىغا دائىر رىۋايەتلەرمۇ بار. بىر ھەدىستە كېلىشىچە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەدە خەتنە قىلىدىغان بىر ئايالغا: «ئوي ئېلىۋەتمەي، ئازغىنە شىلىپ ئېلىڭ» دېگەن(26).

ۋاجىب دېگەن ياكى مۇستەھەب ئەمەس دەپ قارىغان ئالىملار مۇنداق دېگەن: «قىز بوۋاقنىڭ خەتنىسىنى قىلىش توغرىسىدا بىرەر ئوچۇق بۇيرۇق ياكى ئېنىق كۆرسەتمە كەلمىگەن بولۇپ، ۋاجىبلىقلىقىغا ياكى سۈننەتلىكىگە دەلىل قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئۇنىڭغا ئېنىق دالالەت قىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قىز بوۋاقنىڭ خەتنىسىنى قىلىشقا دەلىل دەپ قارالغان پۈتۈن ھەدىسلەر زەئىف بولۇپ، ئۇنىڭدىن سۈننەت ياكى ۋاجىب دېگەن شەرئىي ھۆكۈم چىقمايدۇ. قىز بوۋاقنىڭ خەتنىسىنى قىلىش ئەرەب دىيارلىرىدا، شۇنداقلا ئافرىقىدىكى بەزى جايلاردا قىلىنىپ كېلىۋاتقان بىر ئادەت.

يەنە بەزىلەر ئىسسىق، سوغۇق بەلباغ ئىقلىملىرىنى ئايرىپ قاراپ، ئايال كىشىنىڭ جىسمانىي يېتىلىش ئەھۋالىغا قاراپ ئايرىغان ۋە بەزى بەلباغلاردا تاناسىل ئەزاسىدىكى دىلچىق ئۇزۇنراق ئۆسىدۇ. شۇڭا، ئازراق يونۇپ، شىلىۋېتىش ئېھتىياجى بولىدۇ، باشقا جايلاردا ئۇنداق ئېھتىياج يوق، دەپ قارىغان. بۇ قاراشنى ئىلگىرىكى مالىكىي مەزھەب فەقىھلىرىمۇ توغرا تاپقان ۋە: «ئەرەب دىيارلىرىنىڭ شەرقىدىكى ئاياللاردا بۇ نەرسە ئۇزۇنراق يارىتىلىدىغان بولغاچقا، خەتنە قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. غەربىدىكى ئاياللاردا ئۇنداق بولمىغاچقا، خەتنە قىلىشقا بۇيرۇلمايدۇ. بۇ خۇددى خەتنىسى قىلىقلىق تۇغۇلغان ئوغۇل بالىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ» دېگەن(27).

مەلۇمكى، ئاياللارنى خەتنە قىلىشتا ئالدى ئەۋرىتىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى دىلچىقنىڭ تېرىسى ئازراق شىلىۋېتىلىدۇ. ئەگەر چېكىدىن ئاشۇرۇپ زەخىملەندۈرگەن ياكى پۈتۈن كېسىپ ئېلىۋەتكەن ئەھۋالدا جىنايەت شەكىللىنىدۇ. مىسىر ۋە سۇدان قاتارلىق ئافرىقا ئەللىرىدە ئىنتايىن ئوي كېسىۋېتىدىغان ئادەت بولۇپ، بۇنىڭ ئاياللارنىڭ جىسمانىي، روھىي ھەم جىنسىي تۇرمۇشىغا زىيىنى ئېغىر بولغانلىقتىن، بۇ تۈرلۈك ئوي كېسىپ خەتنە قىلىش ئۇسۇلىنى چەكلەپ، ئالاھىدە قانۇن چىقىرىلغان. قانداقلا بولمىسۇن، ھەنەفىي مەزھەبى بۇنى سۈننەت دېگەن بولسىمۇ، دىيارىمىزدا بۇنداق ئادەت بارلىقىنى ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىدىم. بەلكىم جۇغراپىيىلىك بەلباغ ئوخشىماسلىقى كۆزدە تۇتۇلغان بولسا كېرەك. لېكىن، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا: «پەچەل — پىچىلغان. سۈننەت قىلىنغان خوتۇن، ئاختا قىلىنغان ئەركەك. پىچىپ تاشلانغان ئات ۋە باشقا ھايۋانلار»(28) دېيىلگەن ئىبارىنى ئۇچراتتىم ۋە بەلكىم قەدىمقى دەۋرلەردە قىزلارنى خەتنە قىلىش دىيارىمىزدىمۇ بار بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.

يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، قىز بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىشقا بۇيرۇغان بىرەر سەھىھ كۆرسەتمە يوق. شۇڭا، ئۇنىڭ ھۆكمى ۋاجىبمۇ ئەمەس، سۈننەتمۇ ئەمەس، بەلكى ئېھتىياج تۇيۇلغان بەلباغلاردا ئازغىنە شىلىۋېتىش بىلەن كۇپايىلىنىپ چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمىگەن ئەھۋالدا مۇستەھەب ئىش دېگىلى بولىدۇ. ئەمما، ئېھتىياج تۇيۇلمىغان جايلاردا مۇستەھەب ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىز بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىشقا بۇيرۇمىغان. مەدىنەدىكى بۇ خىل ئادەتنى كۆرگەندە ئۇنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمىگەن ھالەتتە قىلىشقا كۆرسەتمە بەرگەن، لېكىن ئۇنىڭغا تەرغىب قىلمىغان. شۇڭا، ئادەتلەنمىگەن دىيارلاردا قىلمىسىمۇ بولىدۇ. ئادەتلەنگەن دىيارلاردا بولسا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمىگەن ھالەتتە قىلسا مەيلى.

ھازىرقى زامان مېدىتسىنا تەتقىقاتچىلىرىدىن بەزىلىرى بۇ ئىشنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، يەنە بەزىلەر بۇنىڭ ئۆلچەملىك ئېلىپ بېرىلغان ئەھۋالدا قىز بالىغا ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە. كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئەرەب ۋە ئىنگلىز دوختۇرلارمۇ بار. دېمەك، دوختۇرلارمۇ «بۇ ئىش ئاياللارغا زىيانلىق» دەپ بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن. لېكىن، ئوي كېسىۋېتىشنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ چەكلىگەن، دوختۇرلارمۇ زىيانلىق دەپ قارىغان.

بۇ كۆپلىگەن ھەنەفىي ۋە مالىكىي ئالىملارنىڭ قارىشىنىڭ خۇلاسىسى بولۇپ، بەلكىم دىيارىمىزدا ۋە بىر قىسىم دىيارلاردا بۇنداق بىر ئىشنىڭ يوقلۇقى بەلباغ ۋە ئېھتىياجغا قاراپ ئىش تۇتقانلىق بولسا كېرەك.

بۆشۈك توي مەرىكىسى قىلىش

بۆشۈك تارىختىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بوۋاقلار ئۈچۈن ئالاھىدە لايىھەلىنىپ ياسالغان ۋە ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن بوۋاق كارىۋىتى بولۇپ، ئۇيغۇر، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان. ئۇنى ئەرەبچە «مھد» دەپ ئاتايدۇ. بۇ سۆز ئەرەبچىدە «تىنچ ۋە سۈكۈناتتا ئارام ئېلىشى ئۈچۈن بوۋاققا تەييارلانغان جاي» دېگەن مەنىدە. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋاق چېغىدا كىشىلەرگە سۆز قىلغان ھالىتى «ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا»، «يېتىشقا راسلانغان جايدا»، «ئىلەڭگۈچتە» ۋە «بۆشۈكتە» دەپمۇ تەفسىر قىلىنغان(29). سەھىھ ھەدىستە «پەقەت ئۈچ بوۋاقلا بۆشۈكتە تۇرۇپ سۆزلىگەن» دېىلگەن. بۇ ھەدىستىكى بۆشۈكتىنمۇ ئۇيغۇرچىدىكى بۆشۈك كۆزدە تۇتۇلۇش ئېھتىمالى بار (30).

ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتى بويىچە، ياتلىق قىلىنغان قىزنىڭ تۇنجى تۇغۇتى ئۆز ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ قىرىقى توشۇپ بوۋاقنى بۆشۈككە سېلىشتىن ئىلگىرى قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۆز ئائىلىسىدە «بۆشۈك توي مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. مېھمانلار ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن قۇدىلار كېلىن بىلەن نەۋرىسىنى يۆتكەپ ماڭىدۇ. قىسقىسى، بۆشۈك توينىڭ ماھىيىتى سالامەت يەڭگىۋالغان كېلىننى ئۆز ئۆيىگە يۆتكەپ كېلىشتىن ئىبارەت بولغان بىرخىل مۇراسىمدۇر.

بەزى جايلاردا بۇ مۇراسىمدا بۆشۈك ھويلىدىن چىققاندا ئۇنىڭغا ئىسرىق سالىدۇ، كېلىن بىلەن بوۋاقنىڭ بېشىدىن ئىسرىق ئۆرۈيدۇ. لېكىن، دىنىمىزدا بۆشۈك تويغا ئالاقىدار بىرەر كۆرسەتمە كەلمىگەن. شۇڭا، بۇ پەقەتلا ئۆرپ – ئادەتكە ئالاقىدار ئىش بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئىسرىق سېلىش ۋە ئىسراپخورلۇق قىلىشقا ئوخشىغان ئىشلار بولىدىغان بولسا چەكلىنىدۇ، بولمىسا جائىز.

 

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

ھ. 1431، 15 – رامازان / م. 2010، 24 – ئاۋغۇست

—————
1. ئىبنۇلقەييىم: «تۇھفەتۇل ۋەدۇد»، 1/135.
2. دەينۇرىي: «ئەلمۇجالەسە ۋە جەۋاھىرۇل ئىلم»، (933) ئاخىرىغا قاراڭ.
3. «ئەلمۇستەدرەك»، (4826). ھاكىم «سەھىھ» دېگەن.
4. «بۇخارىي»، (5472).
5. «ئەبۇ داۋۇد»، (2838). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
6. ئىككى سۆز ئوتتۇرىسىدا مەلۇم مۇناسىۋەت بولسا، قولايلاشتۇرۇش جەھەتتىن ئىككىسىنى بىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتىۋېتىش ئۇسۇلى. بۇ ئەرەب تىلىدا كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر ئۇسۇل. مەسىلەن: «ئاتا – ئانا»نى «ئاتا» دېگەن مەنىدىكى «أب (ئەب)» كەلىمەسى بىلەنلا «ئەبەۋەين»، قۇياش بىلەن ئاينى «ئاي» دېگەن مەنىدىكى «قمر (قەمەر)» كەلىمەسى بىلەنلا ئىپادىلەپ «قەمەرەين» دېگەنگە ئوخشاش.
7. «مالىك»، (1067)؛ ئەبۇ داۋۇد: «ئەلمەراسىيل»، (380). مۇرسەل ھەدىس.
8. «تىرمىزىي»، (1519). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
9. «ئەبۇ داۋۇد»، (2843). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
10. «ئىبنى ھىببان»، (5308). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
11. ئىبنۇلقەييىم: «تۇھفەتۇل ۋەدۇد»، 1/71.
12. «بۇخارىي»، (5891).
13. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3356)؛ «مۇسلىم»، (2370).
14. ئىبنۇلقەييىم: «تۇھفەتۇل ۋەدۇد»، 1/158.
15. موللا ئەلى قارىي: «مىرقاتۇلمەفاتىيھ»، 8/321.
16. «بۇخارىي»، (6299).
17. «ئەلمۇستەدرەك»، 1/371؛ ئىبنۇلمۇلەققىن: «ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 8/751.
18. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 1/371؛ ئىبنۇلقەييىم: «تۇھفەتۇل ۋەدۇد»، 1/182.
19. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 19/28 – 30.
20. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 19/31.
21. ئىمام بۇخارىي «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (1246). سەنەدى «ھەسەن».
22. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەلئىيال»، 2/786. سەنەدى «سەھىھ».
23. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 32/206.
24. «فەتھۇل قەدىر»، 1/63؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 1/366؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/63؛ ئەلقەرەۋىي: «الخلاصة الفقهية على مذهب السادة المالكية»، 1/269.
25. «بۇخارىي»، (5891).
26. «ئەبۇ داۋۇد»، (5271). كۆپچىلىك «زەئىف» دەپ قارىغان. ئالبانىي قاتارلىقلار باشقا رىۋايەتلەرنىڭ جۇغلانمىسىغا تايىنىپ «سەھىھ» دېگەن.
27. ئىبنۇلھاج: «ئەلمەدخەل»، 3/296.
28. «تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1/510.
29. «تەفسىرۇ ئەلبەھرۇل مۇھىت»، 6/177؛ «ئەددۇررۇل مەنسۇر»، 5/508؛ ئەلۇسىي: «رۇھۇل مەئانىي»، 16/88.
30. «بۇخارىي»، (3436)؛ ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 16/24.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ