خۇتبە سۆزلىنىۋاتقاندا «تەھىييەتۇل مەسجىد» ئوقۇش ھۆكمى

خۇتبە سۆزلىنىۋاتقاندا «تەھىييەتۇل مەسجىد» ئوقۇش ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، خاتىب مۇنبەرگە چىققاندا ناماز ۋە گەپ ھارام دېگەن قاراش بار ئىكەن. ۋە يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا بىر ساھابەنى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغان ھەدىس بار ئىكەن. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟ مالال كۆرمەي جاۋاب بەرسىلە رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىرىڭلار ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻛﻪ ﻛﯩﺮﺳﻪ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺳﯘﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ.(1)

بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە مەسجىدكە كىرگەندە ئىككى رەكئەت «تەھىييەتۇل مەسجىد» نامىزى ئوقۇشى سۈننەتتۇر. شۇنداقلا جۈمەدىن بۇرۇن مەسجىدتە ئولتۇرغانلار نەفلە ناماز ئوقۇشى مۇستەھەبتۇر. ئەمما، ئىمام جۈمە خۇتبىسىگە چىققاندا نەفلە ناماز باشلىشى ھارامدۇر، ناماز ئوقۇۋاتقان بولسا يەڭگىلرەك ئوقۇۋېتىپ ئولتۇرىدۇ.(2)

بىراق مەسجىدكە ئىمام جۈمە نامىزى ئۈچۈن خۇتبە سۆزلەۋاتقان چاغدا كىرگەن كىشى ئىككى رەكئەت «تەھىييەتۇل مەسجىد» نامىزىنى ئوقۇش مەسىلىسىدە ئالىملار ھەر خىل قاراشتا بولغان.

ئىمام مالىكنىڭ مەشھۇر قارىشىدا، ئىمام جۈمە ئۈچۈن خۇتبە سۆزلەۋاتقان چاغدا «تەھىييەتۇل مەسجىد» ئوقۇش ھارامدۇر. يەنە بىر قارىشىدا، جائىزدۇر.(3)

ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا، ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا گەپ – سۆز قىلىش، «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىش، شۇنداقلا ناماز ئوقۇش مەكرۇھ بولىدۇ.(4)

ئىمام سەرەخسى: «ئىمام خۇتبىگە چىقسا، ئۇنىڭ چىقىشى نامازنى كېسىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا نامازغا تۇرۇش مەكرۇھ بولىدۇ. ناماز ئوقۇۋاتقان بولسا، ئىككى رەكئەت قىلىپلا نامازدىن بىكار بولۇشى لازىم. چۈنكى، خۇتبە ئاڭلاش ۋاجىب، ۋاجىبنى تاشلاپ نەفلە بىلەن مەشغۇل بولۇش جائىز بولمايدۇ» دەيدۇ.(5)

شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەبلەر قارىشىدا، ئىمام جۈمە نامىزى ئۈچۈن خۇتبە سۆزلەۋاتقان چاغدا «تەھىييەتۇل مەسجىد»نى چاققانراق ئوقۇش سۈننەت، ئوقۇماي ئولتۇرۇش مەكرۇھ، خۇتبىنىڭ ئاخىرىدا كىرگەن بولسا، جۈمەنىڭ بىرىنچى رەكئىتىنى ئىمام بىلەن بىللە ئوقۇيالمايدىغانلىقى ئۈچۈن «تەھىييەتۇل مەسجىد»نى ئوقۇمايدۇ. چۈنكى، جۈمە پەرزدۇر، «تەھىييەتۇل مەسجىد» سۇننەتتۇر، پەرزنى تاشلاپ نەفلە بىلەن مەشغۇل بولمايدۇ.(6)

يۇقىرىقى قاراشلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئاساسلانغان دەلىللىرى بار. مەسجىدكە كىرگەن كىشى ئىككى رەكئەت «تەھىييەتۇل مەسجىد» نامىزى ئوقۇشى توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسنى ئوقۇمايدۇ دەپ قارىغانلار باشقىچىرەك چۈشەنگەن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 11 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 14 – ماي

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 58 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (444)؛ «مۇسلىم»، (714).
2. ماۋەردىي: «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر»، 2/429.
3. نەفراۋىي: «ئەلفەۋاكىھۇددەۋانىي»، 1/265.
4. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 1/263.
5. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 2/29.
6. شىيرازىي: «ئەلمۇھەززەب»، 1/115؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/83 – 84.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ