تۇتالمىغان روزىنى ئارقا - ئارقىدىن ئۇلاپ تۇتۇش

تۇتالمىغان روزىنى ئارقا – ئارقىدىن ئۇلاپ تۇتۇش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تۇغۇت ياكى ھەيز ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن بىر ئاي ياكى بىر ھەپتە رامازان روزىسىنى تۇتالمىغان تەقدىردە، قازاسىنى ئارقىمۇ – ئارقىدىن ئۇلاپ قىلىشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بەزى ئالىملار ئەگەر تۇتالماي قالغان روزا كۈنلىرى ئارقا – ئارقىدىن بولسا، مەسىلەن ھەيزدار ھالەتتە ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن 15 كۈن ئارقا – ئارقىدىن روزا تۇتالمىغان بولسا، قازاسىنى قىلغاندىمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئارقا – ئارقىدىن 15 كۈن ئۇلاپ روزا تۇتۇشى لازىم دەپ قارايدۇ.

كۆپچىلىك ئالىملار: ئارقىمۇ ئارقا – ئۇلاپ تۇتمىسىمۇ ئارىلاپ – ئارىلاپ تۇتۇۋالسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، ئاللاھ تائالا: ﴿رامازان ئېيى ئىنسانلارغا يول كۆرسەتكۈچى، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەر بولۇش سۈپىتىدە نازىل قىلىنغان ئايدۇر. شۇڭا، سىلەردىن قايسىڭلار رامازاندا مۇقىم تۇرسا، ئۇ ئايدا روزا تۇتسۇن. كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، سىلەرگە تەسلىكنى خاھلىمايدۇ. بۇ ساننى تولدۇرۇشۇڭلار، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ھەمد ئېيتقان ھالدا ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر﴾(2/«بەقەرە»: 185) دېگەن.

بۇ ئايەتتە: ﴿تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن﴾ دېگەن. ئارقا – ئارقىدىن ياكى ئۇلاپ تۇتۇشنى شەرت قىلمىغان.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن﴾ دېگەن سۆزىگە ئاساسەن قازا بولغان كۈنلەرنىڭ روزىسىنى ئارىلاپ تۇتسىمۇ كېرەك يوق» دېگەن.(1)

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن قازاسىنى قىلىۋېلىش پۇرسىتى بولغاندا كېچىكتۈرمەي ئارقا – ئارقىدىن ئۇلاپ تۇتۇۋېلىپ گەدىنىدىن ساقىت قىلغان ياخشى. چۈنكى، كېسەللىك ياكى ئۆلۈم كېلىپ قالسا تۇتالماي قالىدىغان گەپ. كۈن ئاتلىتىپ تۇتسا ئۇمۇ ھەم جائىز.(2)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 12 – رامازان / م. 2011، 12 – ئاۋغۇست

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 93 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————-
1. «بۇخارىي»، «رامازاننىڭ قازاسىنى قاچان قىلىدىغانلىقى» دېگەن باب.
2. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 4/316.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ