مۇنداق نىكاھ چۈشەمدۇ؟

مۇنداق نىكاھ چۈشەمدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن مۇنداق بىر مەسىلىنى سورىماقچى. كىچىك تىپتىكى كىرا ماشىنىسىدا قەشقەرگە كېتىپ باراتتىم. توساتتىن قاتناش ساقچىسى ماشىنىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن توستى. بۇ ماشىنا ئادەتتە، ئائىلە ماشىنىسى ئىكەن. بۇ ماشىنىدا يەنە بىر ئايالمۇ بار ئىدى. ساقچى ھېلىقى ئايالنى «كىم؟» دەپ سورىغاندا، شوپۇر ھېلىقى ئايالنى «مېنىڭ ئايالىم» دەپ جاۋاب بەردى. ساقچى ئۇ ئايالدىنمۇ «بۇ شوپۇر سىزنىڭ ئېرىڭىزمۇ؟» دەپ سورىغانتى، ئۇ ئايال: «ھەئە، مېنىڭ ئېرىم» دەپ جاۋاب بەردى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئايال شوپۇرنىڭ ئايالى ئەمەسكەن. بۇ يەردە ھەر ئىككىلىسى پەقەت ساقچىدىن ئىتتىكرەك قۇتۇلارمىزمىكىن دەپ شۇنداق دەپتىكەن. كېيىن بۇ شوپۇر ئايالنى «سىز مېنىڭ خوتۇنۇم بولدىڭىز، ئىككىمىزنىڭ نىكاھىغا نۇرغۇن ئادەم گۇۋاھچىمۇ بولدى» دەپ تۇرۇۋالدى. مۇشۇنداق نىكاھمۇ نىكاھ بولامدىغاندۇ؟ شۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن بولساڭلار.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

بۇ نىكاھ ئەمەس، بەلكى يالغانچىلىقتىن ئىبارەت. يالغاندىن «بۇ مېنىڭ ئايالىم» ياكى «ئېرىم» دېيىش بىلەن نىكاھ باغلىنىپ قالمايدۇ. چۈنكى، بۇ نىكاھ باغلىنىدىغان ئىجاب بىلەن قوبۇل ھېسابلانمايدۇ.

ئىمام كاسانى مۇنداق دەيدۇ: «نىكاھ – نىكاھ بولىدىغان سۆزنىڭ بايانىغا ئاساسەن بولىدۇ. يەنى، ئۆتكەن زاماننى ئىپادىلەيدىغان، »خاتۇنلۇققا بەردىم» «خاتۇن قىلىپ ئالدىم» دېگەنگە ئوخشىغان ئىككى سۆز بىلەن ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان سۆزلەر بىلەن باغلىنىدىغانلىقىدا ئىختىلاپ يوقتۇر. ئەمما، بىرى، كەلگۈسى زاماننى بىلدۈرىدىغان «سىزنى ئالاي» دېسە، يەنە بىرى، ئۆتكەن زاماننى بىلدۈرىدىغان «سىزگە تەگدىم» دېسە، ئىستىھسان(1) جەھەتتىن نىكاھ باغلىنىدۇ».(2)

بۇنىڭغا ئاساسەن مەزكۇر ئەر بىلەن ئايال بىر – بىرىدىن ئەسلىدىكىدەك يات كىشىلەردىن بولۇپ، كاززاپلىق گۇناھىدىن تەۋبە قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 5. 4

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم،  124 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————————————
1. «ئىستھسان» دېگىنىمىز ھەنەفىي مەزھەپتە: بىر قىياسنى تاشلاپ، ئۇنىڭدىن جانلىقراق بىر قىياسنى ئېلىشتىن ئىبارەت. «أصول السرخسي»، 2/200.
2. «بدائع الصنائع»، 2/231.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز