بۇ مىراس قانداق تەقسىملىنىدۇ؟

بۇ مىراس قانداق تەقسىملىنىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، 9 پۇڭ يەر بار. بوۋاي ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدا بۇ يەر تەڭ بۆلۈنسۇن دەپ ئاغزاكى ۋەسىيەت قىلغان، ئىككى قىز، ئۈچ ئوغۇل بار. ھەممىسى ئۆي ئوچاقلىق بولغان. موماي ھەم بار.

موماي (بۇ بەش بالىنىڭ ئاپىسى) ھايات بولغاچقا، مىراس بۆلۈنمىگەن. كېيىن ئىككى قىز ۋاپات بولۇپ چوڭ قىزىدىن بىر قىز بالا قالغان. كىچىك بىر قىزىدىن ئۈچ بالا قالغان. كېيىن مومايمۇ ۋاپات بولغان. ئەمدى مىراسخورلار: بۇ بوۋاي – موماينىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە ۋاپات بولۇپ كەتكەن چوڭ قىزنىڭ قىز بالىسى ۋە ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىچىك قىزنىڭ ئۈچ بالىسى قالدى.

سوئال: چوڭ قىزدىن قالغان بىر قىز نەۋرە مىراسقا قانداق ۋارىسلىق قىلىدۇ؟ كىچىك قىزدىن قالغان ئۈچ نەۋرە مىراسقا قانداق ۋارىسلىق قىلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

سۆزىڭىزدىن مەلۇمكى، بوۋاي ۋاپات بولغان، 9 پۇڭ يەر قالدۇرۇپ كەتكەن، ئۇنى تەڭ بۆلۈنسۇن دەپ ۋەسىيەت قىلغان، مىراسخورلار: ئىككى قىز، ئۈچ ئوغۇل پەرزەنت ۋە ئايالى. ئايالى ھايات چاغدا مىراس تەقسىم قىلىنماي كېيىن ئىككى قىز ۋاپات بولغان، چوڭى بىر قىز پەرزەنت، كىچىكى 3 پەرزەنت قالدۇرغان، كېيىن بوۋاينىڭ ئايالىمۇ ۋاپات بولغان.

بۇ ئەھۋالدا بىز بوۋاي قالدۇرغان يەر بىلەن باشقا قالدۇرغان مال – مۈلۈكلەرنىڭ ھەممىنى ئۆلۈپ كەتكەن ئىككى قىز ۋە موماي ھاياتتەكلا تەقسىم قىلىمىز.

ئەمما، ۋاپات بولغۇچى جەمئىي تۆت بولۇپ، بۇ ۋەقەدە تۆۋەندىكىدەك 4 باسقۇچلۇق مىراس بۆلۈش شەكىللىنىدۇ. ۋاپات بولغۇچىلارنىڭ تۇغقانلىرى ۋە بەزى پەرزەنتلىرىنىڭ جىنسى ئېنىق ئەسكەرتىلمىگەچكە، بەزى باسقۇچلارنى بىرقانچە خىل مۇلاھىزە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

1 – باسقۇچ: بوۋاي ۋاپات بولغان چاغدا 9 پۇڭ يەر قالغان بولۇپ، مىراس ئىگىلىرىنىڭ نېسىۋىلىرى تۆۋەندىكىچە:

موماي مېيىتنىڭ ئايالى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەرز ئىگىسى ھېسابلىنىپ، مېيىتنىڭ پەرزەنتلىرى بار بولغاچقا، ئومۇمىي مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرىنى ئالىدۇ.

ئېشىپ قالغان مىراسنى ئۈچ ئوغلى بىلەن ئىككى قىزىغا، بىر ئوغۇلغا ئىككى ھەسسە، بىر قىزغا بىر ھەسسە قىلىپ تەقسىم قىلىمىز.

جەريانى مۇنداق: ئومۇمىي مىراسنى 24 ئۈلۈشكە بۆلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ سەككىزدىن بىرى بولغان 3 ئۆلۈشنى مېيىتنىڭ ئايالىغا، قالغان 21 ئۈلۈشنى قىز – ئوغۇللارغا، بىر ئەر ئىككى ئايالنىڭ باراۋېرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ.

2 – باسقۇچ: مېيىتنىڭ چوڭ قىزى ۋاپات بولغان چاغدا ئىككى خىل ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن.

بىرىنچى، ئۇنىڭ ئانىسى، بىر قىزى ۋە ئۈچ بىر تۇغقان (ئاتا – ئانا بىر) قېرىنداشلىرى بولۇپ يولدىشى بولمىسا، قالدۇرغان مىراسى تۆۋەندىكىدەك تەقسىم قىلىنىدۇ:

ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى، بىر قىزىغا يېرىمى بۆلۈپ بېرىلىدۇ. چوڭ قىزنىڭ ئانىسى بىلەن سۇلبى قىزى(1) نېسىۋىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنى چوڭ قىزنىڭ ئۈچ بىر تۇغقان قېرىندىشى ئاسىبلىق يول(2) بىلەن تەڭ بۆلۈشىدۇ.

ئەگەر بۇ چوڭ قىز ئۆلگەن چاغدا سىڭلىسى ھايات بولغان بولسا، چوڭ قىزنىڭ ئانىسى بىلەن سۇلبى قىزى نېسىۋىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنى سىڭلىسى ئۈچ ئوغۇل قېرىندىشى بىلەن بىللە ئوغۇلغا ئىككى ھەسسە، قىزغا بىر ھەسسە بويىچە ئالىدۇ.

ئىككىنچى، ئەگەر چوڭ قىزنىڭ يولدىشى بولسا: چوڭ قىزنىڭ ئانىسى ئومۇمىي مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى، قىزى ئومۇمىي مىراسنىڭ يېرىمىنى، يولدىشى ئومۇمىي مىراسنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدۇ. ئاندىن ئېشىپ قالغان مىراسنى ئۈچ بىر تۇغقان قېرىندىشى (بوۋاينىڭ ئۈچ ئوغلى) ئاسىبلىق يول بىلەن تەڭ بۆلۈشىدۇ.

ئەگەر بۇ چوڭ قىز ئۆلگەن چاغدا سىڭلىسى ھايات بولغان بولسا، چوڭ قىزنىڭ ئانىسى بىلەن سۇلبى قىزى نېسىۋىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنى سىڭلىسى ئۈچ ئوغۇل قېرىندىشى بىلەن بىللە ئوغۇلغا ئىككى ھەسسە، قىزغا بىر ھەسسە بويىچە ئالىدۇ.

3 – باسقۇچ: بوۋاينىڭ كىچىك قىزى ۋاپات بولغان چاغدا، تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن.

بىرىنچى، ئۇنىڭ ئانىسى، پەرزەنتلىرى، ئۈچ بىر تۇغقان (ئاتا – ئانا بىر) قېرىنداشلىرى بولۇپ يولدىشى بولمىسا، قالدۇرغان مىراسى تۆۋەندىكىدەك تەقسىم قىلىنىدۇ:

ئانىسى مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ، ئەگەر كىچىك قىزنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئارىسىدا ئوغۇل پەرزەنت بولماي ئۈچىلىسى قىز پەرزەنت بولسا، ئۈچ قىزى ئومۇمىي مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئالىدۇ. بۇلار نېسىۋىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنى ئۈچ بىر تۇغقان قېرىندىشى ئاسىبلىق يول بىلەن تەڭ بۆلۈشىدۇ.

ئەگەر بۇ كىچىك قىز ئۆلگەن چاغدا ئاچىسى ھايات بولغان بولسا، پەرزەنتلىرىنىڭ ئارىسىدا ئوغۇل پەرزەنت بولماي ئۈچىلىسى قىز پەرزەنت بولسا، چوڭ قىزنىڭ ئانىسى بىلەن ئۈچ قىزى نېسىۋىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنى سىڭلىسى ئۈچ ئوغۇل قېرىندىشى بىلەن بىللە ئوغۇلغا ئىككى ھەسسە، قىزغا بىر ھەسسە بويىچە ئالىدۇ.

كىچىك قىزنىڭ ئېرى بولسا، ئېرى ئومۇمىي مىراسنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدۇ.

ئەگەر ئېرى بولمىسا، ئۈچ قىزى ئومۇمىي مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنىڭ ھەممىنى ئۈچ بىر تۇغقان قېرىندىشى (بوۋاينىڭ ئۈچ ئوغلى) ئاسىبلىق يول بىلەن تەڭ بۆلۈشىدۇ.

ئەگەر بۇ كىچىك قىز ئۆلگەن چاغدا ئاچىسى ھايات بولغان بولسا، چوڭ قىزنىڭ ئانىسى بىلەن ئۈچ قىزى نېسىۋىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنى سىڭلىسى ئۈچ ئوغۇل قېرىندىشى بىلەن بىللە ئوغۇلغا ئىككى ھەسسە، قىزغا بىر ھەسسە بويىچە ئالىدۇ.

ئىككىنچى، كىچىك قىزنىڭ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى مىراس ئالمايدۇ.

ئەگەر كىچىك قىزنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئارىسىدا ئوغۇل پەرزەنت بولسا، كىچىك قىزنىڭ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى مىراس ئالمايدۇ.

پەرزەنتلىرى قىز – ئوغۇل ئارىلاش بولسا، ئېشىپ قالغان مىراس بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ باراۋېرى بويىچە بۆلۈپ بېرىلىدۇ.

ئەگەر كىچىك قىزنىڭ ئۈچ پەرزەنتىنىڭ ھەممىسى ئوغۇل بولسا، ئېشىپ قالغان مىراسىنىڭ ھەممىسى ئۈچ ئوغلىغا تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ.

4 – باسقۇچ: موماي ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى، چوڭ قىزىنىڭ ۋە كىچىك قىزىنىڭ پەرزەنتلىرى قالغان بولۇپ، بوۋايدىن ۋە ئىككى قىزىدىن قالغان يەر ۋە باشقا مۈلۈك ۋە ئۆزىنىڭ مۈلۈكلىرىنىڭ ھەممىسى مىراس ھېسابلىنىدۇ، موماينىڭ مىراسى تۆۋەندىكىچە تەقسىم قىلىنىدۇ.

موماينىڭ ئۈچ ئوغلى موماي قالدۇرغان مىراسنىڭ ھەممىنى ئاسىبلىق يول بىلەن تەڭ بۆلۈشىدۇ.

مېيىتنىڭ ئاسىب تۇغقانلىرى (ئۈچ ئوغلى) بولغاچقا، كىچىك قىز بىلەن چوڭ قىزنىڭ پەرزەنتلىرى مومايغا نىسبەتەن رەھىم ئىگە تۇغقانلىرى(3) ھېسابلىنىپ، ئۇلارغا مىراس تەگمەيدۇ.

1.     چوڭ قىزنىڭ قىزىنىڭ مىراسى ھەققىدە سورالغان بولۇپ، ئەمەلىي ئەھۋال يۇقىرىدىكى 2 – باسقۇچتىكى قايسى خىلغا ماس كەلسە، شۇ بويىچە بۆلۈپ بېرىلىدۇ.

2.     كىچىك قىزنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مىراسى ھەققىدە سورالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى 3 – باسقۇچتىكى قايسى خىلغا ماس كەلسە، شۇ بويىچە بۆلۈپ بېرىلىدۇ.

تەقسىم قىلىش قولاي بولۇش ئۈچۈن يەر ۋە باشقا مىراسنى پۇلغا سۇندۇرۇپ تۇرۇپ تەقسىم قىلىپ كېيىن ئۆزئارا يۈرۈشتۈرۈۋالسا بولىدۇ.

بوۋاينىڭ ۋەسىيىتى «قۇرئان» كۆرسەتمىسىگە خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئەمەس.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 16 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 20 – ئاپرېل

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 136 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. «سۇلبى قىز» دېگىنىمىز: مېيىتنىڭ ئۆز پۇشتىدىن بولغان قىزىدۇر. نەۋرە قىزى ئەمەس دېمەكچى.
2. «ئاسىبلىق» دېگىنىمىز: ئاسىب تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئاسىب تۇغقانلار مىراسخورلارنىڭ بىر تۈرى. باشقا مىراسخورلار بولمىسا ئاسىب مىراسخورلار مىراسنىڭ ھەممىنى ئالىدۇ، بولسا، باشقا مىراسخورلار نېسىۋىلىرىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنى ئالىدۇ. ئاشمىسا ئالمايدۇ.
3. مىراس ئىلمىدا «رەھىم ئىگە تۇغقانلىرى» دېگىنىمىز: مېيىتنىڭ تۇغقانلىرى ئىچىدىكى يا پەرزلىك بىلەن يا ئاسىبلىق بىلەن مىراس ئالمايدىغان تۇغقانلىرى بولۇپ، بۇلار يا پەرزلىك بىلەن يا ئاسىبلىق بىلەن مىراس ئالىدىغان مىراسخورلار بار بولغان ئەھۋالدا مىراس ئالمايدۇ. ئۇنداق مىراسخورلار پەقەت بولمىغان ئەھۋالدا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا رەھىم ئىگە تۇغقانلىرى مىراس ئالىدۇ.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ