باي دىنىي ئۇستازلارغا زاكات بەرسەك بولامدۇ؟

باي دىنىي ئۇستازلارغا زاكات بەرسەك بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دوكتور يۇسۇپ قەرداۋى ئۇستازىمىزنىڭ «فقه الزكاة» ناملىق كىتابىدا مۇنۇ ئىبارىلەرنى كۆردۇم. «ذكر ابن رشد أن الفقهاء الذين أجازوا الزكاة للعامل عليها وإن كان غنيا أجازوها للقضاة ومن في معناهم ممن المنفعة بهم عامة للمسلمين». يۇقىرىقىغا ئاساسەن باي دىنىي ئۇستازلارغا زاكات بەرسەك بولامدۇ! چۈشەنچە بەرسىڭىز!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، باي كىشىگە پېقىرلىق سۈپىتى بىلەن زاكات دۇرۇس كەلمەيدۇ. بەلكى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بايلىققا ئىگە بولغان كىشى زاكات بېرىشى لازىم.

لېكىن، باي كىشىگە پېقىرلىق سۈپىتى بىلەن ئەمەس قىلىدىغان ئىشى سەۋەبىدىن زاكات دۇرۇس كېلىدۇ. ئەبۇ سەئىيد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «زاكات بايغا دۇرۇس كەلمەيدۇ، پەقەتلا بەش كىشىگە (باي بولسىمۇ) دۇرۇس كېلىدۇ. ئاللاھ يولىدا غازات قىلغۇچى، زاكات يىغىپ تارقىتىش خادىملىرى ياكى قەرزدار ياكى زاكاتنى ئۆز پۇلى بىلەن سېتىۋالغان كىشى، ياكى بىچارە بىر قوشنىسى بولۇپ، قوشنىسىغا زاكات بېرىلگەندە قوشنىسى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلغان كىشى».(1)

بۇ ھەدىستىكى «ئاللاھ يولىدا غازات قىلغۇچى، زاكات يىغىپ تارقىتىش خادىملىرى ياكى قەرزدار» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر «تەۋبە» سۈرىسى 60 – ئايەتتىمۇ ئېنىق بايان قىلىنغان سەككىز تۈرلۈك كىشىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

يەنە مەزكۇر ئايەتتىكى دىلىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزلەنگەنلەرگىمۇ ئۇلار باي بولغان تەقدىردىمۇ زاكات بېرىلىدۇ.

دېمەك، زاكات بەزىلەرگە پېقىرلىق سۈپىتى بىلەن دۇرۇس بولىدۇ، يەنە بەزى بايلارغا باشقا سەۋەب بىلەنمۇ دۇرۇس بولىدۇ.

ئىمام ئىبنى رۇشد كىتابىدا بايان قىلغاندەك مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇم مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر مەسىلەن، قازى – قۇززات، مۇدەررىس، مۇئەززىن ۋە ئىمام قاتارلىقلار باي بولغان ئەھۋالدا ئۇلارغا زاكات دۇرۇس كېلەمدۇ ياكى كەلمەمدۇ دېگەن مەسىلىدە ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا بولغان.

بىر قىسمى بايلارغا دۇرۇس كەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ يەردە زاكات دۇرۇس كېلىش – كەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى پەقەتلا موھتاجلىقتىن ئىبارەت، دەپ قارىغان.

يەنە بىر قىسىم ئالىملار: «زاكات دۇرۇس كېلىشنىڭ سەۋەبى موھتاجلىقلا ئەمەس، بەلكى موھتاجلىق بىلەن ئومۇم مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر، شۇڭا، زاكات يىغىدىغان خادىملار باي بولسىمۇ زاكاتتىن مائاش ئالسا بولىدۇ»، دەپ قارىغان.

ئىمام ئىبنى رۇشدنىڭ ئىبارىسى مۇنداق: «والذين أجازوها للعامل وإن كان غنيا أجازوها للقضاة ومن في معناهم ممن المنفعة بهم عامة للمسلمين ومن لم يجز ذلك فقياس ذلك عنده هو أن لا تجوز لغني أصلا. وسبب اختلافهم هو هل العلة في إيجاب الصدقة للأصناف المذكورين هو الحاجة فقط أو الحاجة والمنفعة العامة فمن اعتبر ذلك بأهل الحاجة المنصوص عليهم في الآية قال الحاجة. ومن قال: الحاجة، والمنفعة العامة توجب أخذ الصدقة اعتبر المنفعة للعامل، والحاجة بسائر الأصناف المنصوص عليهم».(2)

ئىمام سەنئانى مۇنداق بايان قىلغان: «مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇم مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قازىلىق، مۇپتىلىق ۋە مۇدەررىسلىككە ئوخشاش كىشىلەرمۇ باي بولغان تەقدىردىمۇ غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش دەپ قارىلىدۇ. ئەبۇ ئۇبەيد مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇم مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلارنى زاكات توپلاش خىزمىتىنى قىلىدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزگەن. بۇخارى بۇنىڭغا «ھاكىملار بىلەن زاكاتچى خادىم – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى توغرىسىدا» دەپ باب قويۇپ ئىشارەت قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇم مەنپەئەتى ئۈچۈن قازىلىق، مۇپتىلىق ۋە مۇدەررىسلىككە ئوخشاش خىزمەتلەرنى قىلىدىغان كىشىلەرگە بېرىدىغان مائاشنى كۆزدە تۇتقان. دېمەك، بۇنداق كىشىلەر باي بولسىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇم مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ تۇرغان مۇددەتكىچە خىزمىتى سەۋەبىدىن زاكات ئالسا بولىدۇ».(3)

قازى شۇرەيھ قازىلىق خىزمىتىگە بەيتۇل مالدىن ئىش ھەققى ئالاتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «يېتىمگە قارايدىغان كىشى قىلغان خىزمىتىگە قاراپ يېتىمنىڭ مېلىدىن مۇۋاپىق يېسە بولىدۇ» دېگەن. ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بەيتۇل مالدىن مائاش ئالغان.(4)

بۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، بۇ يەردىكى زاكات دۇرۇس كېلەمدۇ ياكى كەلمەمدۇ دەپ ئىختىلاپ بولغىنى ئىسلامنىڭ، ئومۇم مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن تولۇق ۋاقتىنى چىقىرىپ باشقا خىزمەت قىلمايدىغانلاردۇر. دېمەك، ئىسلامنىڭ، ئومۇم مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن تولۇق ۋاقتىنى چىقىرىپ خىزمەت قىلمايدىغان باي ئەھلى ئىلىملەر بۇنىڭ سىرتىدا. بۇلار ئادەتتىكى باشقا كىشىلەردەك زاكات بېرىشى ۋاجىپ. بەلكى بۇلار زاكات بېرىشتە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشى لازىم.

ئومۇمەن، دىيارىمىزدىكى دىنىي خىزمەت ئۈستىدىكى باي ئەھلى ئىلىملەرنى، ئۇستازلارنى ئىككى تۈرگە ئايرىش لازىم:

بىرى ئۆزى باي، كىرىم قىلىدىغان تىجارىتى ياكى ئوقىتى بار. قوشۇمچە مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى ئىشتىن سىرت ۋاقتىنىڭ يېتىشىچە قىلىپ تۇرىدىغان، ۋاقتى چىقمىسا قىلمايدىغان. بۇ تۈرلۈك ئەھلى ئىلىملەرگە زاكات پەقەت دۇرۇس كەلمەيدۇ. بۇلار ئۆزلىرى زاكات بېرىشى لازىم. بولمىسا، باشقىلارنى زاكات بېرىشكە بۇيرۇپ، ئۆزى بەرمەي قۇرئاندا ئەيىبلەنگەنلەر قاتارىغا كىرىپ قالىدۇ.

يەنە بىر قىسىم ئەھلى ئىلىملەر: ئۆگىتىش ۋە باشقا تۈرلۈك ئىسلام خىزمىتىنى تولۇق ۋاقىت چىقىرىپ قىلىش ئۈچۈن ئۆز تىجارىتى ياكى ئىشىنى تاشلاپ قويۇپ پۈتۈن ۋاقتىنى دىنىي خىزمەتكە ئاتىۋەتكەنلەر. بۇلار تىجارەت ياكى باشقا ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ قالسا، دىنىي خىزمىتى توختاپ قالىدۇ. بۇلار باي بولغان تەقدىردىمۇ زاكاتتىن مۇۋاپىق مىقداردا مائاش ئېلىپ تۇرسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇلار زاكاتنى پېقىرلىق سۈپىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ۋاقتىنى تولۇق چىقىرىپ مۇسۇلمانلارغا ئاللاھ يولىدا خىزمەت قىلغۇچى سۈپىتىدە ئىشلەش سەۋەبىدىن ئالغان بولىدۇ. بۇ «تەۋبە» سۈرىسى 60 – ئايەتتىكى «ئاللاھ يولىدا» دېگەن تۈرگىمۇ كىرىدۇ. باشقا بىر پەتىۋادا دىنىي كىتابلارنى باستۇرۇپ تارقىتىشقا، ئىسلام تەشۋىقاتىغا زاكات ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر.

بۇ خۇددى بىرەر خىزمەت ئۈچۈن مائاش ئالغانغا ئوخشاش. زاكاتچى خادىملارمۇ باي بولغان تەقدىردىمۇ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن زاكات ئالاتتى. دىنىي خىزمەتكىمۇ ئېھتىياج بولسا مائاش ئالسا بولىدۇ.

ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەندە تىجارىتىنى تاشلاپ قويۇپ مۇسۇلمانلار خىزمىتىنى قىلىشقا باشلىغاندا ساھابىلار ئۇنىڭغا «بەيتۇل مال» دىن مائاش بەلگىلىگەن. خەلىپىلىكمۇ مۇھىم دىنىي خىزمەتتۇر. دىيارىمىزدا دىنىي خىزمەتكە تولۇق ۋاقتىنى چىقىرىدىغانلارغا بېرىلىدىغان «بەيتۇل مال» پۇللىرى بولمىغاندىن كېيىن، ۋەخپىلەرمۇ يوق بولۇپ كەتكەچكە، دىنىي خىزمەت ئېھتىياجى ئۈچۈن ئەھلى ئىلىملەر، قارىيلار، ئۇستازلار تولۇق ۋاقتىنى دىن خىزمىتىگە چىقىرىپ مۇسۇلمانلار ئەۋلادىنى تەربىيەلەپ، مىللىتىمىزنىڭ دىنىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئىشلىسە، زاكاتتىن باشقا ئېھتىياجىنى قامدايدىغان مەنبە بولمىغان ئەھۋالدا زاكاتنىڭ بىر قىسمى مۇشۇ يولغا سەرپ قىلىش مۇئەييەنلىشىدۇ. بۇلار ئاللاھ ئۈچۈن ئىشلىسە، ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىنىدىغان پۇلدىن خەجلىسە، بۇلارغا دۇرۇس كېلىدۇ.

بۇ تۈردىكى ئەھلى ئىلىملەر زاكاتتىن مائاش ئېلىپ تۇرسا، ئۆزى باي بولغان تەقدىردە، زاكات بېرىدۇ. دېمەك، بۇلار زاكاتنى زاكاتچى خادىملارغا ئوخشاش خىزمەت ۋە ئىشلەش سەۋەبىدىن مائاش سۈپىتىدە ئېلىپ، باي بولغانلىقى سەۋەبىدىن زاكات بېرىدۇ.

ئەگەر بۇلار باي بولماي ھەم پېقىر ھەم ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بولسا ئىدى، زاكاتنى ئىككى سۈپەت بىلەن ئالاتتى، بىرى، پېقىرلىق، يەنە بىرى، ئىشلەش. زاكاتچى خادىملارمۇ شۇنداق.

بۇ بىزنىڭ دىيارىمىزغا ئوخشاش ئالاھىدە ئەھۋالدىكى جايلارغا قارىتا بېرىلگەن پەتىۋا بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشىغان دىيارلارغا ئانچە چۈشمەسلىكى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، ھازىرقى ئىسلام تەشۋىقاتى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا نۇرغۇن مال – مۈلۈككە قاراشلىق بولغاچقا، «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى» كۆپچىلىك ئەزالىرىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن ئاللاھ يولىدا دەۋەت قىلىش، يەنى، ئىسلام تەشۋىقاتى قىلىش «ئاللاھ يولىغا» دېگەن تۈرگە كىرىدۇ، دەپ قارار ئالغان.(5)

بۇنىڭ توغرىلىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلى شۇكى، مۇسۇلمان بولۇشى كۆزلىنىدىغان كافىر ياكى مۇسۇلمان بولۇپ لىڭشىپ قالغان كىشىلەرگە ئۇلار باي بولسىمۇ كۆڭلىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش ئۈچۈن زاكات بېرىلىدۇ. ئەگەر بۇنداقلار ئۈچۈن زاكات دۇرۇس كەلسە، نۇرغۇن ئەۋلادلىرىمىزنى ئوقۇتۇپ تەربىيەلەپ دىيارىمىزدا ئىسلام چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويماي ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز خىزمەت قىلىدىغان، تەشۋىق قىلىدىغان ئۇستازلارغا ئەلۋەتتە دۇرۇس كېلىشى كېرەك. بەلكى ئۇستازلار ئۇنداق كىشىلەردىن ئالدىن ئورۇندا تۇرۇشى لازىم.

دىن خىزمىتى قىلغانلار ياكى قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇستازلار، تۈرلۈك خېيىم – خەتەرگە قارىماي ئۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن ۋاقتىنى، ئۆمرىنى سەرپ قىلىدىغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پۇل ياكى مائاش كۆزلەنمىگەن. بىز بىلىدىغان ياكى ئاڭلىغان مۇدەررىسلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇستازلىرىمىز ئادەتتە، كېچىدە ئاران بىر – ئىككى سائەت ئۇخلاپ قالغان ۋاقتىنى پۈتۈنلەي ئىسلام خىزمىتىگە ئاتىۋەتكەن ئىدى. قوشۇمچە تىرىكچىلىك قىلغاچ خىزمەت قىلغانلارمۇ بولغان. نەتىجىدە، ئىسلامنى بىزگە يەتكۈزۈپ، كېيىنكى ئەۋلادقا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. زاكات ياكى باشقا ياردەم پۇلنى ئېلىپ ئۆزى ئىشلەتمەي باشقا لايىق ئورنىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلارمۇ بولغان.

ئەمدى ھازىرقى ئەۋلادمۇ نۆۋەتتە مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك خىرىسلار ئالدىدا مۇسۇلماندارچىلىقىنى ساقلاپ، كىملىكىنى يوقاتماي ئىسلامىيەتنى كېيىنكى ئەۋلادقا لايىق رەۋىشتە يەتكۈزۈشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن زاكات بولمىسا ئىختىيارىي ياردەملا يېتەرلىك ئەمەس.

قانداقلا بولمىسۇن زاكات ئالىدىغان كىشى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ. زاكاتقا لايىق بولسا ئېلىپ، بولمىسا، ئالماسلىقى كېرەك.

ئاللاھ تائالا ئەھلى ئىلىملىرىمىزدىن، ئۇستازلىرىمىزدىن رازى بولسۇن، ئۇلارنى خەيرلىك خىزمەتلەرگە مۇۋەپپەق قىلسۇن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 8. 22

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 73 – نومۇرلۇق پەتۋا.
——————————-
1. «موطأ» 604 – ھەدىس. «مسند أحمد»، 11555 – ھەدىس. «ئەبۇ داۋۇد»، 1635 – ھەدىس. بىر تۈركۈم ئالىملار ئۇنى «سەھىھ» دېگەن. «تلخيص الحبير»،  3/11.
2. «بداية المجتهد»، 1/383.
3. «سبل السلام» 1/145.
4. «بۇخارىي»: »ھاكىملار بىلەن زاكاتچى خادىم – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى توغرىسىدا» دېگەن باب.
5. «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى» 1405 – 4 – 27/1405 – 5 – 8 – كۈنلىرى ئارىلىقىدا ئاچقان قۇرۇلتىيى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ