سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سوئالى تۆۋەندىكىچە. ئانام بۇيىل 77 ياش تەن – سالامەتلىكى نورمال. بىز 6 قېرىنداش ئارىمىزدىن ئىككىنچى بالا بۇ يىل ھەرەمگە ھەج پەرزىنى ئۆتىگىلى ماڭماقچى ئىدى، ئەمدى تۇغقانلار بۇنىڭغا قوشۇلماي فىتنە قوزغاۋاتىدۇ سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك:
1- ئانا بارمىسا بالا بېرىشقا بولمايدۇ، دەپ.
2- ئانام ھازىر ئۆي – ماكانسىز. ئانامغا ئۆي قىلىپ خاتىرجەم قىلىش شەرت دەيدۇ.
3- كىچىك ئىنىمىزمۇ ھازىر ئۆي – ماكانسىز، ئىجارىگە ئولتۇرۇۋاتقان ھەم قەرزى كۆپ.
مۇشۇ سەۋەبلەر راست بولغاچقا، بىز قانداق قىلىشنى بىلمەي قالدۇق. پەرز بولغان ھەجنى زادى قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
مەلۇمكى، ھەج دېگەن ئىسلام پەرز قىلغان ئاساسلىق ئىبادەتلەرنىڭ بىرىدۇر، ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿بېرىشنىڭ يولىنى قىلالىغانلارنىڭ كەئبەگە ھەج قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىدۇر، كىمكى تانىدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر﴾ (3/«ئال ئىمران»: 9)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﻪﺵ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎندۇر. ئۇلار: ‹ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻼﮪ ﻳﻮقتۇر، ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺋﻪلچىسىدۇر› ﺩﻩﭖ ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺵ، ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﮪﻪﺝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﺭﺍﻣﺎﺯﺍﻧﺪﺍ ﺭﻭﺯﺍ تۇتۇشتۇر» دېگەن.(1)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:
— قايسى ئەمەل ئەڭ ئەۋزەل؟ — دەپ سورالغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ:
— ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىش، — دېدى.
— ئاندىن قالسىچۇ؟ — دېيىلگەنىدى، رەسۇلۇللاھ:
— ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، — دېدى.
— ئاندىن قالسىچۇ؟ — دېيىلگەنىدى، رەسۇلۇللاھ:
— گۇناھ ئارىلىشىپ قالمىغان، ياخشىلىقلار بىلەن تولغان خالىس ﮪﻪجدۇر، — دېدى».(2)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹كىمكى ھەجىنى ئاللاھ ئۈچۈنلا قىلىپ، نامۇناسىپ ئىش (جىما) تىن ساقلانسا، گۇناھ ئىشلىمىسە، خۇددى ئۇنى ئانىسى تۇغقان كۈندىكىدەك (پاك) ھالەتتە قايتىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان».(3)
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن ئىمكانىيىتى تۇرۇپ ھەج قىلمىغان كىشىنىڭ ئىسلامى تولۇق بولمايدۇ. ھەج قىلالايدىغان تۇرۇقلۇق ھەجنى كېچىكتۈرسىمۇ چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇيرۇقى ئورۇندىلىشى كېرەك. كېچىكتۈرگەن تەقدىردە، كېيىنچە، نامراتلىشىپ ياكى يول تاقىلىپ قېلىپ ياكى پاسپورتتىن ئايرىلىپ قېلىپ ياكى ئاغرىپ يېتىپ قېلىپ ياكى ئۆلۈپ قېلىپ ھەج بوينىدا قېلىشى مۇمكىن.
بۇنداق ئەھۋالدا، ھەج پەرز بولغان بىر ئوغۇل ھەجگە بارماقچى بولسا، باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ، ئانىسىنىڭ ئۇنى ھەجدىن توسۇشى توغرا بولمايدۇ. توسقان تەقدىردىمۇ ھەج ۋاجىب بولغان كىشى ئۇلارغا بويسۇنسا بولمايدۇ. چۈنكى، ياراتقۇچىغا ئاسىيلىق قىلىپ، مەخلۇققا بويسۇنۇش يوق.
بەزىدە رەسمىيەت جەھەتتىن ئانا بارالماي ئوغۇل بارالايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئوغۇل باشتا ھەج قىلسا بولۇۋېرىدۇ. «ئانىسىدىن بۇرۇن ھەج قىلسا بولمايدۇ» دەيدىغان بىر چەكلىمە يوق. لېكىن، ئانىسى ھەجگە بارالايدىغان بولسا، ئانىسىنى بىللە ئېلىپ بارسا بولىدۇ، ماددىي تەرەپتىن بىللە ئاپىرالمايدىغان بولسا، ئۆزى ھەج قىلىدىغان پۇلنى ئانىغا ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئانىسى ئالدىن ھەج قىلسىمۇ بولىدۇ.
بۇ قېرىنداشلار ئانىسىنى ئۆز ئۆيلىرىدە تۇرغۇزۇپ خەبەر ئالسا بولىدۇ، ئايرىم ئۆي ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئەمەس. قېرىندىشىنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتىمۇ يوق، ياردەم قىلسا، سىلە – رەھىم بولىدۇ، ياكى ئاكىلار زاكىتىنى بېرىپ ئىنىسىنى قەرزىدىن خالاس قىلىپ قويسىمۇ بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 28 – شەئبان / م. 2011، 29 – ئىيۇل
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 96 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (8)؛ «مۇسلىم»، (16).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1519)؛ «مۇسلىم»، (83).
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1521)؛ «مۇسلىم»، (1350).