سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەر – ئايال ئىككى تەرەپ تۆۋەندىكىدەك توختام تۈزۈشكەن:
يېزىقچە توختامنامە:
ئەر 2010 – يىل 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنىدىن باشلاپ ئايالىغا ناماز ئوقۇش، تاماكا چەكمەسلىك توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ. ئەگەر بۇ ۋەدىگە ئەمەل قىلالمىسا ئايالى بىلەن بولغان نىكاھ ئۈزۈلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى مۇشۇ شەرت ئاستىدا بەلگىلىنىدۇ.
ئېغىزچە:
ئايالى: تاماكىنى بىر قېتىم چەكسەڭ ياكى نامازنى بىر كۈن ئوقۇمىساڭ توختامغا خىلاپلىق قىلغان بولىسەن.
ئەر: شۇنداق.
ئايال: مەندىن يوشۇرساڭمۇ ئاللاھتىن يوشۇرالمايسەن. ئەگەر تاماكا چېكىپ قالساڭ ئاللاھ كۆرۈپ نىكاھىمىزنى ئۈزۈۋېتىدۇ جۇمۇ!
ئەر: ھەئە، ئۈزۈلىدۇ.
ئايال: بۇ ۋەدە بىر ئايلىق ياكى بىر يىللىق ئەمەس. ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرىغىچە. بولمىسا، نىكاھىمىز ئاخىرلاشقان بولىدۇ.
ئەر: ھەئە، ئاخىرلىشىدۇ.
ئايال: ۋەدىمىزگە ئاللاھ گۇۋاھ بولسۇن.
ئەر: ئاللاھ گۇۋاھ بولسۇن.
ئەر – ئايال ئىككى تەرەپ يۇقىرىقىدەك توختاملاشقان. ئەمما، ئەر ئەتىسىدىن باشلاپلا يەنە تاماكا چەككەن، نامازنىمۇ ھەم بىر – ئىككى ئايدىن كېيىنلا ئوقۇماي تاشلىۋەتكەن. شۇ سەۋەب بىلەن، قايتىدىن نىكاھ ئوقۇتقان. ئەر يەنە ۋەدىگە خىلاپلىق قىلغان، يەنە نىكاھ ئوقۇتقان. ھازىر يەنە خىلاپلىق قىلغان.
سوئال: ئىككى تەرەپنىڭ يەنە ئۆي تۇتۇپ، بىللە تۇرۇشىغا يول بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، بۇنىڭ دەلىلى نېمە؟ ئەگەر بولمىسىچۇ؟ ئەگەر يول بولمىسا، ئايال باشقىدىن نىكاھلىنىپ، ئاجرىشىپ ئاندىن ھازىرقى ئېرى بىلەن يېنىشسا بولامدۇ؟ يېنىشقاندىن كېيىنمۇ توختام كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
بىرەر شەرتكە باغلاپ قويغان ئەھۋالدا شەرت قىلغان ئىشنى قىلسا تالاق چۈشىدىغانلىقى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت مەزھەب ئالىملىرىمۇ بار. مەزكۇر ۋەقەلىكتە تالاقنى تاماكا چېكىش بىلەن نامازنى تاشلاشقا باغلاپ قويغان، يەنە ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە دەپ قەيت قىلىپ داۋاملىق چۈشۈپ تۇرىدىغان قىلىپ قويغان. دېمەك، 3 تالاق 3 قېتىم ئاشۇ ئىشلارنى قىلىش بىلەن چۈشۈپ بولغان. ئەمدى – ۋەللاھۇ ئەئلەم – ئىككى تەرەپنىڭ ئۆي تۇتۇشىغا يول يوق.
دەلىللەر: ئاللاھ تائالا 5/«مائىدە»نىڭ بېشىدا: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەھدىلەرنى تولۇق ئادا قىلىڭلار!﴾ دېگەن. ۋەقەلىكتە ئىككى تەرەپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىپ ئەھدىلەشكەن.
ئەبۇلخەير ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شەرتلەرنىڭ ئىچىدە ئادا قىلىشىڭلارغا ئەڭ تېگىشلىكى، ئايالنى نىكاھلاپ ئالغان ۋاقتىڭلاردا قىلغان شەرتلەردۇر» دېگەن.(1)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇسۇلمانلار شەرتلىرىدە تۇرىدۇ» دېگەن.(2)
ئەتاﺋ: «تالاق دەپ باشلاپ ئارقىدىن شەرت قويسا، شەرتى ھېساب بولىدۇ» دېگەن.(3) يەنى بىر كىشى ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولغاندا، ئالدى بىلەن: «سەن تالاق» دەپ سۆزىنى باشلاپ ئارقىدىن: «ئۆيگە كىرىپ قالساڭ» دەپ شەرت قىلسا، شەرتى بويىچە بولىدۇ. شەرتنى تالاقتىن ئىلگىرى تەلەپپۇز قىلىشى كېرەك ئەمەس.(4)
ناﻓﯩﺌ: «بىر ئادەم ئايالىنى ئۆيدىن چىقىپ قالساڭ ئۈزۈل – كېسىل تالاق» دېسە ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دېگەندە، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئەگەر ئۆيدىن چىقىپ قالسىلا ئۇنىڭدىن ئۈزۈل – كېسىل تالاق بولۇپ كېتىدۇ، چىقمىسا ھېچنېمە بولمايدۇ» دېگەن. قەتادە: «ئەگەر قورساق كۆتۈرسەڭ سەن تالاق، دېسە، ھەر قېتىم ھەيزدىن پاكلانغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىرلا قېتىم جىما قىلىدۇ، ئەگەر قورساق كۆتۈرگەنلىكى مەلۇم بولسا، ئۇنىڭدىن ئاجراپ كېتىدۇ» دېگەن.(5)
ئەمدى يول بولمىغاچقا ئايال ئىددەتنى توشقۇزغاندا بۇرۇنقى ئېرىگە تېگەلمەيدىغان يات ئايالغا ئايلانغان بولىدۇ، خاھلىسا ئىددەت توشقۇزغاندىن كېيىن باشقا ئەرگە ئۆي تۇتۇش مەقسىتىدە تەگسە بولىدۇ. ھىيلە ئىشلىتىپ شەكلىي نىكاھ قىلىپ بۇرۇنقى ئېرىگە ھالال بولۇش ئۈچۈن ئەرگە تەگسە، بۇنىڭغا ئارىلاشقانلار لەنەتكە ئۇچرايدۇ.
ئەگەر ئايال ئىددەتنى توشقۇزغاندىن كېيىن باشقا ئەرگە ئۆي تۇتۇش مەقسىتىدە تەگكەندىن كېيىن ئالىمادىس چىقىشالماي قېلىپ ئۆي تۇتۇپ قېلىشى مۇمكىن بولماي تالاق قىلىنىپ كەتكەن ئەھۋالدا، ئىددەتنى توشقۇزسا، ئاندىن بۇرۇنقى ئەرگە نىكاھلانسا ھالال بولىدۇ.
قايتىدىن نىكاھلىنىپ بۇرۇنقى ئېرى بىلەن ئۆي تۇتقاندىن كېيىن ئىلگىرىكى توختام كۈچكە ئىگە ئەمەس. ئەمەلدىن قالىدۇ.
بىرەر ئىشنى قىلدۇرۇش ياكى قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن ئىشلارنى تالاققا چېتىۋالمايلى. بولمىسا، مۇشۇنداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 13 – زۇلقەئدە / م. 2011، 11 – ئۆكتەبىر
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 128 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «بۇخارىي»، (2721).
2. «بۇخارىي»، «بىدىكچىنىڭ ئىش ھەققى» بابىدا «مۇئەللەق» رىۋايەت قىلغان. ئەبۇ داۋۇد سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلغان. (3594). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
3. «بۇخارىي»، «قاتتىق غەزەبلەنگەن ھالەتتە، مەجبۇرلانغان ھالەتتە تالاق قىلىشنىڭ، مەستنىڭ، ساراڭنىڭ تالىقىنىڭ بايانى» دېگەن باب.
4. ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 20/253.
5. «بۇخارىي»، «قاتتىق غەزەبلەنگەن ھالەتتە، مەجبۇرلانغان ھالەتتە تالاق قىلىشنىڭ، مەسنىڭ، ساراڭنىڭ تالىقىنىڭ بايانى» دېگەن باب.