جىما قىلماستىن بۇزۇۋەتكەن رامىزان روزىسىنىڭ ھۆكمى

جىما قىلماستىن بۇزۇۋەتكەن رامازان روزىسىنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن ئىلگىرى رامازان مەزگىلىدە، روزىدار ھالەتتە كىنو كۆرۈپ مەندە روزىنىڭ سۇنۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ بىر كۈنلۈك روزامنى بۇزۇپ قويغان ئىدىم. بۇ گۇناھىم روزىنى قەستەن بۇزۇشقا بېرىپ تاقىلامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا بۇنىڭغا قانچىلىك كەففارەت كېلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بۇ گۇناھ روزىنى قەستەن بۇزۇشقا بېرىپ تاقىلىدۇ. جىما قىلماستىن يەپ – ئىچسە ياكى قاراش، قۇچاقلاش ۋە سۆيۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەنىي چىقىپ كەتسە روزا سۇنىدۇ. روزا سۇندۇرۇش بىلەن گۇناھكار بولىدۇ، شۇنداقلا رامازاندىن كېيىن ئورنىغا قازا روزا تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ. ئەمما، كەففارەت كېلىش مەسىلىسىدە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ئىككى خىل قاراش بار:

1. كەففارەت كەلمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن كەففارەت كەلمەيدۇ دېگەندە: بۇ خۇددى سۆيگەنگە ئوخشاش تولۇق جىنسىي مۇناسىۋەت دەرىجىسىگە يەتمىگەن بىر ئىشتۇر. كەففارەت ۋاجىب بولماسلىق ئەسلىي ھۆكۈمدۇر، قۇچاقلاش بىلەن مەنىي چىقسا كەففارەت ۋاجىب دەيدىغانغا ئېنىق (نەس) دەلىل يوق. ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى (ئىجمائسى) مۇ يوق. قاراش، قۇچاقلاش ۋە سۆيۈشنى جىماغا قىياس قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ جىماغا ئوخشىمايدۇ، جىمادا مەنىي چىقمىسىمۇ كەففارەت كېلىدۇ، زىنا جازاسى ئىسپاتلىنىدۇ. ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «روزىسىنى جىمادىن باشقا يەپ – ئىچىش، ئانانىزم (مەنىي چىقىرىش)، مەنىي چىقىپ كەتكىچە قۇچاقلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بۇزۇۋەتسە كەففارەت كەلمەيدۇ، چۈنكى كەففارەت ۋاجىب بولۇشى جىماغا كەلگەندۇر، يۇقىرىقى ئىشلار جىمانىڭ مەنىسىگە ئوخشىمايدۇ».(1)

2. كەففارەت كېلىدۇ. بۇ قاراشتىكىلەر قاراش، قۇچاقلاش ۋە سۆيۈش قاتارلىق ئىشلارنى جىماغا قىياس قىلغان. بۇ قاراشقا ئاساسەن رامازان روزىسىنى جىما ۋە ئۇندىن باشقا ئىشلار بىلەن قەستەن سۇندۇرۇۋەتكەن تەقدىردە، قازاسىنى قىلىش بىلەن بىللە كەففارەت بېرىشى ۋاجىب بولىدۇ. كەففارەتنىڭ تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

1. بىر قۇل ئازات قىلىش، ھازىرقى دەۋرىمىزدە بۇ ئىش يوق.

2. قۇل ئازات قىلالمىغان كىشى ئارقا – ئارقىدىن ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى كېرەك، بۇ ئىككى ئاينى ئۈزۈپ قويماسلىقى ھەتتا بىر ياكى ئىككى كۈن قالغاندا ئۈزۈۋەتسە يەنە يېڭىدىن باشلىشى كېرەك بولىدۇ.

3. كېسەللىك ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن ئارقا – ئارقىدىن ئىككى ئاي روزا تۇتالمىغان كىشى ئاتمىش مىسكىننى غىزالاندۇرۇشى كېرەك. ھەربىرىگە ئوتتۇرھال ئىككى ۋاقىت غىزالاندۇرسا ياكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، بىر مىسكىننى 60 كۈن غىزالاندۇرسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ قىممىتىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، ئىمكانىيەت بولسا 60 مىسكىننى غىزالاندۇرۇش ئەۋزەل.

بىرىنچى قاراش كۈچلۈك. قايسىبىرىگە ئەمەل قىلسىڭىز بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 21 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 25 – ئاپرېل

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 95 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/254 – 255.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ