ئايال كىشىنىڭ قازا روزا ۋە نەفلە روزا تۇتۇشى ھەققىدە

ئايال كىشىنىڭ قازا روزا ۋە نەفلە روزا تۇتۇشى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، رامازاندا تۇتالماي قالغان روزىسىنىڭ قازاسىنى يەنە بىر رامازانغىچە تۇتالمىغان بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئايال كىشى رامازاندا نامازسىز بولۇپ قالغان كۈنلەردىكى روزىسىنى تولۇقلاپ تۇتۇپ بولالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، شەۋۋال ئېيىنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ شەۋۋالنىڭ نەفلە روزىسىنى تۇتسا بولامدۇ ياكى چوقۇم ئاۋۋال پەرز روزىسىنى تولۇقلاپ تۇتۇپ ئاندىن نەفلە روزىسىنى تۇتۇش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بىر كىشى رامازاندا ئۆزرە بىلەن بولسۇن ياكى ئۆزرىسىز بولسۇن پەرز روزىنى تۇتالمىغان ياكى بۇزۇۋەتكەن بولۇپ ئۇنىڭ قازاسىنى قىلماقچى بولغان بولسا روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ كېلەر رامازان كېلىپ بولغۇچە بۇ ئىشقا ئالدىرىشى، ھەرگىزمۇ سەل قاراپ كېچىكتۈرمەسلىكى لازىم، چۈنكى ئىنسان ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىۋالماستىن ئۆلۈپ كېتىپ قالسا بوينىدا ئادا قىلىنمىغان پەرز قالغان بولىدۇ.

ئەمما، يەنە بىر رامازان كىرگىچە كېچىكتۈرسە گۇناھ بولمايدۇ. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ قازا روزىلىرىنى شەئبان ئېيىدا تۇتقان.

ئەبۇ سەلەمە مۇنداق دېگەن: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: «مېنىڭ رامازاندا تۇتالمىغان روزىلىرىم بولاتتى، شەئبان ئېيى كەلگەندىلا ئاندىن ئۇ كۈنلەرنىڭ قازاسىنى تۇتالايتتىم» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان. يەھيا ئېيتىدۇ: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ شەئبان ئېيىدىن باشقا ۋاقىتتا روزىنىڭ قازاسىنى قىلالماسلىقىدىكى سەۋەب رەسۇلۇللاھنىڭ ئىشلىرى ياكى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن مەشغۇل بولغانلىقتىندۇر».(1)

پەرز روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇش پەرز بولغاچقا، پەرزنى قويۇپ تۇرۇپ نەفلە روزا تۇتۇش ئاقىلانە ئىش بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن رامازاندىن قالغان روزىسىنى تۇتۇپ بولۇپ ئاندىن پۇرسەت بولسا شەۋۋال ئېيىدا نەفلە روزا تۇتىدۇ.

سەئىد ئبىنى مۇسەييەب زۇلھەججەنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە روزا تۇتۇش ھەققىدە سۆز قىلىپ: «رامازاننىڭ قازاسىنى ئورۇنداپ بولمىغۇچە، ئۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇش ياخشى بولمايدۇ» دېگەن..(2)

يەنە بىر رامازان كىرگىچە بۇرۇنقى رامازاندا تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلمىغان بولسا، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە ئىككىنچى رامازاندىن كېيىن قازاسىنى قىلىش بىلەن بىللە فىديە (تۇتالمىغان بىر كۈن ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇش تۆلىمى) تۆلەيدۇ دەپ قارىغان، يەنى بىر بىچارىگە بىر ياكى ئىككى ۋاقىت تاماق ئېلىپ بەرسە بولىدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇلار ئەبۇ ھۇرەيرە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن كەلگەن رىۋايەتلەرگە تايانغان.([3])

يەنە بىر قىسىم ئالىملار قازاسىنى قىلسىلا كۇپايە فىديە تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قارىشىدۇر.

تابىئىنلاردىن ئىبراھىم: «رامازان روزىسىنىڭ قازاسىنى كېلەر رامازان كەلگۈچىلىك كېچىكتۈرگەن ئادەم ھەر ئىككى رامازاننى تۇتىدۇ» دېگەن ۋە «ئۇ ئادەمگە تاماق فىديە بېرىش ۋاجىب ئەمەس» دەپ قارىغان.

ئىمام بۇخارىي مۇنداق دەيدۇ: «جانابى ئاللاھ تاماق فىديە بېرىشنى دېمىگەن، پەقەتلا ﴿‏تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن﴾(2/«بەقەرە»: 184) دېگەن».(4)

بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇنىڭ چوقۇم قازاسىنى قىلىش كېرەك، ئەمما فىديە بېرىشكە كەلسەك بەرسە ئەۋزەل، بەرمىسە ھېچ گەپ يوق، چۈنكى بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھېچبىر كۆرسەتمە كەلمىگەن.

سانى مەلۇم بىرقانچە كۈن تۇتالمىغان بولسا شۇنچە كۈن قازاسىنى قىلىدۇ. ئەمما، قانچە كۈن روزا تۇتالمىغانلىقىدا ياكى قانچە كۈننى بۇزۇۋەتكەنلىكىدە شەك قىلىپ قالغان تەقدىردە، كۆڭلى خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن مۇمكىنقەدەر كۆپرەك روزا تۇتسا ياخشى.

بىرقانچە كۈن ئارقا – ئارقىدىن تۇتالمىغان ياكى بۇزۇۋەتكەن بولسا بۇ كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلغاندا ئارقا – ئارقىدىن تۇتۇشى كېرەك ئەمەس، بەلكى بىر كۈن تۇتۇپ بىرقانچە كۈن ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئاندىن يەنە بىر كۈننى تۇتسا بولىدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿‏تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن﴾(2/«بەقەرە»: 184) دېگەن ئايەتىگە ئاساسەن قازا بولغان كۈنلەرنىڭ روزىسىنى ئۈزۈپ – ئۈزۈپ ئارىلاپ تۇتسىمۇ كېرەك يوق» دېگەن.(^[5])

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 14 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 17 – ماي

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 94 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————–
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1950)؛ «مۇسلىم»، (1146).
2. «بۇخارىي»، «رامازاننىڭ قازاسىنى قاچان قىلىدىغانلىقى» دېگەن باب.
3. ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 11/55.
4. «بۇخارىي»، «رامازاننىڭ قازاسىنى قاچان قىلىدىغانلىقى» دېگەن باب.
5. «بۇخارىي»، «رامازاننىڭ قازاسىنى قاچان قىلىدىغانلىقى» دېگەن باب.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ