قۇربانلىق پۇلىنى باشقا جايغا ئەۋەتمەكچى بولغاندا قايسى جاي باھاسى بويىچە بولىدۇ؟

قۇربانلىق پۇلىنى باشقا جايغا ئەۋەتمەكچى بولغاندا قايسى جاي باھاسى بويىچە بولىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن تۈركىيەدە، قۇربانلىق پۇلىنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتمەكچى، پۇلنى قايسى دۆلەتنىڭ باھاسى بويىچە ھېسابلايمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

كىشى ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا يالغۇز بولغاچقا، قۇربانلىق قىلىش قىيىن بولسا، ياكى باشقا جايدىكى ئائىلىسى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى قۇربانلىق گۆشىگە موھتاج بولسا، ياكى بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكىدەك قۇربانلىق قىلىشقا رۇخسەت قىلمايدىغان ئەھۋال بولسا، قۇربانلىق پۇلىنى باشقا جايغا ئەۋەتىپ، قۇربانلىق قىلىش ئىشىدا باشقىلارنى ۋەكىل قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق قىلغاندا مەيلى قايسى يەردە بولمىسۇن يەنىلا قان ئېقىتىپ قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ئىبادەت ۋۇجۇدقا چىققان بولىدۇ.

باشقا جايدىكى ئائىلە ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى موھتاج بولغان ئەھۋالدا ئۇلارغا قۇربانلىق پۇلىنى ئەۋەتسە، ئۇلار قۇربانلىق قىلسا ئەۋزەل. چۈنكى، بۇ قۇربانلىق بىلەن بىللە سىلە – رەھىم بولىدۇ.

ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى قۇربانلىق مال باھاسى ئوخشاش بولمايدۇ. قۇربانلىق پۇلىنى باشقا جايغا ئەۋەتكەندە قايسى جاينىڭ باھاسىنى ھېساب قىلىش ھەققىدە بىرەر كۆرسەتمە ياكى بىرەر ئالىمنىڭ پەتۋاسىنى ئۇچراتمىدىم. بەزىدە تۇرۇۋاتقان جايدىن باشقا جايغا پۇل ئەۋەتكەن تەقدىردە، بىر قوينىڭ پۇلىغا ئىككى قوي كېلىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ، لېكىن بۇ يەردە مەقسەت قۇربانلىق قىلىش بولغاچقا، مەيلى قايسى جايدا قۇربانلىق قىلىنسا بۇ ئىبادەت ئادا بولىدىغان بولغاچقا، قۇربانلىق قىلىنىدىغان جايدا قۇربانلىق شەرتىگە توشىدىغان بىر مال كېلىدىغان پۇل بولسا بولۇۋېرىدۇ. شۇڭا، پۇلنى بەلگىلەشتە قۇربانلىق مال سېتىۋېلىنىپ قۇربانلىق قىلىنىدىغان جاينىڭ باھاسى ھېساب قىلىنسا بولىدۇ.

بەزىدە تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئىككى قوينىڭ پۇلىغا قۇربانلىق قىلماقچى بولغان جايدا بىر قوي كېلىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدىمۇ قۇربانلىق قىلىنىدىغان جاينىڭ پۇلىنى ئەۋەتىش لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا قۇربانلىق سېتىۋېلىنماي قۇربانلىق قىلىنماي قالىدۇ. ياكى ئۆلچەمگە توشمايدىغان مال كېسىلىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 8 – زۇلقەئدە / م. 2011، 6 – ئۆكتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 173 – پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ