توشقان گۆشى ھالالمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن توشقان گۆشىگە ئامراق ئىدىم. بىراق، بەزىلەر ئۇنى ھارام دەپ قارايدىكەن. بەزىلەر: «توشقاننىڭ سۈيدۈكى ئىشەكنىڭ سۈيدۈكىگە ئوخشايدۇ» دېدى. يەنە بەزىلەر: «توشقان ھەيز كۆرىدىغان بولغاچقا، ئۇنى يېسە بولمايدۇ» دەپ قارايدىكەن. شۇڭا، ئۇستازنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ باقاي دېگەن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

توشقان گۆشى ھالال. ھىشام ئىبنى زەيد ئىبنى ئەنەس ئىبنى مالىك رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ بوۋىسى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىز «مەررىززەھران» دېگەن جايدا بىر توشقاننى قاچۇرۇپ قويدۇق. كىشىلەر خېلى يۈگۈرۈپ بېقىپ، ئۇنى تۇتالماي ھېرىپ قېلىشقاندا مەن ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋالدىم. ئۇنى ئەبۇ تەلھەگە ئېلىپ كەلسەم، ئۇنى بوغۇزلاپ ئىككى سېنىنى – ياكى ئىككى قولىنى – رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى قوبۇل قىلدى.([1])

ئىمام نەۋەۋى دېدى: «توشقان گۆشىنى يېيىش مالىك، ئەبۇ ھەنىفە، شافىئىي، ئەھمەد ۋە بارلىق ئۆلىمالار نەزىرىدە ھالالدۇر، پەقەتلا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن ئىبنى ئەبى لەيلا ئىككىيلەندىن مەكروھ دەپ قارىغانلىقى ئېيتىلغان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ دەلىلى مۇشۇ ھەدىس ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەدىسلەردۇر، ئۇنى چەكلەش توغرىسىدا بىرەر سەھىھ دەلىل ئىسپاتلانمىغان».([2])

ئىمام كەرخى مۇنداق دېگەن: «ئىماملىرىمىز توشقان گۆشىنى يېسە بولىدۇ، ئۇ يىرتقۇچمۇ ئەمەس، تاپ يەيدىغان ھايۋانلاردىنمۇ ئەمەس، دەپ قارايدۇ».([3])

دىيارىمىزدىكى بەزى نادان كىشىلەردىن ئاڭلىشىمچە: توشقاننى يىلدا بىر قېتىم يەپ قويسا بولارمىش، ئۇندىن كۆپ يېسە بولمايمىش. بۇنىڭغا ئوخشىغان ئاساسى يوق گەپلەر كۆپ.

يەنە بەزىلەر: توشقاننى ھەيز كۆرىدىغان بولغاچقا، ئۇنى يېسە بولمايدۇ، دېيىشىدۇ.

ئەسلىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توشقاننى ھەيز كۆرىدىغانلىقى سەۋەبىدىن يېمىگەنلىكى ھەققىدە بەزى ھەدىسلەر كەلگەن بولسىمۇ بۇ ھەدىسلەر ئاجىز.([4])

ھافىز ئىبنى ھەجەر دەيدۇ: «بۇ رىۋايەتلەر سەھىھ بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدا مەكروھلۇققا دەلىل يوق».([5])

ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئىدۇق، ئەئرابىيلاردىن بىرى ئۇنىڭغا بىر توشقان ھەدىيە قىلىۋىدى، بىز ئۇنى يېسەك، ھېلىقى ئەئرابىي: مەن ئۇنىڭدا قان كۆردۈم، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «چاتاق يوق» دېدى.([6])

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەيد ئىبنى ئۇمەير رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر كىشى ئۇنىڭ ئاتىسىدىن توشقان توغرىسىدا سورىۋىدى، ئۇ: يېسە بولىدۇ، دېدى. ھېلىقى كىشى: ئۇ ھەيز كۆرىدۇ، دېۋىدى، ئاتام: ئۇنىڭ ھەيزىنى بىلگەن زات پاكلىقىنىمۇ بىلىدۇ، ئۇ ھامىلىدارلاردىن بىرى خالاس، دېدى.([7])

ئابدۇللاھ تابىئىنلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇبەيد رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا تۇغۇلغان چوڭ تابىئىي، بەزىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرگەن دەپمۇ قارايدۇ.

ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ھالال دېگەن نەرسە ھالالدۇر، ھېچكىمنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ ئورنىدا بىر نەرسىنى ھارام ياكى ھالال دەۋېلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011 – 9 – 6

———————————-
([1]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 5535 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1953 – ھەدىس.
([2]) «شرح صحيح مسلم»، 13/105.
([3]) «عمدة القاري»، 21/136.
([4]) «عمدة القاري»، 21/136 – بەتكە قارالسۇن.
([5]) «فتح الباري»، 9/662.
([6]) «مصنف ابن أبي شيبة»، 5/117 – بەت. 24277 – ھەدىس.
([7]) «مصنف ابن أبي شيبة»، 5/117 – بەت. 24275 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز