قۇش، ھايۋانلارنىڭ قېنىنى بەدەنگە ئېقىتىپ داۋالىنىش

سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم، ئادەتتە، بەزى ھايۋانلارنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق، شۇڭا، بەزى كىشىلىرىمىز ئۇلارنىڭ قىنىنى پۇت – قول ئاغرىقلىرىغا شىپا دەپ قاراپ، بوغۇزلاپ بەدەن سىرتىدىن ئاققۇزىدۇ. بۇ بولامدۇ – بولمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن قاننى يەپ – ئىچىش ئادەتتىكى ئىختىيارىي ئەھۋالدا ھارام بولۇپ، ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغاندا ھالال.

ئىمام ئىبنى قۇدامە دەيدۇ: «بارلىق ئالىملار ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ ھاراملىقىدا، مەجبۇر بولۇپ قالغاندا ئۇنىڭدىن يېسە مۇباھ بولىدىغانلىقىدا بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن. باشقا بارلىق ھارام قىلىنغان نەرسىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش».([1])

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: [ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان نەرسىلەرنىڭ پاكلىرىدىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە پەقەتلا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن باشقىسىغا بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى ئاچلىقتىن مەجبۇر بولۇپ قېلىپ كۆڭلى خالاپ ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا، ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ].([2])

يەنە مۇنداق دېگەن: [كىمكى گۇناھنى خالاپ ئەمەس، ئاچلىقتىن مەجبۇر بولۇپ قالسا، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئىنتايىن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر].([3])

دېمەك، ھارام قىلىنغان ماددىلارنى ئىستېمال قىلىش زۆرۈرىيەت بولمىغاندا ھارام. شۇڭا، باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قان سېلىپ داۋالاشقا بولىدۇ.

ئەمدى ئىنسان ھاياتىنى قۇتقۇزۇشتىن باشقا ئادەتتىكى داۋالىنىشلاردا قان بىلەن داۋالانسا بولامدۇ دېگەن مەسىلىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئىككى خىل:

بىرىنچى قاراشتا: قان ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ھارام نەرسىلەردە داۋالىنىش ھارام، چۈنكى ئۇنىڭدا شىپالىق يوق. بۇلارنىڭ دەلىلى: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاراق توغرىسىدا: «ئاللاھ سىلەرنىڭ كېسىلىڭلارنىڭ شىپاسىنى سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەردە قىلمىغان» دېگەن.([4])

ئىككىنچى قاراشتا: ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ھالال دورا بولمىسا، ھارام بىلەن داۋالىنىش ھالال بولىدۇ. بۇ قاراش بويىچە ئىمام نەۋەۋى يۇقىرىقى ھەدىسكە قارىتا مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ: «نىجىس نەرسىلەرنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان پاك دورا بولمىسا، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن داۋالىنىش ھالال بولىدۇ، ئەگەر پاك دورا تېپىلسا نىجىس بىلەن داۋالىنىش بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ھارام بولىدۇ. (ئاللاھ سىلەرنىڭ كېسىلىڭلارنىڭ شىپاسىنى سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەردە قىلمىغان) دېگەن ھەدىسنىمۇ مۇشۇ مەنىدە چۈشىنىمىز. دېمەك، ئۇ باشقا پاك دورا بار بولغان ئەھۋالدا ھارام. پاكنى تاپالمىغاندا ھارام ئەمەس».([5])

ئىمام ئەلئىز ئىبنى ئابدۇسسالام مۇنداق دەيدۇ: «نىجىس نەرسىلەرنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان پاك دورا بولمىسا، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن داۋالىنىش ھالال بولىدۇ، چۈنكى تەن سالامەتلىك ۋە ساغلاملىق پايدىسى نىجىس نەرسىدىن نېرى تۇرۇش پايدىسىدىن چوڭراق».([6])

يۇقىرىقى ھۆكۈم قان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نىجىس نەرسىلەرنى يەپ – ئىچىش ھەققىدە كەلگەن بولۇپ، بەدەنگە ئېقىتىپ ئىشلىتىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشمۇ؟ ھارام ماددىلارنى بەدەنگە ئېقىتىپ داۋالىنىشقا بولامدۇ؟

مەلۇمكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە قان ئالدۇرۇپ داۋالىنىش بار ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قان ئالدۇرغان.

تاۋۇس رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قان ئالدۇرۇپ، قان ئېلىپ قويغان كىشىگە ئىش ھەققى بەرگەن، بۇرنىغا دورا تېمىتقان.([7])

ئاشۇ تەرىقىدە قان ئالدۇرغان ئەھۋالدا قان يا قان ئالدۇرغان كىشىنىڭ يا قان ئېلىپ قويغۇچىنىڭ بەدىنىگە يۇقۇپ كېتەتتى، بۇنداق ئەھۋالدا، يۇيۇپ تازىلىۋەتسە بولاتتى.

ئۇنداق بولغان ئىكەن، قاننى يەپ – ئىچىپ ئىستېمال قىلىش بىلەن بەدەنگە تەگكۈزۈش پەرقلىق ھەم بەدەنگە تەگكۈزۈش يەڭگىل بولۇشى كېرەك.

ئىمام ئىبنى تەيمىيە قان ئېلىپ قويىدىغان كىشىنىڭ قولى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئەمدى ئۇنىڭ قولىغا كەلسەك، ئەگەر ئۇنىڭدا نىجاسەت بولمىسا، ئۇنىڭ قولى باشقا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئوخشاش بولۇپ، خۇددى ئىستىنجا قىلغاندا قول مەينەت بولۇپ قالسا ئارقىدىن يۇيۇۋەتسە زىيىنى بولمىغاندەكلا قولىنى يۇيۇۋەتسە قان بىلەن شالتاق بولغىنىنىڭ زىيىنى بولمايدۇ».([8])

بۇنىڭغا ئاساسەن داۋالىنىش ئېھتىياجى ئۈچۈن قۇش، ھايۋانلارنىڭ قېنىنى بەدەنگە ئېقىتىپ داۋالىنىشقا بولىدۇ. كېيىن بەدەننى پاكىز يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011 – 10 – 8
——————
([1]) «المغني»، 9/330.
([2]) «بەقەرە» سۈرىسى، 172 – 173 – ئايەتلەر.
([3]) «مائىدە» سۈرىسى، 3 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([4]) «بۇخارى»، «تاتلىق – شىرىن ھالۋىلار بىلەن ھەسەل ئىچىش توغرىسىدا» دېگەن باب.
([5]) «المجموع»، 9/45.
([6]) «قواعد الأحكام»، 1/81.
([7]) «بۇخارى»، 5691 – ھەدىس.
([8]) «مجموع الفتاوى»، 30/191.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز