ھارام مالنى مىراس ئېلىش

ھارام مالنى مىراس ئېلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھارام مال تېپىپ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بۇ مالنى ۋارىسلار مىراس دەپ ئالسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: [ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. پەقەتلا سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا].(نىسا: 29)

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ياكى ھەق ئىگىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن ھارام مال ھالال بولۇپ قالمايدۇ. شۇڭا، ھارام مال تاپقان كىشى دەرھال تەۋبە قىلىپ مالنىڭ ئىگىسى ئېنىق بولسا، ئىگىسىگە قايتۇرۇشى، ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ۋارىسلىرىغا قايتۇرۇشى، ئەگەر ۋارىسلىرى بولمىسا، مالنى ئۆز ئىگىلىرىگە ئاتاپ پېقىرلەرگە سەدىقە شەكلىدە تارقىتىپ بېرىشى لازىم.

لېكىن، بۇ مالنى ھارام تاپقان كىشى يۇقىرىقىدەك قىلماي ئۆلۈپ كەتكەن ئەھۋالدا ئۇنى ۋارىسلار مىراس قىلىپ ئېلىشقا بولمايدۇ. بەلكى ئۇنى ۋارىسلار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەرىقىدە بىر تەرەپ قىلىۋېتىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا ئۆلگەن كىشى باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش گۇناھىدىن تازىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.

ئەگەر مالنىڭ ئىگىسى ياكى ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا، ھارام مال مىراس قالدۇرغان كىشىنىڭ ۋارىسلىرى سەدىقە ئالسا دۇرۇس بولىدىغان پېقىر كىشىلەر بولسا، ئۇ مالنى باشقا پېقىرلەرگە سەدىقە قىلىپ يۈرگىچە ئۆزلىرى پېقىرلىق سۈپىتى بىلەن سەدىقە دەپ ئالسا بولىدۇ. مىراس دەپ ئالسا بولمايدۇ.

ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىرەر مالنى مىراس ئېلىپ، ئۇنى مىراس قالدۇرغۇچى ھالالدىن تاپتىمۇ ياكى ھارامدىنمۇ بىلمىسە، بىرەر ئالامەت بولمىسا، بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجماسى بىلەن ئۇ مىراس ھالالدۇر. ئەگەر ئۇنىڭ ئىچىدە ھارام مال بار دەپ بىلىپ، مىقدارىنى بىلەلمەي شەكلىنىپ قالسا، ئۆزى مۆلچەرلەپ ھارام مىقدارىنى چىقىرىۋېتىدۇ».(1)

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 5. 16

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 135 – نومۇرلۇق پەتىۋا.


1. «المجموع»، 9/428.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز