يولدىشىمنىڭ ھاقارەتلىك تىلى

يولدىشىمنىڭ ھاقارەتلىك تىلى

 سوئال: ئەسسالام ئەلەيكۇم، ئۇستاز! يولدىشىم ئاچچىقى كەلسىلا مېنى سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەت قىلىدۇ. مەن سەل كىچىك. يولدىشىم بىلەن 10 نەچچە ياش پەرق قىلىمىز. دادام ياخشى مۇسۇلمان دەپ رازىلىق بەرگەن. ئاتا – ئانامدىن يىراق بىر جايدا تۇرىمىز. بىر بالام بولدى. بالام بىلەن بەزىدە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بولالماي قىينىلىپ قالىمەن، مىجەزىم يوق چاغلاردا بالامنى باقىدىغان ئادەممۇ يوق. ئاتا – ئانام بېقىپ بېرەيلى دېسە يولدىشىم ئۇنىمايدۇ. بەزىدە مىجەزىم يوق چاغلاردا بىر قىسىم ئىشلارنى قىلىپ بولالماي قالسام مېنى تىللايدۇ. مەن كۆتۈرەلمەي قالىمەن، ئاتا ئانامغا دېمەيمەن. مېنى  «پەس… نامازدىن باشقا نېمەڭ بار؟» دەپ تىللىدى… ئىپپەتلىك ئايالمەن… تاپسامدىن رۇخسەتسىز ئاتلىمايدىغان… غۇرۇرۇم كۆتۈرەلمەي تالىقىمنى سوراپ سالدىم. ئەمما، بەرمىدى… «سەن مۇسۇلمان ئادەم، تىللىما» دېسەم «كۆنۈپ قاپتىمەن» دەيدۇ، ئەمما مەن كۆنەلمىدىم. قانداق قىلاي؟ كۆڭلۈم بەك يېرىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

تىل – ھاقارەتكە چىدىيالماسلىق ئىنساندىكى ئىززەت – ھۆرمىتىنى، قەدىر – قىممىتىنى ساقلاش تۇيغۇسىدىن ئىبارەت ئېسىل خىسلەتتۇر. شۇڭا، ھەربىر ئىنسان ئۆز ئىززىتىنى قوغدىشى لازىم. بولۇپمۇ، مۇئمىن ئىنسان ئىززەت – ھۆرمەتكە ئەڭ ھەقلىق ۋە لايىقتۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، مۇئمىن كىشى تىل – ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا چىداپ تۇرماسلىقى تەبىئىي ئەھۋال.

يەنە بىر ھەقىقەت شۇكى، كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىدىغان تۈرلۈك ئازارلارغا، سىناقلارغا، ھاياتنىڭ بىئارامچىلىقلىرىغا قارىتا سەۋر قىلىشمۇ ئىماننىڭ تەقەززاسىدۇر. سەۋر قىلىش بىلەن ئەپۇ قىلىش بولمىسا، ئىمان ھەقىقىي ۋۇجۇدقا چىقمىغان بولىدۇ.

تۇرمۇشتا ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىسىدا بەزىدە ئانچە – مۇنچە ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ھەربىر ئائىلىدە يا ئۇنداق، يا بۇنداق شەكىلدە مەۋجۇد. بەزىدە تىل – ھاقارەت، بەزىدە تاياق – توقماق، بەزىدە تالاغا قاراپ قېلىش ۋەھاكازا.

ئەلبەتتە، يولدىشىڭىزنىڭ تىل – ھاقارىتى بولغىنى بىلەن ياخشى تەرەپلىرىمۇ باردۇر بەلكى. سىزدىنمۇ يېشىڭىزنىڭ كېچىك بولۇش تۈپەيلىدىن بەلكى تۇيۇپ – تۇيماي تىل – ھاقارەتكە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار سادىر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇندىن كېيىن ئۆزىڭىزنى خار ھېس قىلىپ ئولتۇرماي، تالاق تەلەپ قىلىپ شەيتانغا ئەل بولماي، تىل – ھاقارەتكە سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىققا تىرىشىش بىلەن بىللە ئېرىڭىزگە تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ قىزغىن مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشىڭ. كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەكلىرىنى تەييارلاشتا، شۇنداقلا ئۆينى پاكىز، رەتلىك تۇتۇشتا بىخەستەلىك قىلىپ سالماڭ. يالغۇز چاغلاردا بولسۇن، بىر تۇغقانلىرى ئالدىدا بولسۇن، يات كىشىلەر ئالدىدا بولسۇن ھۆرمىتىنى قىلىڭ، بۇنىڭ بىلەن ئېرىڭىزنىڭ تىل – ھاقارىتىدىن قۇتۇلۇپلا قالماي بەلكى، تېخى كاتتا ئەجىرگە ئېرىشىسىز.

«تالىقىمنى بەر» دېگەن سۆزنىمۇ ئاغزىڭىزدىن چىقىرىپ سالماڭ. ئېرىڭىزنىڭ ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرىدىغان، تائەت – ئىبادەتتە، باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ھەقىقىي مۇسۇلمانغا لايىق سەۋىيەدە بولۇشىنى، كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلىشىنى، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىۋېتىشىنى جانابىي ئاللاھتىن سەھەر ۋاقىتلىرىدا، نامازلىرىڭىزدا تىلەڭ.

ئېرىڭىزنى ئاستا – ئاستا نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇشقا، مەسجىدكە چىقىشقا، ياخشى ئائىلە، ئېسىل كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە چىرايلىق ئۇسلۇبتا ئۈندەڭ.

جانابىي ئاللاھتىن دىلىڭلارغا سۆيگۈ، ئائىلىڭىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت – سائادەت، تەۋپىق ۋە بەرىكەت تىلەيمەن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 11 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 14 – ماي

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 123 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ